|
پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ تاللاشى
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (11) ئون بىرىنجى مەجلىس: پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ تاللاشى
در. دەريا تۈمەن ئالىم مۇسا سايرامىي "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ بىر قانچە بابلارىدا، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى مۇھەممەد يائقۇب بەگنىڭ ئەدلى-ئادالەت بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، ئاۋامپەرۋەرلىك-خەلقچىلىقنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەۋرەنمەس ئاساسى قىلغان ھالدا پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا، ئومۇمىي تۈرك بىرلىكىنى مۇقەددەس بىلىش ئەمەلىيەتى ھەققىدە، ئالاھىدە توختالغان. ئالىم بۇ ھالنى يائقۇب بەگنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھاكىمىيەت سوراپ ئۆتكەن كۇچا خوجالارى ۋە پەرغانەدىن كەلىپ، قىسقا مۇددەت ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتكەن سەييىد-تۆرەلەردىن مۇتلەق پەرقلەنىدىغان بىر دۆلەت باشلىقى بولغانلىقىنىڭ گەۋدەلىك ئىپادەسى يۈكسەكلىكىدە تونۇغان ۋە بۇ ھەقتە ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن تويۇندۇرۇپ بايان بەرگەن. يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكىدە، ئالىمنىڭ مۇشۇ جەھەتتەكى بايانلارىنى قەيت قىلىپ، قىسقا مۇلاھىزەمىزنى ئورتاغا قويىمىز. ئالدى بىلەن، پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ كەڭ ئاۋامنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەم خەلقنى بايىتىش ھەم دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلارىنى بايان قىلىپ، مۇنداق يازىدۇ: "جانابىي ئاتالىق غازىي كاشغەر، خوتەن ۋە ئاقسۇلاردا تۈرلۈك قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشخانالارى (زاۋۇت) قۇرۇش ھەققىدە، ئالىي يارلىق چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن، قول ھۈنەر ساھىبلارى ھەرىكەتكە كەلدى: ئالدى بىلەن زەرگەرلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈش بىلەن ھازىرلانىدىغان ئالتۇن – كۈمۈش كەمەر، ئوقدان، يۈگەن، قۇشقۇن قاتارلىق جابدۇقلارنى ياساشقا باشلادى؛ تۆمۈرچىلەر بولسا، شاپ – قىلىچ، ئۈزەڭگە قاتارلىق پادىشاھلىققا لازىم قىلىنىدىغان نەرسەلەرنى ياساشقا مەسئۇل بولدى؛ قازانچىلار چوڭ – كىچىك زەمبىرەك ۋە چاچما ئوق قاتارلىقلارنى تەييارلايدىغان بولدى؛ كىيىم تىككۈچىلەر كىمخاپ، تەتىللا، تاۋار، بەقەسەم، شايى–ئەدرەس (ئەتلەس)، بانارىس (يوللۇق رەخت)، چىت ۋە چەكمەنلەردىن تون، يەكتەك قاتارلىقلارنى تىككىلى تۇردى؛ پوستىندۇزلار (تىرەچىلەر) بولسا، بۇلغۇن، سۈلەيسۈن ۋە تۈلكە قاتارلىقلارنىڭ تىرەسىدىن كۆرپە، جەڭ كىيىمى (جۇببە)، رۇمچە، نىمچە، شىم، تەلپەك – تۇماقلارنى تىكىش بىلەن مەشغۇل بولدى؛ موزدۇز – سەرراچ ( ئات جابدۇقلارى تىككۈچىسى) لار بولسا، تۈرلۈك ئۆتۈك، كەمەر، ئوقدان (تىيردان)، پۇشتان، ئۆزەڭگە باغى، يۈگەن قاتارلىقلارنى راسلاشقا باشلادى؛ ياغاچچى، قونداقچى، مىخگەر، قۇيماگەر، ئىلمەدۇز، زەردۇز، خەيمەگەر (چەدىرچى) قاتارلىق كاسىپلارمۇ ئۆز ھۈنەرلەرى بويىچە ماھارەت كۆرسەتىشكە تۇتۇندى. ئاتالىق غازىي خوقەند ئورداسىغا قاراشلىق بولغان زاۋۇتلاردا ئىشلەپ پىشقان كامىل ئۇستالارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزى قۇرغان مەزكۇر زاۋۇتلارداكى ئۇستالارغا ئۇستا باشى قىلدى. فەغفۇرچىن (خاقانى چىن)نىڭ پۇلىغا تەقلىد قىلىپ، مىس پۇل قۇيدۇردى. ھەرقايسى ئۇستا باشىلارنىڭ ئۈستىگە بىر ئىش باشى (سەركار) تەيىنلەدى. بارلىق ھۈنەرۋەنلەرگە مۇقىم ئايلىق – مائاش بەكىتتى. ھىچقانداق بىر ھۈنەرۋەنگە زورلۇق – زومبۇلۇق، زۇلۇم – تەئەددى قىلمادى. ھەركىمنىڭ ئۆز خاھىشى، ئۆز ئىختىيارى بويىچە ھۈنەر قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھەر كىمنىڭ قىلغان خىزمەتىگە، ئەجرىگە لايىق ھەق بەردى." (قاراڭ: مۇسا سايرامىي: "تارىخى ھەمىدىي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا> 400-401-بەتلەر. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي نەشرى) مۇلاھىزە: بىر دۆلەتنىڭ روناق تاپىشى ئالدى بىلەن، دۆلەت باشلىقى يادرولۇقىداكى ھۆكۈمەت رىياسەتىنىڭ مەزكۇر دۆلەت خەلقىنى پۇقرا ياقتۇرىدىغان تۈزۈلمە ۋە تۈزۈم ئاساسىدا، ئاسايىشلىق ۋە تەرەققىيات يولى تامان مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتەكلىيەلەشىگە باغلىقتۇركى، پرىزدىنت مۇھەممەد ياقۇب بەگ بۇ جەھەتتە، ئاشۇ كاشغارىيە دۆلەتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، تولىمۇ ئەھمىيەت ۋە ئەجرىيەت بىلەن ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويغان ۋە تۈجۈبىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن.ئۇنىڭ كاشغارىيە خەلقىنىڭ ھۈنەر-سانائەتكە خۇشتار ۋە ماھىر ئالاھىدەلىكىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك قول سانائەتلەرنىڭ تۈر-تۈرى ۋە خىل-خىلى بويىچە تەشكىللەپ، ئەركىن-ئازادە مۇھىت ياراتىپ بەرىپ، تولىمۇ ياخشى ئۈنۈم قازانغان. بۇ ھال ئۆز زامانىسىدا، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا، خەلق پاراۋان دۆلەت ئەمىن بىر ھاكىمىيەت گەۋدەسى بولۇپ، خەلقئاراغا تونۇلۇشى ۋە ئىتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئاندىن، "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ مۇھەممەد يائقۇب بەگنىڭ ئادالەت تارازىسى بىلەن لىللاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەمەلىيەتىنى مىساللىق بايان قىلىشىمۇ ئەھمىيەت بىلەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان: "قىسقاسى، ئاتالىق غازىي ھەممە ئادەمگە ئادالەت دەرۋازاسىنى ئۇلۇغ ئاچتى، زۇلۇم ئىشىكىنى مەھكەم تاقىۋەتتى، زالىملار، زۇلۇمگەرلەر گويا كوھىقاپنىڭ ئىچىگە سۈرگۈن قىلىۋەتىلدى. شۇڭلاشقا، پۈتكۈل پۇقرا – رەئىيەلەر ئاتالىق غازىي بەدەۋلەت دۆلەتىنىڭ تەخىمۇ زىيادا بولۇشىنى تىلەپ – ئىختىيارسىز ھالدا، ياخشى تىلەكلەر بىلەن دۇئا قىلىشتى. مەسجىد – مەسجىدلەردىكى بەش ۋاخ نامازدا، ھەر ۋاخلىق ناماز ئاداسىدىن كەيىن، يەئقۇب بەگنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، دۆلەتىنىڭ تەخىمۇ زىيادە بولۇشىنى تىلەپ، مەخسۇس دۇئالار قىلىنىدىغان بولدى. ئاتالىق غازىيمۇ ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تولىمۇ ئىھتىيات بىلەن يۈرگۈزدى. ئەسكەر – لەشكەرلەرنىڭ پۇقرا – رەئىيەلەرنىڭ مالىغا ۋە جانىغا قول ئۇزاتىپ، دەخلى – تەئەررۇز يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تۈرلۈك بەكىتمەلەر بىلەن قەتئىي چەكلەدى. تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قەتئىي جازالادى. ئالايلۇق، ئاتالىق غازىينىڭ غالىب قوشۇنى ياركەندتىن كاشغەرگە ياڭىلا كەلگەن، دەشت – چۆلدىن ئايرىلىپ ئاۋات مەنزىرەلىك جايغا كەلىپ ئورۇنلاشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ياشانغان ئايال بازارغا قاتىق ساتقالى چىققانىكەن. بىر يۈز باشى بىر تاۋاق قاتىقنى پۇل بەرمەيلا ئىچىپ كەتىپتۇ. شۇ ئەسنادا، ئاتالىق غازىي كەلىپ قاپتۇ – دە، ھەلىقى ياشانغان مەزلۇم ئاتالىق غازىيغا: <بىر سىپاھى (ئوفىتسەر) بىر تاۋاق قاتىقىمنى ئىچىپ، پۇل بەرمەي كەتتى> دەپ ئەرز قىلىپتۇ. ئاتالىق غازىي بۇ گەپنى ئاڭلاغاندىن كەيىن، تولىمۇ مىھرىبانلىق بىلەن: <قاتىق ئىچكەن ئۇ سىپاھىنى كۆرسەڭىز تونۇمسىز؟ > دەپ سوراپتۇ. ياشانغان مەزلۇم: <تونۇيمەن> دەپ جاۋاب بەرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مەزلۇمنى لەشكەرگاھقا ئالىپ كىرىپ: <قەنى سىز ئۇ سىپاھىنى بىزگە كۆرسەتىپ بەرىڭ > دەپتۇ. ياشانغان مەزلۇم ھەلىقى يۈز باشىنى تونۇۋالىپ: < مانا مۇشۇ ئادەم> دەپ كۆرسەتىپتۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئاتالىق غازىي:< مەن ھازىر بۇ سىپاھىنىڭ قورساقىنى يارىپ كۆرىمەن. مۇبادا قارنىدىن قاتىق چىقماي قالسا، سىزنى سويسام ۋابال بولماسمۇ؟> دەپتۇ. ياشانغان مەزلۇم: <ۋابال بولمايدۇ> دەپ جاۋاب بەرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاتالىق غازىي دەرھال ھەلىقى يۈز باشىنى سويدۇرۇپ، قارنىنى ئاچقانىكەن، دەگەندەكلا، ياشانغان مەزلۇمنىڭ قاتىقى شۇ پەتىچە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. نەتىجەدە، ئاتالىق غازىي مەزكۇر يۈز باشى يىگىتنىڭ تون – سەرپالارىنى مەزكۇر ياشانغان ئايالغا مۇكاپات قىلىپ بەرىپتۇ."(قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 401-403-بەتلەر) "<ھەدىس شەرىف> تە: <بىر سائەتلىك ئادالەت پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادەتىدىنمۇ ئەۋزەلدۇر (ئەدەلە سائەتەن خەيرۇن مىن ئىبادەتىس سە:قەليىن) > دەيىلىدۇ. شۇنداق، ئادىللىق بۈيۈك ئىبادەتتۇركى، بۇ خىل دۆلەتكە ۋە بۇ خىل ئىبادەتكە پادىشاھلار، ۋىلايەت ھاكىملارى، ئەرز – داد سوراغۇچىلار، مەملىكەتنىڭ ئەمىر – بەگلەرى ۋە شەرىئەتنىڭ قازىيلارى (قانۇن ئورگانلارىنىڭ سوتچىلەرى) دىن باشقا ئىنسانلار ئەرىشەي دەپمۇ ھەرگىز ئەرىشەلمەيدۇ." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 172-بەت، يۇقىرىدىن 8-13-قۇرلار) مۇلاھىزە: بۈيۈك ئالىم مۇسا سايرامىي "تارىخى ھەمىدىي" ناملىق شۇبۇ شاھ ئەسەرىنىڭ بىر قانچە يەرىدە، ئىبادەت مەسىلەسى ئۈستىدە خاس توختالغان ۋە ئەمەلىي مىساللار بىلەن تولىمۇ مەغىزلىق بايان ۋە شەرھلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ يەردە، شاراپەتلىك ھەدىستىن نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ: "ئادىللىق، ئەدلى-ئادالەت دەگەن ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىبادەتتۇر" دەگەن مەشھۇر يەكۇننى ئوتتۇراغا قويغان. ھالبۇكى، شاھلارنىڭ، ھاكىملارنىڭ ۋە سودىيەلەرنىڭ ئادالەتلىك ئىش قىلىشى ئىبادەت بولغان يەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ئۆگرەنىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋلادلارغا ھۈنەر –سەنئەت ئۆگرەتىشى ئىبادەت بولامدۇ-بولمامدۇ؟ سودىيە-قازىيلارنىڭ بىر سائەت ئادالەت قىلىشى پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئىبادەتىدىن ئەۋزەل بولغان يەردە، ئوقۇتقۇچى-پروفەسسۇرلارنىڭ قىرىق يىللاپ ئۆمۈر سەرپ قىلىپ، ئەۋلادلارغا ئىلىم-پەن ئۆگرەتىشى، قۇرئان كەرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك-تۈمەن كىتابلاردىن ياش ئىز باسارلارغا بىلىم بەرىشى، بىلىك ئۆگرەتىشى زادى قانچەلىك ئىبادەتكە بارابەر بولىدىغاندۇ-ھە؟! ئاخىردا، تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى يائقۇب بەگنىڭ ئاداققىي تاللاشى ھەققىدە بەرگەن بىباھا بايانلارىمۇ ئەۋلادلارنىڭ ئىپتىخار بىلەن ئوقۇپ چىقىشىغا، ئىجتىھاد بىلەن مۇتالىئە ۋە مۇھاكىمە قىلىشىغا بەكمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇ مەزكۇر ماۋزۇدا مۇنداق يازىدۇ: "شۇ كۈنلەردە يەنە مۇنداق بىر ۋاقىئە بولدى: ئورۇسىيە ئىقلىمىنىڭ ھۆكۈمرانى ئاق پادىشاھتىن ئەلچى كەلدى. جانابىي ئاتالىق غازىي ئۇ ئەلچىنىڭ ئىززەت ئىكرامىنى قىلىپ، قوبۇل قىلدى ۋە چىرايلىق ئۇزاتىپ قويدى. بۇ ئەلچى ئەسلىدە، ئورۇسىيە بىلەن ئاتالىق غازىي پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بۇ دۆلەت ئوتتۇراسىدا دوستلۇق مۇناسىۋەتى ئورناتىش، ئاندىن، ئۆزىگە ئىتائەتمەن ۋە پەرمانبەردار قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەر دۆلەتىگە ئىگە بولۇش غەرەزى ۋە مۇددىئاسى بىلەن كەلگەنىدى. شۇ تەرىقەدە ، ئورۇسىيەدىن نەچچە قاتىم ئەلچى كەلدى. ئاتالىق غازىي ئادەم بۇيرۇتۇپ مۇلازىمەتىنى ياخشى قىلدۇردى. ئۆزىمۇ ياخشى گەپ بىلەن چىرايلىق ئۇزاتىپ تۇردى. ئەلۋەتتە، ئاق پادىشاھ مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، «ئاق مەسجىد ھىيلەسى»نى تەكرار ئىشلەتىپ، خۇددى دەريانىڭ بالىقىنى ساتىۋالىش باھانەسى ئارقالىق، فەرغانە ۋىلايەتىگە ئىگە بولىۋالغاندەك، <بىر باھانە – سەۋەب قىلساق، بۇ يەتتە شەھەرگەمۇ ئىگە بولۇپ قالساق ئەجەب ئەمەس> دەگەن مۇددىئا ۋە مەقسەتنىمۇ كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. بۇ يوشۇرۇن غەرەزنى كۆرۈپ يەتكەن ئاتالىق غازىي ئۇ كەلگەن ئەلچىلەرگە زادىلا سىر بەرمەدى. ھەتتا، مەزكۇر ئەلچىلەرنى باشقا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمەي، ئۆزى ئىھتىيات بىلەن كۆرۈشۈپ، مەخپىي ھالدا يولغا سالىپ قويۇپ يۈرىۋەردى. بۇ ئارىلىقتا، يەنە فەرەڭنىڭ (ئەنگىلىيەنىڭ) ئايال پادىشاھىدىن فۇرسەت سائىب دەگەن بىر كىشى ئەلچى بولۇپ كەلدى. ئايال پادىشاھ بۇ ئەلچىدىن ئاتالىق غازىيغا مەخسۇس خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، خەتتە: < بۆلەك دۆلەتلەر بىلەن دوست بولماي، بىز بىلەن دوست بولسىلا. ئەگەر قورال – ياراق ۋە ئەسكەر لازىم بولسا، مەن كاشغەردە بىر كونسۇل توختاتىپ، قورال – ياراقلارى بىلەن ئون – يىگىرمە مىڭ ئەسكەر بەرەي. گەزى كەلىپ، دۈشمەنلەر كۈچلۈك كەلىپ قالغۇدەك بولسا، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم قىلىمەن. ئۇ يەردە تۇرغۇزۇلىدىغان بىزنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى ئىككى تەرەپ تەڭ باراۋەر ئۈستىمىزگە ئالساق. مۇشۇ تەرىقەدە، ئاتمىش يىل ئۆتكەندىن كەيىن، يەتتە شەھەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىلە، بىز ھۆكۈمرانلىق قىلساق. شۇ چاغدامۇ، ئەۋلاد ۋە ئەھفادلارغا قىلىدىغان تەربىيە ۋە شەپقەتلەرىمىزنى ھىچ ئايامايمىز. بۇ ھەقتە، قەسەم ئىچىشىپ، كەلىشىم – پۈتۈملەرنى مۇكەممەل قىلىپ تۇزسەك> دەگەن مەزمۇنلار يازىلغانىدى. مەزكۇر ئەلچى كەلىپ، ئەلچىلىك رەسىم – قائىدىلەرنى بەجا كەلتۈرگەندىن كەيىن، ئاتالىق غازىي ياخشى مۇلازىمەت بىلەن خىزمەتىنى ئوبدان قىلدى. زىياپەتلەر بەرىپ، بىر نەچچە كۈن مىھمان قىلدى. ئاخىردا، ئايال پادىشاھنىڭ پىكرىنى قوبۇل كۆرمەي، سىلىق گەپ، دوستانە مۇئامىلە بىلەن، جاۋاب خەت يازىپ ئەلچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، چىرايلىقچە يولغا سالىپ قويدى. يەنە بىر ۋاقىئەنى دەسەك، مۇشۇنداق بېر تەرەپتىن ئاق پادىشاھ ئەلچىلەر ئەۋەتىپ، بۇ يەتتە شەھەرنى ئۆزىنىڭ تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈشنى تەمە قىلىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، فەرەڭ ئايال پادىشاھى «كونسول توختاتىپ، ئەسكەر ئەۋەتىپ، ياردەم قىلسام» دەپ، ئارقا – ئارقادىن ئەلچى ۋە خەتلەر يوللاۋاتقان بىر مەزگىلدە، < فەغفۇر چىن (خاقانى چىن) بۇ قەدىمىي مۈلۈك زەمىنىنى قايتۇرۇۋالىش ئۈچۈن لەشكەر ماڭدۇرۇپتۇ> دەگەن خەۋەر كەلدى. بۇ ئەھۋالدا، يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىي دۆلەت ئەركانلارىنى جەم قىلىپ : < شۇ ئاندا، مەسلىھەتنىڭ ئوبدانى شۇكى، رويىزەمىندەكى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى، رۇم خەلىپەسى، ئوسمانىيە دۆلەتىنىڭ شاھىنشاھى ئالىيلارىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بىر پادىشاھ بىلەن يىگىرمە – ئوتتۇز مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلاي – دە، يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئوسمانىيە دۆلەتىگە تاپشۇرۇپ بەرىپ، ئۆزۈم ئۇ بۈيۈك پادىشاھنىڭ بەرگەنىنى يەپ كۈن كۆچۈرىدىغان بىر پۇقراسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسمان پەلەكتەك يۈكسەك بارگاھىنىڭ بوسۇغاسىنى كۆزۈمگە تۇتىيا قىلىپ سۈرسەم دەيمەن. ئاندىن، شاراپەتلىك ئىككى ھەرەمنىڭ ئالىي زىيارەتىگە بىر مۇشەررەپ بولسام دەگەن بىرلا ئارزۇيۇم بار> دەگەندە، ھەممەيلەن: < بارىكاللاھ! تولامۇ ئوبدان مەسلىھەتكە كەپتۇلا جانابىي ئالىيلارى!> دەپ، تەھسىن – ئاپەرىنلار بىلەن رازىيلىق بىلدۈرۈشتى.(قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 431-433-بەتلەر) مۇلاھىزە: ھەر دەۋر، ھەر زاماننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدەلىكى، ئارتۇقچىلىقى، شۇنداقلا چەكلىمەلىكى بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەر زامان، ھەر جاھان ۋە ھەر دەۋرنىڭ سۇلتان-پادشاھلارىمۇ ئومۇمەن قىلىپ ئەيتقاندا، شۇ ئالاھىدەلىك ۋە ئەنە شۇ ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگەچىلىكلەرنى گەۋدەلەندۈرگەن ئاساستا، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈپ ئۆتۈدىكەن. 19-ئەسىر كاشغارىيە دۆلەتىنى قۇرۇپ، ئۇنى ئون تۆرت يىل ياشناتقان پرىزدىنت مۇھەممەد يائقۇب بەگ بۈگۈنكى بۇ زامانىمىزداكى سۆرۈن ئالقىش ۋە سوغاق قوللاشلار بىلەن بولسامۇ، يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۆكۈمرانلىق سۈرۈپ كەلىۋاتقان مۇسۇلمان پادشاھ-پرىزدىنتلەردەك "ئۆزى زالىم كاپىر بولسامۇ، پۇلى ماقۇل ھالالدۇر!" دەپ، ئۇلارنىڭ ھامىيلىقىدا ياشاشنى ھىچبىر نومۇس بىلمەيدىغان دۆلەت باشلىقى بولماغانلىقى ئۈچۈنلا، تۈرك ئوسمانىيە ئىمپراتورلۇقىغا (گەرچە ئۇنىڭ سەلتەنەت قۇياشى غەربكە ساڭگىلاغانلىقى ئەنىق ئەھۋالدا بولسامۇ) سىغىنغان، ئاداققاچە تۈرك بايراقىنى ئەگىز كۆتۈرۈپ، ئىمپراتور ئابدۇلھەمىد خاننىڭ ھىمايەسى ئاستىدا بولۇشنى راۋا كۆرگەن، ئىيمان-ئەقىدە ئۈچۈن، بۈيۈك تۈركلۈك يولىدا شەھىد بولۇپ كەتىشكە رازىي بولغاندۇر!
ئىنگلىزنى تاللاماي ئۆز ۋاقتىدا يائقۇب بەگ، يا ئورۇسنى قىلماغان جان ساقلاش ئۈچۈن يۆلەك. مۇسۇلمانلىق ئىمانى قىلغان رۇمنى ئىختىيار، دۆلەتنى ساقلاش ئۈچۈن تاكتىك يول يوقمىش بۆلەك. 2019-يىل، 28-دىكابىر. گۆلجۈك. |
|

