|
مۇسا سايرامىي كىمدۇر؟
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (3)
در. دەريا تۈمەن
ئۈچۈنجى مەجلىس مۇسا سايرامىي كىمدۇر؟ مۇسا سايرامىي مىلادىيە 1836–يىل 8– ئاينىڭ 23– كۈنى، كۈنىمز ئۇيغۇر ۋەتەنىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام كەنتىدە، ئۇقۇمۇشلۇق بىر زىيالىي ئائىلەسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا ئىلىم-پەن سەۋىيەسىنى داداسى ئىيسا خوجا باش مۇئەللىم بولغان سايرام مەدرىسەسىدە ئوقۇپ ھاسىل قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىملىك مۇئەللىم داداسىدىن پەخىرلەنىش ۋە ئىلىم-پەنگە بولغان تەبىئىي ئىشتىياقى بىلەن، دەرسلەرنى تولىمۇ تىرىشىپ ئۆگرەنەتتى. شۇڭا، ئۆگرەنىشتە ئەلاچىلىقى بىلەن پۈتۈن مەكتەپتە داڭقلىق ئىدى. ئۇ ئالىي مائارىپ سەۋىيەسىنى بولسا، شۇ زامان ئۇيغۇر يۇرتىدا، ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئۆزىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ۋە مائارىپ قۇرۇلماسى بىلەن داڭقلىق بولغان كاشغەر خانلىق مەدرىسەسى (喀什葛尔皇家学院) ۋە ساچىيە مەدرىسەسى قارتارلىقلار بىلەن تەڭ ئىناۋەت ۋە ئابروي قازانغان كۇچا ساقساق مەدرىسەسىدە، باش مۇدەررىس (يەنى پروفېسسور) موللا ئوسمان ئاخۇنۇمدا ئوقۇپ ھاسىل قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىللەرىنى پىششىق ئۆگرەنگەن. ماتىماتىكا، تارىخ، جۇغرافىيە، ئاسترونومىيە، كالىندارچىلىق ۋە ئۇسۇلۇددىين (ئىسلام دىينى ئاساسلارى) قاتارلىق پەنلەرنى ئەستايىدىل مۇتالىئە قىلغان. ئۇ دەرسلەرنى تىرىك ئۆگرەنىشتەكى ئەستايىدىللىقى، تىرىشچانلىقى، مۇزاكىرە ۋە مۇتالىئە سورۇنلارىداكى پىكىرچانلىقى بىلەن، ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇنۇمنىڭ ئىپتىخارلىق ماقتاشىغا ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئەرىشكەنلىكى سۆزلەنىدۇ. مۇسا سايرامىي ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقالىق، بىر تارىخشۇناسنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەر قايسىسى بويىچە تولۇق يەتىشكەن ئۇنۋىرسال ئالىم بولۇشى لازىملىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئىنساندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، بىر بىلىم ئادەمى تارىخ بىلىملەرىدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك ئجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەممەسى بويىچە يەتىك كامالەت ھاسىل قىلغاندىلا، ئاندىن ئەسىرلەر يالداماسى سانالىدىغان ئۆلمەس تارىخ كىتابلارىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدىغان بىر تارىخشۇناس بولالايدىغانلىقىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتەكى كۆپ تەرەپلەمەلىك تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلاپ كۆرسەتىشىچە، ئۇ يازغان " تارىخى ھەمىدىي " يالغۇز بىر تارىخ كىتابىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ 19 – ئەسىر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلەرىنى – يەنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، ئۆرپ – ئادەتىنى، مىللىي پىسخولوگىيەسىنى، ئارزۇ – ئارمان ۋە ھەسرەت – دەرمانلارىنى يەتىك تىل ماھارەتى بىلەن پاساھەتلىك بايان قىلىپ بەرگەن قامۇس خاراكتىرلىك بىر شاھ ئەسەردۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر ئەسەرنىڭ گۈزەل بايانلارىدىن مۇسا سايرامىينىڭ پىشقان تىل ئۇستاسى ئىكەنلىكى ئوچۇق مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ؛ باب – پاراگراپلارنىڭ ئاراسىغا دەممۇ دەم قىستۇرۇپ تۇرغان شىئىر – نەزمەلەردىن ئالىمنىڭ يەنە ئىقتىدارلىق شائىرلىقى نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ؛ كىتابتا ھىكايەسى بەرىلگەن تارىخىي شەخسلەرنىڭ خاراكتىرى ۋە مۇرەككەپ روھىي دۇنياسىنى شۇ قەدەر جانلىق، يارقىن ۋە قايىل قىلارلىق سۈرەتلەپ بەرىشى بولسا، ئۇنىڭ كامالەتلىك بىر پىسخولوگ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، ئىبادەت ۋە رىيازەت ھەققىدەكى نازۇك شەرھلەرى ئۇنىڭ ئىسلام دىينىي ئەقىدەلەرى ۋە تەلىماتلارى بابىدا، قەلبى ئىرپان بىلەن تولغان بىر ئولەما ئىكەنلىكىگە شاھىتلىق بەرىپ تۇرىدۇ. مۇسا سايرامىي ئىنسانىي كىشىلىك ۋە كىملىك جەھەتتە، ھەقىقىي رەۋىشتەكى راستچىل ۋە سەمىمىي ئىنسان ئىدى. بىر ئىش ياكى كىشىگە باھا بەرىشتە، ئۆزىنىڭ ئۇ ئىش ۋە ئۇ كىشىگە بولغان ئامراق ياكى ئامراق ئەمەسلىكىنى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي پاكىتنى، ئەمەلىيەتنى، ھەقىقىي پاكىتنى ئاساس قىلاتتى. بۇ ھال ئۇ يازغان "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ " بىرىنجى داستان، ئىككىنچى باب: جانابى راشىددىن خان غازىي خوجامنىڭ نەسەب شەجەرەسى ھەققىدە قىسقاچە بايان (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" 181-بەت، <يەڭى تەرجىمە نۇسخا>، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019-يىل 8-ئاي)، " ئىككىنجى داستان، ئون ئۈچىنجى باب: يەتتە شەھەر پادىشاھى، ئىسلامپەرۋەر مۇھەممەد يەئقۇب بەگ ئاتالىق غازىي ۋە ئۇنىڭ دۆلەتىنى گۈللەندۈرگەن ئەخلاق – پەزىلەتى ۋە ئۇنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن گۇناھ – نۇقسانلارى ھەققىدە بايان (503-بەت) " ۋە " ئىككىنجى داستان، ئون ئالتىنجى باب: قارا يۈز نىياز ھاكىم بەگنىڭ ناچار خۇي، بولماغۇر قىلمىش – ئەتمىشلەرى ۋە زاۋاللىق ئاقىبەتى ھەققىدە بايان (554- بەت(" قاتارلىق سەھىپەلەرىدە ئۆز ئىپادەسىنى تاپقاندۇر. مۇسا سايرامىي 1917-يىلى، ئۆز يۇرتى سايرامدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەبرىگاھى ھەلىھەم ئىلىمسۆيەر خەلقىمىزنىڭ مۇھىم زىيارەتگاھلارىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە. مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ سەكسەن بىر يىللىق ھاياتىدا، تۈرلۈك ماۋزۇلاردا ئونغا يەقىن يىرىك ئەسەر يازغان كۆپ قىرلىق مەشھۇر ئالىمدۇر. ئۇ يازغان يىرىك ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىيەتلىك كاتالوگى دەپ تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن:
تارىخ، تەزكىرە-تەرجىمەھال تۈرىدەكى ئەسەرلەر: ‹1› تارىخى ئەمنىييە (ئەمنىيەتلىك تارىخى، تىنچلىق تارىخى) بۇ ئەسەر 1903 – يىلى يازىلغان. ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ ئەسەردە، ئاساسلىقى 19- ئەسىرنىڭ كەيىنكى يەرىمىدا مەيدانغا كەلگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى، خۇسۇسەن 1860 – يىللىرى ئانا يۇرت كۇچادا يۈز بەرگەن راشىددىين خوجا باشچىلىقىداكى دىھقانلار قوزغالاڭى قاتارلىق زور تارىخىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. چاغاتاي ئۇيغۇر يازىقىدا يازىلغان بۇ قوليازما ئەسەر ئەلان قىلىنغان ھامان، ئىلىم ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئەتىبارىنى قوزغاغان. شۇ زامان ئوتتۇرا ئاسىياسىداكى مەشھۇر نەشرىياتلاردىن سانالىدىغان قازان مەتبەئەسىدە مىخ مەتبەئەلىك نەشر قىلىنىپ دۇنيا ئەھلىگە تارقاتىلغان. بۇ ئەسەر تا ھازىرغىچە ماتىرىيال قىممىتى زور بولغان تارىخ كىتابلارى قاتارىدا تەتقىق قىلىنىپ كەلمەكتە. ‹2› تارىخى ھەمىدىي ( ئابدۇلھەمىد خانغا باغىشلاپ يازىلغان تارىخ كىتابى) 1908– يىلى يازىلغان بۇ ئەسەر ئىلىم دۇنياسىدا، 1903 – يىلى يازىلغان «تارىخى ئەمنىييە» ناملىق كىتابنىڭ تولۇقلانغان شەكلى دەپ ھىسابلانماقتا. ئاپتور بۇ ئەسەردە، تارىخشۇناس ئالىمغا خاس مەرىپەت ۋە پەزىلەت بىلەن، شۇنداقلا ئەجدادلارغا ھۆرمەت ۋە ئەۋلادلارغا بولغان تەربىيەت ۋە ئەستايىدىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، «تارىخى ئەمنىييە» ئاتلىق ئەسەردە چولتا، ھەتتا خاتا بايان قىلىنىپ قالغان نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەرنى يەڭىباشتىن تولۇقلاپ ۋە توغرالاپ بايان قىلغان. قوليازما ھالەتىدە ئۈچيۈز توقسان بەش بەتلىك بولغان «تارىخى ھەمىدىي» ئاتلىق بۇ ژىرىك ئەسەر ئادەتتە، مىلادىيە 1545 – يىلى مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىي تەرەپىدىن يازىلغان «تارىخى رەشىدىي» (ئابدۇررەشىد خان تارىخى) ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىدىن كەيىن، بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرەپىدىن يازىلغان ئۇيغۇر ۋەتەنىنىڭ مۇپەسسەل تارىخى بولۇش سۈپەتى بىلەن، پۈتكۈل ئىلىم دۇنياسىدا داڭقلىق ۋە ئەتىبارلىقتۇر. شۇ سەۋەبتىن، مەزكۇر تارىخ كىتابى بۈگۈنكى كۈندەمۇ ئىلىم ئەھلىنىڭ ئەتىۋار بىلەن مۇتالىئە قىلىشىغا ۋە ئىنچىكەلەپ تەتقىق قىلىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. ‹3› تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا ( ئەۋلىيالار تەزكىرەسى ) بۇ ئەسەر 1885- يازىلغان. مۇسا سايرامىي بۇ ئەسەرىدە، ئىسلام دۇنياسىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەۋلىيالارنىڭ تەرجىمەھالى ھەققىدە مەغىزلىق بايان بەرگەن. مەلۇمكى، ئەۋلىيا-ئەنبىيا ئاتالغانلار ئەمەلىيەتتە، ئىسلام تارىخىدا ھەقىقىي ياشاپ ئۆتكەن تارىخىي شەخسلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلەرى ۋە سۆز-ھەرىكەتلەرى ئىسلام ئەقىدەلەرىنى ئەمەلىي مىسال بىلەن ئىزاھلايدىغان پاكىت-بۇرھانلار كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ. ھالبۇكى، پەقەت مۇشۇ جەھەتتىن ئالىپ ئەيتقاندامۇ، مەزكۇر ئەسەر ھىلىھەم مۇتالىئە قىلىش ۋە ئەستايىدىل تەتقىقات ئالىپ بەرىش قىممەتىگە ساھىب بولغان بەلەن ئەسەر ھىسابلانىدۇ، ئەلۋەتتە. ‹4› دەربەيانى ئەسھابۇلكەھف ( غار ساھابەلەرى ھەققىدە بايان ) مىلادىيە 1895- يىلى يازىلغان بۇ ئەسەردە، ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان ئەسھابۇل كەھف (غار ساھابەلەرى) ھەققىدەكى رىۋايەتلەردىن قىسقاچە تونۇشتۇرما بەرگەندىن باشقا، ئانا يۇرتىمىز تۇرپان تۇيۇقتاكى ئاۋام خەلق تەرەپىدىن «تۇيۇق خوجام» دەيىلىۋاتقان «ئەسھابۇل كەھف ‹غار ساھابەلەرى› غارى» دەگەن ئاسارى ئەتىقە يەرنىڭ خەلقئارا ئىسلام ئىلىم سورۇنلارىدا تونۇلغان ۋە ئىلىم ئەھلى تەرەپىدىن نىسبەتەن بىرلىك بىلەن ئىتىراپ قىلىنغان ئەتىۋارلىق كىتابلاردا بەرىلگەن تەسۋىر ۋە بايانلارغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكى توغراسىدا كەڭ سەھىپە ئاجراتىپ، پاكىتلىق ئىلمىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا بولسا، يازغۇچىنىڭ يەكۈن خاراكتىرلىك پىكرى ئوتتۇراغا قويولغان. ئالىم مۇسا سايرامىي «تارىخى ھەمىدىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرىدە، مەزكۇر «دەربايانى ئەسھابۇل كەھف» ماۋزۇلۇق ئەسەرنى ئەرەب بىلىم ئادەمى سەئىدۇش شەيخ ئىبنى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەلىيۇلئەسەلىي ئەششامىي ئەتتىرابلۇسىينىڭ شۇ ماۋزۇلۇق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا يازغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. (قاراڭ: «تارىخى ھەمىدىي»، قوليازما، 354-بەت، يۇقىرىدىن 4-قۇر) بۇ ھال مۇسا سايرامىينىڭ كۆپ رىۋايەتلىك "غار ساھابەلەرى" ھەققىدەكى بايانغا تولىمۇ ئىھتىيات ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، بۇ ھەقتەكى مەزكۇر بايانلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي قاراشى ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ. ‹5› تەزكىرەئى ئافاق خوجا ( ئافاق خوجا تەزكىرەسى ) مىلادىيە 1900 – يىلى يازىلغان بۇ ئەسەردە، مۇسا سايرامىي 18- ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدا، مۆھتەرەم يولباشچى تونۇلغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن مۇرىت – مۇخلىسلارى تەرەپىدىن ئافاق خوجا (پۈتكۈل ئالەمدىكى دىيندارلارنىڭ خوجاسى) دەپ ئاتالغان ھىدايەتۇللاھ ئىشاننىڭ تەرجىمەھالى ۋە سەرگۈزەشتەلەرىنى ئومۇمىيەتلىك رەۋىشتە مەغىزلىق بايان قىلغان. تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي تەرەپىدىن يازىلغان بۇ ئەسەر ئۆز نۆۋەتىدە، ئۇيغۇر تارىخىدا، ياركەند خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كەيىنكى زامانلارنىڭ مۇھىم ھۆكۈمرانلارىدىن سانالىدىغان تارىخىي شەخس ئافاق خوجا ھەققىدە يازىلغان تەزكىرە-تەرجىمەھال كىتابلارىنىڭ ئىچىدە، نىسبەتەن ئەتىبارلىق ۋە ماتىرىيال قىممەتىگە ئىگە ئەمگەك ھىسابلانىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى: ‹1› غەزەلىيياتى مۇسا سايرامىي ( مۇسا سايرامىي غەزەللەرى ) بۇ ئەسەر 1903 – يىلى يازىلغان. « دىۋانى مەسنەۋىي» ماۋزۇسى بىلەن ئەلان قىلىنغان بۇ ئەسەردە، شائىر مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق دۇنيا قاراشىنى، كىشىلىك ئىجتىمائىي ھاياتقا بولغان چۈشەنچەسىنى ۋە تۇرمۇش قىممەت قاراشلارىنى گۈزەل شىئىرىي تىل بىلەن كەلىشتۈرۈپ نامايەن قىلغان. بۇ ئەسەر مۇسا سايرامىينىڭ ئەدەبىي يازىقچىلىق ئىستىداتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم مىراس ئەمگەكلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ‹2› قىسسەئى سىددىق (سىددىق ھەققىدە قىسسە) بۇ ئەسەر 1903 – يىلى يازىلغان. ئاپتور بۇ شىئىرىي داستان ئەسەردە، پۈتكۈل ئۆمرىنى ھورۇنلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن سىددىق ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ ھىكايەسى ئارقىلىق، بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا ياشىغان ئىكەن، ئەقەللىسى ئۆز ھاياتىنى بولۇشلۇق قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆز خەلقى ۋە ئۆز جامائەتى ئۈچۈن، مۇئەييەن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنىڭ تەبىئىي بۇرچ بولىدىغانلىقىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب، يارقىن خەلق تىلى ۋە گۈزەل قاپىيەلەر بىلەن پاساھەتلىك بايان قىلغان. مۇسا سايرامىينىڭ شائىرلىق ئىستىداتى كۆرەك قىلىنغان بۇ ئەسەر ئۆز نۆۋەتىدە، سەلبىي ئوبراز باش پىرسۇناژ قىلىنغان داستانلاردىن ئۆرنەك بولۇپ، ئۇيغۇر شىئىرىيەت تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ ئەتىبارلىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشقا مۇناسىپتۇر. ‹3› فەرھاد ۋە شىرىن 1904- يىلى يازىلغان بۇ داستاندا، مۇسا سايرامىي بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر غىياسۇددىن نەۋائىي تەرەپىدىن يازىلغان مەشھۇر «فەرھاد ۋە شىرىن» داستانىنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە مۇھىت ئىچىدە قويۇپ، گۈزەل خەلق تىلى بىلەن بايان قىلغان. بۇ ئەسەر ئۆز نۆۋەتىدە يەنە، ئۆز زامانىسىدا، مۇسا سايرامىينىڭ ئۇيغۇر شىئىرىيەتىدىكى خەمسەچىلىك ھادىسەسىگىمۇ نەزەر ئاغدۇرغان شائىر بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ‹4› سالامنامە مۇسا سايرامىينىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئەسەرى سانالىدىغان مەزكۇر شىئىرىي مەكتۇب «سالامنامە» دە، ئاپتور ئۆزىنىڭ ياشانغانلىق تۇيغۇسىنى خىيش – ئەقرىبالارىغا بولغان ساغىنىش ھىسسىياتىنى، ئىنسانىي كۆڭۈل ئىستەكلەرىنى، شۇنداقلا ئەۋلادلارغا بولغان نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلەرىنى پىشقان شىئىر تىلى بىلەن ئىپادىلىگەن. بۇ ئەسەر ژانىر ئالاھىدەلىكى جەھەتتە، مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ھۈسەيىنخان تەجەللىينىڭ نەزەربەگە سەلىماخۇن ئوغلىغا يازغان شىئىرىي مەكتۇبى «قارا ھەققىدە قەسىدە» گە ئوخشايدىغان بولغاچ، "گويا ئوخشاش بىر دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئىككى بىباھا سەمەرە" دەپ تەرىپلەنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، مۇسا سايرامىي يالغۇز بىر تارىخچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە تۈرلۈك ماۋزۇلاردا بىر مۇنچە ئەدەبىي نەسرىي ۋە نەزمىي ئەسەرلەرنى يازىپ، ئەۋلادلارغا تەقدىم قىلغان ئۇنۋىرسال يەتىك ئالىم ۋە ھەمىشە خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان تۆھپەكار بۈيۈك ئەجدادتۇر.
"تارىخى ھەمىدىي"، مۇسا سايرامىي، يادلانۇر قوشماق نام تىللادا داستان؛ تارىختىن بىزلەرگە بەرگەچكە ساۋاق، نۇرلانىپ كەلمەكتە دىللاردا ئارمان. (بىر ناخشادىن ئارىيە)
2019-يىل، 1-نويابىر، گۆلجۈك. |
|

