ئۆگرەنىش ئىبادەتى ۋە ئىنسان سائادەتى

"<مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين>دىن <مائارىفۇل لۇغەتەين>گەچە" ناملىق كىتابتىن:

ئۆگرەنىش ئىبادەتى ۋە ئىنسان سائادەتى

(نەسىر )

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايەتى « ئىقرا بىسمى رەببىكە ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ - ئۆگرەن!)» دەپ نازىل بولغانىكەن. دەمەككى، ئىنسان ئۈچۈن، ئۆگرەنىش ئەڭ مۇھىم، ئۆگرەنىش تولىمۇ زۆرۈر، ئۆگرەنىش بەك مۇقەددەس؛ ياشامنى ئەھمىيەتلىك، تۇرمۇشنى مەئنەلىك ۋە ھاياتنى قىممەتلىك قىلىدىغان قوراللار ئىچىدە،  ئۆگرەنىشنىڭ ئالدىغا ھىچ قانداقى مەڭگۈ ئۆتەلمەس!

مۇسۇلمانلىق ئىمان پرىنسىپى بويىچە ئەيتقاندا، ئاللاھنىڭ دەگەنىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى پائالىيەت ئىبادەت جۈملەسىگە كىرىدۇكى، بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە، ئۆگرەنىش پائالىيەتى ئەڭ باشتا تۇرىدىغان مۆتىۋەر پائالىيەت سانىلىدۇ. ئاچىپ دەسەك، ئۆگرەنىش -بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، ھەلىقىدەك قىلسامۇ بولىدىغان، قىلماسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت قىممەتىدەكى پەرز ئىشتۇر دەسەك، ئاشۇق كەتمەس!

ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشتىن مەقسەت-مۇددەئاسى مەڭگۈلۈك سائادەتنى قازىنىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ھەر قانداق سائادەت، بولۇپمۇ بىز دەۋاتقان مەڭگۈلۈك سائادەت ئەمگەكسىز، رىيازەتسىز ۋە جاپا-مۇشەققەتسىز قولغا كەلمەس.

دەمەكچىمىزكى، ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ جاپاسى-رىيازەتى بار، ئوخشاشلا ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ ھەم مۇشەققەتى بار. ھەتتا، ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ رىيازەتى ۋە مۇشەققەتى باشقا ئىبادەتلەرنىڭكىدىن قىلچىمۇ قالىشماس.

رىيازەتتىن قاچماي، مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھالاۋەتى، راھەتى ۋە مۇكاپاتى بولىدۇ. ئەمدى، ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ مۇكاپاتى شۇكى، ئۇ ئىنسانغا بىلمەگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇقماغاننى ئۇقتۇرىدۇ، ئىنساننى بىلمەس مەخلۇقتىن بىلگىن ئالىمغا، مىسكىن مەغلۇبتىن مەغرۇر غالىبقا ئايلاندۇرىدۇ.

يەنە دەسەك، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى ئۆگرەنىش بىلەن زىننەت تاپىدۇ: زىننەتلىك تۇرمۇش، گۈزەل ھايات ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىنساننىڭ بىرىنچى ئارزۇسى، ئەڭ باشتا تۇرىدىغان ئارمانىدۇر. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ بۇ ئارزۇسى ۋە بۇ يۈكسەك ئارمانى پەقەت ۋە پەقەت ئۆگرەنىش -ئوقۇش بىلەنلا رىئاللىققا ئايلانىدۇ.

كىشىلىك ھايات ئۆگرەنىش بىلەن لەززەت تاپىدۇ: شۇنىسى ئېنىقكى، تەمسىز ھاياتنى ھىچكىممۇ ياقتۇرمايدۇ؛ لاۋزا تۇرمۇشنى ھىچكىممۇ ياراتمايدۇ. ھالبۇكى، ئۆگرەنىش-ئوقۇش ئىنسان تۇرمۇشىغا تەم كىرگۈزىدىغان خاسىيەتلىك تۇزدۇر؛ تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىجتىھات قىلىش بولسا، كىشىلىك ھاياتنى تەملىك، تاتلىق، ياشاغانسارى ياشاغۇسى كەلىدىغان مەززەلىك قىلىدىغان سىھرىي كۈچنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت جاپالىق ئۆگرەنىش بىلەن، ئىخلاسلىق ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە تەگىشلىك قىممەت تاپىدۇ؛ ئىنساننىڭ ئۆزى بولسا، ئۆگرەنىش بىلەن، ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە لايىق ھۆرمەت، ئىكرام ۋە ئىززەت تاپىدۇ!

شۇنداق دەيىش مۇمكىنكى، بۈگۈنكى دۇنيادا، ستودىنت بولماغان، بىلىك ئاڭىدا ستودىنت سەۋىيەسىنى ھاسىل قىلالماغان مۇسۇلمان نەمەلا دەگەنبىلەن بىر ناچار مۇسۇلماندۇر. بۈگۈنكى ئالەمدە، كومپيوتىر بىلمەگەن، بىلىك، ئۇچۇر ۋاسىتەلەرىنى قوللانالمايدىغان مۇسۇلمان بولسا، ساپى ئۆزىدىن بىر ناكار مۇسۇلماندۇر!

«ياشلىقتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك». ئوخشاشلا، ئۆگرەنىش ئىبادەتىمۇ ئۆمۈر مەۋسۇمىنى بەك تاللايدۇكى، ياشلىق-نەۋقىرانلىق ئۆگرەنىش ئىبادەتىنىڭ ئەڭ بەرىملىك، ئەڭ ھوسۇللۇق ۋە ئەڭ پەيز مەۋسۇمىدۇر!

ئى، ياش مۆئمىن! ئى، ياش نەۋقىران مۇسۇلمان! ئۆگرەنىش -ئوقۇش ئىبادەتىدىن ھەرگىز نەسىۋەسىز قالما، تىرىشىپ ئۆگرەن! ياشلىق-بەڭباشلىق ۋە قاششاقلىق ئاتىڭنىڭ باشىغا دەرھال سال يۈگەن!

ھەيھات! ئىلىم - پەن كىتابلارىنىمۇ ئاشۇ قۇرئان-ھەدىس كىتابىنى ئوقۇغاندەك مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈ بىلەن ۋە چىن ئىخلاس تەسبىھىڭ بىلەن ئوقۇ! چۈنكى، ئۇ كىتابلاردا سۆزلەنىۋاتقانى دەل ئاللاھ مۆجىزاتلارىنىڭ تەسۋىرىدۇر؛ ئۇ پەن ۋە ئۇ تەخنىكالارنىڭ ساڭا بىلدۈرىدىغانى بولسا، بەلكى پەرزىي بىلىملەرنىڭ نەق جەۋھەرىدۇر!

خۇللەس كەلام، ئۆگرەنىش ئىبادەتى مۆئمىن ئىنسان سائادەتىنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچىدۇر. ھالبۇكى، پەقەت ئۆگرەنىش ئىبادەتىنى ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىنسانلا، ئاخىرقى ھىسابتا، ئىككى دۇنيالىق سائادەتلىك ياشام ئۇپۇقىنىڭ دەرۋازەسىنى بەمالال ئاچىپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۇ يەردە، ئىنسانىي ھاياتنىڭ پەيزىنى راۋرۇس سۈرەلەيدۇ!

2010 - يىل 20 - يانۋار، كاشغارىيە.

2019-يىل، 13-ئۆكتەبىر، كالىفورنىيە.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟