شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى

شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

بۇ يازما تۈرك مىللەتچىلەرىنىڭ ئەڭ چوڭ نەشىر ئەپكارى بولغان تۈرك يۇردۇ ژۇرنالىنىڭ 2020-يىللىق تۇنجى سانىدا (ئومۇمىي389-سان ) ئىلان قىلىنغان. تۈركچەسى ئۈچۈن قاراڭ: 

https://gazi.academia.edu/Abdurre%C5%9FitCelilKarluk

https://www.turkyurdu.com.tr/dergi-detay.php?id=451

دەۋرىمىزنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئىمكانلارى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئاراسىدا ۋەيا قىتئەلەر ئاراسىدا ئالاقە ۋە تەسىرلەشىشىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن تارىخنىڭ ھىچ قانداق بىر دەۋرىدە كۆرۈلمەگەن ئىمكەنىيەتلەرنى تەقدىم قىلماقتا. بۇ دەۋردە، تەسىرلەشىش ۋە ئالاقەلەشىش خاھلانسا ياكى تەلەپ قىلىنغانىدا ھەر ئەھۋالدا، ھەر يەردە ھەرخىل سەۋىيە ۋە دەرەجەدە (بۇلار) مۈمكىن بولماقتا؛ زۆرۈر بولغان بەدەل تۆلەنگەنىدە، «ئەرىشمەك»، «ئىگە بولماق» ھەتتا «دەرتنىڭ دەرمانىنى تاپماقى» تامامەن مۈمكىن بولماقتا. بۇ چاغ ۋەيا دەۋر ھەققىدەكى ئەدەبى ۋەيا پەلسەپەۋى تەسۋىرلەرنى، مۇلاھىزە ھەم مۇھاكەمەلەرنى ئۇزاتماق تامامەن مۈمكىندۇر.

ياشاۋاتقان مىللەتلەر ۋەيا خەلقلەرنىڭ موھىم بىر قىسمى، خۇسۇسەن مەدەنىيەت ئىنشا قىلىش يوشۇرۇن كۈچى ۋەيا جاھانگىر مىللەت بولۇش ئىستەكى بار بولغان مىللەتلەر مانا مۇشۇ قويۇق ئالاقە ۋە تەسىرلەشىش داۋام قىلىۋاتقان يەرشارىلاشقان دەۋردە، ئەسىرلىك ئۈلكۈلەرىنى (ئۈلكۈ—مىللەتلەرنىڭ ئەبەدىي غايەۋى نىشانى، مىللەتلەرنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى پەلسەپەۋى ئىنىرگىيە، مىللىي ئىشق) ياڭىلاش ۋە زەرەتلەش ئارقالىق مەۋجۇدىيەتلەرىنى ھەر ساھەدە كۆز بىلەن كۆرۈنۈر شەكىلدە ھىس قىلدۇرماقتا. بۇ خىل بۈيۈك مىللەت بولۇش ئالاھىدەلىكلەرى بار بولغان مىللەتلەر، ھاكىمىيەتىنى تەسىس قىلغان سىياسىي چېگرالارى ئىچىدەكى ۋەيا چېگرالارى سىرتىدا تەسىرى ئاستىغا ئالغان ئۈلكۈسىز ۋەيا ئۈلكۈسىنى يوقاتقان مىللەتلەرنى/خەلقلەرنى ئەرىتىشكە، مەھكۇم قىلىشقا، شۈمۈرۈشكە داۋام قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل جەرىيانغا قارشى تىركەشكەن، ئۈلكۈسىنى تەخىچە تامامەن يوقاتماغان، تارىخى ئەس-ھافىزالارى نىسبەتەن جانلىق پەقەت ئاجىز ئورۇندا قالغان مىللەتلەر بولسا بىر بىرىدىن پەرىقلىق قىرغىنچىلىقلارغا، سىڭدۈرمە ۋە ئەزىشكە، ئىشكەنجە ھەم زۇلۇمغا دۇچ كەلمەكتە.

مەلۇم بولغاندەك، تۈركلەر ئوتتۇرا ئەسىردەكى شانلىق يۈكسەلىشىنى ۋە تۈرك-ئىسلام كۈلتۈرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرغان ئادالەت مەركەزلىك نىزامى ئالەم تۈزۈمىنىڭ ئۈستۈلۈكىنى ياقىن چاغلاردا ئەينەن داۋام قىدۇرالمادى. بۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن خرىستىيانى قىممەت قاراشلار ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان غەرپ مەدەنىيەتى ۋە بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى بولغان كاپىتالىست تۈزۈم بولسا ماددى ئامىللارنى مەركەزگە قويغان ئىسمىنى «مودەرن» دەپ ئاتاغان ياڭى بىر چاغنى ئوتتۇراغا چىقارتتى. مانا مۇشۇ تۈزۈم ئاساسىدا ئوتتۇراغا چىققان زورلاش ۋە تاڭىش كۈچى كۈچلۈك بولغان ھەر خىل ئىدىئولوگىيەلەر دۇنيامىزدا، خۇسۇسەن غەرپنىڭ سىرتىداكى مىللەتلەر جەمىيەتلەرىدە ئاياغى چىقماس غەۋغالارغا سەۋەپچى بولدى ۋە بولۇشقا داۋام قىلماقتا. دۇنياغا نىسبەتەن ئادىل تەرتىپ ۋە تۈزۈم ئالىپ كەلگەن تۈركلەر، كاپىتالىست تەرتىپ ۋە تۈزۈم ئىچىدە تامامەن دەگۈدەك دەرەجەدە ۋەيران بولغان پەقەت تامامەن يوق بولماغاندۇر. تۈركلەرنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي بۆلەكى (شەرقىي، شىمالىي ۋە غەربىي تۈركىستان، ئىدىل-ئۇرال بىلەن كافكازىيە) ئورۇس ۋە خىتتاي مۇستەملىكىچىلىكى ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش كويىدا بولغان بولسا، جەنۇبى (جەنۇبىي تۈركىستان/ئافغانىستان، خوراسان ۋە ئازەربايجان) ئاساسەن پارىسلارنىڭ كۈلتۈرەل ھاكىمىيەتى ئاستىدا قالغان، غەرىبى بۆلەكى (ئوسمانىيلارنىڭ داۋامى) بولسا غەرپ مەدەنىيەتىنىڭ ھەرخىل تاجاۋۇزىغا، مۇستەملىكەسىگە دۇچ كەلگەن، ئىزچىل بىر شەكىلدە ئۆزىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلۇپ  «تۇڭگانلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىدا كىملىكىدە پەرىقلىشىپ داۋامىغان داۋام قىلغان. خۇلاسەلەگەندە، كاپىتالىست تۈزۈم ئىشلەپچىقارغان ھەرخىل سىستىمالار ئىچىدە تۈركلەرنىڭ دۇنياسى مەۋجۇتلۇقلارىنى مۇستەملىكە قىلىنىش، يوق قىلىنىش ۋە بۇلارغا قارشى تىركەشىش ئىچىدە داۋام قىلدۇرماقتادۇر.

بىزگە كۆرە، تۈركلەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە ئىستىقلالى ئۈستىدە مىڭە چارچاتماقتا بولغان تۈرك مۇنەۋۋەرلەرى، ئومۇمىي تۈركلەرنىڭ تارىخىي ئۈلكۈلەرىنى تىرىك ۋە جانلىق تۇتقاچ 21-ئەسىردە تەخىمۇ تەشكىللىك بىر شەكىلدە مەۋجۇدلۇقىنى داۋام قىلالماسلىقىنىڭ تەكتىدە تۆۋەندەكى ھەقىقەتلەرنىڭ ياتقانلىقىدەك موھىم بىر نۇقتاغا دىققەت قىلماقلارى لازىمدۇر: ناھايەتى كەڭرى جۇغراپىيەدە ياشاغان ۋە ياشاۋاتقان تۈركلەر، ئىسلامىيەتتىن كەيىن كۈچلۈك ۋە مۇقىم سىياسىي بىرلىكنى تەشكىل قىلالماغانلىقى تۈپەيلى ئىزچىللىقنى ۋە بىرلىكنى كاپالەتكە ئالالايدۇرغان تۈزۈملەشكەن بىر تۇتاش مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىياسەتىنى بەرپا قىلالماغان. ئەمىر تىمۇر ھەزرەتلەرىنىڭ تۈركلەرنى بىر بايراق ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى ئۇنىڭ ئۇرۇقىدىن كەلگەنلەرچە داۋام قىلدۇرۇلماغان، ھەتتا ئىچكى نىزا بىلەن ئۇنۇتۇشقان؛ ياۋۇز-شاھ ئىسمائىل توقۇنۇشى كەيىنچە مەزھەپ بۆلۈنۈشىگە قەدەر تەرەققىي قىلغان. پارس تەسىرىدەكى سافەۋىي دەۋلەتى تۈركىستان خانلىقلارى بىلەن ئوسمانىيلار ئاراسىدا ئىزچىل پەرىقلىقلەشكەن بىر كىملىك بىلەن مەۋجۇدىيەتىنى داۋام قىلىپ ئاقىبەتتە شىئە ئىران دەۋلەتىنىڭ ئوتتۇراغا چىقىشىغا توسالغۇ بولالماغان. ئوتتۇرا شەرق كۈلتۈرىنىڭ ئىسلامىيەت ياپىنچاسى ۋەيا لىباسى ئاستىدا خۇسۇسەن ئولتۇراق ھاياتنى قوبۇل قىلغان تۈركلەرنى قورشاۋغا ئالىشى ئۇشبۇ تۈرك جەمىيەتلەرىدە ئەس-ھافىزا ئالماشىشىغا ھەتتا ئاتا ۋە ئانا يۇرتتىن ئۇزاقلاشىشقا سەۋەبچى بولغان. بۇ خىل ياتلاشىش خاھىشى ئوسمانىيلاردىن كەيىنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ زىيالىيلارىدا ھۆكۈمران بولغۇسى مودەرنىست، ئوريانتالىست زىھنىيەتتە (پەرىقلىق بىر شەكىلدە) ئۆزىنى كۆرسەتتى. بارلىق ئۆزگەرىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ تەكتىدە، تۈركلەرنىڭ مۇستەھكەم بىر مىللەت بولالاشىنىڭ زىھنىي ئۇلىنى شەكىللەندۈرەدۇرغان، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل زەمىننى تەييارلايدۇرغان سىستىمالىق، بىر پۈتۈن مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىستىماسىنىڭ شەكىللەندۈرەلمەگەنلىكىدەك بىر ھەقىقەتىنىڭ ياتقانلىقىنى بايان قىلماق تامامەن مۈمكىندۇر. ئەلبەتتە، بۇنىڭ شەكىللەنمەكى ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ كاپالەتى بولغان ئىزچىللىقى شەرت بولغان سىجىل بىر سىياسىي بىرلىك ئەمەلىيلەشكەن بولۇشى كەرەك ئىدى. ئاساسەن، سىياسىي بىرلىكنىڭ ئوتتۇراغا چىقىشىنى ئىستەيدۇرغان زۆرۈرىيەتنىڭ ئىدراك قىلىنىشىدا  ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇرغان "بەدەل تۆلەش" ھەققىدەكى ئاڭنىڭ تەشكىل قىلىنىشى شەرت ئىدى. بۇ ئاڭنىڭ شەكىللەنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنمۇ ساغلام بىر ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە قىممەت قاراشلار سىستىماسى لازىمدۇر. بۇلارنىڭ ئىستەنگەن سەۋىيەدە بولماغانلىقى ۋەيا يەتەرلىك دەرەجەدە ئەھمىيەت بەرىلمەگەنلىكى تۈپەيلى تۈركلەر دۇنياسىدا بۆلۈنمەچىلىك، بەكىنمەچىلىك، تەپرىقەچىلىك، پارچالانغانلىق ئەمەلىيەتى كەڭرى بولغان. تۈركلەرنىڭ ئەتراپىدا يۈكسەلگەن ياڭى ۋە نىسبەتەن قەدەمىي مەدەنىيەتلەر تۈركلەرنىڭ دۇنياسىدا ھەر ساھەدە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەسىس قىلىشقا تىرىشالاغان ۋە مەقسەتلەرىگە مۇئەييەن سەۋىيەدە يەتىشكەن.

تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاز 3000 يىللىق تارىخىدىن ئالىدىغان دەرس ۋە ساۋاقلارى تۈپەيلى ھەزەر ئەيلەمەك شەرت بولغان ئۈچ مىللەت باردۇر: بۇلارنىڭ تۇنجىسى تارىخىي ۋە قىيامەتلىك ئاداۋەتى بار بولغان خىتتايلاردۇر. خىتتايلارنىڭ تۈركلەر ھەققىدە نەمە ئويلايدۇرغانلىقى ئورخۇن مەڭگۈ تاشلارىدا ئاشكارا ۋە مەخپىي بىر شەكىلدە بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتتاي مەنبەلەرىدە بۇ خۇسۇستا ناھايەتى كۆپ مەلۇماتلار باردۇر. جانلىق پاكىت كۆرمەكچى بولغانلار شەرقىي تۈركىستانداكى رىئاللىققا ۋە تۈركلەر دۇنياسىداكى خىتتاي كەڭەيمەچىلىكىگە قاراماقى يەتەرلىكتۇر. ئىككىنجى ھەزەر ئەيلەمەكى شەرت بولغان مىللەت پارسلاردۇر. پارسلار بىلەن تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋەتى بولسا تۈرك-خىتتاي مۇناسىۋەتلەرى كەبى قانلىق-پىچاقلىق بىر مۇناسىۋەت بولماسىمۇ، تۈركلەرنىڭ پارىس تىلى ۋە كۈلتۈرى ئالدىدا يەتەرلىك چىدام بىلەن ئۈستۈن كەلەلمەگەنلىكى تۈركلەرگە مەلۇملۇق. پارىس تىلى ۋە كۈلتۈرى ئىچىدە ئەرىپ كەتىش ئەھۋالى تۈركلەرنىڭ ئىران ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندىستان جۇغراپىيەسىدە قۇرغان دەۋلەتلەرىنىڭ ئۆرنەكلەرىدە كۆرۈلگەندۇر. تۈركلەر ھەزەر ئەيلەمەسە بولمايدۇرغان ئۈچۈنجى بىر مىللەت بولسا ئورۇسلاردۇر. ئورۇسلار كەيىنكى 500 يىللىق جەرىياندا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرگە قانچەلىك زىيان سالغانلىقى ۋەيا تەخىمۇ سالالايدۇرغانلىقى بىلىنىگلىك بىر ھەقىقەتتۇر. تۈركلەر دۇنياسىنىڭ ناھايەتى چوڭ تۇپراق پارچالارى تەخىچە ئورۇس چېگراسى ئىچىدە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورۇسلارنىڭ ئىسسىق دەڭىز چۈشى ۋەيا ئۈلكۈسىنىڭ ئىنتايىن جانلىق ئىكەنلىكى سۈرىيە ئۇرۇشىدا ئۆزىنى كۆرسەتتى. بەھس قىلىنغان بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ تۈركلەر ھەققىدەكى ئەس ۋە ھافىزالارىنىڭ دائىما جانلىق ۋە تىرىك ئىكەنلىكى، دەۋلەتلەرىنىڭ ھەرقايسى ئورگانلارىدا ئىزچىل ھالدا ئومۇمىي تۈركلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشلەتكەنلىكى، ئاكادەمىيە ۋە تەتقىقات مەركەزلەرىدە تۈركلەر ھەققىدە ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقاتلارنى ئالىپ بارادۇرغان ئورگانلارىنىڭ دائىمىيلىقىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىزلەرگە مەلۇملۇق. بۇنىڭ دەل تەتۈرىسىچە، تۈركلەرنىڭ ئەس-ھافىزالارىدا ئۈزۈكلۈك ۋە ئۇنۇتۇلۇشلارنىڭ بولغانلىقى سەۋەبلىك باشتا خىتتايلار بولماق ئۈزەرە پارىس ۋە ئورۇسلار ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دائىمىيلىقىغا ئەھمىيەت بەرىلمەگەنلىكى ھەم ئۆتمۈشتە ھەم كۈنىمىزدە كۆرۈلمەكتەدۇر. بۇ سەۋەبلىك باشتا قوش تەرەپلىك دىپلوماتىيە  بولۇش بىلەن بىرگە ئىقتىساد، تىجارەت، مائارىپ، كۈلتۈر ساھەلەرىدە تەڭخىل مۇناسىۋەتنىڭ  (مۈتەقابىلىيەت) ھىچ ئىجرا بولماغانلىقى ئىزتىراپلىق بىر ھەقىقەتتۇر. كەيىنكى ئون يىل ئىچىدە تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك جۇمھۇرىيەتلەرىدە يۇقارىدا بەھس بولۇنغان ئۈچ دەۋلەتنىڭ سىستىمالىق پلانلارى ئەتراپىدا ئىقتىسادىي ۋە ئىدىئولوگىيەلىك كۈچ بىلەن شەكىللەندۈرۈلگەن لوبىلەرى، يەرلىك يانتاياقلارىنىڭ سانى ۋە سۈپەتىدە جىددى ئۆزگەرىش بولغانلىقى، جەمىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملارىدا خىتتايپەرەستلىك ۋەيا خىتتايچىلىقنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكى كۆز بىلەن كۆرۈنۈر ھال ئالدى. بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادەسى تۈركىيەدەكى 15- ئىيول مۇۋەپپەقىيەتسىز ھەربىي ئۆزگەرىشتىن كەيىنكى تۈرك سىياسەتىدە ئۆزىنى كۆرسەتتى. تۈرك سىياسى تارىخىدا ئەسلا مەركەزگە يولۇقالماغان خىتتايپەرەس ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ ئىدىئولوگىيەسى ۋە سىياسى سەپسەتەلەرى تۈرك تاشقىي سىياسەتىنىڭ مەركەزىدىن ئورۇن ئالدى. ھەمدە ئىسلامچى ۋە مىللەتچى بىر ھاكىمىيەتتە... ئاقىبەتتە خىتتاي لوبىچىلىكى ۋە يەرلىك خىتتايپەرەستلەر تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىلا تەھدىت بولۇپ قالماستىن بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دەۋلەتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سەۋىيەسىدە پائالىيەت قىلىشقا باشلادى...

بولۇپمۇ خىتتاي ئىشغالىيەتىدەكى شەرقىي تۈركىستاندا 2014-يىلىدىن بەرى داۋام قىلىۋاتقان تۈرك-ئىسلام قىرغىنچىلىقى پۈتۈن جەھەتلەرى بىلەن ئۇچىغا چىققانىدا تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈن-تىنسىزلىقى، خۇسۇسەن تۈركىيەدە بۇ ئەھۋالنىڭ تەخىمۇ روشەن بولۇشى كىشىلەرنى تەخمۇ چوڭقۇر ئويغا سالماقتا. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنى قۇرغۇچى پىكىرلەر ئاراسىدا ناھايەتى موھىم يەرى بولغان تۈركچىلىك ۋەيا تۈرك مىللەتچىلىكى ئومۇمىي تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە مەۋجۇدىيەتىنى تەرغىپ ۋە مۇھاپىزەت قىلادۇرغان بىر پىكىر ۋە ئىدىئولوگىيە ھەرىكەتى ئىدى. مانا مۇشۇنداق ھەرىكەتنىڭ مەنسۇبى دەپ قارالغان گۇرۇپپالار، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىپ تۇرغان قىرغىنچىلىق ئالدىداكى پاسسىپ پوزىتسىيەسى، ھەتتا جىمغورلۇقى تۈركلۈكنى بىر ۋە پۈتۈن  شەكلىدە ئويلايدۇرغان زىيالىيلارنى بىئارام قىلغان بولسا، كەڭ خەلق ئامماسىدا چۈشكۈنلۈك پەيدا قىلدى ۋە تۈرك دۈشمەنلەرىنى مىسلى كۆرۈلمەگەن دەرەجەدە خۇرسەن قىلدى. خىتتاي كومىنىست فاشىزمى بولسا، بۇنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىلھام ئالىپ ئىجرائاتلارىغا ئەڭ يۇقارى سۈرئەتتە داۋام قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان تۈركلىكى خىتتاي كومىنىست فاشىستلەرىنىڭ 1955- يىلىدىن بەرى ئىجرا قىلىپ كەلگەن سىستەماتىك ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ۋەيران قىلغۇچى تەدبىرلەرىگە قارشى يالغۇز ھالدا كۈرەش قىلىپ كەلدى. پەقەت 1994-يىلىدىن بەرى ئەھۋال تامامەن ئۆزگەرگەن بولۇپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان، تېخنولوگىيەدە تىز سۈرئەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىتتاي، بۇ ئىمكانىيەتلەردىن تولۇق پايدىلانىپ ئىنسانلىق قالىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكىنى  دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا نامايەن قىلماقتا. ھەتتا پۈتۈن تېخنولوگىيەلىك ئىمكانلارىنى بۇ ۋەھشىيلىكى ئۈچۈن سىناماقتا ۋەيا سەپەربەر قىلماقتا. 5- فىۋرال غۇلجا قاتلىئامى (1997)، 5- ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى (2009) ئالدىدا خەلقئارا جەمىيەتنى خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن قانداش،  تىلداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسەتچىلەرىنى، دەۋلەت چوڭلارىنى  جىم تۇرغۇزۇپ ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولماسلىقىغا كاپالەت قىلالاغان خىتتاي رەھبەرلەرى بۇنىڭدىن تەخىمۇ چوڭ ئىلھام ۋە جاسارەت ئالدى. تۈرك-ئىسلام دەۋلەتلەرىگە بەرگەن ھەرخىل قەرز ۋە پارا بىلەن مۇناسىۋەتلەرىنى ستراتىگىيەلىك سەۋىيەگە چىقارتقان خىتتاي، ئۇيغۇرلارنى دەۋلەت دۈشمەنى قىلىپ بەكىتكەندىن كەيىن شەرقىي تۈركىستاننى چاغداش دۇنيانىڭ ساقچى ۋە ئەسكەر دەۋلەتىگە ئايلاندۇردى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنى توپتىن قولغا ئالىش، خىتتاي تىپى ناتسىست لاگىرلارنى تەسىس قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلدى. تۈركىيەنىڭ 15-ئىيۇل ئەسكەرىي ئۆزگەرىشتىن كەيىن ئا.ق.ش. بىلەن مۇناسىۋەتى يىرىكلەشكەن، پەقەت روسىيە ۋە خىتتاي بىلەن مەجبۇرى ھالدا ياقىنلاشقان بىر پەيتتە بۇ لاگىر ئىجرائاتىغا كىرىشكەنلىكى خىتتاينىڭ نە قەدەر قەبىھ بىر دەۋلەت ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر باشقا جەھەتتىن كۆرۈنۈشى ئىدى. بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى باشتا، نۇرغۇنلاغان ئىشەنچلىك خەلقئارالىق ئورگانلار ئۈچ مىليوندىن كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تەرەپىدىن سۇئال سوراقسىز لاگىرلارغا تىقىلغانلىقى، ئىشكەنجە قىلىنىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلىشتى. بۇ دوكلاتلاردا، لاگىرلارغا سولانغان كىشىلەرنىڭ ئىشكەنجە، باسقۇنچىلىق، تىببىي تەجرىبە ۋە ئۆلۈملەر بىلەن جازالاندۇرۇلماقتا ئىكەنلىكى قەيىت قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرى لاگىرلارغا سولانغان ئائىلەلەرنى دەۋلەت تەرەپىدىن يەرلەشتۈرۈلگەن خىتتاي ئەرلەرى بىلەن "قارىنداش ئائىلە" قىلىشتىن ئىبارەت 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ يىرگىنىشلىك دەۋلەت سىياسەتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلادى. دەۋلەت ياردەمى بىلەن ئۇيغۇر، قازاق قىزلارىغا ئىگە بولۇشقان خىتتاي ياشلارى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ غورۇرىغا تەگەدۇرغان، ئىززەت نەپسىگە ھاقارەت بولادۇرغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتىشتى. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ھەرخىل خەۋەرلەر، كۆرۈنۈشلەر ۋە لاگىرلاردىن قۇرتۇلغان چەتئەللىك ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بەرگەن گۇۋاھلىق ۋىديولارى غەرپتە ناھايەتى چوڭ ئىنكاس پەيدا قىلدى ۋە ئاساسلىق چوڭ مەديالار شەرقىي تۈركىستانداكى قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمنى مەركەزى كۈنتەرتىپىگە ئالدى. بەزى غەرپ دەۋلەتلەرى بۇ زۇلۇم قارشىسىدا جىم تۇرماغان ۋە ھەرخىل مۇنبەرلەردە خىتتاينى ئەيىپلەش بىلەن بىرگە ھەرخىل ئىمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلادى. بۇ قەدەر قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسان ئەقلى يەتمەيدۇرغان ھاقارەت، كەمسىتىش داۋام قىلىۋاتقاندا ئىسلام ۋە تۈركلۈك ھەققىدە ئەڭ گۈزەل نۇتۇق ئاتادۇرغان سىياسەتچى جانابلارنىڭ، ئاتالمىش ئىسلام جۇمھۇرىيەتلەرىنىڭ خىتتاي بىلەن سەپ تۇتۇشلارى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئەمەس بەلكى مەدەنىي دۇنيانىڭ دەۋلەتلەرى ۋە كىشىلەرى تەرەپىدىن ئەيىپلەنمەكتە. ئۇشبۇ دەۋلەتلەرنىڭ مەشھۇرلارى باشتا ئۆزلەرىنىڭ دەۋلەتلەرىدەكى ئىنسانلىق شەرەپىنى يوق قىلماغان مىليونلاغان كىشىلەر نەزەرىدە ئىتىبارلارىنى يوقاتىشتى. تۈركچى ۋەيا تۈرك مىللەتچىسى سىياسەتچى مۆھتەرەملەرنىڭ  ئۈن-تىنسىز جىمىپ كەتىشى، ئىچكى توقۇنۇشلارىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى ۋاسىتە قىلىشىپ كەتىشلەرى ياكى "ئەدىرنەگە ئەنۋەر كەلمەي كىم كەلسە كەلسۇن" پوزىتسىيەسى بىلەن خىتتاي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشىۋاتقانلىقلارى ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئۆز سەپسەتەلەرىنى، ئۆزلەرىنىڭ غايە، ئىدىئولوگىيەلەرىنى چىرىتكەنلىكلەرىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ ھال ئاتالمىش تۈركچى، تۈرك مىللەتچىسى جانابلارنىڭ تۈرك مىللەتى ئىچىدە ئىتىبارىنى يوقاتىشىغا سەۋەپ بولماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ كېيىنكى 70 يىللىق سىياسىي ھاياتىغا ئومۇمىي جەھەتتىن قارايدۇرغان بولساق، مۇھاپىزىكار  سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئەنئەنەدىن كەلگەنلەرنىڭ سىياسەت سەھنەسىدەكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچەلىكنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتەلەيمىز. 1950-يىلىدىن كەيىنكى كۆپ پارتىيەلىك سىياسىي ھاياتتا ھاكىمىيەت باشىدا ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلار يەنىلا مۇھاپىزىكار پارتىيەلەردۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى سۇلتان ئابدۈلئەزىز خاندىن بەرى پەرىقلىق دەۋرلەردە ئوسمانىيلار ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بولغان. ئوسمانىيلار دەۋرىدە تەخىدىنمۇ بەكرەك دەۋلەت سىياسەتى شەكلىدە مۇئەييەن دەۋردە موھىم كۈنتەرتىپتە بولغان بولسا، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە خۇسۇسەن 1950-يىلىدىن كەيىنكى كۆپ پارتىيەلىك دەۋردە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تەشۋىقاتلارىدا ياكى ئىدىئولوگىيەلەرىنىڭ مەلۇم بىر تەرەپىدە قالغانلىقى، ئەڭ كۆپ بولغاندا مۇئەييەن ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچى باياناتلارىدىن قىسمەن يەر ئالالىغانلىقى مەلۇم. شەرقىي تۈركىستان مەسەلەسىنىڭ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە بىر تۈرلۈك دەۋلەت سىياسەتىگە ئايلانالماغانلىقى تۈپەيلى، تۈرك تاشقى سىياسەتىدە ھىچبىر ۋاقىت مۇقىم ۋە ئىزچىل ئورنى ۋە يەرى بولماغان. بۇنىڭ ئەڭ موھىم سەۋەبلەرىدىن بىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىدىئولوگىيەسى بىلەن يۇمتالى ئىكەنلىكىنى ئايتماق مۈمكۈندۇر. چۈنكى، غەرپ مەدەنىيەتىنىڭ ئەندىزەسىدەكى ئۇلۇس-دەۋلەت ئىدىئولوگىيەسى ۋە مىساقى مىللى غايەسى، جۇمھۇرىيەت چېگراسى سىرتىداكى تۈركلەرنى "قايغۇ"نىڭ سىرتىدا تۇتقان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىيە ھەر ساھەدە غەرپ لاگىرىدىن ئورۇن ئالغان بولغاچقا دەۋلەت ئىچىدەكى سىياسىي تەشكىلاتلانىشلارمۇ ئاشۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان. غەرپ مەركەزلىك ئوڭچى ۋە سولچى ئىدىئولوگىيەلەر ئاراسىداكى توقۇنۇشلار دەۋلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ نۇرغۇن ئىنىرگىيەسىنى خوراتقان، بۆلۈنگەن ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپالار ئۆزلەرىنىڭ مەۋجۇدىيەت ۋە مەشرۇئىيەتلەرىنى مۇئەييەن بىر "داۋا"غا تاياندۇرۇش ئارقالىق ئەسلىدە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ داۋاسى بولۇشى كەرەك بولغان مۇقەددەس داۋالارنى مۇئەييەن بىر سىياسىي، ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپلارنىڭ كوزىرىغا ئايلاندۇرغان. مانا مۇشۇ جەرىياندا، تاشقى تۈركلەر ۋەيا "ئەسىر تۈركلەر" مەسەلەسى قاتارىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئاساسەن مىللەتچى-ئۈلكۈجى گۇرۇپپانىڭ كۈندەلىك تەشۋىقات تەرغىباتىغا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيەت ۋە مەشرۇئىيەت مەنبەسىگە ئايلانغان. باشقا پارتىيە ۋەيا سىياسىي گۇرۇپپالارنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپىدە بولماغان. بۇ گۇرۇپپالار ئاراسىداكى سىياسىي غەۋغا تۈپەيلى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى مىللەتچى، ئۈلكۈجى گۇرۇھلاردىن باشقا سىياسىي، ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپالار تەرەپتارلارىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىن ئۇزاق تۇتقان. ئەلبەتتە بۇ جەرىياندا شەرقىي تۈركىستانلىق داۋاگەرلەرنىڭ سىياسى سەۋىيەسى ۋە ساپاسىمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى توقۇنۇشىدا ۋاسىتە بولۇپ قالىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئەھۋالنىڭ كۈنىمىزدە ھەم ئۆزگەرمەگەنلىكى مەۋجۇت تەرەپباز داۋاگەرلەرنىڭ پوزىتسىيە ۋە پائالىيەتلەرىدىن مەلۇملۇق.

1980-يىلى تۈركىيەدە ئەمەلىيلەشكەن ھەربىي ئۆزگەرىش ۋە تۇرغۇت ئۆزال بىلەن باشلاغان لىبەرال كاپىتالىزم، 1990- يىلىدىن كەيىنكى سوۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى، دۇنيا مىقياسىدا ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ ئۆلۈشى...دەك ھەقىقەتلەر تۈرك مۇھاپىزىكار سىياسەتىدە ناھايەتى كەسكىن تەگىشىش ۋە ئۆزگەرىشلەرنى ئوتتۇراغا چىقارتتى. سوغۇق ئۇرۇش جەرىيانىداكى نۇقتىنەزەر ۋەيا باياناتلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچەسىنىڭ ئىچى قۇرۇغدانغان بولۇپ تەخىمۇ بەكرەك پوپۈلىست باياناتلارى ئالدىغا چىققان بىر جەرىيان باشلانغان بولدى. تۈركچى، مىللەتچى باياناتلار ياڭى دەۋردا ئۆزىنى ياڭىلاپ، زەرەتلەنەلمەگەنلىكى تۈپەيلى پىكىر ئىشلەپچىقارىشى ناھايەتى يەتەرسىز قالغان، بولۇپمۇ زىيالىيچە بىر ھەرەكەت شەكلىدە ئوتتۇراغا چىققان تۈركچىلىك ھەرىكەتى ئۇشبۇ خۇسسۇسىيەتلەرنى تامامەن دەگۈدەك دەرەجەدە يوقاتىپ قويغان. مىللەتچىلەر، تۈركچىلەر ياڭى ۋە ئۆتكۈنچى بولماغان بايانات، نۇقتىنەزەر ئوتتۇراغا قويالماغانلىقى تۈپەيلا بارغانسىرى تۈركىيەلىكلەشىش، پارتىيە مەنپەئەتىنى ئالدىغا چىقارىش كويىدا ئىزچىل تارايىپ كىچىكلەگەن. بۇ جەرىياندا، شەرقىي تۈركىستاننى يۇتۇۋالىش كويىدا بولغان خىتتاي تەخىمۇ "ئەقىللىق" ھەرەكەت قىلىشقا باشلاغان. 1980-يىلىدىن كەيىن باشلاتقان ئىسلاھات ۋە ئاچىۋەتىش ستراتىگىيەسى بىلەن چەتنىڭ مەبلەغى ۋە تېخنىكاسىدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇئەييەن سەۋىيەدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىتتاي، مۇسۇلمان دۇنياسىدا چوڭ بازار ۋە خامماددا مەنبەسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ دەۋلەتلەردە كۈچلۈك لوبىچىلىك تورلارىنى ئىنچىكىلىك بىلەن توقۇشقا باشلادى. 1992-يىلىدا "خىتتاي تىپى سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى"غا ئۆتكەن خىتتاي كومىنىستلارى شەرقىي تۈركىستانغا 1994 -يىلى ۋاڭ لېچۈەننى باش سېكىرتار قىلىپ ئەۋەرتكەندىن كەيىن بۇ رايوندا ئۆز قانۇنلارىنى بىر بىر ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تامامەن سىياسىي بۇيرۇق ۋە شەخسىي كەيپىياتى بىلەن باشقۇرۇشقا باشلادى. خىتتاي كومۇنىست رەھبەرلىكى ئۇيغۇر تۈركلەرىنى خىتتايغا دۈشمەن مىللەت قىلىپ بەكىتكەندىن كەيىن خىتتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنى يەكلەش، يالغۇزلاشتۇرۇش، ئىتىبارسىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتىگە ئۆتتى. خىتتايدا مۇداپىئەسىز قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلارىنى يەنە شۇ خىتتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلارى ئەتراپىدا قوغداماقچى بولغان پروف. ئىلھام توختىغا ئوخشاش زىيالىيلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالادى. چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش، تىلداش ۋە دىنداش بولغان تۈركىيە  قاتارلىق تۈرك-ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتتۇرۇش ئۈچۈن لوبىچىلىك ۋە ئىقتىسادىي سىڭىپ كىرىش پائالىيەتلەرىنىڭ سۈرئەتىنى ئاشۇرغان خىتتاي كومۇنىست رەھبەرلىكى، بۇ تۈرك-ئىسلام يۇرتلارىداكى شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتلەرىنى چەكلەش ۋەيا مۇئەييەن سەۋىيەدە تۇتۇشتا مۇۋەپپەق بولدى. شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئەڭ موھىم قەلئەسى بولغان تۈركىيەدە مەخسۇس باش مىنىستىر بۇيرۇقلارىنى چىقارىش ئارقالىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي ئورگانى بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركەزىنى تۈركىيەدىن ياۋرۇپاغا سۈرۈپ چىقاردى. بۇرۇنلاردا پەقەتلا سولچىل سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئىدىئولوگىيەلىك گۇرۇپپالارغا مەبلەغ سالغان خىتتاي، ئاق پارتىيە ھاكىمىيەتى مەزگىلىدە مۇھاپىزىكار سودىگەر، كارخاناچى، سىياسەتچىلەرگە مەبلەغ سالىشقا، ئۇلارنىڭ خىتتاي-تۈركىيە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرىدا پارا ۋە كاتتا ئىمتىيازلارنى بەرىش ئارقالىق ئۇلاردىن خىتتايپەرەستلەرنى يەتىشتۈرۈپ چىقتى. تەشۋىقات ۋە مەديا قۇرۇلۇشىغا چوڭ ئەھمىيەت بەرگەن خىتتاي، تۈرك-ئىسلام دەۋلەتلەرىنىڭ يەرلىك تىللارىدا ھەر تۈرلۈك مەديا ئورگانلارىنى تەسىس قىلىپ تەشۋىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتلەرنىڭ چوڭ مەديا شىركەتلەرىگە ھەرخىل قەرز، پارا ۋە تېخنىكالىق ياردەملەرنى بەرىش ئارقالىق تەسىرى ئاستىغا ئالدى. خىتتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇش ۋە ھەرىكەتلەرىنىڭ ئۈنۈمى 2017-يىلىدىن كەيىن ناھايەتى روشەن بىر شەكىلدە كۆرۈلدى. دۇنيادا كۈنتەرتىپ بولغان شەرقىي تۈركىستانداكى لاگىر مەسەلەسى ۋە قىرغىنچىلىقلارنى بۇ مەديا ئورگانلارى كۆرمەسكە سالدى. خەلقلەرنىڭ بىۋاسىتە خەۋەر ئالىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ تاشلادى. 

خىتتاينىڭ 2016-يىلىدىن كەيىن شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئېتنىك، كۈلتۈرەل، دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىكولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقلارىغا قاراتا تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسەتچىلەرى، رەھبەرلەرى ۋە مەدياسىنىڭ ئۈن-تىنسىزلىقى، ئەزىكلىكى ۋە جىنايەتچى، گۇناھكار پسىخولوگىيەسى بىلەن نومۇس قىلماي ئۇشبۇ قىرغىنچىلىق ۋە ۋەيرانىچىلىقنى "ئامىرىكا پروپاگانداسى/تەشۋىقاتى" دەيەلىشى ئەمەلىيەتتە خىتتاينىڭ بۇ دەۋلەتلەردە سالغان مەبلەغ ۋە بەرگەن پارانىڭ كۈچىدىنلا ئىبارەت ئىدى.

خۇلاسەلەگەندە، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىكى ئومۇمىي تۈرك مىللەتىنىڭ قىيامەتلىك ئاداۋەتى بولغان خىتتايلارغا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمەنى بولغان خىتتاي كومۇنىست فاشىزمىنىڭ تەسۋىرى ئىمكانسىز زۇلۇمىغا، قىرغىنچىلىقىغا قارشى يالغۇز ۋە مۇداپىئەسىز ھالدا جاھاندا مىسلى كۆرۈلمەگەن قورقۇسىز قەھرىمانلىق داستانى يازماقتا، تىركەشمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىقلار، بەلكىم تارىخىدا تۇنجى رەت دۇنياغا، بولۇپمۇ قانداش ۋە تىلداش تۇغقانلارى بولغان غەربىدەكى تۈركلەرگە "قۇتقاز" دەدى. مۇسۇلمان قارىنداشلارىغا بولسا ئىشەنگەن قىممەتلەرىڭىزنى، دىنى ئىسلامىڭىزنىڭ شەرەپىنى، نومۇسىنى قوغداشىمىزغا ياردەمچى بولۇڭلار ۋە "ئاۋاز قوشۇڭلار!" دېدى. ئىنسانلىق ئالەمىگە "ئىنسانلىق" نامىغا خىتتاي كومۇنىست فاشىزمىغا "توختا!" دەڭلار دەدى. قانداش ۋە تىلداشلارىدىن كۈتكەنى شۇ ئىدى: نەسلىمىز، ئەسلىمىز ۋە پۇشتىمىز بىر بولغان تۈرك قارىنداشىم، ھىچ بولماغاندا قارىنداشلىقنىڭ ھەققى ھۈرمەتى ۋە مەجبۇرىيەتىنى ئادا  قىلىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ يادىگارى بولغان تۈركىستاننى، كاشىغارىيەنى مۇدپىئە قىلىڭلار، بۇ ماكانداكى قارىنداشلارىڭلارنى، ئەجداد تۇپراقى بولغان تارىخىي ماكانلارنى، مەقبەرە، مەسچىتلەرنى، تۈركنىڭ كۈلتۈرىنى قوغداش ئۈچۈن نەمە قىلىش كەرەك بولسا ئۇنى قىلىڭلار! چۈنكى كاشغەر گۇمران بولسا، تۈرك قايەردە بولسا بولسۇن كۆكسىز ۋە ئۆكسۈز قالادۇر، گەۋدەنى ئوزۇقلاندۇرادۇرغان يىلتىز قۇرۇپ كەتتى دەگەنلىكتۇر. غەربىي تۈركلەرنىڭ مەشھۇر غەزەللەرىدەكى" ئۇ يەردە بىر بىر مەھەللە كوي بار، ئۇ مەھەللە كوي بىزنىڭ يەزا/يېزامىزدۇر، بارماساقمۇ، سوراماساقمۇ ئۇ يەزا بىزنىڭ يەزامىزدۇر" دەيەلەشىڭلارنى دەلىلەيدۇرغان ھەرقانداق بىر ئالامەت، سىزنىڭكىلىكىنى ئەسلەتەدۇرغان، ئىسپاتلايدۇرغان بىر بىشارەت، بىر بەلگە ۋە ئالاھىدەلىك قالمايۋاتىدۇ. خىتتاي كومۇنىست فاشىزمى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشىنى، تۇپراقىنى، گۈل گىياسىنى، جانۇ جانىۋارلارىنى ئۆزىنىڭكى بىلەن تەگىشتۈرۈپ ئالماشتۇرماقتا. مىڭلارچە يىللىق تۈرك تارىخىنىڭ ئاسارە-ئەتىقەلەرىنى، مازارلارىنى، مەسچىت-جامەلەرىنى يوق قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتتايدىن، خىتتايلىقلىقتىن پەرقلىق بولغان ھەرقانداق نەرسەگە ياشاش ھەققى تونۇمايۋاتىدۇ. مۇسۇنداق بىر ۋەھشىلىك ۈە زۇلۇم ئالدىدا، تۈركىيە مۇھاپىزىكارلارىنىڭ يىللاردىن بەرى تىلىدىن چۈشۈرمەگەن تۈركچىلىك، تۈرك مىللەتچىلىكى، ئىسلامچىلىق، ئىسلام ئۈممەتچىلىكى، ئىخۋانچىلىق ۋە قارىنداشلىق سۆيلەمى، سەپسەتەلەرى بىلەن جاراڭلىق، ھاياجانلىق نۇتۇقلارى تامامەن دەگۈدەك ئەھمىيەتسىزلەشتى. بۇ ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ پاتىفۇندەك تەكرارلايدۇرغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋەيا چۈشىنىكسىز بەكا-مەكا باھانەلەرى ئىزاھلايالمايدۇ، چۈشەندۈرەلمەيدۇ. يەنە باشقا بىر تەرەپتەكى ئىنسان ھەقلەرى تەرەپدارلارى، ھايۋانسۆيەرلەر، مۇھىتپەرەستلەر، ئاياللار ۋە بالالارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى مۇداپىئە قىلغۇچىلارغا ئوخشاش ھەرخىل دۇنياۋى قىممەتلەرنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلغۇچى غەرپپەرەست سولچى گۇرۇھلارنىڭ سەپسەتە، باياناتلارىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستان رىئاللىقى ئالدىدا نە قەدەر بوش ۋە مەناسىزلىقى ئاشكارا بولدى. ئەلبەتتە، تۈركىيەنىڭ سىياسى ۋە تەپەككۇر ھاياتىداكى تۇيۇقلۇقلارنى مۇنداق بىر قىسقا ماقالە بىلەن تەھلىل قىلماق ئىمكانسىزدۇر. پەقەت، بۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى، تەنقىت قىلىنىشى ۋە ئالتەرناتىفلارنىڭ ئوتتۇراغا قويۇلۇشى ئەلبەتتە قاچىنىلماقى ئىمكانسىز بىر رىئاللىقتۇر.

بۇ يەردە، شۇنىمۇ ئەسكەرتمەي بولمايدۇ: تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلەرىنىڭ ئىچكى مەسىلەلەرىنى ئۆزلەرى بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك ئىچكى ئىنىرگىيەسى ۋە سەمىمىيەتى بارمۇ؟ ياشاۋاتقان جەمىيەتلەرنىڭ ئىجتىائىي-كۈلتۈرەل ۋە پولىتىك ھاياتىدىن نە قەدەر خەۋەردارلار؟ خەۋەردار بولسا رىئاللىق ئالدىدا ئۇنىڭغا ئۇيغۇن سۆيلەم، بايانات ۋە ستراتىگىيە تەرەققىي قىلدۇرالاغانمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ پارتىيەلەر ئۈستى بىر مىللىي داۋا ئىكەنلىكىنى، بۇ داۋانىڭ تۈرك مىللەتى ۋە ئىشلام ئۈممەتىنىڭ ئورتاق داۋاسى ئىكەنلىكى ھەققىدە قانچەلىك ئىشلارنى قىلدى ۋەيا قىلالادىمۇ_ قىلالماغان بولسا بۇنىڭدىن دەرس-ساۋاق چىقارتقانمىدۇ؟...بۇلار ئەلبەتتە ئايرىم بىر تەتقىقات تىماسىدۇر.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟