|
كاشغارىيە دۆلەتى ۋە پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ ئەبەدىيەتلىك تۆھپەلەرى
كاشغارىيە دۆلەتى ۋە پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ ئەبەدىيەتلىك تۆھپەلەرى "تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (9) توققۇزىنجى مەجلىس: كاشغارىيە دۆلەتى ۋە پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ ئەبەدىيەتلىك تۆھپەلەرى
در. دەريا تۈمەن كاشغارىيە دۆلەتىنى خىتتاي كومپارتىيە تارىخچىلارى "يەتتە شەھەر بەگلىكى" (七城汗国) دەپ ئاتاپ، قەستەن كۇرسىنى چۈشۈرسە، ئۇيغۇر زىيالىيلارى "پرىزدىنت يائقۇب بەگ يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەس" دەپ سوغۇق كۆزى بىلەن قارايدۇ ۋە ئۇنى "خوتەننى تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈش جەريانىدا، بىھۇدە قان تۆكۈپ، يەرلىك خەلقنى ئومۇمىي قىرغىن قىلغان" دەپ، يامان كۆرىدۇ. بىراق، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي نىسبەتەن لىللاھ قاراشتا بولۇپ، شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"دە بەرىلگەن بۇ ھەقتەكى بايانلار ئىلىم نۇقتاسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، مۇلاھىزە قىلىشقا ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ. ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ قاراشىچە، كاشغارىيە دۆلەتى مەھەللەۋى كىچىك دۆلەتچاق ئەمەس، بەلكى تۈرك ئىمپراتورلۇقىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان شەرەپشان بۈيۈك بىر دۆلەت بولۇپ، بۇ ئەجدادتىن ئەۋلادقا پەخر-ئىپتىخار تۇيۇشقا ۋە مۇھەببەت بىلەن تويۇنۇشقا ئەرزىيدىغان قالتىس ئىش، مۇھەممەد يائقۇب بەگ بولسا، شۇ شاراپەت بىلەن ئۆلۈمسىز ئۇلۇغ پادشاھ ۋە بۈيۈك پرىزدىنت ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قاراشى ئەتىۋارلىق تارىخ كىتابى "تارىخى ھەمىدىي"دە، رەددىيە بەرىپ بولغۇسىز قاتتىق پاكىتلار ئارقىلىق، مۇنداق ئىككى تەرەپتىن ئىپادىلەنگەن. بىرىنجى، ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆز كىتابىنىڭ ئىككىنجى داستانىدا، "ئاتالىق غازىي يائقۇب بەگنىڭ ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى، يەر يۈزىنىڭ خەلىپەسى ئابدۇلئەزىز خانغا ئىتائەت قىلىش يۈزىسىدىن، ھەدىيە – تارتۇقلار بىلەن بەيئەتنامە ۋە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكى؛ خەلىپە ئابدۇلئەزىز خاننىڭ قوبۇل كۆرۈپ، خاس يارلىق ۋە تاج ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆز ھىمايەسىگە ئالىپ، رۇمغا (تۈرك ئىمپراتورلۇقىغا) تابى قىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بايان" سەرلەۋھەلىك مەخسۇس باب ئاچىپ، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ تۈرك ئىمپراتورلۇقىغا تەۋە بولغانلىقىنى پەۋقۇلئاددە بۈيۈك غەلىبە ۋە تەڭداشسىز ئىپتىخار يۈكسەكلىكىدە شەرھلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: "بۇ ھالدا، دۇنيا مۇسۇلمانلارىنىڭ ئەمىرى، شاراپەتلىك ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى ئابدۇلئەزىزخان ئىبنى ئابدۇلمەجىدخان جانابىي بەدەۋلەت يائقۇب بەگنىڭ ئۆزىگە ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىدىن ھەددىدىن زىيادە خۇرسەن ۋە مىننەتدار بولدى. شۇڭا، ئاتالىق غازىي بەدەۋلەتكە < مىراخور باشى> لىق ئۇنۋانى بەردى. بۇ يەتتە شەھەر يۇرتىنى رۇم خەلىپەلىكىگە تابى قىلىپ، ئۆز ھىمايەسى ئاستىغا ئالدى. بەدەۋلەت يائقۇب بەگنى كاتتا پادىشاھلار قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئاتاپ، مەرۋايىت، ئالماس، ياقۇت ۋە گۆھەرلەرنى تىزىپ كۆز قويغان تاجلىق بىر ئالىي شاھانە تۇماق، چۆرەلەرىگە، ياقا ۋە كۆكرەكىگە ئالتۇن ئىچىدە ئالماس پارقىراپ تۇرىدىغان، قىزىل ياقۇت قاتارلىق قىممەت باھا تاشلارنى قاتار – قاتار تىزىپ كۆز قويغان بىر رۇمچە نىمچا (تون چاپان)؛ دەستە ۋە غىلاپلارىغا ئالتۇن، ئالماس، ياقۇت ۋە تۈرلۈك جاۋاھىراتلار، زۇمرەد ۋە زەبەرجەد بىلەن كۆزلەر قويۇلغان ئەسىل بىر شاپ قىلىچ؛ سۇمبالارىغاچە ئالتۇن – كۈمۈشلەر بىلەن تەييار قىلىنغان بىر مىلتىق قاتارلىق قاراغان ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان كۆركەم ۋە بىباھا شاھانە بويۇملارنى ھەدىيە قىلدى. ئارقادىن پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسىدا جارى بولىدىغان ئالەمشۇمۇل ئالىي يارلىق يازىپ، شاھانە مەرھەمەت ۋە پادىشاھانە ئىنايەتلەر بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ، ئەلچىلەرنى يولغا سالدى. ئەلچىلەر شاراپەتلىك سائەت، سائادەتلىك بىر مىنۇتتا كاشغەرگە قايتىپ كەلىپ، رۇم خەلىپەسى تەقدىم قىلغان تارتۇق – ھەدىيەلەرنى جانابىي ئاتالىق غازىينىڭ نەزەرىدىن ئۆتكۈزۈپ، تاپشۇرۇپ بەردى. يارلىق ۋە تارتۇق – ھەدىيەلەرنى كۆرگەن يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىي كامالەتلىك خۇشالىققا چۈمۈپ، ئۆزىنى ئىچىگە سىغدۇرالماغان غۇنچەدەك گۈلقەقەلەرى ئاچىلىپ كەتتى. ئۇ شاھانە تاجلىق تۇماقنى دۆلەتمەن باشىغا، تەۋەررۈك نىمچا توننى مۇبارەك ئۇچاسىغا كىيدى. ئالىي قىلىچنى مەزمۇت بەلىگە تاقىدى. ناياب مىلتىقنى قولىغا ئالىپ، رۇم تەرەپكە يۈزلەنىپ تۇرۇپ، ئىخلاس بىلەن تازىم ۋە دۇئا قىلدى. شۇ ئان، گويا جاھاننى يورۇتقۇچى قۇياش بىلەن نۇرلۇق ئاي، شۇنداقلا يەتتە قەۋەت ئاسمانلارداكى يۇلتۇزلارمۇ يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ ۋۇجۇدىغا زوقلانىپ باققان ھالدا، تەخىمۇ جىلۋەلەنىپ نۇر چاچقاندەك قىلاتتى. سورۇندىكى چوڭ – كىچىك ھەممەيلەن <مۇبارەك بولسۇن!> دەگەن سادانى بىردەك ياڭراتىپ، ئاسمان پەلەكنى زىلزىلەگە كەلتۈردى. جانابىي ئاتالىق غازىي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نەچچە كۈنگەچە توي – تاماشا ئۆتكۈزۈپ، بۈيۈك ئولەمالار، مۆھتەرەم پازىللار ۋە ئۇلۇغ سەييىد – خوجاملار، شۇنداقلا ئالىي مەرتىۋەلىك ئەمىرى لەشكەر ۋە بەگ – ئەمىرلەرگە تون – سەرپا ۋە باشقا ئەسىل ھەدىيە – تارتۇقلار ئاتا قىلىپ، ھەممەيلەننى ئاجايىپ مەمنۇن قىلدى. كەيىن، ئابدۇلئەزىز خاننىڭ نامىدا تىللا تەڭگە ۋە چاقا پۇل قۇيدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈم – پەرمانلارىنى ئىجرا قىلدى ۋە بۇ يەتتە شەھەرنى <ئوسمانىيە دۆلەتى رۇم خەلىپەلىكىنىڭ تەۋەلىكىدەكى زەمىن> دەپ ئاتادى. بۇ – ھىجرىيە بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن ئالتىنچى يىل <مىلادىيە 1869- يىل> ئىدى". (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا> 422-424-بەتلەر. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل نەشرى). مۇلاھىزە: ئوسمانىيە تۈرك ئىمپراتورلۇقى تەخى دۇنياغا تۆرەلمەگەن ئونىنجى ئەسىردە، كاشغارىيە ۋە پۈتكۈل خاقانىيە ئۆلكەسى بۈيۈك قارا خانىيلار دۆلەتى شەرەپ گەۋدەسى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ مەركەزىي ئىدى. كەيىنچە، ئوسمانىيە رۇم خەلىپەلىكى ئاناتولىيەدە دۇنياغا كەلىپ، روناق تاپىپ ۋە راسا كۈچەيىپ، ئۆز زەمىنىنى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا ئافرىقا قىتئەسىگەچە كەڭەيتىپ، يىگىرمە مىليون كۋادىرات كلومەتىرلىق زەمىنگە ساھىب قىرىق ھامىي دۆلەتلىك، شۇ چاغنىڭ دۇنياسىداكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىمپراتورلۇق بولدى. شۇ قەدەر كۈچتۈڭگۈر ئىمپراتورلۇق بولغان چاغلارىدا، رۇم خەلىپەلىكى كاشغارىيەنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن، مەھمۇد كاشغەرىينى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن كاشغارىيە زەمىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقى "بۈيۈك تۈرك بىرلىكى" دەگەن مۇقەددەس ئىمانىي بۇرچنى ئۇنتۇپ قالماغان!! پەقەت ۋە پەقەت شۇنىڭ ئۈچۈنلا، پەرغانەدىن كەلگەن يائقۇب بەگنى كاشغارىيەلىكلەر باشىغا ئالىپ كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ <ئوسمانىيە دۆلەتى رۇم خەلىپەلىكىنىڭ تەۋەلىكىدەكى زەمىن> بولغان بۈيۈك كاشغارىيە دۆلەتىنى قۇرۇشىنى ئەزىز جانلارى، قىممەتلىك ماللارى ۋە پۈتۈن پىداكارلىقلارى بىلەن قوللاغانكى، بۇ شەرەپشان تارىخ پۈتكۈل تۈركچىلىك ۋە پانتۈركسىزملىق كۈرەشلەرى تارىخى زىكرىدا ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلماسلىقى، شۇنداقلا، ئۇنىڭغا تالىق تەتقىقاتلاردا مۇتلەق سەل قارالماسلىقى ۋە قىلچىمۇ ئەتىۋارسىز كۆرۈلمەسلىكى كەرەكتۇر!! ئىككىنجى، تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي مول ئەمەلىي مىساللارنى بايان قىلىش ئارقىلىق، كاشغارىيە دۆلەتى ۋە پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ كونكرىت تۆھپەلەرىنى سەمىمىيلىك بىلەن خالىس شەرھلىگەن ۋە بۇ شانلىق تارىختىن ئەۋلادلارغا دەرس بەرگەن. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: " شۇ چاغقىچە، بۇ يەتتە شەھەر تەۋەسىدە مۇنچا (ھاممام) يوق ئىدى. ئۇ (پرىزدىنت مۇھەممەد يائقۇب بەگ) كاشغەر، ياركەند ۋە ئاقسۇ شەھەرلەرىگە مۇنچاخانالار بىنا قىلدۇردى... ئۇ يەنە ھەرقايسى شەھەر – ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقلارى ۋە قۇرۇلۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارلارىغا شۇ جايدىكى نۇر پەيزىگە چۈمگەن مازارلار (ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىگاھلارى) نىڭ سەھنە – مەيدانلارىنى كەڭرىتىپ، ياڭىباشتىن بىنا قىلىشقا يارلىق قىلدى. مەخسۇس ئۇستا باشى تەيىنلەپ، خانىقاھ ۋە مەسجىدلەرنىڭ پەشتاقلارىنى ئەگىزلەتتى؛ پەشتاق – پەلەمپەيلەرنى كاھىش ۋە پىششىق خىشلار بىلەن قوپۇرۇپ، مەر – مەر قاتارلىقلار بىلەن زىننەتلەدى؛ تاملارىنى سىر، گىل ۋە گەج قاتارلىقلار بىلەن سىرلاپ – سۇۋاپ، جىلۋىدار، كۆركەم قىلدى. يوللاردىكى رابات، قونالغۇ – ئۆتەڭلەرگە مەزمۇت ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى قورغان – قورۇق (چۆرە تام) ئىچىگە ئالدۇردى. شۇ جۈملەدىن، كاشغەردە، ھەزرەتى ئافاق خوجام قەبرىگاھىنىڭ خانىقاھ، پەشتاقلارىنى ياڭىلاپ بىنا قىلدۇردى. خۇسۇسەن، گۈمبەزىنى بۇزۇپ، كەڭرىتىپ، پىششىق خىش بىلەن شۇ قەدەر ئالىي ۋە زور گۈمبەز قىلىپ ياساتتىكى، شۇ چاغقاچە، بۇ يەتتە شەھەر، ھەتتا پۈتكۈل موغۇلىستان تەۋەسىدە مۇنداق ئالىي، ئەگىز ۋە مەزمۇت گۈمبەز بىنا بولۇپ باقماغانىدى. جانابىي ئاتالىق غازىي ياساتقان ياكى تەمىر (رىمونت) قىلدۇرغان مەزكۇر خانىقاھ، مەسجىد ۋە ئەگىز، كۆركەم پەشتاقلار تا ھازىرغاچە ئۆز جايلارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، بەلكى يەنە ئەسىرلەر ئۆتسەمۇ شۇ پەتى تۇرغاي، ئىنشائاللاھ! شۇ ئاندا، قاراپ باقساق، جانابىي ئالىي ئاتالىق غازىينىڭ ئۇ دەبدەبە، سۆلەت ۋە ھەشەمەتلەرى ھىچيەردە كۆرۈنمەيدۇ .ئەمما، ئۇ بىنا قىلغان ۋە تەمىر قىلدۇرغان بىنالار ئۇنىڭدىن ئۆرنەك – نەمۇنە ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نىشانە بولۇپ تۇرۇپتۇ – ئەنە!". (ئالىندى: يۇقىرىقى كىتاب 510-511-بەتلەر) " جانابىي ئاتالىق غازىي نىياز ھاكىم بەگكە خوتەندە زاۋۇت-فابرىكا قۇرۇشنى پەرمان قىلدى. نىياز ھاكىم بەگ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پۈتكۈل ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۈنەر-كارامەتلەرىنى ئىشقا سالىپ ئىشلەدى. خۇسۇسەن، زىلچا باپ-گىلەمچى ئۇستالارنى تەشكىللەپ، يىپەكتىن شۇنداق ئەسىل زىلچا-گىلەملەرنى توقۇتۇپ چىقاردىكى، ھىچبىر زاماندا ئۇنداق كاتتا ۋە نەپىس گىلەملەر توقۇلغان ئەمەستۇر. جانابىي ئاتالىق غازىينىڭ تارتۇق-ھەدىيەلەرىدىنمۇ ئاشۇرۇپ، تۆرت توققۇز مىھرابلىق يىپەك گىلەم تەييارلاپ، مەككە مۇئەززەمەگە ھەدىيە قىلدى. يەنە تۆرت توققۇز مىھرابلىق يىپەك زىلچا تەييارلاپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە تارتۇق قىلدى. ھەر بىر زىلچا-گىلەمنىڭ ئاغىرلىقى يۈز جىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر توققۇز يىپەك زىلچا بىلەن بىر توققۇز يۇڭ گىلەم ھازىرلاپ، ئەسھابۇل كەھفكە ھەدىيە قىلدى. خوتەندىكى بارلىق نۇرغا چۈمۈلگەن مازارلار ۋە مەسجىد-خانەقاھلارنىڭ سەھنە-قورۇلارىنى بۇزۇپ كەڭرىتىپ، ياڭىدىن بىنا قىلدۇردى ياكى تەمىر (رىمونت) قىلدۇردى. خوتەن شەھىرى ئىچىدەكى پۈتكۈل جامە، ھەيتگاھ (ھەيت-بايرام مەيدانى-ت) ۋە مەھەللەگاھ مەسجىدلەرىنى پىششىق خىش بىلەن قايتا ياساپ، گەجكار قىلىپ بىزەدى. خوتەن تەۋەسىدەكى پۈتكۈل يول بويلارىغا، مەنزىل-ئۆرتەڭلەرگە بىر توققۇز گۈمبەز ۋە ھوجرالىق مەسجىد، ئاشخانا ۋە مىھمانخانالارنى ياساتتۇرۇپ، مەخسۇس قارايدىغان مەسئۇل ئادەملەرنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئاۋاتلاشتۇردى ۋە مەئمۇرلاشتۇردى" (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 557-بەت) مۇلاھىزە: دەرھەقىقەت، مۇشۇ يىگىرمە بىرىنجى ئەسىرنىڭ يىگىرمىنجى يىللارى بولىۋاتقان كۈنۈمىزدەكى قەشقەر ھەيتگاھ جامەسى قۇرۇلۇشىدامۇ، ئافاق خوجا قەبرىگاھى ئىمارەتىدەمۇ ئول زامانداكى كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ روناقلىق ئىزنالارى، كۆڭۈل ئازادە ۋە شادىيانە خەلقنىڭ ئەسىل ھۈنەر-سەنئەت خاتىرەلەرى ۋە پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ بىباھا ئەمگەك تۆھپەلەرى جۇلالانىپ ۋە جىلۋەلەنىپ تۇرماقتا. ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىينىڭ ئالتۇن ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ ۋاسىتەچىلىكى بىلەن، پرىزدىنت بەدۆلەت مۇھەممەد يائقۇب بەگنىڭ ئىپتىخارلىق گۈزەل ھىكايەلەرى ئۇنىڭ كۇكۇم چەۋرەلەرى ئاراسىدا، زوق-شوق بىلەن ئوقۇلىۋاتىدۇ، ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن سۆزلەنىۋاتىدۇكى، بۇ نەمە دەگەن ئەھمىيەتلىك دارامەت ۋە ئەبەدىيەتلىك شاراپەت -ھە؟!!
كاشغارىيە دۆلەتى پرىزدىنتى يائقۇب بەگ، يۈكسەك غايە ئارماننى دىلغا پۈككەن پولاتتەك؛ مۇنچا ياساپ، زاۋۇت قۇرۇپ شان يەتتە شەھەردە، سانائەتنى پارلاتقان ياڭى چىققان قۇياشتەك.
ئون تۆرت يىل قەد كۆتۈرگەن كاشغارىيە دۆلەتى، شاراپەتلىكتۇر ئۇنىڭ تارىخ تەئرىپ-تەۋسپى. توپلانغان ئۇيغۇر-ئوزبەگ بىر بايراقنىڭ ئاستىغا، شوئارى بولغان مۇقەددەس بۈيۈك تۈرك بىرلىكى!
2019-يىل 13-دىكابىر، گۆلجۈك.
|
|

