|
مەسئۇد ئۆزىلگە مەدھىيە
ئاتاكا
مەسئۇد ئۆزىل ئەردى يەشىل مەيداندا بىر چولپان، بۈگۈن بولدى مىليونلۇق زور قوشۇنغا قوماندان. بۇزۇپ ئىسلام دۇنياسىداكى ناكەس سۇكۇتنى، ئىلاجسىز قالغان ئۇيغۇر-تۈرككە بەردى كۈچ دەرمان.
مەسئۇد ئۆزىلدۇر ئۆزى گىرمانىيەلىك ئوغلان، ھىچ بارىپ باققان ئەمەس كاشغارىيە يا تۇرپان. قارىنداشلىق دەگەن يۇرت ئايرىمايدىكەن شۇنداق، مەزمۇت بولسا ئەقىدە تەڭداشسىز تۈركىي ئىمان.
كوممۇنىست خىتتايدۇر ئىنسانلىق دۈشمەنى ئەسلىي، ياۋۇز قەستىدە ئۇنىڭ نە بىر ئۇيغۇر، تۈركىستان. يوق ئەتكۈلۈك دەپ يازمىش دەستۇرىدە ئاشكارا- بۇددىست، خىرىستيان، فالۇن، باشتا ھەممە مۇسۇلمان.
مەسئۇد ئۆزىلدۇر بۈگۈن ئادالەتنىڭ تىمسالى، بۈيۈك بىرلىك ئاڭى مەزمۇت ئەقىدە پاك مەردان. ئۇيغۇرلارغا مەدەتكار كۆپەيگۈسى ھەسسەلەپ، خىجىل بولغاي بۇ ھالدىن پرىزدىنتىم ئەردوغان.
2020-يىل1-يانۋار، ئەنقەرە، قىزىل ئاي.
|
|
ئۇقتۇرۇش

