|
نادىر ئەسەر
دەريا تۈمەن
ئاقلاماقچى بولسا كىم ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدىنى، ئوقۇپ چىققاي شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"نى. ئەۋزەللىككە ئەيتىلغان سەمىمىي ھەمدۇ-سەنا، ئاچچىق شىپا شەربەتى نۇقسانلارغا تەنقىدى.
راستچىللىق، سەمىمىيلىك تارىخ كىتاب گىر تاشى، ۋەقە توقۇش گەپ ياساش ئەمەس ئۇنىڭ چىن ئاشى. "تارىخى ھەمىدىي"دۇر شۇنداق بىر ئۆرنەك ئەسەر ، راستگۇيلۇق ساھەسىدە گوياكى كارۋان باشى.
مىللىي خاراكتىردۇر ئىنساننىڭ مۇھىم بەلگەسى، ئۇندىن بىلىنەر مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ھەم كەلگۈسى. ئىناقلىق، ئەمگەكچانلىق روناق ئۈچۈن قاناتتۇر ، ئىرپانلىق ئۆم توپلۇمنىڭ يوق يەتەلمەس پەللەسى.
قۇربان ئەلىي چۆچەكىي تارىخشۇناس، تەرجىمان، سايرامىي مەنبە قىلغان"رىسالە"نى ئۇ يازغان ؛ پارسچىدا خوپ ماھىر مۇھەممەدنىياز شائىر ، "رەشىدىي"نى تۇنجى رەت ئۇيغۇرچە كىتاب قىلغان.
ئاتمىش يىللىق مۇدەررىس مۇھەممەد شەرىف خەلپە، "بەھرەدار ئالىم" ئاتالغان خەلقنىڭ تىل-دىلىدە. يەتتە خىل تىل ساھىبى مۇھيىدىين مىرزا باشى، يادلانۇر ھۆرمەت بىلەن تىلشۇناسلىق ساھەدە.
دۆلەت مەزمۇت بولالماس رەئىس مەردان بولماسا، خەلقچىل دەۋلەت سۆيەر لەشكەر ئارسلاندەك بولماسا؛ ئەل ئىشى جىق يۇلتۇزدىن، ئۆكسۈپ قالۇر يىلتىزدىن، ھەر ساھەگە مۇنەججىم بەستەكاران بولماسا.
ئون بەشىنجى ئەسىردە تۈركىستاندا بار ئۇلۇم(1)، ئامەرىكادا يوق ئىدى ئۇلۇغ بەگدەك ئاسترونۇم؛ شۇنداق دەيدۇر سايرامىي "ھەمىدىي"دە ئاچىنىپ: مەرىپەتنى يوق قىلغان ناكەس شەرىئەت ھۆكۈم.
ئىشىنىش غەيبكە ئۇ مۇقەددەس ئىتىقاد ئەسلىي، بىراق ئەمەس مەۋجۇدنى تۈم ئىنكار قىلىش نەسلى. رىئاللىققا كۆز يۇمۇپ، يالغانغا ئەپسۇن ئوقۇپ- يۈرسەك، قاچان مىللەتنىڭ قايتا گۈللەنىش پەسلى؟
كاشغەر، ياركەند، خوتەن ۋە ئاقسۇ، ئۇشتۇرفان، كۇچا، كوھنا تۇرفان، ئۈرۈمچى، يەنە بار چۆچەك، غۇلجا؛ "تارىخى ھەمىدىي" دە شۇنداق يازار سايرامىي، ھەر شەھەردە ئەۋزەللىك، ھەر ئەلدە بىلگىن ئەلا.
"تارىخى ھەمىدىي" بىباھا ئەنگۈشتەر كىتاب، جۈملە-جۈملە ھەممەسى گويا ۋەز، شانلىق خىتاب؛ ئۆتمۈشۈمنى بىر بىلەي، ئىقبال يول ئالاي دەسەڭ، ئوقۇپ چىققىن قارداشىم گەر ئەمەس سەن تىرىكتاپ!
2020-يىل 10-فەۋرال، گۆلجۈك. ئىزاھات: (1) ئۇلۇم- ئىلىملەر، ئىلىم-پەنلەر.
|
|

