4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ

بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ

 

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى: "3- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق"، "2-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە" ۋە "1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار".

 

خۇلاسە

ئىدىئولوىيەلىك مەۋقەسى سىياسال ئىسلام بولغان ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتى ھاكاۋۇر خىتتاي ئەلچىسىگە سورۇن تەييارلاپ بەرىش بىلەنلا قالماي، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستانداكى لاگىر مەسىلەسى بىلەن ئالاقەدار سۇئال سوراغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا ئىنستىتوت باشلىقىنىڭ بۇ قەدەر قوپال ۋە جەسۇر بىر شەكىلدە ئىنكاس بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى يۇقارىدا بىز توختالغان نۇقتالاردا مەۋجۇتتۇر. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار خۇسۇسەن ئۇيغۇرلار، شۇ خۇيىمىزدىن ۋاز كەچمەكىمىز لازىم: شۇلار بۇنى دەدى، بۇلار بۇنى دەدى، ئاۋۇلار بىزگە مانداق قىلدى، ماۋۇلار بىزگە ئاشۇنداق قىلدى...موھىم بولغانى، نەمە ئۈچۈن بىزگە شۇنداق دەيەلەدى ۋەيا ئاشۇنداقى، مۇشۇنداق قىلالادى. بىزدە كەم بولغان نەمەدۇر؟ بىز نەمە ئۈچۈن بوزەك ۋەيا ئاسانلا خورلانىمىز؟ بىز نەمە ئۈچۈن ئۆز قارىنداشلارىمىز، دىنداشلارىمىز تەرەپىدىن ئاسانلا خەجلەنىپ كەتۇرمىز؟نەمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدەكى قىممەتنى ئاشۇرۇپ. كۈچىمىزگە كۈچ قاتىپ، دوست ۋە دۈشمەن قارشىسىدا غورۇرىمىز بىرلە ياشاشنىڭ بەدەلىنى تۆلەمەيمىز....

كەمىنە پەقىرگە ئوخشاش بىر ئاكادەمىسيەن كەلسە كەلمەس تىمالاردا ئالدىراپ تىنەپ تۋىت ئاتمايدۇ. ئويلاپ تۇرۇپ مۇئەييەن بىر مەقسەت ۋە مۇددىئادا، تەقىپچىلارىغا مەلۇم بىر ئۇچۇرنى بەرمەك ئۈچۈن تۋىت ئاتادۇر. 12-فېۋرال سائەت 23:57 دە مەن س.د.ئى. نىڭ خىتتاي ئەلچىسىنى ھىمايە قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى كۆرمەسكە سالغان، ھەتتا قىممەتسىزلەندۈرگەن پوزىتسىيە ۋە مەۋقەسىگە قاراتا تۋىت ئاتتىم. بۇ تۋىتكە ئىنكاس يازغان كىملىكى نامەلۇم  Jandost4212430 @ Jandost  بىۋاسىتە تىماغا كىرگەن. چۈنكى بۇ شەخس س.د.ئى.نىڭ سىياسال ئىسلامچىلىقىنى، تۈركىيەدەكى بىر قىسىم ئاكتىۋىست ئۇيغۇرلارىنىڭ (كەيىنكى يىللاردا) قانداق بولۇپ سىياسال ئىسلامچىلارنىڭ ئاراسىغا كىرىپ كەتكەنلىكلەرىنى؛ "بۆل، پارچالا ۋە باشقۇر" سىياسەتىگە ماسلاشقان، زىيالىيلىقىدىن تەرجىمان ۋەيا ئاكتىۋىستلىكى ئالدىغا ئۆتكەن بەزى دىپلوما ۋە ئۇنۋان ساھىبى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىلا (بۇ يەردەكى زىيالى ھەم دىنى ھەم پەننى زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى دىنىي ۋە پەننىي دەپ ئايرىش خىتتاينىڭ "شىنجاڭ" سىياسەتىدۇر) ئەمەس دىئاسپورانى قانداق بۆلگەنلىكىنى؛ سەھنەدە قانچە ئاتالمىش سۈرگۈندى، ئويۇنچاق كەبى "ھۈكۈمەت"لەر بارلىقىغا... قەدەر ئىچىمىزدەكى ئاشكارا مەخپىيەتلىكىمىزنى بىلەدۇر ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردە، مەن بۇ كىملىكى نامەلۇم كىشى بىلەن مۇنازىرەلەشمەستىن ئۆزىمىزگە قاراشنى، ئىچىمىزدەكى مەسىلەلەرنى تەھلىل قىلىشنى، پەرقىدە بولۇپ بولماي "ئۇنىڭ، بۇنىڭ قۇيرۇقى" بولۇشىۋالغان، "مىللەتنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن بىرلەشىپ ئالغان" ئىچىمىزدەكى تىلىمىزنىمۇ ئوڭشاپ سۆزلەيەلمەيدۇرغان، كۈلتۈرى، زىھنىيەتى ھەتتا تىپى بىزگە يات بولغان "ئۇيغۇر"لارنى ئوبدان تونۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى زۆرۈر دەپ بىلدىم. ئەلبەتتە، بۇ ئىنكاس، بۇنداق تەھلىل ۋە سوراققا تارتىشنىڭ موھىملىقىنى، ھەتتا ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى نورمال شەرقىي تۈركىستانلىقلاردەكلا  كەمىنە پەقىرمۇ تونۇپ يەتكەن. بىر بىرىنى سىيلاپ سىپاش ئاساسىي ئاقىم بولغان بىر مۇھىتتا، بۇنداق كۆزقاراش ۋە تەھلىل، تەكلىپلەرنى مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن قوبۇل قىلمايدۇرغانلىقى، ھەتتا بۇنى شەخسىي نەپسىگە قاراتىلغان دەپ تەخىمۇ چوڭ پىتنە تەرىشى ھەم مۈمكىن... مەنچە شەرقىي تۈركىستان رىئاللىقى، دىئاسپورانىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىدىن قاراغاندا، تارتىشىدىغان/تارتاشادۇرغان، كۆڭۈل ئايايدۇرغان، چەتتە قاراپ تۇرادۇرغان، ئوڭشالىپ قالۇر دەيدۇرغان ۋاقىتلار ئاللابۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى. دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بويۇمدا قالدى دەۋرى مەنچە ھەم تۈگەدى.  ھەممەگە مەلۇم "يوشۇرۇلغان كەسەل، ئۆلۈمگە سەۋەبچىدۇر". باشقاچە قىلىپ ئايتقاندا پىچاق سۆڭەككە يەتتى. ئەمدىلىكتە، ھەممەيلەننىڭ شەپكەسىنى ۋەيا دوپپاسىنى ئالدىغا ئالىپ قويۇپ سەمىمىيەت بىلەن ئۆزلەرىنى تەكشۈرمەكى شەرتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقىمىزمۇ قاراسىغا ئەگەشمەسلىكنى، بىر قانچە مىنۇت ۋەيا سائەت ھەتتا كۈنلەرچە توختاپ تۇرۇپ ھادىسەنى، شەخسلەرنى، گۇرۇپپالارنى قەلپ ۋە كۆڭۈل دۇنياسىنىڭ ئۆتكەرمە، غەلۋىر ۋە ئەگلەكلەرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا "سوراققا تارتىپ" تۇرۇپ قارار بەرىشلەرىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. چۈنكى بىز ياشاۋاتقان جەمىيەتلەردە بىزگە ئائىت جەمىيەتنىڭ "نىزامىنى ساقلايدۇرغان" ساقچى ۋە قوللۇق كۈچلەرىمىز بولماغاندەك، بۇ جەمىيەتنى ئىدارە قىلادۇرغان بىزگە ئائىت قانۇن، تۈزۈم ۋە قائىدە يوقتۇر. بار بولسامۇ، ئۇنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى يوقتۇر.

ئۆزگەرتىشكە تەگىشلىك خۇيلار ۋە قىلىشقا تەگىشلىك ئىشلار

ئالدى بىلەن ئومۇمىي ئۇيغۇرلار، خۇسۇسەن زىيالىيلار ئۆزلەرىدە ئىزچىللىقى بولغان "سورگۇلاما/سوراققا تارتىش" ئادەتىنى مەنتىقەلىق بىر شەكىلدە يەتىشتۈرمەكى لازىمدۇر. يەنى ئوتتۇراغا چىققان مۇناسىۋەتلىك ھادىسەنىڭ ئاناتومىيەسىنى، بىئولوگىيەسىنى، پسىخولوگىيەسىنى ۋە سوتسىئولوگىيەسىنى ئانالىز قىلىشى، كۆپ تەرەپلىمەلىك "سوراققا تارتىش"نى ياكى ھەرخىل سۇئال قويۇش ئارقالىق نىسبەتەن ئاقىلانە جاۋاپ تاپىشنى ئۆگرەنىشى زۆرۈردۇر. ھىسسىي بىر خەلق بولۇشتىن ئەقلىي بىر مىللەت بولۇشنىڭ كويىدا زىيالىي خەلقىمىزگە رەھبەرلىك، باشچىلىق قىلىش مەسئۇلىيەتىدىن قاچماسلىقى لازىم. ئەگەر مۇنداق بولماغاندا،  ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك ناھايەتى ئەرزان بىر شەكىلدە خەجلەنىپ، باشقالار تەرەپىدىن پايدالانىپ كەتىلەدۇر. كىشىلەر،ئۇ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق ئاددىي "خوش خوشچى"نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇنىڭغا قەدىر-قىممەت بەرمەيدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇرغۇلاقتا پايدا باردۇر: شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرنىڭ نامىنى ئشلەتكەنلەردىمۇ ئازراق غورۇر بولۇشى كەرەك. ئىزچىللىقى، تۇتامى بولغان مەۋقە بىلەن تىك تۇرۇشنى بىلىشى كەرەك. كەزى كەلگەندە پەشىنى قاقىپ دەس تۇرۇپ چىقىپ كەتىشنى، ئارقاسىغا قاراماستىن ماڭىشنى ھەم بىلىشى كەرەك. يامان ساقچى، ياخشى ساقچى ئويۇنلارىنى ئوبدان ئاڭقارىشى، قۇرۇق ئەمىزگۈگە،شىرىن شەكەر ۋەدەلەرگە ئالدانىپ خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قۇربان قىلماسلىقى، كوللىكتىپ كىملىككە زىيان سالماسلىقى شەرت. گەپ سۆزلەرنى ئويلاپ قىلىشى، قىلغان سۆزىنىڭ ئارقاسىدا ئىزچىل ۋە تىك تۇرۇشنى ئادەت قىلىشى كەرەك. ئاددىيغىنە سىلاپ سىپاپ قويسىلا، ئەرىپ سۇ بولماسلىقى كەرەك...زىننەتگۈل پاجىئەسى زىھىنلەردە ۋە ئەسىمىزدە تاپ تازە تۇرۇپتۇ، ئۇنۇتۇلغانى ھىچ يوق!  تەكرارىدىن ساقلانماق ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئىگەلەرى ھەزەر ئەيلەمەكى، كەزى كەلگەندە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىشنى ھەم بىلىشى مەدەنىي تەشكىلاتچىلىقنىڭ ئەقەللىي شەرتلەرىدۇر. مەسئۇلىيەتچانلىق كىشىلەرگە دائىما مەجبۇرىيەتلەرىنى ئەسلەتىپ، ئەسكەرتىپ تۇرادۇر.

1) شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەرقانداق بىر دەۋلەتتەكى مۇئەييەن بىر سىياسىي ئاقىم، ئىدىئولوگىيە ۋە پارتىيەنىڭ  مونوپوللۇقىغا، ياكى كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. بۇ داۋا، تۈرك مىللەتىنىڭ، مۇسۇلمان ئۈممەتىنىڭ ۋەلھاسىل ئىنسانلىقنىڭ داۋاسىدۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنىشى شەرت بولغان ئىش: بۇ داۋانى تۈركىيەدە قانداق قىلىپ تۈرك مىللەتىنىڭ ۋە تۈرك دەۋلەتىنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرالايمىز؟ تۈرك تاشقىي سىياسەتىدە، قىبرىس/سىپرۇس مەسىلەسىدەك سەۋىيەگە ئەكىلەلمەسەكمۇ، قىرىم مەسىلەسىدەك سەۋىيەگە ئالىپ كەلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كەرەك؟ دەگەن سۇئال تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئاكادەمىسيەنلەر، ئاكتىۋىستلەر ۋە خەلق ۋەكىللەرى ھەم يەڭى نەسىللەر مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئارقالىق قىسقا، ئورتا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ستراتىگىيە، سىياسەت، يول خەرىتەسى بەلگۈلەمەكى شەرتتۇر. ئىسلام دۇنياسىدا، بۇ داۋانى قانداق قىلىپ ئۈممەتنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرالايمىزنىڭ مۇھاكەمە ۋە مۇنازىرەسىنى يەنىلا ئوخشاش يولدا قىلىشىمىز شەرت. دەۋلەت ھالقاغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلارى، تونۇلغان زىيالىي، ئاكتىۋىستلارىمىز ئورتاق ھەرەكەت قىلىپ دۇنياداكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان دوستلارى ۋە ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات، شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە قانداق قىلىپ بۇ داۋانى ئىنسانىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلەدۇرغان بىر داۋاغا ئايلاندۇرۇشنىڭ يوللارىنى ئىزدەمەكى زۆرۈردۇر.

2) ھەقىقەتەنمۇ پىچاق سۆڭەككە يەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە، مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەرلەرى، ھەر ساھە، ھەر قاتلام كىشىلەرى ئۆز ئارالارىدا بار بولغان شەخسىي ئاداۋەت، شەخسىي غۇم، نەپسانىي كۈتۈشلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممەدىن ئالىي بىلىشى شەرتتۇر. مۇشۇنداق ئاڭنىڭ يەتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستان كرىزىسىنى ئەتراپلىق ئىدراك قىلىپ تۇرۇپ قىرغىن قىلىنىۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن، يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈلمەكتە بولغان ئەجدات ئىزى ۋە شانلىق مەدەنىيەتىمىز ئۈچۈن بىرلەشمەكى، كىم لاياقەتلىك، ساداقەتلىك ۋە سەمىمىي بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەم بولۇپ كەچە-كۈندۈز مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلماقى پەرزدۇر.

3) تۈركىيەدە "بولغانغا، ئۆلگەنگە چارە يوق" دەيدۇ. ئۆتمۈشنى بىلەيلى، ئۇنۇتمايلى، دەرس چىقارتىپ خاتانى تەكرار قىلمايلى. شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ بىرلىكىگە، بارابەرلىكىگە زىيانلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھەرقايسى دەۋلەتلەردە، خۇسۇسەن تۈركىيەدە تىز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدا پائالىيەت قىلىپ تۇرغان سىياسەتچى، ئاكتىۋىست، دەرنەكچىلەرنى تەپتىش قىلادۇرغان، توغرا يولغا يەتەكلەپ، كەزى كەلگەندە تورمۇزلايالايدۇرغان، خىزمەتلەرىدىن خەلقىمىزگە دوكلات ۋە ھىساپ بەرەلەيدۇرغان ئۈست بىر كومىتېت ۋەيا شۇرا تەشكىل قىلىنماقى زۆرۈردۇر. بۇ شۇرانىڭ ئەزالارى دىئاسپوراداكى بارلىق ساھە، گۇرۇپپالاردىن چىققان لاياقەتلىك ۋە نوپۇزلۇق كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقى شەرتتۇر. زۆرۈر تاپىلغاندا، ئۇشبۇ شۇرا ۋەيا كومىتېت مۇناسىۋەتلىك دەۋلەتلەردەكى ھۈكۈمەت ۋەيا دەۋلەت ئورگانلارى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالەتەن تولۇق ھوقۇقلۇق ئورگان شەكلىدە كۆرۈشۈشى كەرەك. مۇشۇنداق بولغاندا، ئالدىغا كەلگەن ھەركىم، ھەر دەرنەك مەنسۇپلارىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەيا ئۇيغۇر نامىنى قوللانىپ سىياسەت ۋە تىجارەت قىلىشىنىڭ ئالدى ئالماق مۈمكىن بولغۇسىدۇر. شۇنداقلار، داۋانىڭ مۇئەييەن ئىدىئولوگىيە، شىياسىي ئاقىم ۋەيا پارتىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىغا كىرىپ قالىشىنىڭ ئالدىنى ئالماق مۈمكىن بولغۇسىدۇر.       

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟