"تارىخى ھەمىدىي"دە ئىبرەتلىك ھىكايەلەر

 

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (10)

 

ئونىنجى مەجلىس:

 

"تارىخى ھەمىدىي"دە ئىبرەتلىك ھىكايەلەر

 

در. دەريا تۈمەن

ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان "تارىخى ھەمىدىي" كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇش مەزمۇن يادروسى قىلىنغان مۇكەممەل بىر تارىخ كىتابى بولۇش شاراپەتى بىلەن، ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ۋاقىئەلەر ۋە مەزكۇر ۋاقىئەلەر ھەققىدەكى ئەمەلىي مىساللىق ھىكايەلەر بىزنىڭ ئەھمىيەت بىلەن مۇتالىئە ۋە مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر ۋاقىئە ۋە ھىكايەلەر ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان، مۇئەييەن ئاڭ ئاساسىدا ئۇيۇشۇپ، جامائەتلەشىپ ياشاش، دۆلەت قۇرۇش ۋە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پائالىيەتلەرىنىڭ دۇرۇس تامان ۋە توغرا نىشان بويىچە  ساغلام راۋاجلانىشىغا تۈرتكە   بولۇش قىممەتىگە ساھىپ بولغان مۇھىم ساۋاقلاردۇر.

ئەسەرىمىزنىڭ بۇ مەجلىسىدە، شۇ زاماننىڭ ئۇيغۇر ۋەتەنىدە روياپقا چىققان ۋە كاشغارىيە دۆلەتى قۇرۇلۇشىنىڭ نەقەدەر زۆرۈر بولغانلىقىنى ئاساسلايدىغان مۇھىم ۋاقىئەلەردىن بىر نەچچەسىگە كۆز ئاتىپ، قىسقاچە مۇلاھىزەمىزنى بىللە ئورتاقلاشىمىز.

 

خاقانى چىننىڭ مەنسەبدار ۋە لەشكەرلەرىنى كاشغارىيەدىن قايتىشقا پەرمان چۈشۈرۈشى

"خاقانى چىن بىزنىڭ بۇ يەتتە شەھەر تەرەپلەرنى «كوبەي» ( 口外كوۋەي: تاشقى ئۆلكەلەر، چىن سەپىلىنىڭ سىرتىداكى جايلار -ت) دەپ ئاتايتتى. ئۇلۇغ خان: <كوبەيدىن خەۋەر ئالىشقا شارائىت يار بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، كوبەيدە ئىشلەۋاتقان مەنسەپدارلارغا ۋە چەرىكلەرگە مائاش – تەمىنات ئەۋەتەلمەيمەن. يىللار مابەينەدە، مەن خەزىنەدىن كۆمۈش يوللاپ بەرىپ، كوبەيدەكى مەنسەپدارلارنى ۋە چەرىكلەرنى باقتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن خەزىنە سەرپ قىلدىم. بىراق، كوبەيدىن خەزىنەگە بىر نەرسە كىرىم بولمادى. شۇڭلاشقا، ئۇ يەردىكى مەنسەپدارلار ۋە چەرىكلەر كوبەينى تاشلاپ يانىپ كەلسۇن!> دەپ يارلىق قىلدى.

ئەمما، بۇ تەرەپتەكى خىتايلارنىڭ ئۇلۇغى جاڭجۈن ۋە خان ئامبان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغلارىدىن مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىم باشلىق ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ بەگ – ھاكىملارى ئۆز – ئارا مەسلىھەتلەشكەندىن كەيىن، ئۇلۇغ خانغا: <بۇ شەھەرلەرگە خانلىق خەزىنەسىدىن گولەن (国粮) – تەمىنات كەلمەسەمۇ مەيلى. بىز بۇ شەھەرلەردە كان ئاچىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قورغۇشۇن، تۆمۈر، گۇڭگۇرت قاتارلىق كان بايلىقلارىنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن تاۋلاپ، بۇ ئارقالىق، ئۇلۇغ خاننىڭ چەرىكلەرىنى باقامىز. بىز بولساق، ئەبە – ئەجدادلارىمىزدىن تارتىپ ئۇلۇغ خاننىڭ خىزمەتىدە بولۇپ، خاننىڭ دۆلەتىنى كۆرۈپ كەلگەنلەرمىز. ھالبۇكى، يارلىقلارىنىڭ روھى بويىچە، بۇ يەرنى تاشلاپ كەتسەك، ئۇلۇغ خاننىڭ شەنىگە مۇناسىپ ئىش بولماسمىكىن> دەگەن مەزمۇندا ئەرز – دوكلات سۇندى. بۇ گەپ ئۇلۇغ خانغا خوش ياقتى. ئۇ ئارقادىنلا: < ئۇنداق بولسا، ئۆزۈڭلار كان ئاچىپ، چەرىكلارنى باقىڭلار. ئەمما، ئۇششاق پۇقرالارغا ۋابال بولىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماڭلار > دەپ يارلىق قىلدى.

بۇ يارلىقنى كۆرۈش بىلەن تەڭلا، مەنسەپدارلار شەھەر – شەھەرلەردىكى پۇقرا – رەئىيەلەرنى ھاشارغا ھەيدەپ، تاغمۇ تاغ دەشتمۇ دەشت كەزىپ، كورلاپ يۈرۈپ، تاغلارنىڭ باغرىنى خۇددى ساچقاننىڭ كامارىدەك ئۆتمەتۆشۈك قىلىۋەتتى. ئەمما، كانمۇ تاپالمادى، پۇقرالارغا زۇلۇمنىمۇ ئاز قىلمادى. كان ئاچىش ئۈچۈن، مەنسەپدارلار يانىدىن بىر تىيىنمۇ پۇل چىقارمادى. كان تاپىلسامۇ تاپىلغاندۇ، ئەمما، < تاپالمادۇق> دەپ يوقاتىۋەتتى. ئۇندىن كەيىن، يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك باج پەيدا قىلدى. ھەتتا، <تۇز پۇلى> دەپ، پۇقرا – رەئىيەلەردىن پۇل ئالدى. ھەرئايدا، ئادەم باشىغا پۇل قويۇپ، ئالدى. ئۇنى <چوقا باجى> دەپ ئاتادى...

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى چەرىكلەر داقا – دۇمباقلارىنى كۆتۈرۈشۈپ، مەنسەپدارلارنىڭ ئىشىكلەرى ئالدىغا يىغىلىشتى.  ۋە: < بىزلەرنىڭ بەنسى گولەن (办事国粮 ئىش ھەققى، ھۆكۈمەت بەرىدىغان تەمىنات-ت) لارىمىزنى بەرسۇن. بولماسا، يۇرتلارىمىزغا قايتىپ كەتىمىز، ياكى بولماسا، مەنسەپدارلارنىڭ ئۆي – تەئەللۇقاتلارىنى بۇلايمىز!> دەپ غەلۋە قىلىشىپ، ئارام بەرمەدى. بۇ ھالدا، مەنسەپدارلار ئۆزلەرىنىڭ مال – مۈلۈكى ۋە جانىدىن ئەندىشە قىلىپ: < قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چەرىكلەرنى باقىش ئۈچۈن كۈمۈش بەرسە، ئۇنىڭغا مەنسەپ بەرىمىز> دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بازار – گۈزەرلەرگە گوسى خەت (告示گاۋشى: ئەلان-ت ) چاپلادى. بۇنى كۆرۈپ، بەزەن تەبىئەتى پەس خۇمسى ئادەملەر پۇل بەرىپ، مەنسەپ – ساتىۋالىشتى. بۇ خىل مەنسەپنى پۇلغا ساتىۋالغان ئەبلەخلەر پۇقرا – رەئىيەلەرگە بولغان زۇلۇم – سىتەمنى تەخىمۇ ئاغىرلاشتۇرىۋەتكەلى تۇردى. قەيەردە بولماسۇن، ئەسلىدە نام – نىشانىمۇ يوق، جەمئىيەت داشقاللارى بولۇپ يۈرگەن ئوغرى – قىمارۋاز، سەرگەردان بولسامۇ، پۇللا بەرسە مەنسەپ بەردى. مۇنداق ئادەملەردە: < مۇنداق قىلساق، پۇقرا – رەئىيەلەرگە ۋابال بولىدۇ> دەيىشنى بىلىدىغان ئاڭدىن ئىز – ئەسەرمۇ يوق ئىدى. خەلق ھەقسىزلىق قىلغان، زۇلۇم قىلغان ئادەملەرنىڭ ئۈستىدىن خىتاي مەنسەپدارلارغا ئەرز قىلسا: <چەنتۇ (缠头سەللەلىك، پوخۋاش-ت) لارنىڭ ئەرزىنى ئۇيغۇر ھاكىم سورايدۇ، شۇنىڭغا دە!> دەپ ھەيدەپ چىقىراتتى. بۇ ھالدا، ئۇيغۇر ھاكىملار ئۆزلەرىگە ئوڭچە قالغان بۇ ھوقۇقلارىنى بولۇشىغا ئىشلەتىپ، زۇلۇم – جەۋر دەگەننى ئۆز  خاھىشلارى بويىچە ئاياماي قىلىۋالدى – يا، قىلىۋالدى. ئەرز – داد ئىشلەرىنى سوراش بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن كەيىن، قورقۇنچ ئىچىدە، ھىچكىم ئەرز قىلالمايدىغان بولدى. ھەتتا، خەلق بىلەن مەنسەپدارلار ئوتتۇراسىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇڭچى – تىلماچلارمۇ ئەشەك بازارىداكى دەللاللارغا ئوخشاش بولۇپ كەتتىكى، ئۇلارغا پۇل بەرسەڭ، گەپىڭنى قىلاشىپ بەرىدۇ، بولماسا، يوق!" (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا> 166-169-بەتلەر. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل نەشرى)

مۇلاھىزە:

مىلادىيە 1840-يىللارداكى چىن-ئەنگىلىيە ئەپيون ئۇرۇشىدىن كەيىن،  دەڭىز ئارقىلىق پاراخۇتلار بىلەن كەلىپ تۈشمۇتۈشتىن تەھلىكە سالىۋاتقان غەرب دەلەتلەرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە قالغان خاقانى چىن ھۆكۈمەتى كاشغارىيەدەكى مەنسەبدار ۋە لەشكەرلەرىنى كۇلىغا (كەلگەن يەرىگە) قايتىپ كەتىش توغراسىدا پەرمان چۈشۈرگەنلىكى راستتۇر.

بۇ يەردە، مەسخىرەلىك يەرى شۇكى، ئەھمەد ۋاڭ بەگ قاتارلىق ئۇيغۇر ئەمەلدارلار مۇشۇنداق غەنىمەت پۇرسەتتىن پايدالانىپ، ئۆزلەرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەتىنى قۇرۇش ۋە ئۆزلەرىنى ئۆزلەرى ئىدارە قىلىش ئاڭ ۋە ئىدىيەسىگە ساھىب بولالماغانكى، مىڭ ئەپسۇس ۋە تۈفى!

   ئەمدى، شۇ سەھۋەنلىك تۈپەيلىدىن بولغان يۇقىرىقى زۇلمەتلىك ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە، بىر توپلۇم، شۇ قەدەر كۆپ نوپۇسلۇق بىر مىللەت ئەگەر ئاللىقانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولماسۇن، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش ئاڭىنى يوقاتىپ قويغان، ئۆزلەرىنى ئۆز-ئارا قارىنداشلارچە كەڭەش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بولۇپ ئىپادەلەنىدىغان خوجايىنلىق تۇيغۇ ۋە ئوي-پىكرىدىن مەھرۇم مەزلۇمە  ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇ خىل نەس پاسسىپلىقنىڭ نەقەدەر ئاچىنىشلىق ۋە نەقەدەر قاباھەتلىك ئاقىبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارىدىغانلىقىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەندۇر.

 

كۇچا قوزغالاڭىنىڭ كوتۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە بايان

"مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، تۇنگانىيلار جىدەل – ماجىراسى يۈز بەردى. بۇ جىدەلنىڭ ئاخىرىدا، تۇنگانىيلار چەڭجۇفۇدا (گەنسۇدا-ت) پۇت دەسسەپ تۇرالمادى ۋە چەت – ياقا يۇرتلارنىڭ بىرەرسىنى ئىگىلەپ ئۆزلەرىگە ماكان قىلىش مەقسەتىدە، مەغرىب تەرەپكە (كاشغارىيە تەرەپكە-ت) قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاغان ئۇلۇغ خان ئاشۇ غەرب تەرەپتەكى ۋىلايەت – ئۆلكەلەرنىڭ باشلىقلارىغا يارلىق ماڭدۇرۇپ: < بىر قىسىم تۇنگانىيلار ئەمرىئىتائەتىمىزدىن چىققانىدى، پەندى – نەسىھەت ۋە ۋەدە – ۋەئىد (قورقۇتۇش، ھەيۋە-ت ) لەرنى تەڭ ئىشلەتىپ يۈرۈپ، ئۇلارنى پەس كويغا چۈشۈرگەنىدۇق. ئەمما ئۇلار ھازىر ئۆزلەرىنىڭ ئەيىب – گۇناھلارى ئۈچۈن بەرىلىدىغان جازادىن قورقۇپ ۋە ئەندىشە قىلىپ، ئۆز يۇرتلارىدا تۇرالماي، مەغرىب تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئەگەر ئۇلار كۆزلەگەن مەنزىلىگە بارىۋالسا، ئۇ يەرلەردەكى تۇنگانىيلار بۇلارغا يارۇ ھەمدەم بولۇپ، ئۇششاق پۇقرالارنى بىزەۋتە قىلىش ئىھتىمالى بار. شۇڭلاشقا، ئۇشبۇ يارلىقنى كۆرگەن ھامان، شەھەر – شەھەردىكى تۇنگانىيلارنىڭ ھەممەسىنى يوقاتىڭلار – دە، نەتىجە ئۇچۇرىنى مەن ئۇلۇغ خانغا يەتكۈزۈڭلار > دەدى.

بۇ يارلىق ئىلى جاڭجۇننىڭ قولىغامۇ ئۇلاشتى. ئۇ ئەندىشەدىن نەمە قىلارىنى بىلمەگەن ھالدا: < بۇ تۇنگانىيلار ساندا جىق، خۇي – پەيلىمۇ ئۆزگەچە بىر خەلق. ئەگەر بۇ ئىشتىن ئازراقلا خەۋەر تاپىپ قالسا، بىزلەر ئاخشاملىق قىلغاچە، ئۇ تائىپەلەر ناشتالىق قىلىپ بولۇش ئىھتىمالى بار. ۋاھالەنكى، ئىچكىرىدىن كەلىدىغان تۇنگانىيلار تەخى يىراقتا، ماڭىدىغان يول مەنزىلى تەخى ئۇزۇن. شۇڭلاشقا، ئۇ كەلىدىغان تۇنگانىيلار كەلىپ بولغاچە، بۇ يەردەكى يەرلىك تۇنگانىيلارنى چاقىرىپ، مۇلايىم سۆزلەر بىلەن پەندى– نەسىھەت قىلىپ، ئەھدۇ – پەيماننى مۇستەھكەم قىلىپ تۈزسەك. بۇ ھالدا، ئۇلارمۇ خاتىرجەم بولۇپ، ئۆز ھۈنەر – كەسىپلەرىنى ۋە پۇقرادارچىلىقىنى قىلسا > دەدى.

 شۇنىڭ بىلەن، تۇنگانىيلارنىڭ چوڭلارىدىن بىر نەچچەنى چاقىرىپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەھدۇ – پەيمان تۈزۈشۈپ، قەسەملەر ئىچىشتى ۋە ئۇلارغا پەند – نەسىھەت قىلىپ چىقارىۋەتتى. ئەمما، تۇنگانىيلار  يەنەلا خاتىرجەم بولالمادى. ھەتتا كەچەلەرى ئۇيقۇغامۇ بارالماي، مەسجىد – مازارلاردا ئىبادەت قىلىش، تۈنەش ۋە نەزىرە – نۇزۇرات قىلىش بىلەن تۈننى كۈنگە ئۇلاشتى. بۇرۇن ئايدا بىرەر قاتىممۇ تاھارەت ئالمايدىغان تۇنگانىيلار ئەمدى ھەركۈنى نەچچە نۆۋەت غۇسۇل – تاھارەت ئالىپ، ئىبادەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەممە تۇنگانىيلارنىڭ غەم – ئەندىشەلەرى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيىپ كەتتى.

بىراق، ئىلى جاڭجۇن تۇنگانىيلارنىڭ خۇي – پەيلىنى بىلگەچكە، ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، تۈزۈشكەن ئەھدۇ – پەيماننى يىرتىپ تاشلادى  ۋە خاقاننىڭ يارلىقىنى ئىجرا قىلىش يۈزىسىدىن، ئۆز تەسەررۇپىداكى ھەرقايسى شەھەرلەرگە: <پالانى كۈنى، پۇستانى سائەتتە، تۇنگانىي تائىپەلەرنى قەتلىئام (ئومۇمىي قىرغىن-ت) قىلىپ تاشلاڭلار> دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەت ئەۋەتتى.

    شۇ چاغدا، ئۈرۈمچىدە <سۇ دالويە> (苏大老爷) دەيدىغان بىر تۇنگانىي بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمەتى ئىچىدە مەنسەپدار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولسا، بىر ئۆرتەڭدە سى يە (伺爷خەت – چەك باشقۇرىدىغان ئەمەلدار-ت ) ئىدى. مەزكۇر سى يە كەلگەن – كەتكەن خەت-چەكلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ يۈرۈپ، ھەلىقى ئىلى جاڭجۈن چۈشۈرگەن ئومۇمىي قىرغىن قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولۇپ قالىدۇ – دە، بۇ ئەھۋالنى دەرھال داداسىغا ئەيتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، داداسى (سۇ دالويە) شەھەر – شەھەردىكى تۇنگانىيلارغا بۇ ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خەت ئەۋەتىدۇ. جاڭجۇننىڭ بۇيرۇق خەتىنى بولسا، باسىپ قويىدۇ. سۇ دالويەنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش خەتى كەلىشى ھامان، كۇچاداكى تۇنگانىيلار بىر كەچەدەلا قوزغالاڭ كۆتۈرۈپ، بازار – ۋەيشاڭلارغا ئوت قويۇپ، ئۇچراغان خىتاينى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلۇغ خاننىڭ ئەمرىئىتائەتىدىن چىقىدۇ. (قاراڭ: شۇ كىتاب 157-159-بەتلەر)

"ھىجرىيە بىرمىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنچى يىلى، يەنى يىلان يىلى مۇھەررەم ئايىنىڭ بىرىنچى كۈنى (مىلادىيە 1864- يىل 6 – ئاينىڭ 6 - كۈنى) جەۋزا (ئەرەندىز ياكى گىزەك يۇلتۇزى) پەسلىنىڭ ئاخىرقى شەنبە كەچەسى، كۇچادا ئولتۇرۇشلۇق تۇنگانىي ماشۇر ئاخۇن، مالۇڭ شەمسىددىن خەلپەلەر باش بولۇپ، كۇچانىڭ ۋەيشاڭ (外乡) بازارلارىغا ئوت قويۇپ، مەنسەپدار، چەرىك ۋە مەيمەيچى (卖买者) لەرنى ئۆلتۈرۈپ، خاقانى چىننىڭ ئەمرىئىتائەتىدىن چىققانلىقىنى جاكارلادى." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 150-بەت، يۇقىرىدىن 2-قۇر)

مۇلاھىزە:

مۇسا سايرامىي بۇ يەردە،  19-ئەسىرنىڭ 60-يىللارىدا، كۇچادا يۈز بەرگەن خاقانى چىن ھۆكۈمەتى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغالاڭنىڭ ئەسلىدە، نەمە سەۋەبتىن ۋە ئەڭ دەسلەپتە، كىملەر باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ۋە قوزغاغانلىقىنى ئەنىق بايان قىلىپ كۆرسەتكەنكى، تارىخىي چىنلىق نۇقتاسىدىن ئالىپ ئەيتقاندا، مەزكۇر پاكىتلىق بايانلار تولامۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگەدۇر. 

 

كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ قۇرۇلۇش ھارپالارىدا

     "ھىجرىيە بىرمىڭ ئىككى يۈز يەتمىش سەككىزنجى يىلى ( مىلادىيە 1861- 1862 – يىللار ) <پەرغانەدىن كەلگەن> ۋەلىي خانتۆرەم كاشغەر شەھرىنى مۇھاسىرە قىلىپ، يەزا – قىشلاقلارنى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزدى. ئۇ نۇرغۇنلاغان پاسىق، زالىم ۋە زورگەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ،  جەسەتلەرىنى چەررەندە – پەررەندەلەرگە تاشلاپ بەردى. كاپىر، پاسىقلارنى ۋە ئەر – ئايال مۇسۇلمان پاھىشەۋازلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كەسىلگەن باشلارىنى ئارىلاشتۇرۇپ تىزىپ، ئىگىزلىكى ئون ئىككى گەز كەلىدىغان تۆرت دانە كاللا مۇنارەسى ياسادى. ئۆزى بىر بەڭگى بولۇپ، ھىچنەمەدىن قورقمايدىغان، قان تۆكۈشكە پەرۋامۇ قىلمايدىغان ئادەم ئىدى.

 شۇ كۈنلەردە، بىر سەھرالىق موماي توقاچ نان ۋە قاتىق -قايماقلاردىن داستىخان قىلىپ، تۆرەمنىڭ ئورداسىغا كىرىپتۇ. ياساۋۇلباشى: < ئى، ئانا! نەمە ئەرزىڭىز بار؟> دەپ سوراغاندا، ئۇ موماي: <تۆرە خوجامدىن ئىمان تىلەپ كەلدىم، بۇنىڭدىن باشقا ھىچبىر ئەرزىم يوق> دەپتۇ. ياساۋۇلباشى بۇ گەپنى ئاڭلاغاندىن كەيىن: < ئى، ئانا! ئەندجاندىن ئالىپ كەلگەن ئىمانىمىزنى خەقلەرگە ئىنئام قىلىپ پۈتۈنلەي تۈگەتىۋەتتۇق. ھازىر مەيلى خوجامدا بولسۇن، مەيلى بىزلەردە بولسۇن، ئىمان دىدارى قالمادى. شۇڭا، ئەندجاندىن ئىمان ئالىپ كەلىشكە بىر نەچچە ئات چىقاردۇق. ئىمان كەلگەندە، مەن خەۋەر قىلاي. شۇ چاغدا كەلىپ، ئىمان ئالىپ كەتىڭ> دەپتۇ. مانا بۇ گەپ شۇ زاماننىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا تازا مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان ۋە تولىمۇ ئاقىللىق بىلەن بەرىلگەن جاۋاب بولغانىكەن. كەيىنچە، نۇرغۇن قارا چەرىك كەلدى. تۆرەم تەڭ كەلىپ بولالماي، قاچىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، ۋەلىي خان تۆرەمنىڭ زامانىدا، بىھۇدە ھالدا نۇرغۇن قان تۆكۈلۈش بولۇپ، كۆپ ئىنسانلار ھەقسىز ھالاك بولۇپ كەتتى.

شۇ زامان ھەققىدە يەنە مۇنداق بىر رىۋايەت بار: كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر شافگەر  (تۆمۈرچى، قىلىچ ياسايدىغان ئۇستا-ت ) بىر دانە قىلىچنى تەييار قىلىپ، ۋەلىي خان تۆرەمگە تەقدىم قىلىپ، دۇئاسىنى ئالماقچى بولۇپتۇ. شۇ ئارزۇ بىلەن، ئون يەتتە – ئون سەككىز ياشلارغا كىرگەن بىردىنبىر ئوغلىنى ھەمراھ قىلىپ، تۆرەمنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپتۇ. تۆرەم ئۇنى قوبۇل قىلىپ: < ئى، ئۇستا! بۇ قىلىچىڭىز كەسەمدۇ؟> دەپ سوراپتۇ. ئۇستا ئۇنىڭغا جاۋابەن: <بەك ياخشى كەسىدۇ> دەپتۇ. ۋەلىي خان تۆرە ئارقادىنلا: <ئى، ئوغۇل! ماڭا ياقىن كەل!> دەپتۇ –  دە، ئۇستانىڭ ئوغلى ياقىن كەلىشى ھامان، مەزكۇر قىلىچنى ئۇنىڭ گەردەنىگە توغرالاپ <شارتتىدە!> چاپىپتۇ. نەتىجەدە، ھەلىقى بالانىڭ باشى چورتلا كەسىلپ، يەرگە سەكرەپ چۈشۈپتۇ. تۆرە ھىچ پەرۋا قىلماغان ھالدا: <راست، بۇ قىلىچ ياخشى كەسىدىكەن. ئۇستاغا تون ئالىپ چىق!> دەپ خىزمەتچىسىگە پەرمان قىلىپتۇ. ئاندىن، شۇ يەردىلا قىلىچ ياساغۇچى ئۇستاغا بىر چىت توننى كىيدۈرۈپ قويۇپ، مۇشۇنداق ھاقارەت بىلەن ئۇنى ئورداسىدىن چىقارىۋەتىپتۇ. قىلىچ ياساغۇچى ئۇستا ھەسرەت بىلەن يىغلاغان پەتى ئۆيىگە كەتىپتۇ." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 147-149-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ قىزىل دەرياسى بىلەن لەۋلىشىپ تۇرىدىغان غەربىي جەنۇبىي بۇرجەكىدە، "قىزىل دۆۋە" دەپ ئاتالىدىغان بىر مەھەللە بار. مەزكۇر مەھەللە ئاشۇ ۋەلى خانتۆرە دەگەن ئەبلەخ ھاكىم پەرمانى بىلەن كەسىلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار باشلارىدىن ئون ئىككى گەز ئەگىزلىكتە تۆرت دانە كاللا مۇنارەسى قوپارىلغان جاي بولۇپ، "قىزىل قان دۆۋەسى، قىزىل دۆۋە" دەگەن يەر-جاي نامى شۇنىڭدىن كەلگەن ئىكەن.

دەمەك، بۇ ھىكايەلىك بايانلار بىر تەرەپتىن، ئۆز زامانەسىدەكى سەييىد-خوجا ۋە تۆرە دەگەنلەرنىڭ زالىملىقىنى پاش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ زامانداكى ئۇيغۇر ۋەتەنىنىڭ يائقۇب بەگدەك ئاددىي خەلق ئىچىدىن چىققان، جاسارەتلىك، خەلقپەرۋەر بىر دۆلەت باشلىقىغا نەقەدەر زارىققانلىقىنى ۋە كاشغارىيە دۆلەتىدەك بىر ئادالەتلىك دۆلەتنىڭ دۇنياغا كەلىشىنىڭ  نەقەدەر زۆرۈر ۋە تەخىرسىز بولغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن دەلىللەگەندۇر.

 

قەشقەر ئىچرە بىر جاي بار ئاتىدۇر "قىزىل دۆۋە"،

ناملانىش سەۋەبكارى ھاكىم ۋەلى خانتۆرە؛

زۇلۇم قىلىپ ئاۋامغا، قىرغىن قىلىپ خەلقنى،

مۇسۇلمان كاللاسىدىن قوپارغان تۆرت مۇنارە.

 

2019-يىل 21-دىكابىر، گۆلجۈك.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟