|
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟ پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق جەمئىيەت، ئىنسانلار ۋە ئۇلار تەرەپىدىن ياراتىلغان كۈلتۈرلەردىن شەكىللەنگەن بولۇپ بۇ ئالاھىدەلىكى بىرلەن باشقا خوشنا ۋەيا ئۇزاقتاكى جەمئىيەتلاردىن پەرىقلەنگەن ۋەيا پەرىقلىقلەشكەندۇر. بۇ پەرىق، مەۋجۇت بولغان مۇددەتچە ئۇشبۇ جەمئىيەتمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇر. كۈنىمىزدە ئۇيغۇر جەمئىيەتى دەپ ئاتالغان بۇ جەمئىيەتنى، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان خەلق، يەنى ئومۇمىي تۈرك مىللەتىنىڭ شەرق شۆبەسى بولغان خاقانىيە تۈركلەرىنىڭ ئەۋلاتلارى شەكىللەندۈرگەندۇر. بۇ شەرقىي تۈركلەر، كاشغەرلىك مەھمۇد ئاتانىڭ دىۋانىدا قەيىت قىلىنغان ئەفراسىياب دەپ ئاتالغان ئالپ ئەرتوڭانىڭ، تۈركلەرنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرۈپ مەدەنىيەت ۋە ئىتىقاد جەھەتتىن شەرقىي ئاسىيالىقلاردىن تامامەن ئۇزاقلاشتۇرغان سالتۇق/سۇتۇق بۇغرا ئاتامىزنىڭ ئەۋلادىدۇر. شۇنداقلا تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە سىياسىي بىرلىكنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتە چاغ ئاتلاتقان ئاقساق تۆمۈر ۋەيا ئەمىر تىمۇر كوراگانى خاقاننىڭ ھەم ئەۋلاتلارىدۇر. سىياسىي بىرلىك پارچالانغاندىن كەيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىنى ئاساس قىلىپ دەۋلەت قۇرغان ئەمىر تىمۇر خان ھەزرەتلەرىنىڭ مۇبارەك ئەۋلادى سۇلتان سەئىدخاننىڭ ھەم بىۋاسىتە ئەۋلاتلارىدۇر. شەرقنىڭ خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ چەكىنىشى بىلەن باشلانغان باشتا مائارىپ ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتاكى چۆكۈش نەتىجەسىدە يىمىرىلىشكە يۈز تۇتقان تۈركىستان دەۋلەتچىلىكى 18-ئەسىرنىڭ ئورتالارىدىن باشلاپ تاشقىي دۈشمەننىڭ ئىستىلالارىغا تاقابىل تۇرالماغان. نەتىجەدە غەربىي تۈركىستاندا رۇس، شەرقىي تۈركىستاندا مانجۇ-خىتتاي مۇستەملىكەسى پەيدا بولغاندا، مۇستەملەكەگە قارشى تەشكىللىك تىركەشىش ئۇرۇشىنى، دەۋلەتىنى قايتادىن ئىھيا ۋە ئىنشا قىلىش كۈرەشىنى باشلاتقان تۈركىستانلىقلار ئاراسىدا موھىم ئورۇننى تۇتقان نەقشىبەندىيە تەرىقەتىنىڭ خوجالارى ۋە ئۇلارنىڭ پىداكار مۇرىتلارىمۇ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاتالارىدۇر. شۇنداقلا، بۇ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگەن مەنسۇپلار ئىچىدە يەنە، تۈركىستانلىقلاردا يىلتىز تارتقان جاھالەت سەۋەبىدىن دۈشمەننىڭ ھەر خىل ھىلەلەرىگە ئالدانىپ تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىنىرگىيەسىنى ئىچكى ئىختىلاپ ۋە ئىچكى زىددىيەتتە خوراتقان ۋەيا دۈشمەنلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھاماقەت ۋە جاھىللارنىڭمۇ ئەۋلاتلارى باردۇر.... بۇ تۈپەيلى ۋەتەنپەرۋەر ۋە مىللەتپەرۋەر ئەجداتنىڭ تىركەشىش ۋە ئىھيا-ئىنشا ئۇرۇشلارى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەقىللىق كاپالەتكە ئىگە بولالماغان. قىسقا مۇددەتلىك مۇستەقىللىق ۋە زەپەرلەر، مىللەتىمىزنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ مۇستەقىللىق ھەم ئەركىنلىكتىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدۇرغان ئىرادەسىنى تاۋلاغان بولسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملەكە ھاياتى، مۇناپىق ۋەيا ئىچىدە خىتتايلىق ئورناپ كەتكەن تۇڭگانسىمان گۇرۇپپالارنىڭ سان جەھەتتىن زورايىشىنى، كۈلتۈرەل ۋە زىھنىي خىتتايلىقلىششىنڭ «نورماللاشىشى» دەك بىنورماللىقنىمۇ پەيدا قىلغان. ئىستىلاغا قارىشى كۈرەش ۋە دەۋلەت تىرىلدۈرۈش (ئىستەر پىكرىي، ئىستەر قوراللىق) كۈرەشلەرىدە، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ سادىق قوللاغۇچىلارى ۋە ئارقا سەپنى كاپالەتكە ئالغان، ھەتتا زۆرۈر بولغاندا ئالدىنقى سەپلەردىن يەر ئالغانلار بولسا، كەڭ مەناداكى كاشغەرىيەنىڭ بىر پارچاسى بولغان پەرغانەلىك تۇغقانلارىمىزدۇر. ئۇلار بىزنىڭ جەمئىيەتىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. چۈنكى، مۇستەملىكەچى خىتتاي ۋە رۇسلار تۈركىستاندا ھاكىمىيەتلەرىنى تەسىس قىلىشتىن بۇرۇن پەرغانە بىلەن تارىم ئاراسىدا كەسكىن سىياسى، كۈلتۈرەل چىگرا سىزىلىپ باققان ئەمەستۇر. مانجۇ ئىستىلاچىلارى كاشغەرىيەنى ئىستىلا قىلغاندا ۋە مۇستەقىلىق ئۇرۇشى داۋام قىلغاندا يۈزمىڭلاغان كاشغەرىيەلىكلەر پەرغانە تەرەپكە كۆچكەن. كۈنىمىزدەكى ئوش، ئەندىجان، مەرغىلان كەبى شەھەرلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كاشغەرىيە تەرەپتىن كۆچۈپ چىققانلاردۇر. ئوخشاشلا،پەرغانە ۋە يەتتەسۇ رايونى رۇس ئىستىلاسىغا دۇچار بولغاندا يۈزمىڭلاغان پەرغانەلىك، يەتتەسۇلۇق ھەتتا قازاق دالاسىداكى قانداشلارىمىز يۇرتىمىزغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى. رۇس ۋە خىتتاي كومىنىستلارى سىزغان سۈنئىي چىگرا (كۈنىمىزدە) ئالاقەمىزنى تارىختاكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويغان بولسامۇ، كۈلتۈرەل بىرلىك تەخىچە داۋام قىلماقتا، تارىخى ئەس-يادى ۋە ھافىزاسى (Memory) كۈچلۈك مۇنەۋۋەرلەر بۇ باغنىڭ، بىرلىكنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلىشىچە تىرىشماقتا. ئەلبەتتە، تارىخىي ئەس-يادتىن يوقسۇن بولغان خىتتايچى ۋەيا رۇسچى مىللەت قاراشى ئورناپ كەتكەن/يەرلەشكەن بىر قىسىم ئاتالمىش مىكرو مىللەتچىلەر، رۇسلار سىزغان پەقەت خىتتايلار مۇقىملاشتۇرغان سۈنئىي «چىگرا»نى قوبۇل قىلغان ۋەيا بۇنىڭ زىيان-ئاپەتلەرىنى ئىدراك قىلالماي «ئۇيغۇرچىلىق»، «ئۇيغۇرىزم»، «ئۆزبەكچىلىك» ۋە «قازاق-قىرغىزچىلىق» نامى ئاستىدا خاتا تەشۋىقاتنىڭ تەرغىباتىغا داۋام قىلغان ۋەيا قىلىشماقتا. ئەلبەتتە، بۇلار تارىخىي ئەس ۋە ھافىزاغا ئىگە بولغان بولسا ۋەيا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق تارىخىنى خۇسۇسەن مانجۇ-خىتتاي ئىستىلاسىغا قارشى كۈرەش تارىخىمىزنى بىلگەن بولسا، شۇنداقلا ھادىسەگە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىنەزەرىدىن قاراشنى ئۆگرەنگەنىدە ھەقىقەتنى ئاسانلا كۆرۈپ يەتىشى تامامەن مۈمكۈن ئىدى. چۈنكى، كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان بۇ جۇغراپىيەنىڭ ئەڭ ئاز مىڭ يىللىق تارىخىدا پەرغانە ۋادىسى بىلەن تارىم ۋادىسىنىڭ تەقدىرى گىرەلىشىپ كەتكەندۇر. شەرقىي تۈركىستان، خۇسۇسەن كاشغەرىيەنىڭ باشىغا قارا كۈن چۈشكەندە، دائىما پەرغانەلىك تۇغقانلارىمىز ئىمدادىمىزغا يەتىشكەندۇر. بۇنى كۈنىمىزدەكى رۇس ۋە خىتتاي ۋىرۇسلۇق مىللەت قاراشى بىلەن ئاڭقارماق ۋەيا چۈشەنىپ ئالماق ئەسلا ئىمكانسىزدۇر. سوتسىئولوگىيەلىك ۋەيا ئانتروپولوگيەلىك نۇقتىنەزەردىن قاراغانىمىزدا، تارىملىقلار ۋە پەرغانەلىكلەر بىر مىللەتتۇر. تەڭرىتائالا تەرەپىدىن ياراتىلغاندا گوياكى قوشكەزەك تۇغۇلغاندۇر. بۇنىڭ سىرتىدا يۇقارىدا كۆرسەتىلگەندەك، رايونلار ئاراسىدا ئەمەلىيلەشكەن نوپۇس ھەرەكەتلەرى بۇ چەمبەرچەسلىكنى تەخىمۇ چىڭىتقاندۇر. ئىسلامىيەت ئەۋۋەلىگە قارايدۇرغان بولساق، خۇسۇسەن كۆكتۈرك دەۋلەتى تاڭ سۇلالەسى تەرەپىدىن يوق قىلىنىپ تۈركىستان جۇغراپىيەسى تاڭ قوشۇنلارى تەرەپىدىن باسىپ ئالىنغاندا، تارىم ۋە پەرغانە تاڭلىقلارنىڭ مۇستەملەكەسىگە ئايلانغانىدى. مىلادىيە 751-يىلى ئىسلام ئارمىيەلەرى خوراسان رايونىغا كىرىپ تۈركىستانغا ئۇلاشقاندا، كۈنىمىزدەكى غەربىي تۈركىستاننىڭ تالاس رايونىدا خىتتتاي قوشۇنلارى بىلەن قارشىلاشقان. ئىككى تەرەپ ئۇرۇشقا تەييارلانغاندا، پەرغانە ۋە تارىمدا ناھايەتى بۇرۇنلا يەرلەشىپ ھاكىمىيەت قۇرغان تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقى بولغان تۈركلەر، قارلۇقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ چوڭ ئۇرۇشتا تەرەپ تۇتۇشقا قارار بەرگەن. قارلۇقلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ يۇرتىغا باسىپ كىرگەن تاجاۋۇزچىلارنى يوق قىلىشقا، دەۋلەتىنى ۋە ھاكىمىيەتىنى تىرىلدۈرۈشكەن بەل باغلاپ تارىخىي دۈشمەنگە قارشى ئىسلام ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشكەن. قارلۇقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇسۇلمان ئارمىيەسى بىلەن بىرلەشكەن تۈركلەر، تاڭ قوشۇنلارىنى يەڭگەن ۋە خىتتايلارنى تۈركىستاندىن تەل تۆكۈس يوق قىلغان. خىتتايلار بۇ ئۇرۇشتىن كەيىن تۈركىستان توپراقلارىغا 10 ئەسىرگىچە قەدەم باسالماغان، پەقەت مانجۇلارنىڭ سايەسىدە 18.ئەسىرنىڭ ئورتالارىدىن كەيىن تەكرار تاجاۋۇزچى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدا پەيدا بولغان. قارلۇقلار تالاس ئۇرۇشىدىن كەيىن ئىسلام بىلەن تونۇشۇشقا باشلاغان. تۈركىستاندىن دۈشمەنلەرنى يوق قىلغان تارىم ۋە پەرغانەلىك تۈركلەر، ھاكىمىيەتىنى مۇستەھكەملەگەن ۋە 9. ئەسىردە كاشغەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار سۇلالەسىنى قۇرۇپ تۈرك تارىخىدا تۇنجى ئىسلام دەۋلەتىنى بەرپا قىلغان. بۇ دەۋلەتنى قۇرغانلار بولسا، تارىم ۋە پەرغانە ۋادىسىدە ئەزەلدىن بەرى ياشاپ كەلگەن يەرلىك تۈركلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تىندۇرما تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەتتەكى سىجىللىقى، تۈركلەر تارىخىنىڭ «گۈللەنىش ئەسرى»نى بەرپا قىلغان. يۈسۈپ خاس ھاجىب، مەھمۇد كاشغەرى، ئەبۇ ناسىر فارابى، ئەبۇ رەيھان برۇنىي، ئەھمەد يەسسەۋى،ئەھمەد يۈكنەكى...قاتارلىق ئالىملار تۈركىستاندا ئوتتۇراغا چىققان ۋە بىر بىرىدىن قىممەتلىك دۇنياۋى ئەسەرلەرنى قالدۇرغان. بۇ ھال ئەمەلىيەتتە، تارىم ۋە پەرغانە ۋادىسىدا شەكىللەنگەن ئەڭ ئازبولغاندامۇ 3-4 يۈز يىللىق تىندۇرما تەرەققىيات ۋە سىجىللىقنىڭ نەتىجەسىدۇر. بۇ خىل تەرەققىياتتىن شەكىللەنگەن مەدەنىيەتنى كۆچمەن چارۋاچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان شىمال تۈركلەرىنىڭ بەرپا قىلالىشى سوتسىئولوگىيە نۇقتاسىدىن ئىمكانسىز. بۇ مەدەنىيەتنى تارىم ۋە پەرغانەدە (يۈكسەك ئىھتىمال بىرلەن) كۆكتۈرك دەۋلەتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئولتۇراق ھالەتكە ئۆتكەن، باشقا كۈلتۈرلەر بىلەنمۇ تەسىرلەشىپ تەرەققىياتتا ئىلگەرى كەتكەن تۈركلەر ياراتقان ئىدى. تارىم ھاۋزاسىدىن چىققان مۇميالار، نىيا خارابەسى، كرورەن گۈزەلى كەبى يۈزلەگەن ئارخولوگىيەلىك قازىلمالار بىلەن يۇقارىدا توختالغان 751-يىلىداكى تالاس ئۇرۇشىنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەپ خىتتايلارنى تۈركىستان توپراقلارىدىن تەل تۆكۈس يوقاتقان قارلۇق،تۈركەش، چىگىل، مەركىت ۋە ئىسىملەرىنى بىز بىلىپ بولالماغان باشقا تۈرك ئۇرۇقلارىنىڭ تارىم ۋە پەرغانەدەكى مەۋجۇدىيەتى، شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەرنىڭ 840-يىلىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە ئاساسلىق ئومۇرتقا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك-ئۇيغۇر مەۋجۇدىيەتىنىڭ 840-يىلى دەۋلەتى يىقىلغان، ھەممە نەرسەسىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ كەلگەن «كۆچمەن» ئۇيغۇرلار بىلەن باشلانغانلىقى كۆزقاراشى تامامەن خىتتايچى تارىخ كۆزقاراشىنىڭ سەپسەتەسىدۇر. خىتتاي مەركەزلىك تارىخچىلىق نۇقتىنەزەرى، بۇ رايونغا تۈركلەرنىڭ 840-يىلىدىن كەيىن يەنى موڭغۇل دالاسىدىن كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن باشلانغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقالىق، بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئىگەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ كەيىن كۆچۈپ كەلگەن «كۆچمەن»ئىكەنلىكىنى ئۇرغۇلاپ ئۆزلەرىنىڭ/خىتتاي ئىستىلاسىغا مەشرۇئىيەت (يوللۇق باھانە، قانۇنىي ئىسپاتlegitimacy) قازاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ بەتنىيەتلىك تارىخ نۇقتىنەزەرىگە ئىھتىيات بىلەن ياقىنلاشماق لازىمدۇر. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىگە دەۋلەتسىز قالغان، سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار موڭغۇلىيە تەرەپتىن كەلىشتىن بۇرۇنلا، ئۇلار بىلەن تىلداش ۋە قانداش بولغان تۈركلەر تارىم ۋە پەرغانەدە بەلكى مىڭ يىللاردىن بەرى ياشاپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ ھەقىقەتنى، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەيەلەگەن ھەركىم ياخشى بىلىشى ۋە ئۇنۇتماسلىقى كەرەك. ئەڭ ئەقەللىي قانۇنىيەت شۇدۇركى، نەچچە مىڭ كىلومەتىر ئۇزاقتىن ھەممە نەرسەسىنى يوقاتىپ، سەرسان، سەرگەردان بولۇپ كەلگەن بىر كۆچمەن خەلقنىڭ يەڭى كەلگەن يەردە دەرھال دەۋلەت قۇرۇپ ئۇنداق يۈكسەك بىر مەدەنىيەتنى بەرپا قىلالىشى ئىلمىي نۇقتادىن ئىمكانسىزدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆچمەنلەر، ئىنسان ياشاپ باقماغان بوش بىر يەرگە ئەمەس، بەلكى نوپۇسى مۇئەييەن بىر سەۋىيەگە يەتكەن، تىجارەت، مەرىپەت ۋە سىياسەت روناق تاپقان بوستانلىقلارداكى تەرەققىي مەركەزلەرگە، ئۇلارنى قوبۇل قىلادۇرغان، ئىگە چىقادۇرغان قانداش ۋە تىلداشلارىنىڭ يانلارىغا كۆچكەندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىزدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار مىكرو مىللەتچى خىتتاي ۋىرۇسلۇق تارىخ كۆزقاراشىدىن ھەزەر ئەيلەگەن ئاساستا، (ھەزەر ئەيەلەمەسە، 840،يىلىدىن بۇرۇن «شىنجاڭ»دا ئۇيغۇر يوق ئىدى، ئۇيغۇرلار ئورخۇندىن-موڭغۇل دالاسىدىن 840-يىلىدىن كەيىن «شىنجاڭ»غا كۆچۈپ كەلگەن دەگەن خىتتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتاپلارىدا بايان قىلىنغان تۇزاققا چۈشىدۇ) تۈركىستان مەركەزلىك تارىخ نۇقتىنەزەرىنى كۆچەيتىشى شەرتتۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تارىخ نۇقتىنەزەرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە تۇرغۇن ئالماس كەبى زىيالىيلارىمىزدا پەرىقلىق سەۋىيەدە ئاللىبۇرۇن شەكىللەنىپ بولغان ئىدى. تۈركىستان مەركەزلىك تارىخ كۆزقاراشىنىڭ قانداق بولۇشى كەرەكلىكىگە ئەلبەتتە تارىخچىلار قارار بەرگۈسىدۇر. پەقەت مەلۇماتلارىمىز دائىرەسىدە بۇ خىل تارىخ نۇقتىنەزەرىنىڭ ئېتنىك ۋەيا ئۇرۇق مەركەزلىك بولمايدۇرغانلىقى ۋەيا بولماسلىقى كەرەكلىكىنى مۇناسىۋەتلىك ساھەدەكىلەرنىڭ سەمىگە سالىشنى مەسئۇلىيەتىمىزنىڭ مەجبۇرىيەتى دەپ بىلۇرمىز. چۈنكى، بۇ نۇقتىنەزەر، تارىم ۋە پەرغانە مەركەزچىلىكىدە شىمال تۈركلەرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي تۈرك گەۋدەسىنى كۆزدە تۇتقان، جۇغراپىيەمىزنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل تەرەققىياتىغا باپ كەلەدۇرغان مىللىي بىر تارىخ نۇقتىنەزەرى بولغۇسىدۇر. كەڭ مەنادا ئومۇمىي تۈركىستاننىڭ، تار مەنادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۇ نۇقتىنەزەر بىلەن يەڭىدىن يازىلماقى شەرتتۇر. كۈنىمىزدە، چەتئەللەردە خۇسۇسەن مۇستەقىل تۈرك يۇرتلارىدا ياشاۋاتقان، تارىخ بىلىمىدا چوڭقۇرلاغان، تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرغانلار بەلكىم بۇ ئىشنىڭ باشلانغۇچ ھۆددەسىدىن چىقالاشى مۈمكىن. بىزگە كۆرە، بۇنى قىلىش ئۇلارنىڭ مىللىي مەنسۇبىيەتىنىڭ مەسئۇلىيەتلەرى جۈملەسىدىندۇر. كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەقىقەتەن ھايات ماماتلىق پەيتتە تۇرماقتا. خىتتاي كومىنىستلارى تارىخىي ئەسى ۋە ھافىزاسىداكى تۈرك دۈشمەنلىكى ۋە يات كۈلتۈرلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى بىرلە دۇنيا فاشىزىم تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقماغان ۋە بىلىلم لۇغەتىدە ئىسمى تەخىچە قويۇلالماغان پەقەت (ھازىرچە) بىز «خىتتايچە فاشىزىم» دەپ ئاتاپ تۇرغان بۇ ۋەھشى ياتلارنى جازالاش مىتودىنى رەھىمسىز بىر شەكىلدە ۋەتەنىمىزدە ئىجرا قىلماقتادۇر. خىتتاي فاشىستلەرىنىڭ بۇ ئىجرائاتلارىنىڭ تۈپكى مەقسەدى، مىللىي كۈلتۈرىمىزنى ۋەيا ئىتىقاد سىستەمىمىزنى بىتچىت قىلىشلا ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى يوق قىلغاندەكلا، ۋەتەنىمىزدەكى (شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت) ھەممە نەرسەنى، گۈل-گىياھ، باغ ۋارانلاردىن تارتىپ دەل دەرەختكە؛يەرلىك مىمارى-قۇرۇلۇش، بىناكارلىق، مازار ۋە تارىخىي ماكانلاردىن تارتىپ كۆزىگە، ئېستېتىكىكاسىغا سىغاماغان ھەممە نەرسەنى يوق قىلماقتا ۋەيا كەيپىگە كۆرە ئۆزگەرتمەكتە. خەلقىمىزگە قاراتا بىئولوگىيەلىك قىرغىنچىلىق بىرلەن پسىخولوگىيەلىك ۋە فىزولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ يۇقارى سەۋىيە ۋە سۈرئەتتە داۋام قىلدۇرماقتا. 2017. يىلىدىن بۇرۇن بۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قاراتىلغان بولسا، ئۇشبۇ تارىختىن كەيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداشى ۋە تىلداشى بولغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتارلارغا ھەم قاراتىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە، خىتتاي فاشىزمىنىڭ نىشانىنىڭ پەقەتلا تارىملىقلار بىلەن چەكلەنمەيدۇرغانلىقى بەلكى پۈتۈن تۈركىستانلىقلارنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇپراقلارىغا ئىگە بولۇش ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىسپاتىدۇر. مەسەلە پەقەتلا ۋاقىت مەسەلەسى بولۇپ، «بۆل، پارچالا، يوق ئەت» ستراتىگەسىنىڭ بەلگىلەنگەن پروگرامماسىغا بىنائەن ئۆچىرەتى بىرلە ئىجراسىدىنلا ئىبارەت ئىدى. تارىملىقلارنىڭ ئومۇرتقاسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئويلاغان فاشىست، بۇ سەپەر غەربىي تۈركىستانلىقلارغا قورقاق ۋە ۋەھىمە سالغالى تۇردى. بۇ ئەھۋال، مىكرو مىللەتچىلىك ۋەيا رۇسچى مىللەت قاراشى ئورناپ كەتكەن قانداشلارىمىزدا غايەت زور ئويغانىش بىلەن خىتتاي تەھدىدىنى ئىدراك قىلىشقا سەۋەبچى بولدى. غەربىي تۈركىستاندا خۇسۇسەن، قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستاندا شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنچىلىققا قاراتا ئىنكاسلار كۈنسەرى ئاشىپ بارماقتا. بۇ ئىنكاس ياقىن كەلگۈسىدە تەخىمۇ زور دولقۇنلارغا، ئىجتىمائىي ھەرەكەتكە، ھەتتا قوراللىق توقۇنۇشقا ھەم ئايلانىشى ئىھتىمالدۇر. ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە ھەتتا ئىران ئەزەربەيجانىدا شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنلىق ۋە زۇلۇم تۈپەيلى خىتتاي نەپرەتى كۈنسايىن ئاشىپ بارماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلار مانجۇ ئىستىلاسىغا قارشى ئىنقىلاب باشلاتقاندا، بۇ ئىنقىلابنى غەلىبەگە ئەرىشتۈرۈش ۋە دەۋلەتىنى تىرىلدۈرۈش مەقسەتىدە غەربىي تۈركىستاندا رۇس ئىستىلاچىلارى بىلەن كەسكىن جەڭلەرنى قىلىپ ئۇرۇش تەجىرىبەسى قازانغان پەرغانەلىك قوماندان ياقۇب بەگنى كاشغەرگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. پەرغانەدىن قوشۇنلارى بىلەن كەلگەن ياقۇب بەگ، كاشغەرىيەلىكلەر بىلەن كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ مانجۇ ئىستىلاچىلارىنى كاشغەرىيە توپراقلارىدىن يوق قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا كاشغەرىيە دەۋلەتىنى قۇرغان بەدەۋلەت ئاتالىق غازى، دەۋلەتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى زامانىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەۋلەتلەرى بولغان روسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئوسمانلى دەۋلەتلەرىگە قوبۇل قىلدۇرغان، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بۈيۈك بىر دەۋلەت ئەربابىدۇر. بەدەۋلەت ياقۇب بەگ، شەرقىي تۈركىستاندا چاغداشلاشىشنى/زامانىۋىيلاشىشنى ئارمىيەسىدىن باشلاتقان، زامانىۋىي ئەسكەرىي زاۋۇتلارنى قۇرۇپ ئوسمانلى دەۋلەتىدىن يەڭى ھەربىي تەخنىكالارنى كىرگۈزگەن ئىدى. دەۋلەتىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلماق ئۈچۈن تاشقىي ئىشلار ۋەزىرلىكىگە پەرغانەلىك ئۇستا دىپلومات سەييىد ياقۇپخان تۆرەنى تەيىنلەپ ئىستانبۇل، لوندون. دېھلى ئاراسىدا ئىزچىل دىپلوماتىك پائالىيەت قىلدۇرغان ئىدى. ئىككىنچى مانجۇ ئىستىلاسىغا قارشى كۈرەشنى داۋام قىلدۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەدىدچىلىك ھەرىكەتىنىڭ تەسىرىدە پەرغانە، قازان-قىرىم-ئىستانبۇل ساھەسىدەكى قارىنداشلارى بىلەن ئىزچىل ئالاقەسىنى داۋام قىلدۇرغان. بۇ رايونداكى مىللەتپەرۋەر زىيالىيلارمۇ شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلا يالغۇز قويماغان،ئۇنۇتماغان. پىداكار مۇئەللىملەرنى ئەۋەرتىش ئارقالىق كاشغەر، تۇرپان، غۇلجا ۋە چەگۈرچەر/چۆچەك قاتارلىق مەركەزلەردە ئاقارتىش ھەرەكەتلەرىنى داۋام قىلدۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىقلاردا زامانىۋى مىللەت ئۇقۇمىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا تۈرتكەلىك رول ئويناغان ئىدى. ئۇلار سىياسى ھەرەكەتلەردە ھەم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يالغۇز قويماغان، بىرىنجى ۋە ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا پەرغانەلىك قانداش، تىلداش ۋە دىنداشلارىمىز دائىما شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ يانىدا تۇرغان، ھەتتا ئەلىخان تۆرە ساغۇنى ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنى باش بولۇپ قۇرغان ۋە مارشال ئۇنۋانى بىلەن تۇنجى رەئىسى جۇمھۇرىمىز بولغان ئىدى. يىغىنچاقلاغاندا، جەمئىيەتىمىزنىڭ مەنسۇپلارى پەقەتلا خىتتاي ۋە ئورۇس كومىنىستلارى تەرەپىدىن چىگراسى سىزىلغان ۋەيا پەقەتلا «ئۇيغۇر» كىملىكى بىلەن كىملىكلەندۈرۈلگەنلەردىن ئىبارەت ئەمەستۇر. ئەكسىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ ئانا گەۋدەسىنى تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل چىگرامىز ئىچىدەكى تارىملىقلار بىلەن پەرغانەلىكلەر شەكىللەندۈرگەندۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا پەرىقلىق تارىخلەردە كۆچۈرۈلگەن تارىملىقلار بىلەن بۇ رايوندا ئەزەلدىن بەرى ياشاپ كەلگەن تىلداش، قانداش ۋە دىنداشلارىمىزمۇ جەمئىيەتىمىزنىڭ تەبىئىي مەنسۇپلارىدۇر. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھاكىمىيەتىنى قوبۇل قىلماغانلار، ئەلبەتتە ئۇلار تەرەپىدىن سىزىلغان سىياسىي، كۈلتۈرەل چىگرالارنىمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. كۈلتۈرەل پۈتۈنلۈك ۋە بىرلىكنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سىزىلغان سىياسىي چىگرانى تونۇمايدۇرغانلىقى ئىلىم ئەھلىگە بىلىنىگلىك بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ تۈپەيلى بىز بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھەلەسى بولغان تارىملىق ۋە پەرغانەلىك تۈركلەردۇرمىزكى، بىزنىڭ كۈلتۈرەل چىگرامىز، شەرقىي تۈركىستان بىلەن چەكلەنمەيدۇ، غەربىي تۈركىستاندىن ئاناتولىيەگىچە، بۇ يەردىن بالقانلارغىچە داۋام قىلادۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ جەمئىيەتىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەرخىل ئۇرۇقلار ئىچىدە ئەلبەتتە (ئومۇمىي تۈركلەر رۇسلار ۋە خىتتايلار تەرەپىدىن بۆلۈنۈپ پارچالانغاندىن كەيىن) كۈنىمىزدە ئۆزلەرىنى ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاتار ھەتتا تاجىك دەپ ئىسىملەندۈرگەن خەلقلەر بىلەن بىرگە تۈركىستانلىق بولغانلىقىدىن غۇرۇرلانادۇرغان، تۈركلەر بىلەن تەقدىرداش موڭغۇللارمۇ باردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇرۇق كىملىكىنى ئەس-يادىدا ئوبدان ساقلاغان پەقەت كومىنىستلار تەرەپىدىن ئۇنۇتتۇرۇلۇشقا تىرىشىلغان تارىم ۋە پەرغانەنىڭ ئەسلى ئىگەلەرى بولغان، بۇ جۇغراپىيەدەكى ئەڭ قەدىمىي تۈركلەردىن قارلۇقلار، ياغمالار ، ياباقۇلار، تۈركەشلەر، چىگىللەر ۋە مەركىتلەر بولسا بۇ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگۈچى ئومۇرتقالاردۇر. كومۇنىست فاشىستلەر تەرەپىدىن رەت قىلىنغان، ئىنكار قىلىنغان ھەتتا قارالانغان ھەممە نەرسە ئەسلىدە بىز ئۈچۈن «توغرا» بولغانىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «توغرا»نى ياقلىماقى شەرتتۇر. ھازىرقى ۋەزىيەت بىزنى، ئورۇس ۋە خىتتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان مىكرو مىللەتچىلىكلەرنىڭ ئورنىغا تارىخىي ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغان ئەسلى كىملىكىمىزگە قايتىشىمىزنى، ئۇنى جانلاندۇرۇشىمىزنى؛ قانداش، تىلداش ۋە دىنداشلارىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى، ئۇشبۇ تارىخىي رىئاللىققا باب كەلەدۇرغان پوزىتسىيە ۋە نۇقتىنەزەر ئاساسىدا يەڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشىمىزنى؛ سۈنئىي ئاداۋەت ۋە قەيداشلارنى ئۇنۇتۇپ ئورتاق تۈركىستان قايغۇسى ئەتراپىدا يەڭىچە قارىنداشلىق مۇناسەبەتلەرىنى بەرپا قىلىپ چىقىشىمىزنى كۈتمەكتە. گلوباللاشقان بۇ دەۋردە، تەرەققىي قىلغان ئۇچۇر، ئالاقە تەخنىكاسى ئۇشبۇ كۈتۈشكە غايەت زور ئىمكانلار سۇنماقتا. ئەلبەتتە رىئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز، ئەمما رىئاللىق دەيىلگەن مۇھىتنىڭ، «شەكىللەندۈرۈلگەن» ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، بۇگۈن كىمىلەرى ئۈچۈن خىيال ۋەيا فانتازىيە كۆررۈلگەن بەزى پلان ۋەيا ئۈلكۈلەرنىڭ تىرشىلسا، تىرمىشىلسا ۋە ئۇشبۇ ئۈلكۈلەرگە چىرمىشىلسا «رىئاللىق»قا ئايلانادۇرغانلىقىغا ئىشەنمەكىمىز شەرتتۇر. دەۋلەتى ۋە ۋەتەنىدىن سۈرۈلگەن يەھۇدىيلارغا دەۋلەت تىرىلدۈرۈش پىكرىنى سىڭدۈرگەن سىيونىزمنىڭ ئاتاسى بولغان تىئودور ھەرزىل (Theodor Herzl) 1895-يىلى يازغان «يەھۇدىي دەۋلەتى» ناملىق كىتاپتا مۇنداق بىر سۆزنى ئايرىم بەتكە يازغان: «ئەگەر سەن ئىستەرسەڭ/ئارزۇلاساڭ، ئۇ بىر چۈش ئەمەستۇر». ھەرزىل كىتابىدا يەھۇدىي دەۋلەتىنىڭ 50 يىل ئىچىدە چوقۇم قۇرۇلادۇرغانلىقىنى 1895-يىللارىدا ئوتتۇراغا قويادۇ. دەرھەقىقەت، بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندىن كەيىن 50 يىل بولغاندا، 1945- يىلى ئىسرائىل دەۋلەتى رەسمەن قۇرۇلىدۇ. ئىككى مىڭ يىل دەۋلەتسىز قالغان، دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرلەرىگە سۈرۈلگەن، خورلانغان يەھۇدىيلار دەۋلەتىگە ئەرىشىدۇ. 2020-يىلى 5- ئۆكتەبىر
|
|

