|
ئېتىقادمۇ ئىتائەتمۇ؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كەيىنكى 75 يىللىق بۇ دەۋر دۇنيانىڭ ئۆتمۈشىدەكى 750 يىلدىنمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەرگە سەھنە بولدى. ۋەتىنىمىز بولسا يالاڭتۆش كومىنىستلارنىڭ ئەڭ ئاغىر تالان-تاراجىغا ئۇچىراپ كەتتى. ئۇلار توختاماي بىزنىڭ زىھنىيەتىمىز بىرلەن ھەپىلەشتى، تارىخىمىزنى ئۇ قەدەر ياخشى تەتقىق قىلدىكى، مىللەتچە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ كەتسەكلا ھەرقانداق قوراللىق كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما خىتايلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، ھەرىكەت ۋە ھالەتلەرىدىن بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلىكى بىلىنىپلا قالاتتى. كومىنىزم ئىددىيەسى بىرلەن چوغدەك يانغانلارنىڭمۇ 60- يىللاردىكى خىتايلارغا قارشى كەسكىن مۇستەقىللىق مۇنازىرەسى خىتتايلارنى ھەيراق قالدۇرغان ئىدى. ھەرقانداق بىر ئىدولوگىيەدىكىلەرنىڭمۇ قانلارىدا ئاقىپ تۇرىدىغان بۇ مۇستەقىللىق روھنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەۋاتاتتى. ئالدى بىرلەن بايلارنى، ئۆلىمالارنى، زىيالىلارنى، تارىخمىزنى بۇ روھنىڭ مەنبەسى دەپ قارىدى ۋە ئۇلارنى يوق قىلدى، ئۇزۇن يىللار پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىۋەتتى، مۇستەقىللىق روھى بولغان بىر ئەۋلادنى تۇنجۇقتۇرۇپ يوقاتتى. ئارادىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مۇستەقىللىق چوقانلىرىنىڭ قايتىدىن چىقۋاتقانلىقى خىتايلارنى چۆچۈتتى، ئىزدەنىپ بۇلارنىڭ روھى ئىسلامدىن كەلىدىكەن دەپ بۇغراخانلار تەزكىرىسىنى تاپىپ ئالدى، بۇ يەردەكى غازات كەلىمەسىدىن ئىنتايىن قورققان ئىدى. شۇڭا قۇرئانى كەرىمدىكى جىھاد ۋە غازات كەلىمەلەرىنىڭ سانىنى ساناپ چىقتى، ئۆزىگە ئىشلەيدىغان مىڭلارچە موللالارنى تەربىيلەپ چىقتى، ئەمما دىنىمىزنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن خەۋەرسىز خىتتايلار بۇ موللالارنىڭ كۆپىنچەسىنىڭ خىتايلاردىن ئەمەس، ئاللاھتىن بەكرەك قورقۇدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلادى. خەلقنىڭ ئىچىدە ئونلارچە ئالىم خىتايلارغا پىسەنت قىلماي ھەقنى يەتكۈزۈۋاتاتتى.
2000- يىلارغا كەلگەندە شەرقى تۈركىستاندا يەپيەڭى بىر نەسىل ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ نەسىلگە ئۇلاشتۇرۇپ ئەدەبىياتتا جەۋھەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى، ئېتىقادى جەھەتتىكى ئىتائەتسىزلىكنى خىتايلار توسۇپمۇ توسۇپ بولالمايتى. كۈندۈزى خىتايلار ئۈچۈن ئىشلىگەن كومىنىست باشلىقلارمۇ كېچىسى چىراغنى ياندۇرماي روزا تۇتاتتى. مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى ئاغىر تەڭسىزلىككە چىدىماي ئۆزىنى ئاتىپ ئالغان ساقچىلارمۇ بولدى. ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملاشىشى بىرلەن زامانىۋىلىقتىنمۇ كەيىن قالمايدىغانلىقنى كۆرسىتىپ قويغان مىللەتىمىزنىڭ ياشلارى دۇنيا بويىچە خېلى ئىلگىرى سەۋىيەدە تېخنىكىغا ھېرىسمەن ئىدى. ياشلار مىللەتنىڭ غەم ئەندىشەسىنى مۇنازىرە قىلىدىغان، دۇنياۋى سىياسى ھەرىكەتلەرنى ئانالىز قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن خەۋەردار ھالغا كەلدى.
2009- يىلى ئۇيغۇرلارنى بەك قورقىتىۋەتكەنلىكىگە ئىشەنگەن خىتايلار ئارادىن ئۇزاق ئۆتمەيلا مەسجىت ۋە جامىلەرنىڭ تولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مۇنازىرە سۆھبەتلەرنىڭ قىززىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مىللى قىممەتلەرنى قوغداش دولقۇنىنىڭ كۈچەيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلادى، ئۇيغۇرلار خىتايلار بىرلەن توي قىلمايتى، بىللە ئولتۇرۇپ قوپمايتى، ئوخشاش خىياللارنى قىلمايتى. 2013- يىلى كىرىيەدە يەر تەۋرىگەندە پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندىن يۈزلەرچە ياش ئاپەتكە ياردەم قىلىشقا باردى ۋە مىللەتنىڭ بىر يەردىكى خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن ئىبارەت مىللى تايانچ كۈچنىڭ ئۇلغايىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى ھۇررا ساداسى خىتتايلارغا 1865نى، 1933نى ، 1944نى ئەسلەتىپ قويدى. ئاللىقاچان ئەزىپ يۈرەگىنى سۇ قىلىۋەتكەنلىكىنى ئويلىغان بولسامۇ ئابدۇرراخمان ئازاتلار يوللارغا چىقىشقا باشلادى، خىتتايلارغا ئۇيقۇ ھارام بولدى. چەتئەلدىكىلەر خىتاينىڭ ئاتۇم بومباسى بار دەپ جار سالىپ يۈرگەنىدە بايدا كۆمۈركاندا خىتايلارغا ئۇنتۇلغۇسىز بىر پىستىرما قۇرغان يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئاخىرى ھېس قىلىپ يەتتىكى بۇ مىللەتتە بىر ئېتىقاد بار. دىننىڭ `د` سىدىن خەۋىرى يوق بىر لۈكچەكمۇ خىتايلاردىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن كۆرىدۇ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە مۇستەقىللىق ئاتەشلىرى يالقۇنجايدۇ، ئالىملىرىنىڭ قەلبىدىكىلەرغۇ ئەينەكتەك ئايدىڭ. ھەممە يەرنى ئىزدەشكە باشلاغان خىتتايلار بۇ ئېتىقادنىڭ ئاللىقاچان ئەدەبىيات كىتابلارغىچە كىرىپ بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ياق-ياق ناخشىلىرى بىرلەن بۇنى مېڭەلىرىنىڭ ھۈجەيرىسىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇ ئىتائەتسىزلىكنىڭ ئۇلارنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان قاندىن كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇقەددەس بىر ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. يىللاردىن بۇيان يوق قىلالمايۋاتقانلارنىڭ قانى قانىغا سىڭىپ كەتكەن بىر روھ، ئىشەنچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.
|
|

