|
دىئاسپورادا ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلەسى ھەققىدە
پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
سۆز باشى: زىھنىيەت ۋەتەنى ئىشغال قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ (ئەگەر) روھىيەتى ئىشغال قىلىنالماغان بولسا، بۇ ئىشغال زىنجىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانماقى مەقەررەركى بىر كۈنى ناسىپ بولغۇسىدۇر. مانا مۇشۇ روھنى ۋە روھىي زىمىننى ئوزۇقلاندۇرۇپ كۈچلەندۈرىدىغان، پاكلىقىنى ۋە ياشام كۈچىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئەڭ موھىم نەرسە بىزگە كۆرە زىھنىيەتتۇر. زىھنىيەت، بىر پەلسەپەۋى ئۇقۇمدۇر. ئۇنى ئاددىيلاشتۇرغاندا، تىلىمىزغا ياڭى قوشۇلغان يۇمتال يەنى يۇمۇشاق دىتال سۆزى بىلەن مەلۇم دەرەجەدە ئىزاھلاماق مۈمكىندۇر. ھەممەمىزگە مەلۇم بولغاندەك، كۈندەلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئەقىلفونلاردا ئادەتتە ئايسوس (Isos) ۋە ئاندروئىد (Android) نامىدا ئىككى يۇمتال بار. بۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىم لايىھەلەنگەن، يەنى كودلارى پەرىقلىق يازىلغان. بەلكىم تىخنولوگىيەلىك گەنلەرى پەرىقلىق دەسەم تەخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇرمۇ؟ (ئەلبەتتە بۇ ئىلمىي بىر ئوخشاتما ئەمەس). مىللەتلەرنىڭمۇ ئاشۇنداق يۇمتاللارى باركى، بىز ئۇنى «زىھنىيەت» دەپ ئاتايمىز. زىھنىيەتلەرىمىز تۈپەيلى، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز، ھەرىكەت قىلىقلارىمىز، ئولتۇرۇپ قوپۇشىمىزدىن چاي قۇيۇشىمىزغا قەدەر ھەممە «نەرسەمىز» پەرىقلىق بولىدۇ. كىمدىن پەرىقلىق بولىدۇ؟ ئەلبەتتە بىزدىن بولماغانلاردىن يەنى زىھنىيەتى بىزدىن بولماغانلاردىن پەرىقلىق بولادۇر. بۇ پەرىق، ئەمەلىيەتتە چىگرادۇر، سەپىلدۇر ۋەيا ئۆتسە بولمايدىغان تامدۇر. مانا مۇشۇ زىھنىيەت، نە قەدەر ساپ ۋە ئۆزگەچە بولسا، مۇئەييەن گۇرۇپپا ۋەيا مىللەتلەردە خاسلىق ئۇ قەدەر روشەن بولادۇركى، بىرلىك، ئۇيۇشقاقلىق ئۇ قەدەر كاپالەتكە ئالىنغان بولادۇ. چۈنكى ئۇشبۇ زىھنىيەت مەركەزىدە ئىشلەنگەن ھەممە نەرسەنىڭ، ئۆزىنى قوغداش ۋە كۈچلەندۈرۈش رىفلەكسى باردۇر. بۇ خىل رىفلەكسنى تەخىمۇ ئاددىي قىلىپ مۇنداق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ باقايلى: خوتەن ۋە ئەندىجان ئەتلەسى بىز تۈركىستانلىقلارنىڭ زىھنىيەتىگە باب، خاتۇن قىزلارىمىزنىڭ ئەستەتىكاسىغا ماس بولغان تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي رەختىدۇر. ئۇشبۇ مىللىي رەخت ۋە بۇنىڭغا ئىھتىياچ تۇيغان مىللىي ئەستەتىكا،كۈنىمىز مودەرن چاغىدا ھەم داۋام قىلماقتا. بۇ تۈپەيلى قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە ئىشلەشتىن ماشىنادا ئىشلەپچىقارىلىشقا ئۆتكەنلىكى بىلەن ئەزەلدىن قولدا تىكىلەدىغان دوپپا، نەقىشلارىمىزنىڭ كومپيوتىر تەخنىكاسىدا لايىھەلەنىپ زاۋۇتلاردا ئىلغار تىخنىكالىق مۇھىتلاردا ئىشلەپچىقارىلىشى، ۋەيا تۈركلەرنىڭ مىللى ئىچىملىكى بولغان ئايراننىڭ يايىقتىن زاۋۇتتا ئىشلەنىشكە ئۆتۈشىدەك مىساللار ئۇشبۇ رىفلىكىسكە بىرەر ئۆرنەكتۇر. ئوخشاشلا خىتتاي زىھنىيەتى ۋە تەسىرى تۈپەيلى سىڭىپ كىرىپ داستۇرخانىمىزنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمىنى ئىستىلا قىلغان خىتتاي كويزاسى ۋە ئاچچىقسۈيى بىلەن بىر قىسىم تاتىتقۇ ۋە ئاچىتقۇلارى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قايەرگە بارسا شۇ يەردە پەيدا بولماقتا. ھەتتا ئىستانبۇلدەك مۇبارەك بىر شەھەردە بۇ تىپ ئۇيغۇرلار يەرلىك مەھسۇلات نامىدا خىتتاي ئاچچىقسۈيى بىلەن خىتتاي دۇفۇسىنى ئىشلەپچىقارغانلىقىغا شاھىت بولدۇقكى، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ خىل زىھنىيەتتىن ئوزۇقلانغان خىتتايچە كۈلتۈرنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىندۇر... دەمەككى زىھنىيەتىمىزدەكى ساپلىق كۈندەلىك تىلدا ئىشلەتەدىغان تىلىمىزدىن، دىنىمىزغا، يەگەن ئىچكەنلەرىمىزدىن كەيگەن ۋە ئولتۇرغان ماكانلارىمىزغاچە ھەممە ساھەدە ئۆزىنى كۆرسەتەدۇر. شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەر ئومۇمىي تۈرك ئۇيغارلىقىغا ئۇل باسقۇچىلار ھەتتا قۇرغۇچىلارى بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ زور تۆھپە قوشقان، ھەتتا ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور ئاپەت بولغان شەرقنىڭ يەجۈج مەجۈجلەرنى سەپىلىنىڭ ئىچىدە تۇتۇش ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل بەدەل تۆلەگەن ۋە تۆلەۋاتقان بىر خەلقتۇر. بۇ بەدەللەرنى ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپەسىنى بۇ خەلقنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيەتى داۋام قىلسا نەسىللەرىگە ۋە ئەتراپىغا چۈشەندۈرەلىشىمىز مۈمكىن. مىللىي مەۋجۇدىيەتىنىڭ تەمىناتى بولسا، ئانا تىلىنى ۋە ئانا تىلى ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن زىھنىيەتىنى، مىللىي مەفكۇرەسىنى ۋە مىللىي كۈلتۈرىنى داۋام قىلدۇرۇپ قىلدۇرالماسلىقىغا باغلىقتۇر. كۈنىمىزدە دىئاسپورادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆزلەرى بىلەن تىلدەش ۋە قانداش تۇغقانلارى ئاراسىدامۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيەتىنى ساقلاپ قالىشى تەس بولماقتا. پەقەتلا زىچ توپلاشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كىملىكىنى داۋام قىلماقتا. پەقەت قانداشلارىمىز بىلەن تىل ۋە كۈلتۈر جەھەتتەكى ھەددىندىن زىيادە ياقىنلىق باشتا تىلنىڭ تىز سۈرئەتتە تىلدەشلەرىمىز بىلەن ئوخشاپ كەتىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. تىلدەش ۋە قانداش بولماغان دەۋلەتلەردە بولسا، تارقاق ياشاش ۋە بىرىنجى نەسىلنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدەك رىئاللىقلار ئۇلارنىڭ توپلاشىپ بىر مەھەللە، يۇرت تەشكىل قىلىشقا توسالغۇ بولماقتا. بۇ ھال ئىككىنجى نەسىلنىڭ ياشاۋاتقان ئەللەردەكى تىل-كۈلتۈر مۇھىتىدا ئىجتىمائىيلاشىش ئارقالىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىگە ياتلاشىپ كەتىشىنى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇراغا چىقارماقتا. بۇ خىل ئەھۋال قارشىسىدا بىئارام بولغان مىللەتداشلارىمىز ھەرخىل شەكىللەردە قۇرغان دەرنەكلەرىدە ياكى ئۆيلەرىدە ئىزچىللىقى ئانچە بولماغان «ئانا تىل كۇرسلارى/سىنىپلارى» تەسىس قىلىش ئارقالىق ئىككىنجى نەسلىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىنى ئۆگرەتىشكە تىرىشماقتا. پەقەت بۇ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە كۈلتۈرىنى ئىزچىل ساقلاپ قالىشتا يەتەرسىز بولماقتا. بۇ ماقالەمىزدە، ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇسۇسەن بۇلارنىڭ ئىزچىللىقىنىڭ كاپالەتكە ئالىنىشدا موھىم رول ئويناغۇسى ھەر ساھە زىيالىيلارىنىڭ رولى ۋە قىلىشقا تەگىشلىك ئىشلارى ھەققىدە توختالماقچىمىز.
ئانا تىل ۋە ئانا تىلنى قوغداش مەسىلەسى ئەمدى يۇقارىداكى قىسقا نەزەرىيەۋى ئىزدەنىشىمىزنى مۇشۇ يەردە توختاتىپ ئانا تىمامىز بولغان ئانا تىلنى قوغداش مەسەلەسىگە قايتىپ كەلەيلى. ئاناسىنى سۆيمەيدىغان بىر پەرزەنت ئەلبەتتە بولماسا كەرەك. ئاناسىنى سۆيگەن بىراۋ، مۇقەررەركى ئاناسىغا ئائىت ھەممە نەرسەنى خۇسۇسەن ئاناسىنىڭ تىلىنى ھەم بەك سۆيەدۇر. ئۇنى قوغداش ۋە ياشاتىش ئۈچۈن ھەممەنى قىلىشقا تىرىشادۇر. بۇ بولسا، ئەڭ ئەقەللىي قائىدە ۋەيا قانۇنىيەتتۇر. ئەلبەتتە رىئاللىقلارمۇ بار. مەسەلەن، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاناسىنىڭ تىلىدا ئىزچىل «چوڭ بولالماغان»لىق ئەھۋالىدۇركى، بۇ خىل ئەھۋال ئىشغال مۇھىتىدا، ياكى ئانا كۈلتۈردىن ئۇزاق يات مىللەت ئىچىدە ئازسانلىق بولۇپ ئۆز مەھەللەسىنى شەكىللەندۈرەلمەگەن بىراۋلارنىڭ ئائىلەسىدەكى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئوتتۇراغا چىقادۇر. يەنى پەرزەنتىنى خاھلاماستىن ئەمما ئامالسىز يات مىللەت مەكتەپلەرىدە، يات تىل مۇھىتىدا چوڭ قىلىش... مەسىلەن خىتتايدا بىجىن قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، ۋەتەن ئىچىدە خىتتاينىڭ ئىشغال ھاكىمىيەتى بولغان بىڭتۇئەن ئىچىدە قالغانلار بىللەن چەتئەللەردەكى دىئاسپورانىڭ كۆپىنچەسىدە ئۆز پەرزەنتىنى ئۆز ئانا تىل مۇھىتىدا يەتىشتۈرەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلمەكتەدۇر. ئەلبەتتە ۋەتەنىمىزدە بىر قىسىم ئەقلى كەمتۈك ۋە ئىشنىڭ ئالدى ئارقاسىنى ئويلايالماغان ھاماقەتلەرنىڭ، خىتتاينىڭ خىتتايلاشتۇرۇش تۇزاقلارىغا ئۆز مەيلى بىلەن چۈشۈپ پەرزەنتلەرىنى مەھەللەسىدەكى ئۇيغۇر مەكتەپلەرىگە بەرمەستىن خىتتاي مەكتەپلەرىگە ئاۋانگارتلىق بىلەن تۇتۇپ بەرىش ئارقالىق ئۆز نەسلىنى ئانا تىل ۋە كۈلتۈر مۇھىتىغا ياتلاشتۇرغانلىقى، ھەتتا بۇنى خىسلەتلىك ئىش كەبى مودا ھالغا ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇرۇنغانلىقلارى؛ خىتتاي ئىچ رايونلارىدا ئاتالمىش "شىنجاڭ سىنىپى" تەسىس قىلغاندا، زىيالىيلارنىڭ باشلامچى بولۇپ پەرزەنتلەرىنى بەس بەستە ئەۋەرتكەنلىكى، ھەتتا بۇ سانغا ئەرىشىش ئۈچۈن كىشىلىك ۋە كىملىكلەرىنى مۇناسىۋەتلىك "سەكىرتارلار" ئالدىدا بەش پارالىق قىلغانلىقلارى ۋە بۇ قىلمىشلارىنىڭ كەيىنكى يىللاردا خىتتاينىڭ ئاتالمىش "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسەتىگە نە قەدەر جاسارەت تەمىنلەگەنلىكى ئايرىم بىر تەتقىقات تىماسىدۇر. شۇنداقلا، ۋەتەندە دىن ئۆگرەنىش قىيىنلاشقاندا، بەزى ئىخلاسمەن ئۇيغۇر ئاتا ئانالار پەرزەنتلەرىدە تەخى مىللىي كىملىك ۋە كىشىلىك شەكىللەنمەگەن ياشلاردا پاكىستان ۋە باشقا ئەرەپ دەۋلەتلەرىگە چىقارغان. بۇلاردامۇ ئوخشاشلا تىل ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن ياتلاشىش ھادىسەسى پەرىقلىق سەۋىيەلەردە ئوتتۇرا چىققان. نەتىجەدە بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئورنىغا ياشاۋاتقان دۆلەت ۋەيا رايوننىڭ تىلى يەرلەشكەندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ زىھنىيەتى تەبىئىي ھالدا يەسلى، باشلانغۇچتىن ئىتىبارەن كەڭ ئىستىمال قىلغان تىلنىڭ كۈلتۈرىدە شەكىللەنگەندۇر. بۇنداق يات مىللەت تىلى-كۈلتۈرى مۇھىتىدا يەتىشىش نەتىجەسىدە شەكىللەنگەن كۈلتۈرەل كىملىكتە، ئەسلىدە تەۋەسى بولغان مىللەتنىڭ كۈلتۈرەل كىملىكىدىن ياتلاشىش ھەتتا سوتسىئولوگىيە ئىلمىدە قۇرۇلما خاراكتىرلىق ئاسسىمىلاتسىيە دەيىلەدىغان بىر جەرىيان ئوتتۇرغا چىققان بولادۇر. بۇ سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ مىللىي كىملىكىدە شالغۇتلاشىش، دەلىغۇل بولۇش، يات كىملىكلەر بىلەن كىملىكلەنىپ قالىش ھادىسەسى كۆرۈلەدۇر. سوتسىئولوگىيە ئىلمى، كىشىلەرنىڭ كىملىكىگە باھا بەرگەندە، بىراۋنىڭ سىياسىي ۋەيا بىئولوگىيەلىك كىملىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ كۈلتۈرەل كىملىكىگە قاراپ تۇرۇپ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىگە باھا بەرەدۇر. مەسىلەن، بۇگۈن خىتتاينىڭ خۇنەن ئۆلكەسىنىڭ چاڭشا شەھرىگە قاراشلىق تاۋيۈەن ناھىيەسىدە سىياسىي كىملىكى «ئۇيغۇر» بولغان مۇئەييەن نوپۇستا كىشىلەر بار. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقى پەقەتلا كىملىكىدە يازىلغان «维吾尔» دىن ئىبارەتتۇر. ئانا تىلى بولغان تۈركچەنى ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتۇپ خىتتاي تىلىنى ئانا تىلى قىلىپ بولغانلىقى تۈپەيلى زىھنىيەتىمۇ تامامەن خىتتايچە بولۇپ بولغاندۇر. بۇ سەۋەبلىك كۈلتۈرەل ھاياتى بولسا تامامەن خىتتايچە ۋەيا ئەتراپىدا ياشايدىغان تۇڭگانلاردەك تۇڭگانچەدۇر. چىراي شەكلىدىن، ئىسىم فامىلەسىگەچە ھەممە نەرسە خىتتايچە بولۇپ بولغاندۇر... شەخسلەر،كىمنىڭ تىلىنى ئۆزىگە بىرىنجى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تىلى قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۈلتۈرەل كىملىكىمۇ شۇ تىلنىڭ ساھىبى بولغان مىللەتكە ئائىت بولۇپ كەتەدۇر. ئامەرىكادا ۋەيا خىتتايدا ئېتنىك ۋە ھەتتا ئىرقىي تەۋەلىكى بىر بىرىدىن پەرىقلىق مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر ياشايدۇ. لاكىن ئۇلارنىڭ بىرىنجى تىلى ئىنگىلىزچە ۋەيا خىتتايچە بولغانلىقى تۈپەيلى كۈلتۈرەك كىملىكلەرىگە قارايدىغان بولساق، مۇتلەق كۆپىنچەسىنىڭ كۈلتۈرەل كىملىكىدە بىرىدە ئامەرىكانلىق يەنە بىرىدە بولسا خىتتايلىقلىق ئالدىغا چىققاندۇر. تۈركىيەدەمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇتتۇر. تۈركچەنى ئۆزلەرىنىڭ بىرىنجى تىلى قىلغان كۈرت، ئەرەپ، زازا، چەچەن، چەركەز، بوشناق، ئالبان،لاز قاتارلىقلار ئېتنىك مەنسۇبىيەتى بارلار ئەگەر ئۆيىدە ۋە كۈندەلىك ھاياتتا تەۋەسى بولغان خەلقلەرنىڭ تىلىنى ئىشلەتمەيۋاتقان بولسا، ئۆزلەرىنى ئېتنىك تۈرك ئەمەس دەگەن تەقدىردەمۇ كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتى تۈركتۇر. ئەلبەتتە خىتتايداكى ئەھۋال ئامەرىكا ۋە تۈركىيەدىن كەسكىن پەرىقلىقتۇر. يەنى خىتتايداكى خىتتايلىقلاشىش يات مىللەت مەنسۇپلارىداكى ئەسلىي كۈلتۈرەل، ھەتتا بىئولوگىيەلىك كىملىكلەرنىڭ تامامەن فورماتلانىشىنى، يەنى ئىزىنىڭ تۈپتىن يوق بولۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. خىتتايلىقلاشىش ئەمەلىيەتتە كەينىگە قايتتۇرغالى بولمايدۇرغان بىر جەرىياندۇر. ئامەرىكانلاشىش ۋەيا تۈركلەشىشتە بولسا، يات مىللەتلەرگە ئائىت ئەس-ياد ۋەيا ھافىزانىڭ ئىزىنىڭ قالىشىغا مۇئەييەن دەرەجەدە يول قويۇلادۇ. ھەتتا كۈلتۈرەل ئامىللارىنىڭ بەزىلەرىنىڭ ياشاشىغا يول قويادۇرغان كۆپكۈلتۈرچىلىكنى رەت قىلمايدۇرغان تەرەپلەرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. شۇنداقتامۇ ئۇشبۇ كۈلتۈرەل قالدۇقلار نىسبىيدۇر. كۈنىمىزدە ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالغان تىل، تۈركىستان توپراقلارىنىڭ شەرقى، خىتتاي تەرەپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كەيىن، غەربىدەكى رۇس مۇستەملىكىچىلەرى تەرەپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تۈركولوگىيە ۋە ماركىسزىملىق مىللەت نەزەرىيەسى سەپسەتەلەرىنىڭ تەسىرى ۋە يەتەكچىلىكىدە مەجبۇرى يوسۇندا شەرقىي تۈركچەدىن ئايرىپ شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىلغان بىر تۈرك شىۋەسىدۇر. بۇ تۈرك شىۋەسى ۋەيا كۈنىمىزدەكى "كۆنۈك" تىل كونتېكستى بىلەن ئۇيغۇر تىلى، 1955- يىلىدىن كەيىن خىتتاي فاشىزمىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ۋە ئىزچىل پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن، ئەممە نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشى، دەۋلەت ۋە ئىلىم تىلى بولۇشىدەك شانلىق كەچمىشى تۈپەيلى تىركەشكەن ۋە تىرىك قالىشنىڭ پۈتۈن يوللارىنى سىناغاندۇر. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ قۇرلارنى يازىۋاتقان كاشغەرلىك بىر زىيالىي خىتتاي پايتەختى بىجىندە، ئاۋسترالىيەنىڭ تۇۋۇمباسىدا، ئامېرىكانىڭ بلومىڭتون شەھرىدە ۋە مۇشۇ سائەتتە تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تەخىچە بۇ تىل ۋە يازىقتا يازىۋاتقان بولسا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇشبۇ تىركەشىشنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر ۋە داۋامىدۇر. ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىن مۇستەسنا بىر ئاكادەمىك ھايات داۋام قىلىۋاتقان ماڭا ئوخشاش بىر زىيالىينىڭ مەۋجۇت ئاكادەمىك مۇھىتتا "ئۇيغۇرچە" ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشنىڭ مەۋجۇت تۈزۈلمەدە ئانچە "ئىلمىي پايداسى" يوقتۇر. ھەتتا ۋاقىت ۋە زىھىن ئىسراپچىلىقىدۇر. چۈنكى بۇ ئىلمىي ئەمگەكلەر ئاكادەمىيەدە "نۇمۇر" ئەكەلمەيدۇ. ئەلبەتتە، خەلقئارالىق ئىندىكسلارغا كىرگەن ئۇيغۇرچە ژۇرنال بولغان بولسا، بەلكىم "نۇمۇر" ئالىپ كەلىشى مۈمكىن ئىدى. بۇنداق بولغاچقا، يات بىر تىل مۇھىتىدا ئىلمىي پائالىيەت قىلىپ تۇرغان بىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئىلمىي تەتقىقات ياكى ئىشلەپچىقارىشنىڭ ئانچە جەزىبەسى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ تىلىدا تەپەككۇر قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەگەن بىرىنىڭ يات تىل كونتېكستىدىن ئۇيغۇرچە كونتېكستقا ئۆتۈپ مۇناسىۋەتلىك يات تىلدا يازغاندەك "پاساھەتلىك" ۋەيا "ئاكادەمىك" سەۋىيەدە يازماقى ھەقىقەتەنمۇ تەستۇر. پەقەت، مەنسۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەجدات ئاڭى روشەن بولغانلار، ئۇ كىم بولۇشىدىن ۋەيا قايەردە، قانداق بىر پوزىسيوندا/مەۋقەدە تۇرۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇقەررەركى ئانا تىلىغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە يات تىللار بىلەن قىلغان سالىشتۇرمادا ھىس قىلغان ئازابى تۈپەيلى ئويغانغان مۇسبەت ئىنىرگىيە بىلەن ئانا تىلى ۋە مىللىي يازىقىدا قارشىلىقسىز، مەنپەئەت كۈتمەگەن ھالدا نورمال ۋە ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلىشنىڭ مەجبۇرىيەتلەرىنى تونۇپ يەتكەن بولادۇر ۋە ھىچ تەرەددۈت قىلماستىن ۋاقتىنى، ئىنىرگىيەسىنى بۇنىڭغا سەرپ قىلادۇر. تەڭرىم بىزلەرنى مۇشۇلارنىڭ جۈملەسىدىن قىلغاي! مۇشۇنداق ئاڭ، مەھمۇد ئاتامىزنى ۋە ئەلىشىر نەۋايى بوۋامىزنى ئوبدان تونۇغاندا، شەرقىي تۈركىستان رىئاللىقىنى ئىدراك قىلىپ نۇرمۇھاممەد ياسىن بەگنىڭ "ياۋا كەپتەر"ىنى ھەزىم قىلىپ ئوقۇغاندا، لۇتپۇللاھنىڭ "يىللارغا جاۋاپ"نى ھەققىنى بەرىپ دىكلاماتسىيە قىلغاندا...يەتىشكۈسىدۇر. شەرقىي تۈرك تىلى بولسا خاقانىيە تۈركچەسىنىڭ داۋامى بولغان كاشغەر تۈركچەسىدۇر. كاشغەر تۈركچەسى تۈركىستاندا رۇس ۋە خىتتاي مۇستەملىكىچىلىكى تامامەن يىلتىز تارتقانغا قەدەر، تۈركىستان خانلىقلارىنىڭ دەۋلەت تىلى، تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ ئىلىم تىلى بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي ئىشغال قىلغان مانجۇ-خىتتايلارنىڭ داۋامچىسى بولغان خىتتاي كومىنىستلارى، گەرچە "گومىنداڭ ۋە مانجۇ فىئودالىزمىنى ئاغدۇردۇق" دەگەنى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇشبۇ مەلئۇنلارنىڭ مۇستەملىكەچى سىياسەتلەرىگە ئەينەن ھەتتا ئاشۇرۇپ ۋارىسلىق قىلدى. مانجۇ ۋە گومىنداڭچىلار "دىخۇا" دەگەن يەرگە ئۈرۈمچىنىڭ خىتتايچەسى "ۋۇلۇمۇچى"نى دەگەن بولسامۇ، ھاقارەتلىك ئىسىم "شىنجياڭ" ئورناغا «دوڭ تۇجۈۆسىتەن东突厥斯坦 » يەنى شەرقىي تۈركىستان دەگەننى قوبۇل قىلماغان ۋەيا شۇ دەۋردەكى سىياسىي كۈچىمىزنى بۇنى قوبۇل قىلدۇرالماغان. ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەن تىبەتلىكلەرنىڭ يۇرتىغا غەربىي تىبەت مەناسىدا «西藏شىزاڭ» دەگەنلىكى، موڭغۇللار يۇرتىغا «ئىچكى موڭغۇل内蒙古» دەگەنلىكى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ-ئەلبەتتە. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن كەيىن تىلىمىزدا غايەت زور ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش بىلەن بىرلىكتە قانداق سۆزنى كەڭ، قانداق سۆزنى تار، ھەتتا ھىچ ئىشلەتمەسلىكنىمۇ مۇستەملەكەچى كومۇنىستلار بەلگۈلەپ بەردى. نەتىجەدە دەۋلەت تىلى سەۋىيەسىدەكى تىلىمىز ئالدى بىلەن رايون تىلىغا ئاندىن خۇسۇسەن 2003-يىلىدىن كەيىن بولسا ئائىلە تىلىغا، ئەمدىلىكتە (2017- يىلىدىن كەيىن) بولسا ئائىلەدىنمۇ يوق قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلىپ قالدى... بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ قوغدالىشى، ياشاتىلىشى پەقەتلا ئۇ تىلنى ئىستىمال قىلغۇچى ئامماغا باغلىق ئەمەستۇر. ئەڭ موھىمى ئۇ مىللەت ۋەيا خەلق ئىچىدىن چىققان ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ بۇ تىلنى ئۆزىنىڭ كۈندەلىك تۇرمۇشىدا ۋە ئىلمىي ھاياتىدا قانچەلىك ئاكتىپ ئىشلەتىپ تۇرغانلىقى؛ بۇ تىلنىڭ قۇرۇلماسىداكى مەسىلەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ پەلسەپەۋى ئىپادە قۇۋۋەتىنى، يۇمۇشاق ۋە ئەۋرىشىملىكىنى، يات تىللار قارشىسىداكى ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش يولىداكى ئەمگەكلەرىگە ھەم باغلىقتۇر. بۇ ھەقتە مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەرلەرى چوقۇم ئەلىشىر نەۋايى ئۇستازنىڭ «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەيىن» يەنى ئىككى تىلىنىڭ مۇھاكەمەسى ناملىق ئەسەرىنى ئوبدان ئوقۇماقى ۋە ئانا تىل مۇھەببەتىنى مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئەلىشىر نەۋايى روھى بىلەن يەتىشتۈرمەكى شەرتتۇر. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر تىلى يۇقارىدا بەھس قىلىنغاندەك ھەرخىل زىيانكەشلىكلەرگە دۇچ كەلىپ تۇرغانىدا، ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيلارى تىلىمىزنى قوغداش ۋە جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نەمەلەرنى قىلدى ۋە قىلىپ تۇرماقتا؟ سۇئالىنىڭ ئەتراپىدا چوڭقۇرلاما ۋە تەپسىلىي تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرماق مۈمكىندۇر. ئەلبەتتە بۇ يازمانىڭ مۇددىئاسى ۋە ھەجمى بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرىشكە ئاجىزدۇر. بۇ بەلكىم تۈركولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىق كەسپلەرىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ماگىستىرلىق ماقالەسىگە بىر تىما بولغۇسىدۇر.
دىئاسپورادا ئانا تىلىمىز دىئاسپورا،ھەرقانداق بىر ئۇلۇسنىڭ ۋەيا دىنىي جامائەتنىڭ ئانا يۇرتلارىدىن باشقا ئەللەردە ئاز سانلىق گۇرۇپپا شەكلىدە ياشاۋاتقان يەرلەرىدۇر. ھەرقانداق بىر ئۇلۇسنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغان قولى ۋەيا پارچاسىدۇر. كۈنمىزدە ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەيا ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن كىملىكلەندۈرگەنلەر غەربىي تۈركىستاندىن باشقا ئەللەردە ئاساسەن دىئاسپورا شەكلىدە ياشماقتا. غەربىي تۈركىستانداكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەزەلدىن بەرى بۇ رايونلاردا ياشاپ كەلگەن ۋە كۈنىمىزدەكى سىياسىي چىگرا سۈنئىي ھالدا مۇستەملەكەچى كۈچلەر تەرەپىدىن سىزىلغاندۇر. خىتتاي ئىشغالىيەتىدەكى شەرقىي تۈركىستانىڭ غەربىدەكى قىرغىز، قازاق ۋە ئۆزبەك جۇمھۇرىيەتلەرىدە ئاساسەن جەمىيەت بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە. پەقەت پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە غەرپ ئەللەرىدە بولسا ئاساسەن دىئاسپورا شەكلىدە ناھايەتى تارقاق بىر شەكىلدە ياشاماقتا. بەلكىم ئاۋسترالىيەنىڭ ئادالەيد، مىلبورن قاتارلىق شەھەرلەرىدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ئالاھىدە بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى ئاۋسترالىيە دەۋلەتىدەكى كۆپكۈلتۈرچىلىك سىياسەتى بۇ دەۋلەتتەكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللە شەكىللەندۈرۈشىگە، مەھەللە مەكتەبى قۇرۇپ ئانا تىل مەركەزلىك مىللىي كۈلتۈرنى مۇئەييەن دەرەجەدە داۋام قىلدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان. دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار جۈملەدىن ئۇيغۇرلار، كەيىنكى 20 يىلدا سان جەھەتتىن كۆپەيىش بىلەن بىرگە سۈپەت جەھەتتىن يۈكسەلگەنلىكى مەلۇم. ۋەتەن ئىچىدەكى مىللىي كرىزىسنىڭ چوڭقۇرلاپ بارىشىغا ئەرگەشىپ دىئاسپورادا بىر تەرەپتىن چۈشكۈنلۈك ۋە روھىي ئازاپ ئاشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە ئۆزىنى ساقلاپ ئىنتىقامغا تەييارلىق تۇيغۇلارىمۇ ماس قەدەمدە ئاشقان. شۇنداقلا كەلەچەكتەكى ئۆزگەرىشلەرگە، ئوتتۇراغا قويۇلۇپ تۇرغان ھەرخىل سىناريولارغا قاراتا تەييارلىق ئوي- پىكىرلەرى چوڭقۇرلاپ يىلتىز تارتماقتا. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، ياڭى نەسىللەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئانا تىل تەربىيەسى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن ۋەيا ئۆتمەكتە. بۇ ۋەجىدىن دىئاسپوراداكى ئۇيغۇرلار تەرەپىدىن قۇرۇلغان دەرنەكلەر ۋەيا تور جەمىيەتلەرى ھەپتە ئاخىرى ۋەيا ياز قىش تەتىللەرىدەكى ۋاقىتلاردىن پايدالانىپ ھەرخىل سەۋىيەلەردە «ئانا تىل ئۆگرەتىش كۇرسلارى/سىنىپلارى» ئاچقان. ھەتتا تۈركىيەدەكى بەزى ئۇيغۇرلار قۇرغان پۈتۈن كۈنلۈك مەدرىسلەردە بولسا دائىمىي دەرسلىكلەر كاتىگورىسىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ يەردە دىققەتىمىزنى تارتقان خۇسۇس، خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتىپ تۇرغان پىداكارلىقى قارشىسىدا دىئاسپورا زىيالىيلارىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەسئۇلىيەتىنى يەتەرلىك دەرەجەدە جارى قىلدۇرماغانلىقىدۇر. مەۋجۇت ئانا تىل كۇرسلارىنىڭ ئاساسەن پىداكارلىق بىلەن ئالىپ بارىلماقتا ئىكەنلىكى، ئىلمىي پلانلاش ۋە نوپۇزلۇق دەرس كىتاپلارىدىن يوقسۇن ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە بىر تەرەپتىن «بۇ كۇرسلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ نوقۇل ئانا تىل ساۋادىنى چىقارىش سەۋىيەسىدەلا قالىشى كەرەكمۇ؟ ياكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى سەۋىيەنىمۇ ياراتىش كەرەكمۇ؟» مەسىلەسى بىزچە تەخى ئايدىڭلاشتۇرۇلماغان. مىللەتىمىزنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان زىيالىيلارىنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە ياشاتىش ھەققىدە جىددىي ئويلانىشىغا، بىرلىكتە ھەرەكەت قىلىپ بىرلىكتە پلانلاپ، يۈرۈشلەشكەن دەرس كىتاپلارىنى تۈزۈپ بۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارىداكى ئانا تىل كۇرسلارى ۋەيا سىنىپلارىدا بىر تۇتاش ئىجرا قىلىش، يىللىق تەپتىش قىلىش ۋە يىل ئاخىرىدا باھالاش ھەتتا دۇنيا ئۆلچەكىدە «گۈزەل ئۇيغۇرچە سۆزلەش»، «شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ھەققىدە زىھىن سىناش» مۇسابىقەلەرىنى قانات يايدۇرۇشىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ «ئانا تىل ۋە كىملىك فوندى» تەسىس قىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى بۇ يەردە تەكىتلەيمىز ۋە تەكلىپ قىلىمىز. بىزچە بۇ فوننىڭ قۇرۇلۇشى بولسا، ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇۋەپپەقىيەتى نۇقتاسىدىن قاراغاندا شەرتتۇر. بۇ نۇقتادا، بىزگە ئوخشاش زىيالىيلارغا چوڭ ئىش ۋە ۋەزىپە چۈشمەكتەدۇر. دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋەتەنى ۋە مىللەتىنىڭ تەقدىرىگە ھەممەدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلمەك مەجبۇرىيەتىدەدۇر. خۇسۇسەن ئانا تىلىمىزنىڭ قوغدالىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر ساھە زىيالىيلارى ھەر ياقادىن باش چىقارماقى لازىم. بۇ يەردە زىيالىيلارنىڭ باش بولۇپ ئانا تىلىنى ياخشى سۆزلەشى،ئانا تىلدا يازىشى ۋە ئانا تىلدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشقا ئەھمىيەت بەرىشى بەكلا موھىمدۇر. زىيالىينىڭ ئانا تىلدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشتا بولۇشى تىلنىڭ ئىلمىيلىقىنىىڭ، ھاياتى كۈچىنىڭ ۋە چىدامچانلىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، يات تىللار قارشىسىدا تىركەشىش قابىلىيەتىنىڭ يۈكسەلتىلىشىدە بەكلا موھىمدۇر. شۇنداقلا، ئاۋامدا ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە شىجائەتنىڭ ئۇرغۇتۇلۇشىدا غىدىقلىغۇچىدۇر. ئۇنداقتا، بىز بۇ يەردە مەۋجۇت رىئاللىقىمىزدىن ھەرەكەت قىلىپ يەنە شۇنداق بىر سۇئالنى سورۇشقا مەجبۇرمىز: ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا يازادىغان زىيالىي پەقەتلا ئىجتىمائىي پەنچىلەرمۇ؟ بۇ تىلدا يازادىغان ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلادىغانلار پەقەتلا ئەدەبىياتچى، سىياسىي تەشۋىقاتچى، تارىخچىمۇ؟ تەبىئىي پەنچىلەر، تىخنىك بىلىملەر ۋە مىدىتسىنا ئىلمىدەكىلەرچۇ؟ بۇلارنىڭ ئانا تىلىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش ئارقالىق ئانا تىلىنىڭ پەننىي ۋە تىخنىكالىق ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگەرى سۈرۈش مەسئۇلىيەتلەرى يوقمۇ؟ خىتتاي تىلىدا ئوقۇغانلار ئۇيغۇر تىلىدا قانچەلىك خىتتاي تەتقىقاتى بىلەن ئالاقەدار ماقالە ۋە كىتاپ يازىشتى؟ دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردە چىقارىلماقتا بولغان نوپۇزلۇق قەرەللىك ئىلمىي ژۇرنالى ۋەيا ئىلمىي ژۇرناللارى بارمۇ؟ ئەلبەتتە 1980-1995 ئاراسىداكى 15 يىللىق ئۆتمۈشتە ۋەتەندەكى ھەر ساھە زىيالىيلارىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشنى داۋام قىلدۇرغانلىقى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر رىئاللىقتۇر. ئۇنىڭدىن كەيىنكى يىللارداكى سىياسىي ئۆزگەرىشلەرگە ماس ھالدا ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىداكى ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشلارغا سەل قارالغانلىقى، ھەتتا بەزى زىيالىي مۇسۋەددەلەرىنىڭ (كوپىيەلەرىنىڭ) سىياسىي ئاۋانگارت بولۇپ تەبىئىي پەنلەردەكى ژۇرناللارنىڭ تاقالىشىدا موھىم رول ئويناغانلىقىنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كەرەك. ئەلبەتتە مەسەلەلەرنىڭ تەكتىدە مۇستەملەكە بولغانلىقىمىز باردۇر. ئەمما بارلىق سەۋەنلىكنى خىتتايغا ئارتىپ قويۇش نە قەدەر توغرا بولۇر، بۇنىڭمۇ مۇھاسەبەسىنى قىلماق ئادىلانە ۋە ئاقىلانە بولغۇسىدۇر. تەكرارلاشقا توغرا كەلسە، شىنجاڭ ئۇنىۋەرسىتىتى، پىداگوگىكا ئۇنىۋەرسىتىتى قاتارلىق بىلىم يۇرتلارىدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئىلمىي ژۇرناللار بار ئىدى. كەيىنچە تەبىئىي پەن قىسمى يوقالدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئىجتىمائىي پەن قىسمى جان تالاشماقتا... ۋەتەندەكىلەرنىڭ رىئاللىقىنى قىيىنچىلىقىنى بىلىش بىلەن بىرگە دىئاسپوراداكى زىيالىيلار، ئەركىن ۋە ھۆر دۇنيادا ئىزدەيدىغان ۋەيا كۆرسەتەدۇرغان ئانچە كۆپ باھانەسىنىڭ يوقلۇقىنى ھەم بىلىشلەرى كەرەك. بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ خىجىل بولماي تۇرۇپ «مەن ئۇيغۇرچە يازالمايمەن»، «مەنىڭ ئۇيغۇرچەم يەتەرسىز» دەيەلىشى ئەمەلىيەتتە تەرىپى بىئىمكان نومۇسسىزلىق ۋەيا مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. مۇشۇنداق دەيەلەگەن كىشىلەرنىڭ يات مىللەت تىلىنى ئوبدان بىلگەنلىكى، ھەتتا تەخىچە ئۆگىنىۋاتقانلىقى رىئاللىقىدا ئۆزىنىڭ ئاناسىنىڭ تىلىنى ئۆگەنمەسلىكى ۋەيا سىڭگەن خىتتاي خۇيى بىلەن «ئەرزىمەس»، «ئىلمىي قىممەتى يوق» كۆزقاراشىدا بولىۋاتقانلىقى مىللەت ۋىجدانىدا ئەيىپلەنەدىغان بىر ناشايان قىلمىشتۇر، ھەتتا شەرەپسىزلىكتۇر. ئەپسۇس، بۇنداق كۆزقاراشتاكى بەزى شەخسىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى قاتلامىدا تۆردە ئولتۇرۇشى، ھەتتا ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقەدار ئورگانلارنىڭ باشىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدەك رىئاللىقمۇ يوق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە بۇ يەردەكى مەسئۇلىيەت، ئۇشبۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە كۈلتۈرىدىن بىخەۋەر بىرىنىڭ بۇ ئورۇندا تۇرۇشى ئەمەس، ئۇنىڭ شۇ ئورۇندا تۇرۇشىغا يول قويغان ۋە ئۇنى باش قىلغان بىچارەلەردەدۇر. بۇ ھال،يەنە بىر تەرەپتىن كۈنىمىز ئۇيغۇر زىيالىي قاتلامىنىڭ ئەيىبىدۇر.
دىئاسپورا زىيالىيلارىغا چۈشكەن ۋەزىپە كۈنىمىزدە ۋەتەن سىرتىدا، نەچچە مىڭلاغان شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىي بار. پەقەت ئانا تىلىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلىپ تۇرغانلارنىڭ سانى ناھايەتى چەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، قول بىلەن تۇتقۇدەك تونۇلغان ۋە بىلىنگەن كۈچلۈك بىر ئىلمىي ژۇرنال مەنىڭ بىلىشىمچە يوق. نەچچە يۈزمىڭ، ھەتتا مىليونغا ياقىن ئۇيغۇر نوپۇسى بار بولغان غەربىي تۈركىستاننىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتلەرىدە ئۇيغۇرچە مەكتەپلەرنىڭ ئارقا ئارقادىن تاقالماقتا بولغانلىقى خەۋەرلەرىنى ئىشىتىپ تۇرماقتامىز.... ئەگەر بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلماسا، بۇ تىل قانداقمۇ تەرەققىي قىلسۇن؟ لۇغەت-سۆزلۈك تەركىبى قانداقمۇ بايىسۇن؟ ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتچىسى، تىل ئۇستالارى، جەمىيەتشۇناسى، سىياسەت بىلىمچىسى، پەلسەپەچىسى،پىسىخولوگ ۋە ئىلاھىيەتچىسى ئۇشبۇ تىلدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلماسا بۇ تىل قانداقمۇ ئەۋرىشىم، ئىپادە قۇۋۋەتى كۈچلۈك بىر تىل بولالاسۇن؟ تەبىئىي پەنچىلەرى، سەھىيە-ساقلىق بىلىمچىلەرى، ھەكىم تابىبلارى ۋەلھاسىل ھەممە ساھە زىيالىيلارى ئۆز كەسپىدە ھەركۈن، ھەر ئاي ھەر يىل ئوتتۇراغا چىقىپ تۇرغان ياڭى ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ،نەزەرىيە-تىئورمالارنى تىلىمىزدا قانداق ئىپادە قىلىش كەرەكلىكىنى شەرھىيلەشى، مۇۋاپىق ئۇقۇم ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلىشى ۋەيا قارىنداش، يات تىللاردىن قانداق ئەكىرىش كەرەكلىكى ھەققىدەكى تەۋسىيە تەكلىپلەرىنى بەرمەكى بىلەن بۇ تىل تەرەققىي قىلغۇسى، ئەڭ موھىمى قوغدالىپ قالغۇسىدۇر. چۈنكى، بۇگۈن ئىجاد بولغان بىر شەيئىنى، پەلسەپەۋى بىر ئۇقۇمنى قانداقمۇ 10-20 يىل ھەتتا 50 يىل ئەۋۋەل توختاپ قالغان تىل مۇھىتى بىلەن ئىپادە قىلالاسۇن؟ ئۇنى پەقەت ئۇشبۇ ساھەدە ئوقۇپ يەتىشكەن، بۇ ياڭى كەشپىياتتىن خەۋەردار، ئۇشبۇ ئۇقۇمنى ئوتتۇراغا قويغان ئالىمنىڭ نەمە دەمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاڭقارالاغان بىر كىشى، ئەگەر ئۆز تىلىغا پۇختا بولسا، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر سۆزنى ياسايدۇ ياكى ئۇنى ئۆز تىلىدا مۇۋاپىق شەرھىيلەش ئارقالىق ئۇيغۇن بىر ئۇقۇم ئىجاد قىلىدۇ ياكى قارىنداش تىللاردىن، ئۇ تىللاردا بولماسا، ئىجاد قىلىنغان تىلداكى شەكلىنى تىلىمىزنىڭ فونىتىكالىق ئالاھىدەلىكلەرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئەكىرەدۇر. ئۇنداقتا، دىئاسپورا زىيالىيلارى ئانا تىلىمىزنىڭ قوغدالىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن نەمەلەرنى قىلالاشى مۈمكىن؟ بىزچە ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ بىلگەن ۋەيا ئۇشبۇ مۇبارەك زىمىندا تۇغۇلغان زىيالىيلار تۆۋەندەكى ئىشلارنى ھەم شەخسەن ھەم كوللىكتىپ كۈچ بىرلىكىدە قىلالىشى مۈمكىن: 1. زىيالىيلار قايسى تىل بىلەن قايسى ساھەدە ئوقۇغان، مۇتەخەسىسلەشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەرقىي تۈركچەمىزنىڭ ئومۇرتقاسى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئوبدان بىلىشى، ئۆگرەنىشى ۋە پەرزەنتلەرىگە ئۆگرەتىشى شەرتتۇر. شۇنداقلا، ئانا تىل ئىشلەتىشتە بىر بىرىگە ياردەم قىلىشى، بىر بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، بىر بىرىنى تەپتىش قىلىشى، بىر بىرى بىلەن مۇسبەت مۇسابىقەدە بولۇشلارى ئۇيغۇر تىلىنىڭ جانلىق قوغدالىشدا موھىمدۇر. بۇ، شەرقىي تۈركىستان كىملىكىگە سادىق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەتتا، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ بىلگەن باشقا قارىنداش خەلق زىيالىيلارى ئۈچۈنمۇ ۋاز كەچىلمەس بىر ئالدىنقى شەرتتۇر. 2. زىيالىيلار، ئۇيغۇرلار ئارا ئالاقەدە چوقۇم ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتىش بىلەن بىرگە، ئۇچۇر ئالاقەسىنى چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا داۋام قىلىشى، قارشى تەرەپنىمۇ مۇشۇنىڭغا زورلاشى، يات مىللەت تىل ۋە يازىقلارىنى خۇسۇسەن خىتتاينىڭ پىنيىنىنى ئۇيغۇرلارئارا ئالاقەدە قەتئىي ئىشلەتمەسلىككە دىققەت قىلىشى ۋە ئەتراپىنى بۇنىڭغا كۆندۈرۈشى كەرەك. 3. زىيالىيلار ياشاۋاتقان دەۋلەت ۋە رايونلارداكى ئۇيغۇرلارنىڭ "تۈركىستان مەھەللەسى" شەكىللەندۈرۈشىنىڭ زۆرۈرىيەتىنى تەبلىغ ۋە تەشۋىق قىلىشى، پىكرىي ۋە قانۇنىي مەسىلىھەتچىلىك ۋەيا رەھبەرلىك قىلىشى لازىم. 4. زىيالىيلار مەيلى ئۇ شەرقىي تۈركىستان تىلى، دىنى، ئەدەبىياتى، فولكلورى، تارىخى، جەمىيەتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسۇن شۇغۇللانماسۇن، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۇيغۇر دەپ بىلگەن ھەركىم، چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئۆز كەسپىدە يىلدا ئەڭ ئاز بىر پارچە ھەجىملىك ئىلمىي ماقالە يازماقىنى مىللىي مەۋجۇدىيەتنىڭ مەسئۇلىيەتى، ئىلمىنىڭ زاكاتى، شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشنىڭ قەرزى دەپ بىلىشلەرى كەرەك. 5. زىيالىيلاركۈندەلىك ھاياتتا، ئۇيغۇرچە ئىجتىماىي تاراتقۇلاردا، بلوگلاردا، تور مۇنبەرلەرىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا كەسپى ۋە قىزىقىش ساھەلەرىدە قىسقا يازمالارنى يازىپ تۇرماقى تىلىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە باي ۋە ئەۋرىشىم قىلادىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم. شۇنداقلا بۇنىڭ ئاۋام خەلقىمىزنى (تىلىمىز ئارقالىق) مەلۇماتلاندۇرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشى شەرت. 6. زىيالىيلار خىتتاي تۇزاقى بولغان دىنى زىيالىي -پەننى زىيالى ئايىرىمچىلىقىنى قەتئىي سۈرئەتتە قىلماستىن، دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ ھەممە قاتلام ۋە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈست بىر كەڭەشىنى قۇرۇپ چىقماقى لازىمدۇر. بۇ كەڭەش تەرەپىدىن چوقۇم ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ژۇرنال چىقارىلماقى شەرتتۇر. 7. قۇرۇلغۇسى ئۇشبۇ ئۈست كەڭەش تەرەپىدىن ھەر خىل كومىسيونلار تەسىس قىلىنىپ تىلىمىزنىڭ ساپلىقى، جانلىقلىقىنى قوغداش، ھەرقايسى بىلىم ساھەلەرىدەكى ياڭىلىقلارنى تىلىمىزغا ۋە يازىقىمىزغا ئەكىرىش، ھەرقايسى بىلىم ساھەلەرىگە ئائىت ياڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملارنىڭ تىلىمىزدا ئىپادەلەنىش مەسىلەسى ئۈستىدە قەرەللىك مۇھاكەمە يىغىنلارىنى تەرتىپلەشى زۆرۈردۇر. 8. قۇرۇلغۇسى بۇ ئۈست كەڭەش تىز سۈرئەتتە يۈرۈشلەشكەن ئانا تىل ئوقۇشلۇقلارىنى تۈزۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارىداكى ئانا تىل مەكتەپلەرى، سىنىپلارى ۋەيا كۇرسلارىغا يەتكۈزۈشى، قەرەللىك ھالدا تەپتىش قىلىپ باھالاپ تۇرۇشى زۆرۈردۇر. 9. ئۈست كەڭەش ئانا تىل قىزغىنلىقىنى قوزغاش ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن دۇنيا ئۆلچەكىدە «گۈزەل ئۇيغۇرچە سۆزلەش»، «شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈرى ھەققىدە زىھىن سىناش» مۇسابىقەلەرىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش قىلىۋاتقانلارنى باھالاش ۋە تەقدىرلەش يۈزىسىدىن دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئەڭ ئالىي ئوردىنلارىنى تەسىس قىلىشى كەرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دىئاسپوراداكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى «ئانا تىل ۋە كىملىك فوندى» تەسىس قىلىشقا چاقىرماق لازىمدۇر. بۇ فونغا زىيالىيلار باشلامچى بولۇپ ھەر ئايلىق مائاشىنىڭ ھىچ بولمغاندا %1نى ئاپتوماتىك ئىئانە قىلىشى شەرت.
يەكۈن ۋەيا خۇلاسە شەرقىي تۈركىستان، تارىخىنىڭ ھىچبىر دەۋرىدە كۆرۈلمەگەن بىر مۇنقەرز گىردابىغا كەلدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دەرەجەدىن تاشقارى بىر كۈچنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك يوق قىلىش ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئەسىز قالدى. مۇشۇنداق مۈشكۈل شارائىتتا، ئۇيغۇرلار مىسلى كۆرۈلمەگەن پاسسىپ قارشىلىقىنى كۆرسەتمەكتەدۇر. چۈنكى خىتتاي فاشىست دائىرەلەرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ قارشىلىق كۆرسەتىش ئىھتىماللىقلارىنىمۇ ئالدىن كۆرۈپ تەخى بىخلانماستىنلا بىتچىت قىلماقتا. ۋەتەن ئىچىدەكى خىتتاي كومىنىستىك پارتىيەسى يىللاردىن بەرى ئەتىۋارلاپ يەتىشتۈرگەن، سادىق ئۇيغۇر زىيالىيلارغامۇ ئىشەنمەي ئۇلارنىمۇ مىللەتپەرۋەر،ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلار بىلەن بىرلىكتە لاگىرلارغا، تۈرمەلەرگە تىقتى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىقىنى تىزدىن خىتتايلاشتۇرۇش تەرەپدارلارى ۋە بۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىباشى نۇرسىز، ئىمانسىز بەكرىمۇ خىتتايدىن جازاسىنى يەدى... ۋەتەن سىرتىغا بۇرۇن چىققان ۋەيا تۇتقۇن باشلاغاندا جانى قۇتۇلدۇرغان بولۇپ يۈزلەرچە ھەتتا مىڭلارچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇگۈن مۇھاجىرەت قوشۇنىغا قاتىلدى. ئەسلىدىلا بار بولغان دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى 2017- يىلىدىن كەيىن بىردىنلا زورايدى. پەقەتلا سان جەھەتتىن ئەمەس سۈپەت جەھەتتىنمۇ سەرخىللاشتى. قاتلام جەھەتتىن بولسا ھەرخىللاشتى. مىسىر قاتارلىق دەۋلەتلەردەكى خىتتاي غالچاسى ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتا تۇتقۇن سىياسەتى بۇ دەۋلەتلەردەكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە مەركەز غەرپ ئەللەرىگە يۆتكەلىشىگە سەۋەپچى بولدى. ۋەتەن سىرتىداكى ھەرخىل دەرنەكلەر، تەشكىلاتلار ۋەيا شەخسلەر ئانا تىلىمىزنىڭ قوغدالىشى ۋە كەيىنكى نەسىللەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ئوخشاماغان دەرەجەدە تەر تۆكتى ۋە تۆكمەكتە. ئەلبەتتە بۇ يەردە پەرىقلىق كىشى ۋەيا كىشىلەردەكى قايغۇ، مۇددىئانىڭ بىر بىرىدىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىمۇ دىققەتلەرىمىزدىن قاچماغلىق. كىمى شەخس ۋەيا دەرنەكلەر ئانا تىلىمىزنى ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى شەرقىي تۈركىستان مەركەزلىك ئۆگرەتىشكە تىرىشىپ دەرسلىكلەرىنىمۇ مۇشۇ تەرىقەدە تەييارلاشقا تىرىشقان بولسا، كىمى شەخسلەر ياكى گۇرۇپپالار شەرقىي تۈركىستان كىملىكىدىن ئۇزاق، بەزەن شىنجاڭ كىملىكىنى يەرلەشتۈرۈش ئىھتىماللىقى بولغان دەرسلىكلەر بىلەن داۋام قىلغانلىقى، ھەتتا بەزى دەرسلىك تۈزگۈچىلەر ۋە ئانا تىل ئۆگرەتكۈچىلەرنىڭ مۇئەييەن ئىقتىسادىي كىرىم قايغۇسىدا بۇ ئىشنى مەسلەك قىلغانلىقى ھەم مەلۇملۇق. شۇنداقلا قويۇق دىن تۈسى بەرىلگەن، ھەتتا مۇئەييەن دىنى دوگمالارنى ئاساس قىلىپ مىللىي كىملىكنى نەزەردىن ساقىت قىلغان دەرسلىك ياكى ئۆگرەتكۈچىلەرنىڭ بارلىقى ھەم رىئاللىقىمىزدۇر. قىسقاسى، دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ۋە ياشاتىش رىفلەكسى تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان مىللىي بىر پوزىتسىيە ۋە ئەمەلىي ھەرەكەتتۇر. ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ ئىھتىياچ ۋە بار بولغان قىزغىنلىقنى تەخىمۇ ئىزچىللىقى ۋە سىجىللىقى بولغان بىر جەرىيانغا، ئۈنۈملۈك نەتىجە ئالغۇچى بىر ئىلمىي ھەرەكەتكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر بولماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ سەرخىلى ۋە ھەرخىللارىنىڭ ئاۋانگارتلارى بولغان زىيالىيلارنىڭ—تەكرار تەكىتلەمەكتە پايدا بار: قارلۇق دەۋاتقان زىيالىي، ئەسلا خىتتايچە ۋە شىنجاڭچە زىھنىيەتتەكى پەننىي زىيالى ۋە دىنىي ئۆلىما ئايىرىمىنى قوبۇل قىلماغان ھەر ئىككى تەرەپنى كۆزدە تۇتقان، شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىينىڭ دىنسىز بولالماغاندەكلا پەنسىز ھەم بولالمايدۇرغانلىقى دەستۇرىدا ئۇرغۇلانغان زىيالىي تىپولوگىيەسىنى كۆزدە تۇتادۇر.--- ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشىدا ئاكتىپ رول ئالماقى شەرت ھەم پەرز بولماقتا. چۈنكى، تەپسىلاتى يۇقارىدا بايان قىلىنغاندەك، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەت قوينىدىن چىققان زىيالىيلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەشى، يازىشى ۋە ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشتا بولۇشى بىلەن تەخىمۇ تاكاموللاشقۇسىدۇر. بۇ تاكاموللاشىش ئۇشبۇ تىلنىڭ يات تىللار قارشىسىداكى تىركەشىش ۋە ياشام كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە كەيىنكى نەسىللەرنىڭ بۇ تىلغا مەھكەم ياپىشىپ ئۆرنەك ئەجداتلارى ئىزىدە بۇ تىلنىڭ گۈزەللىكلەرىدىن ئىستىفادە قىلغاچ كۈچىگە كۈچ قاتماقى بىلەن ئەسىرلەر ئۆتسەمۇ يوقالماس ۋە يىقىلماس بىر تىل بولۇپ قالغۇسىدۇر. يۇقارىدا دىئاسپورادا ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئۇيغۇر زىيالىيلارىنىڭ قىلىشى كەرەك بولغان تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىمىزنى ئەمەلىي ئىھتىياچ ئاساسىدا ئوتتۇراغا قويدۇق. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ سىستىمالاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانماقى ئۈچۈن دىئاسپورا ئۇيغۇرلارىنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلارىنى بىر تۇتاش (مەركەزى) پلانلايدىغان، ئىجرا قىلىدىغان ھەتتا تەپتىش قىلىپ باھالاپ مىللەتكە ھىساپ بەرىدىغان بىر نوپۇزلۇق ئۈست بىر ئورگانغا بولغان ئىھتىياجى تەبىئىي ھالدا ئوتتۇراغا چىقادۇ. چۈنكى دىئاسپورا ئۇيغۇرلارى بىر بىرىدىن پەرىقلىق تۈزۈم، دىن ۋە كۈلتۈرەل ئارقا پلانى بولغان دەۋلەتلەردە ياشاماقتا. ئۇلارنىڭ كەيىنكى نەسىللەرىدەكى شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەتتا ھەرخىل ئىدىئولوگىيەلەرنىڭ تەسىرىدە قالغانلارنىڭ ئورتاق شەرقىي تۈركىستان كىملىكىگە زىيان سالىدىغان ئىددىيە، قىلمىشلارنى يايىشىنىڭ ئالدىنى ئالىش ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق نوپۇزلۇق بىر ئۈست ئورگان تەرەپىدىن بىر تۇتاش پلانلانىپ تەييارلانغان دەرس كىتاپلارىنىڭ پۈتۈن دىئاسپوراداكى كۇرس ۋە سىنىپلاردا بىر تۇتاش ئوقۇتۇلماقى زۆرۈردۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنى كۈچلەندۈرگۈچى تارىخ، جۇغراپىيە، ئەدەبىيات، فولكلور قاتارلىق مىللىيلىقى كۈچلۈك ئوقۇشلۇقلارمۇ ئۇشبۇ ھەيئەتنىڭ تەستىقى بىلەن كوللىكتىپ يازارلار تەرەپىدىن نەشىرگە تەييارلانماقى شەرتتۇر. يىللاردىن بەرى ئاغزاكى، بۇ يىل باشىدىن بەرى يازما ئوتتۇراغا قويغان كەڭ قاتىلىملىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكى ئۆرنەكىدە تەشكىل قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان ئۈست بىرلىك قۇرۇش تەكلىپىمىز، ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق موھىم مەسىلەلەرنى ئورتاق ئەقىل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. قۇرۇلغۇسى دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىرلىكىنىڭ ئىچىدە "ئانا تىل ۋە كىملىك ھەيئەتى/كومىسيونى" بولغاندەك باشقا ھەرخىل تارماق ھەيئەت ۋەيا كومىسيونلارمۇ تەسىس قىلىنغۇسىدۇر. بۇ ھەيئەتلەر،مۇناسىۋەتلىك ساھە مۇتەخەسىسلەرى ۋە تەجىرىبەلىك كىشىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پەقەتلا ئۆز ساھەسىدەكى مەسىلەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋەيا تۈزۈلگەن پلانلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن مەشغۇل بولغان بولىدۇ. يەنى مۇئەييەن سەۋىيەدە بىر كەسپىيلەشىش ۋە مۇتەخەسىسلەشىش ئوتتۇراغا چىققان بولىدۇ. مىللىي داۋامىز، ئەنئەنەۋى "ھەممەباپ"، "ھەممە بىلۇر" يالغۇز قوماندانلارنىڭ كەيپى باشقۇرۇشى ياكى مۇئەييەن گۇرۇپپالارنىڭ مونۇپۇللىقىغا چۈشۈپ قالىشتەك موداسى ئۆتكەن دەۋرگە خاتىمە بەرگەن بولادۇر. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى يۈرەكىمدەكى كاشغەر يىلىكىمدەكى بەشكەرەم.
|
|

