شەخسىي قىممەتلەرنى ساقلاپ قالغالى بولامدۇ؟

 نۇرگۈل ساۋۇت 

2019-9-26

 

      كۆچمەنلەر بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا بارغاندا، بولۇپمۇ دەۋلەت ئاتلاپ كۆچمەن بولغانىدا، بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغان سۇئال، ئۆزى يەڭى كۆچۈپ كىرگەن دەۋلەتنىڭ كۈلتۈرىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق، قوبۇل قىلىپ ئۆز كۈلتۈرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش ياكى قويماسلىق، ۋە ياكى ئۆز كۈلتۈرىدىن بىراقلا ۋاز كەچىپ قارشى تەرەپنىڭ كۈلتۈرىگە ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتىش. ئەڭ ئاخىرقى يەنە بىر تاللاش يولى بولسا، ئۆزى ياشاماقچى بولغان جەمئىيەت ۋە ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ قىممەت قاراشىداكى يادروسىنى پەيدا قىلغان كۈلتۈردىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى چەتكە ئالىپ بەكىنمە ھالەتتە ياشاش. ھەرقانداق كۆچمەن مۇشۇ توت خىل قۇتۇپلاشىشنىڭ بىرىگە چۈشۈپ ياشاماي ئامالى يوق.

 

screenshot_2019-09-26_at_23.12.41

    ئەگەر مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلار دۇنيانىڭ ئوخشاماغان يەرلەرىگە كۆچمەن بولۇپ بارغاندا، قايسى كاتىگورىيەگە چۈشۈپ قالىشى مۇمكىن؟ بۇنى كىم بەكىتەدۇر ۋە ياكى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىداكى ئىشمۇ؟

     بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، شەرقىي تۈركىستانلىقلار نەمە ئۇچۈن كۆچمەن بولۇپ ئۆز ۋەتەنىدىن ۋە تۇپراقىدىن ئايرىلىشنى توغرا تاپتى، دەگەن سۇئال ئالدى بىلەن ئويلانادۇرغان مەسەلەدۇر. ۋەتەندىن ئايرىلىش بىر گەپ، قانداق ئايرىلىش يەنە بىر دەرەجە ئۆرلەگەن مۇھىمراق نۇقتا. ئۇنداقتا كۆچمەن بولۇش ئىددىيەسىگە تەسىر كۆرسەتەدۇرغان ۋە دەرھال ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇرغان يەنە بىر ئامىلمۇ بار. بۇ ئامىل بەلكىم ئۆز مەيلى ياكى ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي قارشى نۇقتادىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ھەرىكەت بولاشى ھەم مۇمكىن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئ‍ىينەزەر، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتەنىدىن ئايرىلغاندا ئۆزىنى روھى ئوزۇقلۇق بىلەن قامداپ تۇرادۇرغان كۈلتۈرىنىمۇ بىللە ئالىپ چىقىدۇ ۋە قەيەرگە بارسا شۇ يەرغا ئالىپ بارادۇر.

    ئەگەر بىر ئادەم ئۆز كۈلتۈرىنى شۇنچە ئۇلۇغ كۆرگەندە، بۇ كۈلتۈرنى ئالدىراپ قولدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ ۋە جانىنىڭ بارىچە ساقلاپ قالىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر ئاشۇ كىشىدە ئۆز كۈلتۈرىنى ياخشى كۆرەدۇرغان ئىددىيە ياكى ئاشۇ ئۇقۇم ئاتا-ئانا ياكى ئەجدادلارىنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق ئاشۇ كۆچمەنگە ئۆتمەگەن بولساچۇ؟ ئۇنداقتا ئاشۇ شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەن قانداقمۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممەت قاراشىنى تولۇق يەتىلدۈرگەن بولسۇن؟

    بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمەك ئۇچۈن، ئالدى بىلەن بىز كىمنىڭ ئۇرۇلۇپ قاقىلىپ ياشىغۇسى بار؟ كىمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ قىرغاقتا ئولتۇرۇپ غول ئاقىمىدىن ئۆزىنى ئالىپ تۇرۇپ ياشاغۇسى بار ياكى بارمۇ؟ دەگەن ئۇقۇمغا دىققەت قىلساق بولىدۇ. بۇ ئۇقۇم دەرھال ئادەملەرنى ئىككى خىل تۈرگە ئايرىشقا مەجبۇر قىلادۇر. بۇ خىل ئايرىش ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىر قەدەر چوڭقۇر قەدىرىپ چۇشەنىشكە مەجبۇرلايدۇر. بۇ خىل ئانالىز ياكى چوڭقۇر قەدىرىپ چۈشۈنۈش ئۇچۈن ئىككى تۈردىكى قىياسنى ئوتتۇراغا قويۇپ باقايلى.

    بىرىنچى قىياس: ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ شۇ كۆچۈپ كىرگەن جەمئىيەتكە ئالىپ كەلەدۇرغان قىممەتىگە تولۇق ئىشەنسە، ئاشۇ جەمئىيەتتە باشقالار تەرىپىدىن قاقىلىپ كەتىش ياكى قوبۇل قىلىنماسلىق ئىھتىماللىقى بارمۇ؟ ئۇنداق بولمايدۇ. ئۆزىگە ئىشەنچ بولۇش خۇددى سىزگە تىياتىرخانىغا كىرىشكە بىلەت ئالغان بىلەن ئوخشاش ئىش. ئادەمنىڭ ئىشەنچىسى ئۆزى كىرمەكچى بولغان ئاشۇ جەمئىيەتنىڭ دەرۋازاسىدىن ھىچقانداق توسالغۇغا ئۇچراماي كىرىشكە ئاساس ياراتىپ بەرەدۇر. چۈنكى ئادەمدە ئىشەنچ بولغاندىلا بىرىنىچى قەدەمنى ئالىشتىن ئىككىلەنمەيدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى چەتكە قاقىلىش ئىھتىماللىقى يوق بولىدىكەن، ئۇنداقتا يۇقارىدا كۆرسەتىلگەن يەنە ئىككى خىل ئۆزلەشىش قۇتۇبىغا شارائ‍ىت ياراتىپ بەرەدۇر. ئۇ بولسامۇ يۇقارداكى رەسىمدە كۆرۈلگەن ئوتتۇرا سىزىقنىڭ ئۇستىدىكى ئاسسىلىمىلاتسىيە ياكى ئورتاقلىشىش.  بۇ ئىككى خىل تاللاش ئۇسۇلى يەنە بىر چوڭ ئامىل تەرەپىدىن بەلگەلەنەدۇر. ئۇ بولسىمۇ نوپۇس جەھەتتىكى پەرقلىق. ئەگەر ئوخشاش بىر خىل كۈلتۈرگە ۋارىسلىق قىلغان ئادەملەر ئوخشاش بىر يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆز كۈلتۈرىنى ئاساس قىلغان يەنە بىر سۈنئىي كۆچۈرمە جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش ئىھتىماللىقى بار. ئۇنداق ئەھۋالدا، يەنە بىز ئويلاپ باقمىغان ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ كەلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالۇرمىز. ئۇ بولسىمۇ گۇرۇپپا ھالەتتە ئاساسىي ئاقىمدىن ئايرىلىپ قالىش. يەنە بىرى بولسا ئۆز كۈلتۈرى ئارقىلىق ئەتراپىداكى ئادەملەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەسىر كۈچ پەيدا قىلىش ئارقالىق ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ياراتىش. ئەگەر نوپۇس ئاز بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆچمەنلەرنىڭ ئاسسىلىمىلاتسىيە بولۇپ كەتىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار ئاسسىلىمىلاتسىيە بولۇشقا قارشى تۇرسا، يۇقاردا دىگەندەك، ياكى بىكىنمە ھالەتتە ياشىشى ياكى بولمىسا چەتكە قاقىلىپ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى قاتلامدىن ئورۇن ئالالماي ياشىشى كىرەك.

 

    ئىكىنچى قىياس: ئەگەر كۆچمەن ئۆزى كۆچۈپ بارغان جەمئىيەتكە نىسبەتەن باقىندىچىلىق ئىددىيەسى بار ۋە ئۆزىنىڭ كۈلتۈرىنى باشقىلارنىڭ كۈلتۈرىدىن تۆۋەن كۆرەدۇرغان ئەھۋال. بۇ خىلدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتىشكە ياكى بولمىسا داۋاملىق تۈردە ئاساسىي ئاقىم كۈلتۈرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىشقا دۇچار بولادۇر. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار مەجبۇرىي ھالدا ئاسسىلىمىلاتسىيە بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل قىياستىن ئاسانلا كۆرۈپ ئالىشقا بولادۇركى، يۇقارقى دىئاگرامىدا پەقەت بىرلا قۇتۇپ، يەنى ئورتاقلىشىش قۇتۇبى ۋە  ئۈنۈملۈك ئۆزلىشىش مودەلى ھىساپلىنىدۇ. ئۇنداق باش ئۈچ خىل ئۇسۇلدا، كۆچمەنلەردە كۆرۈلەدۇرغان روھى چۇشكۇنلۇك ياكى بۇرۇقتۇرما كىسەللىكى قاتارلىق روھى جەھەتتىكى بىنورماللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرادۇر. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ مىسالى ئىۋا موراۋا ۋە ئەسىم ئەرىم (Eva Morava  Esim Erim 2014) دەگەن پىسخىلوگلارنىڭ تەتقىقاتىدا تۈركىيە تۈركلەرىنىڭ گىرمانىيەگە 1960- يىللاردا كۆچۈپ بارغاندا گىرمان يەرلىك كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيەتىگە ماسلىشىشتا قانچىلىك قىينالغانلىقىنى كۆرسەتىپ ئۆتكەن. تەبىئىي ھالدا ئۇلاردا روھى چۈشكۈنلۈك ۋە ياكى خامۇشلۇق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلغان. بۇ كۆچمەن تۈركلەرنىڭ روھى جەھەتتىكى بىنورماللىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئالغان پەننىي تەربىيەنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە نىمىس تىلىنى بىلمەسلىكى سەۋەپچى بولغان.

    بۇنىڭدىن ئىككى نۇقتىنى يەكۈنلەمەك مۇمكىن: ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئالغان مائ‍ارىپ تەربىيەسىنىڭ يەنىلا باشقا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى بولىدىغانلىقى؛ ئالدى بىلەن شۇ ئورتاقلاشقان جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىلىنى ياكى دەۋلەت تىلىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆگىنىش كىرەكلىكى؛ ئاندىن ئاخىرىدا ئۆز كۈلتۈرىمىزگە بولغان ئىشەنچ ۋە ھۆرمەتنىڭ كۈچلۈك بولۇش لازىملىقى بەكمۇ مۇھىمدۇر. لاكىن ئۈچىنچى نۇقتىنى ھەممىلا ئادەمدىن تەڭ دەرىجەدە ئۈمىد قىلغالى ياكى تەلەپ قىلغالى بولمايدۇ.

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟