كۆكتۇغ ھەققىدە

 كۆكتۇغ ھەققىدە

 

2019-يىلىنىڭ سىنتەبىر ئايىدا سالماققىنە قەدەم بىرلە نەشىر ھاياتىغا باشلاغان كۆكتۇغ، نە بىر گەزىت/گېزىت، نە بىر ژۇرنال ۋەيا مەجمۇئەدۇر.

كۆكتۇغ، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق چاغلاغان ئوقۇمۇشلۇقلار، ھەر ساھە زىيالىيلارى، يۇرت ۋە مىللەت ئاقساقاللارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدىيەتى، كۈچلەنىپ روناق تاپىشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغۇسى پىكىرلەرىنىڭ سورۇنىدۇر، مۇنبەرىدۇر.

كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان (ئۆتمۈشتەكى، كۈنىمىزدەكى ھەمدە كەلەچەكتەكى) كۈلتۈرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، ئىستىقبالى ۋە  ئۇشبۇ كۈلتۈرنى مۇھاجىرەتتە قانداق ساقلاپ قالىش ۋە ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ھەققىدەكى كۆزقاراش، ئىجادىي پىكىرلەر ۋە لايىھەلەرنى مەركەز قىلادۇرغان يازمالار، ماقالەلەرنىڭ جەمگاھىدۇر. خۇسۇسەن بىر تەرەپتىن فاشىست خىتتاينىڭ  ھۇجۇمىغا يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىغا ۋە ماھىيەتىگە خىلاپ بولغان  (دىنداش ياكى غەيرى مۇسۇلمان) يات مىللەت كۈلتۈرلەرىنىڭ خىرس ۋە تەھدىتىكە دۇچ كەلگەن تۈركىستان ئىسلام ئىتىقادى ۋە كۈلتۈرىنى قوغداش، ياشاتىش ھەمدە نەسىللەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پىكرىي ئىشلەپچىقارىشنى قانات يايدۇرادۇرغان تور دۇنياسىداكى بىر دەرگاھتۇر.

كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تارىخى ھەققىدەكى مەلۇماتلارنىڭ تۈركىستان تارىخچىلىكى كۆزنەكىدە يورۇتۇلغان، ھەقىقىي مىللىي تارىخنىڭ مۇنبەرى، چىنلىقنىڭ ئەينەكىدۇر.

كۆكتۇغ، شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالى، كەلەچەكى، تەقدىرى بىلەن ئالاقەدار مۇھاكەمە، مۇلاھىزە خاراكتىرلىق پىكرى، پەلسەپەۋى يازما ۋە ماقالەلەر ئازادە نەشىر قىلىنادۇرغان، گۇرۇھ ۋەيا گۇرۇپپالار ئاراسىدا بىتەرەپ، ۋەتەن ۋە مىللەت مەنپەئەتىدە تەرەپ تۇتادۇرغان مەۋقە ۋە مەيدانى روشەن بولغان بىر دوقمۇش ۋەيا مۇستەقىل ئەنجۈمەندۇر.  

كۆكتۇغ، شىنجاڭچە تەپەككۇرنى ۋە ئۇشبۇ تەپەككۇرنى پەيدا قىلغان زىھنىيەتنى ۋە بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلەگۈچىسى بولغان كۈنسايىن خىتتايچەنىڭ تەرجىمەسىگە ئايلانىپ كەتىپ بارغان  شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىنى ئەسلىگە، توغرا بولغان ھالەتىگە قايتتۇرۇشنى، تىلىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زىيانلىق بولغان خىتتاي ۋە رۇس مەركەزلىك "تىل ۋىرۇسلارى"نى تازالاشنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە كۆكتۇغلۇق زىيالىيلار باشلامچى بولۇپ ئەمەلىي ئىش قىلغۇسىدۇر. ۋەزىيەتتىن خەۋەردارلارغا مەلۇم بولغاندەك، تىلىمىز 65 يىللىق مۇستەملىكەچى تىل سىياسەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدا ئىملا ۋە يازىق ئۆزگەرتىش نامى ئاستىدا ئونلارچە رەت كىرلەتىلگەن، قۇرۇلماسى قوپاللىق بىلەن بۇزۇلغاندۇر. بۇ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىززەت ۋە ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆكتۇغلۇقلار مۈمكىن مەرتەبە 1955- يىلىدىن بۇرۇن تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئەڭ ئاز مىڭ يىل دەۋلەت تىلى ۋە ئىلىم- بىلىمنىڭ تىلى بولغان خاقانىيە تۈركچەسىنىڭ داۋامى چاغاتاي/كاشغەر تۈركچەسىگە قايتىشنى تەشەببۇس ۋە تەرغىپ قىلادۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھازىرچە كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنادۇرغان يازمالاردا شەرقىي تۈركىستان تۈركچەسىنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىدىن رايون تىلىغا، ئاندىن مۇئەييەن ئېتنىك گۇرۇپپانىڭ مەھەللە ۋە ئائىلە تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بەكىتىلگەن، تىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىگە ئۆزگەرتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ فونەتىك قانۇنىيەت بولغان `ئا` ۋە `ئە`نىڭ `ئى` ۋە `ئې`غا ئۆزگەرتىلىشىنى (يازما ئەدەبىي تىلدا) ئەكس ئەتتۈرمەسلىكنى، يەنى ئۆزگەرتمەي/ئاجىزلاشتۇرماي يازىشنى تەلەپ قىلۇر. قالغان جۈملە ئىشلەتىش ۋە تىل ئۇسلۇبىدا يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭچە جۈملە، خىتتايچە ئىبارەلەرنىڭ تەرجىمەسىنى ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلۇر.   ئا` ۋە `ئە`نى ئۆزگەرتىش/ئاجىزلاشتۇرۇش مەسەلەسىگە قاراتا نوپۇزلۇق زىيالىيارىمىزدىن داڭلىق تىلشۇناس، ئەدىپ ۋە چاغاتاي تۈركچەسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ پىشىۋاسى پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي بىلەن جەمئىيەتشۇناس پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق، فولكلورشۇناس پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت ۋە باشقا زىيالىيلار ئىمكان يار بەرگەن دائىرەدە قارشى چىقىپ كەلگەن ۋە ھەرخىل سورۇنلاردا توغراسىنى--- ئەدەبىي تىلدا/يازما تىلدا ئا` ۋە `ئە`نى ئۆزگەرتمەسلىكنى/ئاجىزلاشتۇرماسلىقنى -- تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلغان، ھەتتا ئەمەلىيەتى بىرلە ئىسپات ئەتكەن ئىدى.

قىسقاسى، كۆكتۇغدا شەرقىي تۈركىستانغا دائىر پىكىر، كۈلتۈر، تارىخ ۋە سىياسەتكە دائىر يازما، ماقالەلەر ئىلان قىلىنادۇر. كۆكتۇغلۇق ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ خەلقىمىزنىڭ چاغداش دۇنياداكى مەدەنىي مىللەتلەردەك قەددىنى رۇسلاپ ئۇلۇسلاشماقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان يەڭى ئۇقۇم، ئاتالغۇ ۋە نەزەرىيەلەرنى ئىشلەپچىقىرادۇرغان، زۆرۈر تاپىلغاندا بەكىتىلگەن تىمالاردا مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرە قىلىنادۇرغان شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بەرگەن تۈركىستان دوستلارىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەدەكى تەسىرلەشىش سورۇنىدۇر.   

ئەسكەرتمە: كۆكتۇغدا ماقالە، يازما ئىلان قىلادۇرغان كىشىلەر ئەسەرلەرىنى ئۆز ئىسىم فامىلەسى بىلەن ئىلان قىلىش بىلەن بىرگە تەخەللۇس ئىشلەتسەمۇ بولادۇر. تەھرىراتىمىز، مۇناسىۋەتلىك يازغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ئۇشبۇ كىشىنىڭ نام مەخپىيەتىگە كاپالەتلىك قىلادۇر.

2019-يىلى سىنتەبىر

ئەسەرلەر شۇ ئادرىسقا ئەۋەرتىلىشى كەرەك: sertzic@protonmail.com

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟