|
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
[ئۇلار پەقەت ئاللاھغا خالىس ئىبادەت قىلىشقىلا بۇيرۇلدى]
ئاللاھغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئۇشبۇ زامان سائادەت ئىقتىرانىدا بۇ قىسقا رىسالە ۋە كالتە ماقالەلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلەرىدىن كاشغەرلىك داموللا سابىت ئىبن ئابدۇلباقى ( ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلسۇن) نىڭ قەلەم سەمەرەسىدىن بولۇپ، ئىسمى عقائد جوهرية دۇر، ئەگەشكۈچىلەرىدىن يورۇڭقاشلىق ئىلىم ۋە ھىكمەتكە پىداكار، دىن ۋە مىللەت ئۈچۈن غەمگۈزار ئەييان سودىگەرلەرىدىن بىرى بولغان ئابدۇسەمىيجان ھاجىم، نىئمەتجان باي ھاجىم مەرھۇمنىڭ ھۆرمەتلىك پەرزەنتىنىڭ ئەھمىيەت بەرىشى ۋە خىراجەتى بىرلەن دەھلى شاھباندا، مەھبۇب باسماخانەسىدە باسىلىپ نەشىر قىلىندى. مەتبەئەت ھەقلەرى تارقاتقۇچىلارغا قايىتقۇسىدۇر. ھىجرىيە 1351-يىلى تۇرغۇن ئەمىن خوتەنىنىڭ خىراجەتى بىلەن نەشىر قىلىندى. ھىجىرىيە 1404-يىلى، مىلادى 1984-يىلى
[ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزەرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر]
1- سۇئال: ئاللاھتائالا بەندەلەرىگە بۇيرىغان ياخشى نەرسەلەرىنىڭ ئىچىدە ھەممەدىن ئۇلۇغراقى نەمەدۇر؟ جاۋاب: تەۋھىددۇر. ئەۋۋەل ئاللاھتائالانى يەككە – يىگانە دەپ تونۇش ئاللاھنى زاتى، سۈپەتلەرى ۋە پىئىللارىدا بىردۇر دەپ دىل بىلەن ئىشەنىپ، تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ، ئەمەل ۋە ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھىچ نەرسەنى شىرىك قىلماي، بەلكى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەرنى ئول زاتنىڭ ئىلاھى سۈپەتلەرىگە مەخسۇس قىلماقتۇر. ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھتائالاھنىڭ ھوزۇرىدىن ئالىپ كەلگەن دىنى ئۇشبۇ تەۋھىدتۇر. [ئۇلار پەقەت ئاللاھغا خالىس ئىبادەت قىلىشقىلا بۇيرۇلدى] (بەييىنە: 5) ئايەتى ۋە " بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنى بىردۇر" دەگەن ھەدىس پاكىتتۇر. 2- سۇئال: ئاللاھتائالا بەندەلەرىنى چەكلەگەن يامان نەرسەلەرنىڭ ھەممەدىن يامانراقى نەمەدۇر؟ جاۋاب: شىرىكتۇر. ئول شىرىك ئاللاھتائالاغا باشقا نەرسەنى ئىبادەتتە شىرىك قىلماقتۇر. شىرىك ھەممە يامانلىقلارنىڭ چوڭراقى ۋە ئاللاھتائالانىڭ نەزەرىدە مۇندىن يامانراق نەرسە يوقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇنى ئەسلا مەغپىرەت قىلماغاندۇر. شىرىك بولماسا باشقا گۇناھلارنى ئاللاھتائالا خالاسا مەغپىرەت قىلادۇر. [ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلادۇر.] ئايەتى بۇنىڭغا دەلىلدۇر.
3- بەندەلەرگە زۆرۈر ۋە ۋاجىب بولغان نەرسەلەر نەمەدۇر؟ جاۋاب: تۆت نەرسەدۇر. ئاللاھتائالانى ۋە رەسۇل ئەكرەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە دىن ئىسلامنى دەلىل ۋە پاكىت بىلەن بىلمەك ۋە ئىشەنمەكدۇر. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشلاپ بەرگەن يول بىلەن ئەمەل ۋە ئىبادەت قىلماقتۇر. ئاندىن خالايىقلارنى ئۇشبۇ ئىمان ۋە ئىبادەتگە دالالەت قىلماقتۇر. ئاندىن خالايىقنى دالالەت قىلغاندا ئۇلاردىن ئازار ۋە جاپا يەتسە سەبىر قىلماقتۇر. چۈنكى ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە سۈرە ئەسىرنى نازىل قىلدى. مەناسى:" زامانغا قەسەم قىلىمەنكى، ئىنسان شەكسىز زىياندادۇر. مەگەر ئۇلاردىن جانابى ئاللاھتائالانى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئىسلام دىنىنى تونۇپ، راست كۆڭلى بىلەن ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ۋە ئىمان ۋە ئەمەلگە تەۋسىيە قىلغانلار زىياندا ئەمەستۇر". مانا ئۇشبۇ ئۇلۇغ سۈرە ئىسلام يىلتىزلەرىنى بايان قىلغاچ، ئىمام شاڧىئى رەھىمەھۇللاھ ھەزرەتلەرى ئايىتتى:" ئاللاھتائالا بەندەلەرىگە ئەسىر سۈرەسىدىن باشقا سۈرەلەرنى چۈشۈرمەسىمۇ، پەقەت ئۇشبۇ ئۇلۇغ سۈرە خالايىقلارغا ھۆججەت ئۈچۈن كۇپايە قىلار ئىدى" .
4- سۇئال: ئەمەل ۋە ئىبادەتتىن مەقسەت نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھتائالانى ئىسىم-سۈپەتلەرى بىلەن ياخشى تونۇماقدۇر. ئاللاھ ئاسمان ۋە زەمىننى پەيدا قىلماقتا ۋە ئۇلاردا تەسەررۇپ قىلماقتا، شىرىكى يوقتۇر دەپ ئىتىقاد قىلىپ، ئۇ ئاللاھتائالا ئەزەلدىن باردۇر ۋە ئەبەدى باردۇر دەپ گۇۋاھلىق بەرمەكتۇر. ئاللاھتائالانىڭ ئالىي نىئمەتلەرىگە شۈكۈر قىلىپ، ئاللاھتائالا ئۆز ئۇلۇغلۇقى بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەتتۇر، باشقا نەرسەلەر ئۇ ئاللاھتائالاغا مۇھتاجدۇر ۋە ئۇ ئاللاھتائالانىڭ پەرمانى ۋە خاھىشى بىلەندۇر، ئۇ زات ئىلاھى سۈپەتلەرىنىڭ تەسەررۇپى ۋە ئىرادەسىنىڭ ئاستىدادۇر دەپ بىلىپ، چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەكتۇر.
5- سۇئال: ئەمەل- ئىبادەت بىلەن ياخشى مەرىپەتنىڭ ھاسىل بولماقى ئۈچۈن ۋاستە نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىلىمدۇر. ---- ئىبادەت ۋە ئەمەل خالىس تەۋھىد ئىگەسىدىن سۈننەتكە مۇۋاپىق سادىر بولسا مەقبۇل بولادۇر. ھەتتاكى تەۋھىد خالىس بولۇپ، ئەمەل ۋە ئىبادەت سۈننەت يولى بىلەن بولماسا ياكى ئەمەل- ئىبادەت سۈننەت يولى بىلەن بولۇپ، تەۋھىد خالىس بولماسا ئۇنداق ئىبادەتنىڭ ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىتىبارى بولماغاچ، ئۇنىڭ بىلەن ھىچ بىر ۋاقىتتا مەرىپەت ھاسىل بولماس. ھەزرەتى ڧۇزەيىل ئىبن ئىياز [سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ياخشى ئىكەنلاكىنى سىناش ئۈچۈن] دەگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە:" ياخشى دەگەن سۆزنىڭ مەناسى خالىس ۋە توغرا» دەدى. بۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى ئەمەل - ئىبادەت خالىس تەۋھىد ئىگەسىدىن سۈننەتگە مۇۋاپىق سادىر بولسا ئىبادەت بولۇر. ئۇنداق بولماسا، ئىبادەت بولماس دەگەن سۆزدۇر. ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ خالىس تەۋھىد بىلەن سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغانى ئىلىم بىلەن بىلىنۇر، ئىلىم ۋەسىلەدۇر. 6- سۇئال: ھەممەدىن ئىلگەرى بەندەگە ۋاجىب بولغان نەرسە نەمەدۇر؟ جاۋاب: تەۋھىدتۇر. ئۇ تەۋھىد ئاللاھتائالانى بىلىپ، ھەممە ئەمەل ۋە ئىبادەتنى ئۇنىڭغا خاس قىلىپ، راست ئىتىقاد بىلەن تەسلىم بولماق ۋە بويسۇنماقتۇر. شىرىكتىن كۆرۈنۈشتە بولسۇن، كۆڭلىدە بولسۇن پۈتۈنلەي چىقماقتۇر. 7- سۇئال: ئىنقىياد (بويسۇنۇش) نەچچە مەرتىۋە؟ جاۋاب: ئۈچ مەرتەۋە. 8- سۇئال: بىرىنجى مەرتىۋە نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىسلامدۇر. ئۇنىڭ رۇكنى بەشتۇر. بىرىنجى رۇكنى "ئاللاھتالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئىبادەتكە ھەقلىقى پەقەت ئاللاھتائالادۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھتائالانىڭ بەندەسى ۋە ھەممە خالايىقلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر ۋە ئەلچىسىدۇر" دەپ چىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنىپ، تىلى بىلەن گۇۋاھلىق بەرىشتۇر. ئىككىنجى رۇكنى ناماز ئوقۇماقتۇر. ئۈچىنجى رۇكنى زاكات بەرىشتۇر. تۆتىنجى رۇكنى رامازان ئايىدا روزا تۇتماقتۇر. بەشىنجى رۇكنى ئۆمۈر ئىچىدە سەپەرگە چىقىشقا قادىر بولسا، باشقا چەكلىمە بولماسا بەيتۇللاھنى بىر مەرتەم ھەج قىلماقتۇر. 9- سۇئال: ئىككىنجى مەرتىۋە نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىماندۇر. ئىمان يەتمىش نەچچە شاختۇر. ئۇنىڭ يۇقارىسى راست دىلى بىلەن ئىتىقاد قىلىپ " لا ئىلاھە ئىللەللاھ" نى زۇۋانىغا جارى قىلماقتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەنى يولدىن يۈرۈگەچە ئازار بەرەدۇرغان نەرسەنى يوقاتماقتۇر. ھايا ئىماندىن بىر شاختۇر. ئىماننىڭ رۇكنى ئالتەدۇر. بىرىنجى رۇكنى ئاللاھتائالاغا ئىمان كەلتۈرمەكتۇر. ئىككىنجى رۇكنى ئاللاھتائالانىڭ پەرىشتەلەرىگە ئىشەنمەكتۇر. ئۈچىنجى رۇكنى ئاللاھتائالانىڭ ھەممە كىتابلارىغا ئىشەنمەكتۇر. تۆتىنجى رۇكنى ئاللاھتائالانىڭ ھەممە پەيغەمبەرلەرىگە ئىشەنمەكتۇر. بەشىنجى رۇكنى قىيامەت كۈنىنىڭ راستلىقىغا ئىمان كەلتۈرمەكتۇر. ئالتىنجى رۇكنى قەدەرگە ئىمان كەلتۈرمەكتۇر. يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھتائالادۇر، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىندۇر دەپ ئىتىقاد قىلماقتۇر. 10-سۇئال: ئۈچىنجى مەرتىۋە نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىھساندۇر. ئىھسان ئاللاھتائالانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلماقتۇر. چۈنكى بەندە ئاللاھتائالانى كۆرمەسىمۇ، ئاللاھتائالا بەندەنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. 11- سۇئال: تەۋھىدتىن كەيىن ۋاجىب بولغان نەرسە نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىمان ۋە ھىدايەت بىلەن كۇڧۇر ۋە زالالەتنىڭ ئاراسىداكى پەرقلەرنى بىلمەكتۇر. ------- بەندە ئىمان نەمەدۇر، ھىدايەت نەمەدۇر بىلمەسە كۇڧۇر ۋە زالالەت ھىچنەمە بىلمەيدۇر. ئاندىن ئۇنىڭ زۇۋانىغا ئىلىمسىز ۋە ئىتىقادسىز گاھى تەۋھىد كەلىمەسى كەلەدۇر، گاھى كۇپۇر سۆزلەر كەلەدۇر. ئىلىم ۋە مەرىپەتتە ئۇشبۇ دەرىجەدەكى كىشىگە ھىچ بىر ئەمەل - ئىبادەت مەنپەئەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئەمەل - ئىبادەت سۈننەت ۋە ئىمان بىلەن بولماسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىتىبارسىزدۇر. 12- سۇئال: ئاندىن نەمە ۋاجىبتۇر؟ جاۋاب: ناماز، زاكات، روزا، ھەج كەبى ئىبادەتلەرنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملەرىنى راۋا قىلىشنىڭ ھۆددەسىدىن چىققۇدەك بىلىم ئالىش ۋاجىبتۇر. بۇلارنىڭ ئاياغىدا ۋاجىب بولماقىنىڭ سەۋەبى شۇكى ئەمەل ۋە ئىبادەت شاخچەدۇر، تەۋھىد ۋە ئىمان ئەسلىدۇر( يىلتىزدۇر). ئەسلىنى دۇرۇسلاماق شاخچەنى رۇسلاماقتىن ئىلگىرىدۇر. 13- سۇئال: ئۇشبۇ پەرىز ئەيىن بولغان ئىلىم-مەرىپەتنى تەلەپ قىلماستىن ئىسلامنى دەۋا قىلغاننىڭ ھۆكمى نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئۇ كىشىگە ئىسلام دەۋاسىدىن باشقا مەنپەئەت يوقتۇر. مۇنداق ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى پەقەت دۇنيادا يۈز- خاتىرەسى بولۇر. ئاندىن كاپىرلاردىن جىزىيە ئالىنغاندەك جىزىيە ئالىنمايدۇر. لاكىن بۇ ئىسلام بىلەن ئاخىرەت دەرىجەلەرىگە يەتىشمەك مۈشكۈلدۇر. چۈنكى ئاللاھتائالاغا ياقىنلىق مەرىپەت مىقدارى بىلەندۇر. 14- سۇئال: تەۋھىدتە ۋاجىب بولغان نەرسە قانچەلىكتۇر؟ جاۋاب: "ئاللاھتائالانىڭ ۋۇجۇدىنىڭ ئەۋۋەلى ۋە ئاخىرى يوقتۇر، ئاللاھتائالا ھىچ نەرسەگە ئوخشامايدۇ. ھىچ نەرسە ئۇنىڭغا ئوخشامايدۇ. ماكان ۋە ئورۇنغا مۇھتاج ئەمەستۇر. زامان ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭغا نە زاتى ۋە نە ئىش- ھەرىكىتىدە ئىككىنجىسى يوقتۇر. ئۆز نەڧسى بىلەن قايىمدۇر. ھەممە نەرسەلەردىن بىھاجەتتۇر. قادىردۇر، ئىرادە قىلغۇچىدۇر. خالىغان نەرسەسىنى قىلادۇر. ھەر ئىشنى قىلسا نەمە سەۋەبتىن قىلدى دەپ سورالمايدۇ. ھەممە ئالەمنى ۋە ھەممە شەيئىلەرنى يوقتىن بار قىلدى. بولادۇرغان ۋە بولاشى مۇمكىن بولغان ۋە بولمايدۇرغان ئىشلارنى بىلەدۇر. ھەر شەيئىنى كۆرۈپ تۇرادۇ ۋە ئاڭلايدۇر. ئۇ زاتنى بىر ھالدىن يەنە بىر ھال مەشغۇل قىلمايدۇ. ھۆكۈم ۋە قازادا ئادىلدۇر. ياراتىش ۋە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، ھۆكۈم ۋە بۇيرۇقلارىدا، تەقدىر ۋە تەدبىرلەرىدە پەقەت ئۆزى يىگانەدۇر، ھىچكىم ئارالاشمايدۇ. بىر نەرسەنى پەيدا قىلماقنى خالىسا " بول" دەيدۇ، ئۇ نەرسە تەخىرسىز پەيدا بولادۇر. ئاللاھتائالا كامالى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر" دەپ كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەكتۇر. 15- سۇئال: كامالى سۈپەتلەر نەمەلەردۇر؟ جاۋاب: ھايات، قۇدرەت، ئىرادە، ئىلىم، ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەش، ياراتىش، ئەزەلى ۋۇجۇدلۇق، بەقالىق، ئۆز زاتى بىلەن قايىم بولماق، يەككە- يىگانە بولماق، تىرىك بولماق، قادىر بولماق، ئىرادە قىلغۇچى بولماق، ئاڭلاغۇچى بولماق، كۆرۈپ تۇرغۇچى بولماق، سۆزلەگۈچى بولماق. بۇندىن باشقا ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆز زاتىغا ئىسپات قىلغان رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن دۇرۇس سەنەد بىلەن سابىت بولغان سۈپەتلەردۇر. بۇ سۈپەتلەر مەخلۇقاتلارنىڭ سۈپەتلەرىگە ئوخشامايدۇ. ئاللاھتائالا ئۆزى ھىچ بىر مەخلۇققا ئوخشاماغاندەك، سۈپەتى ۋە قىلىقى ھەم ھىچ مەخلۇقنىڭ سۈپەتى ۋە قىلىقىغا ئوخشامايدۇ. بەلكى ئۇ سۈپەتلەر ئاللاھتائالا ئۆزى ئىرادە قىلغان مەنا بىلەن ئۆزىگە لايىق سۈپەتلەردۇر دەپ ئىتىقاد قىلىنىدۇ. [ھىچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر] ئايەتى دەلىلدۇر. 16- سۇئال: پەرىشتەلەر كىمدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھتائالانىڭ ئىتائەتمەن بەندەلەرىدۇر ۋە بويسۇنغۇچى ئەسكەرلەرىدۇر. ئاللاھتائالانىڭ ئەمر- پەرمانىدىن چىقمايدۇرلەر. نەمەگە پەرمان قىلسا شۇنى قىلۇرلار. [ ئۇ پەرىشتەلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نەمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلادۇر] (تەھرىم: 6) ئايەتى بۇلارنىڭ ھەققىدەدۇر. ئۇلار نەچچە قىسىم ئىشلارغا مۇئەككەلدۇر. بەزىلەرى ئاللاھتائالا بىلەن پەيغەمبەرلەر ئاراسىدا ئەلچىدۇر، بەزىلەرى جان ئالماق ئۈچۈن مۇئەككەلدۇر، ۋە بەزىلەرى بەندەلەرنى قوغدايدۇ. بەزىلەرى بەندەلەرنىڭ ياخشى- يامان ئىشلەرىنى يازادۇر ۋە بەزىلەرى بىھىشكە، بەزىلەرى دوزاخقا مۇئەككەلدۇر. بەزىلەرى ئەرشئەلانى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇئەككەلدۇر، بەزىلەرى بەندەلەرنىڭ مەسلىھەت ۋە مەنپەئەتلەرى ئۈچۈن قايىمدۇر. بەزىلەرى بەچچىداندا بالالارنى سىياققا كەلتۈرۈش بىلەن مەشغۇلدۇر. بەزىلەرى زىكىر – تەسبىھ، تەكبىر ۋە ھەمد ئايتىش كەبى ئىبادەتلەرگە مەشغۇلدۇر. پەرىشتەلەرنىڭ ئىككىدىن، ئۈچتىن، تۆتتىن بەلكى زىيادە قاناتلارى باردۇر. ئۇلارنىڭ زاتى ۋە شەكىللەرى كۆرگەلى بولادۇرغان مەخلۇقاتلارنىڭ زاتى ۋە شەكىللەرىدەك ئەمەستۇر. قاناتلارى ھەم ئۇچار جانىۋارلارنىڭ قاناتلارىغا ئوخشامايدۇر. بەلكى ئۆز ئالەمىگە مۇۋاپىق، ئاللاھتائالانىڭ تەقدىر ۋە تەدبىرىگە لايىق، ئۆزلەرىنىڭ مەۋجۇدلۇق مۇھىتىغا مۇناسىپ زاتى، شەكلى ۋە قاناتلارى باردۇر. ئۇلارنىڭ زاتى ۋە سۈرەتلەرىدىن، شەكىل – قىياپەتلەرىدىن، قاناتلارىنىڭ قانداقلىقىدىن ئىزدەنىش قىلىنمايدۇ. غەيىب ئالەمىدىكىلەرنى بۇ ئالەمدىكىلەرگە قىياس قىلىنمايدۇر. 17- سۇئال: ئاللاھتائالانىڭ كىتابلارى قايسى كىتابلاردۇر؟ جاۋاب: ئاللاھتائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي بىلەن چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتابلارىدۇر، قەدىمى كالامىدۇر. تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئان شۇ كىتابلاردىندۇر. قۇرئان كەرىم ھەممەدىن كاتتاراقىدۇر ۋە ئۇلۇغراقىدۇر. ھۆكمى تا قىيامەتكەچە باقىدۇر. ئۇنىڭغا ھىچ سەۋەب بىلەن ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش، مەناسىنى ئۆزگەرتىش دۇرۇس بولمايدۇ. قۇرئان كەرىم كالامۇن قەدىمدۇر. مەخلۇق ئەمەستۇر، ئاللاھتائالا ۋەھى بىلەن چۈشۈرگەن مۇقەددەس سۆزدۈر. ئاخىر زاماندا بەندەلەرنىڭ دىللارىدىن ۋە مۇسھەڧنىڭ بەتلەرىدىن كۆتۈرۈلگەندە يەنە ئاللاھتائالاغا قايتادۇر. قۇرئان كەرىمنى ساقلاماق ئۈچۈن ئاللاھتائالا ئۆزى كەپىلدۇر. [قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز] (ھىجىر: 9) ئايەتى دەلىلدۇر. 18- سۇئال: پەيغەمبەرلەر قانداق زاتتۇر؟ جاۋاب: پەيغەمبەرلەر خالايىقلارنى ھەقكە ۋە توغرا يولغا دالالەت قىلادۇرغان زاتلاردۇر. ئاللاھتائالا ئۇلارنى خاس رەھمەتى ۋە يىگانە پەزلى بىلەن خالايىقلارنى ھىدايەت قىلماق ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئۇلار مۆمىن، مۇھسىنلارغا جەننەت ۋە ئۇنىڭ نىمەتلەرى بىلەن خۇشخەۋەر بىرۇرلەر. مۇشرىك ۋە گۇمراھلارغا دوزاخ ئازابى بىلەن خەۋەر بىرۇرلەر. خالايىقلارغا دىن ۋە دۇنيا سائادەتى ئۈچۈن كىرەكلىك نەرسەلەرنى بايان قىلۇرلار. ئۇلارنى بەلەن مەرتىۋىگە يەتكۈزۈدىغان يوللارغا دالالەت قىلۇرلار. ۋەھىنى ئۇلارغا خاس قىلدى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىكى نەچچە قېتىم مۇجىزىلەر ۋە ئايەتلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندى. ئاللاھنىڭ سالامى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ساھابەلەرىگە بولسۇن! 19- سۇئال: پەيغەمبەرلەر قانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەندۇر؟ جاۋاب: پەيغەمبەرلەر گۇناھدىن پاك ۋە مەسۇمدۇر. راست ۋە سادىقدۇر، زىرەك ۋە پاك بولۇپ، كامىل ئەقىل بىلەن روشەن چۈشەنچە بىلەن سۈپەتلەنگەندۇر. خالايىقلارغا يەتكۈزمەك ئۈچۈن بۇيرۇلغان نەرسەلەرنى كەم، زىيادە قىلماي، خىيانەت قىلماي، يوشۇرماي، ئامانەت ۋە راستچىللىق بىلەن يەتكۈزۈدۇرلەر. ئاللاھتائالا توسقان ئىشلاردىن ھىچبىرىنى قىلماس، يالغان سۆزلىمەس، غاپىل بولماس، بەلەن مەرتىۋەلەرىگە زەرەر قىلمايدۇرغان ۋە پەيغەمبەرلىكگە ئەيىب، نۇقسان بولمايدىغان قىلىقلارنى قىلۇرلار. مەسىلەن، يىمەك – ئىچمەك، ھالال جىما، ئۇيقۇ، بازارغا بارماق، ئالماق، ساتماق كەبى كامالىغا ئەيىب بولمايدىغان ئىشلارنى قىلۇلار. ئۇلارنىڭ ھەممەسىگە ئىمان كەلتۈرمەك ۋە ھەممەسىنى ھۆرمەتلىكمەك ۋاجىبتۇر. ھەتتاكى ئۇلاردىن بىرى ئايرىلىپ قالسا، ئىمان دۇرۇس بولمايدۇ. [ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرىنىڭ ھىچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز] (سۈرە بەقەرە: 285) ئايەتى شاھىدتۇر. ئۇلارنىڭ ئىسىملەرى ۋە قىسسەلەرى ۋە خەۋەرلەرى خاھ مەلۇم بولسۇن، خاھ مەلۇم بولماسۇن ھەممەسىگە ئومۇمەن ئىمان كەلتۈرمەك ۋاجىبتۇر. قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغانلارى يىگىرمە بەشتۇر: ئادەم، ئىدرىس، نوھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ، ئەييۇب، شۇئەيىب، مۇسا، ھارۇن، زۇلكىڧىل، داۋۇد، سۇلايمان، ئىلياس، ئىليەسە، يۇنۇس، زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا، مۇھەممەد بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممەسىگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن! 20- سۇئال: ئىمان نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئىمان دىل بىلەن تەسقتىق قىلىپ، تىل بىلەن ئىقرار قىلماقتۇر. تەستىقسىز ئىقرار ئىمان بولماس. ئىقرارسىز ۋە تەستىقسىز مەرىپەت ھەم ئىمان بولماس. يەنى كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەي، تىلى بىلەن ئىقار قىلسا ياكى ئاللاھتائالانىڭ بىرلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تونىسا ۋە بىلسە، لاكىن كۆڭلى بىلەن ئىشەنمەسە ۋە تىلى بىلەن گۇۋاھلىق بەرمەسە ئىمان بولماس. ئىمانغا ئىككى جەھەت باردۇر، بىرى تەۋڧىق، بىرى ھىدايەتتۇر. ئىمان بۇ جەھەتتىن مەخلۇق ئەمەسدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ تەۋڧىقى ئاللاھتائالانىڭ سۈپەتىدۇر. ئاللاھتائالانىڭ سۈپەتى مەخلۇق بولماسدۇر. يەنە بىرى ئىقرار ۋە تەستىقدۇر. ئىمان بۇ جەھەت بىلەن بەندەنىڭ ئەمەلى بولغاچ مەخلۇقتۇر. [ سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر]. ( ساڧڧات: 96) ئايەتى پاكىتتۇر. 21- سۇئال: ئىمان كەم، زىيادە بولۇرمۇ؟ جاۋاب: بۇ مەسىلىدە تەھقىق شۇدۇركى، ئىمان كەلتۈرمەك ۋاجىب بولغان نەرسەلەرگە ئىمان ئايتىش ۋە ئىشەنىش بىردۇر. ئۇنىڭ ئىتىبارى بىلەن ئىمان كەم، زىيادە بولمايدۇ. يەنى ئاسمان ۋە زەمىن ئەھلىنىڭ ئىمانى بۇ ئىتىبارى بىلەن باراۋەردۇر. تەستىقلاش، ھەقىقىي تونۇش، قانائەت تىپىش ئىتىبارى بىلەن كەم، زىيادە بولادۇر. بۇ مەسىلىنى ئىمام ئەزەمگە نىسبەت بىرىلگەن " ڧىقھۇل ئەكبەر" دە ۋە ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىدىنىڭ شەرھىدە ۋە ئىمام پەزدەۋىنىڭ شەرھىسىدە شۇنداق بايان قىلىندى. ئىمان كەم، زىيادە بولمايدۇ دەگەنلەر ئىمان ئايتىش ۋە ئىشەنىش ئىتىبارى بىلەن كەم، زىيادە بولمايدۇ. ۋاقى بۇ ئىتىبارى بىلەن كەم زىيادە بولمايدۇ. كەم، زىيادە بولادۇر دەگەنلەر تەستىقلاش، ھەقىقىي تونۇش، قانائەت تىپىش ئىتىبارى بىلەن كەم، زىيادە بولادۇر، ئىمان بۇ ئىتىبارى بىلەم ئەلۋەتتە كەم، زىيادە بولادۇر. ئاللاھ ھەممەدىن بەك بىلگۈچىدۇر. 22- سۇئال: مۆمىن بەندە گۇناھ- مەسىيەت بىلەن كاپىر بولۇرمۇ؟ جاۋاب: كاپىر بولمايدۇر. بۇ ئۈممەتنىڭ ئاسىيلارى مادامىكى تەۋھىدى دۇرۇس بولسا، قىلغان ھارام ئىشلەرىنى ھالال سانىمىسا مۆمىندۇر. مۆمىن گۇناھ بىلەن ئىماندىن چىقمايدۇ. 23- سۇئال: ئىمان ۋە ھىدايەت، كۇڧۇر ۋە زالالەت نەدىندۇر؟ جاۋاب: ئىمان ۋە ھىدايەت ئاللاھنىڭ پەزلىدىندۇر. كۇپۇر ۋە زالالەت ئاللاھنىڭ ئەدلىدىندۇر. پەزىلەت ۋە ئادالەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلەرىدۇر. ئاللاھتائالانى زۇلۇم ۋە يامانلىق بىلەن سۈپەتلەشكە بولمايدۇ. ئاللاھتائالانىڭ تەقدىر ۋە تەدبىرلەرىگە ئىتىراز قىلماي، تەسلىم ۋە ئىتائەت بىلدۈرمەك ۋاجىپتۇر. نەمە سەۋەبتىن مۇنىڭغا ئىمان ۋە ھىدايەت بەردى، ئۇنىڭغا كۇڧۇر ۋە زالالەتنى نىسىپ قىلدى، ئۇنى نەمە سەۋەبتىن زىندىق قىلدى دەپ خىيالدىن كېچىلمەيدۇ ۋە تىل ئۇزارتىلمايدۇ. [ئاللاھنىڭ قىلغانلارىدىن سۇئال- سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سۇئال- سوراق قىلىنادۇر](ئەنبىيا: 23)، [ پەزلى- كەرەم ئاللاھنىڭ ئىلكىدەدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بەرەدۇر]( ئال ئىمران: 73) ئايەتلەرى دەلىلدۇر. 24- سۇئال: ياخشىلىق ۋە يامانلىق كىمدىندۇر؟ جاۋاب: ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى تەقدىر قىلغۇچى ئاللاھتائالادۇر، ئىشلەگۈچى بەندەدۇر. بەندە ياخشىلىق، يامانلىقنى قىلىشتا تاللىغۇچىدۇر. [ ئۇنىڭغا ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى] (شەمس: 8) ئايەتى شاھىدتۇر. بەندەگە بۇيرۇغان ۋە توسقانلارىغا رىئايە قىلماق ۋاجىبتۇر. قازا ۋە قەدەر شۇنداق بولسا مەندە نەمە گۇناھ بار دەپ مەغرۇر بولماقى جائىز ئەمەستۇر. قازا ۋە قەدەرنى خۇدادىن دەپ بىلگەنلەرنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمەنى ھەم ئاللاھدىن دەپ بىلمەكى زۆرۈردۇر، ۋاجىپتۇر. بەندە بۇيرۇق ۋە چەكلىمەگە رىئايە قىلماسا، ئازاپقا لايىق بولادۇر دەپ ئىتىقاد قىلماق ۋاجىپتۇر. 25- سۇئال: ئاللاھنىڭ ھۆكۈملەرى نەچچە خىلدۇر؟ جاۋاب: ئۈچ خىلدۇر. بىرى ئاللاھتائالا خالاپ ھەم دوست تۇتۇپ، بۇيرۇغان ھۆكۈملەرىدۇر، بۇ پەرىزدۇر. ناماز، زاكات، روزا، ھەج بۇ خىلدىندۇر. بۇ ئەمەللەر ئاللاھتائالانىڭ ياخشى كۆرۈشى ۋە بۇيرۇقى بىلەندۇر. يەنە بىرى ئاللاھتائالا خالاپ ۋە دوست تۇتۇپ، تەقدىرلەگەن، لاكىن بۇيرۇماغان ھۆكۈمدۇر. بۇ نەپلە ئەمەللەردۇر. نەپلە ئەمەللەر ئاللاھتائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەمەس، لاكىن ئاللاھتائالانىڭ خالىشى، ياخشى كۆرۈشى ۋە تەقدىرلەشى بىلەندۇر. يەنە بىرى ئاللاھتائالا خالاپ دوست تۇتماغان، بۇيرۇماغان ھۆكۈمدۇر، كۇڧۇر، گۇناھ كەبى. كۇڧۇر، گۇناھ ئاللاھتائالانىڭ بۇيرۇقى، رازىلىقى ۋە ياخشى كۆرۈشى بىلەن ئەمەستۇر. لاكىن خالىشى، تەقدىرى ۋە ھۆكمى بىلەندۇر. 26- سۇئال: بەندەلەرنىڭ ئىش- ئەمەللەرىنى پەيدا قىلغۇچى كىمدۇر؟ جاۋاب: بەندەنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۇنىڭ ئىش- ئەمەللەرىنى پەيدا قىلغۇچى ئاللاھتائالادۇر. [ سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھ ياراتقاندۇر]. ( ساڧڧات: 96) ئايەتى دەلىلدۇر. ئاللاھتائالا مەخلۇقاتلارنى يىگانە پەزلى ۋە خاس كەرەمى بىلەن ئۆزىنىڭ ياراتىش قۇدرەتىنى ئاشكارا قىلماق ئۈچۈن پەيدا قىلدى. ئاللاھتائالا مەخلۇقاتلارغا مۇھتاج بولغان سەۋەبتىن ياكى ئۇلاردىن ياردەم ئالماق ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى پەيدا قىلماق بىلەن كامال ھاسىل قىلماق ئۈچۈن پەيدا قىلمادى. ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھتائالاغا مۇھتاج، ئاللاھتائالا ئۇلاردىن بىھاجەت. [ ئاللاھ ھەقىقەتەن تامامى ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر](ئال ئىمران: 97) ئايەتى پاكىتتۇر. ئاللاھتائالا ھەممە مەۋجۇداتنى پەيدا قىلىپ، رىزىق بەرىدۇ، ئاندىن ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. [ ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى، ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلادۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ]( رۇم: 40). ( مۇئەللىپ خاتالىشىپ، [ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر] دەگەن ئايەتنىمۇ قوشۇپ قويغان. توغرىسى ئىككىسى ئىككى ئايەتتە ئايرىم- ئايرىم كەلگەن- ت). 27- سۇئال: رىزىق نەمەدۇر؟ جاۋاب: ئۇنىڭ بىلەن بەندە مەنپەئەت ئالادۇرغان نەرسەدۇر. مەيلى ھالال بولسۇن، مەيلى ھارام بولسۇن رىزىقتۇر. ھەر بەندەنىڭ مۇقەررەر رىزىقى باردۇر. ئۇنى شۇ بەندە ئۆزى ئالادۇر، باشقا كىشى ئالالمايدۇر. شەرئى شەرىڧكە مۇۋاپىق كەسىپ قىلماق ھالالدۇر، ئۇ يولدىن مال توپلاماق ھالالدۇر. ئەگەر ھەقلەرىنى لايىقىدا ئادا قىلسا بەك ياخشىدۇر. ھارامدىن مال يىغماق ھارامدۇر. 28- سۇئال: بەندەنىڭ ئەمەلگە تاقەتى قايسى ۋاقىتتادۇر؟ جاۋاب: بىلىڭكى، تاقەت ئىككى قىسىمدۇر. بىرى ئۇ تاقەتتۇركى پىئىل ئۇنىڭ بىلەن مەۋجۇد بولۇر، بۇ تاقەت مەخلۇقنىڭ سۈپەتى ئەمەستۇر، بۇ تاقەت پىئىل بىلەن بىرگەدۇر. پىئىلدىن ئىلگىرى، كەيىن ئەمەستۇر. ئۇشبۇ تاقەت تەۋڧىق كەبى پىئىلنىڭ ---- مادارىدۇر. يەنە بىرى سالامەتلىك، ساقلىقتىندۇر. سىھھەتلىك ئۆزۈرلەرىدىن پاك بولماق، قادىر بولماق كەبى بەندەنىڭ سۈپەتىدۇر. بۇ تاقەت ئىشتىن ئىلگەرىدۇر. (شەرىئەت) تەكلىپىگە ماداردۇر. [ئاللاھ ھىچكىمنى تاقەتى يەتمەيدۇرغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇر] (بەقەرە:286)، [ تاقەتىڭلارنىڭ يەتىشىچە ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار]( تەغابۇن: 16)، [ قادىر بولغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبەنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرىز قىلىندى]( ئال ئىمران: 97) ئايەتلەرىدە زىكىر قىلىنغان تاقەت ئۇشبۇ تاقەتتۇر. بەندەنىڭ پىئىلىنى ئاللاھتائالا پەيدا قىلادۇ. بەندە ئىش- ئەمەللەرىنىڭ ئىتىبارى بىلەن (شەرىئەتكە) تەكلىپ قىلىنغۇچىدۇر. 29- سۇئال: ئۆلۈك بىر تەرىز بىلەن ئۆلسە ئەجەلى بىرمۇدۇر؟ جاۋاب: بىر كىشىگە تەيىن قىلىنغان ئەجەل بىردۇر. بەندە قايسى تەرىزدە ئۆلسۇن، خاھ چاپىلسۇن، خاھ ئاتىلسۇن، خاھ كۆيسۇن، خاھ ئاقسۇن ئۆز ئەجەلى بىلەن ئۆلەدۇر. ئەجەل ئىلگەرى- كەيىن بولمايدۇ. [ ھالاك بولادۇرغان ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگەرى- كەيىن بولمايدۇ]( ئەئراڧ: 34) ئايەتى گۇۋاھدۇر. 30- سۇئال: پاسىق، گۇناھكار كىشى تۆۋە قىلماستىن ئۆلسە ھۆكمى نەمەدۇر؟ جاۋاب: پاسىق تۆۋەسىز ئۆلسە، لاكىن ئىمان بىلەن كەتسە "ئۇنىڭغا ئاللاھتائالا جەزمەن ئازاپ قىلادۇر، ياكى ئۇنى جەزمەن ئەپۇ قىلادۇر" دەپ جەزىم قىلماق جائىز ئەمەستۇر. بەلكى ئۇ بەندە ئاللاھتائالانىڭ خاھىشىدادۇر. ئەگەر خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن ياكى ئۇ بەندەنىڭ ئىمانىنىڭ بەرىكەتى بىلەن ياكى شاپائەت قىلغۇچىنىڭ شاپائەتى بىلەن ئەپۇ قىلادۇر. ئەگەر خالاسا ئادىللىق بىلەن ئازاپ قىلىپ، ئاندىن جەننەتكە داخىل قىلۇرلار. [ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالاغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلادۇر] (نىسا: 48) ئايەتى دەلىلدۇر. 31- سۇئال: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پەرىشتە سۇئال قىلۇرمۇ؟ جاۋاب: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سۇئال قىلۇر. [ ئۇلار:" پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قەتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قەتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى بارمۇ؟"دەيدۇ](غاڧىر: 11) ئايەتى ئىسپاتتۇر. ئۆلۈك گۆرگە كۆمۈلگەندە مۇنكەر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆرگە كىرەدۇرلەر. ئۆلۈكنىڭ ھەممە ئەزاسىغا ياكى يۇقارقى يارىمىغا جان كىرەدۇرلەر. ئۇنىڭغا سۇئالنى چۈشەنىپ جاۋابقا قادىر بولغۇدەك دەرەجەدە ئەقىل ۋە ھىس-ئىدراك بەرىلەدۇر. ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكنى ئولتۇرغۇزۇپ، پەرۋەردىگارىڭ كىمدۇر؟ پەيغەمبەرىڭ كىمدۇر؟ ۋە دىنىڭ نەمەدۇر دەپ سۇئال قىلۇرلار. رەببىمىز، بىزلەرنى شاھادەت كەلىمەسىدە مەھكەم قىلغىن. 32- سۇئال: گۆرنىڭ ئازابى كىملەرگەدۇر؟ جاۋاب: گۆرنىڭ ئازابى كاپىرلارنىڭ ھەممەسىگە ۋە ئاسىي مۆمىنلەرنىڭ بەزىسىگەدۇر. [ ئۇلارنى ئىككى قەتىم جازالايمىز](تەۋبە: 9) ئايەتىنىڭ مەناسى كاپىرلارغا دۇنيادا ئۆلۈم بىلەن ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن، ئۆلگەندە قەبرەنىڭ ئازابى بىلەن ئازاب قىلامىز دەگەن سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئازابى جەسەت بىلەن جانغادۇر. گۆرنىڭ راھەتى ۋە نىئمەتى ۋە لەززەتى ھەم ھەق ۋە راستتۇر. " قەبرە ياكى جەننەت باغچەلەرىدىن بىر باغچە، ياكى دوزاخ ئازگاللارىدىن بىر ئازگالدۇر" ( تىرمىزى رىۋايەت قىلغان،ئۆزى زەئىپ، مەنىسى توغرا) ھەدىسى پاكىتتۇر. ئاققان كىشى ياكى كۆيگەن كىشى مۆمىن بولسا راھەت، لەززەتتەدۇر. ئەگەر كاڧىر بولسا ياكى پاسىق بولسا ئازاپتادۇر. 33- سۇئال: قىيامەت كۈنى ھەقمىدۇر؟ پەرىشتەنىڭ خالايىقلارنى ھىسابغا يىغماق ئۈچۈن سۇر چالماقى راستمىدۇر؟ جاۋاب: قىيامەت كۈنى ھەقدۇر. پەرىشتەنىڭ خالايىقلارنى ھىسابغا يىغماق ئۈچۈن سۇر چالماقى شەكسىز راستدۇر. [ قىيامەت چوقۇم كەلەدۇر، ئۇنىڭدا شەك يوق]( غاڧىر: 59)، [ ئۇ كۈنى سۇر چالىنادۇ، سىلەر توپ- توپ بولۇپ كەلەسىزلەر]( نەبە: 18) ئايەتلەرى دەلىلدۇر. ئاللاھتائالا خالايىقنى كەڭ دالاغا يىغىپ، ئەللىك ماكاندا، بىر ماكاندا مىڭ يىلدىن توختاتادۇر. [ سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كەلەدۇرغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ] 1(سەجدە:5)، [پەرىشتەلەر ۋە روھ(يەنى جەبرائىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇركى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كەلەدۇر]( مەئارىج: 4) ئايەتلەرى دەلىلدۇر. 34- سۇئال: لەۋھۇلمەھپۇز ۋە قەلەم ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ھەقدۇر. ئالەمنىڭ باشلانىشىدىن تا ئاخىرلاشىشىغىچە بولادۇرغان نەرسەلەر يازىلغان، شەكىلسىز، ئوخشاشى يوق لەۋھەدۇر. ئالەمنىڭ باشلانىشىدىن تا ئاخىرلاشىشىغىچە بولادۇرغان نەرسەلەرنى، ۋەقەلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يازغان، شەكىلسىز، ئوخشاشى يوق قەلەمدۇر. بۇ لەۋھۇلمەھپۇز ۋە قەلەم بۇ دۇنيادىكى لەۋھە ۋە قەلەمنىڭ تۈرىدىن ئەمەستۇر. غايىب ئالەمىدەكى نەرسەلەر ھىچ بىر ۋاقىتتا بۇ روشەن دۇنيادىكى نەرسەلەردەك ئەمەستۇر. بەلكى ئاللاھتائالا ئىرادە قىلغان مەنا بىلەن غايىب ئالەمىگە مۇناسىپ لەۋھۇلمەھپۇز ۋە قەلەمدۇر. بىزلەرگە تەسلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئىشەنمەك ۋاجىبتۇر، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەك بىدئەتتۇر. 35- سۇئال: قىيامەتتە بەندەلەر تىرىلدۈرۈلۈپ، گۆرلەرىدىن قوزغالۇرمۇ؟ جاۋاب: ئاللاھتائالاھ بەندەلەرنى ئۆلگەندىن كەيىن تىرىلدۈرۈپ، جان ۋە تەنلەرى بىلەن گۆرلەرىدىن قوزغايدۇ. [ سىلەرنى زەمىندىن خەلق ئەتتۇق،(ئۆلگۈنۈڭلاردىن كەيىن) سىلەرنى زەمىنغا قايتۇرارمىز، سىلەرنى ( ھىساب ئالىش ئۈچۈن) يەنە بىر قەتىم زەمىندىن چىقارۇرمىز](تاھا: 55) ئايەتلەرى دەلىلدۇر. 36- سۇئال: قىيامەت كۈنى بەندەلەرگە نام-ئەمەللەرىنى بەرمەك راستمىدۇر؟ جاۋاب: راستتۇر. بىر كىشىگە ياخشى-يامان ئەمەللەرى يازىلغان بىر كىتاب بەرىلەدۇر. مەگەر پەيغەمبەرلەرگە ۋە پەرىشتەلەرگە ۋە ھىسابسىز بىھىشكە كىرەدۇرغان سائادەتمەن كىشىلەرگە بەرىلمەيدۇ. نام-ئەمەلنى بەرگەندە بەندەلەر پەرقلەنەدۇر. بەزىلەرىگە ئوڭ تەرەپتىن بەرىلەدۇ ۋە بەزىلەرىگە چەپ تەرەپتىن بەرىلەدۇ. ۋە بەزىلەرىگە ئارقا تەرەپتىن بەرىلەدۇر. [ نام- ئەمەلى ئوڭ تەرەپتىن بەرىلگەن ئادەم][ نام-ئەمىلى ئارقا تەرەپتىن بەرىلگەن ئادەم](ئىنشىقاق:7،10)[نام-ئەمىلى سول تەرەپتىن بەرىلگەن ئادەم](ھاقە:25) ئايەتلەرى شاھىدتۇر. رەببىمىز، بىزلەرنى نام-ئەمىلى ئوڭ تەرەپتىن بەرىلگەنلەردىن قىلغىن! 37- سۇئال: بەندەلەرنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەرىنى تارتادۇرغان تارازا ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ھەقتۇر. ئۇ تارازانىڭ ئىككى پەللەسى باردۇر ۋە ھەم ----------- باردۇر. بۇ تارازانىڭ خاھ پىلەسى، خاھ ------ بۇ ئالەمدىكى تارازىلارنىڭ تۈرىدىن ئەمەستۇر. بەلكى غايىب ئالەمىگە مۇناسىپ، ئاللاھتائالانىڭ تەدبىرىگە مۇۋاپىق تارازادۇر. بەندەلەرنىڭ ئەمەللەرى ياكى نام-ئەمەللەرى تارتالادۇر. خالايىقلار ئۇشبۇ كۈندە پەرقلەنەدۇر. بەزىلەرى ھىسابتا سۇئال-سوراق قىلىنادۇر. بەزىلەرى ئاسان ھىساب قىلىنادۇر ۋە بەزىلەرى بىھىشكە ھىسابسىز كىرەدۇر. بەزىلەرى دوزاخقا ھىسابسىز كىرەدۇر. ئۇشبۇ كۈندە ھەممە يامان ئىشلار ئاشكارا بولادۇر. ئاللاھتائالا ئۆزى ھۆكۈم قىلادۇر، زالىملاردىن مەزلۇملار ئىنتىقام ئالادۇر. نىدا قىلغۇچى پەرىشتەلەر [ بۈگۈن ھەر ئادەم ئەمەلىگە يارىشا جازا بەرىلىدۇر، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تىز ھىساب ئالغۇچىدۇر](غاڧىر:17) دەپ نىدا قىلادۇر. رەببىمىز، بىزلەرنى جەننەتكە ھىسابسىز كىرگۈچىلەردىن قىلغىن! 38- سۇئال: دوزاخ ئۈستىگە تارتىلغان كۆۋرۈك راستمىدۇر؟ جاۋاب: راستدۇر. ئۇ كۆۋرۈك قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىكرەكتۇر. بەندەلەرنىڭ ئۇندىن ئۆتمەكى ھەقتۇر. بەزىلەرى تىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈر، بەزىلەرى شامالدەك ئۆتۈر، بەزىلەرى بۇلۇتتەك ئۆتۈر، بەزىلەرى ئۇچار جانىۋاردەك ئۆتۈر. بەزىلەرى پىيادە، بەزىلەرى يۈگۈرۈپ ئۆتۈر، بەزىلەرى ماڭىپ ئۆتۈر، بەزىلەرى ئۆمىلەپ ئۆتۈر. 39- سۇئال: رەسۇلۇللاھ ( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ مىراجى ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئىسرا دەپ رەسۇل ئەكرەم (ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ بىر كىچەدە مەككە مۇكەررەممەدىن قۇددۇس شەرىڧدىكى ئەقسا مەسجىدىگە كەلگەنىنى دەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە:[ ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرەتىمىزنىڭ دەلىللەرىنى كۆرسەتىش ئۈچۈن، بەندەسىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كىچەدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان ئەقسا مەسجىدىگە ئالىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممەنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممەنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر](ئىسرا:1) ئايەتىدە روشەن زىكىر قىلىنغان. ئەمما مىراج رەسۇل كەرەم ( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ ئاللاھتائالا ئىرادە قىلغان يەرگەچە چىقىپ، ئاللاھتائالا خالاغان ئىلىم-مەرىپەت، ڧەتىھلەر ۋە بىلدۈرگەنلەرى بىلەن بەھرىمان بولۇپ چۈشكەنىدىن ئىبارەتتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاشكارا زىكىر قىلىنماسىمۇ، لاكىن ھەدىس شەرىڧلەردە كۆپ زىكىر قىلىنادۇر، ھەدىس بىلەن ئاياندۇر. مىراج ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپتۇر. 40- سۇئال: كەۋسەر كۆلى ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ھەقتۇر. كەۋسەر كۆلى( ھەۋزى كەۋسەر)نىڭ سۈيى سۈتتىن ئاقراقتۇر، ھەسەلدىن تاتلىقراقتۇر، بۇيى ئىپاردىن خۇشپۇراقتۇر. ئۇنىڭ كۆزلەرى ئاسماننىڭ يۇلتۇزلارىدىن كۆپرەكتۇر. ئۇنىڭ ---- تاشلارى مەرۋايىتتۇر. ئۇنىڭدىن ئىچكەن كىشى ئەسلا چاڭقىماس. ئۇ كۆلدىن بۇ ئۈممەتنىڭ مۆمىنلەرى ئىچەدۇر. بۇ كۆل ئەرەسات مەيدانىدا، ئەمما كەۋسەر (دەرياسى) جەننەتتىدەدۇر. كەۋسەردىن كۆلگە ئىككى نوردىن سۇ كىرىپ تۇرادۇر. ھەممە پەيغەمبەرلەرنىڭ ھويلالارىدا كۆللەرى باردۇر، لاكىن رەسۇل ئەكرەم( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ كۆلى ھەممەدىن كاتتادۇر. بۇ كۆلدىن ئىچكۈچىلەر ھەم كۆپتۇر. رەببىمىز بىزنى جەننەتتە ئۇنىڭ بىلەن سۇغارغىن. 41- سۇئال: جەننەت ۋە دوزاخ ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ھەق ۋە راستۇر. ئاللاھتائالا جەننەتنى ئاللاھدىن قورقادۇرغان پەرھىزكارغا، مۆمىن ۋە راستچىللارغا مۇكاپات ئۈچۈن، دوزاخنى كاپىرلارغا ۋە ئاسىي ئۈممەتلەرنىڭ بەزىلەرىگە ئازاپ قىلماق ئۈچۈن پەيدا قىلدى. دوزاخ ۋە جەننەت ڧانى بولمايدۇ، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئەسلىمۇ ھەم ڧانى بولمايدۇ. جەننەت ۋە دوزاخ ئۇشبۇ زامان مەخلۇقتۇر ۋە مەۋجۇدتۇر. 42- سۇئال: جەننەتتە ئاللاھتائالانى كۆرمەك راستمىدۇر؟ جاۋاب: ئاللاھتائالانى جەننەتتە مۆمىنلەرنىڭ كۆرمەكى راستتۇر، قىياپەتسىز، ھىچبىر ئوخشاشى يوق، پەردەسىز، كۆزى يەتمەس ( ھالەتتە) كۆرۈرلەر. 43- سۇئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ شاپائەتلەرى ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم قىلىنغاندا شاپائەت قىلماقى ۋە ھەم ئاسىي ئۈممەتلەرىنى شاپائەت قىلماقى ۋە ھەم باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ شاپائەت قىلماقلارى، راستچىللار، شەھىد، ياخشىلار ۋە ئۆلىمالارنىڭ شاپائەت قىلماقى ھەقتۇر. 44- سۇئال: شاپائەت نەمەدۇر؟ جاۋاب: شاپائەت قىيامەت كۈنىدە بەندەلەرنىڭ ھالى تەسلەشىپ تاقەتتىن ئاشىپ كەتكەندە، پەيغەمبەرلەر كەبى ۋە ھەقىقىي راستچىللار، ئىلىمگە توشقان ئۆلىمالار ، شەھىدلەر ۋە ياخشى كىشىلەر قاتارلىقلار ئۇلۇغ ئاللاھتائالانىڭ ئىزنى بىلەن ۋاستە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۈشكۈللەرىنى ئاللاھتائالادىن تىلەپ ئاسان قىلماقتۇر. رەسۇل ئەكرەم( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ شاپائەتلەرى ئۈچتۇر. بىرى: مەھشەرگاھتا ئىش تەسلەشىپ، بەندەلەرنىڭ باشىغا كۆپ ئاغىرلىقلار چۈشكەندە ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەردىن ھەزرەتى ئادەم، ھەزرەتى نوھ، ھەزرەتى ئىبراھىم، ھەزرەتى مۇسا، ھەزرەتى ئەيسا ئەلەيھىسسالاملار شاپائەتنى بىر-بىرىگە ھاۋالە قىلىپ، ئاللاھتائالانىڭ ھەيۋەتىدىن قورقۇپ، ئۇلۇغلىقىدىن ئىھتىيات قىلىپ، شاپائەتكە جۈرئەت قىلماغانلارىدا، ئۈممەتلەر رەسۇل ئەكرەمنىڭ ھوزۇرىغا كەلىشىپ، شاپائەت تەلەپ قىلۇرلار. ئاندىن رەسسۇل ئەكرەم( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)ئۇزۇن بىر سەجدە بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھتائالادىن ئىزىن سوراپ، ئىزىن بەرگەندىن كەيىن بەندەلەرنىڭ ھىسابى ۋە ئاللاھتائالانىڭ ھۆكمى تىزراق ۋە ئاسانراق بولماق ئۈچۈن شاپائەت قىلادۇر. يەنە بىرى: جەننەت ئەھلىنىڭ ھەققىدە ئۇلارنىڭ تىزراق جەننەتكە كىرمەكلەرى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجەلەرىنى بەلەن قىلماق ئۈچۈن شاپائەت قىلادۇر. بۇ ئىككى شاپائەت رەسۇل ئەكرەمگە خاستۇر. يەنە بىرى دوزاخقا ھەقلىق بولغانلارنى دوزاختىن قۇتقۇزماق ئۈچۈن شاپائەت قىلماقتۇر. بۇ شاپائەت رەسۇل ئەكرەمگە بولغاندەك، باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋە راستچىللار، شەھىدلەر، ياخشىلار ۋە ئۆلىمالارغا ھەم بولۇر. ئاللاھتائالا بىرمۇنچە كىشىلەرنى ئۆز پەزلى-كەرەمى بىلەن شاپائەتسىز دوزاختىن چىقىرادۇر. 45- سۇئال: جەننەتنىڭ ئىشىكىنى كىم ئىلگەرى ئاچادۇر؟ جاۋاب: جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ھەممەدىن ئىلگەرى رەسۇل ئەكرەم( ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن)ئاچادۇر. ئۈممەتلەردىن ھەممەدىن ئىلگەرى جەننەتكە كىرەدۇرغان كىشىلەر رەسۇل ئەكرەمنىڭ ئۈممەتىدۇر. 46- سۇئال: ئەۋلىيالارنىڭ كارامەتلەرى ھەقمىدۇر؟ جاۋاب: ھەقتۇر. 47- سۇئال: كارامەت نەمەدۇر؟ جاۋاب: تەۋھىد ۋە ئىتىقادلارىنى تازا خالىس قىلىپ، كىتاب ۋە سۈننەتكە ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلىپ، رەسۇل ئەكرەمگە تولۇق ئەرگەشىپ، ئەخلاقلارىنى پاكىزە قىلغان، ئەمەل- ئىبادەتلەرىنى سۈننەت يولى بىلەن قىلىپ، بىدئەتتىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئەۋلىيالاردىن سادىر بولغان، ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسەلەر كارامەتتۇر. كارامەت ئىلگەرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ياخشى كىشىلەرىدىن سادىر بولغاندەك، بۇ ئۈممەتلەرنىڭ ياخشى كىشىلەرىدىن كۆپ سادىر بولدى ۋە ھەم قىيامەتكەچە سادىر بولادۇر. 48- سۇئال: ئەۋلىيا پەيغەمبەر بىلەن پەزىلەت ۋە مەرتىۋەدە باراۋەر بولۇرمۇ؟ جاۋاب: باراۋەر بولمايدۇ. بەلكى بىر پەيغەمبەر ھەممە ئەۋلىيالاردىن ئەۋزەلدۇر. 49- سۇئال: ئەۋلىيادىن شەرىئەت مەجبۇرىيەتلەرى ۋە ئىبادەت ساقىت بولۇرمۇ؟ جاۋاب: ساقىت بولمايدۇ. ئەۋلىيانىڭ مەرتىۋەسى ھەرقانچە بەلەن بولسامۇ، ئۇنىڭدىن شەرىئەت مەجبۇرىيەتلەرى ۋە ئىبادەت ساقىت بولمايدۇ. "ئەۋلىيا ھەقىقەتكە يەتكەندە ئاندىن ئۇنىڭدىن شەرىئەت مەجبۇرىيەتلەرى ۋە ئەھكاملارى ساقىت بولادۇر" دەپ ئايىتقان كىشى گۇمراھ ۋە بىدئەتچىدۇر. بەلكى پەيغەمبەرلەر ھەممە شەرىئەت ئەھكاملارىغا تەكلىپ قىلىنغاندۇر، شەرىئەت ئەھكاملارى پەيغەمبەرلەردىن ھەم ساقىت ئەمەستۇر. خۇلاسە شۇكى، بەندەنىڭ مەرتىۋەسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەرقانچە بەلەن بولسامۇ، خاھ ئەلچى پەيغەمبەرلەر بولسۇن، خاھ ئاللاھنىڭ ياقىن ئەۋلىيالارى بولسۇن ئۇنىڭدىن شەرىئەت مەجبۇرىيەتلەرى ۋە ئەھكاملارى، ئىبادەتلەرى ھىچ ۋاقىت ساقىت بولمايدۇر. 50- سۇئال: پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋەسى پەزل ۋە مەرتىۋەدە باراۋەرمىدۇر؟ جاۋاب: باراۋەر ئەمەستۇر، بەلكى بەزىلەرى بەزىلەرىدىن ئەۋزەلدۇر. [ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق] ئايەتى دەلىلدۇر. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى ۋە ئەۋزەلىدۇر، بۇ ئۈممەت ھەم ھەممە ئۈممەتلەردىن ئەۋزەلدۇر. [ (ئى پەيغەمبەر ئۈممىتى!) سىلەر ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر](ئال ئىمران: 110) ئايەتى ئىسپاتتۇر. 51- سۇئال: بۇ ئۈممەتنىڭ ئەۋزەلى كىمدۇر؟ جاۋاب: بۇ ئۈممەتنىڭ ئەۋزەلى پەيغەمبىرىمىزدىن قالسا ھەزرەتى ئەبۇ بەكىر، ئاندىن ھەزرەتى ئۆمەر، ئاندىن ھەزرەتى ئوسمان، ئاندىن ھەزرەتى ئەلىدۇر. ئاندىن جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بەرىلگەن ئون كىشىدىن قالغان ئالتە كىشىدۇر. ئۇلار تەلھە، زۇبەيىر، سەئد، سەئىيد، ئابدۇراھمان، ئۇبەيدەدۇر. ئاندىن بەدىر ئەھلى، ئاندىن رىزۋان بەيئىتى ئەھلى، ئاندىن قالغان ساھابىلەردۇر. ئاندىن تابىئىنلاردۇر، ئاندىن تۆرت ئىمام: ھەزرەتى ئىمام ئەزەم ئەبۇھەنىڧە، ئىمام مالىك، ئىمام شاڧىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل ( ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ھەزرەتلەرىدۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ ئەۋزەلى ھەزرەتى خەدىچەدۇر. ئاندىن ھەزرەتى ئائىشەدۇر. ئاندىن ھەزرەتى پاتىمەدۇر. ھەزرەتى ئائىشە رەسۇل ئەكرەمنىڭ ھەممەدىن سۆيۈملۈكرەك ئايالى ئىدى، گۇمراھ ۋە مۇناپىقلار قىلغان سۆزدىن پاك ۋە ئەمىندۇر. 52- سۇئال: پاسىقنىڭ ئارقاسىدا ناماز ئوقۇش جائىزمىدۇر؟ جاۋاب: مۆمىن، تەقۋا بولسۇن ياكى پاسىق بولسۇن، ئۇنىڭ ئارقاسىدا ناماز ئوقۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىنادۇ. 53- سۇئال: ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلماق جائىزمىدۇر؟ جاۋاب: جائىزدۇر. رەسۇل ئەكرەمدىن ئوچۇق سەنەد بىلەن سابىتتۇر. ئۇنىڭ جائىزلىقىغا ئىتىقاد قىلماق ۋاجىبتۇر. سەپەردە نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇماق ۋە روزىدار ئىپتار قىلماق رۇخسەتتۇر. مۇشەققەت ۋە ئەرزىيەت بولماسا روزىسىنى تۇتسا ئەۋزەلدۇر. نامازنى ھەرۋاقىت راھەتتە بولسىمۇ تولۇق ئوقۇلمايدۇ. بەلكى سەپەردە ھەمىشە قەسىر قىلىنادۇ. سەپەردە قازا بولغان نامازنى مۇقىملاشقانىدا ئوقۇسا قەسىر ئوقۇلىدۇ. مۇقىم ۋاقتىدا قازا قىلغان نامازنى سەپەردە ئوقۇسا تولۇق ئوقۇلادۇر. جۈمە جامائەت، ئەزان، نامازغا تۇرۇشلار كۈچلۈك ئىسناد بىلەن سابىت بولغان دىننىڭ ئالامەتلەرىدۇر. خالايىققا ئازار بەرمەكتىن يىراق بولماق ۋاجىپتۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاراسىدا پىتنە قوزغاماق ۋە چەكلەنگەن نەرسەلەرنى قىلماق قىيامەتتە ئازاپقا دۇچار قىلادۇر. قىيامەتنىڭ بولۇش ۋاقتىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. [ ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقارادۇر](ئەئراڧ: 187) ئايەتى پاكىتتۇر. لاكىن قىيامەتنىڭ ئالامەتلەرى مەلۇمدۇر. ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان مەشھۇر ھەدىستە جىبرىئىل:" قىيامەتنىڭ ئالامەتلەرى: دىدەك ئۆزىنىڭ غوجاسىنى تۇغادۇر، يەنى ئەسلى ئىسلام كاپىرلارغا غالىپ كەلىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلارىنى ئەسىر ئالىپ، ئۇلارنى خوتۇن قىلغاندا، ئۇ ئەسىر ئالىنغان دىدەكلەر ئۆزلەرىگە غوجا بولىدىغان ۋە ئەمىر بولىدىغان بالالارنى تۇغادۇ ياكى بالا ئاناسىنى ھۆرمەت قىلماي، ئاناسىغا دىدەككە مۇئامىلە قىلغاندەك ھاقارەت بىلەن مۇئامىلە قىلادۇر. ۋە ھەم يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ قويچى، پادىچىلار كۆپ دۇنياغا ئىگە بولۇپ، بىرسى بىر-بىرى بىلەن شۆھرەت تالاشىپ، ئىمارەت سالادۇر" دەپ بايان قىلدى. ۋە ھەم "ئىش ئەھلى ئەمەسلەرگە تاپشۇرۇلسا، يەنى: ئىش نادانلارنىڭ ئىلكىدە بولسا، ئىشنى ئۆز ئەھلىگە ۋە ھەقلىق كىشىگە تاپشۇرماسا قىيامەتكە كۆز تىككىن" دەپ سەھىھ، قوبۇل قىلىنغان ھەدىستە بايان قىلىندى. يەنە يەجۇج-مەجۇجنىڭ چىقماقى، دەججالنىڭ ئاشكارالانىشى، يەردىن بىر ھايۋاننىڭ چىقادۇرغان جايىدىن چىقىشى، ئىمام مەھدىنىڭ چىقىشى، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈشمەكى ۋە باشقا بىرمۇنچە ئالامەتلەرىدىندۇر. ئاللاھتائالانىڭ ئاسمان- زەمىندە دىنى بىردۇر. [ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام دىنىدۇر](ئال ئىمران: 19) ئايەتى گۇۋاھتۇر. مانا بىزلەرنىڭ دىنىمىزدا ئىتىقادىمىز ئىچى ۋە تاشى مۇشۇدۇر. رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن بىر چاقىرغۇچىنىڭ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) رەببىڭلارغا ئىمان ئايتىڭلار دەپ ئىمانغا چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، ئىمان ئايىتتۇق. رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھلارىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلارىمىزنى يوققا چىقارغىن، بىزنى ياخشىلارنىڭ قاتارىدا قەبزى روھ قىلغىن! رەببىمىز، بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتەمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلاغىن!
"جەۋھەر ئەقىدەلەر" پۈتتى ۋە تامام بولدى. سۈننەتنىڭ بايانى ئايرىم يوللىنىدۇ. قىزىل خەتلەر تەھقىقلەشكە مۇھتاج. ۋورد ھۆججەتكە تەييارلىغۇچى: ئەنۋەر ئەردەم ھىجىرىيە 1437- يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، مىلادى 2016/8/11 مەدىنە مۇنەۋۋەر
|
|

