|
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق كۆكتۇغ، يەنە بىر ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن مىننەتسىز، قارشىلىقسىز خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم خىزمەت قىلىشقا بەل باغلاغان زىيالىيلارنىڭ جەمگاھى ۋە ئەنجۈمەنى»دۇركى، ئاساسەن ئۇشبۇ مەقسەتنى يۇمۇشاق دىتالغا ئايلاندۇرۇشپ مەدەنىيەتنىڭ ئىزناسى بولغان يازىق بىلەن ئىپادە قىلىپ «ئىز» قالدۇرماق ئۈچۈن 2019-يىلى سىنتەبىردە نەشىر ھاياتىغا باشلاغان ئىدى. ئۇشبۇ قەدەم تاشلانغاندا ئوقۇرمەنلەرگە تۆۋەندەكى ئىزاھات، كۈتۈش، ئىستەك ھەم غايە بىلەن يولغا چىقىلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى: «2019-يىلىنىڭ سىنتەبىر ئايىدا سالماققىنە قەدەم بىرلە نەشىر ھاياتىغا باشلاغان كۆكتۇغ، نە بىر گەزىت/گېزىت، نە بىر ژۇرنال ۋەيا مەجمۇئەدۇر. كۆكتۇغ، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق چاغلاغان ئوقۇمۇشلۇقلار، ھەر ساھە زىيالىيلارى، يۇرت ۋە مىللەت ئاقساقاللارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدىيەتى، كۈچلەنىپ روناق تاپىشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغۇسى پىكىرلەرىنىڭ سورۇنىدۇر، مۇنبەرىدۇر. كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان (ئۆتمۈشتەكى، كۈنىمىزدەكى ھەمدە كەلەچەكتەكى) كۈلتۈرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئىستىقبالى ۋە ئۇشبۇ كۈلتۈرنى مۇھاجىرەتتە قانداق ساقلاپ قالىش ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ھەققىدەكى كۆزقاراش، ئىجادىي پىكىرلەر ۋە لايىھەلەرنى مەركەز قىلادۇرغان يازمالار، ماقالەلەرنىڭ جەمگاھىدۇر. خۇسۇسەن بىر تەرەپتىن فاشىست خىتتاينىڭ ھۇجۇمىغا يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىغا ۋە ماھىيەتىگە خىلاپ بولغان (دىنداش ياكى غەيرى مۇسۇلمان) يات مىللەت كۈلتۈرلەرىنىڭ خىرس ۋە تەھدىتىكە دۇچ كەلگەن تۈركىستان ئىسلام ئىتىقادى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداش، ياشاتىش ھەمدە نەسىللەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پىكرىي ئىشلەپچىقارىشنى قانات يايدۇرادۇرغان تور دۇنياسىداكى بىر دەرگاھتۇر. كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارىخى ھەققىدەكى مەلۇماتلارنىڭ تۈركىستان تارىخچىلىكى كۆزنەكىدە يورۇتۇلغان، ھەقىقىي مىللىي تارىخنىڭ مۇنبەرى، چىنلىقنىڭ ئەينەكىدۇر. كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، كەلەچەكى، تەقدىرى بىلەن ئالاقەدار مۇھاكەمە، مۇلاھىزە خاراكتىرلىق پىكرى، پەلسەپەۋى يازما ۋە ماقالەلەر ئازادە نەشىر قىلىنادۇرغان، گۇرۇھ ۋەيا گۇرۇپپالار ئاراسىدا بىتەرەپ، ۋەتەن ۋە مىللەت مەنپەئەتىدە تەرەپ تۇتادۇرغان مەۋقە ۋە مەيدانى روشەن بولغان بىر دوقمۇش ۋەيا مۇستەقىل ئەنجۈمەندۇر. كۆكتۇغ، شىنجاڭچە تەپەككۇرنى ۋە ئۇشبۇ تەپەككۇرنى پەيدا قىلغان زىھنىيەتنى ۋە بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلەگۈچىسى بولغان كۈنسايىن خىتتايچەنىڭ تەرجىمەسىگە ئايلانىپ كەتىپ بارغان شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىنى ئەسلىگە، توغرا بولغان ھالەتىگە قايتتۇرۇشنى، تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيانلىق بولغان خىتتاي ۋە رۇس مەركەزلىك "تىل ۋىرۇسلارى"نى تازالاشنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە كۆكتۇغلۇق زىيالىيلار باشلامچى بولۇپ ئەمەلىي ئىش قىلغۇسىدۇر. ۋەزىيەتتىن خەۋەردارلارغا مەلۇم بولغاندەك، تىلىمىز 65 يىللىق مۇستەملىكەچى تىل سىياسەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدا ئىملا ۋە يازىق ئۆزگەرتىش نامى ئاستىدا ئونلارچە رەت كىرلەتىلگەن، قۇرۇلماسى قوپاللىق بىلەن بۇزۇلغاندۇر. بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىززەت ۋە ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆكتۇغلۇقلار مۈمكىن مەرتەبە 1955- يىلىدىن بۇرۇن تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئەڭ ئاز مىڭ يىل دەۋلەت تىلى ۋە ئىلىم- بىلىمنىڭ تىلى بولغان خاقانىيە تۈركچەسىنىڭ داۋامى چاغاتاي/كاشغەر تۈركچەسىگە قايتىشنى تەشەببۇس ۋە تەرغىپ قىلادۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھازىرچە كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنادۇرغان يازمالاردا شەرقىي تۈركىستان تۈركچەسىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىدىن رايون تىلىغا، ئاندىن مۇئەييەن ئېتنىك گۇرۇپپانىڭ مەھەللە ۋە ئائىلە تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بەكىتىلگەن، تىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىگە ئۆزگەرتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ فونەتىك قانۇنىيەت بولغان `ئا` ۋە `ئە`نىڭ `ئى` ۋە `ئې`غا ئۆزگەرتىلىشىنى (يازما ئەدەبىي تىلدا) ئەكس ئەتتۈرمەسلىكنى، يەنى ئۆزگەرتمەي/ئاجىزلاشتۇرماي يازىشنى تەلەپ قىلۇر. قالغان جۈملە ئىشلەتىش ۋە تىل ئۇسلۇبىدا يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭچە جۈملە، خىتتايچە ئىبارەلەرنىڭ تەرجىمەسىنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلۇر. ئا` ۋە `ئە`نى ئۆزگەرتىش/ئاجىزلاشتۇرۇش مەسەلەسىگە قاراتا نوپۇزلۇق زىيالىيارىمىزدىن داڭلىق تىلشۇناس، ئەدىپ ۋە چاغاتاي تۈركچەسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پىشىۋاسى پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي بىلەن جەمئىيەتشۇناس پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق، فولكلورشۇناس پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت ۋە باشقا زىيالىيلار ئىمكان يار بەرگەن دائىرەدە قارشى چىقىپ كەلگەن ۋە ھەرخىل سورۇنلاردا توغراسىنى--- ئەدەبىي تىلدا/يازما تىلدا ئا` ۋە `ئە`نى ئۆزگەرتمەسلىكنى/ئاجىزلاشتۇرماسلىقنى -- تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلغان، ھەتتا ئەمەلىيەتى بىرلە ئىسپات ئەتكەن ئىدى. قىسقاسى، كۆكتۇغدا شەرقىي تۈركىستانغا دائىر پىكىر، كۈلتۈر، تارىخ ۋە سىياسەتكە دائىر يازما، ماقالەلەر ئىلان قىلىنادۇر. كۆكتۇغلۇق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ چاغداش دۇنياداكى مەدەنىي مىللەتلەردەك قەددىنى رۇسلاپ ئۇلۇسلاشماقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەڭى ئۇقۇم، ئاتالغۇ ۋە نەزەرىيەلەرنى ئىشلەپچىقىرادۇرغان، زۆرۈر تاپىلغاندا بەكىتىلگەن تىمالاردا مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرە قىلىنادۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بەرگەن تۈركىستان دوستلارىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەدەكى تەسىرلەشىش سورۇنىدۇر. ئەسكەرتمە: كۆكتۇغدا ماقالە، يازما ئىلان قىلادۇرغان كىشىلەر ئەسەرلەرىنى ئۆز ئىسىم فامىلەسى بىلەن ئىلان قىلىش بىلەن بىرگە تەخەللۇس ئىشلەتسەمۇ بولادۇر. تەھرىراتىمىز، مۇناسىۋەتلىك يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ئۇشبۇ كىشىنىڭ نام مەخپىيەتىگە كاپالەتلىك قىلادۇر. 2019-يىلى سىنتەبىر» 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىتىبارەن ئاساسەن ھەرقانداق بىر يازما، ماقالە ئىلان قىلىنمادى. سەۋەب ئىنتايىن ئاددىي ئىدى: دىئاسپورادا شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ۋە مەنسۇبىيەتىنى ئەزەلى ۋە ئەبەدى كىملىك ھەم مەنسۇبىيەت قىلغان، كۆكتۇغ مىسيونى ۋە ۋىزيونىدا ئىزچىللىقنى سىجىل قىلالايدىغانلارنىڭ كەمچىللىكى؛ بارلارنىڭ ھەرخىل «تەشۋىش» تۈپەيلى دادىل ۋە ئىزچىل بولالماسلىقى، بۇنداقلارنى قوللايدىغان، قۇۋۋەتلەپ رىغبەتلەندۈرىدىغان جامائەت ئەپكارىنىڭ ئاجىزلىقى ۋەيا چارەسىزلىكى؛ داپشاق، شەرمەندە كىشىلىك ۋە خاراكتىرنى ئۆزلەشتۈرگەن، بىۋاسىتە ۋەيا ۋاسىتەلىك خىتتايپەرەستلىك قىلىدىغانلارنىڭ دىئاسپورا سورۇنلارىدا تۆردە ئولتۇرغانلىقى/ئولتۇرۇلغۇزغانلىقى بۇ تۈپەيلى ئۇلارنىڭ مەنبەلەرنى كونترول قىلىپ تۇرغانلىقى؛ بۇ گۇرۇھنىڭ مەنسۇبىيەتى ۋە سەۋىيەسى تۈپەيلى يەڭىچە پىكىر، تەكلىپلەرنى تەھدىت كۆرىدىغان، ئەقەللىي تەنقىت-تەۋسىيەلەرگە ئەسلا دوستانە بولمايدىغانلىقى، مۇھتەمەل تەھدىتلەرگە قاراتا بەرىلگەن چارە تەدبىرلەرگە پەرۋاسىزلىقى، ھەممەدىن موھىمى «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقىنىڭ مەنپەئەتى ھەممەدىن ئەلا» نۇقتىنەزەرىدىن يوقسۇنلۇقى بىر قىسىم يازارلاردا زەرىكىشنى پەيدا قىلغان بولسا، كەمىنە پەقىردە ھەم تەرىكىشنى ھاكىم قىلغان ئىدى... يەنە بىر تەرەپتىن دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ۋە ئۇيغۇرچە «يازالايدىغان» زىيالىيلارنىڭ (دىنى-پەننىي) ۋەتەندا داۋام قىلىۋاتقان قانلىق قىرغىن ۋە دىئاسپوراداكى ئۇنىۋىرسال «ئەرىپ كەتىش»كە قاراتا ئۆزلەرىدە بار بولغان قابىلىيەت ۋە ئىقتىدار بىلەن ئىمكەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچلۈك مۇسبەت ئىنىرگىيە پەيدا قىلىش قايغۇسىنى شەخسىي نەپسانىيەتچىلىكى، مەنمەنچىلىكى،ئاغماچىلىقى، تەرەققىي قىلماسلىق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش خاھىشىنىڭ باسىپ/بېسىپ چۈشكەنلىكى سەۋەپچى بولغان بولسا، ئاشكارا قىلىشنى خاھلاماغان ئەمما ھەرىكەت قىلىقلارىدا روشەن بولغان ئىچكى دۇنياسىغا ئورناپ كەتكەن «خىتتاي ۋەھىمەسى» بىلەن «نەپرەتسىمان خىتتاي مۇھەببەتى» ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىخارامان خىزمەت قىلىش ئىرادەسىنى دائىما «تورمۇز»لاپ تۇرغان. ئەلبەتتە كۆكتۇغدىن بۇرۇن ماڭدۇرىلىۋاتقان «ئىمكان»لارى كۆپ ۋە ئىقتىسادىي مەنبەسى مول بولغان ھەرخىل مۇنبەرلەر، تور بىكەتلەرى بەزى يازارلارنى كۆكتۇغدا يازماسلىققا دەۋەت قىلغان بولسا، ئۆزلەرىدىن تەخىمۇ ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەرلەرنىڭ «ئەمما، لاكىن»سىز كەسكىن پىكىرلىك، مۇلاھىزە مەنبەلىك جەمگاھتاكى ئىزچىل تەرەققىياتىدىن بىئارام بولغانلىقى باشقا بىر ھەقىقەتتۇر. بىر يارىم يىللىق سۈكۈت ۋە كۈزەتىش ئەمدى ئاخىرلاشتى. كۆكتۇغ ۋە تەڭرىتاغ كۆشەسى تەكرار ياش شەرقىي تۈركىستانلىق پىداكارلارنىڭ كۈچلۈك قوللارىدا لەپىلدەمەكچى.... ۋەتەنىمىز ۋە مىللەتىمىزنىڭ ياخشىلىقىغا ۋەسىلە بولغاي! 2022-يىلى ئيون
|
|

