|
ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى
(ئەدەبىي خاتىرە) ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئىلاۋە: بۇ ئەدەبىي خاتىرەمنى مىلادىيە 2008-يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» بولغانلىقى مۇناسىۋەتى بىلەن، ئاز كەم بەش مىڭ كىلومەتىر يول باسىپ، بەيجىڭدىن قەشقەر ئوپالغا بارىپ، كاشغەرىي قەبرىگاھىغا گۈل-چىچەك ياپقان قىرىق بىر نەپەر باتۇر ئۇيغۇر ئەۋلادنىڭ ئىھتىرامىغا غۇرۇر بىلەن باغىشلايمەن! -ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي كاشغەرىي يىلى(1) ئوپال ئارت تاغىدىن بالقىغاندا كۈن، نۇر ئەمىپ ئىللىدى ئۇيغۇر زەمىنى. چىللادى ئالەمگە ئىرپان خورازى: «كاشغەرلىك مەھمۇد بۇ ئىلىمنىڭ پىرى!»
ئەسىرلەر قوينىدا سىنالدى «دىۋان»(2)، ئالەمنى سۆيدۈردى ئۇنىڭ قىممەتى، مىڭ يىللار ئۆتۈپمۇ ئۇنتۇلمادى ھىچ، مۆئجىزە ياراتقان ئالىم ھىممەتى.
شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنجى يىل، ئاتالدى دەپ «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى». دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى، ياشنادى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى.
مىڭ يىلغا قۇت! يەنە مىڭ يىلغا پىلان، كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى. ئىلىم-پەن مەشئەلى قوللاردا ئەگىز، ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋەسى. نەقرات: كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تاشى، مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك باشى! 2008-يىل 30-سىنتەبىر، كاشغەر. ئىزاھات: (1) بۇ ناخشا تەكىستى ئاتاقلىق ياش ناخشاچى شىرئەلى ئەلتەكىن تەرەپىدىن ئاھاڭغا سالىنىپ، 2008-يىللىق قۇربان ھەيت ‹12-ئاينىڭ 9-كۈنى› ئۈچۈن ھازىرلانغان 16-سان ‹ناۋا› پروگرامماسى سەنئەت كەچەلىكىدە، زوق-شوق بىلەن ئوقۇلغان. (ئالىندى: "كاشغارىيە سەلكىنلەرى"، 62-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل) (2) "دىۋان
مەرھابا، قۇتلۇق يىل! بىرىنجى باب
شۇڭلاشقا ئىككى مىڭ سەككىزىنجى يىل، ئاتالدى دەپ مەھمۇد كاشغەرىي يىلى؛ دۇنياۋى شاراپەت كۈلدۈردى ئەلنى، ياشنادى شادلىقتىن ئۇيغۇرنىڭ دىلى. ("كاشغارىيە سەلكىنلەرى" 51–بەت. "كاشغەرىي يىلى"، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2020-يىل، ئىستانبۇل)
2008-يىل يانۋار ئايىنىڭ ئاخىرقى كۈنلەرىنىڭ بىرىدە، پاراڭ ئاراسىدا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىلنى ‹مەھمۇد كاشغەرىي يىلى›> دەپ ئەئلان قىلىپتۇ» دەگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈرەكىم ئىختىيارسىز ئويناپ كەتتى... 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، فاكۇلتەتىمىز رەھبەرلىكى ھەپتەلىك يىغىندا: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگانى بۇ 2008-يىلىدا، مىلادىيە ئون بىرىنجى ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتمىش يەتتە ئالىمنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرەلەشكە چاقىرىپتۇ. شۇ ۋەجدىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى تىل-يازىق كومىتەتى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتەتىمىز بىلەن ھەمكارلاشىپ، بەيجىڭدە ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنى خاتىرەلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئاچىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپ تەشكىلى ئارقالىق يۇقىرىغا دوكلات يازدۇق. تەستىقلانىش ئىھتىمالى ئەڭ كۈچلۈك. شۇڭا، ھەممەمىز ئىلمىي ماقالە تەييارلايلى. گەزى كەلگەندە. بىز ھەممەمىز ھەم يىغىن ئىشتىراكچىلارى ھەم يىغىن ساھىبخانى بولىمىز...» دەدى. رەسمىي ئىش باشىدىكى ۋەلىيلەرنىڭ ئاغىزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، نەقەدەر خوشھال بولغانىمنى دەمەيلا قوياي... نەمىشكە خوشھال بولمايكى! مەنمۇ بىر كاشغەرىي تۇرسام. كىم بىلىر، ئەينى زاماندا، مەھمۇد بوۋام بىزنىڭ كاشغەر شەھەرى يۇمۇلاقشەھەر كۆلباشى مەھەللەسىدىنمۇ ئۆتكەن بولغىيدى. بىزنىڭ قەدىمجاي ئۈژمەلىك ھويلامىز تەرەپكەمۇ ئىللىق تەبەسسۇم، سۆيۈنۈش ۋە سەمىمىي ئۈمىد بىلەن نەزەر تاشلاغان بولغىيدى... نەمىشكە خوشھال بولمايكى! مەنمۇ ئۇ بوۋامىز سۇ ئىچكەن تۆمەن دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ، ئۇ نەپەسلەنگەن كاشغەرىيە ھاۋاسىدىن نەپەسلەنىپ چوڭ بولغان، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن تەۋەررۈك ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى)دىن بىۋاسىتە ئىلىم ئالىپ ئۆسۈپ، ئوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر-تۈرك تۇرسام. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، شادلىقىمنىڭ، خوشھاللىقىمنىڭ سەمەرەسى بولغان «كاشغەرىيشۇناسلىق ھەققىدە ئون ئىككى سوئال-جاۋاب» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ھازىرلاپ، ئانا يۇرت «كاشغەرىي ئۇيغۇرشۇناسلىق تورى»دا ئەئلان قىلدىم. ئارقادىنلا، «جۇڭگو مىللەتلەرى» ژۇرنالىغا ئەۋەتتىم. مەزكۇر ژۇرنال بۇ ئەسەرىمنى ئۆزىنىڭ 2008-يىللىق 3-سانىدا، «مەھمۇد كاشغەرىي يىلى ۋە كاشغەرىيشۇناسلىق» ماۋزۇسى ئاستىدا، قىسمەن ئۆزگەرتىش بىلەن ئەئلان قىلپ بەردى. «قەشقەر» ژۇرنالىنىڭ 3-سانىدا «كاشغەرىيشۇناسلىق ئىستىقبالدا» سەرلەۋھەلىك ماقالەم ۋە مەزكۇر ماقالەمنىڭ ئالدىغا بەرىلگەن «ئاپتور ھەققىدە» تونۇشتۇرماسى (مەركەزىي خەلق رادىئو ئستانسىسىدىن دىلدار مۇھەممەترەھىم خانىم تەييارلاغان) ئەئلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر ئەمەلىيەتتە، مەنى بۇ كاشغەرىي يىلىدا، كەڭ ئىلىم ئاشىنالارى بىلەن يىل بويى ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلدىكى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر ژۇرناللارنىڭ تەھرىراتىغا چىن كۆڭلۈمدىن سەمىمىي رەھمەت ئەيتىمەن! مەزكۇر سوئال-جاۋاب شەكلىدە يازىلغان ئىلمىي ماقالەم ئاساسىدا، «كاشغەرىي يىلى بۇ، پەخىرلەن ئۇيغۇر!» ماۋزۇلۇق بىر نەسىر ھازىرلاپ، 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەن ئوتتۇز بەش يىلدىن بۇيان ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىنىڭ ئورتا مەركەزىي بىنا مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «بەيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2008-يىللىق نەۋروز قۇتلاماسى» ئەدەبىيات - سەنئەت كەچەلىكىدە، يۈكسەكتىن يۈكسەك ئىپتىخارلىق ۋە يۇقىرى ئىنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇدۇم. بۇ نەسىرىمنى ئاڭلاغان بەش يۈزدىن ئارتۇق يىغىن ئىشتىراكچىلارىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالارى زالدىن چاڭ چىقىرىۋەتتى. بىر قانچە دەستە گۈل تۇتۇلدى، مەرھۇم كاشغەرىيشۇناس ئۇستازىمىز خەمىت تۆمۈر (1931-2006-يىللار)نىڭ رەپىقەسى نۇرنىسا خانىم مەنى قۇچاقلاپ، قۇتلۇقلاپ سۆيۈپ كەتتى. ئارقادىن، شۇ چاغدا، مەزكۇر مەكتەپنىڭ سەنئەت فاكۇلتەتىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاتاقلىق ياش ناخشاچى مەخمۇت سۇلايمان سۆزگە چىقىپ، مەنىڭ نەسىرىمنىڭ ھەم ئىلمىي ھەم بەدىئىي گۈزەل ئەسەر بولغانلىقى بىلەن مەنى تەبرىكلەدى، بۇ يىلنىڭ مەھمۇد كاشغەرىي يىل بولغانلىقى مۇناسىبەتى بىلەن پۈتكۈل يىغىن ئىشتىراكچىلارىنى ۋە ئەزىز ئۇيغۇر مىللەتىنى قىزغىن تەبرىكلەدى. مەخمۇت سۇلايماننىڭ ھازىر جاۋاب نوتۇقىنى ئاڭلاغان يىغىن ئەھلى يەنە بىر قاتىم ئورۇنلارىدىن تۇرۇپ، گۇلدىراس ئالقىش ياڭراتتى. بۇلاردىن بىلدىمكى، بۇ - بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ھۆرمەتى، ئىززەتى ۋە ھىممەتى ئۈچۈن بىلدۈرۈلگەن مۇھەببەت ئىزھارى ئىدىكى، كۆپ سۆيۈندۈم، يۈرەكىمدىن غۇرۇرلاندىم... 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مەن دەرس سۆزلەۋاتقان 2006-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپى ئوقۇغۇچىلارىغا بىر ئاي ئىچىدە، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە كاشغەرىيشۇناس تەتقىقاتچى پەرھات جىلان يازغان ۋە شىجياڭ خەلق نەشىرىياتى تەرەپىدىن 1994-يىلى نەشىر قىلىنغان تارىخىي رومان «مەھمۇد كاشغەرىي»نى ئوقۇپ چىقىشنى تاپشۇرۇق قىلدىم. ئوقۇپ چىقتىلار. ئاندىن، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئىلىم قاراشى ۋە ئىلم-پەن بىلەن شۇغۇللانىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىيەتى روماندا قانداق پاكىت ۋە ھىكايىلار بىلەن بايان قىلىنغان؟»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئەخلاق كۆز قاراشى ۋە ئادەمىي ئەخلاق ئەمەلىيەتى قانداق ۋاقىئە ۋە مىساللار بىلەن تەسۋىرلەنگەن؟»، «مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مائارىپ-مەئرىپەت قاراشى ۋە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئەمەلىيەتى قانداق دىتاللار ئاساسىدا يورۇتۇلغان؟»...ماۋزۇلارىدىن بىرنى تاللاپ، بىر پارچەدىن ئىلمىي ماقالە (ئوتتۇز پىرسەنتلىك مەۋسۇم ئاراسى سىناق نەتىجەسى ھىسابلانىدىغان پۈتۈم بىلەن) يازىشنى تاپشۇرۇق قىلدىم. يازدىلار... ئەڭ مۇھىمى، ئەۋلادلار مۇشۇ ئوقۇش ۋە يازىش ئارقالىق مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنقى گىگانت ئەجداد بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىي بىلەن يانمۇيان ياشادى...ئۇنى تەخىمۇ تەپسىلىي بىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزلەرىنىمۇ باشقادىن تونۇغان بولدىلار.ئەمسەچۇ؟ بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا قانچە دانە ئۇنتۇلماس يىل بولۇر؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتەلەرىگە باغلىق بولغان بىباھا ئەستلىك بولۇپ، بىر نەچچەدىن تارتىپ ئون نەچچەگىچە بولۇشى مۇمكىن. بىراق، بىر دۇنياۋى ئالىمنىڭ مۇشۇ دۇنياغا تۆرەلگەنلىكىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرەلەش مۇناسىبەتى بىلەن ئالاھىدە ئاتالغان يىلدىن بىر ئىنساننىڭ ئۆمۈرىدە، پەقەت ۋە پەقەت بىرسىلا بولۇشى تەھقىقتۇركى، مۇشۇ قىممەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، بۇ ھىچبىر باھاسى يوق يىلدۇر، بۇ ھىچبىر تەڭداشى يوق يىلدۇر! مەئلۇمكى، مەھمۇد كاشغەرىي دۇنياۋى ئالىمدۇر. ئۇ يازغان "دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك" بۈتۈن دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى بويىچە، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە ئاشۇ ئاز كەم مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەسلىي مۇكەممەل قوليازماسى بىلەن تولۇق يەتىپ كەلگەن تۇنجى قوش تىللىق گىگانىت لۇغەتتۇر؛ شۇڭا، بۇ يىل دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلەرىدە، بۇ بۈيۈك زاتنىڭ خاتىرەسى ئۈچۈن، ئۆز ساھەسىدە خاس يىغىلىشلار، خاس ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنلارى ئۇيۇشتۇرۇلۇشى چوقۇم. مەھمۇد كاشغەرىي دۇنيا تۈركولوگلارىنىڭ كارۋانباشىدۇر. بۈگۈنكى تۈركىيە جومھۇرىيەتى باش بولغان پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدا ئۇنىڭ شۆھرەتى، ئىناۋەتى ۋە ھۆرمەتى مىسلىسىزدۇر. شۇڭا، تۈركىي تىللىق دۆلەت رايونلاردا، "مەھمۇد كاشغەرىي كوچاسى"، "مەھمۇد كاشغەرىي زالى"، "مەھمۇد كاشغەرىي كۇتۇبخاناسى" ۋە "مەھمۇد كاشغەرىي كىتابخاناسى" دەگەندەك مەدەنىيەت مۇئەسسەسەلەرى كۆپتىن كۆپتۇر. مەھمۇد كاشغەرىي ئەزىز تۈرك مىللەتى بۈگۈنكى ئۇيغۇر، ئوزبەگ، قازاق، قىرغىز، تاتار، قارا قالپاق، ئازەربەيجان، تۈركمەن، تاجىك، كۆك ئوغۇز (كاكاۋۇز)، تۇۋا... دەگەندەك ئۇششاق جۇغراپىيەلىك پىرقەلەرگە بۆلۈۋەتىلمەگەن ۋە بۆلۈنۈپ كەتمەگەن زاماندا ياشاپ ئۆتكەن زات بولغاچ، ئۇ پۈتكۈل تۈركىي مىللەت خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەجدادى ۋە ئورتاق بوۋاسى سانالىدۇركى، بۇ قىممەت بىلەن، ئۇ تەھقىق بۈيۈك بىرلىك نامايەندەسىدۇر، شانلىق ئىقبال ھىدايەتكارىدۇر. مەھمۇد كاشغەرىي بۈگۈنكى ئۇيغۇر تۈركلەرىنىڭ مىراس نەسەب ئاتاسىدۇر، مىراس زەمىن پاسبانىدۇر. ھالبۇكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىي ياشاغان زەمىننى ئۆز ئىمكانلارى بويىچە قوغداپ، گۈللەندۈرۈپ كەلىۋاتقانلىقى بىلەن، ھەقلىق ھالدىكى شەرەپ، شاراپەت ۋە غۇرۇر ساھىبلەرىدۇر! شۇڭا، كۈزەتىشىمچە، پايتەخت بەيجىڭدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلار بۇ قۇتلۇق كاشغەرىي يىلىنى ئانا يۇرت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەممە قارىنداشلار، پۈتكۈل تۈركىيلەر، شۇنداقلا، پۈتۈن دۇنيا ئىلىم ئەھلى قايىللىق بىلەن تەستىقلاغۇدەك مائقۇل ۋە زۆرۈر پائالىيەتلەر ئارقالىق ئۆتكۈزۈشكە ئالدىراماقتا ئىدى شۇ ئان! خەيرلىك بولغاي، نۇسرەتلىك بولغاي! 2008-يىل، 9-ماي، بەيجىڭ.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغداكى يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ھالدا ھالدا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. 2022- 06- 09- كۈنى |
|

