|
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ، خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ
عقائد ضرورية
داموللا ئابدۇلقادىر بىن ئابدۇلۋارىس ئەسەرىدۇر
كاشغەر ئاقارتىش ئۇيۇشماسىنىڭ مىللىي مەتبەئەسىندە باسىلدى
بىسمىللاھىر رەھمارنىر رەھىم كلمة الله هي العليا خۇدايى تائالاھنىڭ سۆزى ھەممەدىن بەلەن ۋە ئۈستۈندۇر.
سۇئال: ئىنساننىڭ سائادەت ۋە ئۇلۇغلۇقى نەمە بىرلە بولۇر؟ جاۋاب: ھەق ۋە راست دىنغا ئۇناپ، ئەمەل قىلىش بىرلە بولۇر.
سۇئال: ھەق ۋە راست دىن قايسى دىندۇر؟ جاۋاب: ھەق ۋە راست دىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ھەق) دىن بولغان ئىسلام دىنىدۇر.
سۇئال: ئىنسان نەمە بىرلە ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۆمىن ۋە مۇسۇلمان بولۇر؟ جاۋاب: كەلىمە تاييىبەنى تىلىغا جارى قىلىپ، مەناسىنى بىلىپ، دىلى بىرلە تەستىق ۋە قوبۇل قىلماق بىرلەن بولۇر.
سۇئال: ئەۋۋەلقى كەلىمە تاييىبە قايسى كەلىمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر.
سۇئال: بۇ كەلىمە تاييىبەنىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: بىر ئاللاھدىن باشقا ھىچ مەبۇد، بىر ھەق ۋە خالىق يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىىسسالام ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋە بىر ھەق پەيغەمبەرىدۇر.
سۇئال: قايداغ كىشى مۆمىن ۋە مۇسۇلمان كامىل بولۇر؟ جاۋاب: ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، شەرىئەتتە سابىت بولغان ھۆكۈملەرگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ئىتائەت قىلغان كىشى مۆمىن ۋە مۇسۇلمان كامىل بولۇر.
سۇئال: ئىمان نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھغا، پەرىشتەلەرگە، كىتابلارغا، قىيامەت كۈنىگە ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالاھنىڭ تەقدىرى بىرلە بولۇشىغا تەستىق قىلىپ، قوبۇل قىلماقتۇر.
سۇئال: ئاللاھ تائالاھغا ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقىدە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ باردۇر، بىردۇر، ھىچبىر شىرىكى يوقتۇر، قەدىمدۇر، كامالى سۇپەتلىرى بىرلە دائىم سۈپەتلەنگۈچىدۇر، بارلىق ئەيىب ۋە نۇقسان، كەمچىلىكلەردىن پاك ۋە يىراقتۇر.
سۇئال: ئاللاھ تائالاھنىڭ كامالى سۈپەتلىرى قايسى سۈپەتلەردۇر؟
سۇئال: "ھاياتتۇر" نىڭ مەناسى نەمە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ تىرىكتۇر، تىرىكلىكى جىسىم ۋە جان بىرلە ئەمەستۇر، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپەتى بىرلە تىرىكتۇر.
سۇئال: "بىلگۈچىدۇر"نىڭ مەناسى نەمە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ بارچە نەرسىلەرنى خاھ ئاشكارە خاھ پىنھان تامامەن بىلگۈچىدۇر، ھىچ نەرسە ئاللاھ تائائالاھنىڭ ئىلمىدىن تاشقىرى ئەمەستۇر، بىلمەكى ھەۋەس، ئەقىل، زىھىن بىرلە ئەمەستۇر، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپەتى بىرلە بىلگۈچىدۇر.
سۇئال: " ئىرادە قىلغۇچىدۇر" نىڭ مەناسى نەمە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ ئىرادە قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالاھنىڭ خاھىشى بىرلە بولۇر.
سۇئال: " قادىردۇر" نىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھنىڭ ھەممە نەرسەگە كۈچى يەتكۈچىدۇر، ھىچ نەرسەدىن ئاجىز ئەمەستۇر.
سۇئال: " سۆزلەگۈچىدۇر" نىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ سۆزلەگۈچىدۇر، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالاھنىڭ سۆزىدۇر ۋە سۆزلەمەكى تىل، ئاغىز بىرلە ئەمەستۇر، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپەتى بىرلە سۆزلەگۈچىدۇر.
سۇئال: " ياراتقۇچىدۇر" نىڭ مەناسى نەمە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقۇچىدۇر، پەيدا قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالاھنىڭ ياراتماقى بىرلە پەيدا بولغاندۇر.
سۇئال: " ئاڭلاغۇچىدۇر" نىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ ھەممە ئاۋازلارنى ئىشىتكۈچىدۇر، ئىشىتمەكى قۇلاق بىلەن ئەمەستۇر، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپەتى بىرلە ئىشىتكۈچىدۇر.
سۇئال: "كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر" نىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ ھەممە نەرسەنى كۆرگۈچىدۇر، ھەتتاكى قاراڭغۇ كىچەدە قارا تاش ئۈستىدە قارا چۈمۈلەنىڭ ھەرىكەتلەرىنى كۆرگۈچىدۇر. كۆرمەكى كۆز بىرلە ئەمەستۇر، بەلكى ئۆزىگە لايىق سۈپەتى بىرلە كۆرگۈچىدۇر.
سۇئال: پەرىشتەلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقەدە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھنىڭ پەرىشتەلەرى باردۇر، ئۇلارنى نۇردىن ئاپىرىدە قىلغاندۇر. ئۇلار ئەركەك ياكى چىشى دەيىلمەيدۇرلار، يەپ-ئىچىش يوقتۇر. دائىم ئاللاھ تائالاھنىڭ تائىتىدە بولغۇچى ئەزىز، ھۆرمەتلىك بەندەلەرىدۇر. ئۇلاردىن ئاللاھغا ياقىن ئەلچىلەرى ئەزرائىل، مىكائىل، ئىسرافىل، جىبرائىل ئەلەيھىسسالاملاردۇر.
سۇئال: كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقەدە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھ بەندەلەرىنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرگە كىتابلار بەرگەندۇر. ئەۋۋەلقى كىتابلاردا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، خۇش بىشارەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى، بەندەلەرنىڭ دىن ۋە دۇنيادىكى مەنپەئەت ۋە زەرەرلەرىنى بايان قىلغاندۇر. ئەۋۋەلقى كىتابلار تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر، فۇرقان ۋە باشقا سەھىپىلەردۇر. بۇكىتابلارنىڭ ھەممەدىن ئەۋزەلى قۇرئانى كەرىمدۇر. قۇرئاننىڭ ھۆكۈملەرى قىيامەتگىچە باقىيدۇر.
سۇئال: پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقەدە؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالاھنىڭ ئۆز پەزلى بىرلەن بەندەلەرىنى ھەق يولغا كىرگۈزمەك ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئەۋەرتكەندۇر، پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنى تەۋھىد ۋە ياخشى ئەمەل ۋە ياخشى ئەخلاقلارغا دەۋەت قىلىپ، شىرىك ۋە يامان ئىشلاردىن ياندۇرغاندۇرلار. ھەممەلەرى مەسۇم، پاكتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋەلى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئاخىرى ۋە ھەممەلەرىدىن ئەۋزەلى بىزنىڭ پەيغەمبەرىمىز- پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
سۇئال: قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقەدە؟ جاۋاب: قىيامەت كۈنى يەنى بەندەلەرنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللەرىگە جازا بەرىلەدۇرغان كۈن ھەق ۋە راستتۇر. قۇرئانى كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئول كۈن ھەققىدە ئايتىلغان نەرسەلەر تامامەن زاھىر بولماقى ھەق ۋە راستتۇر.
سۇئال: قەدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش نە تەرىقەدە؟ جاۋاب: بەندەلەرنىڭ گاھ ياخشى گاھ يامان ئەمەللەرى ئاللاھ تائالاھنىڭ تەقدىرى بىرلەندۇر. لاكىن ئاللاھ تائالاھ ياخشى ئەمەللەرگە رازى، يامان ئەمەللەرگە رازى ئەمەستۇر.
سۇئال: ئىسلام نەمەدۇر؟ جاۋاب: شاھادەت ئايتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بەرىش، رامازان روزاسى تۇتۇش، بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشتۇر.
سۇئال: شاھادەت نەمەدۇر؟ جاۋاب: " ئاللاھدىن باشقا ھىچ مەبۇد بىر ھەق يوقتۇر، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئەۋەرتكەن ئەلچىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبەرىدۇر" دەپ گۇۋاھلىق بەرمەكتۇر.
سۇئال: ناماز ئوقۇشنىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: بەش ۋاقىت نامازنى شەرىئەت ھۆكمىگە مۇۋاپىق قىلىپ، راستلاپ ئوقۇماقتۇر.
سۇئال: زاكات بەرىشنىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: مالى ھاجەت ئەسلىدىن زىيادە بولۇپ، نىسابىغا يەتسە زاكات بەرمەكدۇر. زاكاتنىڭ مەناسى مالنى پاك قىلماق دەمەكتۇر. زاكات بەرمەگەن مال نىجىس ۋە زىرائەتنىڭ زاكىتى ئوندىن بىرى ۋە خاراجدۇر. ئوندىن بىرى ۋە خاراج بەرمىگەن زىرائەت ناپاكتۇر.
سۇئال: رامازان روزاسىنى تۇتۇشنىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: رامازان ئايىدا سۈبھى سادىقتىن باشلاپ، يەمەك-ئىچمەك، جىما قىلماقنى نىيەت بىرلە تەرك ئەتمەكتۇر .
سۇئال: بەيتۇللاھنى ھەج قىلىشنىڭ مەناسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: بەيتۇللاھغا بارىپ كەلگۈچە يول چىقىملارىغا ۋە خوتۇن-بالىلارىنىڭ نەپەقە ۋە خىراجەتلەرىگە يەتكۈدەك نەرسەگە قادىر بولغان كىشىگە ئۆمرىدە بىر مەرتەۋە كەئبە شەرىفنى تاۋاپ قىلماقدۇر.
سۇئال: ئىماننىڭ خۇلاسەسى نەمەدۇر؟ جاۋاب: مەقسەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇدانىڭ يانىدىن كەلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بولغانلىقى سابىت بولۇپ بىلىنسە، ئۇنىڭغا تىل بىرلە ئىقرار ۋە دىل بىرلە تەستىق ۋە قوبۇل قىلماقتۇر.
سۇئال: ئىلىم تەلەپ قىلىش قانداق نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىلىپ تەلەپ قىلماق ئەر كىشى بولسۇن، ئايال كىشى بولسۇن پەرزدۇر، دىنىي ئىلىم ئاخىرەتتەكى سائادەتىگە سەۋەبچىدۇر.
سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولماقىغا سەۋەبكار نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىككى نەرسەدۇر. بىرى جاھىل ۋە نادانلىق. ئىككىنچىسى تەپرىقەچىلىق/بۆلۈنمەچىلىك ۋە زالالەتتۇر. ھەر قەۋم، ھەر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەبكار نادانلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتۇر.
سۇئال: ئىززەت، ئابروي ۋە قۇۋۋەت نەمە بىرلە بولۇر؟ جاۋاب: ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئىتتىپاقلىق بىرلە بولۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن جانابى ھەق بىزلەرنى ئىتتىپاقلىققا ئەمىر قىلغاندۇر.
[ئاللاھنىڭ ئارغامچاسىغا چىڭ ئاسلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار]، ھىدايەتكە ئەگەشكەنلەرگە سالام بولسۇن! ھىجىرىيە 1353-يىلى --------------- ۋورد ھۆججەت 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەردە تاماملاندى. تەييارلىغۇچى: ئەردەم
|
|

