مىللىي مەپكۇرە توغراسىدا

مىللىي مەپكۇرە توغراسىدا

پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت

ئىزاھات: پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت مۇئەللىم تەرەپىدىن يازىلغان بۇ ماقالە بۇنىڭدىن بۇرۇن مەلۇم بىر تور بەتتە "مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا" ماۋزۇسى بىرلەن ئىلان قىلىنغان بولۇپ، قىممەتلىك زىيالىمىز ئۇشبۇ ماقالەسىنى كۆكتۇغ ئۈچۈن تەكرار كۆزدىن كەچۈرۈپ بەزى يەرلەرنى تۈزەتىپ ۋە تولۇقلاپ تەييارلادى. كۆكتۇغلۇقلار پروف.در. ئالىمجان ئىنايەت مۇئەللىمنىڭ ئۇشبۇ پىداكارلىقى ئۈچۈن قەلبى تەشەككۈرىنى تەقدىم قىلادۇر.

 

ئىشغالچى خىتتاي ھاكىمىيەتىنىڭ ئۈچ يىلدىن بەرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىقىنىڭ بارغانچە ئاغىرلىشىپ كەتىشى، ئۇيغۇر سىياسىي تۇرمۇش ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمەگە ئۇچراشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلەچەككە بولغان ئۈمىد ۋە تەسەۋۋۇرلارىنىڭ كۈندىن كۈنگە زەئىپلەشىشى كىشلەر ئاراسىدا ئاغىر مۇنقەرز تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويدى. بۇ كرىزىس تەبىئىي ھالدا مىللەتنىڭ كەلەچەك تەغدىرىدىن ئەنسىرەگەن زىيالىيلارىمىزنى مىللەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ يول ۋە چارە-تەدبىرلەرى ئۈستىدە ئويلانىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. مىللەتكە يول كۆرسەتىش، مىللەتنى قۇتقۇزۇش زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدۇرغان بۇرچىدۇر، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن بىر ۋاتساپ گۇرۇپپاسىدا قارىنداشلار خىتتاي ھاكىمىيەتىنىڭ قاتمۇ قات ئاغىر باسىمى ئاستىدا ئۈمىدى، ئىرادىسى، جاسارەتى، غەيرەتى سۇنۇپ يوقالىشقا قاراپ كەتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيەتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغاتادۇرغان، جانلاندۇرادۇرغان، تىرىلدۈرەدۇرغان يەڭى بىر مەفكۇرەنى ئوتتۇراغا قويۇشنىڭ ھاجەت ۋە زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كەمىنە پەقىرمۇ ئىزدەنىشكە باشلاغان ئىدىم. بۇ ھەقتەكى كۆزقاراش، تەكلىپ پىكىر ۋە ئويلىغانلارىمنى قارىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق  كۆرۈپ تۇرماقتامەن.   

ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك، «مەفكۇرە» ئاتالغۇسى ئەرەپچە “پىكىر < فىكىر” دەگەن سۆزدىن ياسالغان بولۇپ، مەناسى “پىكىر يۈرگۈزۈلگەن” ياكى “پىكىردە بولغان نەرسە”، “تەسەۋۋۇر شەكلىدەكى غايە” دەگەندىن ئىبارەت. مەپكۇرىگە “خىيال”، “غايە”، “مەقسەت”، “تىلەك” دەيدىغانلارمۇ بار (گۆكئالپ 2014: 57). شۇڭا مەپكۇرە دەگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن “مەقسەت قىلىنغان”، “ئەرىشمەكچى بولغان غايە” ، ئەرىشمەكچى بولغان يۈكسەك مەقسەت” دەپ ئىزاھلانادۇر. پەلسەپەۋى جەھەتتىن “ئەمەلىيەتتە بولماغان، پەقەت پىكىردە تەسەۋۋۇر قىلىنغان غايە"  دەپ چۈشەندۈرىلەدۇر. تۈركىيە تۈركچەسىدە بۇ ئۇقۇم "ئۈلكۈ"(ülkü)، 'ئىدىئال"(ideal) دەگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنمەكتە (تۈركچە سۆزلۈك 2005: 2056). ئۇيغۇرچەدە "مەپكۇرە" دەپ تەلەپپۇز قىلىنادۇرغان بۇ سۆز “ئىدىيە” دەگەن مەنادە ئىشلەتىلەدۇر. ئۇيغۇرچەدە “ئىدىيە” سۆزى “نىيەت”، “مەقسەت”، “غايە” دەگەن مەنالارغامۇ ئىگە (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى1999 : 1319). بىز بۇ يەردە تىلغا ئالىپ تۇرغان "مەپكۇرە” ئاتالغۇسىنى “يەتەكچى ئىدىيە” دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مەپكۇرە بىر خىل ئاڭ، بىر خىل ئىدىئولوگىيىدۇر. مەپكۇرە تۈركىيە سوتسىيولوگى زىيا گۆكئالپ تەرەپىدىن ئوتتۇراغا قويۇلغان بىر ئۇقۇمدۇر. زىيا گۆكئالپ بۇ ئۇقۇمنى فرانسۇز سوتىيولوگى دۇركخەيىم (Emile Durkheim) ئوتتۇرىغا قويغان “كوللىكتىپ / ئىجتىمائىي ۋىجدان” دەگەن ئۇقۇم ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن. زىيا گۆكئالپنىڭ پىكرى بويىچە، مىللىي ۋىجدان ئەڭ ئۈستۈن مەپكۇرەدۇر (توقلۇئوغلۇ 2013: 118 )

مەپكۇرە، يەنى مىللىي ۋىجدان ئىچكى جەھەتتىن مىللەتلەرنى ئويغاتادۇر، جەمئىيەت ئەزالارىنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە بىرلىكتە ھەرەكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە يول كۆرسەتىپ بەرىدۇ، يۆنەلىشنى بەلگەلەپ بەرىدۇ. شۇڭا مەپكۇرە ناھايىتى كۈچلۈك قۇراللارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلانىدۇ. تاشقى جەھەتتىن تاجاۋۇزچى خاراكتىرلىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر مىللەت قۇدرەت تاپىپ جاھانغا ھۆكۈمران بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەپسانەۋى ھۆكۈمدارى ئوغۇز خاننىڭ مەپكۇرەسى جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ “مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى بولىمەن. يەرنىڭ تۆرت بۇلۇڭىنىڭ خاقانى بولسام كەرەكتۇر. سىلەردىن ئىتائەت كۈتەرمەن” دەگەن سۆزى بىلەن “ كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان” ، يەنى “قۇياش بايراق، ئاسمان چادىر بولسۇن” دەگەن سۆزى بۇ مەپكۇرەنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرەدۇر. بۈگۈن جاھان ھاكىمىيەتى مەپكۇرەسى تۈركىيە تۈركلىرى ئاراسىدا “قىزىل ئالما” دەگەن ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدە بۇ ئۇقۇم “ئىلاھى كەلىمەتۇللاھ”، “نىزامى ئالەم” دەگەن ئىسلامى تېرمىنولوگىيە بىلەنمۇ ئىپادىلەنەدۇر.

ئەسلىدە بۇ مەپكۇرە دىنىي ئىتىقاتتىن كەلگەن. چۈنكى كۆك تەڭرى ئىتىقادى بويىچە ئاسماندا تەڭرى بىر ۋە يىگانە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يەريۈزىدەكى ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمدارمۇ بىر ۋە يىگانە بولۇشى كەرەك. ئوغۇز خان، چىڭگىز خان، ئاقساق تىمۇر ۋە كەيىنكى ئوسمانلى ھۆكۈمدارلارى مانا مۇشۇنداق بىر مەپكۇرە بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ھەگىل جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش مەپكۇرەسىنى "جاھان روھى" دەپ ئاتاغان. ئۇنىڭ قاراشىچە، مىللەت سىرلىق بىر روھتۇر. ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي روھى بولادۇر. بۇ مىللىي روھ باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولۇر. مىللىي روھلارنىڭ ئۈستىدە بىر جاھان روھى باردۇركى، بۇ روھ پۈتۈن روھلارغا ھاكىم بولادۇر. مىللەتلەرنىڭ يۈكسەلىشى، يىمىرىلىشى، غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلەرى بۇ جاھان روھىنىڭ ئىرادەسىنىڭ نەتىجەسىدۇر (ئارسال 2018: 120-119).

زىيا گۆكئالپنىڭ قاراشى بويىچە، مەپكۇرەلەر  بىر مىللەت پالاكەتكە ئۇچراغان، كرزىسكە دۇچ كەلگەن بۆھرانلىق مەزگىللەردە ئوتتۇراغا چىقادۇر. بۇنداق مەزگىللەردە شەخسلەر ئۆزلەرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەس، مىللەتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئويلايدۇرغان بولادۇر. بۇ ئۇلۇغ ھىسسىيات بىلەن ئارالاشقان مۇقەددەس پىكىرگە مەپكۇرە دەيىلىدۇ (گۆكئالپ 2018: 52-53). پرۇسيا ناپاليون قوشۇنلارى تەرەپىدىن كەمسىتىلگەن زور پالاكەت زامانىدا، پروسىيەلىكلەردە گىرمانلىق مەپكۇرەسى ئۇرغۇپ چىققان. ياپونىيە، ئامىرىكالىقلار ۋە ياۋرۇپالىقلار تەرەپىدىن ئاغىر ئاھانەت ۋە باسىم ئاستىدا قالغاندا ياپون مەپكۇرەسى ئوتتۇراغا چىققان (گۆكئالپ 2018: 53). بىر مىللەت خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، ئۇنى شەخسلەر قۇتقۇزالمايدۇ، مىللەت ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزادۇر. مۇنداق پەيتلەردە، شەخسلەر شەخسلەردىن ھالقاغان ئالاھىدە بىر روھقا تەسلىم بولادۇر، شەخسىي ئىرادە بىر تەرەپتە قالىپ ئومۇمىي ئىرادە پۈتۈن ۋىجدانلاردا بىر گەۋدە بولادۇر. مەپكۇرە مەنمەنچىلەرنى جان پىدا مۇجاھىتلارغا، قورقۇنچاقلارنى قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرىدۇ (گۆكئالپ 2018: 54). مەپكۇرەسى بولغان شەخسلەرنىڭ روھلارى ئۇرغۇپ تۇرادۇ، بۇ كىشىلەر ھاياجانلىق ۋە ئىرادەلىك بولادۇر. مەپكۇرەلىرى ئۈچۈن ھاياتلارىنى، مەنپەئەتلەرىنى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى پىدا قىلالايدۇ. مەپكۇرە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنى ئۇلۇغلايدۇ، قارشى چىققان ۋە توسالغۇ بولغان نەرسەلەرنى چاقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ (گۆكئالپ 2018: 56). مەپكۇرەسى بولغان مىللەتلەر سىياسىي جەھەتتىن ئۆلگەن بولسامۇ، چوقۇم تىرىلەدۇر (گۆكئالپ55:2018).

بۇ كۆزقاراشلارغا تاينىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسىنىڭ ئومۇمىي رامكاسىنى بەكىتىپ چىقىشقا بولادۇ دەپ قارايمەن. ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى ئاغىر بىر كرىزىسكە دۇچ كەلدى. ئىشغالچى خىتتاي ھاكىمىيەتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن شىددەتلەنىپ كەتىپ بارماقتا، تاجاۋۇزكار  خىتتاي مىللەتچىلىكى ۋە مەجبۇرى  ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇدىيەتىگە جىددىي تەھدىت سالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئايتقاندا، ئۇيغۇر مىللەتى يوقالىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلكىك، ئىسلام دۇنياسى، ھەتتا تۈرك دۇنياسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە،  ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا، ئىرقىي ۋە كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىقىغا قارشى جىددىي ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. تەخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،بىز  دىن قارىنداشلىرىمىز، ئۈممەتىمىز دەپ ئۈمىت باغلاغان  ئىسلام دەۋلەتلەرىمۇ خىتتاي تەرەپتە تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ خەۋپتىن ۋە ھالاكەتتىن قۇرتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا  ئۆزىگە، ئۆز كۈچىگە تايانىپ ھەرەكەت قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ پەۋقۇلئادە ۋەزىيەت، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ۋە رىئاللىقىغا ماس كەلەدۇرغان يەڭى بىر مەپكۇرەنى ئوتتۇراغا قويۇشىنى تەقەززالىق بىرلە كۈتمەكتە.

بىز دۇنياداكى ھەر خىل مەپكۇرە / ئىدىئولوگىيەلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرەدۇرغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك مەپكۇرە / ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ مىللەتچى خاراكترلىق مەپكۇرە / ئىدىئولوگىيەلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتىمىز. چۈنكى، تىل ۋە دىننى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئىچكى جەھەتتىن جەمئىيەت ئەزالارىنى ئويغاتىش، كۈچلەندۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش ۋە ھەرەكەتلەندۈرۈش، تاشقى جەھەتتىن رەقىپ كۈچلەرنىڭ سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ھۇجۇملارىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ياۋرۇپالىقلار مىللەتچىلىكنىڭ قۇدرەتىنى 1792-يىلى فرانسىيەنىڭ ۋالمىي دەگەن يازىسىدا مەيدانغا كەلگەن پرۇسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇراسىداكى ئۇرۇشتا بايقاغان. ناھايەتى كۈچلۈك مۇنتىزىم قوشۇنى بولغان پرۇسىيەگە قارشى فرانسيەنىڭ ئاچ- يالاڭاچ ۋە ئاجىز قوشۇنى گىنىرال كەللىرنىڭ شەپكەسىنى چىقارىپ “ياشاسۇن مىللەت!” دەپ ۋارقىراشى ۋە پۈتۈن ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك “ياشاسۇن مىللەت!” دەپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پرۇسىيە قوشۇنىنى تارمار قىلىۋەتكەن. فرانسىيە قوشۇنلارىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇپ بولادۇرغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ئۇرۇش تارىخچىلەرى ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبەسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كەيىن، بۇ غەلبەنىڭ ئارقاسىداكى كۈچنىڭ “ياشاسۇن مىللەت!” دەگەن نىدادا ئەكس ئەتكەن مىللەتچىلىك پىكرى ئىكەنلىكىنى بايقاغان. فرانسىيە ئەسكەرلەرى مىللەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ئۇرۇشقان ۋە بۇ جاسارەتى بىلەن غەلبە قازانغان. شۇندق قىلىپ ياۋرۇپادا يەڭى بىر دەۋىر، يەنى مىللەتچىلىك دەۋرى باشلاغان. 19 -ئەسىردە باشلاغان بۇ مىللەتچىلىك پىكىر ئاقىمى ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكەتلەرى ئارقاسىدا ياۋرۇپادا مىللىي دەۋلەت (nation state ئۇلۇس دەۋلەت) لەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ دەۋلەتلەر قۇدرەت تاپىپ نۇرغۇن ئاجىز دەۋلەتلەرنى مۇستەملەكە قىلىپ ئالغان. يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن مۇستەملەكە مىللەتلەرمۇ مىللەتچىلىك ھەرەكەتى ئارقالىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئالغان. دەمەك، بىز مۇھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مىللەتچىلىك خاراكتىرلىق بىر مەپكۇرىدۇر.

ئەلۋەتتە، ھازىرقى شەرت-شارائىت 19- ئەسىرنىڭ ۋە 20-ئەسىرنىڭ شەرت-شارائىتىغا ئوخشامايدۇ. شۇڭا ئوتتۇراغا قويۇلادۇرغان مەپكۇرە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا، رىئاللىقىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن يەڭى دۇنيا سىياسىي سىستىماسىنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رىئاللىقى، رىتورىكى ۋە يۈزلەنىشى بىلەن ماسلاشقان بولۇشى كەرەك. مەن بۇ ھەقتە مۇنداق بىر تەكلىپ پىكرىمنى ئوتتۇراغا قويماقچىمەن. مەنىڭچە، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەپكۇرەسى، يەنى يەتەكچى ئىدىيەسى “يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى”  ( Neo-Uyghur Turkizm) دەپ ئاتالىشى، بۇ مەپكۇرەنىڭ شۇئارى “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر”  بولۇشى، “ئىسلامىيەت، ھۆررىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قارىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت”تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىممەتلەرنى مەزمۇن قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان، تۈرك دۇنياسى، بۈيۈك تۇران ۋە ئىسلام بىرلىكىنى غايە قىلىشى كەرەك. بۇنى مۇنداق سىستىمالاشتۇرغالى بولادۇر:

مەپكۇرەنىڭ ئىسمى: يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى ( Neo-Uyghur Turkizm)

مەپكۇرەنىڭ شۇئارى: بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر

مەپكۇرەنىڭ مەزمۇنى: ئىسلامىيەت، ھۆررىيەت، ئادالەت،كەڭ قۇرساقلىق، قارىنداشلىق، مەدەنىيەت

مەپكۇرەنىڭ نىشانى: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان

 مەپكۇرەنىڭ غايىسى: تۈرك دۇنياسى، بۈيۈك تۇران ۋە ئىسلام بىرلىكى

بۇلاردىن،

ئىسلامىيەت: قۇرئاننى مەركەز، ئەقىل  ۋە بىلىمنى ئاساس، ئاشقۇنلۇق ۋە تىرورنى رەت قىلادۇرغان ئىسلام ئەقىدەىسى، ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئىسلام مەدەنىيەتى

ھۆررىيەت: ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، دىموكراتىيە

ئادالەت: ھەققانىيەت، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، تەڭ- باراۋەرلىك

كەڭ قۇرساقلىق: كىشىگە  سۆيگۈ  ۋە كىشىلىك ھەقلەرىگە ھۆرمەت

قارىنداشلىق: ئۇيغۇر /تۈرك قارىنداشلىقى، ئىسلام قارىنداشلىقى، مىللەت قارىنداشلىقى،  دۇنيا قارىنداشلىقى    

مەدەنىيەت: مىللىي كۈلتۈرىمىزنى (تىل،ئۆرپ-ئادەت، تۆرە، دىن، تارىخ، ئەدەبىيات، فولكلور ۋە ئىقتىساد) مەركەز قىلغان چاغداش مەدەنىيەت-ئۇيغارلىق (بىلىم، سەنئەت،پەلسەپە،  تېخنولوگىيە) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ مەپكۇرە ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلەر سىستىماسى ئۆز ئىچىدە بىر مىخانىزما ھاسىل قىلغان بولۇپ بۇلار بىربىرىنى كونترول قىلىپ تۇرادۇر. بۇ قىممەتلەر بار بولغان بىر جەمئىيەتتە ئىرقچىلىق، ھەقسىزلىق ۋە ئايرىمچىلىق بولمايدۇ.  

نەمە ئۈچۈن “يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى /  Neo- Uyghur Turkizm“  دەيمىز؟ ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك، 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يارىمىدا پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ۋە ئۇلۇسچىلىق ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي مەپكۇرەسى بولۇپ، بۇ مەپكۇرە “ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستان” دېگەن فورمۇلا ئارقالىق ئىپادەلەنگەن ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتەكىن، مۇھاممەد ئەمىن بۇغرا ۋە مەسئۇت سابرى بايقۇزى بۇ مەپكۇرەنىڭ تەرەپدارلارى ۋە تەرغىباتچىلارى ئىدى. لاكىن بۇ مەپكۇرە روسيەدە ستالىن، خىتتايدا شېڭشىسەي ۋە كەيىنكى خىتتاي كومۇنىستلارى تەرەپىدىن ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلەر ئارقالىق قارالاندى ۋە نەتجەدە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە سالادۇرغان قورقۇنچلۇق بىر ئۇقۇم ھالىغا كەلتۈرۈپ قويۇلدى. كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتىشتىن،  پانتۈركىست ياكى پانئىسلامىست دەپ ئاتالىپ قالىشتىن ئەيمەنەدۇرغان، ھەتتا قورقادۇرغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولۇشىغا قاراماي، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم مەپكۇرەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زىھىن دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتكەنى يوق. بۇ مەپكۇرە ھازىرمۇ خەلقنىڭ زىھنىدە، قەلبىدە يوشۇرۇن كۈچ ھالەتىدە مەۋجۇتتۇر. بۇ يوشۇرۇن كۈچنى ھەرەكەتلەندۈرەدۇرغان، ئۇيغۇر تۈرك روھىنى ئويغاتادۇرغان يەڭى بىر مەپكۇرەگە، يەڭى بىر تەلەپپۇزغا ئىھتىياجىمىز بار. بۇ تەلەپپۇز “يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى  Neo- Uyghur Turkizm”  دۇر. ئىككى يىل بۇرۇن يازغان كىچىك بىر  يازمامدا مەپكۇرەنىڭ ئىسمىنى “يەڭى ئۇيغۇرچىلىق / Neo- Uyghurizm” دەپ ئاتاغان ئىدىم. مەلۇم بولغاندەك، قازاقىستانداكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا “ئۇيغۇرىزم” دەگەن بىر ئۇقۇم ئوتتۇراغا چىققان ئىدى. مەن بۇ ئۇقۇم ئاساسىدا “يەڭى ئۇيغۇرزم” (Neo-Uyghurizm)، يەنى يەڭى ئۇيغۇرچىلىق دەگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇراغا قويغان ئىدىم.  بۇ يازماغا قاراتا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار ئاساسىدا بۇ ئىپادەنى “يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى” دەپ ئۆزگەرتىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. بۇ شەكىلدە “تۈركچىلىك”` ئىدىئولوگىيەسىنى تەخىمۇ ئەنىق ئەسلەتكەلى بولادۇر. ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار شۈبھەسىز تۈركتۇر. بۇ مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدۇرغان بىر ئىلمىي ھەقىقەتتۇر. بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. "تۈرك" نامى بولسا ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈركمەن، ئەزەربەيجانلىق قاتارلىق تۈرك تىللىق قوۋملارنىڭ ئورتاق نامى ۋە  ئۈست كىملىكىدۇر. ئۇيغۇر بىلەن تۈركنى بىربىرىدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا  ئەجداتلارىمىز ئۆزلەرىنى “تۈرك ئۇيغۇر” دەپ ئاتاغان. مەھمۇد كاشغەرىمۇ ئۇيغۇرلارغا تۈرك دەيدۇ. تارىخىي ۋە كۈلتۈرەل خاتىرەلەرىمىز ۋە رىئاللىقىمىز "ئۇيغۇر" ئىسمىنى تاللاپ "تۈرك" ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى "تۈرك" ئىسمىنى تاللاپ "ئۇيغۇر" ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا رۇخسەت ۋە ئىمكان بەرمەيدۇ. بۇ ئىبارەنىڭ “يەڭى ئۇيغۇرچىلىق` دەگەن ئىبارەگە قاراغاندا ئۇقۇم دائىرىسى تەخىمۇ كەڭ. “يەڭى ئۇيغۇر تۈركچەسى”، “ئۇيغۇر تۈركچەسى”، “ئۇيغۇر تۈركۈ”  دەگەندەك ئىبارەلەر تۈركىيەدە كەڭ ئىشلەتىلمەكتە. بۇ خىل ئىبارەنى بۇرۇن زىيا گۆكئالپمۇ ئىشلەتكەن ئىدى. مەسىلەن ئۇ تۈركچىلىككە قارشى تۇرغان ئىسلام تەرەپتارلارى بىلەن تۈركچىلەر ئوتتۇراسىداكى پىكىر ئىختىلاپلارىنى كەلىشتۈرۈش ئۈچۈن “ھازىرقى زامان ئىسلام تۈركلىكى” (muasır İslam  Türklüğü)دەگەن ئىبارەنى ياراتقان ئىدى (يىلماز2016 : 369).  بۇ ئىبارەنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرەسىنى “يەڭى ئىسلام ئۇيغۇر تۈركچىلىكى” دەپ ئاتاش مۇمكىن ئىدى. لاكىن “يەڭى ئىسلام” دەگەن ئىبارە خاتا چۈشىنىشلەرگە سەۋەپ بولۇپ قالادۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىبارەنى ئىشلەتىشنى مۇۋاپىق كۆرمەدىم. 

يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرەسى بۈگۈن تۈركىيەدە “تۈركچىلىك” ۋە “تۈرك دۇنياسى” دەپ ئاتالىپ تۇرغان “پانتۈركىزم”  ياكى “تۇرانچىلىق” مەپكۇرەسى بىلەن غايە جەھەتتىن  ئوخشاش، پەقەت كۆلەم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىراز پەرقلەنەدۇر. كۆلەم جەھەتتىن، بۇ مەپكۇرە پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي مىللەتچىلىكىگە، خىتتاينىڭ كۈلتۈرەل ھۇجۇمىغا،ئاسسمىلاتسىيە سىياسەتىگە تاقابىل تۇرۇشنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن، ئىسلامىيەت، ھۆررىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قارىنداشلىق ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت دۇنياۋىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالادۇر. شۇڭا  بۇ ئۇقۇملار بىر بىرىگە قارشى، بىربىرى بىلەن زىدىيەتلىك ئۇقۇملار ئەمەس، بىربىرىنى تولۇقلىغۇچى ماھىيەتتىكى ئۇقۇملاردۇر. بۇ ئۇقۇملارنى بىربىرىگە قارشى ئۇقۇملار قىلىپ كۆرسەتىشكە بولمايدۇ. زىيا گۆكئالپمۇ تۈركچىلىكنىڭ ياقىن مەزگىللىك مەپكۇرەسىنى ئوغۇز بىرلىكى، ئۇزاق مەزگىللىك مەپكۇرەسىنى ‘تۇران”  دەپ كۆرسەتىپ، بۇنى 1- تۈركىيەچىلىك، 2- ئوغۇزچىلىق-تۈركمەنچىلىك، 3- تۇرانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلارىدا رۇسلارنىڭ رەسمىي رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى ئەزەربەيجان ۋە تاتار تۈركچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى (توقلۇئوغلۇ 2013: 120). خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرەسىمۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلادۇرغان ئۇيغۇر تۈركلەرىنى ئاساس قىلىشى، ئىككىنچى باسقۇچتا تۈرك بىرلىكى ۋە تۈرك دۇنياسىنى، ئۈچىنچى باسقۇچتا بۈيۈك تۇراننى مەقسەت ۋە نىشان قىلىشى كەرەك. يەنى بۇ مەپكۇرەنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ماكان- زەمىن خاراكتىرىنى شەرقىي تۈركىستانچىلىق، تۈركىستانچىلىق ۋە تۇرانچىلىق دەپ كۆرسەتىش مۇمكىن.

  زىيا گۆكئالپنىڭ ئىپادەسى بويىچە ئايتقاندا، تۈركچىلىك ۋە تۇرانچىلىق ئۇزاق غايەدۇر. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن جىددىي، خەتەرلىك ۋە پەۋقۇلئادەدۇر. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلادۇرغان بىر تۈركچىلىك ھەرەكەتىگە جىددىي ئىھتىياج بار. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئايتىپ ئۆتۈش كەرەككى،  ئۇيغۇر تۈركلەرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، تاتار،ئۆزبەك ۋە سالۇر تۈركلەرى بىلەن ھىچقانداق مەسەلەسى يوقتۇر. بىز ھەممەمىز قارىنداش. ئۇلارنىڭ تەغدىرى ئۇيغۇر تۈركلەرىنىڭ تەغدىرىگە باغلانىپ كەتكەن. مىللىي كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تايانچ كۈچتۇر، يادرو كۈچتۇر. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئاراسىدا بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغاتىش ۋە جانلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تىرىلدۈرۈش كەرەك. شۇڭا، يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىر تىرىلىش ھەرىكەتىدۇر.

يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىلەن ئىسلام ياكى ئىسلام ئۈممەتچىلىكى ئوتتۇراسىدا ئىختىلاپ بارمۇ؟ دەگەن سۇئالغا جاۋابىمىز: يوقتۇر. چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلەرى ھەم تۈرك ھەم مۇسۇلماندۇر. ئۇيغۇر مىللى كىملىكى تۈرك كىملىكى ھەم مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن چەمبەرچەس باغلانىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيەتىنى ساقلاپ قالىش كۈرەشى ئوخشاشلا ھەم  تۈرك كىملىكنى ھەم مۇسۇلمان كىملىكىنى ساقلاپ قالىش كۈرەشى بولۇپ ھىساپلانادۇر. زىيا گۆكئالپ “تۈركلۈك بىلەن ئىسلاملىق، بىرىسى مىللىي، يەنە بىرىسى ئالەمشۇمۇل ماھىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسى ئارىسىدا ئەسلا زىددىيەت يوقتۇر” دەيدۇ  (گۆكئالپ2014:19). تۈركىيەدە، تۈرك دۇنياسىدا جەدىتچىلىك پىكىر ئاقىمىنىڭ ئاساسچىلارىدىن بىرى بولغان شەيخ  جامالىدىن ئافغانىمۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇسۇلمان قوۋملارنىڭ ئاڭلىق مىللەتچى بولۇشىغا ۋە ئۆز مىللەتلەرى ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كەڭىيىشىگە باغلىق دەپ قاراغان ئىدى (ئاقچۇرا2015 :83). نادىم ماجىت تۈركچىلىكتەكى مىللەتچىلىك بىلەن ئىسلامچىلىقنى ئوخشاش بىر ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزىدۇر دەيدۇ (ماجىت  2011: 456).  

نېمە ئۈچۈن “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر” دەيمىز ؟ يەنە ھەممەگە مەلۇم بولغاندەك، “ئۇيغۇر” دەگەن سۆزنىڭ مەناسى “ئىتتىپاقلاشقان”، “بىرلەشكەن” دەگەندىن ئىبارەت.  بۇ ئىسىمنى بىزگە ئوغۇز قاغان بەرگەن. شۇڭا بىز مەپكۇرەمىزنى ئۆز ئىسمىمىزدە ساقلاپ تۇرغان مىللەتمىز. ئۇيغۇر بىرلىك دەمەكتۇر، ئىتتىپاقلىق دەمەكتۇر. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتىن كۈچ تۇغۇلادۇر. كۈچتىن ھاكىمىيەت تۇغۇلادۇر. ھاكىمىيەت بىلەن  ئاللاھقا  خىزمەت قىلغالى بولادۇر. دۇنيانى تەرتىپكە سالغالى ھەم بولۇر. بۇلارنىڭ ھەممەسى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا باغلىقتۇر. ھازىر ئۇيغۇرلار مۇھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مانا بۇ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق مەپكۇرەسىدۇر. ئۇيغۇر روھىنى ئۇرغاتادۇرغان، ئۇيغۇرلارنى جانلاندۇرادۇرغان،تىرىلدۈرەدۇرغان مەپكۇرە مانا مۇشۇ بىرلىك مەپكۇرەسىدۇر. ئوسمانلى دەۋرىدە زىيالىيلار “ئىتتىخادى ئىسلام” ، يەنى ئىسلام بىرلىكى، “ئىتتىخادى ئوسمان”، يەنى “ئوسمانلى بىرلىكى” دەپ ئاتىلادۇرغان مەپكۇرە ياراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، ئوسمانلى تەۋەسىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ غەرپنىڭ ئىمپەريالىست ھۇجۇملارىغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ مەپكۇرەلەر ئۆنۈملۈك ۋە نەتىجەلىك  بولماي قالدى . تۈركچىلىك پىكىر ئاقىمى، ئوسمانلىچىلىق ۋە ئىسلامچىلىق كارغا كەلمەگەن مۇشۇنداق بىر تارىخي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى. شۇڭا بىز مىللەتچىلىك  ئاساسىدىكى “بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر” شۇئارى ئارقالىق پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بىرلەشىشكە، ئىتتىپاقلاشىشقا چاقارىشىمىز لازىم.  بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئەمەلگە ئاشقاندا، تاشقى باسىمغا تاقابىل تۇرغالى، مىللى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەلى بولادۇر. يەنە بىر تەرەپتىن "ئۇيغۇر" دەگەن سۆز  پەقەت ئېتنىك گۇرۇپپانىلا ئەمەس، جۇغراپىيەلىك ماكاننىمۇ ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئەل / مەملىكەت دەگەن مەناسىمۇ بولغان. "تۈركىي تىللار دىۋانى"دا مۇنداق دەيىلگەن: "ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كەيىن سالدۇرغانىكەن." " بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلار. ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇ شەھەرلەر: سۈلمى، قوچۇ، جانبالىق، بەشبالىق، يەڭى بالىق"(كاشغەرىي2012: 94-95). شۇڭا "بۈيۈك ئۇيغۇر" ئىپادىسى كەڭ مەنىدە ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ ئىپادەلەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن “كەڭ قۇرساقلىق” دەيمىز؟ كەڭ قۇرساقلىق ئۇيغۇرلار ساھىپ بولغان ئەڭ مۇھىم دۇنياۋىي قىممەتلەرنىڭ بىرىسى. ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل كەڭ قۇرساقلىق كۈلتۈرىگە ئىگە. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تۇرپاندا شامانلىق، بۇدىزم، مانىخائىزم، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكتە بىر ئارادا ياشاغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇيغۇرلار ساھىپ بولغان بۇ كەڭ قۇرساقلىق كۈلتۈرى سايەسىدە پەرقلىق قوۋم ۋە مىللەتلەر بىربىرى بىلەن ئىناق ياشايالاغان. كەڭ قۇرساقلىق بولغان يەردە توقۇنۇش بولمايدۇ، ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ، جەمئىيەتتە ئىناقلىق، ھوزۇر بولادۇر. كەڭ قۇرساقلىق كۈلتۈرى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ “نەمە بولساڭ بول، يەنە كەل” دەگەن جۈملەسى بىلەن فورمۇلالاشقان بولۇپ، بۇ قىممەت قاراش ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەتىنى قوزغاماقتا. ئەلۋەتتە بۇ يەردەكى كەڭ قۇرساقلىق ئەسلا تاجاۋۇزچىلارغا قاراتىلغان ئەمەستۇر.

نەمە ئۈچۈن “قارىنداشلىق” دەيمىز؟ ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدە بىربىرى بىلەن قارىنداش بولغانىدەك بارلىق تۈركلەر بىلەن قان قارىنداشتۇر. شۇنداقلا، دىنىي ئىتىقاد جەھەتتىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن دىنىي قارىنداشتۇر. تىل جەھەتتەكى ياقىنلىقى  تۈپەيلى مۇڭغۇللار، ياپونلار ۋە كورىيەلىكلەر بىلەن تىل قارىنداشتۇر. ئورتاق ئەجدادىمىز ئادەم ئاتا ۋە ھاۋۋا ئانا مۇناسىۋەتى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلىق بىلەن قارىنداشمىز. شۇڭا قارىنداشلىق دەگەنمۇ بىر خىل مەپكۇرە بولۇپ ھىساپلانادۇر. فرانسىيە بايراقىدىكى قىزىل رەڭمۇ قارىنداشلىقنىڭ سىمىۋولى بولۇپ، پۈتۈن فرانسۇزلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلاتلارى ئىكەنلىكىنى ئىپادەلەيدۇ. بۇ يەردىكى قارىنداشلىق تار دائىرەدىن ئايتقاندا مەلۇم بىر مىللەتنى، كەڭ دائىرەدىن ئايتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىپادەلەيدۇ. قارىنداشلىق بىر جەمئىيەت، بىر دەۋلەت، بىر رايونداكى ئىناقلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئاخىرقى ھىساپتا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالەتىدۇر.

نەمە ئۈچۈن مەدەنىيەت دەيمىز؟ ھەممەگە مەلۇمكى،تۈركىيەدە مەدەنىيەت دەگەن ئۇقۇم “ئۇيغار” سۆزى بىلەن ئىپادەلەنەدۇر. ئۇيغار دەگەن سۆز بولسا ‘ئۇيغۇر” سۆزىدىن ئوتتۇراغا چىققان. 1935-يىلىدىكى ماتىرياللاردا مەدەنىيەت دەگەن ئۇقۇم بىۋاستە ھالدا “ئۇيغۇر” سۆزى بىلەن ئىپادەلەنگەن (نىشانىيان2018: 893). دەمەك،  ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلانىپ كەتكەن. مەدەنىيەت، مىللىي كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت/ ئۇيغارلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلادۇ. بۇ يەردەكى مىللىي كۈلتۈر  مىللىي خاراكتىرلىق تىل، دىن، ئەدەبىيات،سەنئەت،تارىخ، فولكلور، ئۆرپ-ئادەت، ئەنئىنە ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مەزمۇنلارنى، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق بولسا دۇنياۋى خاراكتىرلىق بىلىم، پەلسەپە، سەنئەت، تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادۇر. شۇڭا مىللىي مەدەنىيەت، يەنى كۈلتۈر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ھەم مەنىۋى ۋە ماددى مەۋجۇدىيەتىنىڭ كاپالەتى بولسا، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا ئاچىلغان ئىشىكى بولۇپ ھىساپلانادۇر. بۇ نوقتادىن ئالىپ ئايتقاندا،مەدەنىيەت يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى  سىياسىي  مەنادە بىر مەپكۇرە بولۇپلا قالماي، مەدەنىيەت جەھەتتىن بۈيۈك بىر مەدەنىيەت پروجەكتىدۇر. ئۇيغۇرلار يەڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرەسى ئارقالىق تارىختەكى پارلاق مەدەنىيەت دەۋرىگە قايتىشى كەرەك.

 مەپكۇرە /ئىدېئولوگىىيە بىر خىل ھەرەكەت شەكلى، بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇ مەپكۇرە /ئىدېئولوگىيە بىزنىڭ كۈندەلىك تۇرمۇشىمىزغا، ئىش-ھەرەكەتىمىزگە، سىياسىي كۈرەشىمىزگە يەتەكچىلىك قىلىشى كەرەك. ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگرەنىش، ئۆگرەتىش، ئۇيغۇر تۈركچەسىدە سۆزلەش، يازىش، كىيىنىش، يەيىش-ئىچىش، ئۇيغۇر  سەنئەتىنى سۆيۈش، بىرلەشىش، ئىتتىپاقلاشىش، ھەمكارلاشىش، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈرك قارىنداشلارنى سۆيۈش، يۈكسەلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدا دۇنيا سىياسىي سىستىماسىدا تەگىشلىك ئورۇن ئالىشى ئۈچۈن تىرىشىش بۇ مەپكۇرىنىڭ كونكرىت ھەرەكەت شەكلىللەرىدىن بەزىلەرىدۇر.   

خۇلاسەلاپ ئايتقاندا، ئۇيغۇر مىللىي كۈرەشىنىڭ نۆۋەتتەكى  رىئاللىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يەڭى بىر مەپكۇرەگە ئىھتىياجى بار. شۇڭا، يۇقارىدا ئوتتۇراغا قويۇلغان مەپكۇرە لاھىيەسى كۆپ تەرەپلىمەلىك مۇزاكىرە ۋە تەنقىد قىلىنىشى،بۇ ئارقالىق كەم ياكى يەتەرسىز دەپ قارالغان تەرەپلەرى تولۇقلانىشى، كۆپچەلىك قوبۇل قىلالايدۇرغان ئورتاق بىر مەپكۇرەنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى كەرەك. كەمىنە پەقىر، ھەر تۈرلۈك تەنقىدىي پىكىر، كۆزقاراش ۋە تەكلىپنى سەمىمىيەت بىرلەن قوبۇل قىلادۇرغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.  

 

پايداللانغان ماتىرياللار:

 

ئاقچۇرا، يۇسۇف. تۈركچىلىكنىڭ تارىخى. نەشىرگە تەييارلىغان: ئەرول قىلىچ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2015.

Akçura, Yusuf, Türkçülüğün Tarihi, Hazırlayan: Erol Kılınç, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2015.

ئاقچۇرا، يۇسۇف. ئۈچ خىل سىياسەت تەرزى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.

Akçura, Yusuf, Üç Tarz-ı Siyaset, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2016.

ئارسال ، سادرى ماقسۇدى. مىللەت تۇيغۇسىنىڭ سوتسىيولوگىيىلىك ئاساسلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Arsal, Sadri Maksudi, Milliyet Duygusunun Sosyolojik Esasları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

بۇلۇت، يۈجەل. ئىدېئولوگىيىنىڭ تارىخى. سوتسىيولوگىيە ژورنىلى. 23-سان. 2011-يىل، 183 – 206-بەتلەر.

Bulut, Yücel, İdeolojinin Tarihçesi, Sosyoloji Dergisi, 23. Sayı, 2011, s. 183-206.

كاشغەرىي، مەھمۇد. تۈركىي تىللار دىۋانى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. ئۈرۈمچى. 2012

گۆكئالپ، زىيا. تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى. نەشىرگە تەييارلىغۇچى: مەھمەت قاپلان، مىللىي مائارىپ باسمىخانىسى، ئىستانبۇل، 1976.

Gökalp, Ziya, Türkçülüğün Esasları, Hazırlayan: Mehmet Kaplan, Milli Eğitim Basımevi, İstanbul, 1976.

گۆكئالپ، زىيا. چىنارتۈۋى يازمىلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.       

Gökalp, Ziya, Çınaraltı Yazıları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul,  2016

گۆكئالپ، زىيا. تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق، زامانىۋىلاشماق. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014.

Gökalp, Ziya, Türkleşmek, İslamlaşmak, Muasırlaşmak, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2014.

قافەسئوغلۇ،ئىبراھىم. تۈرك-ئىسلام سېنتېزى،  ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Kafesoğlu, İbrahim, Türk - İslam Sentezi, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

ماجىت، نادىم. تۈرك مىللەتچىلىكى، مەدەنىيەت ئەقلى، ئىجتىھات ۋە سىياسەت. بېرىقان نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2011.

Macit, Nadim, Türk Milliyetçiliği Kültürel Akıl İçtihat ve Siyaset, Berikan Yayınevi, Ankara, 2011.

نىشانيان، سېۋان. نىشانيان سۆزلىكى. چاغداش تۈركچىنىڭ ئېتىمولوگىيىسي، لىبەر پلۇس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018

Nişanyan, Sevan, Nişanyan Sözlük, Çağdaş Türkçenin Etimolojisi, Liber Plus Yayınları, İstanbul,  2018.

ئورال، مۇستاپا. زامانداشلىرىنىڭ زىيا گۆكئالپقە قاراتقان تەنقىدلىرى. چاغداش تۈركىيە تارىخى تەتقىقات ژورنىلى،  V/12-سان، 2006، 21- 34-بەتلەر،

Oral, Mustafa, Çağdaşları Tarafından Ziya Gökalp’ın Eleştirisi, ÇTTAD, V/12, (2006), ss. 21-34

سمىت،ئانتوني د.، مىللىي كىملىك. ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014ئ

Smith, Anthony D., Milli Kimlik, İletişim Yayınları, İstanbul, 2014.

سىمىت،ئانتوني د. ، مىللەتچىلىك، نەزەرىيە، ئىدېئولوگىيە، تارىخ. ئاتىف نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2013.

Smith, Anthony D., Milliyetçilik Kuram, İdeoloji Tarih, Atıf Yayınları, Ankara, 2013.

توقلۇئوغلۇ، جەيلان. زىيا گۆكئالپ ۋە تۈركچىلىك. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پاكۇلتېتى ژورنىلى، 68-توم، 3-سان، 2013، 113 - 139-بەتلەر.

Tokluoğlu, Ceylan, Ziya Gökalp ve Türkçülük, Ankara Üniversitesi SBF Dergisi, Cilt 68, No. 3, 2013, s. 113-139.

تۈركچە سۆزلۈك. تۈرك تىل كومىتېتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005.                       

Türkçe Sözlük, Türk Dil Kurumu Yayınları, Ankara, 2005.

ۋېبېر، ماكس. سوتسىيولوگىيە يازمىلىرى. نەشىرگە تەييارلىغانلار: Hans H. Gerth, C. Wright، تەرجىمە قىلغۇچى: تاخا پارلا، مەتىس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019.

Weber, Max, Sosyoloji Yazıları, Hazırlayanlar: Hans H. Gerth, C. Wright Mills, Çeviren: Taha Parla, metis yayınları, İstanbul, 2019.

يالچىن، يىلماز. تۈرك يۇردۇ ژورنىلىدا مەپكۇرە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر (1911-1918). سوتسىيولوگىيە كونفېرانسلىرى، 53-سان (2016-1) / 357-387

Yalçın, Yılmaz, Türk Yurdu Dergisi’nde Mefkûre Üzerine Tartışmalar (1911-1918), Sosyoloji Konferansları  No: 53 (2016-1) / 357-387

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟