2-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە

بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس  ۋە ئويلاندۇرغانلارى-2 [1]

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى "1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار"

 

ئوي باشى

تۈركىيە،  تۈركلەر، مۇسۇلمانلار ھەتتا كاپىرلار ئۈچۈنمۇ ناھايەتى موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دەۋلەت. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بولسا، قان قارىنداش ئۇرۇق تۇغقانلارىمىزنىڭ يۇرتى، بۇ تۈپەيلى بىز بىلەن ھەم قان، ھەم تىل، دىن ۋە كۈلتۈر باغى بولغانلار ياشايدۇرغان بىر يۇرت. 1878-يىلى ئاخىرقى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەۋلەتىمىز كاشغارىيەنى، مانجۇ-خىتتاي بىرلەشمە ئارمىيەسى ئۈزۈل كەسىل ئىشغال قىلىپ يۇرتىمىزغا خىتتايچە "شىنجياڭ" دەپ ئات قويۇشتىن بۇرۇن  كاشغارىيەنىڭ ھامىيسى ئوسمانىيلار دەۋلەتى ئىدى. پايىتەختى ئىستانبۇل، خەلىپەسى ئوسمانىيلار سۇلتانى ئىدى. بۇ تۈپەيلى 1906-يىلى ئاقسۇ دىيارىنىڭ ئۇلەما-زىيالىيسى موللا مۇسا سايرامى، ئۆزى يازغان يۇرتىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدەكى مۇپەسسەل ئەسەرىگە "تارىخى ھەمىدى" ئىسمىنى بەرگەن. بۇ ئەسەر، زامانەمىز ياشلارىنىڭ چوقۇم ئوقۇماقى زۆرۈر بولغان شاھ ئەسەردۇر. ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇرچەسىدە نەشىرگە تەييارلاپ ئىستانبۇلدا نەشىر قىلدۇرغاندۇر. بۇ دەۋلەت، يەنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ موھىمدۇر. دۇنياداكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغقانلارى ئاز ۋەيا كۆپ بۇ دەۋلەتنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلەرىدە، خۇسۇسەن ئىستانبۇلدا ياشايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ ئاخىرقى خەلىپەسى مۇشۇ شەھەردە ياشاغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرلىكىنى يەنە مۇشۇ دەۋلەت ۋە تۈركلەر ئەمەلگە ئاشۇرغان. كۈنىمىزدەكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭىدا، تۈركلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرەدۇرغانلىقىغا دائىر ئىشەنچ ۋە كۈتۈشلەر بار. ھەقىقەتەنمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىدا، كۈنىمىزدە بۇ مىسيوننى ئۈستىگە ئالالايدۇرغان ئەس-ھافىزا ۋە جاسارەت تۈركىيەلىكلەردە بار ۋەيا بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچ باشقا مۇسۇلمان جەمىيەتلەرىگە نىسبەتەن تۈركىيەدە كۈچلۈك. بۇ تۈپەيلى ئىسلام دۈشمەنلەرى، خىتتايلار، ئورۇسلار ۋە فاناتىك خرىستيانلار، گرىتسىيەلىكلەر ئۈچۈنمۇ بۇ دەۋلەت موھىم. بۇ دەۋلەتنىڭ كۈچلەنىشىنى، تىرىلىشىنى بۇلار خاھلامايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋلەتنىڭ ئىچىدە ۋە سىرتىدا ھەرخىل بەتنىيەت ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ ۋە يايدۇرماقتا...ھەتتاخىتتايلار ۋە رۇسلار  يەرلىك خىتتايلارنى، يەرلىك ئورۇسلارنى ھەدەپ يەتىشتۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتە ۋە سىياسەتتە ئاكتىپ بولۇشى ئۈچۈن ھەر ساھەدە ئىمتىياز ۋە ئىمكانىيەت ياراتىپ بەرمەكتە. بۇ يەرلىك ئىشبىرلىكچى مەلئۇنلارمۇ ساداقەت بىلەت "سۆڭەك" بەرگەن ساھىبىگە خىزمەت قىلماقتا. بۇ ئىمتىياز ساھىبى خىتتايپەرەست ۋە ئورۇسپەرەستلەر تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەكلەمەكتە ياكى ئۆزلەرىگە خىزمەت قىلادۇرغان، قارشى كەلمەيدۇرغان يانتاياقلارىنى يۆلەمەكتە، ئۇلارغا يەشىل چىراغ ياقماقتا. نارازى بولغانلارنى يەكلەش بىلەن بىرگە چەتكە قاقماقتا ياكى "ئامىرىكانچى" دەپ خۈنۈكلەشتۈرمەكتە....

تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە

  قىسقا ۋە ئاددىي قىلىپ ئايتار بولساق، تۈركىيەدە سىياسەت بارغانسىرى ئاددىيلاشماقتا، يۈزسۈزلەشمەكتە ۋە داپشاقلاشماقتا. چۈنكى بۇ يەردەكى سىياسەت، كۆپىنچە بىلىم، مەلۇمات ۋە ئىلمىي سەۋىيە بىلەن ئەمەس مەنپەئەتپەرەستلىكنى مەركەز قىلغان لاياقەتنى چۆرىۋەتكەن ھالدا ئاپىتىغا چاپىتى توڭرالىققا مەرەزدار پەلسەپەسىگە ياقىن بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋال بولسا بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھالدا...چۈنكى ئومۇمىي سىياسىي ھاۋا بىزنىڭ كىچىككىنە دىئاسپورامىزغا چوڭ تەسىر قىلدى ۋە قىلماقتا. ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ يوقلۇقى ۋەيا ناھايەتى ئاجىزلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كۈچىگە تايانىپ ئىگىلىك تىكلەمەكىنىڭ تەسلىكى ۋەيا بۇنىڭغا ئىزچىل تىرىشىلماغانلىق تۈپەيلى "جاھاندارھىلىق" ئالدىغا ئۆتكەن. ھەتتا بەزىلەر "جاھاندارچىلىق" ئۈچۈن ھەممەنى قىلالايدۇرغان داپشاقلىقتا چېگرا تونۇماس بولالاغان...

كەيىنكى 20 يىلدا تۈركىيەدە كۆپلەپ ستراتىگىيە ئىنستىتوتى ۋەيا تەتقىقات مەركەزلەردى قۇرۇلدى. مۇتلەق كۆپىنچەسى مۇستەقىل ئەمەس. ئالدى بىلەن بىلىمنىڭ سىياسەتتە ئانچە قىممەتى بولماغان. مۇستەقىل ھالدا نۇرغۇن بەدەل تۆلەش ئارقالىق ئىشلەپچىقارىلغان بىلىم، مەلۇماتلار لايىقىدا قىممەتلەندۈرۈلمەگەنلىكى تۈپەيلى بىلىم ئادەملەرى ئادەتتە بۇنداق ئىشلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. پەقەت "مەنپەئەت" مەركەزلىك كىشىلەر تەرەپىدىن قۇرۇلغان ۋە  قۇرغان  ھەرخىل تورلارى ئارقالىق ماڭدۇرلىۋاتقان بەزى "ستراتىگىيە" ۋەيا "ئىنستىتوت"لارى مەۋجۇتتۇر. بۇ تۈپەيلى بۇ خىل ئىنستىتوت ۋەيا مەركەزلەردە ئادەتتە قايەردىن مەنپەئئەت كۆرسە ئۇلارنىڭ داپىنى چالادۇرغان خاھىش ئىنتايىن روشەندۇر. ئۇيغۇرلارغا ئەركىن ئاسىيا راديوسى ئارقالىق بەك تونۇشتۇرۇلغان س.د.ئى. يەنى ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتىمۇ ھاكىمىيەتتەكى پارتىيە مەنسۇپلارى تەرەپىدىن قۇرۇلغان، قۇرۇلغاندىن بەرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ستراتىگىيەلىك تەپەككۇردىن زىيادە مەلۇم پارتىيە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇشبۇ ئىنستىتوتنىڭ 12- فىۋرالداكى يىغىنى ئۇشبۇ ماھىيەتىنى ۋە يۇقارىدا توختالغان تىزگىنەكلىك ئالاھىدەلىكىنى تەخىمۇ ئاشكارا قىلغان. مەدەنىي دۇنيادا، بىر ئاكادەمىسيەندە بولۇشقا تەگىشلىك ئەڭ موھىم ئالاھىدەلىكتىن بىرى بولسا، كەسپىي ئەخلاقتۇر. يەنى غەرپ تىلىداكى ئېتىكتۇر. بۇ كەسپىي ئەخلاق كەم ۋەيا يوق بولغانىدا، ئۇ كىشى پەقەتلا ئۇنۋانلىق بىر ۋات ۋات ۋەيا مەنپەئەتنىڭ قۇلىغا ئايلانغان بولادۇر. ئاكادەمىسيەن ئۈچۈن ۋاز كەچسە بولمايدۇرغان بىر خۇسۇسىيەت بولسا، ھەقىقەت ۋە ھەقتىن ئايرىلماسلىق، توغرانىڭ يانىدا تۇرۇش، ھەقسىزنىڭ قارشىسىدا تىك تۇرۇشتۇر.

2020-يىلى  12-فىۋرال ئەنقەرە ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتىدا (SDE) "خىتتاينىڭ ۋىرۇس بىلەن ئىمتىھانى" تىماسىدا بىر كونفېرانس بولىدىغانلىقىنىڭ دەۋەتىنى بۇ ئىنستىتوتنىڭ باشلىقى ۋاتسئاپ ئارقالىق ماڭا ئەۋەرتكەن ئىدى. ھەتتا بىر ئەمەس ئۈچ مەرتەم ئەۋەرتتى. بۇ كونفىرانستا خىتتاينىڭ ئەنقەرەدەكى ھاكاۋۇر باش ئەلچىسى دېڭلى بىلەن بىرلىكتە بىر قانچە ئوقۇتقۇچى ئاكادەمىسيەنمۇ سۆز قىلماقچى ئىكەن. تىڭشىغۇچى بولۇپ قاتناشىش ۋەيا قاتناشماسلىقتا قارارسىز قالدىم. چۈنكى، خىتتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخاناسى "تېرورىزمغا قارشى كۆرەش" ئىسىملىك ۋىديو تارقاتقاندا، بۇ ئىنستىتوت باشلىقى ئۇشبۇ ۋىديونى ۋاتسئاپ ئارقالىق تارقاتتى. مەنمۇ ۋاتسىئاپ ئارقالىق بۇ شەخسكە رەددىيە بەرگەنىدىم. "بۇنى سىز تارقاتىشىپ بەرمەسىڭىزمۇ خىتتاي تارقاتماقتا، ياكى يەڭى ۋەزىپە ئالدىڭىزمۇ؟" مەناسىدا ئۇچۇر بىلەن جاۋاپلاسام، سەمىمىيەتسىزلىكى چىقىپ تۇرغان "خەۋەرىڭىز يوق بولسا دەپ ئەۋەرتىپ قويغانىدىم" شەكلىدە جاۋاپلادى. مەن: "مۇھەممەت بەي، بىز خىتتاينى ۋە خىتتايچىلارنى ئىزچىل تەقىپ قىلىپ تۇرۇغلۇق "...  دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنستىتوتتا ئۇزۇندىن بەرى خىتتاي ۋە خىتتايچە بىلەن ئالاقەدار خىزمەتلەرنى ئۆتەپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئاكتىۋىست خادىممۇ بار ئىدى. ئەنقەرەدەكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىنىڭ مەنسۇبى سىياسەتچىلەر ۋە باشقا ھەرخىل دەرنەك مەنسۇبى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر چوقۇم قاتناشسا كەرەك دەپ ئويلادىم ۋە باشقا تەخىمۇ موھىم خىزمەتلەرىم تۈپەيلى قاتناشالمادىم.  خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن پەقەتلا تۈركىيە راديوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلادۇرغان مىركامىل كاشغەرى قاتناشقان. بۇ كىشىنىڭ خىتتاي ئەلچىسىگە سۇئال سوراغانلىقىنى، پەقەت ئىنستىتوت مۇدىرىنىڭ قوپال پوزىتسىيەسى بىلەن توسۇپ قالىنغانلىقى خەۋەرىنى ئوقتۇم. سۇئال سوراغان مىركامىل بەگنىڭ قانداق ئازارلانغانلىقى كەيىنچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرلەندى. چىققان خەۋەرلەرگە قاراغاندا (http://habernida.com/uygur-turku-gazetecinin-sorusuna-tahammul-edemediler/) مىركامىل بەگ خىتتاي ئەلچىسىگە تۆۋەندەكى سۇئاللارنى سوراغان:

    • خىتتايدا ۋىرۇسنىڭ تارقالاشىغا قاراتا تەدبىر سۈپەتىدە بارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى چەكلەنىپ، مەكتەپلەر تەتىل قىلىنىۋاتقاندا، شەرقىي تۈركىستانداكى يىغىپ ئالىش لاگىرلارى نەمە ئۈچۈن تاقالمايدۇ ۋە قاچان تاقاشنى ئويلاۋاتىسىلەر؟
    • 2019 ئاپرىلدا لاگىرغا سولانغان ئانامنىڭ جەسەدى بەرىلدى. بۇ ئۆلۈملەر يەنە قاچانغىچە داۋام قىلادۇر؟ دەپ ئاناسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكەن.

بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرىشى كەرەك بولغان كىشى خىتتاي ئەلچىسى دېڭلى ئىكەن، ئىنىستىتوت باشلىقى بۇنداق بىر سۇئالنىڭ ئۇشبۇ يىغىنغا قىلىنغان بىر ھۈرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنداق سۇئاللارغا رۇخسەت قىلمايدۇرغانلىقىنى ۋە ئەلچىنىڭمۇ جاۋاپلىشىنىڭ بىھاجەتلىكىنى تەكىتلەپ سۇئالنى جاۋاپسىز قالدۇرغانمىش.

ئەگەر مۇشۇلارنىڭ ھەممەسى راست بولسا، بۇ زات ئۇشبۇ جاسارەتنى قەيەردىن ئالدى؟ بۇ كىشىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قاراتا ئازراق بولسۇن ئىنسانى ھىسداشلىق يوقمۇدۇر؟. مىركامىل بەگ سوراغان سۇئاللار ماھىيەتى ۋە مەزمۇنى ئىتىبارى ئەلچىنىڭ سۇنۇمى بىلەن ئالاقەدار، ئەلچىگە بۇنداق سۇئال سوراش تۈركىيەدەكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈلتۈرگە، خۇسۇسەن كونفېرانس كۈلتۈرىگە تامامەن ئۇيغۇن. پەقەت خىتتاي سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كۈلتۈرىگە، كونفېرانس كۈلتۈرىگە ئۇيغۇنسىز. ئەجىبا، بۇ زات ئالدىن خىتتاي تەرەپ بىلەن مۇشۇنداق سۇئالغا قارشى بىر كەلىشىم قىلغانمۇ؟ بۇنىڭ قارشىلىقىدا نىمە مەنپەئەت ئالغان؟ ئۇنداقتا مۇشۇنداق بىر ئورگاندا ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر كەسىپداشىنىڭ ھىسياتلارىنى دىققەتكە ئالماغۇدەك، ئۇيغۇرلار ياشاغان تراگىدىيەنى كۆرمەسكە سالغۇدەك ئۇ قەدەر ئىنساپسىزمۇ ياكى بىزدە ۋە بىزنىڭ سىياسەتچى، ئاكتىۋىستلاردا چاتاق بارمۇ؟

مۇشۇ قۇرلارنى يازىۋاتقاندا، مەلۇماتلاردا خاتالىق بولماسلىقى ئۈچۈن مىركامىل بەگكە تېلېفون قىلىپ ھال سورادىم. بۇ ھادىسەدىن كەيىن ئىنستىتوت باشلىقىنىڭ تېلېفون قىلغانلىقىنى، "كىملىكىنى (يىغىندىن ئاچچىقلاپ قايتىپ ئامانلىقچىداكى كىملىكىنى ئۇنۇتقان) ئالغالى كەلگەندە چايغا دەۋەت قىلىمەن،چاي ئىچكەچ تونۇشايلى" دەگەنلىكىنى، بۇگۈن شۇ يەرگە بارادۇرغانلىقىنى دەدى. مەن: "ھاجىم، ھەقىقەتەن ئۇ زاتنىڭ چايىنى ئىچەملا؟" دەسەم، "گەپىنى ئاڭلاپ باققۇم بار، بەلكىم ھالاللىق تىلىشى مۈمكىن..." مەن: "سىز يىغىن كۈنى ئايرىم كۆرۈشمەگەنمۇ؟" دەسەم، "ئۇ كۈنى ئاچچىغىمدا كەينىمگە قاراماي چىقىپ كەتكەن، ھەتتا بۇ ئاچچىقتا كىملىكىمنىمۇ شۇلارنىڭ ئامانلىقچىسىدا ئۇنۇتۇپ قاپتىمەن" دەدى. مەن، "ئۇنداقتا،سىزگە تەۋسىيەم:  سىز بۇگۈن كىملىكىڭىزنىلا ئالىپ قايتىڭ، چۈنكى سىز ئۇنىڭ چايىنى ئىچسەڭىز، كەينىگە يانغان، ھەتتا  `چاي قەرزى`گە بوغۇلغان بولۇرسىز. بۇنداق كىشىلەر دائىما ئارقا پەردە ئوينايدۇ. پوزىتسىيەدە تۇتاملىق بولۇشىمىز كەرەك. ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق ئەرزان ۋە ئاسانلا ئىندەككە كەلەدۇرغان كۆرمەسلىكى، ئاددىي چاغلاماسلىقى كەرەك. بۇ زات ئۇ يىغىندا پەقەتلا سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ ئالىش ھەققىڭىزنى قولىڭىزدىن ئالماغان، بەلكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى خىتتايپەرەستلىك قىلغان، ئىنسانىيلىقتىن نە قەدەر ئۇزاقلىقىنى ئىسپاتلاغاندۇر" دەدىم.  ھەقىقەتەنمۇ، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، غورۇرىمىز بىلەن ياشاماقىمىز لازىم. كوللىكتىپ كىملىكىمىزگە كىمدە كىم ھۇجۇم قىلار ئىكەن ئۇنىڭ قارشىسىدا شەخسەن ۋەيا كوللىكتىپ بىر شەكىلدە تىك تۇرماقىمىز شەرتتۇر...



[1]  بۇ يازما ئەسلىدە " بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى" تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە  در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن  ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.


 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟