|
«تارىخى ھەمىدىي»دە ئۇيغۇر تىلى تارىخىغا ئائىت پاكىتلار ۋە كۈنىمىزدەكى قىممەتى
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (4)
در. دەريا تۈمەن
تۆرتۈنجى مەجلىس:
«تارىخى ھەمىدىي»دە ئۇيغۇر تىلى تارىخىغا ئائىت پاكىتلار ۋە كۈنىمىزدەكى قىممەتى
مۇسا سايرامىي يازغان "تارىخى ھەمىدىي" ئۆز نۆۋەتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئەتى، ئەقىدە-ئىتىقادى، ئۆرپ-ئادەتى، پىسخولوگىيەسى ۋە تۇرمۇش پەلسەپەسى قاتارلىق مىللىي دەسمايەلەرىنىڭ ئۆزگەرىش، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللەشىش جەريانىنى ئۆز دەۋرىگە خاس ئۇسلۇپ ۋە گۈزەل تىل بىلەن شەرھلەپ بەرگەنلىكى بىلەنمۇ بىباھادۇر. بۇ يەردە، مەزكۇر ئەسەردە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىغا دائىر پاكىتلارنى، سۆز-كەلىمەلەر تەلەپپۇزى ۋە ئۇنىڭ يازىق تىلىغا كۆچۈش جەريانىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرىداكى ئوبزۇرىمىزنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىمىز. «تارىخى ھەمىدىي»نىڭ يازىلغانىغا بۇ يىل (2019-يىل) ساق بىر يۈز ئون بىر يىل بولدى. بۈگۈن بىز بۇ ئەسەرنى قولىمىزغا ئالىپ ئوقۇيدىغان بولساق، ئالدى بىلەن. بۈگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزداكى نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ يازىلىش ۋە تەلەپپۇز قىلىنىش جەھەتتە، «تارىخى ھەمىدىي» تىلى بىلەن روشەن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى، بۇ خىل پەرقنىڭ بەلگىلىك ئادەت ۋە مۇئەييەن قائىدە-قانۇنىيەت ئاساسىدا بولغانلىقىنى ئەنىق ھىس قىلىمىز. ھالبۇكى، تىلىمىزداكى سۆز-كەلىمەلەردە، ئۆتكەن يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنىڭ مابەينىدە يۈز بەرگەن فونىتىكالىق ئۆزگەرىشلەرنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلەرىنى تارىخى تىلشۇناسلىق ئىلمىي ئاساسىدا ئىگەلىيەلەسەك، بۇنىڭ بۈگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزنى تەخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تىلىمىزنىڭ قوللانىشچانلىقىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئۆستۈرۈشكە ئەمەلىي پايداسى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. «تارىخى ھەمىدىي»دە كۆرۈلگەن ئۇيغۇر تىل تارىخىغا دائىر فونىتىكالىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مۇھىملەرى دەپ تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى كۆرسەتىش مۇمكىن. بىرىنچى، «تارىخى ھەمىدىي»دەكى يازما پاكىتلاردىن، تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلارىغىچە، ئۇيغۇر تىلىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مۇئەييەن قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كەيىن «eئې، ئىi»لارغا ئۆزگەرىش ھادىسەسىنىڭ يۈز بەرمەگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. مەلۇمكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق ۋە كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا، سۆز تۈپىدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشلارىنىڭ «eئې، ئىi»لارغا ئۆزگەرىپ كەتىش ھادىسەسى تۈرك تىللىق باشقا خەلقلەر تىللارىدا كۆرۈلمەيدىغان پەقەت ئۇيغۇر تىلىغالا خاس بولغان شەرەپلىك ئالاھىدەلىك ھىساپلانىپ كەلمەكتە. ئەمدى، 1908-يىلى يازىلغان مەزكۇر «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق يىرىك ئەسەرنى ئوقۇساق، مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن تارتىپ تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلارىغىچە بولغان ئارالىقتا، ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنداق «ئا،ئە»دىن «eئې، ئىi»گە ئۆزگەرىش ھادىسەسى دەگەن ئەھۋالنىڭ مۇتلەق يۈز بەرمەگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: «ئوقۇلغۇسى: كاشغەرنىڭ ئادەملەرىغە نەزەر قىلغاندا، زەمىنلەرى ئاز، غەللە-مەئىشەتلەرى ئۆز شەھرىغە كىفايە قىلمايدۇر. ھەر ھەفتەدە ئىكى مىڭ ئەشەك ئاشلىق ياركەندىن كەم بولماي، كاشغەرغە داخىل بولادۇر. يايلاق-ئوتلاقى ئاز، چاھار پايلارى كەمچىندۇر» ( قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي»، مۇسا سايرامىي ئۆزى كۆچۈرگەن قوليازما نۇسخاسى، 329-بەت.) (تەرجىمەسى: قەشقەرنىڭ نوپۇسىغا قارىغاندا، زەمىنى ئاز، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يەتىشمەيدۇ. ھەر ھەپتەدە ئىككى مىڭ ئەشەك ئاشلىق يە:كەندىن قەشقەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدۇ، قەشقەرنىڭ يايلاق-ئوتلاقى ئاز، چارۋالارى كەمچىلدۇر).(قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" <يەڭى تەرجىمە نۇسخا> 652-بەت، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي نەشرى، ئىستانبۇل.) دەمەك، «ئا،ئە» سوزۇق تاۋۇشلارىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن، «eئې، ئىi»لارغا ئۆزگەرىپ كەتىشى ۋە بۇ تىل ھادىسەسىنىڭ يازىقتا ئىپادەلەنىشى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى فونىتىكاسى ۋە ئىملاسىداكى بىر چوڭ مەسىلە. بۇ مەسىلەنى تىل مەدەنىيەتى تارىخى نۇقتاسىدىن تۇرۇپ، ئوبدان بىر تەكشۈرۈپ، ياخشى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدالىق بىر ساۋاق ئالىش لازىم بولىدۇكى، بۇ جەھەتتە، «تارىخى ھەمىدىي» بىزنى تولىمۇ مۇھىم بولغان بىرىنچى قول ماتىرىياللارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچى، «تارىخى ھەمىدىي» كۆرسەتكەن تارىخى پاكىتلاردىن قاراغاندا، ئۇيغۇر تىلىدا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلارىغىچە، تاۋۇش چۈشۈپ قالىش ھادىسەسى ئومۇمەن يۈز بەرمەگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بىز قوليازما «تارىخى ھەمىدىي»نى ئوقۇساق، ھازىرقى تىلىمىزداكى «تۆت، پەس، نەس، تەس، سەل، پەم، نەپ، جۈپ، سۇس» قاتارلىق بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ ئەسلىدە، «تۆرت، پەست، نەھس، تەرس، سەھل، فەھم، نەفئ، جۈفت، سۇست» شەكلىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: «ئوقۇلغۇسى: ئاقسۇدىن تۆرت مەنزىل يايدى دەگەن مەنزىلغە بارىپ، نۇزۇلى ئىجلال قىلدى» (ئاقسۇ بىلەن ئارىلىقى تۆت يول كەلىدىغان «يايدى» دەگەن جايغا بارىپ، تەنتەنە بىلەن قونۇشقا چۈشتى) (قاراڭ:"تارىخى ھەمىدىي" قوليازما، 262-بەت)، «پەست-بۇلەندلىك زەمىن»(ئەگىز-پەس يەر) (276-بەت)، «نەھسلىك ۋە شۇملۇق كۆتەرىلمەك» (300-بەت)، «تەرس قىلماق» (270-بەت)، «سەھل چاغلاپ» (281-بەت)، «فەھم ئەتمەك» (274-بەت)، «نەفئ ئالماق» (368-بەت)، «كۇللى جانداراتلاردىن مەزكۇر باغنىڭ ئىچىگە بىر جۇفتتىن سولادىلار ».(پۈتكۈل جانلىقلاردىن مەزكۇر باغقا بىر جۈپتىن سولىدى) (273-بەت)، «دىينلەرى سۇست» (ئەقىدەسى سۇس) (306-بەت)، دەگەنلەرگە ئوخشاش. كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەردە، ھازىرقى تىلىمىزدىكى «مە:دىكار، كو:لىماق، بەلەن، شايار، چا:ر پاي» قاتارلىق، سۆزلەرنىڭمۇ ئەسلىدە، «مەردىكار، كورلاماق، بۇلەند، شاھيار، چاھار پاي» ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، «ھەشەر-مەردىكار» (352-بەت)، «زەمىننى نەيزە بويى مىقدارى كورلاتىپ» (273-بەت) ، «خىشتى پۇختا بىرلە بۇلەند ئىھاتە تاملارنى قىلدۇردى» (273-بەت) (پىششىق خىش بىلەن ئەگىز چۆرە تام سوقتۇردى)، «شاھياردىن قوزغالىپ، ئاقسۇ مۇزافاتى <ئاباد> دەگەن مەۋزىئەگە يەتىپ كەلگەن» (293-بەت) (شاياردىن چىقىپ، ئاقسۇ تە:ۋەسىدىكى<ئاۋات> دەگەن يەرگە يەتىپ كەلگەن)، «بىر ئاي-قىرىق كۈنلۈك يەرلەرگە چاھار پايلارىنى ئالىپ كەتەدۇر» (393-بەت) (ئوتتۇز-قىرىق كۈنلۈك يەرلەرگە چاھار پايلارىنى ئالىپ كەتىدۇ)، دەگەنلەرگە ئوخشاش. ئۈچىنچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، فونىتىكا ۋە لىكسىكا جەھەتتىن چۈشەندۈرگەلى بولمايدىغان بىر مۇنچە سۆزلەرنى «تارىخى ھەمىدىي» ئۆز سوستاۋىداكى پاكىتلار ئارقىلىق، قايىل قىلارلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەرىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزداكى «ھويلا-ئارام»،«ئەستايىدىل» ۋە «خايناخا» سۆزلەرىنى ئالايلۇق: كۈنىمىزدە، «ھويلا-ئارام» سۆزى نىسبەتەن كەڭ قوللانىشقا سازاۋەر بولغان بىر جۈپلەنمە سۆز ھىسابلىنىدۇ. مەسىلەن، «ھويلا-ئارام ئىگىلىكى»، «ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش»، «ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىىق، دىھقانلارنىڭ ئىقتىسادى قەد كۆتۈرۈشىنى تىزلەتىش»، دەگەنلەرگە ئوخشاش. ئەمدى، «ھويلا-ئارام» سۆزى قانداق شەكىللەنگەن؟ بۇ تارىخنى بىزگە «تارىخى ھەمىدىي» پاكىت بىلەن مۇنداق سۆزلەپ بەرىدۇ: «ئوقۇلغۇسى: (ئۇلار) زىرائەت ۋە تارىلغۇ قىلماقنى بىلمەيدۇر. ئىمارەت، باغراق، ھويلايى ھەرەم، مىۋە-يەمىشلەرى ھەم يوق» (قوليازما، 388-بەت) ( تەرجىمەسى: ‹ئۇلار› زىرائەت ۋە تارىقچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۆي-ئىمارەت، باغچا، ھويلا-ئارام‹خاس قورۇ› ۋە مىۋە-چىۋەلەرىمۇ يوق). دەمەك، ھازىرقى تىلىمىزداكى «ھويلا-ئارام» سۆزىنىڭ ئەسلى «ھويلايى ھەرەم» بولۇپ، كەيىنچە زىچ تەلەپپۇز قىلىنىش نەتىجەسىدە، دەسلەپ «ھويلا-ھەرەم»، ئاندىن كەيىن بولسا، ئاۋام خەلق تىلىدا «ھويلا-ئارام» تەلەپپۇز قىلىنىدىغان جۈپلەنمە سۆز بولۇپ قالغان. سىمانتىكا ئىلىمى بويىچە ئەيىتقاندا، مەزكۇر چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىداكى «ھويلايى ھەرەم» بىرىكمەسى ئۇقۇم جەھەتتە، ھازىرقى تىلىمىزداكى «ھويلا-ئارام» جۈپلەنمە سۆزى بىلەن جىپسا كەلىدۇ. يەنى «ھويلا» ئەسلىدە ئەرەبچە «ھەۋلە» بولۇپ، مەلۇم ئۆينى مەركەز قىلغان ۋە شۇ ئۆي ئىگەسىگە قاراشلىق ئەتراپ دائىرەنى بىلدۈرىدۇ. «ھەرەم» سۆزىمۇ ئەرەبچە بولۇپ، «باشقالارنىڭ، يات ئادەملەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن يەر» دەگەن بولىدۇ. ئەمدى، مەزكۇز سۆزلەرنىڭ ئاشۇ ئەسلى سۆز شەكلى ۋە ئۇلار ئاڭلاتقان ئۇقۇم-مەنەلەر بويىچە ئەيتقاندامۇ، «ھويلا-ھەرەم» يەنى «ھويلا-ئارام» سۆزىنى «مۇئەييەن شەخسنىڭ ئۆي-ئىمارەتى مەركەز قىلىنغان تۆرت ئەتراپتاكى شۇ شەخسكە تەئەللۇق بولغان يەر» دەگەن ئۇقۇمدا چۈشەنىش ۋە ئىشلىتىش تامامەن توغرا. «ئەستايىدىل» ــــ بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغەتىدە: «چىن كۆڭلىدىن، كۆڭۈل قويۇپ، قەتىرقىنىپ، ھەممە تەرەپنى ھىسابقا ئالىپ، ئەتراپلىق» دەپ ئىزاھلانماقتا. ( قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (قىسقارتىلماسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى، 82-بەت.) ئەمدى، بۇ سۆز تۈپ سۆزمۇ ياكى ياسالما سۆزمۇ ۋەياكى بىرىكمە سۆزمۇ؟ ئۇنىڭ «ئەستا» ۋە «دىل» بىلەن قانداق مۇناسىۋەتى بار؟ بۇ سوئاللارنى «تارىخى ھەمىدىي» يەشىپ مۇنداق كۆرسەتىدۇ: «ئوقۇلغۇسى: ھەممە ئەمىر، لەشكەر، يىگىت، ئەسكەرلەر ئەزتاھىدىل مۇھارەبە ۋە مۇقاتالەگە تۇردى» (قوليازما "تارىخى ھەمىدىي" 269-بەت) (تەرجىمەسى: بارلىق قوماندان ۋە ئەسكەرلەر ئەستايىدىل جەڭ قىلىشقا باشلادى)؛ «ئول ھەييى قەييۇم لانىيام دەرگاھى تەقەددۇسدىن ئىلتىجا ۋە ئىستىدئايى تەماملار بىرلە ئەزتاھىدىل يىغلادىلار» (323-بەت) (‹ئۇلار› ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس ئاللاھۇتەئالاغا مۇتلەق يەلىنىپ، ئەستايىدىل يىغلاشتى). دەمەك، ئەمدى ئوچۇق بولدىكى، ھازىرقى تىلىمىزداكى «ئەستايىدىل» سۆزى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە، پارسچەدىن كىرىپ، ئۆزلەشكەن بىر ئالىندى سۆز (چەت تىلدىن قوبۇل قىلىنىپ ئالىنغان سۆز) بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى شەكلى «-دىن/-تىن» ئۇقۇمىدىكى «ئەز-» ئالدى قوشۇمچەسى، «ئاستى، تەگى» مەنەسىدەكى «تاھ» كەلىمەسى ۋە يۈرەك ئۇقۇمىدىكى «دىل» سۆزىدىن تەركىب تاپقان بىر ئالدى قوشۇلغۇچىلىق ئىزافەت (ئۆزلەشمە تەڭسىز بىرىكمە) سۆز «ئەزتاھىدىل» ئىكەن ۋە ئەسىرلەر داۋامىداكى ئىستىمال ئەمەلىيەتى ئارقالىق، فونىتىك ئۆزگەرىش قىلىپ، بۈگۈنكى تىلىمىزداكى «ئەستايىدىل» كەلىمەسى بولغانىكەن. «خايناخا» بۇ سۆز كۈنىمىزدەكى ئىزاھلىق لۇغەتىمىزدە: «ھىچبىر سەۋەبى يوق، بىكاردىن بىكار، ئوچۇقتىن ئوچۇق؛ ئەتىمال، ھەر قاچان، بەلكىم» دەپ ئىزاھلانماقتا. ( قاراڭ: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى» (قىسقارتىلماسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىل نەشرى، 82-بەت.) بۇ سۆزمۇ «تارىخى ھەمىدىي»دە ئەسلىدەكى شەكلى ۋە تەلەپپۇزى بىلەن كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرىش جەريانىنى بايان قىلىپ بەرىدۇ. مەسىلەن: « ئوقۇلغۇسى: مەھمۇدىن خاجەم ئاقسۇ تەرەفىگە ئازىم بولۇپ، سايرامغا داخىل ئولدى. بۇ كەمىنە ھەم مۇلاقات ھاسىل ئەتتى. خاھ ناخاھ بىللە ۋە ھەمراھ بولۇپ قارا يۇلغۇنغا كەلدۇق» ("تارىخى ھەمىدىي"، قوليازما، 294-بەت) (تەرجىمەسى: مەھمۇدىن خوجام ئاقسۇغا ئاتلانغاندا، سايرامغا چۈشتى. كەمىنە مەنمۇ كۆرۈشتۈم. خاھلاپ-خاھلاماي، بىللە ھەمراھ بولۇپ، قارا يۇلغۇنغا كەلدۇق). دەمەك، ھازىرقى تىلىمىزدىكى «خايناخا» سۆزىنىڭ ئەسلى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا، «خاھناخاھ» شەكلىدە ۋە «خاھناخاھ» تەلەپپۇزىدا بولۇپ، «خاھلاپ-خاھلىماي، ئىختىيارسىز ھالدا» ئۇقۇمىدا قوللانىلغان. مەزكۇز «خاھناخاھ» سۆزى مۇشۇ بىر ئەسىرگە يەقىن بولغان ئەمەلىي ئىستىمال جەريانىدا، فونىتىك ئۆزگەرىش قىلىپ، يەنى باشتاكى بىر «ھ» تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئۆزگەرىپ، ئاخىرىداكى بىر «ھ» تاۋۇشى بولسا چۈشۈپ قالىپ، بۈگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزدىكى «خايناخا» سۆزى بولۇپ شەكىللەنگەن. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازىلغان ئۈچ يۈز توقسان بەش بەتلىك نادىر ئەسەر «تارىخى ھەمىدىي»نى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق، يۇقىرىقىدەك يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان سۆز-كەلىمىلەرنىڭ مەزكۇر ئەسەر مەيدانغا كەلگەندىن بۇيانقى بىر ئەسىر ۋاقىت جەريانىدا، كۆپ تەرەپلىمەلىك، ئەمما قانۇنىيەتلىك ئۆزگەرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەمەلىي مىسال-پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ يەتىمىز. ھالبۇكى، بۇ خىل بىلىش ـــــ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخىنى، ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگەرىشلەرنى ئىلمىي ھالدا شەرھلەش ۋە ئۇنى بۈگۈنكى تىل تەتقىقاتىمىز ۋە تىل ئىستىمالىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەھمىيەتىدىن ئالىپ ئەيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ۋە زۆرۈردۇر. شۇنداق، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يازىلغان كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئاداققىي مەقسەت، ئۆگرەنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن بۈگۈنكى دەۋردەكى تىل ئىستىمالى ئەمەلىيەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان زۆرۈر بىلىملەرنى تاپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جانلىق قوللانىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، چوڭ ھەجىملىك نادىر ئەسەر «تارىخىي ھەمىدىي» بىزنى بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ئىلىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالايلۇق، ئالىم مۇسا سايرامى ئۆز ئەسەرىدە، يەر ئىسمى «ئۇچتۇرپان»نىڭ تەلەپپۇز ئۆزگەرىش قىلىپ، «ئۇشتۇرپان» بولۇش جەريانىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئوقۇلغۇسى: ئۇشتۇرفان ـــ قەدىم، كوھنا شەھردۇر. ئىلگەرىكى ئاتى "ئۇچ" ئىكەن. مەنسۇرخان زەمانەلەرىدە، ئادەملەرى بىئەدەپلىك قىلىپ، ئىتائەتتىن چىققان توغرادىن كايىپ، ئەمىرۇلئۇمەرا ئەمىرى جەببار بەردى بەگ دوختۇينى لەشكەرلەرى بىرلە ئەبەرىپ، ئۇچ ئەھلىنى قەتلى ئام قىلىپ، باقىمەندەسىن يۇت-يۇرتقا تارقاتىپ ئەتىپ، تۇرفاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ ئالىپ كەلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئاباد قىلغانىكەن. بۇ ۋەجدىن، كەنت-ئايماقلارىنىڭ ئىسىم-ناملارى تۇرفاننىڭ كەنت-ئايماقلارى ئىسمى بىرلە مۇسەممادۇر: ئۇچ لەفزىغا تۇرفان لەفزىنى مۇنەززەم ئەتىپ، ئۇچتۇرفان دەپدۇر. بەلكى ئەغلاتى ئاممە بىلەن ئۇشتۇرفان ئاتاپدۇر» (قوليازما "تارىخى ھەمىدىي"342-بەت). (تەرجىمەسى: ئۇشتۇرپان قەدىمى بىر شەھەر بولۇپ، بۇرۇنقى نامى «ئۇچ» ئىكەن. مەنسۇرخان زامانەسىدا، خەلقى خاننىڭ ئەمىر-ئىتائەتىدىن چىققانلىقى سەۋەبلىك، خان باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قۇشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن قىلغان. قالغانلارىنى يۇرت-يۇرتقا تارقاتىۋەتكەن. ‹كەيىن› تۇرپاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كەلىپ، ئاۋاتلاشتۇرغانىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى تۇرپاننىڭ نامى بىلەن قوشۇپ ئاتالىدىغان، يەنى «ئۇچ» سۆزىگە «تۇرپان» سۆزى قوشۇلۇپ، «ئۇچتۇرپان» دەپ ئاتالىدىغان بولغان. ھەر ھالدا، ‹كەيىنچە› ئاۋاملارنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجەسىدە «ئۇشتۇرپان» بولۇپ قالغان). ئالىم مۇسا سايرامىى بۇ يەردە، بىرىنچىدىن، ئەسلىدەكى «ئۇچتۇرپان»دىكى «چ» ھەرپىنىڭ ئاۋام خەلق تىلىدا «ش» تەلەپپۇز قىلىنىشىنى «ئاۋاملارچە خاتا تەلەپپۇز» (ئەغلاتى ئاممە) دەپ ئاتايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بۇ خىل ئاۋام خەلق تىلىدىكى خاتا تەلەپپۇز قىلىش ئادەتىنىڭ ئاقىۋەتتە يازىق تىلىغامۇ كۆچۈپ، ئەسلىدەكى «ئۇچتۇرفان»نىڭ «ئۇشتۇرفان-ئۇشتۇرپان» قىلىپ يازىلىدىغان بولغانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقىلىق ئىتىراپ قىلغان، روشەنكى، بۇ يەردە بايان قىلىنغان ئاشۇ بىر ئەسىر بۇرۇنقى «چ←ش» ئۆزگەرىش مەسىلەسىنى بۈگۈنكى تىل ئەمەلىيتەمىزگە تەدبىقلاپ، ئۇنىڭدىن ئەھمىيەتلىك دەرس ۋە پايدىلىق ساۋاق چىقىرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيتى بار. دەمەكچىكى، بۈگۈنكى جانلىق ئۇيغۇر تىلىدىمۇ «چ←ش» ۋە «ق←خ» ئۆزگەرىشى دەگەندەك فونىتىك ئۆزگەرىش مەسىلەلەرى مەۋجۇد. ئالايلۇق، دىقانلارىمىز «قوناقلىققا سۇ ئاچتۇق»نى «قوناخلىخقا سۇ ئاشتۇق» دەيدۇ. «قورساق ئاچتى»دىكى «ئاچتى»نىمۇ، «يانچۇقتا پۇل ئاشتى»دىكى «ئاشتى» نىمۇ، ئوخشاشلا «ئاشتى» دەپلا تۈگىشىدۇ. ئەڭ ئەجەللىك يەرى، بۇ خىل «چ»نى «ش» قىلىپ ئاۋاملارچە خاتا تەلەپپۇز قىلىش بەزى تىلچىلارىمىز تەرەپىدىن ئوپۇل-توپۇل ئىتىراپ قىلىنىپ، «ئەدەبىي» تەلەپپۇز لۇغەتلەرىگە كىرگۈزۈلمەكتە. ئالايلۇق، 1997-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرەپىدىن نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتى»دە، «ئاچ-زار»نى «ئاش-زار» ئوقۇڭلار، «ئاچقۇچ»نى «ئاشقۇچ» دەڭلار، «ئاچ-يالىڭاچ»نى «ئاش-يالىڭاچ» تەلەپپۇز قىلىڭلار، «ئىچ كىيىم»(内衣) بىلەن «ئىش كىيىم»(工作服)نى ئوخشاشلا «ئىش كىيىم» دەڭلار، بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن «ر» ھەرپىنى تەلەپپۇز قىلماي، يەۋىتىڭلار، دەپ ئۆگرەتىدۇ. (قاراڭ: شۇ ناملىق لۇغەت، 68-، 840-بەتلەر) تەبىئىيكى مۇنداق كەتىۋەرسە، خۇددى بىر ئەسىر بۇرۇن «ئۇچتۇرپان» دەگەن ئىسىم ئاۋام خەلق تىلىغا بويسۇنۇپ، «ئۇشتۇرپان» دەيىلىدىغان ۋە يازىلىدىغان بولۇپ قالغاندەك، يۇقىرىدا بىز مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن «چ»لىق سۆزلەر، «ش»لىق، «ق»لىق كەلىمىلەر بولسا، «خ»لىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ۋە ئاخىرى بارىپ، تەلەپپۇز بىلەن ئوخشاش يازىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، چوقۇم. بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، تىل-يازىق مەدەنىيەتى دەگەن نەمە؟ بىر تىلداكى سۆز-كەلىمەلەرنى ناخشا قىلىپ ئەيىتقاندامۇ ئەنىق ئۇققالى بولىدىغان، بوغۇم-ھەرپلەرىنى ئوچۇق ئاڭلىنىشلىق قىلىپ، تولۇق ۋە راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش ۋە تۆھپەكار ئەجدادلار يازىپ كۆرسەتكەندەك راۋرۇس قىلىپ يازىش مەدەنىيەت بولامدۇ ياكى كەلىمەلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتامۇ، گۈل مىسال ھەرپلەرىمىزنى يازىشتامۇ ھورۇنلۇق، قاششاقلىق قىلىپ، ھەرپ، تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە خاھلاغانچە ئۆزگەرتىۋەتىش مەدەنىيەت بولامدۇ؟ تىل-يازىق ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن مەقسەت، ئاۋام دىھقاننى زىيالىيلاشتۇرۇشمۇ ياكى زىيالىينى دىھقانلاشتۇرۇشمۇ؟ سۆز-كەلىمەلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ۋە يازىشتا ئاۋام خەلقنىڭ ۋە دىھقانلارنىڭ تىل ئادەتىنى ئاساس قىلىپ، شۇلارنىڭ قۇيرۇقىدا پىرقىراپ يۈرۈش ئىلىم ھىسابلانامدۇ ياكى دىھقانلارىمىزنىمۇ، ئاۋام خەلقىمىزنىمۇ تەربىيەلەپ، سۆز-كەلىمەلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي، ھەرپ-تاۋۇشلارىمىزنى يالماپ يەۋەتمەي، ساق، توغرا-دۇرۇست تەلەپپۇز قىلىدىغان قىلىش مەدەنىيەت سانالامدۇ؟ ئۇيغۇر تىل-يازىق مەدەنىيەتى تەرەققىي قىلىپ مۇشۇنداق دۇنياۋى مەدەنىي دەۋرگە كىرەلىگەنكەن، بىز تىل ئەھلى، تىل-يازىقىمىزنى مىللىي مەدەنىيەتىمىزنىڭ ئۇل-ئاساسىي بىلىدىغان بارلىق زىيالىيلار تىل تەرەققىيات تارىخىمىزدىن ساۋاق ئالىپ، مۇسا سايرامىينى پىر-ئۇستاز قىلىپ، سۆز-كەلىمىلەرنى قەلىپلاشتۇرۇش ۋە سۆز-جۈملەلەرنى تەخىمۇ ئىلمىي قائىدىلىكلەشتۈرۈش مەسىلەسىدە، كۈنىمىزدەكى مەدەنىي دەۋرنىڭ تىز قەدەمىگە ماس كەلىدىغان بىر ئىلمىي ئۆلچەم، بىر مەدەنىي پرىنسىپ بەكىتىپ چىقىشىمىز ھەقىقەتەنمۇ لازىمدۇر. تارىخىي ئەسەرلەرنى زامانىۋى مەدەنىيەتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش سەمىمىيەتى بىلەن، «تارىخى ھەمىدىي»نى ئەستايىدىل ئوقۇساق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچيۈز توقسانبەش بەتلىك كەڭ سەھىپەسىدەكى گۈزەل بايانلارى ئارقالىق، گويا بىزگە ئەمەلىي ئۆرنەك كۆرسەتىدۇ؛ ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ بۇ شانلىق ئەسەرى ئارقالىق، بىزگە شۇنداق دەرس بەرىدۇ: سۆز-كەلىمەلەرنى توغرا، تولۇق تەلەپپۇز قىلىش ۋە سۆز-ئاتالغۇلارنى ئەسىرلەر ئۆتسەمۇ ئۇنىڭ سۆز تۈپىنى ۋە ئەتىمولوگىيەسىنى بىر قاراشتالا بىلىۋالغالى بولغۇدەك دۇرۇست يازىش بولسا، شۇ تىل ئىگەسى ئۈچۈن، مۇقەددەس ئانا مەدەنىيەتتۇر!
"تارىخى ھەمىدىي" دۇر بىباھا ئەنگۈشتەر كىتاب، جۈملە-جۈملە ھەممەسى گوياكى ۋەز، شانلىق خىتاب؛ ئۆتمۈشنى بىلىۋالاي، ئىقبالغا يول ئالاي دەسەڭ، بىر ئوقۇپ چىق قارداشىم ئەگەر ئەمەس سەن تىرىكتاپ.
2019-يىل 9-نويابىر، گۆلجۈك. |
|

