|
ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملار
(الصكوك الاسلامية Islamic instrument or Islamic bonds or Islamic Sukuk) شەرئىي تەھلىل
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملار يېڭى پەيدا بولغان بىر تۈر بولۇپ، تۇنجىسى 1996 - يىلى يولغا قويۇلغان. هازىر مالايشىيا ۋە ئەرەب دۆلەتلەرىدە كۆپرەك ئالىپ بارىلماقتا. ئەگەر شەرئىي ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنغان تەقدىردە بۇ تۈر ساغلام بىر مەبلەغ سالىش ئۇسۇلى بولالاشى مۇمكىن. لاكىن ئەمەلىيەتتە بۇ تۈرلۈك زايوملاردا شەرئىي ئۆلچەملەرنىڭ تاپىلماقى ناتايىن. ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملارنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: چوڭراق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارىپ ئوتتۇرا ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەسسەدارلىق شىركەتىدىن بىرى قۇرۇلىدۇ. بۇ شىركەتنى بەزىدە ئىسلام بانكاسى ياكى باشقا مەبلەغ سالىش ئورگانلارى قۇرۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ شىركەت كەرەكلىك مەبلەغنى ئۆسۈملۈك قەرز ئارقىلىق يىغىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى كەڭ خەلق ئامماسىدىن پۇل - كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) ئاساسىدا يىغىدۇ. ئۇ ئىشقا 10 مىليون دوللار لازىم دەسەك، 10 دوللارلىق زايومدىن بىر مىليوننى بازارغا سالىدۇ. بۇ تۈرلۈك زايوملارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولادۇر. مەسىلەن ھەر بىرى 10 دوللارلىق. بۇ زايومدىن بىرنى سېتىۋالغۇچى 10 مىليونلۇق مەبلەغ سېلىشتا مىليوندا بىر ھەسسەگە ئىگە بولادۇر. بۇ زايوم شەرىئەتتىكى پۇل - كۈچ شېرىكچىلىكى (مۇزارەبە) قائىدەسى بويىچە بولادۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن زايومنى بازارغا سالغان ئورۇن كۈچ ئىگەسى، زايوم سېتىۋالغانلار پۇل ئىگەسى بولادۇر. پايدا شىركەت بىلەن زايوم ئىگەلەرى ئوتتۇرادا پۈتۈشكەن پىرسەنت بويىچە ئايرىلىدۇ، زىيان كۆرۈلسە زايوم ئىگەلەرىگە بولادۇر. لېكىن بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىققاندىن كەيىن شىركەت ئۇنى ئىجارە، سەلەم (پۇلنى ئالدىن بەرىپ تاۋارنى كەيىن تاپشۇرۇۋېلىش) قاتارلىق شەرىئەتكە ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىشلەتەدۇ ۋە ماڭدۇرىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئورۇننى ئىجارەگە بەرسە، ئىجارەگە ئالغۇچى ئورۇن بۇ ئورۇننىڭ ئەسلى پۇلىدىن بىر قىسمىنى ئىجارەسى بىلەن بىللە قوشۇپ تۆلەپ ماڭىدۇ. ئەسلى ئىگىدارچىلىق قانچىلىك يۆتكەلگەنسىرى شۇنىڭغا قاراپ ھەر يىلى ئىجارە ھەققى كېمەيىپ ماڭىدۇ. ئاخىرقى يىلى ئۇ ئورۇننىڭ پۇلىنىڭ ھەممىنى تۆلەپ بولغان ۋە سېتىۋالغان بولادۇر. بۇنىڭ بىلەن زايوم ئىگەلەرى ئانا سەرمايەسىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ئىجارەنىمۇ قولىغا ئالغان بولادۇر. بۇ ئەھۋالدا بۇ ئىش «كېمىيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك» ياكى «ئىگە بولۇش بىلەن ئاياغلىشىدىغان ئىجارە توختامى» دائىرەسىگەمۇ كىرىدۇ. بۇ زايومنى سېتىۋالغانلار ئۇنى ئالىپ - ساتالايدۇ. ئىگىدارچىلىقىنى، ھەدىيە بەرىۋېتىش، رەنىگە قويۇش، مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق باشقىلارغا يۆتكىيەلەيدۇ. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم بىلەن پاي چەكىنىڭ پەرقى: 1. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم ئىسمىدىن چىقىپ تۇرغانىدەك ئىسلام شەرىئەتىگە ئۇيغۇن ئالىپ بارىلىشى كېرەك. ئەمما پاي چەكى قانۇن - تۈزۈملەردە شەرىئەتكە بويسۇندۇلمايدۇ. 2. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم مەلۇم بىر ياكى بىرقانچە ئىش ئۈچۈن چىقىرىلادۇ. ئۇنى باشقا ئىشقا يۆتكەگالى بولمايدۇ. مەسىلەن بىر ئايرودروم سالىش پىلانى ئۈچۈن چىقارىلغان زايوم، ئۇنىڭدىن باشقا ئىشقا ئىشلەتىلمەيدۇ. مۇددەتى توشقاندىن كەيىن بوغۇلىدۇ. ئەمما پاي چەكى چىقارغان شىركەت خالىسا قىلىۋاتقان پائالىيەتىنى ئۆزگەرتىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە بوغۇلماي داۋاملاشىشى مۇمكىن. 3. پاي چەكى ئىگەسىنىڭ شىركەت يىغىنلارىغا قاتناشىش، ئاۋاز بەرىش، باشقۇرۇشتا رول ئالىش ۋە نازارەت قىلىش ھەققى بولادۇر. زايوم ئىگەسىنىڭ بۇنداق ھەققى بولمايدۇر. بۇ زايوملارنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 1. بۇ زايوملاردا پايدانى ئىككى تەرەپ قانچىلىكتىن بۆلۈشۈشكە ئالاقىدار ماددا زايوم بازارغا سېلىنغاندىلا ئېنىق يازىلغان بولۇشى، كېچىكتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. 2. شىركەت زىياننى ئۈستىگە ئالماسلىقى ياكى ئاز بولسىمۇ مەلۇم مىقداردا پايدا بەرىشكە كاپالەتلىك قىلماسلىقى شەرت. 3. شىركەت ۋەزىپەسىنى قۇسۇرسىز ئورۇنداپ زىيانغا سەۋەب بولماسىلا، چىققان زىيان زايوم ئىگەلەرىگە بولۇشى كېرەك. شىركەتكە بولمايدۇ. چۈنكى شىركەت كۈچىنى زىيان تارتقان بولادۇر. 4. زايومنى سودا قىلغان چاغدا باھاغا كېلىشىپ ئالىپ - ساتىشقا بولادۇر. شىركەت زايومنى كەيىنچە بازار باھاسى بويىچە ياكى زايوم ئىگەسى بەرگەن باھا بويىچە رازىلىشىپ سېتىۋېلىشقا پۈتۈشسىمۇ بولادۇر. 5. ئىش بەلگىلەنگەن مۇددەت (مەسىلەن قىسقا مۇددەتلىكى بىر يىل، ئوتتۇرا مۇددەتلىكى 5 يىل، ئۇزۇن مۇددەتلىكى 20 يىل) تە بوغۇلغاندا زايوم ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ. زايومنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى زايوم بازارغا سېلىنغاندا بەلگىلىنىشى كېرەك([1]). ئەلۋەتتە زىيان بىلەن بىرلىكتە زايوم ئىگەسى زايومدىكى ئىگىدارچىلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىقادۇرغان چىقىم ياكى باھا چۈشۈپ كەتىش سەۋەبلىك كېلىدىغان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىشى كېرەك. چۈنكى زايوم بەزىدە نەق پۇل، بەزىدە زەمىن ۋە مۇقىم مۈلۈك، بەزىدە ئۈسكۈنە ۋە پايدالىنىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى كۆرسەتىدۇرغان بولغاچقا زايوم ئىشىدا زىيان ۋە چىقىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خېيىم - خەتەر ئامىللارىمۇ خېلى بار. مەسىلەن: تېز ئېلىم - سېتىم قىلىدىغان بازار يوقلۇقى، ئىش تاپشۇرۇلغان تەرەپ ئىشنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ بەرمەسلىكى، تاۋارنىڭ ۋە پۇللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ - چۈشۈشى... شۇنداقلا ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىمۇ زايومغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرىنىڭ پۇل ۋە بانكاچىلىق سىستېماسى ئۆسۈم باھاسىغا باغلانغان. بولۇپمۇ مۇرابەھە (پايداسىغا نېسىي ئالىپ بەرىش) سوداسىغا مەبلەغ سالىشتا ئۆسۈم پىرسەنتىنى ئاساس قىلغان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق. 2010 - يىلى ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار ئىچىدە ئىجارە زايوملارى 35% نى، شېرىكچىلىك زايومى 30% نى مۇرابەھە زايومى 28% نى، سەلەم زايومى، 5% نى، مۇزارەبە 1% نى، ئىستىسنا 1% نى تەشكىل قىلغان([2]). يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوم چىقىرىش ئەسلىدە يوق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن بىر ئۇنۋېرسىتېت ياكى بىر دوختۇرخانا ياكى بىر ئايرودروم بىنا قىلىنىشى ئۈچۈن زايوم بازارغا سالىنىدۇ. ئەمما ئەسلىدە بار بىر ئۇنۋېرسىتېت ياكى بىر دوختۇرخانا ياكى بىر ئايرودروم زايوم ئىگەلەرىگە ساتىلىپ كەيىن ئۇنى بىر شىركەت زايوم ئىگەلەرىدىن ئىجارەگە ئالىپ ئاخىرىدا ئۇنى سېتىۋالسا جائىز بولمايدۇ. چۈنكى بۇ بىر خىل تەپمە ھالال قىلىنغان جازانەدىن ئىبارەت بولادۇر. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار بەزىدە مۇزارەبە زايومى، بەزىدە سەرمايە شېرىكچىلىكى زايومى، بەزىدە كېمەيىپ ماڭىدىغان شېرىكچىلىك زايومى، ياكى مۇرابەھە زايومى، ياكى سەلەم زايومى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللاردا ئاشۇ مۇئامىلىلەردە شەرىئەت بەلگىلىگەن ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىسا بولمايدۇ. يەنە بەزىدە خەير - ئېھسان زايومى بولۇپ، بۇنىڭدا ماددىي پايدا كۆزلەنمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، مۇرابەھە زايومىدا بانكا مۇرابەھە سوداسىنى قىلغاندا مۇرابەھە سوداسىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن قويۇلغان ئۆلچەملەرگە تولۇق رىئايە قىلىشى لازىم. مۇرابەھە سوداسىنى ئۆلچەملىك قىلغاندىن كەيىنمۇ بۇنىڭدىن سىرت قەرزگە بوغۇلغان خېرىدارلاردىكى قەرزنى بانكا زايوم شىركەتىگە سېتىۋەتسە توغرا بولمايدۇ. زايوم شىركەتىگە سېتىۋەتسە ئۇ شىركەت زايوم چىقىرىپ ئاشۇ قەرزنى زايوم خېرىدارلارىغا ساتىدۇ. مانا بۇ قەرزنى قەرزگە بوغۇلغان كىشىدىن باشقىلارغا سېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جازانە بولادۇر. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»مۇ بۇنى چەكلىگەن ۋە مۇنداق دېگەن: «ۋاقتى كەلمىگەن قەرزنى قەرزگە بوغۇلغان كىشىدىن باشقىلارغا ئۆز جىنسىدىن ياكى باشقا جىنستىن بولغان پۇلغا نەق سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ جازانەگە ئالىپ بارىدۇ. بۇنىڭدا قەرز نېسى سودادىن كېلىپ چىققان بولسۇن ياكى قەرز بەرىپ تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان بولسۇن ئوخشاش»([3]). يەنە بىر مەسىلە. بەزى زايوملار بازارغا سېلىنغاندا تەپسىلاتلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىق سەۋەبلىك كۆڭۈل خاتىرجەم بولالماي قالىدۇ. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار ھەققىدە قارار ئالغان ۋە بۇ قاراردىمۇ بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان زىيان ۋە باھا چۈشۈپ كېتىش، رېمونت قىلىش، سۇغۇرتالاش قاتارلىق ئىشلارغا ئالاقىدار بارلىق چىقىمنى زايوم ئىگەسىنىڭ كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، پايدا ياكى سەرمايەگە شىركەت كاپالەتلىك قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارغا ئالاقىدار ئەھكاملارنى مۇنداق بايان قىلغان: 1. زايومنى چىقارغان ئورۇن زايوم ئىگەلەرىگە قەرز بەرىپ تۇرۇشقا ياكى پايدا كۈتكەن مىقداردىن كەمىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا پۇل قوشۇپ بەرىشكە كاپالەتلىك قىلسا بولمايدۇ. ئىش بوغۇلغاندا ياردەم قىلسا، قەرز بەرسە مەيلى. ئۆرپ - ئادەتتە كاپالەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلار كاپالەت بەرگەنگە ئوخشاش بولادۇر. 2. زايوم سەرمايەسىنى ماڭدۇرىدىغان ئورۇن ئامانەت تۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ قۇسۇر ئىشلىسە ياكى بۇزۇۋەتسە، زايە قىلىۋەتسە ياكى مۇزارەبە ۋە شېرىكچىلىك ياكى ۋەكالىتەن ماڭدۇرۇش قاتارلىق توختاملارنىڭ شەرتلەرىگە خىلاپلىق قىلمىغان تەقدىردە زىياننى تۆلىمەيدۇ. 3. زايوملارنى ئاياغلاشتۇرغاندا زايوم چىقىرىلغاندىكى باھا بويىچە بوغۇشقا بولمايدۇ. ئۇنى بازار باھاسى ياكى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باھا بويىچە ئاياغلاشتۇرىدۇ. 4. زايومنىڭ قولدىن قولغا يۆتكىلىش ئىشلارىدا «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»نىڭ 30(3/4) - نومۇرلۇق تۆۋەندىكى قارارىدا كەلگەن ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنىدۇ: 1. زايومنىڭ قىممىتى تېخى پۇل ھالىتىدە بولسا ئۇنىڭغا شەرىئەتتىكى پۇلنى پۇلغا ئالماشتۇرۇش (سەرراپلىق) ئەھكاملارى تەتبىقلىنىدۇ. 2. زايومنىڭ قىممىتى مۇرابەھە سوداسىدا بولغاندەك قەرزگە ئايلىنىپ قالغان بولسا قولدىن قولغا يۆتكەشتە ئۇنىڭغا شەرىئەتتىكى قەرز ئەھكاملارى تەتبىقلىنىدۇ. يەنى ھاۋالە تەرىقەدە ئوخشاشىنى بەرىشتىن باشقىسى چەكلىنىدۇ. 3. مۇزارەبە مۈلكى نەق پۇل، قەرز، مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە پايدالىنىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنىڭ ئارىلاشماسى بولغان تەقدىردە زايومنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باھادا ئالىپ - ساتسا بولادۇر. لېكىن بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇقىم مۈلۈك، تاۋار ۋە پايدالىنىش ھوقۇقى تەشكىل قىلغان بولۇشى شەرت. ئۇنداق بولماي كۆپ قىسمىنى نەق پۇل بىلەن قەرز تەشكىل قىلسا، بۇ كەيىنكى ئىزاھلىشىمىزدا بايان قىلىنىدىغان ئەھكاملار بويىچە قولدىن قولغا يۆتكىلىدۇ. جىمى ئەھۋاللاردا قولدىن قولغا يۆتكىلىشنى زايوم چىقارغان ئورۇننىڭ دەپتەرىگە تىزىملاپ مېڭىش لازىم. 1. ئىسلامچە زايومنى جائىز دېيىش قەرزلەرنى زايوملاشقا ھىيلە ئىشلىتىشكە باھانە قىلىنسا بولمايدۇ. شۇنداقلا تاۋاردىن پەيدا بولغان قەرزلەرنى تىجارەت ئوبيېكتى قىلىۋېلىشقا ياكى ئازراق تاۋارنى قەرزلەرنى ئالىپ - سېتىشنى تەپمە ھالال قىلىۋېلىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ([4]). دېمەك، دەسلەپكى باسقۇچتا زايوم پۇللارى جەملىنىپ تېخى ئۇ پۇللار مۇقىم مۈلۈك ياكى تاۋارغا ئايلاندۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، شۇنداقلا زايوم ئىشى بوغۇلۇپ تولۇق نەق پۇلغا ئايلىنىپ بولغان ئەھۋالدا ئۇلارنى ئالىپ - سېتىشتا چوقۇم شەرىئەت بويىچە سەرراپلىق ئەھكاملارى تەتبىقلىنىشى كېرەك. يەنى 10 دوللارلىق بىر زايومنى دوللارغا ساتماقچى بولسا پەقەت 10 دوللارغىلا ساتالايدۇ. زايومنى ساتماقچى بولسا ئارتۇق ياكى كەم باھادا ساتماي، ئەسلىدىكى باھا بويىچە ساتىدۇ. پايدا تەلەپ قىلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ پۇلنى پۇلغا سېتىشتىن ئىبارەت. بۇ چاغدا بۇ ئىش يېڭى بىر سودا توختامى بولماي، ئەسلىدىكى زايوم توختامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى بۇزۇش بولادۇر. شۇنداقلا زايومدىن يىغىلغان مەبلەغ مۇرابەھە قاتارلىق نېسى سودىلارغا سېلىنغان تەقدىردە، شىركەتنىڭ قولىدا قەرزلەر يىغىلغان بولسا، بۇ قەرزلەرنى باشقىلارغا سېتىش ياكى يېڭى زايوم ئىگەلەرىگە سېتىش يۇقىرىقى «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»نىڭ قارارىدا كەلگەندەك چەكلىنىدۇ. يەنى مۇرابەھە قەرزلەرىنى زايوملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. نەتىجەدە بۇ تۈرلۈك زايوملارنى ئالىپ - سېتىشقا بولمايدۇ([5]). لېكىن بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: زايوم ئۈچۈن يىغىلغان مەبلەغ تېخى بىرەر زاۋۇت ياكى قۇرۇلۇش ياكى بىر ئورۇننى بىنا قىلىپ ئىش باشلىماي تۇرۇپ ياكى بىر قىسمى نەق پۇل ھالىتىدە تۇرۇپ قانداقسىگە ئىجارە توختاملارىنى قىلالايدۇ؟ زايومنى ئالىپ - ساتالايدۇ؟ بۇ مەسىلەنى «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» مۇزاكىرە قىلغاندىن كەيىن مۇنداق قارار ئالغان: ئالدى بىلەن ئورۇن تەييار بولماي تۇرۇپ ئۇنى ئىجارەگە بەرىش مەسىلەسىدە: 1. كەيىنچە مۇنداق نەرسىنى ئىجارە بەرىمەن دەيدىغان ئىجارەدە پۇلىنى ئالدىن بەرىشكە، قەرەلگە بۆلۈشكە ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولادۇر. 2. كەيىنچە مۇنداق نەرسىنى ئىجارە بەرىمەن دەيدىغان ئىجارەدە ئىجارەگە بەرگۈچى ئىجارە پۇلغا پەقەتلا ئىجارەگە ئالغۇچىغا ئىجارەدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى تاپشۇرغاندا ئاندىن ھەقلىق بولادۇر. 3. ئىشلەش ۋە ياللاش ئىشلارىدا ئىش ھەققىنى ئالدىن بەرىشكە، قەرەلگە بۆلۈشكە ۋە كېچىكتۈرۈشكە بولادۇر. 4. يۇقىرىقىلار شەرىئەتتە چەكلەنگەن قەرزنى قەرزگە سېتىشقا ئالىپ بارماسلىقى ياكى مەسئۇلىيىتىگە ئىگە بولمىغان نەرسىدىن پايدا ئالىشقا ئالىپ بارماسلىقى ياكى ساتقۇچىنىڭ قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشقا ئالىپ بارماسلىقى كېرەك. زايوم تېخى بىر قىسمى نەق پۇل ھالىتىدە تۇرۇپ زايومنى ئالىپ - سېتىش مەسىلەسىدە: 1. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» 188 (3/20). – نومۇرلۇق قارارىنى تەكىتلەيدۇ. 2. تېخى قۇرۇلمىغان ئورۇننىڭ زايومىنى مەنپەئەت قولغا كېلىدىغان ئورۇننى بېكىتمەي تۇرۇپ قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. 3. تېخى قۇرۇلمىغان خىزمەت سۇنۇش ئورنىنىڭ زايومىنى خىزمەت سۇنىدىغان ئورۇن مۇقىمدالماي تۇرۇپ قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ. پەقەتلا قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى بويىچە قولدىن قولغا يۆتكىلىدۇ. ئورۇن مۇقىمدالغاندا ئاندىن زايومنى قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولادۇر. 4. بۇيرۇتۇپ ياسىلىۋاتقان ۋە كەيىنچە ئىجارەگە بەرىشكە پۈتۈشكەن بىنا ياكى ئورۇننىڭ زايومىنى بۇيرۇتۇپ ياسالغان نەرسە ياسىلىشقا باشلىماستىن قولدىن قولغا يۆتكەشكە بولمايدۇ([6]). يۇقىرىقىلار ئىسلامغا ئۇيغۇن زايومغا قويۇلغان شەرئىي ئۆلچەملەر بولۇپ، ئەگەر بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىغان تەقدىردە ئۇ زايوملارنى بازارغا سېلىش ۋە ئالىپ - سېتىش جائىز بولمايدۇ. ئەمدى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام بانكالارى بازارغا سېلىۋاتقان زايوملار يۇقىرىقى ئۆلچەملەرگە چۈشەمدۇ؟ چۈشمەسە قانچە پىرسەنتى چۈشمەيدۇ؟ بۇ مەسىلەمۇ بۇ زايوملارغا مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. ئىسلام ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابدۇللاھ ئەلئىمرانىينىڭ بايان قىلىشىچە «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى» (AAOIFI)([7]) زايوملارنىڭ تىجارىي مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. «ئىسلام فىقھى كومىتېتى»مۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ ئۆلچەملەرىنى بېكىتكەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىنمىغان. دوكتور ئابدۇللاھ ئەلئىمرانىينىڭ بايان قىلىشىچە، مالايشىيادا ئالىپ بەرىلغان بىر تەتقىقاتنىڭ ئېچىپ تاشلاشىچە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ 90% تى ئىسلام شەرىئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى شەرىئەتكە زىت نېگىزلىك مەسىلە ئۇنىڭ زىيان تارتماسلىق ۋە پايدا ئالىشقا كاپالەتلىك قىلىشتەك جەھەتلەردە بازاردىكى جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىگە يېقىنلاپ قالغانلىقى بولۇپ، بۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى ئەڭ چوڭ شەرئىي چاتاق». بۇرۇن 2009 - يىلىدا «شەرئىي ئۆلچەملەر ھەيئىتى» (AAOIFI) نىڭ شەرئىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلەرىدىكى ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملارنىڭ 85% تى ئۇنىڭدىكى قايتا سېتىۋېلىش كېلىشىملارى تۈپەيلى شەرىئەت ئەھكاملارىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. كۆپلىگەن ئىسلام بانكالارنىڭ شەرئىي نازارەت ھەيئىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»نىڭ ئەزاسى شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىي بۈگۈنكى ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆسۈملۈك قەرز ھۆججىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە جىددە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەلبەرەكە ئىسلام بانكاچىلىقى 36 - قېتىملىق سەمىنەرى» دە مۇنداق دېگەن: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ناچار تەتبىقلىنىشى ئىسلام بانكاچىلىقىنى چاپىدىغان چوتقا ئايلىنىپ قالدى. ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلەرىدە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام ئۆلچەملەرىدىن پۈتۈنلەي يىراق. چۈنكى بۇ زايوملار ماھىيەتتە تەپمە ھالال قىلىپ كۆرسىتىدىغان پەردە خالاس. ھازىر بۇ زايوملار بولۇپمۇ قولتۇق دۆلەتلەرىدە ئادەتتىكى جازانەخور بانكاچىلىق بىلەن پاراللىل ماڭماقتا». شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىي يەنە ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملارنىڭ ئىسلام بانكاچىلىقىنىڭ پائالىيەتىنىڭ 70% تىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، بۇ زايوملار ئەسلىدە جازانەلىك سەنەدلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان ھالال زايوم بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىشنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ناتوغرا تەرەپلەرىنى تۈزەتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. «ئىسلام بانكالارى مەجلىسى»نىڭ رەئىسى ۋە 70- يىللاردىكى ئىسلام بانكاچىلىقىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرغۇچىلارىنىڭ بىرى بولغان سالىھ ئابدۇللاھ كامىل خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئالىملارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە شەيخ ئابدۇللاھ مەنىيئىينىڭ يۇقىرىقى تەنقىدلارىگە قارىتا مۇنداق دېگەن: «توغرا يولغا يۈتكىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بانكا ئىگەلەرى بۇ تەنقىدلەرگە قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سۈپەت جەھەتتىن ئالىپ ئېيتقاندا بىز ئارزۇ قىلغاندىن ئىنتايىن يىراق». سالىھ ئابدۇللاھ كامىل يەنە ئىسلام بانكالارىنىڭ پۇل تاپىشقا دۈم چۈشۈشىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى سېتىۋېلىشقا يۈزلەنىشى ئۇلارنىڭ ھالالنى ئىزدىگەنلىكىدىن بولغان. ئەمما ئىسلام بانكالارىنىڭ ئىگەلەرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلامغا ئۇيغۇن دەپ ئاتىۋالغان ئۇ زايوملارنى ئىسلام ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى جىقراق پايداغا ئېرىشىش ئۈچۈن بازارغا سالىدىغان بولدى». «ئىسلامىي گۈللىنىش بانكاسى» مالىيە تۈرلەرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركەزىنىڭ مۇدىرى دوكتور سامى سۇۋەيلىم ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى بازارغا سېلىۋاتقان ئىسلام بانكالارىدا بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئاڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن بۇ زايوملارنى ئاخىرىدا جازانەلىك قەرز سەنەدىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقان ياكى جازانەلىك قەرز سەنەدىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئەھۋاللار بارلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ جازانەلىك قەرز سەنەدىگە كۆنۈپ قالغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن ئۇلار جازانەلىك قەرز سەنەدىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋە يېقىن كېلىدىغان شۇنداقلا ئوخشاش ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان تۈرگە مايىل بولۇش ۋە ئادەتلىنىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن([8]). «ئىنما ئىسلام بانكاسى»(Alinma Bank) ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلمۇھسىن ئابدۇلئەزىز: «ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردىكى شەرئىي چاتاقلارنىڭ سەۋەبلەرىنىڭ بىرى ئۇ زايوملار ئىسلام شەرىئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جازانەلىك قەرز سەنەدلەرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بولغان» دېگەن([9]). مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىي مۇنداق دەيدۇ: جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىدىكى خۇسۇسىيەتلەر ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملاردا ئەينەن تېپىلمايدۇ. لېكىن ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنى بازارغا سالغۇچىلار زايوملارىدا بۇ خۇسۇسىيەتلەر يۆگەلگەن شەكىلدە تېپىلىشقا ئۇرۇنغان ۋ بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك مېخانىزملارنى پەيدا قىلغان. بۇلارنى 3 نۇقتىغا ئىخچاملاش مۇمكىن: 1. ئەسلىدە ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملار شۇ ئىشتىكى مۇقىم مۈلۈكلەردىكى پىرسەنتلىك ئىگىدارچىلىقنى كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ ئۇنى جازانەلىك قەرز سەنەدىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىك. لېكىن كەيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئىگىدارچىلىقنى كۆرسەتمەيدىغان زايوملار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ زايوملار پەقەتلا ئىگەسىگە ئۇ زايوملارنىڭ پايداسىنى ئالىش ھەققىنىلا بەرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پاي چەكىنىڭ پايداسىنى سېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، بۇ شەرىئەتتە جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا كەيىنكى ۋاقىتلاردا بانكا ئارىلاشقان ئىجارە، ئىستىسنا ۋە مۇرابەھەنىڭ بىرىكمىسى ئاساسىدا چىقىرىلغان بەزى زايوم بولۇپ، بۇ زايوملارغا مۇرابەھەنى كىرگۈزۈش قەرزنى سېتىش مەسىلەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ كۆپ قىسمىدا جازانەلىك قەرز سەنەدىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولغان ھەر قەرەلدە ئۆسۈم باھاسى (لايبور LIBOR) ئاساسىدا پايدا ئايرىپ بەرىش خۇسۇسىيىتى پەيدا قىلىنغان. بۇنى تەپمە ھالال قىلىش ئۈچۈن زايوم توختامىدا بىر ماددا يېزىلىپ ئۇنىڭدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «مەبلەغ سېلىشتىن كېلىپ چىققان ھەقىقىي پايدا ئۆسۈم باھاسى پىرسەنتىدىن ئارتۇق بولسا، ئارتۇق پۇلنىڭ ھەممىسى ئىشنى ئالىپ بەرىۋاتقان شىركەتنىڭ مۇدىرىغا ياخشى باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات تەرىقەسىدە بەرىلىدۇ. ھەقىقىي پايدا ئۆسۈم باھاسى پىرسەنتىدىن كەم بولسا، ھەقىقىي پايدا بىلەن ئۆسۈم باھاسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئىشنى ئالىپ بەرىۋاتقان شىركەتنىڭ مۇدىرى زايوم ئىگەلەرىگە ئۆسۈمسىز قەرز سۈپەتىدە بەرىشنى ئۈستىگە ئالىدۇ». بۇ قەرزلەرنى مۇدىر كەيىنكى ئۆسۈم باھاسىدىن ئاشقان ھەقىقىي پايدالاردىن ياكى زايومنى ئاياغلاشتۇرغان چاغدىكى مۈلۈكلەرنى سېتىۋېلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تۆلىتىۋالىدۇ. 3. ھازىرقى ئىسلامغا ئۇيغۇن زايوملارنىڭ ھەممىسى جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىگە ئوپئوخشاش زايومنى ئاياغلاشتۇرغاندا زايوم سەرمايەسىنى ئىگەسىگە قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ زايوم چىقارغان شىركەتنىڭ كەيىنچە زايوم ئىگىدارچىلىقىدىكى مۈلۈكنى بازاردىكى باھاسى قانچە بولىشىدىن قەتئىينەزەر زايوم باشلانغاندىكى ئەسلىي باھا بويىچە سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرىشى بىلەن بولادۇر. بۇ مۇرەككەپ مېخانىزم ئارقىلىق ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملار جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتىگە ئىگە قىلىنغان بولادۇر. نەتىجەدە زايوم ئىگەسىگە ئۆسۈم باھاسى ئاساسىدا پايدا بەرىش ۋە سەرمايەنى زايوم ئاياغلاشقاندا تولۇق قايتۇرۇپ ئالالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ([10]). مۇھەممەد تەقىي ئوسمانىينىڭ دېيىشىچە، «ئەگەر ئىسلام شەرىئەتىنىڭ كۆزلەگەن نىشانلارى ۋە ئىسلام ئىقتىسادىنىڭ غايەلەرى نۇقتاسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىنىڭ خۇسۇسىيەتلەرىنىڭ كۆپ قىسمى تېپىلغان بۇ زايوملار كۆزلەنگەن ئاشۇ نىشان ۋە غايەلەرگە پۈتۈنلەي خىلاپ كەلىدۇ. جازانە ھارام قىلىنىشتىكى ئېسىل نىشان تىجارەت ۋە سانائەت ئىشلارىدىن كەلگەن كىرىم شېرىكلەر ئوتتۇرىدا ئادالەت ئاساسىدا تەقسىم قىلىنىشىدۇر. ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملارنىڭ مېخانزىمى بۇ ئاساسنى تېگىدىن ئۆرۈپ تاشلاپ، بۇ زايوملارنى ئىقتىسادىي نەتىجەسى جەھەتتىن جازانەلىك قەرز سەنەدلەرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق خۇلاسەلەيدۇ: «ئەسلىدە ئىسلام بانكالارى ئىسلام ئىقتىسادى نىشانلارى ئاساسىدا ھەقىقىي ئىشلارغا يۈزلەنىشى ۋە جازانە ئىشلارىغا ئوخشاپ قېلىشتىن قەدەممۇ-قەدەم يىراقلىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ھازىر بولۇۋاتقانى تامامەن ئەكسى. چۈنكى ئىسلام بانكالارى جازانەخور بازار ئالاھىدىلىكلەرىنى ئۇجۇرىدىن بۇجۇرىگىچە تولۇق سۇنۇشتا بەسلەشمەكتە. جازانەدىن يىراقلاشىشنىڭ ئورنىغا جازانەگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئارقىغا چەكىنىدىغان يېڭى تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ يېڭى تۈرلەر كۆپىنچە ئەھۋالدا ساغلام پىكىرمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان، دۈشمەنلەرمۇ قوڭىدا كۈلىدىغان ھىيلىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولادۇر»([11]). خۇلاسەلەسەك، ئىسلامغا ئۇيغۇن دەيىلگەن زايوملار ھەقىقەتەن شەرئىي ئۆلچەمگە رىئايە قىلىنغان ئاساستا بازارغا سېلىنسا، ئۇنى ئالىپ سېتىشتىكى ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىپ ئالىپ - سېتىشقا بولادۇر. ئۇنداق بولمىسا، - ئەمەلىيەتتىمۇ كۆپ قىسمى ئۇنداق ئەمەس، - ئۇنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
زايوملار شېرىكچلىك ئاساسىدىكى تىجارىي ئىشنىڭ سەرمايەسىدىكى نېسىۋىنى كۆرسىتىدىغان ھۆججەت بولغاچقا، ئەگەر بۇ زايوم ھالال دائىرىدىكى تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ زايومى بولسا بۇ تۈرلۈك ھۆججەتلەردىكى مال - مۈلۈككە زاكات ئايرىش پەرز بولادۇر. چۈنكى بۇمۇ مال - مۈلۈكتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿سەن ئۇلارنىڭ ماللارىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلارىنى) كۆپەيتكەيسەن﴾([12]). ھازىرقى دەۋردىكى «ئىسلام فىقھى كومىتېتى» ۋە «زاكات قۇرۇلتىيى» قاتارلىق فىقھى ئورگانلارى ھالال دائىرىدىكى پاي چەكىغا زاكات ئايرىش پەرز دەپ قارار ئالغان بولۇپ، زايوملار پاي چەكىگە قىياس قىلىنىدۇ([13]). بۇنىڭغا ئاساسەن، زايومدىكى ئىقتىساد قەرزدىن خالى، يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا تولۇق ئىگىدارلىقى بولغان، زاكات بەرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بايلىق بولسا ئاندىن زايومنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە زاكات ئايرىش پەرز بولادۇر. ئەگەر بۇ زايوملار ئىجارە زايوملارى بولغان تەقدىردە، زاكات ئۇ زايوملارنىڭ ئومۇم پۇلىغا ئەمەس، كىرىمىگە كەلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىجارەدىن كىرگەن كىرىمنى قولىدىكى ئىقتىسادقا قوشۇپ يىل ئاخىرىدا %2.5 زاكات ئايرىيدۇ. ئارىدا بۇ زايوملارنى سېتىۋەتسە پۈتۈن پۇلنى قولىدىكى پۇللارغا قېتىپ ھەممىگە %2.5 مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ. قانچىلىك زايومغا قانچىلىك مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ؟ بۇ زايوم ئىگەسىنىڭ نىيىتى ۋە زايومنىڭ قايسى تۈرگە مەبلەغ سېلىنغانلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر زايومنى ئالىپ - سېتىپ پايدا ئالىش ئۈچۈن ئەمەس، بۇ زايومنىڭ پۇلىغا زەمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى ئىجارەگە بەرىش ئارقىلىق يىللىق ياكى مەۋسۇملۇق غەللەسىدىن پايدالىنىش ئۈچۈن سېتىۋالغان تەقدىردە، بۇ زەمىن مەھسۇللارىنىڭ زاكاتىغا ئوخشاش، پاي چەكىنىڭ ئانا پۇلىغا زاكات ئايرىماستىن، ئۇنىڭدىن ئالغان يىللىق ياكى مەۋسۇملۇق پايداغا قولىغا ئالىپ بىر يىل ئۆتكەندە 2.5% مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ. ئەگەر زايومنى ئالىپ - ساتىپ پايدا ئالىش ئۈچۈن ياكى بۇ پاي چەكلارىنىڭ پۇلىغا زەمىن ۋە تۈرلۈك نەرسىلەرنى ئالىپ - سېتىپ پايدا ئالىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسا، ئۇنىڭغا تىجارەت ماللارىغا زاكات ئايرىغاندەك زاكات ئايرىيدۇ. يەنى ھەر يىلى زاكات بەرىش ۋاقتى كەلگەندە پاي چەكىنىڭ بازاردىكى باھاسى بويىچە قىممەتىگە ۋە ئۇنىڭدىن ئالغان پايداغا 2.5% مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ. ئەگەر يىل توشماستا زايومنى سېتىۋەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ پۇلىنى قولىدىكى پۇللارغا قوشۇپ، زاكات بەرىدىغان ۋاقتى كەلگەندە ھەممىگە بىراقلا زاكات ئايرىيدۇ([14]).
|
|

