ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا

 

 

ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا*

 

پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت

 

تىل پەقەت كىشىلەر ئاراسىداىكى ئالاقەلەشىش قورالى ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا كىشى بىلەن تەبىئەت، كىشى بىلەن تەڭرى، كىشى بىلەن ئۆتمۈش، كىشى بىلەن كەلەچەك ئوتتۇرىسىداكى  ئالاقەلەشىش قورالىدۇر. شۇڭا تىل بۇزۇلسا، تەبىئىي ھالدا بۇ ئالاقەلەرمۇ بۇزۇلىدۇ. كۇڭزىنىڭ، تىلنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈرەل فونكىسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بايانى ھەممىمىزگە مەلۇم.  "ئەگەر بىر دۆلەتتە ئەمەلدار بولغان بولساڭىز، ئالدى بىلەن نەمە قىلاتتىڭىز؟“ دەگەن سوئالغا كۇڭزى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:  "شەك-شۈبھەسىز، ئالدى بىلەن تىلنى تۈزەتكەن بولاتتىم. چۈنكى تىل بۇزۇق بولسا، سۆزلەر پىكىرنى توغرا ئىپادەلەيەلمەيدۇ، پىكىر توغرا ئىپادەلەنمەسە، قىلىنىدىغان ئىشلەرنى توغرا قىلغالى بولمايدۇ، ئەگەر ۋەزىپەلەر توغرا ئىجرا قىلىنماسا، ئەنئەنە ۋە كۈلتۈر بۇزۇلىدۇ، ئەنئەنە ۋە كۈلتۈر بۇزۇلسا، ئادالەت خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ، ئادالەت يولدىن چىقىپ كەتسە، گاڭگىراپ قالغان خەلق نەمە قىلىشىنى، ئىشلەرنىڭ نەگە بارادۇرغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ناھايىتى مۇھىم."  بۇنىڭدىن قاراغاندا بىر مىللەتنى يوقاتىش ئۇنىڭ تىلىنى بۇزۇش بىلەن باشلانىدۇ.  

ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاتالمىش «ئازاتلىق»تىن كەيىنكى 60 يىل جەرىيانىدا ئەلىفبە، ئىملا ۋە سىڭگارمونىزم (تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىقى، تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قانۇنى) جەھەتتىن ئاغىر دەرەجەدە بۇزۇلغانلىقى ياكى بۇزۇۋەتىلگەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. 60 يىل ئىچىدە 2 قېتىم ئەلىفبە ئالماشتۇرۇلۇپ 5 قەتىم ئىملا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ياكى تەبىئىي ئەھۋال ئەمەس. بۇ جەرىياندا ئەڭ چوڭ ۋەيرانچىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ سىڭگارمونىزمى، يەنى تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قانۇنىدا كۆرۈلدى. سىڭگارمونىزم تۈرك تىلىنىڭ، جۈملەدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدەلىكلەرىدىن بىرى. بۇ ئالاھىدەلىكنىڭ بۇزۇلۇشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇزۇلۇشى دەمەكتۇر. تەتقىقاتلاردىن قاراغاندا، بۇ بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ї نىڭ سوزۇق تاۋۇش سىستىماسىدىن چىقارىپ تاشلانىپ ئۇنىڭ ئورنىغا جانلىق تىلگە خاس ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىش قائىدەسىنىڭ دەسسىتىلىشىدۇر. ھالبۇكى ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە كۆرۈلمەگەن. مەسىلەن، 1948-يىلى نەنجىڭدە تۈزۈلۈپ باسىلغان ئۇيغۇرچە  " ئوقۇما كىتابى "[1] دىكى سۆز ۋە ئىپادەلەرگە قاراپ باقايلى: 

ئاچىلغان، ئاچىپ، ئاغىز، ئاقىپ، ئالىپ، ئارقالىق، ئاتالادۇر، ئاتا-ئاناسى، ئاتاغان، ئاتوم بومباسى، ئاڭلاغاندىن، ئاراللارىغا؛ بالا چاقالارى، بولۇر ئىدى، بارىپ، باشلادى، بولۇدۇ؛ چىچەكلەرى، چىقارىپ؛ دەرەخلەرىنىڭ، دەرۋازاسى، دەريالارى؛ گاچالار مەكتەبىنىڭ؛ ئىنسان بالاسى، ئىشلەرى؛ كىمەگە؛ قاش تاشى، قىلار ئىدى، قىرغاقىغا، قۇچاغلاشىپ؛ ماڭىپ، ئويۇن ئويناغان، ئويلادى، ئۆزلەرىنىڭ، ئۆزگەرىش؛ پاختالار؛ رەسىم يازىقى؛ ساچىپ سالىپ، ساتىپ ئالىپ، سۇغارىدۇ، سۇلارىدىن، سۇيى؛ تاغلارىدىن، تاغى، تاشىداكى، تۆرت؛ ئۇچراشىپ؛ ياقىن، يازىق

ھەتتا گۇننار ياررىڭ 1930-يىللاردا كاشغەر، خوتەن، گۇما ۋە كۇچار قاتارلىق جايلاردىن توپلاپ 1940-يىللاردا نەشىر قىلدۇرغان ماتەرياللاردىمۇ  ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى ئانچە گەۋدەلىك بولماغان.

ئاقسۇ دەگەن شەھەردە/ بىر باي بار دېيتۇ./ ئۇ باينىڭ ئەمدى/ تۆت قىزى بار دېيتۇ./ بىرىنىڭ ئاتى ھەلىمەخان/ بىرىنىڭ ئاتى سەلىمەخان/ بىرىنىڭ ئاتى قومۇش ئاغىچا/ بىرىنىڭ ئاتى كۈمۈش ئاغىچا/ ماڭا تېگەملا خانىم دېسەم/ ساڭا تېگىمەن دېيتۇ./ بىر سۆيەپ قوياڭ دېسەم/ تاۋار ئەكىلىڭ دېيتۇ./ تاۋارچى ئەمەس/ دۇردۇنچى ئەمەس/ تاغارچى ئەمەس/ قايداغ قىلىمەن يارىم، دېسەم/ يارغا مەيلىڭىز بولسا ئوغۇل/ تاۋار ئەكىلىڭ دېيتۇ./ ئالدىمچە ماڭىپ/ كەينىمچە يانىپ / ئۆيەمگە كىرىپ/ ساندۇقنى ئاچىپ/ تىزامنى قوياپ/ داچەننى ئالىپ/ خۇجۇنغا سالىپ/ قۇلۇپنى سالىپ/ ئاغىلغا كىرىپ/ ئاغماقنى توقۇپ/ خۇجۇننى سالىپ / ئاغماقنى مىنىپ/ بەيجىڭگە بارىپ/ سودىلار قىلىپ/ باي خوجام بولاپ/ پوزۇللنى ئاچىپ/ تاۋارنى ئالىپ/ ئېشەككە ئارتىپ/ تۆشنىما تارتىپ/ يارىم قاشىغا كەلسەم/ كېلىڭ مەشۇقىم دېيتۇ./بىر سۆيەپ قوياڭ دېسەم/ دۇردۇنىڭ قېنى دېيتۇ.[2]

يۇقارىقى تەكستتىكى ئىشارەتلەنگەن سۆزلەردە ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى مەيدانغا كەلمەگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى چاغاتاي تىلى دەۋرىدە قىسمەن مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ،[3] ئومۇمىي خاراكتەرلىك ئەھۋال ئەمەس ئىدى. ئۇنداقتا بۇ ئۆزگەرىش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا قاچان، قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن ئوتتۇراغا چىققان؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملەرى مۇنداق دەيدۇ:

ئەپسۇسكى، 1953-يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۈركچەسىگە ئەلىپبە تەييارلىغان كىشىلەر كەلگۈسى يۈزلەنىشنى ياخشى كۆرەلمەگەنلىكى ۋە تىلشۇناسلىق بىلىمىنىڭ كەملىكى تۈپەيلى ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلق ئاغىز تىلىنىڭ ئالاھىدەلىكى بولغان /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنى يازىقتا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت تارىخىي بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن. مەنىڭچە /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنىڭ يازىقتا ئىپادىلەنىشى ئۇيغۇرلارنى باشقا تۈرك خەلقلەرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئايرىم بىر تىل بەرپا قىلىش مەقسەتىگە خىزمەت قىلىدىغان يامان بىر قەدەم بولغان. “[4]

بۇ بايانلار سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۆزبەك ئەدەبىي تىلى ئۈستىدە ئوچۇق ئاشكارا ئالىپ بارىلغان سىياسىي مانىپۇلاسيوننى ئەقلىمىزگە كەلتۈرىدۇ. روس تىلشۇناس پالىۋانوۋ 1922-يىلى ئۆزبەك ئەدەبىي تىلى ئۈچۈن 6 سوزۇق تاۋۇشى بولغان، ئاھاڭداشلىق بولمىغان تاشكەنت شىۋەسىنى ئاساس ئالىش كەرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە نەتىجەدە ئۆزبەكچەدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسى يوق قىلىنغان.[5]  خىتتاي كومۇنىست ھاكىمىيەتىمۇ 60 يىل جەريانىدا تىلنى خەلققە ياقىنلاشتۇرۇش دەيدىغان كومۇنىست ئىدىئولوگىيەگە خاس چۈشەنچە، پوزىتسىيە ۋە تىل سىياسەتى ئارقىلىق جانلىق تىلنىڭ ئەدەبىي تىلگە ھاكىم بولۇشى ۋە بۇنىڭ نەتىجەسىدە ئاغىز تىلىگە خاس ئامىللارنىڭ كۆپلەپ ئەدەبىي تىلگە كىرىشىگە ئىمكان ياراتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئىچكى قانۇنىيەتىنى بۇزغان. خىتتاي تىلشۇناسلارى جانلىق تىلگە خاس /ئا/، /ئە < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشىنى ئۇيغۇر تىلىنى باشقا تۈرك دىيالىكتلەرىدىن ئايرىيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ بەكىتكەن.[6] بۇنىڭدىن كۆرگىلى بولىدۇكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى سىياسىي خاراكتېرلىق بىر مەسىلە بولۇپ قالغان. بىر قىسىم غەيرى نىيەتتىكى كىشىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونەتىك سىستىماسىنى بۇزۇشقا تىرىشىپلا قالماي، خىتتايچەدىن ھەدەپ سۆز-ئىبارە ئالىشنى تەشەببۇس قىلىپ تىلىمىزنىڭ لىكسىكالىق سىستىماسىنىمۇ بۇزۇشقا ئۇرۇنغان. مەسىلەن "جوڭگوڭ جوڭياڭنىڭ خوۋبۇ ۋېييۈەنى، شىزاڭ جىياچا ناھىيىسى ئاۋاڭگارت گۇڭشېسى گېمىڭ ۋېييەنخۈينىڭ جۇرېنى ياڭجوڭ گۇڭشى كادىرلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىشنى…مۇزاكىرىلەشمەكتە."[7] جۈملىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلشۇناس ۋە زىيالىيلارى ھوشيارلىق بىلەن مەسىلەنى بايقاپ بۇنى تۈزەتىش ئۈچۈن تەكلىپ پىكىرلەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نەزەرگە ئالىنمىغان.[8]

ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ سىڭگارمونىزمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى قانداق بىر ئۆزگەرىش؟ بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ ؟ بۇنى بىر قائىدە ياكى قانۇن سۈپەتىدە قوبۇل قىلىشقا بولامدۇ؟

پروفېسسور ئابدۇرائوپ پولات تەكلىماكانى ئۆزىنىڭ "ئۇيغۇر تۈركچەسىدەكى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ ئې، ئى غا ئۆزگەرىشى ۋە سەۋەبلەرى“ ناملىق ماقالەسىدە بۇنى مۇنداق تۆرت سەۋەب بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتكەن:

1- ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساس ئۇرغۇ ئۈستىدىكى تەلەپپۇزىنىڭ باشقا تۈرك خەلقلەرىدىن پەرقلىق بولۇشى سەۋەب بولغان. بىر بوغۇملۇق سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندا ئاساس ئۇرغۇ يېڭى ئۇلانغان قوشۇمچە ئۈستىگە يۆتكەلىپ ئەسلىدىكى ئاساس ئۇرغۇ ئىككىنچى دەرىجەدىكى ئۇرغۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن: كان- ﻰ – كېنى،  يار- ﻰ– يېرى   پەن- ﻰ – پېنى، تەن- ﻰ - تېنى

2 - ئې سوزۇق تاۋۇشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇر تۈركچەسىدىكى /ئا/، /ئە/ سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ / ئې/، /ئى/ گە ئۆزگەرىشى ئۈچۈن كەرەكلىك بولغان شەرت-شارائىتنى تەييارلىغان.

3- ئۇيغۇر تۈركچەسىدىكى /ï/ سوزۇق تاۋۇشىنىڭ يوقاپ كەتىشى /ئا /،/ ئە / سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ  /ئې /،  /ئى/ گە ئۆزگەرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

4- ئۇيغۇر خەلق ئاغىز تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالاھىدەلىكلەرىنىڭ تەسىرى بىلەن /ئا/، / ئە / < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشى ئوتتۇرىغا چىققان.[9]

بىزچە، كۆرسىتىلگەن بۇ تۆرت سەۋەبنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنىڭ ئىلمىي ئاساسى كۈچلۈك ئەمەس. بىرىنچى سەۋەبتىكى ئۇرغۇ مەسىلەسىگە كەلسەك، سۆزلەردىكى ئۇرغۇ پۈتۈن تۈرك دىيالىكتلەرىدە ئورتاقلىققا ئىگە. مەسىلەن تۈركىيە تۈركچەسىدىمۇ يەر-ﻰ – يەرى؛ تەن-ﻰ – تەنى، گەل-ىر - گەلىر سۆزلەرىدىكى ئە ئۇيغۇرچەدىكى ئې غا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. لاكىن بۇ تۈركچەدە ئايرىم بىر سوزۇق تاۋۇش ھېساپلانمايدۇ. ئىككىنچى سەۋەبتە كۆرستىلگەن ئې سوزۇق تاۋۇشى چاغاتاي تىلىدە بولمىغان، جانلىق تىلگە ئائىت بىر تاۋۇشتۇر.[10]  ئۈچۈنچى سەۋەبكە كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ئى   [ï ] گەرچە ئەلىپبەدە ئىپادە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. قىز، قىزىل، قىرغاق، قىرغىن، قىزغىن دەگەن سۆزلەردىكى ئى  ئەسلا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى ئەمەس، بەلكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ï دۇر. بۇ تاۋۇش يوق پەرەز قىلىنىپ بۇنىڭ ئورنىغا تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى ئىشلىتىلگەچكە، ئى سوزۇق تاۋۇشى ئا، ئە سوزۇق تاۋۇشلارىنى ئۆزىگە ئوخشىتىش، يەنى ئاجىزلاتىش رولىنى ئويناپ ئاغىر قالايمىقانچىلىققا سەۋەبچى بولغان. مەسىلەن: باش-ﻰ -دا – بېشىدا؛ ئات- ﻰ -غا – ئېتىغا، بېلىق< بالىق -قا ، يېقىن-غا < ياقىن، تېقىم < تاقىم -غا ، يېرىق < يارىق -قا ، تېرىق< تارىق -قا …   بۇ مىساللاردا ئى تاۋۇشى گەرچى ئا نى تىل ئورنى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشاتىپ ماسلاشتۇرالىغان بولسىمۇ، ئۆزىدىن كەيىنكى -دا ۋە –غا/-قا  قوشۇمچاسىغا تەسىر يەتكۈزەلمەگەنلىكى ئۈچۈن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىشى، يەنى ئاھاڭداشلىقى يەنىلا ئەمەلىيلەشمەگەن.  ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ يەردە مەسىلەنىڭ نەگىزى تۆرتىنچى سەۋەبتۇر. جانلىق تىلگە خاس بۇ ئۆزگەرىش ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونەتىك سىستىماسىنى بۇزۇپ تاشلاغان. شۇڭا يات بىلىم ئادەملەرىنىڭ /ئا/،/ ئە/ > /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىشكە قىزىقىشى بىھۇدە بولمىغان.

ئەلۋەتتە، بىزنىڭ بۇ يەردىكى مەقسەتىمىز تىلشۇناسلارىمىز ۋە زىيالىيلارىمىز ئاللىقاچان بايقاپ ئوتتۇراغا قويغان مەسىلەلەرنى قايتادىن ئوتتۇراغا قويۇش ئەمەس، بۇ مەسىلەلەرنى قانداق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. بىزنىڭچە، ئەدەبىي تىلىمىزدە خىلمۇ - خىل سىياسىي ۋە غەيرى نىيەتلەر بىلەن ياراتىلغان بۇ سۈنئ‍ىي ھادىسەنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلەنىڭ تۈزەتىلىشى شەرت. بۇ مەسىلەنىڭ تۈزەتىلىشى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يازىق، ئىملا، فونەتىك، مورفولوگىيە ۋە تەلەپپۇز سىستىماسى بويىچە بىر ئىسلاھات، بىر ئىنقىلاب ئالىپ بارىشمىز كەرەك. ئەلۋەتتە، بۇ ئاسان بىر ئىش ئەمەس، نۇرغۇن بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلەدۇ. ۋەتەندەكى زىيالىيلارىمىز خىلمۇ - خىل چەكلەمەلەر سەۋەبلىك مەزكۇر مەسەلەنى تۈزەتىش ئىمكانىغا ئىگە بولالمىغان بولسىمۇ، لاكىن ئەركىن ۋە دىموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئىمكانى بار دەپ ئويلايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىرچە جانلىق تىلگە مۇداخىلە قىلماستىن، يازىق تىلى دائىرەسىدە ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئۈچۈن بىر قانچە تەكلىپ - پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز.

1 - ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىداكى /ئا/، /ئە/ < /ئې/، /ئى/ ئۆزگەرىش قائىدەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كەرەك. بۇنى پروف.  در. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىمۇ تەكىتلەگەن.[11] چۈنكى ئەدەبىي تىلىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلەلەرگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان مۇشۇ قائىدەدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدە سۆزلەرنىڭ يىلتىزىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى ئاساسىي پرىنسىپ قىلىپ بەكىتىش كەرەك. مەسىلەن  ئات- ﻰ  −  ئاتى، باغ- ﻰ − باغى، تاغ- ﻰ − تاغى ، ئانا-سى − ئاناسى، ئاتا-سى − ئاتاسى، بالا-سى − بالاسى…

2 -  سۆز يىلتىزىگە ئۇلانغان كۆپلۈك قوشۇمچەسى -لار/-لەر ئاجىزلاشتۇرۇلماسلىقى كەرەك. مەسىلەن: بالا-لار- ﻰ − بالالارى، ئانا-لار- ﻰ − ئانالارى، ساچلار- ﻰ −ساچلارى،  ئۆز-لەر- ﻰ − ئۆزلەرى، ئەل-لەر- ﻰ − ئەللەرى، كۆز-لەر- ﻰ −كۆزلەرى، سۆز-لەر- ﻰ − سۆزلەرى…

3- ئۇيغۇر تىلىدە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشى ï مەۋجۇت. بۇ تاۋۇشنى ئۇيغۇر كونا يازىقىدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئايرىم بىر ھەرپكە ئېھتىياج بولماسىمۇ، ئىنتېرنېت لاتىن يازىقىدا ئايرىم بىر ھەرپكە ئېھتىياج بار. بۇرۇن بۇ تاۋۇش ترانسكرىپسىيە ئەلىپبەسىدە ï ھەرپى بىلەن ئىپادەلەنىپ كەلىنگەن ئىدى. مەنىڭچە بۇ تاۋۇشنى ئىپادەلەش ئۈچۈن تۈركچەدىكى ı ھەرپىنى قوبۇل قىلىش مۇۋاپىق.  ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئىنتەرنەت يازىقىدا تۈركچەدىن ئالىنغان    Öۋە    Üھەرپلەرى ئىستىمال قىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ مۇۋاپىق كۆرۈلمەسە، ئى ھەرپىنىڭ ھەم تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ئى نى، ھەم تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ï نى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ قويۇش كەرەك. تۈركچەدىمۇ بۇنداق ئەھۋال بار. مەسىلەن: تۈركچەدە  ك ھەرپى ھەم ك ھەم ق تاۋۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھ ھەرپىمۇ ھەم ھ ھەم خ تاۋۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

4 -  ئىش-لار، ئىشچى-لار، تىل-لار، ئىز-لار، ئىش-قا، تىل-غا، ئىز-غا قاتارلىق سۆزلەر بۇنىڭدىن كېيىن ئىش-لەر، ئىشچى-لەر، ئىز-لەر، تىل-لەر، ئىش-كە، تىل-گە، ئىز-گە شەكلىندە يازىلىشى كەرەك. چۈنكى ئىش-لار، ئىشچى-لار، تىل-لار، ئىز-لار قۇرۇلمالارى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ. ئەسلىدە بۇ ئەھۋال چاغاتاي يازىقىنىڭ نائەھلى كىشىلەر تەرەپىدىن خاتا ئوقۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. مەلۇم بولغاندەك، چاغاتاي يازىقىدا ( ا )، ( ہ) ھەرپلەرى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلاشىش قائىدەسىگە ئاساسەن بەزىدە ئا بەزىدە ئە ئوقۇلىدۇ. جۈملىدىن( -لار  )،   (-ﻟﺮ)  قوشۇمچەلەرىمۇ بۇ قائىدەگە ئاساسەن بەزىدە -لار بەزىدە -لەر ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:

اشلار          ( ئىشلەر )

تاغلار   (تاغلار )

زامانلاردە  (زامانلاردا )

يگرمە  ( يىگىرمە)

اشلر( ئىشلەر)

پاختاﻟﺮ            (  پاختالار )

بۇ مەلۇماتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى ئۆزى بىلگەنىچە ئوقۇۋالىشى ۋە خاتا ئوقۇلغان سۆزلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىنىشى ئارقاسىدا يۇقىرىقىدەك قۇرۇلمالار پەيدا بولغان.

5- سۆز تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار چۈشۈرۈلمەي يازىلىشى كەرەك. مەسىلەن: تۆرت، قارغا، ئورما، ئورغاق، بۆرك، يارما…

6- جانلىق تىلنىڭ تەسىرى بىلەن شەكىللەنگەن بېلىق، يېقىن، يېرىق، يېرىم، ئېتىش، ئېلىش، ئېيتىش، سېلىش، سېتىش، مېڭىش دەگەندەك سۆزلەر يارىم، بالىق، ياقىن، يارىق، ئاتىش، ئالىش، ئايتىش، سالىش، ساتىش، ماڭىش شەكلىدە يازىلىشى كەرەك.

7- چەتئەللەردەكى تىلشۇناسلارىمىز ھەر خىل سىياسىي باسىم ۋە سىياسىي خاھىشتىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىي فونەتىكاسىغا ئاساسەن ئىلمىي ئاساستا يېڭى بىر ئىملا لۇغەتى تۈزۈپ چىقىشى كەرەك. 

ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىسلاھاتقا، ئىنقىلابقا ئېھتىياجى بار، بولمىسا جانلىق تىلنىڭ، يەنى ئاغىز تىلىنىڭ ھاكىمىيەتى ئاستىدا تەخىمۇ بۇزۇلۇپ كەتىش ئېھتىمالى بار. جانلىق تىلدە قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەدەبىي تىلدە سۆزلەر فونەتىكالىق، مورفولوگىيەلىك قانۇنىيەتى بويىچە يازىلىشى شەرت. بۇ مەسىلەگە يۈكسەك مىللىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراشىمىز ۋە جىددىي پوزىستىيە تۇتۇشىمىز كەرەك. بىز ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى باشقۇرۇشى ئاستىدا چىقىدىغان "ئۇيغۇر مەدەنىيەتى(كۈلتۈرى) تەتقىقات ژۇرنالى" ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا بۇ تەكلىپ -  پىكىرلەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئارقالىق كەلگۈسى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ياراتماقچىمىز. ئەلۋەتتە يۇقارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى بىراقلا تەدبىقلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، بۇلارنى پەيدىن - پەي تەدبىقلاشقا تىرىشىمىز. بۇ جەريانىدا نۇرغۇن زىددىيەتلەرگە، قىيىنچىلىقلارغا ۋە كۈتمىگەن مەسىلەلەرگە دۇچ كەلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا چەتئەللەردىكى يازغۇچى، شائىر، ژۇرنالىست، نەشرىياتچى ۋە ئىلمىي خادىملارىمىزنىڭ تەنقىد، تەكلىپ، تەۋسىيەسىگە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتى بىلەن قوللاشىغا ئېھتىياجىمىز بار. چەتئەللەردىكى زىيالىيلارىمىزنىڭ بۇ ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ۋەزىپەدە ئۆزلەرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد ۋە تەلەپ قىلىمىز.

 

 



بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئاكادەمىيەسى تەرەپىدىن 2013-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان.*

 
[1]ئىپتىدائىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇما كىتابى، بەشىنچى قىسىم، نەشىرى: مائارىپ ۋەزارەتى مەركەزى ھۇدۇد مەدەنىي مائارىپ ئىدارەسى، 1948

 
[2] گۇننار ياررىڭ، ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بەيجىڭ، 1997، 57-58-بەتلەر ؛ بۇ تارام توققۇز تارام / توققۇز تارامدىن زۆھرەمگە سالام./ سالامىمنى ئىلىك ئالسا / سالام تۆپەسىگە سالام / سالامىمنى ئىلىك ئالماسا /بۇرۇن سۆيگەنلەرىم ھارام.  يۇقىرىقى ئەسەر، 8-9-بەتلەر.
[3] بۇ خىل ئۆزگىرىش بىلال نازىمدا قىسمەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلەرىدە سۆزلەرنىڭ ئاجىزلاشمىغان ئەسلى شەكلى بىلەن ئاجىزلاشقان شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولغان. مەسىلەن: ئاچىلىب / ئېچىلىب  (39-، 78- بەتلەر)، ئالىب / ئېلىب ( 23-، 80-بەتلەر)، باشىم /بېشىم ( 29-، 45-، 47-بەتلەر)، ياشىم /يېشىم (31-، 54-بەتلەر). قاراڭ: بىلال نازىم، ئەسەرلەر، “جازۇشى نەشرىياتى، ئالمۇتا، 1976.
[4]Abduraop Polat Teklimakanli, “Uygur Türkçesindeki a, a Ünlülerinin e, i’ye Değişmesi ve Sebepleri”, Türk Dünyasi Dil ve Edebiyati Dergisi, Sayi:13, TDK, Ankara, 2002, s. 132
[5]  بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەخىمۇ كەڭ مەلۇمات ئالماقچى بولساڭىز تۆۋەندىكى ئەسەرگە قاراڭ:

Cöre Hudayberdiyev, “Özbekçede Ses Uyumunun Yok Edilişi” (Özbekchede Tawush Maslashih Qaidesining Yoq Qilinishi), Türk Dünyasi Dil ve Edebiyati Dergisi, TDK,  Sayi: 5, Ankara, 1998,  ss. 433-443
[6] Wang Yuan-Xin, Çin’deki Türk Diyalektleri Araştirma Tarihi, Türk Dil Kurumu Yayinlari, Ankara, 1994, ss. 20-21
[7] Doç. Turup Barat, “Yakin Dönem Uygurcasi İle Çincenin İlişkileri Üzerine” (Yeqinqi Dewir Uyghurchasi bilen Xitaychening Munasiweti Toghrisida), V. Uluslar arasi Türk Dili Kurultayi Bildirileri 1, 20-26 Eylül 2004, Türk Dil Kurumu Yayinlari, Ankara, 2004,  s. 387
[8]ئابلىكىم مەمەت، "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى توغرىسىدا"، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنالى، 1993-يىل، 4-سان، 21-26-بەتلەر؛  ھەسەن مۇھەممەت "ئىملاقائىدىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا"،  تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنالى، 1994-يىل، 4-سان، ئۈرۈمچى؛ جۈمە ئابدۇللا، "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرىسىدا" ،  تىل ۋە تەرجىمە ژورنالى، 1994-يىل، 5-سان، ئۈرۈمچى.؛ ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى، "ئۇيغۇر تىل-يەزىق مەدەنىيىتى بىرئىنقىلابقا موھتاج"،  "مۇھاكەمتۇل لۇغەتەيىن"دىن ”مەئارىفۇل لۇغەتەيىن" گىچە، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2010، 61 - 90-بەتلەر.

 
[9] Abduraop Polat Teklimakanli, “Uygur Türkçesindeki a, a Ünlülerinin e, i’ye Değişmesi ve Sebepleri”, s. 126- 131
[10]ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى، ئەسلىي يەزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەكستلىرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بەيجىڭ، 2005، 628 -بەت؛  ئابدۇرەئوپ تەكلىماكاني، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بەيجىڭ، 2007، 84 – 86 – بەتلەر.
[11]ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانى،"ئۇيغۇر تىل-يەزىق مەدەنىيىتى بىرئىنقىلابقا موھتاج"،  81 – 82-بەتلەر.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟