نۇرىددىن ئىزباسار
تىمۇرىيلار ئىمپىرىيەسى يىمىرىلگەندىن كەيىن، بىر پۈتۈن تۈركىستاننىڭ قايتادىن بىر سىياسى ھاكىمىيەت ئاستىغا كىرىشى مۇمكىن بولمادى، بابۇر شاھ ۋە سەئىد خانلار بۇنىڭغا تىرىشىپ باققان بولسامۇ ماۋەرا ئۇننەھىردە شەيبانىلەرگە قارشى ئۈستۈنلۈكنى ساقلىيالمادى، بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەسكەرلەرى كاشغەرنى ئىگەللىگەن بولسامۇ، ياركەنت سەپىلى ئەتراپىدا ئاغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قاچىشقا مەجبۇر بولدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئەسكەرلەرىمۇ ئەندىجان ۋە ئەتراپىنى بىر قانچە قاتىم ئىگەللەگەن بولسامۇ چەكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شەيبانىلەردىن كەيىن تۈركىستاننىڭ غەربىدە دەسلەپتە بۇخارا خانلىقى يالغۇز ھاكىمىيەت سۈرگەن بولسامۇ، بۇخارانىڭ ئاجىزلاشىشىغا ئەرگەشىپ بۇ خانلىقتىن خىۋە خانلىقى ۋە قوقەند خانلىقى بۆلۈنۈپ چىقتى. تۈركىستاننىڭ شەرقى قىسىمىدا چاغاتاي خانلىقى مەنسۇر خان دەۋرىنىڭ ئاخىرلارىغىچە، سەئىدىيە خانلىقى بولسا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلارىغىچە سىياسى ھاكىمىيەت سۈردى، 1696-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى پۈتۈن سىياسى كۈچى ۋە نوپۇزى يىمىرىلدى. تۈركىستاننىڭ غەرىبىدىكى خانلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپتە بۇخارا خانلىقىنىڭ سىياسى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بولۇپ بۇ دەۋىرلەردە بۇخارا خانلىقى بىرلەن دەۋلەتى ئالىيەيى ئوسمانىيەنىڭ (ئوسمانلى دەۋلەتى) سىياسى ۋە ئەسكەرى ھەمكارلىقى كۈچلەنىپ ئىراننىڭ ھەم شەرقتىن ھەم غەربتىن كەڭىيىشىنى چەكلىدى، بىر قانچە قەتىم ئورتاق ئەسكەرى ھۇجۇم ئالىپ بارىپ ئىراننى تىزگىنلەپ تۇردى، ياۋۇز سۇلتان سەلىم خان بىرلە شەيبانىخان ۋە قانۇنى سۇلتان سۇلايمان بىرلە ئابدۇللاھ خانلار ئوتتۇراسىدا ئىنتايىن قويۇق ئالاقە ئورناتىلدى. بۇلارنىڭ كۆپى ئىراننىڭ شىئەلىكنى يايىش سىياسەتىگە قارشى شەكىللەنگەن ئىتتىپاق ئىدى. ئىراندا شاھ ئىسمائىل ۋە شاھ تاھماسب زامانىدا ئەمىر تىمۇرنىڭ نەۋرەسى بابۇرشاھ ئىراننىڭ ياردەمى بىرلە بۇخارانى ئىگەللەشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسامۇ خەلقنىڭ ھىمايەسىگە ئەرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالماي ھىراتقا چەكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ھىندىستاندا بابۇرىيلەر ئىمپىرىيەسىنى قۇردى. بۇ ئىتتىپاقلار كۆز ئالدىغا كەلگەنىدە شەرقى تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن خانلىقلارنىڭ ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە، سەئىد خان بىلەن تاغاسى مەنسۇر خاننىڭ ھەم كەيىنكى ۋارسلارىنىڭ بۇ سىياسى ئىتتىپاقتا بابۇر ئىمپىرىيىسىگە ياقىنلىقىنى بىلدۈرگەن بولسامۇ ئەسكەرى سەپەرلەردە يەر ئالمادى، كۆپىنچە جەنۇپتا كەشمىرگە قارشى، شەرقتە تىبەتكە قارشى ئىلگىرلەش پولىتىكاسىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى بايقايمىز، ھەتتا ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان تىبەتكە قارشى ئالىپ بارغان ئەسكەرى يۈرۈش ئەسناسدا ئالەمدىن ئۆتتى، تارىخى رەشىدىنىڭ مۇئەللىپى، سەئىدخاننىڭ باش ۋەزىرى ۋە قۇماندانى مىرزا ھەيدەر كۇراگانمۇ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كەشمىرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ھەربى سەپەرىدىن كەيىن كەشمىردە قالادۇ ۋە بۇ كىتابنى كەشمىردە يازىپ چىقىرادۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئايىتقاندا ياركەنت خانلىقى ئەتراپىدىكى دەۋلەتلەربىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان، بولۇپمۇ ھىندىستاندىكى بابۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتى ئالاھىدە ياخشى بولغان، بۇخارا خانلىقى بىلەن ئەسكەرى توقۇنۇشقا كىرگەن بولسامۇ كۆپىنچە ھاللاردا چوڭ سۈركەلىش كەلىپ چىقماغان. شەرقى چىگرىسىدا بولسا بەزى فەتىھ ھەرەكەتلەرى كۆرۈلگەن ۋە خىتتاينىڭ ئىچكىرى رايۇنلارىغىچە كىرىپ قايتىپ چىققان. بۇفەتىھلەرنىڭ كۆپىنچەسى ئەسكەرى ئولجا ۋە غەنىمەت ئۈچۈن بولغان، ئەمما خىتتايلىق تىجارەتچىلەرنىڭ سەئىدىيە تۇپراقلارىدا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇش بىلەن بىرگە تىجارەت ھوقۇقىنىڭ نورمال يۈرۈتۈلىشىگەمۇ كاپالەتلىك قىلغان.
ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان مەزگىللەردە شەرقى تۈركىستاندا ئاساسەن كۆپىنچەسى كۇچانى مەركەز قىلغان نەقشى بەندى پىرى مەۋلانە ئىرشادۇددىن ۋە ئۇنىڭ تەرىقەتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى نوپۇزى ئىنتايىن ئۈستۈن ئىدى، ھالبۇكى بۇ تەرىقەت مەنسۇپلارى تۇغلۇق تىمۇرخان زامانىدا بەشبالىق ۋە قومۇلنىڭ تاغلارىغا قەدەر يۈرگۈزۈلگەن ئەسكەرى فەتىھلەرگە قاتىلغان بولسامۇ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ زەئىپلەشىشىگە ئەرگەشىپ دەۋلەت ھاكىمىيەتىدىن ۋە دۇنياۋى ماجىرالاردىن ئۇزاق تۇرغان، ئاساسلىقى شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تۈرك ۋە موغۇل قەۋملەرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى، مەدرىسە ئوقۇتۇشى قاتارلىق ئىشلەر بىرلە مەشغۇل بولغان ئىدى. ياركەنت خانلىقى قۇرۇلغان دەۋرلەردە تۈركىستاننىڭ تامامىدا خانلار دەۋلەتنى قولاي ئىدارە قىلىش ۋە تەرىقەت مەنسۇپلارىنىڭ كۈچەيىپ كەتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىش، شۇنداقلا خەلقنىڭ كۆزىدىكى دىنى نوپۇزىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم يەرلىك تەرىقەتلەرنى ئۆزلەرىگە ياقىن تۇتۇپ كەلمەكتە ئىدى، سەئىدخانمۇ سىياسى جەھەتتىن ھاكىمىيەتىنى مۇستەھكەملەش ۋە دىنى جەھەتتىن مەشرۇئىيەتىنى (قانۇنىيلىقىنى) كۈچەيتىش ئۈچۈن تەرىقەت سۈلىكىنىڭ پىرىگە قول بەرگەن ئىدى. ياركەنت خانىلىقىنىڭ 3.خانى ئابدۇلكەرىم خان دەۋرىگە كەلگەندە تارىخى مەنبەلەردە ئىسىملەرى ھەزرەتى ئەزىزلەر ياكى مەخدۇمى ئەزەم دەپ ئاتالغان، سەييىدلەردىن بولغان ۋە بىر تەرىپىدىن سىلسىلەسى سۇلتان ساتۇق بۇغرا خاننىڭ ئەۋلادىدىن بۈبى چۈيا كاشغەرىگە تاقىشىدىغانلىقى ئىددىئا قىلىنغان خوجا ئەھمەد كاسانىنىڭ تۆرتىنچى(بەزى مەنبەلەردە سەككىزىنچى) ئوغلى خوجا مۇھاممەد ئىسھاق ۋەلى 1580-يىلىدا كاشغەرگە كەلدى. خوجا ئىسھاق ۋەلى قۇرغان تەرىقەت پىرقەسىنىڭ مەنسۇپلارى باشلارىغا قارا تاقيە (شاپاق دوپپا) كىيەتتى. ياركەنت خانلىقى دەسلەپتە ئۇنىڭ پائالىيەت ئالىپ بارىشىغا ئارالاشمادى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئەۋۋەل كاشغەردىن ياركەنتكە كەلدى، ياركەنتتە ئابدۇللاھ خاننى كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەندە ئۇزۇن ساقلاتقانلىقى سەۋەبلىك ئاراسىدا سوغوقلۇق پەيدا بولدى، خان ئۇنى خوتەنگە سۈرگۈن قىلدى، خوتەندە ئۈچ يىل قالغان ئىسھاق خوجا، خوتەن ھاكىمى قۇرەيىش سۇلتاننىڭ ياركەنت ئوردىسىغا قارشى ئەسكەرى ئىسيانىدا قولى بارلىقىدىن شۈبھەلەنىلگەچكە خوتەندىنمۇ چىقارىۋەتىلدى، ئارقادىن ئاقسۇغا باردى ۋە ئاقسۇدىمۇ سىياسى مەركەزنى راھەتسىز قىلغانلىقى ئۈچۈن ياركەنت خانلىقى تۇپراقلىرىنى تەرك ئەتىشى كەرەكلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە سەمەرقەنتكە كەتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسھاق ۋەلى خوجا ياركەنت خانلىقى ھۇدۇدى ئىچىدە 12 يىل ياشادى ۋە خەلق ئىچىدە سەل قاراغالى بولماغىدەك نوپۇزغا ئەرىشتى، بۇ 12 يىل ئىچىدە 60 تىن ئارتۇق مۇرىدىغا ئىجازەت بەرىپ ئۆزىنىڭ خەلىپەسى تەيىن قىلدى، ئۇنىڭ خەلىپەسى ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرادۇرغانى شاتۇر خوجا ئىدى. شاھزادەلەرمۇ تەخت غەۋغاسىدا غالىپ كەلىش ئۈچۈن بۇ كۈچتىن ئۈنۈملۈك پايدالانىشنىڭ پۇرسەتىنى كۈتەتتى، بۇنىڭ بىرلەن بەزى شاھزادەلەرنىڭ تەختكە چىقىشىغا سەۋەب بولغان بۇ خوجالارنىڭ قولىدا بەزى سىياسى ھوقۇقلار شەكىللەنىشكە باشلادى، دەسلەپتە شاھزادەلەر بۇلاردىن پايدالانىشنى ئويلاغان بولسا بۇئىككى پىرقەدەكىلەرمۇ سىياسى كۈچنى تالاشىپ تەختكە ياقىنلاشىشىقا ۋە ئۆزىگە قول بەرگەن شاھزادەلەرنى تەختكە چىقارىشقا ئۇرۇنۇشقا باشلادى. بۇ غەۋغا تەبئىيلا بۇ پىرقەنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خوجا ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئوغۇللارىدىن ئىشان كالان ئىشقىيە پىرقەسىنى، خوجا ئىككى پىرقەغە بۆلۈنۈپ بىرى ياركەنتنى يەنە بىرى كاشغەرنى ماكان تۇتتى، قايسىىنڭ مۇرىدى بولغان شاھزادە تەختكە چىقسا ياركەنتنىڭ خوجايىنى شۇ بولدى. ۋەھالەنكى ياركەنت خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخاننىڭمۇ تەختكە چىققان ۋاقىتلارىدا قول بەرگەن مۇرشىدى بولۇپ، ئۇ ياركەنت خانلىقىنى قۇرۇپ قىسقا مۇددەتتىن كەيىن مۇرشىدىگە دەۋلەتنىڭ تەختىنى تاشلاپ تامامەن دەرۋىشلىك ھاياتىغا كىرىپ كەتىش ئارزۇسىنى ئايىتقانىدا، ئۇنىڭ مۇرشىدى ئۇنى ئادالەت بىرلەن دەۋلەت باشقۇرۇشنىڭ مىڭ يىللىق ئىبادەتتىن تەخىمۇ ئەلا ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىپ ئۇنى توسقان ۋە مۇرشىدلەرنىڭ پەقەت خاقانلارنى توغرا يولغا باشلاش، ئادالەتلىك بولۇش ۋە قەلبىنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل دوستى بولۇشى كەرەكلىكىنى، ھاكىمىيەت ۋە تەخت ھەۋەسىدىن ئۇزاق تۇرۇشى كەرەكلىكىنى ئايىتقان.
تەرىقەت شەيخلەرىنىڭ بۇ ئىچكى ماجىراسى ياركەنت خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا دەۋىرلەرىگىچە سۇيقەست ۋە خانلارنىڭ قولى بىرلەن بىر بىرلەرىنى جازالاشتىن ھالقىپ كەتەلمەگەن، چۈنكى ياركەنت شاھزادەلەرىنىڭ سانى كۆپ، ۋەزىرلەرنىڭ كۆپىنچەسى دەگۈدەك تەرىقەتلەردىن ئۇزاق تۇرغان. ئەمما ئابدۇررەشىد خاننىڭ زامانىدىن باشلاپ قىپچاق قەبىلەلەرىنىڭ شەرققە سىلجىشى، بولۇپمۇ قالماقلارنىڭ باسىمىدىن قاچقان قىرغىز قەبىلەلەرىنىڭ ئارتۇچ ۋە ئاقسۇنىڭ يايلاقلارىغا ۋە فەرغانە ۋادىسىنىڭ تاغلىق ئىتەكلەرىگە يەرلەشىشى بىرلەن، قىپچاق ۋە قىرغىز قەبىلەلەرى بىرلەن ياركەنت ئەسكەرلەرى ئاراسىدا توختاماي سۈركەلىش بولدى، قىپچاق ۋە قىرغىز قەبىلەلەرى داۋاملىق تۈردە شەھەر ۋە قىشلاقلارنى ياغمالادى، ياركەنت ئەسكەرلەرى ئۇلارنى بويسۇندۇرغان بولسامۇ داۋاملىق كونترولى ئاستىدا تۇتالمادى، ھەتتا ئاقسۇدا ئابدۇررەشىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى ۋەلىئەھد ئابدۇللاتىف خاننى قىپچاقلار شەبخۇن قىلىپ قەتلى قىلغاندىن كەيىن بۇ جەدەل توختاماي داۋام قىلدى. بىر قانچە قاتىم چوڭ ئۇرۇش بولدى شۇنداقتامۇ قىرغىزلارنى تامامەن تىزگىنلەگەلى بولمادى. يەنە بىر تەرەپتىن قالماق موغۇللارىنىڭ كۈچەيىشى بىرلەن ئۇلارنىڭ ئىلى ۋە يەتتە سۇ ۋادىسى، دەشتى قىپچاق ۋە تەڭرى تاغلارى بىرلەن ئالتاي تاغلارى ئاراسىىداكى ھەرەكەتلەرىنىڭ كۆپەيىشى موغۇللار بىرلەن ياركەنت كۈچلەرىنىڭ تۇرفان ۋە قومۇل شۇنداقلا بەشبالىق رايونىداكى زىددىيەتىنى كۈچەيتتى، قالماقلار كۈچەيگەنچە ياركەنتنڭ كۈچى زەئىپلەشكە باشلادى ۋە بەزىدە قالماق قوشۇنلارى تارىم ۋادىلىرىغىچە كەلىپ بۇلاڭ تالاڭ قىلىپ كەتەتتى، ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلەرىدە تۇرفان ۋە قومۇل داۋاملىق قالماقلارنىڭ ياغماسىغا ئۇچراپ تۇراتتى.
ياركەنت خانلىقى ئىچىكى جەھەتتىن قىپچاق-قىرغىز قەبىلەلەرىنىڭ ئىسيانلارى، خوجالارنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى ھاياتنى مەشغۇل قىلىشى، شاھزادەلەرنىڭ تەخت غەۋغاسى بىرلەن كۈچلەنەلمەگەن بولسا تاشقى جەھەتتىن بۇخارا بىرلەن بولغان بەزى ئۇرۇشلار، قالماقلارنىڭ تاجاۋۇزى سەۋەبلىك ئەسكەرى جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا چۈشتى. قالماقلارنىڭ يىپەك يولىنىڭ بىر قىسىمىنى ۋە ھەج يوللارىنى كوننترول قىلىۋەلىشى شۇنداقلا يول بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى بىرلەن تىجارەتنىڭ دائىرەسىمۇ تارايدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلەرىدە كۆپ قاتىم تەخت ئالماشىش مەيدانغا كەلدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممەسىدە دەگۈدەك تەرىقەتتەكىلەرنىڭ قولى بار ئىدى، بۇ تەرىقەتتەكىلەرنىڭ غەۋغاسى ئوچۇق ئاشكارە جەڭگى جەدەلگە ئايلانغان ۋاقىتتا خەلقنى بۆلۈشۈۋالغىدەك دەرەجەدە زورايدى ۋە ئاق تاقىيە ۋە قارا تاقىيە ئىسمى بىرلەن چاقىرىلىشقا باشلادى كەيىنچە خەلق تىلىدا بۇلار ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق خوجالار دەپ ئاتالدى. ياركەنت خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلەرىدە بولۇپمۇ 1650-يىللاردىن كەيىن تەخت ئالماشىش كۆپەيىپ كەتتى ۋە بۇ ئىچكى غەۋغا ھەم تەرىقەت كۈچلەرىنىڭ پائالىيەتلەرىنى كۆپەيتسە ھەم جۇڭغار موغۇللىرىنىڭ بىۋاستە ياركەنتنىڭ ئىچكى ئىشلەرىگە قول تىقىشىغا پۇرسەت ياراتىپ بەردى. 1667-يىلىغا كەلگەندە ياركەنتتە يولبارس خان تەختتە ئىدى ئەمما ئاقسۇغا ھاكىم بولغان ئىسمائىل خان ياركەنت تەختىنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ياركەنتكە ئەسكەرى يۈرۈش قىلدى ۋە يولبارس خان بىرلەن ئۇرۇشتى. ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەت بىرلەن قايتقان ئىسمائىل خان، موغۇللارنىڭ كۈچى بىرلەن داۋاملىق ياركەنت ئۈستىگە باسىم قىلدى ۋە 1770- يىلىغا كەلگەندە يولبارس خان تەختنى تاشلاپ مەككىگە كەتتى. ئاق تاغلىق خوجالار بىرلەن قارا تاغلىق خوجالارنىڭ بىر بىرى بىرلەن بولغان جەدەللىرى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ئاق تاغلىق خوجالار يولبارس خاننى قوللاغان بولسا ئىسمائىل خاننى قارا تاغلىق خوجالار قوللادى، ھەر ئىككى خانغا ئائىت رەسمى دەۋلەتكە ئائىت ئەسكەرلەرنىڭ سىرتىدا بۇ ئىككى پىرقەنىڭمۇ ئايرىم ئەسكەرى تەشكىلى قۇرۇلماسى شەكىللەنگەن بولۇپ ئاراداكى ئۇرۇشلاردا بىلۋاستە جەڭ مەيدانلارىدا ئالدىنقى سەپلەردە ئىدى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەقسەدى ئۆزلەرى قوللاغان خانلارنى تەختكە ئولتۇرغۇزۇش ۋە ھاكىميەتتىن تەڭ بەھرىمەند بولۇش ئىدى. ئاقىبەتتە يولبارس خاننىڭ تەختنى تەرك ئەتىشى بىرلەن تەختكە جۇلۇس قىلغان ئىسمائىل خان دەرھال ئاق تاغلىق خوجالاردىن ئىنتىقام ئالىشقا باشلادى. قارا تاغلىقلارمۇ ياركەنتتە ئاق تاغلىقلارغا قارشى چوڭ تازەلەش ئالىپ باردى. ئىسمائىل خان ئاق تاغلىق خوجالارنىڭ پىرى ھىدايەتۇللاھ ئىشاننى ياركەنت چىگراسىدىن چىقىپ كەتىشكە بۇيرىدى. ھىدايەتۇللاھ ئىشان مەجبۇرى چىگرادىن چىقىرىلىغاندىن كەيىن ئەۋۋەل كەشمىرگە ئارقادىن تىبەتكە بارىپ دالاي لامادىن جۇڭغارلارنىڭ ئۆزىگە ئەسكەرى جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى، ياركەنت تەختىنىڭ مەجبۇرى قولىدىن ئالىنغانلىقىنى ئەيتتى، دالاي لاما ئۇنىڭغا بىر پارچە مەكتۇپ بەرىپ ئۇنى جۇڭغارلارنىڭ خانى بولغان غالدانغا يوللادى. ئۇزۇندىن بۇيان ياركەنتنىڭ ئىچكى ئىشلەرىگە ئارالاشىپ كەلگەن جۇڭغارلار بۇ پۇرسەتنى قولدىن قاچۇرماسلىق ۋە ياركەنت ئۈستىدىن چوڭ ئولجالارنى ئالالايدىغانلىقىنى پىلان قىلىپ 1680-يىلى ئافاق خوجانىڭ رەھبەرلىكىدە ياركەنتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئەسكەرى جەھەتتىن زەئىپلەگەن ياركەنت ئەسكەرلەرى ئۇرۇشتا يەڭىلىپ قالدى ۋە ئىسمائىل خان غالدانغا ئەسىر چۈشتى. غالدان ياركەنت خانلىق جەمەتىنىڭ مۇھىم ئادەملەرىنى ۋە قارا تاغلىق خوجالارنىڭ پىرلەرىنى نۇرغۇن قىممەتلىك ئەشيالار ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرى بىرلەن بىللە ئىلىگە ئالىپ كەتتى. ئىسمائىل خان غالداننىڭ زىندانلىرىدا 56 يېشىدا ۋاپات بولدى. دەسلەپتە ئافاق خوجا ئۆزىنى خان ئېلان قىلماستىن ياركەنت خانەدان ئائىلەسىدىن ئاقباش لەقەملىك مۇھەممەد ئەمىن خاننى قورچاق تەختكە ئولتۇرغۇزغان بولسامۇ مۇھەممد ئەمىن خان مەلۇم مەزگىلدىن كەيىن موغۇللارغا ۋە ئافاق خوجاغا قارشى ھەرەكەتلەردە بولغاچقا ئۇنى سۇيقەست بىرلەن ئۆلتۈردى، ئارقادىن يەنە ئىككى سەئىدىيە خانەدان ئائىلەسى شاھزادەسى تەختكە چىققان بولسامۇ، خوجالار ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى.
1696- يىلىغا كەلگەندە ياركەنت خانلىقىنىڭ خانەدان جەمەتىدەكىلەرنىڭ كۈچى ئاساسەن دەگۈدەك يوق قىلىندى، ياركەنت تەختىگە ئافاق خوجانىڭ ئوغلى يەھيا خوجا ئولتۇردى. بۇ دەۋردىن كەيىن دەۋلەت تەشكىلاتلانمىسى ۋە ئەسكەرى ئىنتىزامدىن ئۇزاق بولغان تەرىقەت مەنسۇپلارى ئۆز-ئارا جەڭگى-جەدەل، قىپچاقلارنىڭ ياغماسى ۋە موغۇللارغا ئولپان ۋە باج تاپشۇرۇش بىرلەن مەشغۇل بولدى ۋە ھىچبىر زامان ھاكىمىيەتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالمادى. مۇنداقچە قىلىپ ئايىتقاندا، خوجالارنىڭ بۇ ھاكىميەتى قالماقلارنىڭ ھىمايەسىدىكى قورچاق بىر ھاكىمىيەت ئىدى، قالماقلار خوجالارنىڭ ئىچكى ئىشلەرىگە ئارلاشمايتى ئەمما ۋەلىخان چوقانوفقا كۆرە، خوجالار قالماقلارغا يىلدا 400 مىڭ تەڭگە باج تۆلەيتتى، مەھمەت ئاتىف بولسا تۆلەنگەن باج مىقدارىنى ئۆزىنىڭ زامانىدا 88 مىڭ ئوسمانلى لىراسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا. شەرقى تۈركىستانداكى بۇ فەترەت، موغۇللارنى يوق قىلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان مانجۇلارنىڭ دىققەتىنى تارتتى. مانجۇلار بىرلەن بولغان ئۇرۇشتا قالماقلارنىڭ توختاماي يەڭىلىۋاتقانلىق خەۋەرى ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقان قارا تاغلىق يۇسۇف خوجاغا كەلدى ۋە ئۇ قالماقلارغا قارشى ئىسيان قىلىپ ئادەملەرى بىرلەن ئىلىدىن كۇچا يولى ئارقالىق كاشغەرگە كەلدى. يۇسۇف خوجا مانجۇلارنىڭ ياردەمىگە ئەرىشتى ۋە مانجۇلارنى كاشغەرگىچە ئالىپ كىردى. ئەمما ئاق تاغلىق جاھانگىر خوجا ۋە بۇرھانىددىن خوجالار يۇسۇف خوجاغا قارشى ئۇرۇش قىلدى، ئاق تاغلىق خوجالار بۇ جەدەلدە ئۈستۈن كەلدى. ئاق تاغلىق خوجالار مانجۇلارنىڭ ھاكىميەتى ئاستىغا كىرىشنى خالىماي ئۇلارنىڭ ئەسكەرى بىرلىكلەرىگە ھۇجۇم قىلدى. خوجالار دەسلەپتە غەلىبەگە ئەرىشكەن بولسامۇ ئەسكەرى ئىنتىزامسىزلىقى ۋە خەلقنىڭ قەلبىدەكى ئورنىنىڭ چۈشۈپ كەتىشى سەۋەبلىك مەغلۇب بولدى ۋە ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى. مانجۇلار دەسلەپتە شەرقى تۈركىستانغا خوجالارنى ھاكىم قىلىپ ئۆزىگە باقىندى بىر ۋاسسال دەۋلەت قىلىش پىلانى بار ئىدى، ئەمما ئىچكىرلەپ كىرگەنچە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن مول دىھقانچىلىق ۋە زىرائەت، ئالتۇن ۋە باشقا بايلىقلارىنىڭ بارلىقىنى، زىمىنىنىڭ چوڭلۇقىنى ھىس قىلىشقا باشلادى، 1759-يىلىغا كەلگەندە، مانجۇلار بىۋاستە ئەسكەرى ۋالىيلىق قۇرۇپ شەرقى تۈركىستاننى ۋىلايەتلەرگە بۆلۈپ بىۋاستە ۋاڭ تەيىنلەپ ئىدارە قىلىشقا باشلادى. بۇ تارىختىن ئىتىبارەن، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسى ۋە جۇغراپىيۋى ھوقۇقى بولمىدى. ھۆر شەرقى تۈركىستان ئاسارەت ئاستىغا كىردى.
2019-9-9