|
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟ پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
ۋەتەن ئىچىدە ۋە سىرتىدا خەلى كۆپسانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن---( بۇ يەردەكى «زىيالىي» ئۇقۇمى كۆزدە تۇتقان كىشىلەر ئاساسەن خىتتاي ئىشغالىدىن كەيىن پەننىي بىلىملەردە ئوقۇغان مەلۇم ساھەنىڭ دىپلوماسىغا ئىگە بولغان ۋە جەمىيەتتە مەلۇم دەرەجەدە ئورۇن تۇتقان ياكى ئىسمى تار دائىرەدە بولسامۇ بىلىنگەن كىشىلەر بىلەن بىر قىسىم ئەرەب-ئۇردۇ دەۋلەتلەرىدە دىنىي بىلىملەرنى تەھسىل قىلغانلاردۇر. ئۇيغۇرلاردا، ئۆزىنى پەننىي ۋە دىنىي جەھەتتىن تەڭ يەتىلدۈرگەن، غەرپنىڭ بىلىمى بىلەن ئېتىكلەرىدىن خەۋەردار ئەنتەللەكتۈئەل/İntellectual سەۋىيەسىدە زىيالىيلارنىڭ بارلىقى مەلۇماتىمىز دائىرەسىدە شۈپھەلىكتۇر) شۇ كۆزقاراشنى ھەتتا ئىددىيەنى كۆپ ئىشىتتىم: «زىيالىي دەگەن خەلققە يېقىنلىشىشى، خەلق چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىشى، يېزىشى كېرەك. خەلق چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يازماسلىقى، دىمەسلىكى كېرەك. خەلق مەركەزلىك بىرلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك». بۇ خىل كۆزقاراش ۋەيا ئىددىيەنىڭ مۇئەييەن ئىلىملەر ۋە بىلىملەردە ئوقۇغان كىشىلەردە بارلىقى ھەتتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى كىشىنى كۆپ تەرەپلىمەلىك ئويغا سالادۇر. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بىز بۇنىڭ خاتالىقىنى، بۇ خىل ئىددىيە ياكى كۆزقاراشنىڭ خىتتاينىڭ قۇللاشتۇرۇش، قالاقلاشتۇرۇش سىياسەتىنىڭ تۈرتكەسىدە ئوتتۇراغا چىققانلىقىنى، ياكى بۇ خىل ئىددىيەنىڭ ئاقىبەتتە خىتتايغا خىزمەت قىلادۇرغانلىقىنى؛ ئالغا باسىش، ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىي قىلىش غايەسى بار مىللەتلەرىنىڭ سەرخىللارىنىڭ ئۆز خەلقى ئىچىدە ئۆرنەك بولۇپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولادۇرغانلىقىنى... ھەم ۋەتەندە ھەم چەتئەللەردە مۇناسىۋەتلىك «زىيالىي»لارغا چۈشەندۈردۈق. ئۇشبۇ چۈشەندۈرۈشلەر تىلشۇناسلىق، جەمىيەتشۇناسلىق نۇقتاسىدىن، ھەتتا تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت نۇقتاسىدىنمۇ كۆپلەپ ئىزاھلاندى. مۇتلەق كۆپ سانلىقلار قايىل بولغاندەك قىلسامۇ قوبۇل قىلىشمادى، قوبۇل قىلغانلارمۇ ئەمەلىيەتىدە ئەمەل قىلىشمادى. توغرا تاپىپ قوبۇل قىلىشقانلاردىن بەزىلەر بىر مۇددەت بۇ يولدا ماڭسامۇ، مەلۇم مۇددەتتىن كەيىن يەنە كۆنگەن «خۇي»غا قۇل بولۇشتى، ياكى قاينامغا قاتىلدى كەتتىلەر. دادىل ۋە مەغرۇر ماڭماقتا بولغانلارمۇ يوق ئەمەس، ئەلبەتتە ئۇلار كۈنسايىن كۆپەيىپ بارغۇسىدۇر. چۈنكى ھەقىقەت بىردۇر. ئەمما كەسپىي ساھەسىدە ئىزچىل تەر تۆككەن، ھەقىقەتەن تىل-تەپەككۇر ۋە تەرەققىيات ساھەسىدا مەلۇمات ساھىبى، ھەم كىلاسسىك تىل-ئەدەبىياتىمىز بىلەن ئۆتمۈشىمىزنى ئوبدان بىلەدۇرغان مۇھتەرەملەر بىزنىڭ -- بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى مىللەتىنىڭ سەركەسىدۇركى، خەلقىنى يەتەكلەيدۇ، يەڭى مەلۇماتلار ۋە بىلىم بىلەن تەربىيەلەيدۇ. مىللەت-خەلقى، مۇشۇنداق سەركە سەرخىل زىيالىيسىغا ئەرگەشەدۇر--- كۆزقاراشىمىزنى تەستىقلاشقان ئىدى. بۇ مۇھتەرەم زىيالىيلارىمىزدىن بەزىلەرىنى بۇ يەردە ياد ئەتمەي تۇرالمايمىز: بىجىندە تىلىمىز ئۈچۈن يارىم ئەسىر تەر تۆككەن ئۇستاز پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات، خەلقىمىزنىڭ يىگىت ئوغلانى دوتسىنت ئىلھام توختى، دوتسىنت موللا نىياز تۇرنىياز، ئۈرۈمچىدە پروفىسسور ئىسلامجان شەرىف بەشكىرەمى، پروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، پروف. در. راھىلە داۋۇت، در. ئابدۇنەزەر ئابدۇللاھ، كۈرەش تاھىر، كاشغەردە رەھمەتلىك پروفىسسور يارمۇھەممەد تاھىر، شائىر تاھىر تالىپ، تۈركىيەدە پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف.در. ۋارىس چاقان، ئامېرىكادا در. ئەكبەر شەرىف، در. پەرھات بىلگىن، ئاۋسترالىيەدە نۇرگۈل ساۋۇت، گوللاندىيەدە در. ئابدۇكەرىم ھوشۇر ۋە ئەنۋەر ئەردەم، ئەھمەتجان كاشغەرى... شۇنداق كۈلكەلىك مۇنازىرەلەر ھەم بولغانكى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالىپ بولغانلاردىن بەزىلەرى «خەلق تىلىدا سۆزلەش، خەلق تىلىدا، جانلىق تىلدا قانداق بولسا شۇنداق يازىش»نى زىيالىيلىقنىڭ ئالاھىدەلىكى دەيىشتى. بىز بۇلارغا «ئەپەندىم، سىز بىلىدىغان قايسى مىللەتنىڭ زىيالىيسى سەۋىيەسىنى ئاۋامنىڭكىگە چۈشۈرۈپ يازغان ئىكەن؟ سىز بىلىدىغان يات تىللارنىڭ ئەدەبىي تىلى بىلەن ئاغىز تىلى، ئاممىباپ تىلى بىلەن ئاكادەمىك تىلى بىرمۇ؟...»سۇئاللارىنى سوراغانىمىزدا، دۇدۇقلاش بىلەن بىرگە ئالاقەسىز باھانەلەرنى كۆرسەتىشكەن ئىدىلەر. ھەتتا بىز شۇ سۇئاللارنىمۇ سورمادۇق ئەمەس: «سىز نەمە ئۈچۈن يات تىللاردا ئۆلچەملىك سۆزلەشكە ئۇ قەدەر ئىنىرگىيە سەرپ قىلۇر ئىكەنسىزيۇ، ئۆز ئانا تىلىڭىزدا نەمە ئۈچۈن بۇ سەزگۈرلۈكنى كۆرسەتمەيسىز؟ يات مىللەتنىڭ تىلىدا ئەدەبىي تىلدا يازىش ئۈچۈن ئۇ قەدەر قىينالۇر ئىكەنسىزيۇ، نەمە ئۈچۈن ئۆز تىلىڭىزدا ئاشۇنداق بولۇشىنى خالامايسىز؟ ئۆز تىلىڭىزدا يات تىللاردا يازغان سەۋىيەدە يازغان قانچە ئىلمىي ئەسەرىڭىز بار؟ ... ئەگەر خەلق بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇرغان بولساڭىز، نەمە ئۈچۈن خەلقتىن ئۆرلەپ ئوقۇيسىز، نەمە ئۈچۈن خەلق بىلەن ئوخشاش كىيىنمەيسىز، يەپ ئىچمەيسىز؟...» ئەلبەتتە كۆپىنچە ھاللاردا بۇ سۇئاللار جاۋاپسز قالۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك مۆھتەرەملەر قەيداشىپ سورۇننى تاشلاپ كەتىپ قالۇرلار، ھەتتا مۇنازىرەنىڭ داۋامىنى توسۇشنىڭ يىرگەنىشلىك يوللارىنى قىلىشۇرلار ئىدى. مەن بەزىدە بۇ دىپلومالىقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دىپلومالارنى ئىتىۋار سىياسەت (خىتتاينىڭ دۆتلەشتۈرۈش مەقسەتىدەكى سىياسەتى) بىلەن ۋەيا ئىچ ئاغرىتىش (تۈركىيە ۋە بەزى مۇسۇلمان ئەللەردە بەزەن شۇ خىل خاھىش بار ئىكەن: بۇ بىچارەلەرنى «ئۆتكۈزۈپ قويايلى...») بىلەن ئالغاندىمۇ ئەجىبا؟ خۇسۇسەن دوكتور ئۇنۋانى بارلار بۇ ئۇنۋاننى قانداق ئالغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ قالمادىممۇ ئەمەس. چۈنكى تەرەققىي خەلقلەرگە مەلۇملۇق ئەقەللىي قانۇنىيەت شۇدۇركى: مۇئەييەن مائارىپ ئورگانلارىدا ئون يىللارچە ئوقۇپ ئايدىڭلاشقان بىر كىشى زىيالىي نامزاتى بولۇركى، ئاۋام خەلقىنى ئايدىڭلاتىش ئۈچۈن گوياكى بىر شام، بىر پەنەر، بىر سەركەردە ھەتتاكى نىجاتلىق يۇلتۇزى كۆكبۆرە بولغۇسىدۇر. يەنى خەلقىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىگە ياقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل يوللارنى، چارەلەرنى ئىزدەيدۇ. ئوخشاشلا خەلقىمۇ جاھالەتتىن، قاششاقلىق ۋە قالاقلىقتىن قۇرتۇلۇش ۋە تەخىمۇ راھەت ھەم باياشات ياشاش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق زىيالىيلارىنىڭ ئىزىدىن ماڭادۇر. ئۇنىڭغا ياقىنلاشىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرگەنىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلادۇر. بۇنداق جەمىيەتلەردە تەرەققىيات، يەنى ئىلگىرىلەش، باياشاتلىق پەيدا بولغۇسىدۇر ۋە بولغاندۇر. كۈنىمىزدەكى باياشات مىللەتلەر ۋەيا دەۋلەتلەر مۇشۇن تەرىقەدە بۇگۈنكى سەۋىيەگە كەلگەندۇر. خىتتاي كومۇنىستلارى ۋەتەنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كەيىن ئىجرا قىلغان تىل-كۈلتۈر سىياسەتلەرىدىن بىرى «تىلنى جانلىق تىلغا، يەنى خەلق تىلىغا ياقىنلاشتۇرۇش، كۈلتۈردە مۈمكىن بولغانچە ئاممىباپلاشىش» بولغان ئىكەن. مۇشۇ سىياسەتنىڭ كاساپەتىدىن مىڭلارچە يىل دەۋلەت تىلى بولۇپ قۇتادغۇ بىلىگ، دىۋانى ھىكمەت، مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين... تارىخى ھەمىدى قاتارلىق شاھ ئەسەرلەرگە ئەدەبىي تىل بولغان خاقانىيە-كاشغەرىيە تۈرك تىلىمىز مەجبۇرىي ھالدا ئۆزگەرتىلىشكە، قانات قۇيرۇقلارى يۇڭدالىپ، پاقالچاقلارى چاقىلىشقا، يۈرەكلەرى سىقىلىشقا باشلانغان. مۇشۇنداق بىر تىل مۇھتىدا چوڭ بولۇپ ئىجتىمائىيلاشقانلار «كۆندۈرۈلگەن خۇي»نىڭ تۈرتكەسىدە، تىل-كۈلتۈر-تەپەككۇر لىنىيەمىزدە تەتۈر سۇئاللارنى سوراش ئارقالىق ھەقىقەتنى تاپىشنى ئانچە خىيال قىلماغان ۋەيا قىلالماغان. خىيال قىلغان ۋەيا ئويلانغانلار بولسامۇ ھەرخىل ئەندىكىشلەر تۈپەيلى بۇنىڭغا جاسارەت قىلالماغان، جاسارەت قىلغانلار يالغۇز قالدۇرۇلغان. ھەتتا خىتتاي ۋە باشقا مىللەت تىللارىدا ئۆزىنى، ئوي-پىكىر خىياللارىنى، لايىھەلەرىنى، ياڭىچە پەننىي ئۇقۇملارنى راھەت ئىپادە قىلالاغان، پەقەت ئۆز تىلىدا بۇلارنىڭ ھەممەسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئازادە ئىپادە قىلالماغانلار «نەمە ئۈچۈن»لەرنى ئاداققىچە سورۇپ جاۋاپ ئىزدەيەلمەگەن. بۇ ھالنىڭ، ئەركىن دۇنياغا چىققان، ھەتتا بۇ ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان، بىرقانچە تىللاردىن خەۋەردارلاردا يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى بەكلا چوڭقۇر ئويغا سالادۇر. ئەلبەتتە، بۇ خىل زىيالىيلارنىڭ ئۆز تىلىدا ۋە ئۆز يازىقىدا يات تىلدا يازىشقا تىرىشقاندەك مۇئەييەن ئىلمىي سەۋىيەدە ئاكادەمىك ئەمگەك قىلىپ باققان ياكى باقماغانلىقىنىڭمۇ موھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كەرەك. بۇ يەردە مۇنداق بىر زىل ۋە ئىنچىكە مەسەلەگە چوقۇم دىققەت قىلىش كەرەك. بىز تەكىتلەۋاتقان «خەلق، زىيالىيسىغا ياقىنلاشىشى كەرەك» كۆزقاراشىدا ئۇرغۇلانغان زىيالىيلىقنىڭ ئالاھىدەلىكلەرى ئالاھىدە موھىمدۇر. بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان زىيالىي، ئىلىمدە ۋە بىلىمدە ئاۋامدىن پەرقلىقلەشكەن بولسامۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقىگە ياتلاشماغان، ئۆزى تەۋە بولغان كۈلتۈرگە، قىممەت قاراش ۋە ئىتىقاد سىستىماسىغا ياقىن تۇرۇشنى بىلگەن بولۇش شەرتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئىھتىياجىنى، دەردىنى ئوبدان بىلگەن بولۇشى ئۇنىڭغا كۆرە گەپ-سۆز، ھەرەكەت قىلىقتا بولۇشى؛ خەلقىنى مەۋجۇت سەۋىيەسىدىن بىر يۇقارى سەۋىيەگە چىقارىشنىڭ كويىدا بولماقى لازىمدۇر. بۇ تەرىقەدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان زىيالىي، جەمئىيەتىدە بار بولغان نوقسانلارنى خۇسۇسەن مىللىي مەۋجۇدىيەتىگە پايداسىز، ناچار قىلىق ھەرىكەتلەرنى، ئادەتلەرنى دادىللىق بىلەن تەنقىت قىلىدۇ ۋە توغرا بولغانلارىنى خەلقىگە كۆرسەتىپ ساغلام تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولادۇر. بۇ زىيالىي ئادەتتە ئىسلاھاتچى، تەرەققىياتچى ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە ئىنقىلاپچى بولالايدۇرغان بىر كىشىدۇر. ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە كۈلتۈرىگە ياتلاشقان زىيالىيلار بولسا، ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتنىڭ تارىخى، كۈلتۈرى، ئۆرپ-ئادەتلەرىنى تولۇق بىلمەگەن (ھەتتا ھىچ بىلمەگەن)، تەسىرلەشكەن يات مىللەتنىڭ تىلى، كۈلتۈرى ۋە ئۆرپ ئادەتلەرىنى كۆپلەپ ئۆزلەشتۈرگەن، ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتكە دائىما ئۆزلەشتۈرۈپ ئالغان يات مىللەتنىڭ كۈلتۈرەل ئۆلچەملەرى ۋە قىممەت قاراشلارىنىڭ كۆزنەكلەرىدىن قارايدۇرغان، باھالايدۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ كىيىم كەچەكلەرىدىن، سۆز ئىشلەتىش، جۈملە قۇرۇشىغا قەدەر ئۆز مىللەتىگە ياتلاشقانكى، ئىستىتىكاسىمۇ (گۈزەللىك قاراشلارى) ئالماشىپ كەتكەندۇر. بۇلارغا جەمئىيەتىمىزدەكى خىتتاي تىللىقلار بىلەن، ئەرەپ-ئۇردۇ تىللىقلار، رۇس تىللىقلار ۋە ناسارا تىللىقلارنى ئۆرنەك قىلىپ كۆرسەتمەكىمىز مۈمكىندۇر. ئەرەپ ئۇردۇ تىللىقلار ئەرەپ ياكى ئۇردۇلارنىڭ كۈلتۈر ۋە قىممەت قاراشلارىنى، گۈزەللىك قاراشلارىنى «ئىسلامىي» كىملىك ياكى نىقاپ بىلەن ئالدى بىلەن ئۆزلەرى ئۆزلەشتۈرگەن بولسا، ئاندىن خەلقىمىز ئاراسىدا يايىشقا تىرىشسا (تىرىشىۋاتقان بولسا)، خىتتاي، رۇس ۋە ناسارا تىللىقلار مۇناسىۋەتلىك مىللەتلەرگە ئائىت كۈلتۈر ۋە قىممەت قاراشلار بىلەن گۈزەللىك قاراشلارىنى «زامانىۋىيلىق» ياكى «تەرەققىيات» نامى ئاستىدا يايىشقا تىرىشىشىدۇ ۋەيا تىرىشىشماقتا. مىللىي كۈلتۈرىمىز ۋە مەنسۇبىيەتىمىز نۇقتاسىدىن قاراغاندا، بۇلارنىڭ ھەممەسى بىزگە زىيانلىقتۇر. بىزگە لازىم بولغان ئىسلام، ئەرەبىزىمدىن مۇستەسنا بولغان، ئىران ۋە ئۇردۇ كۈلتۈرلەرىدىن خالىي بولغان ئىسلام ئىتىقادىدۇر. بىزگە لازىم بولغان زامانىۋىيلىق ۋەيا تەرەققىيات بولسا، ئۆز كۈلتۈرىمىزنىڭ ئومۇرتقاسىنى بۇزماغان/بۇزمايدۇرغان، ئىسلام ئىتىقاد سىستىمامىزنى رەت قىلماغان تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىغا ئۇيغۇن كەلەدۇرغان تەرەققىيات-چاغداشلىق مودەلىدۇر. بۇ مودەلنى مىللەتىمىزگە مودا قىلالايدۇرغان زىيالىيلار، مىللەتىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇسى، قايمۇققانلارغا يول كۆرسەتمەك ئۈچۈن قوللارىغا نۇرلۇق مەشئەللەرنى ئالغان ئايدىڭلاشقان ئىنسانلارىمىزدۇر. خەلقىمىز مانا مۇشۇنداق مىللىي زىيالىيلارغا ھىچ تەرەددۈت قىلماستىن ياقىنلاشماقى، ئۇلارنى ئۆرنەك ئالماقى، ئەتراپىدا ئۇيۇلتاش بولماقى ۋەزىيەتننىڭ تەقەززاسىدۇر. خەلقىمىز، مەۋجۇت ھالەتىدىن، پەقەتلا مۇشۇنداق سۈپەتى بار بولغان زىيالىيلارغا ئەرگەشىش ئارقالىق قۇرتۇلۇشى مۈمكىندۇر. بۇ قۇرتۇلۇش باشلاغانىدا، نۆۋەتتە خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ تۇرغان ھەرخىل يات كۈلتۈر ياكى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەتىمىزدەكى ۋاكالەتچىلەرى ئىشسىز قالىشقا باشلايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، مىللەتىمىز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرەسىنى تەخىمۇ ياقىندىن تونۇپ يەتەلەيدۇ. ئۇ ھالدا قۇرتۇلۇش چۈش ئەمەستۇر.
2019-يىلى 23-ئۆتەبىر ئەنقەرە.
|
|

