|
مەرسىيەئى ئابدۇلكەرىم رەھمان
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
مۆھتەرەم پروفەسسور ئابدۇلكەرىم رەھمان، مۇشۇ ئون سەككىز ئاۋغوستتا قايتىش قىلغان. سىلكىندى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىلىم دۇنياسى، چۆكتى مۇسىبەتكە تۈم خەۋەردار بولغان.
ئۇستاد ئىدى كۆپ دوكتور شاگىرت چىقارغان. ئۇيغۇر فولكلور ئىلمىدە باشلاپ چوڭ كارۋان. "ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلەرى" دەك ئونلاپ كىتاب، ئۇنىڭ مۇئەللىپلىكىدە نەشىر تاپقان.
تۇنجى بوپ كىتاب قىلىپ"سىيىت نوچى"نى، ئۇيغۇر پىداكارلىقى چۈن كارناي چالغان. غايەلىك ئەۋلادلار ھەر ئىز باسقان ياشلار، باتۇرلۇق روھىيەتتن زۆرۈر دەرس ئالغان.
تۈركىيەدە "ئۇيغۇر فولكلور"ىن يايىملاغان. يىل مىلادىيە بىر مىڭ توققۇز يۈز توقسان. ئىلىم سۆزلەپ ئەنقەرەدە، ئىستابۇلدا، ساپالىق ئىلمى بىلەن ھۆرمەت قازانغان.
پۈتۈن ئۆمۈر ھىچ تەمەسىز كۈرەش قىلغان، ئىرپانگاھ ئۇنىۋەرسىتىتنى قىلىپ قورغان. ئەلۋىدا، تۆھپەكار ئۇستاد ئابدۇلكەرىم، گۈزەل جەننەت بولغاي سەنىڭ يەرىڭ ياتقان. 2020-يىل 18-ئاۋغوست، سان ديەگو.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|

