يوپۇ:غا تىيگىندە ئۆتكەن ئۈچ يىلىم

ئىككىنجى باب
يوپۇ:غا تىيگىندە ئۆتكەن ئۈچ يىلىم
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

ئۇيغۇر قەدىم يۇرتى بۇ،
ياباقۇلار ياشاغان؛
تىيگىن يەزالىق مەكتەپ،
مەن باشلانغۇچ ئوقۇغان.


-بالالىق خاتىرە دەپتەرىمدىن.
1.
1956-يىلنىڭ ئاۋغوست ئايىدا، قەشقەر شەھىرى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ خانىم-مۇئەللىملەرى مەھەللەمىزگە كەلىپ، شۇ يىللىق ياڭى ئوقۇشقا كىرىدىغان بالىلارنى تىزىملاغاندا، مەنمۇ شەرەپ بىلەن تىزىمغا ئالدۇردۇم. بىراق، «ئەمدى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىگە كىرىپ، 1- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇيمەن» دەپ تاتلىق چۈش كۆرۈپ يۈرگەن كۈنلەرىمنىڭ بىرىدە، دادامنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمەتى يوپۇ:غا ناھىيەسىگە يۆتكەلگەنلىك خەۋەرى ھەممەمىزنى خەلىلا جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى.
مەن باشقانى بىلمەسەممۇ، «قەشقەر شەھىرى دەگەن چوڭ ھەم ئاۋات بىر شەھەر، ئەمما ناھىيە دەگەن ھامان شەھەردىن ئۇزاق بىر يەردە بولىدۇ» دەگەننى بىلەتتىم. «يوپۇ:غا» دەگەن يەر بۇ قەشقەر شەھىرىمىزدىن قانچە ئۇزاق يەردەدۇر-ھە؟ شۇ ئان توساتتىن بىر ئىش يادىمغا كەلگەندەك بولۇپ، دادامدىن ئالدىراپ سورادىم:
-بۈگۈن 8-ئايغا يىگىرمە بولۇپ قالدى. بىز بارىپ بولغىچە 9-ئاي بولۇپ كەتسە، ئۇ يوپۇغادىكى مەكتەپ: «سەن بۇرۇن تىزىملاتماپتىكەنسەن» دەپ مەنى بۇ يىل مەكتەپكە ئالمايمۇ قويارمۇ؟
- مەن شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولىدىغان تۇرسام، سەنى مەكتەپكە ئالمايدىغان ئىشمۇ بولامدۇ، بالام؟ سەن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولغىنا!،- خەلىلا سەۋرسىزلىك بىلەن جاۋاب بەردى دادام.
نەمىلا دەگەن بىلەن، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنماي بولمايدىغان گەپ ئوخشايدۇ. «بۈگۈن 8-ئايغا يىگىرمە ئالتە» دەگەن كۈنى، دادام شەھەردىن ئىككى ئاتلىق بىر مەھەپە ھارۋا ئالىپ چىقتى. بىز كۈدە-كۆرپە، قازان-قۇمۇچلارىمىزنى ھارۋانىڭ يان تەرەپلەرىگە جايلاشتۇرۇپ، ئۆزلەرىمىز ئوتتۇراسىدا ئولتۇرۇپ، «بىسمىللاھ» دەپ، يوپۇ:غا ناھىيەسى دەگەن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتۇق.
«ۋاي-ۋۇي!» ئۇ يوپۇغا دەگەن يۇرتنىڭ بۇ قەدەر ئۇزاقلىقىنى ئۇخلاپ چۈشۈمدەمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ماڭىمىزا – ماڭىمىز، ئەمما تۈگەمەيدۇ بۇ يول پايانسىز. ئانام بىلەن ئاكام ئۇخلاپ ھارمادى. دادام ھارۋاكەش بىلەن مۇڭداشىپ قانمادى. مەن بولسام، بىز بارىدىغان يەر ۋە ئۇ يەردىكى مەكتەپنىڭ خىيالىنى قىلىپ ھارىپ قالدىم زادى. شۇنداق قىلىپ، شامالباغدىن بىر كەچقۇرۇندا يولغا چىقىپ، ئۈچىنجى كۈنى پەشىن ۋاقتى بولغاندا: «مانا يوپۇ:غا دەگەنگە كەلدۇق» دەدى شاپ بۇرۇت ھارۋاكەش.
يوپۇغا ناھىيەسىگە كەلگەندىن كەيىن، دادام ھارۋاكەشكە: «مەن مائارىپ ئىدارەسىغا كىرىپ چىقاي، سىز ھارۋانى ئاۋۇ سۆگەتنىڭ سايەسىدا تۆختاتىپ تۇرۇڭ» دەپ ھارۋادىن چۈشتى. مەنمۇ دادامغا ئەرگەشىپ، ھارۋادىن پەسكە سەكرەپلا چۈشتۈم. ئاكام كۆزىنى ئالايتىپ، بىر نەرسە دەي دەپ تۇراتتى، دادام: « سەنمۇ بىللە كىرەمسەن؟ ھە، بوپتۇ ماڭە» دەدى. شۇنداق قىلىپ، مەن دادام بىلەن بىللە مائارىپ ئىدارەسى دەگەننىڭ ئىچىگە كىردۇق.
ئۇ يەردە، دادام بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى. «كىرىڭ!» دەگەن ئاۋاز چىققاندىن كەيىن، دادام بىلەن ئىچىگە كىردۇق. دادام ئۇ ئۆيدە كادىر سۈپەت بىر ئادەم بىلەن قول ئالىشىپ كۆرۈشتى ۋە يانچۇقىدىن بىر خەتنى ئالىپ، ئۇ كادىرغا بەردى. ئۇ كىشى خەتنى كۆرۈپ، ئۈستەلى ئۈستىدىكى بىر تەلىفون ئارقالىق، باشقا بىر يەردىكى يەنە بىر كىشى بىلەن سۆزلەشتى بولغاي. بىز ياندىكى بىر ئىشخانادىن كىرگەن ياش ئاچاش قۇيۇپ بەرگەن بىر پىيالەدىن چاينى ئىچكەچ، بىردەم ساقلاپ ئولتۇردۇق.
بىر دەمدىن كەيىن، ھەلىقى كادىر ئۆزى يازغان ۋە ئۈستىگە قىزىل تامغا باسىلغان بىر خەتنى دادامنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «مەكتەپ مۇدىرى بىلەن سۆزلەشىپ، خەۋەرلەندۈرۈپ قويدۇم. سىلە ئەمدى، تىيگىن يەزالىق باشلانغۇچ مەكتەپكە بارىپ ئىشقا چۈشسەلەرى بولىدۇ، پولات ئەپەندىم» دەدى. بىز ئۇ كىشى بىلەن خەيرلەشىپ، مائارىپ ئىدارەسىدىن قايتىپ چىقىپ، سۆگەت سايەسىدىكى ھارۋامىزنىڭ يانىغا كەلدۇق. دادام ھارۋاكەشكە: «تىيگىن 3-باشلانغۇچ مەكتەپكە» دەدى ۋە دەرھال ئاتلاندۇق.
مەن ھارۋاكەش داداشتىن: «ئۇ تىيگىن دەگەن يەر ئۇزاقمۇ؟» دەپ سورادىم. «ياق، ئۇزاق ئەمەس، ئىيشەدە» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما، بىز ئۇ «ئىيشەدە» دەگەن يەرگەمۇ خەلى ئۇزاق ماڭدۇق. ماڭا-ماڭا، يانىدا كۆل بار بىر كۆجۈم مەھەللەگە كەلگەندە: ھارۋاكەش: « ھە، كەلدۇق» دەدى.
بۇ چاغدا، ياقىن ئەتراپتىكى بىر مەسجىد مۇنارەسىدىن نامازى شامغا ئەزان چىقتى:
-«ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!».....
2.
شۇنداق قىلىپ، 1956-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتىنىڭ يوپۇ:غا ناھىيەسىدىكى تىيگىن يەزالىق 3-باشلانغۇچ مەكتەپىگە ئوقۇشقا كىردىم.
«مەنمۇ مەكتەپكە كىرىپ، بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم» دەپ خۇشال بولغانلىقىمدىن، ھەلىقى ساق ئۈچ كۈن ھارۋالىق يول ماڭىپ ھارغانلىقىم ۋە قەدىناس شامالباغ مەھەللەم، تۆمەن بويى ۋە مەھەللەداش تونۇش ئاداشلارىمدىن ئايرىلىپ قالغانلىق خاپاچىلىقى دەگەنلەردىن ئەسەرمۇ قالماغان ئىدى شۇ كۈنلەردە.
ئالدى بىلەن، مەكتەپ كۆزۈمگە سىغدى: ئۆزى كىچىك (ساناپ باقسام، ئاران تۆرت سىنىپ، ئىككىلا ئىشخاناسى بار ئىكەن) بولسامۇ، ئالدىدا خەلىلا چوڭ بىر كۆلى بار بۆككىنە دەرەخزارلىق ئىچىگە جايلاشقان ئىدى. مەكتەپنىڭ دەرۋازاسى ۋە سىنىپلارىمىزنىڭ ئالدى جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ. مەكتەپنىڭ شىمالى، يەنى كەينى تەرەپى ئىككى ئەشەك ھارۋاسى ئۆز ئارا بىمالال ئۆتۈشەلەگۈدەك كەڭلىكتىكى توپالىق يول. مەزكۇر يول شىمال تەرەپتىن ئىككى مەتىر چاماسىدا كەڭلىكتە بولغان ۋە غەربتىن شەرققە قاراپ ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ بىلەن لەۋلەشىپ تۇرىدۇ. ئۆستەڭنىڭ ئىككى قىرغاقىدا يوغان-يوغان سۆگەتلەر ئۇزۇن چوكانتاللارى بىلەن ئۆستەڭ يۈزىنى ئەگىزدىن چۈمكەپ دەگۈدەك تۇرىدۇ.
بىزنىڭ ئۆيىمىز مەكتەپنىڭ قىيپاش جەنۇب تەرەپىدە، مەكتەپ بىلەن ناھايەتى ئۈچ-بەش مىنۇتلۇق يول. بىزنىڭ تام خوشنامىزنىڭ ئىسمى تۇردى قارىچوڭ، ئۆزى ئوتتۇرا بويلۇق، خۇشخۇي، ھەمىشە كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئادەم. ئۇنىڭ ئۈچ بالاسى بار. «ئابىلىز» ئىسىملىك ئوغلى ئاكام دەمەتلىك ئىكەن، ئۇلار بىردەمدىلا چىقىشىپ، ئاداش بولۇشۇپ كەتىپتۇ. «تاجىگۈل» ئىسىملىك قىزى مەن بىلەن بىر سىنىپ، ئالدىنقى رەت بىر پارتادا ئولتۇرۇپ ئوقۇيمىز. مەھەللەمىزنىڭ جەنۇب تەرەپى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا كەتكەن يۇلغۇنلۇق ۋە سازلىق. دەم ئالىش كۈنلەرى ئۇ يەردە، مەھللەمىزدىكى ئوغۇل-قىز تەڭ بويلۇق بالالار بىلەن تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينايمىز. مەھەللەمىزنىڭ كۈن چىقىش تەرەپ يۇقىرىسىنى «يۇقىرى مەھەللە» ياكى «ئۆستەڭبويى مەھەللەسى» دەپ ئاتايدىكەنمىز. ئۇ مەھەللەدىن كەلىدىغان ئابدۇرەشىت تىلەك، ئۇنىڭمۇ يۇقىرىسى بولغان سايباشى مەھەللەسىدىن كەلىدىغان ھۈسەيىن ئىمىن دەيدىغان ساۋاقداشلارىم بار. ئۇلار يەنە تاجىگۈل قوشۇلۇپ ئۈچەيلەن مەنىڭ كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپامدا. سىنىپ مۇدىرىمىز مەنى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ قويدى. مەن مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا، خەت يازىش ۋە كىتاب ئوقۇشنى ئۆگرەنىۋالغانلىقىم ئۈچۈن، مەن ئۇلارغا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگرەتىمەن. شۇ سەۋەبتىن بىز تۆرتەيلەن بەك ئىناق ئۆتۈشىمىز.
بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارقاسىدا بەك ئەگىز-بەك ئەگىز ئىككى سۇۋادان تەرەك بار. ئاكام بىز بۇ تىيگىنگە كەلگەن كۈنىنىڭ ئەرتەسىدىن تارتىپلا: «بىر قاپاق تاپسام، مۇشۇ تەرەكنىڭ ئاۋۇ شاخىغا باغلاپ، قارا قۇشقاچقا ئۇۋا قىلىپ بەرسەم بولاتتى» دەپ كوتۇلداپ يۈرەتتى، دەگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەيلا: «ئابلىز ئاداشىم بىلەن بىللە بازارغا بارىپ، ئالىپ كەلدىم» دەپ بىر يوغان قورساق قاپاقنى پەيدا قىلدى ۋە ئۇنى ئۆزى دەگەن شاخقا باغلاپ قويۇپ چۈشكەن بولدى. ئاكام: «بۇ يىل ئەمدى كۈز كىرىپ، ھاۋا سوغۇق بولۇشقا باشلادى. قارا قۇشقاچلار ئىسسىق بەلۋاغ تەرەپلەرگە كەتىدۇ. ئەرتەيازلىققا كۆرىسەن، بىزنىڭ بۇ قاپاقىمىزغا جەزمەن قارا قۇشقاچ ئۇۋالايدۇ. بالا چىقارغاندا، بىرەردىن باقارمىز» دەيدۇ. قەنى كۆرەرمىز تەخى.
ھەممەمىزنىڭ تەئسىراتىمىز شۇ: بۇ تىيگىنلىكلەر بەك ياخشى خەقلەر ئىكەن. بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان، بىزنى پەقەت ياتسىراتمادى. بىز كەلگەن كۈننىڭ ئەرتەسىدىن باشلاپلا، دەسلەپتە، مەكتەپتىكى مۇئەللىم-خانىملار، ئاندىن مەھەللە-كويدىكىلەر بىزنى «شە(ھەر)دىن كەپتۇ» دەپ يوقلاپلا تۇردى. بەئزىلەر «ھاردۇق ئاشى» دەپ مانتا-پولو قاتارلىق تاماقلارنى ئەتىپ ئەپكەلىدۇ. يەنە بەئزەنلەر بولسا، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق مىۋە-چىۋەلەرنى ئەپكەلىدۇ. ھەتتا، ئاداشلارىم بىلەن بىللە ئويناپ باشقا مەھەللەلەرگە بارساقمۇ، مەكتەپداش بالالار مەنى تونۇپ: «ئەنە ئاۋۇ بالا شە(ھەر)دىن كەلگەن پولات مۇئەللىمنىڭ ئوغلى» دەپ مەنى كۆرسەتىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانالارىغا تونۇشتۇرۇپ كەتىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانالارمۇ شۇنداق قىزغىن: «ۋاي، بالام، ئۆيگە كىرىپ ئويناپ كەتىڭ» دەپ تەكلىپ قىلىپ كەتىشىدۇ. ئانامغۇ خولۇم-خوشنالار بىلەن بىردەمدە چىقىشىپ، ھەپتە ئۆتمەيلا، ئۆز ئارا ئاش-تاماق سۇنۇشىدىغان بولۇشۇپ كەتتى.
3.
شۇغىنىسى، ھە دەگەندىلا دادامغا ئەرگەشىدىغان خۇيۇمنى ھىچ ئۆزگەرتىپ بولالمادىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە، ئاكام سىنىپىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇرىدۇ ۋە مەن سىنىپتىن چىقىشىمغىلا: «جۈرە، بىللە كەتىمىز» دەيدۇ. بىز كۆپىنچە بىللە كەتىمىز. بەئزىدە خۇيۇم تۇتۇپ قالىدۇ. مۇنداق چاغلاردا ئاكامغا: «سەن كەتىۋەر، مەن دادام بىلەن بىللە قايتىمەن» دەپ قالىپ قالىمەن.
قاراپ باقسام، داداملارنىڭ ئىشى جىق، تۈزۈمىمۇ بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن بەكلا چىڭ ئىكەن. بىزنى مەكتەپتىن قويۇۋەتكەندىن كەيىن، مەكتەپ باشلىقى مۇئەللىملەرنى ئالدىراپ قويىۋەتمەيدۇ. ھەممە مۇئەللىم-خانىملارنىڭ خەلى كەڭ، ئەمما بىرلا ئىشخاناسى بار. بالالارنى قويۇپ بەرگەندىن كەيىن، ئازراق تەنەپپۇس قىلىپلا، يەنە ئىشخاناسىغا كىرىپ، يا مەجلىس ئاچىدۇ، يا ئەرتەكى دەرسنى تەييارلايدۇ. دەرسلەرىنى تەييارلاپ بولغاندىن كەيىن، مەكتەپ باشلىقى ياكى ئىلمىي مۇدىر كۆرۈپ ئىمزا قويغاندىن كەيىن، ئاندىن ئۆيلەرىگە قايتىشىدۇ. بەئزىدە، كەچلىك تاماقتىن كەيىن، دەرسكە كەلمەگەن بالالارنىڭ ئۆيلەرىگە ئائىلە زىيارەتىگە بارىدىغان ئىشلەرىمۇ بار ئۇلارنىڭ تەخى. ئۇلار بۇنى: «ئاتالار سۆھبەتىگە بارىش» دەيدۇ.
دادام مەنى ئانامغا ئوخشاش «قوزام، ساقام» دەپ ئەركەلەتىپ كەتمەسىمۇ، ئالدىراپ سىلكىمەيدۇ. مەنمۇ ئۇنداق دەگەن بىلەن، خەلى ئاڭلىق. دادام ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن. ئالايلۇق، دادام بىر كۈنى: «مەكتەپ دەگەندە، مەن ئوقۇتقۇچى، سەن ئوقۇغۇچى. ھە دەگەندە ئىشخانامغا كىرىۋالما. ئىشىڭ بولسا، شەرەت بىلەن چاقىر. ‹دادا!› دەپ ۋارقىراما» دەگەن ئىدى، «مائقۇل» دەدىم.
ياڭى مەكتەپكە كىرگەن كۈنلەرنىىڭ بىرىدە، مەن داداملارنىڭ ئىشخاناسىغا كىرىپ كۆرۈۋالغانىدىم، دادامنىڭ ئىش ئۈستەلى مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى مەيدانغا قارايدىغان دەرىزەنىڭ يانىدالا. ئەگەر دادامنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكۈم كەلىپ قالسا، مۇئەللىملەر ئىشخاناسىنىڭ دەرىزەسى ئالدىغا بارىمەن-دە، ئەينەككە ئاستا قىلىپ، ئىككىنىلا چەكىمەن. دادام «لەپپىدە» قارايدۇ. ئاندىن، مەن بىگىز قولۇم بىلەن دەسلەپ ئۆزۈمنى كۆرسەتىمەن، ئاندىن ئوڭ قولۇم بىلەن دوسكاغا خەت يازغاننى ئىشارەت قىلىمەن. بۇ مەنىڭ: «مەن سەن بىلەن بىللە كەتىمەن. ھازىر سىنىپقا كىرىپ، دوسكاغا خەت يازىشنى ئۆگەنگەچ، سەنى ساقلاپ تۇرىمەن» دەگىنىم. دادام چۈشەنىپ، باشىنى لىڭشىتىدۇ، ئىش تامام ۋەسسالام.
بىر شەنبە كۈنلۈكى ئىدى، ئۆيدە كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كەيىن، دادام: «مەن سايباشى مەھەللەسىگە ئاتالار سۆھبەتىگە بارىپ كەلەي» دەپ، ئورنىدىن تۇردى. مەن دادامغا ئەرگەشتىم: «مەنمۇ بارىمەن!».
-داداڭ بەئزىدە بەك كەچەدە كەلىدۇ، ئەرگەشمە، بالام، سايباشى دەگەن خەلىلا ئۇزاق يەردە،- دەدى ئانام مەنى توسۇپ.
-ھۈسەيىن ئىمىن ئاداشىمنىڭ ئۆيى ئاشۇ سايباشىدا، دادام بىلەن بارىپ، ئۆيىنى بىر كۆرۈۋالسام دەيمەن. ئۇ: «مەن كەلدىم ئۆيۈڭگە نەچچە قاتىم، سەن پەقەت بارمادىڭ» دەپ ھەمىشە غودۇڭشۇيتى،- دەپ باھانا كۆرسەتتىم دەرھال. ئانام دادامغا قارادى. دادام: «ئەرتە يەكشەنبە بولغاندىكىن، بۈگۈن ھارىپ كەتسە، ئەرتە جىقراق ئۇخلاۋالار. بارسا، بارسۇنا بوپتۇ، ماڭە!» دەدى ماڭا قاراپ. شۇنىڭ بىلەن، خوشلۇقۇمدا، دادامنىڭ ئالدىدا پىڭىلداپ يۈگۈرۈپ ماڭدىم.
راست دەگەندەك، سايباىشى مەھەللەسى بىزنىڭ مەھەللەدىن خەلى بەكلا يىراق ئىكەن، دەسلەپ ئالدىدا يۈگۈرۈپ ماڭغان ئادەم كەيىنچە دادامغا يەتىشەلمەي، كەينىدە قالدىم. بىراق، قىزىق يەرى، دادامنىڭ سىنىپىدىكى ھەلىقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دەرسكە كەلمەگەن بالا مەنىڭ سىنىپ ساۋاقداشىم، ئاداشىم ھۈسەيىن ئىمىننىڭ تاغاسىنىڭ ئوغلى ئىكەن ۋە ھۈسەيىن ئىمىنلەر بىلەن تام خوشنا ئولتۇرىدىكەن. دادام ئاتالار سۆھبەتى قىلىدىغان ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى، مەن ھۈسەيىننىڭ ھويلاسىدا، ئۇنىڭ بىلەن ئويناپ تۇردۇم. ھۈسەيىننىڭ ئاتا-ئاناسى يوۋاش چىراي، مۇلايىم ئادەملەركەن. ھۈسەيىننىڭ يەنە چۆچۈرىدەك ئىككى سىڭلىسى باركەن تەخى.
-مۇندىن كەيىن، سەنى "گۇرۇپپامىزنىڭ ئەتىگەنلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيەتىگە كەچىكىپ كەلدىڭ" دەمەيمەن، ھۈسەيىن ئاداش،- دەدىممەن سەمىمىي كۆڭلۈم بىلەن،- ئۆيۈڭ بىلەن مەكتەپ ئارالىقى ھەقىقەتەنمۇ بەك ئۇزاق ئىكەن ئەمەسمۇ؟
ھۈسەيىن مەنىڭ بۇ ئۆزۈمنى تەكشۈرۈشۈمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەندەك قىلىپ، ئوڭ قولى بىلەن مۈرەمدىن تۇتۇپ، چىڭ بىرنى قۇچاقلاپ قويدى.
-سىزنى "دەرسكە بەك ئۇستا، 3-، 4-سىنىپلارنىڭ كىتاپلارىنىمۇ <ۋاژ-ۋاژ> ئوقۇۋەرىدۇ" دەپ، سىزنىڭ بەك گەپىڭىزنى قىلىپ بەرىدۇ بۇ بالام،- دەپ سۆزلەپ كەتتى ھۈسەيىننىڭ داداسى يانىمىزغا كەلىپ، مەنىڭ باشىمنى سىلاپ تۇرۇپ،-بىر باشلاپ كەلسەڭ، بىر كۆرسەم شۇ ئۆزى بىرىنچى سىنىپتا تۇرۇپ 4-سىنىپنىڭ كىتابىنىمۇ ئوقۇيالايدىغان ئابدۇرەئوپ ئاداشىڭنى دەيتتىم ھەمىشە. بۈگۈن داداڭىز بىلەن كەلىپ، بەك ئوبدان قىلىپسىلەر. مەن سىلەرنى بۈگۈن قوندۇرۇپ قالىمەن ئۆيۈمدە.
دادام ئۇ ئاتالار سۆھبەتى قىلغان ئۆيدىن بەكمۇ ھايال بولماي، زىيارەتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يانىپ چىقتى. ھۈسەيىننىڭ داداسى ھەلى ماڭا دەگەن گەپنى تەكرارلاپ: «قونۇپ قالىڭلار، ئەرتە سايدىكى قوغۇنلۇقۇمغا باشلاپ بارىمەن» دەپ خەلى چىڭ تۇتتى. بىراق، دادام چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزۈر ئەيتتى. قايتىش ئۈچۈن، ھويلادىن ئۇزاپ چىقساق، دادام زىيارەت قىلغان ھەلىقى ئۆينىڭ ئىگەسى ئاتتەك يوغان بىر ئەشەكنى قاتقان ھارۋاسىنى ئىشىك ئالدىدىكى يولدا توختاتىپ تۇرۇپتۇ.
- ھارۋاغا چىقىڭلار. مەن سىلەرنى ئۆيۈڭلەرگە ئاپىرىپ قويىمەن،- دەدى ئۇ كىشى. دادام ئۆزرە ئەيتىپ: «بىز ئۆزىمىز ماڭىپ كەتىمىز» دەپ چىرايلىقچە رەت قىلدى. بىراق، ھۈسەيىن ئاداشىمنىڭ داداسى گەپكە ئارالاشىپ: «ئۇ ئىمىراخۇن مەنىڭ ئىنىم بولىدۇ، تارتىنماي ھارۋاغا چىقىڭلار. سىلەر بالالارىمىزغا كۆيۈنۈپ، ئوقۇپ قالسۇن دەپ، تەربىيە قىلىپ كەلىپسىلەر، رەھمەت سىلەرگە» دەگەندىن كەيىن، داداممۇ بەك تالاشىپ ئولتۇرمادى. بىز ھارۋاغا چىقتۇق.
بۇ خۇپتەن ۋاقتىدىن خەلى ئۆتكەن چاغ ئىدى. ئاسماندا يۇلتۇزلار چاراخلاپ تۇراتتى. ئۇ يەر -بۇ يەردە، ئىتلارنىڭ ھاۋشۇشلارى ئاڭلانىپ تۇراتتى. باش كۈز ۋاقتى بولسامۇ، كەچتە ھاۋا خەلىلا سوغۇپ قالغان ئىدى. «ئانامنىڭ گەپىگە كىرىپ، يالىڭ چاپانىمنى كيىۋالغانىم ياخشى بولۇپتىكەن-ھە» دەپ ئويلادىم ۋە ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ پىچىرلادىم ئۆزۈمگە: «ئانا دەگەن ئانا-دە! كۆيۈمچان، ھەممەنى ئويلاپ يەتىدۇ».
4.
«ھاي»نى «ھۇي»، «توپاق»نى «ئۇي» دەپ بولغىچەلىك، بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئىككىنچى سىنىپقا چىقتىم، پىئونىر بولدۇم. ئاكام تۆرتىنجى سىنىپنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيەدىكى 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتى. مەكتەپ بىلەن ئۆينىڭ ئارالىقى بەكلا ئۇزاق بولغاچ، ياتاقتا ياتىپ ئوقۇيدىغان بولدى. ئاكام ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغانىغا قەۋەتلا خوش ئىدى. بىراق، مەكتەپكە بىللە بارىپ، بىللە كەلىپ، بىر-بىرلەرىنىڭ ئۆي-ھويلالارىدا بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەپ، بىللە ئويناپ ئۆگرەنىپ قالغان تام خوشنا ئاداشى ئابلىز تۇردىنىڭ ئوقۇمايدىغان بولغانلىقىدىن بەكلا خاپا بولۇپ، نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتەگىچە خوشنامىز تۇردى قارىچوڭ ئاكاشنى ئەيىپلەپ، غۇدراپلا يۈردى: «ھۇ، كاللاسى زاماندىن كەيىن قالغان قاششاق!»
-ئۇنداق دەپمۇ كەتمە، بالام، ئابلىز ئاداشىڭنى ئوقۇشتىن چىقىرىۋالىشتا، تۇردى قارىچوڭ ئاكاڭنىڭمۇ ئويلاغانى باردۇ. «يىراقتىكى تۇغقاندىن ياقىندىكى ھەمسايە ياخشى» دەپ، بىزگە ئۆز تۇغقانىدىنمۇ چارە بەلەن مۇئامىلە قىلىدۇ بۇ خوشنامىز. ئاڭلاپ قالسا، رەنجىپ قالماسۇن يەنە،- دەدى ئانام ئاكامنىڭ ئاچچىقىغا ھاي بەرىپ.
دەمەسىمۇ، «ئابلىز تۇردىنى داداسى تۇردى قارىچوڭ ناھىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغالى قويماپتۇ» دەگەن خەۋەر بۇ ئون بەش- يىگىرمە تۈتۈنلۈك غۇژمەك مەھەللەدە، ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىغا چىقىپ، غولغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى. چوڭلار، يەنى ئاتا-ئانالارنىڭ كۆپچىلىكى يەنەلا مەھەللەنىڭ يۈز-ئابرويلۇق ئادەمى بولغان تۇردى قارىچوڭ ئاكاشنىڭ تەرەپىنى ئالىپ گەپ قىلىشسامۇ، بىزدەك مەكتەپ بالالارى ھەيران-ھەسلىكتە قالغان بولدۇق: «ھۆكۈمەت بىر سىنتا پۇل ئالماي، پەرزەنتىڭىزنى تەييار مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، بىلىملىك ئادەم ۋە مائاشلىق كادىر قىلىپ بەرەي دەسىمۇ، بالاسىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالغان دەگەن زادى قاششاقلىق-تە، بۇ!»
ئابلىز تۇردى ئاكاشنىڭ سىڭلىسى، مەنىڭ بىر پارتا ساۋاقداشىم تاجىگۈل تۇردى خۇددى گۇناھغا شەرىك بولۇپ قالغان ئادەمدەك غەمكىن ۋە چۈشكۈن كەيپىياتتا يۈرۈپ كەتتى شۇ كۈنلەردە. بۇ ھالنى كۆرۈپ، نەمە ئۈچۈندۇر تاجىگۈلنىڭ كۆڭلىنى ياساپ قويغۇم كەلدى:
-ھەي،...سەن-بىز كىچىك بالا بولغاندىن كەيىن، ئاتا-ئانالارىمىزنىڭ گەپىنى يىرالمايمىز-دە شۇ. سەن چۈشكۈنلەشىپ نەمە قىلىسەن گۈلتاجى، بوپتۇ، سەن-بىز ئوتتۇرا مەكتەپتەلا ئەمەس، ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇۋەتەرمىز، ئاللاھىم بۇيرۇسا!
مەن تاجىگۈلنى باشقالار يوق جايدا ياكى بىللە ئويناغان چاغلاردا، «گۈلتاجى-گۈللەرنىڭ تاجى» دەپ ئەركەلەتىپ ئاتايتتىم. مەن ئۇنى مۇشۇنداق «گۈلتاجى» دەپ ئاتاغان ۋاقتىمدا، ئۇ «پىسسىڭڭىدە» قىلىپ بىرنى كۈلۈپ بەرەتتى. ئۇ كۈلگەندە، قىزىل مەڭزىدىكى زىناقلارى روشەنلەشىپ، تەخىمۇ گۈزەللەشىپ كەتەتتى. بىراق، بۈگۈن مەن ئۇنى «گۈلتاجى» دەسەممۇ، ئۇ كۈلمەدى، ئەكسىچە، ئىچ-ئىچىدىن بىر خىل ئەندىشە تۇيغۇسى تۆكۈلۈپ تۇرغان قاپ-قارا كۆزلەرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ دەدى:
-سەن بىلمەيسەن ئابدۇرەئوپ، نەمىشقاكىن مەنىڭ دادام بىز بالالارنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشىمىزنى پەقەت ياقتۇرمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا، مەنى «قىز بالا دەگەن مەكتەپتە ئوقۇپ نەمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ، مەكتەپكە بەرگىلى ئۇناماي، ئوقۇغۇچى تىزىملايدىغان خانىم-مۇئەللىملەرنى نەچچە قاتىم ئاتالار سۆھبەتىگە كەلگىلى سالدى. ئانام يالۋۇرۇپ، يىغلاپ يۈرۈپ، ئاران مائقۇلغا كەلتۈرگەن بۇ دادامنى. بۇ قاتىم ئاكامنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش-ئوقۇتماسلىق مەسىلەسىدە، ئۆيىمىزدە قىيامەت قوپۇپ كەتتى دەگىنە. ئانام يىغلاپ يالۋۇرۇپ باقتى؛ ئاكام ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇرۇشۇپ -بۇتناپ باقتى، ھەتتا، داداڭ پولات مۇئەللىم نەچچە قاتىم ئۆيىمىزگە كىرىپ، دادامغا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا زاكون سۆزلەپ، تەربىيەت قىلدى. ھىچ ئۈنۈم بەرمەدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، مەنىڭمۇ كۆڭلۈم ناخۇش بولدى. نەمىشقادۇر تۇردى قارىچوڭ داداشقا ئۆچلۈكۈم كەلىپ قالدى. قايسىبىر كۈنى مەكتەپتىن كەلىۋاتسام، ئۇ ئەترەتنىڭ قوغۇنلۇقى تەرەپتىن كەلىپ، ئالدىمغالا چىقىپ قالغان ئىدى، ئادەتتە، «تۇردى قارىچوڭ داداش» دەپ، سالام قىلىپ، كۆرۈشۈپ ئۆتۈدىغان ئادەم قاراپمۇ قويماي، ئالدىدىن «دوڭ-دوڭ» ماڭىپ، گەپمۇ قىلماي ئۆتۈپ كەتتىم تازا.
ئادەم ياشتا كىچىك بولسامۇ، گەزى كەلگەندە، ئويلاماي دەسىمۇ ئويلاپ قالىدىكەن بەئزەن ئىشلارنى: داداملار نەمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۈچ كۈنلۈك يەردىن كەلىپ، مۇئەللىم بولۇپ بالا ئوقۇتىدۇ؟ يەنە نەمىشقا تۇردى قارىچوڭ داداشلار ئۆزىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى مەكتەپكەمۇ بالاسىنى ئوقۇشقا بەرمەيدۇ، پەرزەنتلەرىنى ئوقۇتقىلى ئۇنامايدۇ؟
«ھەي،... دەسلەپ چوڭ بولاي، ياخشى ئوقۇسام، بىر كۈنلەردە، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپىپ قالارمەن-ھە؟» دەگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، جىمىپ قالدىم ئاخىر.
5.
مەن ئۈچىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋە يازلىق تەتىل بولۇشقا يەنە بىرەر ئاي قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دادام مەكتەپتىن تولامۇ خاپا بولغان بىر خىل قىياپەتتە قايتىپ كەلدى. ئانام ئالدىراپ سورادى:
-ۋاي، نەمە بولدىلا؟ بىرسى بىلەن خاپا بولۇشۇپ قاللامۇ نەمە؟
- ھەمشىرەم (دادام ئۆزىنىڭ ئا:چاسىنى شۇنداق ئاتايتتى) ئاغرىپ، ياتىپ قاپتۇ،- دەدى دادام تولامۇ ئەنسىرەگەن تەلەپپۇزدا،- ئەھۋالى بەكلا ناچار بولماسا، مۇنداق ئالاھىدە خەت يازدۇرۇپ، ئەسكەرتىپ كەتمەيتتى.
دادام شۇنداق دەگەچ، يانچۇقىدىن ئاغىزى ياڭىلا يىرتىلغان بىر كونۋەرتنى چىقاردى. ئاكام ئالدىراپ ئۇ كونۋەرتنى دادامنىڭ قولىدىن ئالدى ۋە ئىچىدىن خەتنى چىقاردى، ئىككىمىز بىللە ئوقىدۇق. خەتتە: «...جانىم ئۇكام، يولنىڭ يىراقلىقىدا، سەنى پەقەت ئاۋارە قىلغۇم يوقتى. رۇخسەت سوراپ كەلەلەسەڭ ئەگەر، بىر كۆرۈشۈۋالساق. ۋەسسالام» دەيىلگەنىدى.
بۇ خەۋەرنى ئۇقۇپ، ھەممەمىزنى غەم باستى، ئەمدى، قانداق قىلارمىز؟ ئەسلىدە، قەشقەردىكى بىزنىڭ شامالباغ يەزامىزغا غەرب تەرەپتىن تۇتاشىدىغان ساربان (دىھقانلار تىلىدا "سە:مەن" دەيىلىدۇ) يەزاسىنىڭ «كاندىر» دەگەن يەرىدە، دادامنىڭ بىردىنبىر تۇغقان ئاچاسى بار ئىدى. ئىسمى تىللاخان. بىز شامالباغدىكى چاغدا، ئۇ ھاممامىز ھەر قاتىم بازارلىق قىلىش ئۈچۈن شەھەرگە كەلسە، بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەي كەتمەيتتى. دادام: «بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ھەمشىرەم، ئانام-دادامنىڭ ئورنىدا» دەپ، بەك ئەتىۋارلايتتى. بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە، ئالايىتەن بارىپ يوقلاپ كەلگەنىدى تەخى.
-مەكتەپ باشلىقىغا خەتنى كۆرسەتىپ، رۇخسەت بەرىشنى ئىلتىماس قىلدىم،- دەدى دادام ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كەيىن،- بىز بىر ئويلاشىپ، ئەرتەگىچە جاۋاب بەرەيلى، دەدى تەشكىل.
شۇ گەپ بولۇپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، مەكتەپتىن رۇخسەت ئالغان دادام ھاپىلا-شاپىلا تەييارلىق قىلىپلا، قەشقەرگە ھاممامىزنى يوقلاپ كەلىشكە ماڭىپ كەتتى. بۇ قاتىم مەن دادامغا ئەرگەشەلمەدىم، ھەتتا «دادا، مەنمۇ سەن بىلەن بىللە بارسام» دەگەن گەپنى ئاغىزىمدىنمۇ چىقىرالمىدىم.
دادام قەشقەردە ئۇزۇن ھايال بولدى.
شۇ ئارادا، مەكتەپتە يازلىق مەۋسۇم ئاخىرلاشىپ، سىناق-ئىمتىھانلارمۇ ئالىنىپ بولدى. مەن ئۈچىنجى سىنىپتىن تۆرتىنجى سىنىپقا ئەئلا نەتىجە بىلەن كۆچۈپ، شاھادەتنامەمنىمۇ ئالىپ بولدۇم. مەكتەپتىن يازلىق تەئتىلگە قويىۋەتتى. ئەمدى، ئۈچ-بەش كۈن ئويناۋالغاندىن كەيىن، بۇلتۇرقى يازلىق تەتىل كۈنلەرىدىكىگە ئوخشاش ئانامنىڭ ئورنىغا ئەترەت ئەمگەكلەرىگە قاتناشىپ، ئانامنى بىر ئاز دەم ئالدۇراي، دەپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دادام قەشقەردىن قايتىپ كەلدى.
-قانداق، ئىگەچەمنىڭ كەسەلى ياخشى بولۇپ قالغاندۇ-ھە؟ تەئتىل بولغاندىكىن، ئىگەچەمنىڭ قاشىدا ئۇزاقراق تۇرۇپ كەلمەي، قايتىپ كەپلاغۇ؟،- كەينى-كەينىدىن سوراپ كەتتى ئانام تەقەززالىق بىلەن.
-ھەمشىرەمنىڭ تەن سالامەتلىكى مەن بارغاندىن كەيىن، خەلى ياخشى بولۇپ قالدى،- دەدى دادام مەمنۇن ۋە خاتىرجەم بولغان قىياپەتتە،- شۇ ئارالىقتا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارەسى كادىرلار بۆلۈمىدن مەخسۇس كادىر چىقىپ ھەمشىرەمنى يوقلادى. بەكلا خوش بولۇپ قالدىم. شۇڭا، چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ تەشەككۇر ئەيتتىم. ئۇ كادىر: «پولات ئەپەندىم، سىلى دەگەن ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى، سىلىنىڭ تۇرمۇشلارىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز...» دەگەندەك بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاغان ھەمشىرەم توساتتىنلا: «ئۇنداق بولسا، كادىر غوجام، مەنىڭ مۇشۇ دۇنيالىقتا بىرلا بولغان بۇ ئىنىمنى يوپۇ:غادىن قەشقەرگە بىر يۆتكەپ بەرگەن بولسالارى، مەن ئۆمۈرلەرىگە مىڭ مەرتەم دۇئا قىلسام» دەدى.
ئوتتۇرادا بولۇنغان گەپ شۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كەيىن، ھەلىقى كادىر يەنە چىقىپتۇ. ئىشىكتىن كىرە-كىرمەيلا:
-ئەپەندىم، ئىلتىماسلارى تەستىقلاندى. تەشكىل سىلىنى يوپۇ:غا تىيگىن 3-باشلانغۇچ مەكتەپتىن قەشقەر شەھىرى شامالباغ باشلانغۇچ مەكتەپىگە يۆتكەش ھەققىدە مەخسۇس ئالاقە خەت ئەۋەتتى. ئەمدى، سىلە بارىپ، رەسمىيەت ئۆتەپ قەشقەر شەھىرىگە يۆتكەلىپ كەلسەلەرى بولىدۇ، دەدى.
«بۇ گەپنى ئاڭلاپ، مەن بۈيزىدە قالىپ، ھەمشىرەم كۆز ياشى قىلىپ تۇرۇپ، رەھمەت ئەيتتى ئۇ كادىرغا. كەلەرشىمدە، يوپۇ:غا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىغا كىرسەم، راست دەگەندەك، يۆتكەلىش ئۇقتۇرۇشى يازىپ تەييار قىلىپ قويۇپتۇ» دەگىنىچە يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى چىقاردى دادام. ھەممەمىز بۇ ئىشنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىنى ئۇقتۇق.
شۇنداق قىلىپ، بۇ يىل 7-سىنىپقا چىققان ئاكام تولۇقسىز ئوتتۇرانى مۇشۇ يەردە پۈتتۈرىۋەتىش ئۈچۈن، يوپۇ:غا ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپىدە قالىپ قالىدىغان، قالغانلارىمىز قەشقەرگە يۆتكەلىپ كەتىدىغان بولۇپ قالدۇق.
راستىمنى دەسەم، بۇ ئىشتىن مەن بەكمۇ خوش بولۇپ كەتمەدىم. تىيگىندىن ئەمدى قايتا يەنە كەلمەيدىغان بولۇپ يۆتكەلىپ كەتىدىغانلىقىمنى ئويلاسام، سىنىپداش ساۋاقداشلارىم، مەھەللە-كويدىكى ھەمىشە بىللە ئويناپ ھارمايدىغان ئاداشلارىم كۆز ئالدىمغا كەلىۋالىپ، نەمىشقادۇر كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلەرى يارىم بولاتتى. چوڭلار ھەمىشە دەيدىغان «تەقدىر–پەشانە، قىسمەت» دەگەن مۇشۇنداق ئىش ئوخشايدۇ پەھمىمچە.
شۇنداق قىلىپ، ساق ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كەيىن، يەنە ئاتا-ئانامغا ئەرگەشىپ، يوپۇ:غا تىيگىندىن قەشقەر شامالباغقا قاراپ يولغا چىقتىم.
دادامنىڭ بۇ قاتىم كەلتۈرگەنى قىزىل تورۇق ئۈچ ئات قوشۇلغان چوڭ مەھەپە ھارۋا ئىدى. خولۇم-خوشنالار بىزنى ئۇزاتىپ تاكى ناھىيەگە ئالىپ بارىدىغان چوڭ يولغىچە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، پارتاداش ساۋاقداشىم تاجىگۈل تۇردىمۇ بار ئىدى.
ھارۋا قوزغالىشتىن بۇرۇن، مەن ئۇ گۈلتاجىم بىلەن بىر نەچچە ئاغىز ئايرىم مۇڭداشىۋالدىم. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ياخشى پۈتتۈرۈپ، چوقۇم ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر مەكتەپتىن قالماي ئوقۇشقا ۋەئدەلەشىپ، بىر-بىرىمىزگە سەبىيلەرچە قىيماغان ھالدا خوشلاشتۇق.
ئۇ ئاپپاق قوللارىنى پۇلاڭلاتىپ، تاكى ھارۋامىز دوقمۇشتىن قايرىلىپ كەتكىچە، ئەگىز بىر قىر ئۈستىدە تۇرۇپ مەنى ئۇزاتىپ قالدى...
بۇ – 1959-يىلنىڭ تومۇز ئايى ئىدى.

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟