سايرامىي تەنقىد قىلغان يالغان مازارلار

 

 

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (13)

 

ئون ئۈچىنجى مەجلىس:

 

سايرامىي تەنقىد قىلغان يالغان مازارلار

 

در. دەريا تۈمەن

 

شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ تەڭداشسىز بىر قىممەتى ئۇنىڭ يالغانغا چاپان ياپماي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راست گەپ قىلغانلىقىدا، خەلق ئىچىدەكى تەنقىدلەش تەگىشلىك بولغان بەزەن ئىشلارنى ھىچ ئاياماستىن تەنقىدلەپ، دۇرۇس بايان بەرگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، مەشھۇر كۇچا قوزغالاڭى ھەققىدە بەرگەن بايانىدا، ئۇنىڭ ئەسلىدە، خاقانى چىن پادشاھى تەرەپىدىن چۈشۈرۈلگەن پەرمانغا ئاساسەن، ئىلى جاڭجۈن يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئەۋەتكەن تۇنگانىيلارنى قىرغىن قىلىش ھەققىدەكى بۇيرۇقتىن خەۋەردار بولۇپ قالغان كۇچالىق ماشۇر ئاخۇن ۋە مالۇڭ شەمسىددىن خەلپەلەر باشچىلىقىداكى تۇنگانىيلار تەرەپىدىن باشلامچى بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇلغان قوزغالاڭ ئىكەنلىكىنى كۈن-ئايلارىغاچە ئەنىق بولغان ئەمەلىي مىساللار بىلەن يازىدۇ.

ئەمدى، يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكىدە، ئالىم مۇسا سايرامىي "تارىخى ھەمىدىي"دە، سەمىمىيەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتلىك تۇيغۇسى بىلەن تەنقىد قىلغان ۋە تارىخىي پاكىتلار ئاساسىدا، ئالاھىدە چۈشەنچە بەرگەن ئۇيغۇر يۇرتىداكى بەزەن مەشھۇر مازارلار ھەققىدەكى بايانلارنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتۈمىز:

 

بىرىنجى، تۇرپانداكى "تۇيۇق غوجام ئۆڭكۈرى" رىۋايەتتەكى "ئەسھابۇل كەھف" ئەمەس

 

ئىسلامىيەت ھىكايەلەرى ئىچىدە، "ئەسھابۇل كەھف" (غار سۆھبەتداشلارى) ماۋزۇلۇق بىر رىۋايەت بار. بۇ رىۋايەت مۇقەددەس قۇرئان كەرىمدەمۇ زىكر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، قىياسەن تەسەۋۋۇر بىلەن، "مەزكۇر غار بىزنىڭ مەملىكەتتە" دەپ تالىشىش مەۋجۇد. شۇ قاتاردا، ئۇيغۇرلارمۇ بوش كەلمەي، تۇرپاندىن بىر ئۆڭكۈرنى تاپىپ، "مەشھۇر ئەسھابۇل كەھف دەگەن مانا مۇشۇ، بىز بۇنى <تۇيۇق غوجام> دەيمىز" دەپ ئەلان قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا خاس پائالىيەتلەر بىلەن ئىخلاس قىلىپ كەلىۋاتقانىغا بىر نەچچە يۈز يىل بولدى.

بىراق، تارىخشۇناس بوۋامىز مۇسا سايرامىي بۇ ھەقتە، خاس تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئالىپ بارىپ، ئاخىردا: "تۇرپانداكى تۇيۇق غوجام ئىسلامىي رىۋايەتتەكى ئەسھابۇل كەھف ئەمەس" دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئۇ بۇ ھەقتەكى بايان ئۈچۈن كەڭ سەھىپە ئاجراتىپ، ئون چوڭ دەلىل ئارقىلىق، "ئەسھابۇل كەھف تۇرپان تۇيۇقتا" دەگۈچىلەرنىڭ باتىل دەۋاسىغا رەددىيە بەرگەن. بىز بۇ يەردە، ئۇ دەلىللەردىن ئىككىنى مىسال ئۈچۈن  ئۆرنەك ئالدۇق:

" بەشىنچى دەلىل. تارىخچىلار: < ئەسھابۇل كەھف (غار سۆھبەتداشلارى، غار ساھابەلەرى) قەددى – قامەتلەرى ئۇزۇن بويلۇق، يوغان باش ئادەملەر بولۇپ، ھەر بىر ساھابەنىڭ قەددى – قامەتى قىرىق گەزدىن ئاتمىش گەزگىچە كەلەتتى> دەپ بايان قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قەدەر كاتتا ۋە زور قامەتلىك ئادەملەرنىڭ سىغىشى ۋە ماكانلاشىپ تۇرالاشى ئۈچۈن، كەڭرى، يوغان جاي لازىم بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، ھازىر قاراپ باقساق، بۇ تۇيۇقتاكى غار شۇ قەدەر كىچىككى، ئىشىكىدىن ئادەم ئەمەس، ھەتتا قويمۇ سىغمايدۇ. قۇرئان كەرىمدەكى ئايەتتە، غار ساھابەلەرىنىڭ سانىنى < ئۈچتىن سەككىزگىچە ئىدى> دەپ بايان قىلىدۇكى، مۇنچە زور قامەتلىك ئادەملەر بۇ كىچىككىنە غارغا قانداقمۇ سىغسۇن؟! بەس. تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزە قىلىش لازىمكى، بۇنداق بولۇشنى ئىنسان ئەقلىگە سىغدۇرغىلى بولمايدۇ!

ئالتىنچى دەلىل. تۇرفاندىكى بۇ غارنىڭ ئەھۋالى ھەق سۇبھانەھۇ ۋە تەئالا قۇرئان كەرىمدە تەرىپ – تەۋسىپ قىلغان غارنىڭ تەسۋىرىگە مۇتلەق جىپسا كەلمەيدۇ. 

ئاللاھۇ تەئالا قۇرئان كەرىمدە، ئەسھابۇلكەھف غارىنى تەسۋىرلەپ: < قۇياش چىققان چاغدا، كۈن چۈشمەيدۇ، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ قۇدرەتى بىلەن،  غار سۆھبەتداشلارى سايەدا تۇرىدۇ> دەگەن. بىراق، بۇ تۇيۇقتاكى غارنىڭ ئەھۋالى بۇ تەئرىپ – تەۋسىپنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، قۇياش چىققان چاغدا، غارغا كۈن چۈشىدۇ. چۈش ۋاقتىنىڭ ئالدى – كەينىدەمۇ، باشقا ھەرقانداق يەرگە كۈن چۈشكەنگە ئوخشاشلا، كۈن چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى تۇيۇقتاكى ئەسھابۇل كەھف غارىغا كىرىپ باققان ئادەم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بىلەلەيدۇ." (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا>، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، 695-696-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى 2019-يىل 8-ئاي نەشرى)

ئالىم مۇسا سايرامىي تۇرپانلىقلارنىڭ "ئەسھابۇل كەھف تۇيۇقتا" دەيىشتەكى ئاساس-زاكۇنلارىنىمۇ تىلغا ئالغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي ئاساس بىلەن رەددىيە بەرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ:

"دەرۋەقە، بۇ يەردە، تۇرفان ئەھلى چوڭ دەستەك، ئەڭ زور پاكىت قىلىۋالغان بىر نەرسە بار. ئۇ بولسامۇ، ھەزرەتى سەييىد ئافاق خوجا ھىدايەتۇللاھ ئىشاننىڭ تۇرفانغا كەلىپ، كەشپ ۋە مۇراقىبە (خاس بىر خىل تۇيغۇ ئارقىلىق ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىش) ئارقىلىق، تۇيۇقتاكى غارنىڭ ئاشۇ رىۋايەتتەكى ئەسھابۇلكەھف غارى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئەمما، <ھەزرەتى ئافاق خوجا مۇنداق دەگەن ئىكەن> دەگەن ئۇ نەقىللىك رىۋايەتنى ئەمەلىي پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتىشكە توغرا كەلىدۇ. چۈنكى، كەشپ ۋە مۇراقىبە قىلىش ئىسلام ئەۋلىيالارىغىلا خاس بولغان ئىقتىدار ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنلاغان دىنسىز مۇشرىكلارمۇ، شۇ قاتاردا، بۇتقا ئىتىقاد قىلىدىغان لاما، بەرەھمەنلەرمۇ مۇئەييەن ئىبادەت مۇشەققەتىنى چەكىپ ئەمگەك قىلسا، كەشپ ۋە مۇراقىبە ئىقتىدارىنى يەتىلدۈرەلەيدۇ – دە،  ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇش، چۈش كۆرۈش قاتارلىق ۋاسىتەلەر ئارقالىق ، ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسى ھەققىدە بىر نەمەلەرنى دەپ ھۆكۈم قىلالايدۇ. بىراق، بۇ يەردەكى ئەجەللىك مەسىلە شۇكى، ئاشۇ خىل ئىلھامنى ئۇرغۇتۇش، چۈش كۆرۈش ياكى كەشپ – مۇراقىبە ئارقالىق بىر نەرسەگە ھۆكۈم قىلىش شەرىئەتپەرۋەر ئولەمالارنىڭ ھوزۇرىدا ھەقىقىي ھۆججەت ۋە دەلىل – پاكىت قىلىپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، شۇنچە كۆپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلاملارنىڭ ۋە بۈيۈك ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىلەرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا. ئەگەر كەشپ – مۇراقىبە قىلىش شەرىئەت ئىتىراپ قىلىدىغان ھۆججەت ۋە دەلىل ھىسابلانىدىغان بولسا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە باشقا بۈيۈك ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىلەرىنىڭ ھەممەسىنىڭ ئورنى تاپىلغان بولاتتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

 دەمەكچىكى، ھەزرەتى ئافاق خوجانىڭ كەشپ – مۇراقىبە ئارقالىق، <ھەزرەتى ئەسھابۇلكەھف مۇشۇ تۇيۇقتاكى غاردا ئىكەن> دەپ ھۆكۈم قىلىشى شەرىئەت مىزانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇنداقلا كۆپچىلىك ئىسلام ئولەمالارىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىمات – يەكۈنلەرىگە  مۇخالىپ كەلىدۇ، خالاس!" (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 689-690-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

شۇ قەدەر چوڭ يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن چوڭ يۈرەك لازىم بولىدۇ. قارىغاندا، ئۆز زامانىسىداكى ئۇيغۇر توپلۇمىدا، يۈرەكى قاپتەك ئادەملەر ئاز ئەمەس ئىكەندۇق. ھەتتا، "ئافاق خوجا- يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ  خوجاسى" ئاتالغان داھىي زات ھىدايەتۇللاھ ئىشاننىڭمۇ ئاخىردا، "مۇراقىبە قىلىپ كۆرسەم، رىۋايەتتەكى ئەسھابۇل كەھف مۇشۇ ئىكەن" دەپ يالغانغا شەرىك بولۇشى ئۇنىڭ بىر مۆھتەرەم دىنىي داھىي بولۇش بىلەن بىر چاغدا، يەنە خەلى ئوبدانلا بىر سىياسىييون ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندۇر، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

ئىككىنجى. خوتەندەكى "ئىمام جەئفەر سادىق مازارى" تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەس

" خوتەن زەمىنىدا، ناھايەتىمۇ  مەشھۇر بىر زىيارەتگاھ بار بولۇپ، خەلق ئۇنى <ئىمام جەئفەر سادىق (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) مازارى> دەپ ئاتايدۇ ۋە <ئىسلام تارىخىداكى مەشھۇر زات ئىمام جەئفەر سادىقنىڭ مۇبارەك مەيىتى مۇشۇ خوتەنگە دەپنە قىلىنغان> دەپ، ئەقىدە – ئىخلاس قىلىدۇ.

ئەمما، تارىخ كىتابلارىدا، خۇسۇسەن <تارىخۇ رەۋزەتىس سەفا> (ساپالىق باغ تارىخى) دەگەن مەشھۇر كىتابتا: < ئىمام جەئفەر سادىق ئىبنى ئىمام مۇھەممەد باقىر ئىبنى ئەلىي<لەقەبى زەينىلئابىدىين> ئىبنى ئىمام ھۈسەين (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممەسىدىن رازى بولغاي) ئابباسىيلار خەلىپەلەرىدىن جەئفەر دەۋانقىينىڭ زامانىسىدا، ھىجرىيە بىر يۈز قىرىق سەككىزىنچى يىلى (مىلادىيە  765– يىلى) ۋاپات بولۇپ، داداسى مۇھەممەد باقىر بىلەن بوۋاسى زەينىلئابىدىيننىڭ ئاياغىغا دەپنە قىلىندى، مۇبارەك مەيىتى بەقىئىي گۆرۈستانى (گورۇستانى بەقىئىي) دا دۇر > دەپ بايان قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن قارىغاندا، خوتەندىكى مەزكۇر <ئىمام جەئفەر سادىق مازارى> دەيىلىۋاتقان مەشھۇر زىيارەتگاھتا ياتقانى ئىمام جەئفەر سادىق رەزىياللاھۇ ئانھۇ ئەمەس، بەلكى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتىگە بىجانىدىل سادىق بولۇپ ئۆتكەنلىكتىن ئىمام ۋە پىشىۋالىق ئۇنۋانىغا ئەرىشكەن جەئفەر ئىسىملىك باشقا بىر ماشايىخ بولسا كەرەك. ئەسلىي ئۇ زاتنى ئۆز زامانىسىداكى مۇرىت – مۇخلىسلارى <ئىمام جەئفەر سانىي (ئىككىنچى)> دەپ ئاتاغان بولسامۇ، كەيىنچە ئاۋاملارنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن <ئىمام جەئفەر سادىق> بولۇپ قالغان بولسا كەرەك. چۈنكى، <سانىي> كەلىمەسى بىلەن <سادىق> سۆزى تەلەپپۇز جەھەتتە بىر – بىرىگە  ئالماشىپ قالىش ئىھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان سۆزلەردۇر. مەزكۇر ماشايىخ ئىمام جەئفەر ئىبادەت ۋە رىيازەتتە، مۇھەممەد پەيغەمبەرر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلەرىنى بىجانىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، خۇددى ئىمام جەئفەرسادىق رەزىياللاھۇ ئانھۇ ھەزرەتلەرىگە ئوخشاشلا كامالەتكە يەتكەن زات بولغاچقا، خوتەن خەلقى ئۇنى <ھە، بۇ زات بەجايىكى ئىمام جەئفەر سانىي (ئىككىنچى ئىمام جەئفەر) ئىكەن> دەپ ئاتاغان بولسا كەرەك. چۈنكى، ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا جانابىي ئىمام جەئفەر سادىق رەزىياللاھۇ ئانھۇنىڭ پەزلى – پەزىلەتلەرىنى  يەنە بىر بەندەسىگە ئوخشاش دەرىجە ۋە ئوخشاش پىچىمدە ئاتا قىلسا، قىلىۋەرىدۇ. ئاللاھۇتەئەلا ئۈچۈن، بۇ ھىچقانداق بىر تەس ئىش ئەمەستۇر. بۇ ھەقتە، <ئۇ ئاللاھنىڭ پەزلى – ئىنايەتىدۇركى، ئاللاھ كىمنى خاھلاسا، شۇنىڭغا بەرىدۇ. ئاللاھ ئۇلۇغ پەزلى – ئىنايەت  ساھىبىدۇر> (زەلىكە فەزلۇللاھ يۇئتىيھى مەن يەشائ  ۋەللەھۇ زۇلفەزلىل ئەزىيم ) دەگەن ئايەت بارغۇ؟! " (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 655-656-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ ژىرىك ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي"دە، ئۇيغۇر مىللىي توپلۇمىنىڭ ئىچىدە، خوتەنلىكلەرنى ئەڭ كۆپ مەدھىيەلەگەن دەيىشكە بولىدۇ. ئۇ خوتەنلىكلەرنىڭ ئۆم-ئىناقلىقىدىن تارتىپ، ئىشچان، پىكىرچان ۋە پاراسەتبەردارلىقىغاچە بولغان ھەممە تەرەپلەرىگە بەرگەن باھاسىدا، ئىچ-ئىچىدىن چىققان قايىللىق تۇيغۇسى ئۇرغۇپ ۋە ئوخچۇپلا تۇرىدۇ. شۇ ۋەجدىن بولسا كەرەك، خوتەن خەلقىنىڭ: "ئىمام جەئفەر سادىق رەزىياللاھ ئانھۇنىڭ قەبرىگاھى مۇشۇ خوتەن زەمىنىدە" دەپ، بىر بۈيۈك ئويدۇرما مازار پەيدا قىلغانلىقىغامۇ بەك چالۋاقاپ قاتتىق تەگمىگەن. ھەتتا، "سانىي" سۆزى بىلەن "سادىق" كەلىمەسى تاۋۇش جەھەتتە ياقىن كەلىپ قالىدۇكى، كىم بىلىر، بەلكى ئاۋاملارچە خاتا تەلەپپۇز قىلىش تۈپەيلىدىن، ئاشۇنداق "ئىمام جەئفەر سادىق " بولۇپ قالغان بولغاي دەپ ، ئارقا ئىشىكى بار يۇمشاق باھا بىلەن كۆڭۈل ئاياغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىمام جەئفەر سادىق رەزىياللاھ ئانھۇ باغدادتا ياشاپ ئۆتكەن زات بولۇپ،  خۇددى ئالىم مۇسا سايرامىي ئەڭ مۆتىۋەر تارىخ كىتابلارى ئارقالىق دەلىللەپ كۆرسەتكەندەك، ئۇنىڭ قەبرىگاھى مەدىينەتۇس سەلام باغدادتاكى گورۇستانى بەقىيغا دەپنە قىلىنغاندۇر. خوتەندەكى "ئىمام جەئفەر سادىق مازارى" بولسا، ئۇيغۇر ۋەتەنىدەكى ئەڭ چوڭ ئويدۇرما مازارلارنىڭ بىرسىدۇر، خالاس!

 

ئۈچۈنجى. ئاقسۇداكى "سۇلتان قىرمىش مازارى" تارىخىي پاكىتقا زىت

 

"ئاقسۇنىڭ شىمالىي تەرەپىدە، ئاقسۇ شەھرىگە ئالتە تاش مىقدارى كەلىدىغان يەردەكى بىر تاغ باغرىدا، كاتتا بىر زىيارەتگاھ مازار بار. كىشىلەر بۇ مازارنىڭ شاراپەتلىك ئىسمىنى <سۇلتان قىرمىش سەييىدىل مۇسلىمىين> دەپ ئاتايدۇ. تەزكىرەسىمۇ بار. مەزكۇر تەزكىرەدە: < ھىجرىيە ئوتتۇز ئۈچىنچى يىلى ( مىلادىيە 653 – 654 – يىللار –ت)، ئاخىر زامان پەيغەمبەرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمە سۇلتان قىرمىش سەييىدىل مۇسلىمىين <مۇسۇلمانلارنىڭ خوجاسى>نى ئوتتۇز ئۈچ مىڭ بۈيۈك ساھابە بىلەن شەھرىبەربەردەكى قەھقەھ  جادۇ ۋە ئاتەشپەرەسلەر گۇرۇھىنىڭ ئۈستىگە جەڭگە ئەۋەتتى. كاپىرلار غالىب كەلىپ، مەزكۇر ئوتتۇز ئۈچ مىڭ ساھابەنى ئۇشتۇرفان تەۋەسى ۋە ئاقسۇنىڭ يەزا – كەنتلەرىدە شەھىد قىلدى . ئۇلارنىڭ مۇبارەك جەسەدلەرى ئۇشبۇ زەمىنغا دەپنە قىلىندى> دەيىلگەن.

ئەمما، مۆتىۋەر كىتابلاردا: <مەزكۇر ئۇلۇغ ساھابەلەرنىڭ دەپنە قىلىنغان جايلارى گۆرۈستانى بەقىئ، شاراپەتلىك شام، كۇفە، مىسىر قاتارلىق شەھەرلەردۇر> دەپ بايان قىلىنىدۇ.

يەنە بىرسى، ھىجرىيە ئوتتۇز ئۈچىنچى يىلى (مىلادىيە 653 -  654 – يىللار – ت) دەگەندە، ئىسلامىيەت تارىخىداكى ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففەن رەزىياللاھۇ ئانھۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي) خەلىپەلىك تەختىدە بولۇپ،  بۇ ئاخىر زامان پەيغەمبەرى جانابىي مۇھەممەد پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمە بۇ پايانى يوق ئالەمدىن ئۇ ئەبەدىيلىك جەننەت دۇنياسىغا سەپەر قىلىپ بولغان چاغ  ئىدى.

يەنە دەسەك، بەنى ئۇمەۋىييە خەلىپەلەرىدىن ۋەلىيد ئىبنى ئابدۇلمەلىك ھىجرىيە توقسان بىرىنچى يىلى ( مىلادىيە 709 –  710 – يىللار – ت) بولغاندا، ئاندىن قوماندان قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىمنىڭ  بۈيۈك ھىممەتى ۋە زور تىرىشچانلىقى ئارقاسىدا، بۇخارا، سەمەرقەند، فەرغانە، تۈركىستان ۋە كابۇللارنى ئازاد قىلىپ، بۇ زەمىنلارنى شاراپەتلىك ئىسلام دۆلەتىگە (مۇسۇلمان بولۇش دۆلەتمەنلىكىگە) مۇشەررەپ قىلغان. ھالبۇكى، مەزكۇر شەھەرلەر تەخى ئازاد قىلىنىپ، مۇسۇلمانلاشتۇرۇلماغان ئاشۇ ھىجرىيە ئوتتۇز ئۈچىنچى يىلى ( مىلادىيە 653 – 654 – يىللار – ت) دا، ئاشۇنچەۋالا نۇرغۇن بۈيۈك ساھابەلەر قايسى زەمىنلاردىن ئۆتۈپ، بۇ ئاقسۇ زەمىنىغا قانداق كەلگەندۇر؟ بۇنى ئاقىل ۋە دانا ئىنسانلار ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ باقىشى لازىم، ئەلۋەتتە.

يەنە بىرسى، مۆتىۋەر كىتابلاردا: <ئامۇ دەرياسىنىڭ بۇ تەرەپىگە بۈيۈك ساھابەلەردىن ھىچكىم ئۆتكەن ئەمەستۇر> دەپ بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ئۇلۇغ ساھابەلەرنىڭ زامانىسىدا، ئامۇ دەرياسىنىڭ بۇ تەرەپى تەخى شاراپەتلىك ئىسلام دۆلەتىگە مۇشەررەپ بولماغانىدى.

 مۇشۇنداق ئاساسلار بىلەن ئەيتىمىزكى، يۇقىرىقى <سۇلتان قىرمىش سەييىدىل مۇسلىمىين تەزكىرەسى>  دەگەننىڭ ھىچقانداق بىر قىممەتى يوقتۇر.“ (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 664-665-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

مازار-ماشايىخلارغا ئاتاپ قوي-كالا زەبىخ (قۇربانلىق) قىلىش ۋە مازار چۆرگىلەپ تاۋاپ قىلىش قاتارلىقلار ئەسلىدە، ئىسلامنىڭ دۇرۇس ئەقىدەلەرى بويىچە مۇتلەق توغرا كۆرۈلمەيدىغان ۋە تەكرار-تەكرار قاتتىق تەنقىد قىلىنغان خۇراپىي ئىشلاردۇر.

 مىڭ ئەپسۇس، شۇنچە باي، شۇنچە كەڭ ۋە شۇنچە بەرىملىك ئۇيغۇر ۋەتەنى ئىنسانلارىنىڭ بىر قانچە يۈز يىل مابەينىدە، يىلنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسىللەرىدە، ئەتىز-ئەرىق ئىشلارىنى تاشلاپ، ئاتالمىش "مازار-ماشايىخلارنى ياد ئەتىش" باھانەسى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائى سورۇن، زور ساياھەتگاھ  ۋە ئالىم-ساتىم بازارلارىنى پەيدا قىلىپ، ئۇ يۇرتتىن بۇ يۇرتقا مازار قوغلاشىپ يۈرۈشى ئەمەلىيەتتە، تارىخىمىزداكى كۆرۈمسىز بەتلەردۇركى، بىز ئەۋلادلار ئالىم بوۋامىز مۇسا سايرامىينىڭ خاس كىتاب پۈتۈپ، ئايانچلىق سۆز-كەلىمەلەر بىلەن بولسامۇ قىلغان سەمىمىي تەنقىدلەرىگە دىققەت نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇشىمىز ۋە نۇقسانلارىمىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزەتىشىمىز لازىمدۇر، ئەلبەتتە!

 

ئىشىنىش غەيبكە ئۇ مۇقەددەس ئىتىقاد ئەسلىي،

بىراق ئەمەس مەۋجۇدنى تۈم ئىنكار قىلىش نەسلى.

رىئاللىققا كۆز يۇمۇپ، يالغانغا ئەپسۇن ئوقۇپ-

يۈرسەك، قاچان مىللەتنىڭ قايتا گۈللەنىش پەسلى؟

 

2020-يىل 26-يانۋار، گۆلجۈك.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟