ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى

ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى

(چاتما ئەدەبىي خاتىرە)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

بەشىنجى باب

 

كاشغەرىي يىلىدىكى ئوپال قەبرىگاھ زىيارەتى

 

مىڭ يىلغا قۇت! يەنە مىڭ يىلغا پىلان،

كۆمۈلمەس ئەجدادنىڭ ھىدايەت ئىزى؛

ئىلىم-پەن مەشئەلى قوللاردا ئەگىز،

ئەۋلادلار بەستىدە نۇسرەت جىلۋەسى.

نەقرات:

كاشغەرىي ۋەتەننىڭ ئابىدە تاشى،

مەھمۇد بار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ تىك باشى!

("كاشغەرىيە سەلكىنلەرى" 51-بەت. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020-يىل، ئىستانبۇل)

 

ئۈرۈمچىدىكى سۇكۇنات

    6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئەرتەگەن سائەت 7:40نىڭ ئايروپلانى بىلەن سەپەرگە چىقىپ، سائەت 10:20 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى) ئۈرۈمچى دې ۋو پو ئايرودۇرۇمىغا كەلدىم و الخمد للە!

   7-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈش سائەت ئون ئىككىلەردە، مىئراج رەستورانىدا، ئەختەم ئۆمەر ۋە ئابدۇزاھىر ھاجىم، كەرەم لىدەرلەر بىلەن چۈشلۈك تاماقلىق كۆرۈشمەدە بولدۈم. «سىز بىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئىلىم ئادەمىمىز، كاشغەرىي يىلى خوشخەۋەرىنى ئالىپ، ئۈرۈمچىمىزگە خۇش كەلىپسىز، شەھەرىمىزدىكى تۇرمۇشىڭىز قولايلىق بولغاي. ئوپال قەبرىگاھ زىيارەتى پائالىيەتىڭىز نۇسرەتلىك بولغاي» دەدىلەر. سائەت ئىككىلەر بولغاندا، مەنى «پارلاق» مىھمانسارايىغا ئاپىرىپ، 8018 نومۇرلۇق بىر سالۇن ۋە ئىچكەرى-تاشقارى ئىككى خانەسى بار خاس كۆلەملىك ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. كاشغەرىي يىلىدىكى بۇ مۇكاپاتلىق مۇئامىلەدىن بەكمۇ تەئسىرلەندىم، خەيرلىك بولغاي!

  ئۈرۈمچىدە بولغان ئون ئۈچ كۈن ئەس-يادىم قەۋم-قارىنداشلار بىلەن بىللە مەزكۇر دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئىستەكىدە ئوت بولۇپ يانغان چاغلارىم بولدى: ئۈرۈمچىدىكى ئىنى بۇرادەرىم، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جۈمە بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرىسى نازىر، تۆۋەنى پروگرامما رىياسەتچىلەرى، گەزىت-ژۇرنال باش مۇھەررىرلەرى ۋە شەخسىي شىركەت لىدەرلەرى، ئالىي مەكتەپ پروفەسسورلارى بىلەن مۇڭداشتىم. ئۇلارنى دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بىلەن تەبرىكلەدىم؛ ئۇلارنى قۇرۇقتىن-قۇرۇق تەبرىكلەمەدىم، بەئزىلەرىگە مەكتەپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن مەھمۇد كاشغەرىي مايكاسىنى تەقدىم قىلدىم؛ يەنە بەئزىلەرىگە يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلارىمىز ياساتقان بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن "دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە ئىزناكى"دىن بىرەردىن تەقدىم قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئۇلارنى ئۆز ئىمكانلارى دائىرەسىدە، مۇئەييەن كۆلەملىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزلەرىنىڭ بۇ قۇتلۇق يىلغا بولغان مەمنۇنىيەتىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادەلەشلەرىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئوچۇق بىلدۈردۈم. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ ھەممەسى خۇددى خاس مەجلىس ئاچىپ پۈتۈشىۋالغاندەكلا بىر قالىپتا جاۋاب بەرىشتى: " بۇ بەكمۇ ياخشى تەكلىپ بولدى، بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇمىز بار. ئەمما قىزىل سەللەلىك ھۆججەت بارمىكىن-ئا؟ بۇ يىل بەيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقەسى تەنتەنەسىگە تالىق بولماغان ھەر قانداق پائالىيەتنى قىلىشقا مۇتلەق بولمايدۇ، دەگەن ئۇقتۇرۇش بار. بىزنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانىمىز تەرەپىدىن ئىجازەت بەرىلگەنلىك خاس ھۆججەتى بولماسا، سىزگە ماسلاشىپ كوللىكتىپ پائالىيەت قىلالمايمىز -يا بىز بۈيەردە!؟"

 

قەشقەردىكى جاسارەت

 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كەيىن بىردە، قەشقەر تامان ئايروپلان سەپەرى قىلدىم، سائەت ئۈچلەردە قەشقەر زۇڭقاراۋۇل ئايرودۇرۇمىغا سالامەت كەلدىم.

قەشقەر ئايرودۇرۇمىدا، ماشىنا ئالىپ چىققان بۇرادەرىم ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل بىلەن ئوغلى ئابدۇلھەپىز ئابدۇلقەييۇم ئىستىقبالىمدا بولدى. ئاقشام تەلىفوندا، ئاز-تولا  مەسلىھەتلەشىۋالغان ئىدۇق. شۇ بويىچە، شەھەرگەمۇ كىرمەي، ئۇدۇل ئابدۇلقەييۇم بۇرادەرنىڭ بەشكەرەمدىكى باغلىق قوراسىغا بارىپ چۈشتۇق. بۇ يەردە، ئوتتۇز قىرق يىللىق بۇرادەرلەرىمىزدىن تۆرت-بەشەيلەن ساقلاپ تۇرغانىكەن، خوشھال كۆرۈشتۇق.

مانا بۇ قەشقەر بەشكەرەم، گۈل-گىياھ ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ تونۇش پۇراقى بىلەن تويۇنغان ساپ ھاۋالىق، باغۋارانلىق يەزا؛ شەھەردىن، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن يىراق راھەت ماكان. ھويلانىڭ شىمالغا قاراپ ئاچىلغان دەرۋازەسىنىڭ ئالدى ماشىنا پاتقۇدەك توپا يول. يولنى بويلاپ، غەربتىن شەرققە ئاقىدىغان ئاۋات ئۆستەڭى قاچان قاراساڭ لىق سۈيى بىلەن ئاقىپ تۇرىدۇ. دەرەخلەردىكى قۇشقاچلارنىڭ شاد سايراشى، ئۆگزىلەردىكى كەپتەرلەرنىڭ يارقىن ئۈنلەشلەرى، ۋەتەن سۈيى، مەھەللە توپاسىنىڭ تونۇش پۇراقى قاتارلىقلار تەبىئىي ھالدا، بالالىق چاغلارىمنى ئەسلەتكەن ھالدا، سەمىمىي قۇچاقلادى مەنى گويا.

   -ئۈرۈمچىدىكى پروفەسسورلاردىن ھەرگىزمۇ رەنجىمەڭلەر، ئاغىنەم،- دەدى ئابدۇلقەييۇم بۇرادەر، بىز بىر قۇر چاي-پاي ئىچىشىپ، رەتتىكى پاراڭلارىمىزنى قىلىشىپ بولغاندىن كەيىن، رەسمىي ماۋزۇغا كۆچۈپ،- ئۇلارمۇ سىلەر-بىزلەرگە ئوخشاش ئوتتۇز-قىرق يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئورگانلارىدا مائاشلىق ئىشلەپ كەلگەن زىيالىيلار. قۇلاق تىنچ ھالدا ئارامغا چىقىۋالىشتىن باشقا بۈيۈك ئازۇسى قالماغان ئادەملەر. ئىسلاھات سىياسەتى ئالىپ كەلگەن دىموكراتىيە بەيجىڭدىن بۇ چەگرا رايونلارغا كەلىپ بولغىچە، خوراپ ھەتتا تۈگەپ كەتىدۇ، دەسەكمۇ خاتالاشمايمىز. بىراق، سىلەر شۇ بەيجىڭ دىموكراتىيەسىنىڭ ئىلھامى بىلەن، مۇشۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى قىلايلى، دەپ كەلگەنىڭلارنىڭ ئۆزى بۈيۈكتىن بۈيۈك پائالىيەت. بۇ ئولتۇرغان ئاغىنەلەر بىلەن بىز سىلەر كەلىشتىن بۇرۇن مەسلىھەتلەشىپ كۆردۇق. سىلەرنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك ئاغا-ئىنىڭلار بولۇش سۈپەتىمىز بىلەن، بىز سىلەرنى ئاغىزىمىزدەمۇ، كۆڭلىمىزدەمۇ ۋە ئەمەلىي پائالىيەتىمىزدەمۇ سەمىمىي قوللايمىز. مەنىڭچە، قەبرىگاھ زىيارەت پائالىيەتى مەسىلەسىنى بۇ قەشقەر شەھەرى ئىچىدە ھازىرچە بەك داۋراڭ سالمايلى. سىلە ماڭا ھەلىقى بەيجىڭدىكى ئاشۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىڭلەر يازىپ بەرگەن ئىجازەت خەتىڭلەرنى بەرىڭلار. مەن ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئاشۇ مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى جايلاشقان توققۇزاق ناھىيەسىگە بارىپ، مۇناسىۋەتلىك باشلىقلارنى تاپىپ، ئىجازەت سوراپ باقاي. كادىرلارىمىزنىڭ ھەممەسى ۋە ئەللامەسى پۈتۈنلەي جانباقتىلەشىپ كەتكەنىمۇ يوق، ۋىجدانلىق ياخشى ئادەملەرمۇ بار. بىز بار ئىمكانىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتەيلى.

   بۇ كۈنلۈك مەسلىھەتلەشىشىمىز شۇنچەلىك بولدى. ئەرتەسى مەن بىزنىڭ پائالىيەت رەھبەرلىك گۇرۇپپاسىدىكىلەرنىڭ تەلىفونلۇق مۇزاكىرەسىدىن ئۆتكۈزۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخاناسى لابراتورىيە بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، مەزكۇر پىنسيونىر بۇرادەرىم ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇلنى قىرق كىشىلىك زىيارەت پائالىيەتى كوللىكتىپىمىزنىڭ كومىسسارى بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. بۇرادەرىم ھىچ نىزىقاپ ئولتۇرمايلا مائقۇل بولدى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى بولغاندا، كومىسسار ئابدۇلقەييۇمدىن زەپەرلىك خەۋەر ئالدۇق: "توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سەكرىتارى مۇساجان ئۆمەر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 25-ئىيۇل ئوپال قەبرىگاھ زىيارەتى بەلگەلەنگەن ۋاقتىدا ئالىپ بارىلىدىغان بولدى!"

 

ئوپالدىكى شاراپەت

2008-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۈمە، بۇ ئۇنتۇلماس كاشغەرىي يىلىدىكى قىممەت جەھەتتە بىر ئەسىرگە تاۋاپ بىر كۈندۇر!

بۇ كۈنى قەشقەردە ھاۋا ئوچۇق، قۇياش نۇرى گەردەنلەرنى كۆيدۈرۈپ تۇرسامۇ، قىبلە تەرەپتىن ئۇرغۇپ تۇرغان سالقىن شامال ئىڭەكلەرىمىزدىن ئەركەلەتىپ سۆيۈپ تۇراتتى. بەيجىڭ مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى تەرەپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلىدا، بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش پائالىيەتى» كاشغەرىينىڭ ئانا يۇرتى قەشقەردە، رەسمىي باشلاندى!

سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى توققۇزدا، قەشقەرگە مىھمان ئوقۇغۇچىلارىمىز چۈشكەن «ساربان يولى مىھمانسارايى» دەرۋازاسى ئالدىدا جەم بولدۇق. ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ئەپەندى زىيارەتچىلەر ئەترەتىمىزنىڭ سىياسىي كومىسسارى بولۇش سالاھىيەتى بىلەن، شەخسەن ئۆزى ئالاقەلاشىپ ھەل قىلغان چوڭ ئاپتوبۇس بىزنى ئالىپ، ئوپال تامان يۈرۈپ كەتتى.

   ئاپتۇبۇسىمىز توققۇزاق ناھىيەسىگە يەتىپ كەلگەندە، ناھىيەلىك پارتكوم ئىدارەسى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ناھىيەلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتىقەلەر باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم ئەپەندى بىزنى قارشى ئالدى.

-قەشقەر شەھەرىدىن ناھىيەمىزگىچە بولغان ئارالىقتىكى خاس توساقلىق ئۈچ تەكشۈرۈش پونكىتىغا خاس ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان ئىدۇق. بىرەر ئاۋارەچىلىق بولماغاندۇ-ھە؟،- دەپ سورادى ۋارىسجان ئەپەندى كومىسسارىمىز ئابدۇلقەييۇم ئەپەندىدىن.

 -ياق،- دەدى ئابدۇلقەييۇم ئەپەندى،- بىزمۇ ھەر ئىھتىمالغا قارشى ئىھتىيات ئۈچۈن، كاشغەرىي پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيىۋالغانلارغا، ئۈستىگە يالىڭ چاپان كىيىۋالىشنى ئۇقتۇرغان ئىدۇق. قائىدە بويىچە ھەممەمىزنى ماشىنادىن چۈشۈرۈپ، خاس تار ئىشىكتىن بىردىن-بىردىن ئۆتكۈزدى-دە، بىراق سومكالارنى ئاختۇرمادى. بايراق ۋە قاتلاما بايراق دەستەلەرىمىزنى سالامەت ئالىپ چىقتۇق.

 ئاندىن، ۋارىسجان رەھىم ئەپەندى خاس ماشىناسى بىلەن بىزگە يول باشلاپ ئالدىمىزدا ماڭدى. ئوپال كەنتىگە يەتىپ بارغاندا، كەنت دوختۇرخاناسىنىڭ باشلىقى ھىمىت ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئالىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق. سائەت ئونلاردا، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى باغچاسىغا ئىھتىرام قەدەمى بىلەن كىرىپ كەلدۇق.

رەتلىك قاتار بىلەن كەتىۋاتقان زىيارەتچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا، «مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتەتى يازلىق تەئتىل پائالىيەت ئەترەتى» دەگەن بايراق لەپىلدەيتتى؛ قەلبلەردە بولسا، مىڭ يىل مابەينىدە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئەسلەشى ۋە خاتىرەلەشىگە مۇيەسسەر بولغان ۋە بۇ 2008-يىلنى «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» قىلغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىيگە بولغان ساغىنىش، تەلپۈنۈش ۋە غۇرۇرلانىش تۇيغۇسى مەۋج ئۇراتتى.

   قەبرىگاھ باغچاسى ئىچىدىكى توقسان يەتتە پەلەمپەي يانىدىكى ھاۋالىق كەڭ سۇپادا، ناھىيەلىك مەدەنىي ئاسار-ئەتىقەلەرنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋارىسجان رەھىم ئەپەندى پائالىيەت ئەھلىگە مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى باشقۇرۇش ئورگانىنىڭ ياقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىزمەتلەرى ۋە مۇندىن كەيىنكى پىلانلارى ھەققىدە ماغىزلىق قىلىپ ئومۇمىي چۈشەنچە بەردى. زىيارەتچىلەرنىڭ قىزىقىشلىق سوئاللارىغا ئەرىنمەي، بىر-بىردىن جاۋاب بەردى،

   ئارقادىن، توقسان يەتتە پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى خاسىيەتلىك «ھاي-ھاي تەرەك» كۆكلەپ تۇرغان چەشمە بۇلاق بويىدا، لەۋھە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا، مەزكۇر زىيارەت پائالىيەتىنىڭ يەتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولمىش مەن ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي «2008-يىلنىڭ ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى› بولغانلىقىنى چىن يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمىز» دەگەن ئۇيغۇرچە خەت يازىلغان جىگەر رەڭلىك دۇخاۋا لەۋھەنى زىيارەت پائالىيەتى ئەھلىگە ۋاكالىتەن، ۋارىسجان ئەپەندىگە تەقدىم قىلدىم. ھاياجانلىق قىسقا نۇتۇقۇم ۋە ۋارىسجان ئەپەندىنىڭ سەمىمىي تەشەككۇرى شۇ مەيداندىكى يۈزلەرچە زىيارەت ئەھلىنىڭ قىزغىن چاۋاكلىق ئالقىشىغا نائىل بولدى.

   ئارقادىن، بۈيۈك بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قەبرىسى تاۋاپ قىلىندى. كاشغەرىي بوۋامىز ياتقان بۇ گۈمبەزلىك ئۇلۇغ ئۆيگە كىرگەندە، ئوغۇل-قىز تاۋاپ ئەھلى ئوڭ قولىنى يۈرەكى ئۈستىگە قويغان، باشى ئىھتىرام بىلەن ئەگىلگەن ھالدا، قەبرىنى ئاستا بىر ئايلانىپ چىقتى. ئاندىن، قەبرىگاھنىڭ چەشەندۈرگۈچى خىزمەتكارى دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل خانىم ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇرغان سۈزۈك ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن، بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئادەمىي ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلەرى توغراسىدا تونۇشتۇرما قىلدى. پايتەخت بەيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىر –دوكتور ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلارى مەزكۇر تونۇشتۇرمانى ئاشۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى سىنىپلارى ۋاقتىدىن باشلاپ ئاڭلاپ كەلىۋاتقانلىقىغا قارىماي، خۇددى تۇنجى قاتىم ئاڭلاۋاتقاندەك ئىشتىياق بىلەن بەرىلىپ ئاڭلادى. ياش ۋە گۈزەل رۇخسارلىق ئەۋلادلار بىلەن تولغان شۇ ئاندىكى بۇ تۇپراق باشى بەجايىكى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن پۈركۈنگەن گۈلزارلىقنى ئەسلەتسە، دىلنۇر خانىم بولسا، گۈلزارلىقتا خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان شوخ بۇلبۇلنى خاتىرەلەتەتتى ئىنسانغا!

   ئارقادىن، زىيارەتچىلەر تىلاۋەت ئۆيىگە كىرىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە دۇئا-تىلاۋەتتە بولدى. كۆرگەزمە ئۆيىگە كىرىپ، 2005- يىلى قەشقەر شەھەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىبەتى بىلەن، مەزكۇر مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىلمىي پائالىيەتلەر سۈرەتلەرى، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلارى ۋە ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ زىيارەتلەرى خاتىرەلەنگەن سۈرەت، ئىمزانامە قاتارلىق تۈرلۈك بۇيۇملارنى، سوۋغات-ھەدىيەلەرنى مەمنۇنىيەت بىلەن كۆردى.

   ئارقادىن، ئۇزاقتىكى ئاستانە، پايتەخت بەيجىڭدىن كەلگەن بۇ زىيارەتچىلەر قەبرىگاھ باغچاسىدىكى تۈرلۈك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان خىزمەتچىلەر، قەبرىگاھ باغچاسىدىكى مەسجىدتە جۈمە نامازى قىلىپ چىققان يەرلىك ئاھالىلار ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر ئاراسىدا ھەمسۆھبەت ۋە تەكشۈرۈشلەردە بولدى. ئاندىن، قەبرىگاھ مۇزىيىغا كىرىپ، بۇ قەدىمىي زەمىننىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىگە تالىق قازىلمالاردىن تەييارلانغان ئۆرنەكلەرنى زور قىزىقىش بىلەن كۆردى ۋە ئىلمىي خاتىرەلەر يازدى.

   چۈشتىن كەيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا، زىيارەتچىلەر "ھەزىرەتى موللام تاغى" ئاتالىدىغان ئوپال ئارت تاغىنىڭ چوققا قىسمىدىكى ئەگىز راۋاققا يىلانباغرى پەلەمپەيلەر بىلەن ماڭىپ چىقىپ، مىڭ يىللار مابەينىدە ياشناپ كەلگەن ئوپال ئويمانلىقىنىڭ مىسلىسىز گۈزەل رۇخسارىنى، بۈيۈك بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ چوڭ بولغان بوستانلىق مەھەللە-كويلارنىڭ كۆركەم  مەنزىرەسىنى تويۇمسىزلىق بىلەن تاماشا قىلدى، نادىر ساپ ھاۋاسىدا ئۆپكەلەرىنى تولدۇرۇپ-تولدۇرۇپ نەپەسلەندى. ئىستىراھەت ئارالىقىدا، مەن مەزكۇر راۋاق سەھنەسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان زىيارەت ئەھلىگە ئاتاقلىق يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ مەخسۇس مۇشۇ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى ئۈچۈن ئاتاپ يازغان (ئەمما تەخى مەتبۇئاتتا ئەلان قىلىنماغان) «باغداد ئورداسى» ماۋزۇلۇق ھىكايەسىنى پائالىيەتىمىزنىڭ بىر مەزمۇنى قىلىپ ئوقۇپ بەردىم.

   -« مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپەسى ھەر جۈمە كۈنى چەتئەل دۆلەت سەردارلارى، ھۆكۈمەت باشلىقلارى ۋە خەلقئارالىق داڭقلىق ئەرباب، مويسىپىت ئالىملارنى، تۆرە ئاقسۆڭەكلەرنى قوبۇل قىلار ئەردى» دەپ باشلانغان بۇ ھىكايە بىردەمدەلا تىڭشاغۇچىلارنى ئۆزىگە سىماپتەك رام قىلىۋالدى. شۇ ئاندا، راۋاق ئىچى تىمتاسلىققا چۆككەن بولۇپ، راۋاقنىڭ پەشايۋانلارىغا قونغان قۇشقاچ، كەپتەرلەر ياقىملىق سايراش ۋە ئۈنلەشلەرى ئارقالىق ھىكايە ئوقۇغۇچىغا جۆر بولماقتا ئىدى. ياپياشىل ئوپال بوستانلىقى تەرەپتىن ئەسكەن سەلكىن شامال گۈزەل ئۇيغۇر تىلى بىلەن تويۇنغان بۇ ھىكايىدە تەسۋىرلەنگەن ۋاقئەلەرنىڭ جەلبكارلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، تىڭشاغۇچىلارنى ئۇزاق مىڭ يىل بۇرۇنقى باغداد خەلىپەلىكىنىڭ ئورداسىغا ئالىپ كىرىپ كەتكەندەك ئىدى. بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىشقان ئىلىم ماھارەتى، ۋىجدانلىق ئالىملارغا خاس ئەقىل-پاراسەتى ۋە ئەگىلمەس-سۇنماس جاسارەتى ئارقالىق، ئەينى زامان باغداد خەلىپەسىنى قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر ھىكايە ئاخىرلاشقاندا، تىڭشاغۇچىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان شادىيانە ئالقىش ياڭراتتى. جانغا راھەت سەلكىن شامال بۇ ئالقىش ساداسىنى شۇ ئان پۈتكۈل ئوپال ئويمانلىقى ئاھالەسىنىڭ قۇلاقىغا، ھەتتا مۇقەددەس قەبرىگاھتا ئۇخلاۋاتقان بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قۇلاقىغا يەتكۈزدى بولغاي...

   ئارقادىن، ئەگىز راۋاقتىن ئاستا-ئاستا يۈرۈپ، قەبرىگاھ باغچاسىغا چۈشتۇق. ئالتە سائەتتىن ئاشقان زىيارەت ھىچكىمنى ھىچبىر چارچاتقاندەك ئەرمەس ئىدى. قەبرىگاھ باغچاسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ھەممەمىز رەڭگارەڭ گۈللەر ئاراسىدا ئەگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پۈتۈن بەدەنلىك مەھمۇد كاشغەرىي ھەيكەلىنىڭ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇپ، بەيجىڭدە ھەر بىر ئىلمىي پائالىيەت ئۆتكۈزگەندە، ھەمىشە ئوقۇيدىغان ھەلىقى «ناممۇقام مارشى» نى يۈكسەك ئاۋازدا ئۇقۇدۇق:

 

راك، چەببەيات، سەگاھ، چەھارگاھ،

پەنجگاھ، ئۆزھال، ئەجەم، ئوششاق؛

بايات، نەۋا، مۇشاۋەرەك، ئىراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق.

نەقرات:

مۇقاملار مارشىمىز، مۇقامدۇر بايراق،

ئۇيغۇرنىڭ مۇقامى جاھاندا ياڭراق!

ياڭراق!...

مارشنىڭ جەڭگىۋار ئاھاڭلىق ياڭراق ساداسى ئۇزاق-ئۇزاقلارغا كەتتى. زىيارەتچىلەر پۇخادىن چىققاندەك بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇبارەكلەشتى. بۇ ئارقالىق، ئۇلار ئۆزلەرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ قەبرىگاھ زىيارەتىدىن پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ ئالغانلىقىنى ۋە مۇندىن كەيىنكى ھاياتلارىنى بۈيۈك ئەجداد مەھمۇد كاشغەرىيدەك ئىلمىي ئەمگەك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلاغانلىقلارىنى ئىپادەلەدى گويا.

   چۈشتىن كەيىن سائەت بەشلەر بولغاندا، بۇ پائالىيەتكە ياشىل چىراق ياقىپ بەرگەن توققۇزاق ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سەكرىتارى مۇساجان ئۆمەر ئەپەندى كەلىپ، مەزكۇر زىيارەتچىلەر كوللىكتىپىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئارقادىنلا، ئۇ قەبرىگاھ باغچاسىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرەپىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە جايلاشقان «نەۋروز بۇلاق» باشىغا كەڭ داستىخان سالىپ، زىيارەتچىلەر ئۈچۈن خاس مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەشرەبتە، خۇشپۇراق زەئفىران چايلار ئىچىلدى؛ بىر-بىرىدىن لەززەتلىك قوغۇن-تاۋۇزلار پىچىلدى. ھەممەدىن پەيز بولغانى، ياش مۇزىكانت مۇھەممەتئەلى ئەپەندى دۇتار بىلەن ئورۇنلاغان «زىيارەت قىلغىلى كەلدىم» (تەكىستىنى ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى، شائىر سەيفۇددىن ئەزىزىي يازغان)، «ياراتار ئىلىم-پەن پارلاق ئەرتەنى، پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتەنى» (تەكىستىنى ئاتاقلىق شائىر نۇرىمۇھەممەد ئەركىي يازغان) قاتارلىق نەق ئۆز يەرىدە ۋە دەل ئۆز مۆئرەتىدە تەرەننۇم قىلىنغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ناخشالارنىڭ سىھرىي كۈچى زىيارەتچىلەرنى – ھەممەمىزنى مەستخۇش قىلىۋەتتى....

سائەت يەتتە يارىم بولغاندا، ئاددىي ئەمما مەزمۇنلۇق ياپىلىش مۇراسىمى بىلەن پائالىيەتىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردۇق. ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەرى پائالىيەتىمىزنىڭ شۇ قەدەر ئوڭۇشلۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەن مۇساجان ئۆمەر، ئابدۇلقەييۇم تەۋەككۇل ۋە مۇزىكانت مۇھەممەدئەلىي قاتارلىق پىدائىي قارىنداشلارغا تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىبەتى بىلەن مەخسۇس ھازىرلانغان مەھمۇد كاشغەرىي خاتىرە ئىزناكى ۋە خاتىرە مايكالارىنى شۈكرانلار بىلەن تەقدىم قىلدى.

"مانا بۇ ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلىدىكى مىسلىسىز گۈزەل بىر زىيارەت سەمفونىيەسى!" دەۋەتتىم، ھاياجان بىلەن. شۇ ئاندا، قەلبىمدىن تەئسىرات ئۈنچەلەرى تۆكۈلدى گويا:

ئىپتىخارلىق پەيزىنى سۈردۇق بۈگۈن،

كاشغەرلىك مەھمۇدنىڭ قەبرىگاھىدا،

ھىس قىلدۇق بۇرچىمىز شەرەپ ھەم ئاغىر،

ئىلم-پەننىڭ رىقابەت مەنزىلگاھىدا.

2008-يىل، 31-ئىيۇل، كاشغەر، ئوپال.

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟