|
ئۇنۇتۇلماس كاشغەرىي يىلى
(چاتما ئەدەبىي خاتىرە) ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
ئىككىنجى باب
«ئوپالغا بارىپ، بوۋامىزنىڭ قەبرىسىگە گۈل-چەچەك ياپايلى»
قوللاردا زەپ لاۋۇلدايدۇ، كاشغەرىيدىن مىراس مەشئەل؛ تومۇرلاردا پەۋەس غەيرەت، ئىلىم يولىدا پۈتكۈل ئەل.
تەۋەررۈك بىزگە شۇ "دىۋان"، بىلىك -ھىكمەت ئۇنىڭدا تەل؛ قۇچۇش نۇسرەت يولى داغدام، پولاتتەك بولسا مەھكەم بەل ("كاشغارىيە سەلكىنلەرى"، 37-بەت، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 2020يىل، ئىستانبۇل)
مىلادىيە 1978-يىلدىن باشلانغان ۋە "ئىشىكنى سىرتقا قاراپ ئاچىۋەتىش" ئاتالغان دىموكراتىك ئىسلاھات تۈزۈمى پۈتكۈل جۇڭگونى باشقاچە بىر راھەت ھەمدە گۈللەنىش مۇھتىغا ئەرىشتۈردى. بۇ راھەتلىك مۇھىتتا، خەنزۇلاردىن ساندا ئاز بولغانلىقىز ئۈچۈن "ئاز سانلىق مىللەت" دەپ ئاتالىدىغان بىز ئۇيغۇرلارمۇ، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق ئىككىنجى سىنىپ مىللەتلەرى قاتارىدا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن، مىلادىيە 1949-يىلدىن باشلانغان ئالدىنقى ئوتتۇز يىلغا سالىشتۇرغاندا، مىسلى كۆرۈلمەگەن دەرىجەدە قەد كۆتۈرۈپ قالدۇق: چەت ئەللەرگە چىقىپ تۇغقان يوقلايالايدىغان، تىجارەت قىلالايدىغان، ھەتتا چەت ئەللەردىكى داڭقلىق ئۇنىۋەرسىتىتلەردە ئوقۇيالايدىغان بولدۇق؛ ئۆزلەرىمىزنىڭ مىللىي داھىيلەرى، ئالىملەرى ۋە كلاسسىك مەدەنىيەت ئەسەرلەرى ھەققىدە ئالدى-ئارقامىزغا قاراماي پاراڭ قىلالايدىغان، يىغىن-يىغىلىش ئۇيۇشتۇرالايدىغان ۋە ئۇلار توغراسىدا ماقالە- ئەسەر يازىپ ئەلان قىلالايدىغان بولدۇق. ئەگەر مۇنداق دىموكراتىك مۇھىت بولماغان بولسا، بۈيۈك تۈركولوگ بوۋامىز مەھمۇد كاشغەرىينى مۇئەييەن ئاشكارا پائالىيەتلەر ئارقالىق خاتىرەلەش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇنكى! دەمەك، سىياسىي مۇھىتىمىز شۇ قەدەر راھەت ئىكەن، ئىجتىمائىي تۈزۈمىمىز شۇ قەدەر قولاي ئىكەن، مۇنداق قولايلىقتىن ئەڭ ياخشى دەرىجەدە پايدالانماي، "ئۆزلەدىن كەلسۇن" دەپ، سۇس ۋە روھسىز قاراپ ئولتۇرساق، ھىچ پەرۋاسىز يۈرسەك بولمايدۇ-دە!؟ شۇڭا، دەرس ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىپ دەدۇقكى: «ئى، ئەۋلادلار! كاشغەرىي يىلى بۇ 2008-يىل، ئىپتىخارلانىڭلار، شادلانىڭلار؛ شادلىقىڭلارنى، ئىپتىخارلانغانلىقىڭلارنى مۇئەييەن بىر ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقالىق ئىپادەلەڭلەر، مەسىلەن، "دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە ئىزناكى" ياساتىڭلار، باشقا غەلىتە سۈرەتلەر چۈشۈرۈلگەن مايكالارنى كىيىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا قىلدۇرۇپ كىيىڭلار؛ يازلىق تەئتىلدىن پايدالانىپ، ئوپالغا بارىپ، بوۋاڭلارنىڭ قەبرگاھىنى كۆرۈپ، سۆيۈپ ۋە سۈپۈرۈپ كەلىڭلار. كىم بىلىر، سىز-بىزلەر بۇ ئۆمرۈمىزدە، ‹دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى›دىن يەنە بىرنى ياشايالماسمىز بەلكىم...». خوشالمەنكى، بالالارىمىز يەنەلا بىزنىڭ بالالارىمىز-دە! ئۇلار دۇرۇست گەپىمىزنى ئاڭلادى: بەختىيار ساۋاقداش ئىللىپىس شەكىللىك دائىرە ئىچىگە نەۋقىران مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ( مەشھۇر رەسسام غازىي ئەھمەد ئەپەندىم سىزغان) پورتىرىتى چۈشۈرۈلگەن، رەسىمنىڭ چۆرەسىگە ۋە ئاستىلارىغا «2008-يىلنىڭ دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز» دەگەن ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە خەت باسىلغان مايكا ئىشلەتتى. مەن باشلاپ كىيىپ، ئەللىك ئالتە مىللەتلىك مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتى قورۇسىدا مەيدەمىزنى كەرىپ مەردانە يۈردۇق ۋە مۇشۇ پائالىيەتىمىز ئارقالىق، بۇ يىلنىڭ «دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» ئىكەنلىكىنى مەكتەپداشلارىمىزغامۇ بىلدۈرگەن بولدۇق. ئابدۇقادىر مەسلەكداش مەزكۇر رەسىم چۈشۈرۈلگەن ئىزناكتىن ساق مىڭ دانە ياساتتى، سۆيگەن ۋە سۆيۈنۈپ تاقايدىغانلارغا ئون كويدىن ساتتۇق. ئىزناكنى غۇرۇر بىلەن كەرىلگەن مەيدەمىزگە ئىپتىخار بىلەن تاقاپ مەغرۇر يۈردۇق، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، «دۇنيا ئاتالار بايرامى كۈنى» بولدى. بۇ بىر يەكشەنبە كۈنى ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي يىلى خاتىرە مايكاسىنى كىيگەن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار جەم بولۇپ، مەكتەپ باغچاسى ۋە دەرۋازاسى ئالدىدا، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۈيۈك ئاتامىز مەھمۇد كاشغەرىينى شۈكران ۋە رەھمەتلەرىمىز بىلەن ئەسلەگەن ۋە ئىكراملىق ھۆرمەت بىلەن خاتىرەلەگەن بولدۇق. 2006-يىللىق ئۇيغۇر سىنىپ ئوقۇغۇچىلارى مەكتەپكە دوكلات يازىپ، يازلىق تەئتىلدىن پايدالانىپ، ئوپالغا بارىپ بۈيۈك بوۋامىزنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىپ كەلىشكە ئىزىن-ئىجازەت سورادى. دوكلات مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىك ئورگانىدا، خەلى ھايال بولۇپ تۇرۇپ قالدى. مەن يەتەكچى ئوقۇتقۇچى ئابدۇرەئوپ پولاتنى مۇناسىۋەتلىك باشلىقلار ئىشخاناسىغا چاقىرتىپ، مۇنداق مەسلەھەتلىك پىكىرنى سەمىمگە سالدى: -سىز ئوبدان بىلىسىز،- دەدى رەھبەرلىك،- بۇ يىل (يەئنى2008-يىل) مەملىكەتىمىز جۇڭگودا تۇنجى قاتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقەسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ تارىختىن بۇيان تۇنجى قاتىم بولىدىغان خەلقئارالىق بۈيۈك پائالىيەت بولغاچ، دۆلەتنىڭ مۇناسىبەتلىك ئورگانى تۆۋەنگە خاس ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇ يىلقى ھەر قانداق مەدەنىي پائالىيەتلەرنى بەيجىڭ خەلقئارا ئولىمپىك مۇسابىقەسىگە بويسۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، ئاڭلاساق، مۇشۇ مۇناسىبەت بىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پەرمان چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەئۋەسىدە، ھەر قانداق يىغىلىش، رايون ئاتلاپ كوللىكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيەتلەرىنى چەكلەپتۇ. ئىگەلەشىمىزچە، سىلەر تەشكىللەگەن بۇ زىيارەت ئەترەتى تەركىبىدە، 2006-يىللىق ساۋاقداشلاردىن باشقا، كەلەر يىلى ۋە ياندۇرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ باركەن. بىلىسىز، بۇ بالالار ئوقۇش پۈتتۈرسە يەنەلا شۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بارىپ خىزمەت قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانى بۇ بالالارىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسلىدىن زاكونلۇق ۋە يوللۇق بىر پائالىيەتنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىزىن-ئىجازەتىسىز قىلىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك، كەمچىلىك ھىسابلاپ خاتىرەلەپ قويسا، گەزى كەلگەندە ئۇلارنىڭ خىزمەت تاپىشىغا تەئسىر يەتكۈزۈپ قويماسمۇ؟ ھالبۇكى، تەئتىل مۇناسىبەتى بىلەن ئۆي-تۇغقان يوقلاشقا بارىدىغان قەشقەرلىك ئوقۇغۇچىلارىمىز ئۆزلەرى ئايرىم شەخس ھالەتى بىلەن قەبرى يوقلاش قىلسا بولۇر، ئەمما پۈتۈن بىر فاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلارىدىن تەشكىللەنگەن قىرىق ئادەملىك كوللىكتىپ داغدۇغا بىلەن بايراق كۆتۈرۈپ بارىپ، كوللىكتىپ پائالىيەت قىلماي تۇرساڭلار قانداق؟ مەن بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەنى ئالدى بىلەن ئۆزەم ئاندىن كەيىن، ھەقدار كۆپچىلىك بىلەن بىللە، ئەستايىدىل ئويلاشىشنى توغرا تاپتىم. مەنىڭ چۈشەنچەمچە، ۋەتەن ئىشلەرىنىڭ پىداكارلىق باش مەيدانى يەنەلا ئانا يۇرتتا-ۋەتەندە. بىر يارىم مىليارتقا ياقىن خەق بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ-تەڭ قوپۇپ ياشاشقا تىرىشىش، كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەتتە ئۆز مىللەتىنىڭ ھەقلىق نەسىۋە ۋە ھەققىگە ئەرىشىش ئۈچۈن ئۆلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتىش ئەمەلىيەتتە، قاراملىق، تەۋەككۇلچىلىق ۋە يۈكسەك پىداكارلىقتىن باشقا، يەتىك پاراسەت ۋە تاكتىكالىق ئىلمىي كۈرەش تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھالدا، مەكتەپ ۋە فاكۇلتەت رەھبەرلىكىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاغاندىن كەيىن، مەن پاراسەت بىلەن ئويلانىپ قالدىم. چۈنكى، ئون-ئون بەش يىللاپ، ئاتا-ئاناسىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەمىنى سەرپ قىلىپ ئوقۇپ بۇ كۈنگە ئۇلاشقان ياش ئوقۇغۇچى-ئىز باسارلارنىڭ ئىقباللىق بولۇشىغا مەسئۇل بولۇش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كەيىن، ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەيدانى بولغان ئىش-خىزمەت ئورنى تاپىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ۋە مەمۇرىي رەھبەرلىكنىڭ ھەققى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتى ئىدى. مۇشۇ نۇقتانى چىقىش قىلىپ ئەيتقاندا، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى پىكىر-تەلەپ ۋە ئەندىشەنى ئوتتۇراغا قويۇشى خاتا ئەرمەس ئىدى. ئەمدى، قانداق قىلساق بىزمۇ دۇرۇس قىلغان بولىمىز؟ بۇ پىكىرنى ھەقدار ئەۋلادلارنىڭ مۇلاھىزە ۋە مۇزاكىرەسىگە سالىپ كۆرەيلى، قەنى! كۆپچىلىكىمىزدە شۇ تەئسىرات بار: بىزنىڭ ئادەملەرىمىزنى " مۇنۇ ئىشنى سىلەر-بىز بىرلەشىپ ئورتاق قىلايلى، ماۋۇ يەرگە كەلىڭلار" دەپ مائقۇلغا كەلتۈرمەك بەكلا تەرس، ئەگەر " ماقۇل، بۇ بىر ئىشنى بىز بىرلىكتە قىلايلى بولۇپتۇ" دەپ كوللىكتىپ قارار ئالغاندىن كەيىن، ئۇنى قىلماسلىققا، قارارنى بىكار قىلىشقا مائقۇل قىلماق بولسا، تەرستىنمۇ تەرستۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىللاردىكى دىموكراتىك مۇھىت، ئەركىن پىكىرلىك ئورتام ئەۋلادلارنى باشقاچە روھلۇق ۋە قورقۇمسىز قىلىۋەتكەندەك ئىدى. رەھبەرلىكنىڭ مەسلىھەت پىكىرىنى ئاڭلاغان پائالىيەتچىلەر خۇددى پوروقلاپ قايناغان قازاندەك قايناپ كەتىشتى: -ئەگەر ئانا يۇرتتىكى قارىنداشلارىمىزنى پائالىيەت قىلغالى قويمايدىغان بولغانلىقى راستلا بولسا، بۇ ھالدا، بىزنىڭ بۇ پائالىيەتىمىز بىزگە ۋاجىب بولۇپتۇ! -ياق، ۋاجىبلا ئەرمەس بەلكى پەرز-بۇرچ بولۇپتۇركى، بۇ پائالىيەتنى بىز قىلماساق زادىلا بولماغۇدەك! -بۇ "دۇنيا مەھمۇد كاشغەرىي يىلى" دەگەن دۇنيا ئاپىرىدە بولۇپ، مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى بولىۋاتقان خەلقئارالىق بايرام. ھالبۇكى، بىز كاشغەرىينىڭ ۋەتەنداشلارى تۇرۇغلۇق، بوۋامىزنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ، گۈل-چەچەك ياپىپ كەلىشكە ھەققىمىز يوقمىكىن-ئەجەبا؟! - ئەگەر مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزگە رۇخسەت بەرمەسە، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلەرى كومىتىتىغا ئەرز قىلىپ بارىمىز!" بۇ مۇزاكىرەنىڭ ئاخىرى بەكمۇ جىدەللىك بولۇپ كەتمەدى. چۈنكى، مەكتەپ رەھبەرلىكى رىئال ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، ياخشى نىيەت بىلەن مەسلىھەت پىكىرى بەرگەن ئىدى، خالاس. ئۇلار ئوقۇغۇچىلارىمىزنىڭ زاكونلارىنى ئاڭلاغاندىن كەيىن، قايتا تالاش-تارتىش قىلمادى ۋە فاكۇلتەت پارتياچىيكاسىنىڭ سەكرىتارى ئەركىن ئابدۇللاھ بىلەن مەن پائالىيەت يەتەكچىسىنى قائىدە بويىچە "مەسئۇلىيەتنامە (责任书)"غا ئىمزا قويدۇرغاندىن كەيىن، چىرايلىقچە ئىزىن-ئىجازەت خەتى كەسىپ بەردى. بۇ- 2008-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىدى. 27-ئىيۇن كۈنى، ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەئتىلگە قويىۋەتىلدى. «بۇ تەئتىلىمىز، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلماس بىر تەئتىل بولىدىغان بولدى» دەيىشەتتى ياش ئەۋلادلار ئىپتىخار ۋە ھاياجان بىلەن. شۇنداق قىلىپ، مەھمۇد كاشغەرىي بوۋامىزنىڭ ئوپالدىكى قەبرىگاھ باغچاسىدا 25-ئىيۇل كۈنى ئۇچراشىشقا ۋەئدەلەشكەندىن كەيىن، ئوقۇغۇچىلار تەئتىل قىلىپ، ئانا يۇرت تامان ئۆيلەرىگە قايتىشتى. 2008-يىل 30-ئىيۇن، بەيجىڭ.
يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر. |
|

