|
ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى
ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى (چاتما ئەدەبىي خاتىرە) ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تۆرتىنجى باب
ئالىم شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن ئۇيغۇر فاكۇلتەتىدە
جىق بولسامۇ دۇنيادا كاشغەرىيشۇناش ، كۆز تەگمەسۇن تۈركىيەدە سەرخىللەرى؛ شۈكرۈ خالۇك ئاكالىندۇر سەردار بولۇپ- يىغىن ئاچقان جۇڭگودا كاشغەرىي يىلى. -خاتىرەمدىن. پروفەسسور، دوكتور شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن، ئەر، 1956-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، جەنۇبىي تۈركىيەدىكى ئادانا شەھىرىنىڭ تۆپەباغ رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. شۇ يىللاردا، ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تىل-يازىق كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلارى ئەبەدىي ئۇنۇتمايدۇركى، ئۇ مىلادىيە 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقىدىن كاشغەرىيەلىك ئۇيغۇردىنمۇ بەك خوشھال بولغان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تىل-يازىق كومىتىتى بىلەن بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى بىرلەشىپ، بەيجىڭدا، « دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇراغا قويغان ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن جاسارەت ساھىبى زات. شۇنداق، مەھمۇد كاشغەرىي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خاتىرەلەنىشكە ئەرزىيدىغان بىر بۈيۈك ئالىم. بىراق، ئۇنى دۇنياغا تونۇتماسا، دۇنيا ئىلىم سورۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانغا دوكلات سۇنۇپ، ئىلتىماس قىلماسا، مۇنداق دۇنيا خاراكتىرلىك پائالىيەتنى ئەسلا قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشۇلارغا ئائىت بولغان رەتتىكى پۈتكۈل كونكرىت ئىشلارنى تۈرك ئالىملارى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ھۆكۈمەتى قىلدىكى، (قاراڭ: مۇشۇ كىتابتىكى: "كاشغەرىيشۇناسلىق ھەققىدە ئون ئىككى سوئال-جاۋاب"قا) مۇشۇ جەرياندا، ئەڭ مۇھىم ئەمگەكلەرنى قىلغان ئىلىمدار ۋە ئەمەلدار شۈكرۈ خالۇك ئاكالىنغا ئاپەرىنلىك شۈكرانلار بولسۇن! شۈكرۈ ئەپەندىم ئىلىم سۆزلەش ۋە بەيجىڭدا ھەمكارلىقتا ئاچىلماقچى بولغان «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى قۇتلۇقلاش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ كونكرىت ۋاقىت ۋە كۈن تەرتىپلەرىنى كەڭەشىش، لۇزۇنكا، لەۋھە ۋە يىغىن مەيدانلارىنى خەلقئارا ئۆلچەملىك راستلاش مۇددىئاسىدا، 2008-يىل 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بەيجىڭغا يەتىپ كەلگەنىدى. شۈكرۈ ئەپەندىمنىڭ بۇ قاتىملىق جۇڭگو سەپەرى بار-يوقى بەش كۈنلۈك ۋاقىت بىلەن چەكلەكلىك ئىدى. شۇڭا بەيجىڭغا يەتىپ كەلدى-يۇ، 17-،18-ئىيۇن ئىككى كۈننى سەرپ قىلىپ، ئۇدۇل قەشقەر ئوپالغا بارىپ، مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلدى: ئۇ ئون مىڭ كىلومەتىرلاپ ئۇزاق يولنى باسىپ كەلىپ، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق بوۋاسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىگە گۈل قويدى ۋە ئۇنى ئىھتىرام بىلەن ئۆپتى (سۆيدى). 19-ئىيۇن رەتتىكى كەڭەشىش ئىشلەرىنى پۈتتۈردى. 20-ئىيۇن كۈنى مەركەزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدە ئىلىم سۆزلەدى. بۇ بىر جۈمە كۈنى، چۈشتىن كەيىن سائەت 2:30 ۋاقتى ئىدى. مەركەزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى كۇتۇبخانا بىناسىنىڭ 15-قەۋەتىدىكى ئۈچيۈز كىشىلىك دوكلات زالى مەزكۇر ئاناتولىيە يارىم ئارىلىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىدىن كەلگەن ئالىمنىڭ سىياق-سالاپەتىنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ ئىلىم كارامەتىدىن ھوزۇرلانىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن لىپمۇلىق تولغانىدى. شۇ ئارالىقتا، ئاپتورنىڭ قۇلاقىغا ئارقا رەت تەرەپتىن كەلگەن مۇنداق بىر كۇسۇر-كۇسۇر دەئالوگ كىرىپ قالدى: - ھەي. ئادەش! سەنمۇ ئاڭلاغانسەن-ھە، بۇ تۈرك بەك نوچى ئەدەمكەن جۇما! بىر بەش كۈنلۈك ئىلىم سۆزلەشكە كەلىپ، ئىككى كۈننى سەرپ قىلىپ، قەشقەرگە بارىپ، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ! مەنغۇ غۇلجادىن، سەن قەشقەرلىك بولغاندىكىن، پات-پات ئوپالغا چىقىپ تۇرىدىغانسىزلەر-ھە، سەن نەچچە قاتىم زىيارەت قىلدىڭ كاشغەرىي قەبرىگاھىنى؟ جاۋاب: بىر قاتىممۇ چىقىپ باقمادىم دەگەنە! ۋەلەي.ي.ي!...نومۇس قىل، ئاغىنەم، نومۇس قىل! مۇشۇ ياشىڭغىچە بىر قاتىممۇ بارىپ باقمادىڭ!؟...توۋا! خەپشۈك!.. كۇسۇرلاشماڭلار، ئاڭلايالمادۇق ئاۋۇ گەپنى! دەئالوگ ئۈزۈلدى. بۇرۇلۇپ قاراسام، ھەلىقى قەشقەردە يىگىرمە نەچچە يىل ياشاپ تۇرۇپ، مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى بىر قاتىممۇ زىيارەت قىلىپ باقماغان قەشقەرلىك ئوقۇغۇچى قۇلاقىغىچە قىزارىپ كەتىپتۇ... ئىلىم سۆزلەش دوكلاتى ناھايەتى ياخشى كەيپىيات ۋە يەتىك ئەھمىيەت بىلەن ئۆتتى. ئالدى بىلەن، شۈكۈر خالۇك ئەپەندى «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە مەھمۇد كاشغەرىي تەتقىقاتى ‹كاشغەرىيشۇناسلىق› تۈركىيەدە» دەگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلمىي دوكلات بەردى. دوكلات شۇ قەدەر جەلب قىلارلىق ئىدىكى، قەلەم بىلەن ۋە قول كومپيوتەرى ئارقالىق تىز-تىز خاتىرە قالدۇرىۋاتقانلارنىڭ قەلىمى چىقارغان «كىتىر-كىتىر» ۋە كومپيوتەرى چىقىرىۋاتقان قوبۇللاش ساداسىدىن باشقا، دىققەتنى چاچىدىغان پىسىرلاشلار مۇتلەق يوق ئىدى. كۆزەتىشىمچە، ئاڭلاغۇچىلارنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەنى تۈركلەرنىڭ شاھ ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى قانداق تەتقىق قىلىۋەتكەنلىكىدىن تولا، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق بۇ مىڭ يىللارنىڭ مەدەنىيەت يالداماسى بولغان گىگانت ئەسەرنىڭ تۈركىيەدە تاپىلىش جەريانى، نەشىرگە تەييارلانىش جەريانى ۋە بۇ جەرياندا، تۈرك خەلقىنىڭ جۇمھۇر باشقانى (زوڭتۇڭ)، سەدرە:زەمى (باش مىنىستىر) دىن تارتىپ، كونا كىتابلارنى ساقلاغۇچى ۋە ساتقۇچىغىچە، تەشۋىقات قىلغۇچىلاردىن تارتىپ، تەتقىقات قىلغۇچىلارغىچە بولغان پۈتكۈل جامائەت، جەمئىيەت ۋە توپلۇمنىڭ كۆرسەتكەن ئاڭلىقلىقى، ئەستايىدىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىمگە، ئەۋلادلارغا بولغان مىسلىسىز يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىدى. "سۇ سايغا ئاقار، پۇل بايغا" دەيدىغان گەپ بار ئۇيغۇردا. ئىلىم قايغا ئاقار؟ ئويلانىپ قالدىم: قەدىمىي پايتەخت كاشغەردە ۋە باغدادتا يازىلىپ، شۇ زامان مۇسۇلمانلار خەلىپەلىكىنىڭ خەلىپەسىگە باغدادتا تەقدىم قىلىنغان دۇنياۋى ئەسەر "دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك"نىڭ نەچچە ئەسىر جاھان كەزىپ، پادشاھتىن كىتابدارغا، كىتابداردىن ئىلىمدارغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا، رۇم خەلىپەلىكىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلدا، ئالتۇننى بىر قاراپلا تونۇيدىغان كەسىپ ئەھلى تۈرك بىلىم ئادەمى تەرەپىدىن، شۇ چاغلاردا بىر ئوردا ياساشقا بىمالال يەتكۈدەك پۇل-ئوتتۇز ئۈچ ئالتۇنغا ساتىۋالىنغانلىقى ئالدى بىلەن، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ، ئاندىن پۈتكۈل ئۇيغۇر تۈركلەرىنىڭ بۈيۈك تەلەيى ئىدىكى، ياخشىمۇ باشقا ھەر قانداق بىر يەردە ئەرمەس، دەل بۈيۈك ئىستانبۇلدا بايقالىپتۇ بۇ شاھ ئەسەر. ئاللاھ رازىي بولسۇن سىزلەردىن ئىلىمپەرۋەر ئىستانبۇل ئەھلى! ئىلىم سۆزلەش ئاياغلاشقاندا، يىغىن ئىشتىراكچىلارى ئورۇنلارىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزغىن ئالقىش ياڭراتىپ، يىراق ياۋروپا قىرغىقى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىدىن كەلىپ، بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسىنى يوقلاغان ۋە جاسارەتلىك ئەمەلىي پائالىيەتى ۋە پاراسەتلىك تىرىشچانلىقى ئارقالىق، جۇڭگودا دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنىڭ قۇتلاماسىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرگەن بۇ ئەزىمەت ئالىمغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئەيتتىلار...گۈل كەبى گۈزەل ئوقۇغۇچى بالالارىمىز سەھنەگە چىقىپ، ئالىمغا تەشەككۈرلۇق گۈلدەستىلەرى ۋە ئۆزلەرى ئىشلەگەن مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرە مايكاسى ۋە ئىزناكىدىن تەقدىم قىلدىلار. - بۇنلار بەنىم ئىچىن بۈيۈك ئۆدۈلدىر (بۇلار مەنىڭ ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپات)،- دەدى شۈكرۈ خالۇك ئەپەندى مايكادىكى مەھمۇد كاشغەرىي رەسىمىنى ۋە گۈلدەستىلەرنى سۆيۈپ تۇرۇپ. 2008-يىل، 6-ئىيۇل، بەيجىڭ.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.
|
|

