|
"تارىخى ھەمىدىي"دە كۇچا قوزغالاڭى ۋە راشىددىن خوجا
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (7) در.دەريا تۈمەن 7-مەجلىس: "تارىخى ھەمىدىي"دە كۇچا قوزغالاڭى ۋە راشىددىن خوجا
تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ نامايەندە خاراكتىرلىك ژىرىك ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي" نىڭ بىرىنجى داستان بىرىنجى بابىدا، 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللارى كۇچا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن خاقانى چىنغا قارشى خەلق قوزغالاڭىنىڭ پارتىلاش جەريانى ھەققىدە مەخسۇس توختالىپ مۇنداق يازىدۇ: "شۇنى بىلىش كەرەككى، ئۆزىنىڭ چەكسىز بىلىمى ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ھىكمەتى بىلەن ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ياراتقان تەڭداشسىز ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پەزلى – كارامەتى شۇنداقلا مۇقەددەس ئەرۋاھلارنىڭ مەدەت – ياردەمى بىلەن، بۇ يەتتە شەھەر قەدىمكى مۇسۇلمان خانلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، بىر يۈز ئون سەككىز يىل مىقدارى خاقانى چىن ھۆكۈمەتى تەختى سەلتەنەتىنىڭ تەسەررۇپىدا بولدى. بۇ جەرياندا، پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ يۇرت باشقۇرۇش ئىشلارىداكى تەڭسىزلىكى سەۋەبىدىن خار – زار بولدى؛ زالىم خىتاي مەنسەپدارلارى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ جەۋر – زۇلمى دەستىدىن جانىنى باقالماس شور پىشانەلەرگە ئايلانىپ قالدى. شۇڭا، پۇقرالار سەمىمىي كۆڭلى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈزلەنىپ تۇرۇپ، زار – زار يىغلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نىجاتلىق تاپىشى ۋە كاپىر زالىملارنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، توساتتىنلا ئاسماندىن بالايى – قازا، ئاللاھتىن جازا چۈشكەندەكلا ئىش بولۇپ، بىر ئۇچۇم تۇنگانىيلار بىر كەچەدەلا قوزغالاڭ كۆتۈرۈپ، كۇچا شەھرى ۋەيشاڭ بازارلارىغا ئوت قويۇپ، كۆزگە چالىققانلىكى كاپىرنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا، ياڭىھىسار ھاكىمىنىڭ ئوغلى ئاللاھيار بەگ بىرمۇنچە دەردمەن ئۇيغۇرغا باشلامچىلىق قىلىپ، قوزغالاڭ كۆتۈردى. قوزغالاڭچىلارنىڭ ھەممەسى بىر دىل – بىر نىيەتتە بولۇپ، مۇستەھكەم ئىتتىپاقلاشىپ، مەنسەپدار ئامبانلارنىڭ يامۇللارىغا ئوت قويىۋەتتى ۋە تاڭ ئاتقاچە نۇرغۇن كاپىرنى يوقاتتى. كۈن چىققاندىن كەيىن، مەنسەپدارلار چەرىكلەرىنى باشلاپ چىقىپ جەڭ قىلىپ باققان بولسامۇ، قوزغالاڭچىلار قوشۇنىغا تەڭ كەلىپ بولالماي، مەغلۇپ بولۇپ قاچىپ كەتىشتى. قوزغالاڭچى ئۇيغۇرلار غەلىبە قازاندى. بۇ مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلغان يىلدىن باشلاپ ھىسابلانىدىغان ھىجرىيە يىلى ھىسابىدا، بىر مىڭ ئىككى يۈز سەكسەن بىرىنجى يىلى، يەنى يىلان يىلى، جەۋزا پەسلى، مۇھەررەم ئايىنىڭ بىرىنجى كۈنى، شەنبە كەچەسى ( مىلادىيە 1864- يىلى 6 – ئاينىڭ 6- كۈنى ) ئىدى. بۇ چاغدا، كۇچا خوجالارى ئىچىدە «راشىددىن خوجا» ئىسىملىك خەقلەرگە كۆپ ئارالاشمايدىغان دەرۋىش سۈپەت بىر خوجا بولۇپ، كۆپرەك مەۋلانا ئەرشىددىن مازارلىقىدا دۇئا – تەلەپكە مەشغۇل بولغان ھالدا، تۇرمۇش كۆچۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدەمۇ، تۇنگانىيلار ئاراسىدامۇ مۇرىت – مۇخلىسلارى كۆپ بولۇپ، كىملىك جەھەتتە، يولباشچىلىق سالاھىيەتىنى ھازىرلاغان بىر شەخس ئىدى. قوزغالاڭچىلار بۇ كىشىنى ئىبادەتخاناسىدىن ئالىپ چىقىپ: < سىلە بۇرۇندىنلا بىزگە پشىۋا ۋە يولباشچى ئىدىلە؛ ھەلىھەم پىشىۋا ۋە يولباشچى بولۇپ، خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ بەرسىلە؛ سىلە بىزگە باش بولۇپ، ھۆكۈم پەرمان چۈشۈرۈپ بەرسەلەرىلا بولىدۇ > دەگەنلەرىچە، ئۇ كىشىنىڭ خاھلاغان ياكى خاھلاماغانلىقىنى سوراشقامۇ ئۈلگۈرمەگەن ھالدا، قەدىمىي خان – سۇلتانلىقتىن كەلىۋاتقان ئۇدۇم قائىدە بويىچە، ئاق كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، خانلىق تەختىگە چىقاردى. توختى ئىشىك ئاغا بەگنى ۋەزىر قىلىپ بەكىتتى. ھەممەيلەن بىردەك قارار قىلىپ، كۇچا ھاكىمى قۇربان بەگ قاتارلىق سەككىز نەپەر بەگنى ئۆلتۈرۈپ، تەئەللۇقاتلارىنى تالان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان باشقا مەنسەپدارلار قورقۇنچتىن دىر – دىر تىترەشىپ، مەزكۇر راشىددىن خاننىڭ ئەمرى ئىتائەتىدە بولىدىغانلىقلارىنى بىلدۈرۈپ، بويۇنلارىنى ئەگىشتى." (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" <يەڭى تەرجىمە نۇسخا>، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، 175-178-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي نەشرى.) ئاندىن، مەزكۇر كىتابنىڭ ئىككىنجى داستان ئون توققۇزىنجى بابىدا، كۇچا قوزغالاڭىنىڭ نەتىجە–سەمەرەسى بولغان راشىددىن خوجا يادرولۇقىداكى خانلىق ھاكىمىيەت ئورگانىنىڭ تەشكىللەنىش جەريانى ھەققىدە، ئالىم مۇسا سايرامىي مۇنداق بىر مۇھىم تەپسىلاتنى تولۇقلاپ بايان قىلىدۇ: " <خاقانى چىن كاشغارىيە دۆلەتىنى ئىستىلا قىلغان> شۇ چاغلاردا يەنە مۇنداق بىر ۋاقىئە بولدى: ئەسلىدە، جانابىي ئاتالىق غازىي بەدەۋلەت ئاقسۇ، كۇچالارنى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزگەن چاغىدا، كۇچالىق خوجاملار ھۆكۈمەتىدە كاتتا ئەمەل تۇتقان خوجاملاردىن خەتىب خوجامنى ئوغلى بىلەن بىللە كاشغەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەنىدى. بۇ نۆۋەت، ئۇلۇغ خاننىڭ چەرىكلەرى كەلگەن چاغدا، مەزكۇر خەتىب خوجاملار يا بىر تەرەپكە قاچىپ كەتەلمەي، كاشغەردە، ئۇ يەر – بۇ يەرگە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، كۈن ئۆتكۈزگەنىدى. ئاقىۋەتتە، خەتىب خوجام ھەققىدەكى پاراڭ زوڭتاڭ دارىننىڭ قۇلاقىغا يەتتى. نەتىجەدە، ئۇ خەتىب خوجامنى تۇتتۇرۇپ كەلىپ، بىر نەچچە قاتىم سوراق قىلدى. بىر قاتىملىق سوراقتا، زوڭتاڭ دارىن: < سىلەر نەمە ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئامبان، دا لويەلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ شەھەرلەرنى پاراكەندە قىلدىڭلار؟ > دەپ سورادى. خەتىب خوجام: < قوزغالاڭ بولغان شۇ چاغدا، بىز كۇچا شەھرىنىڭ سىرتىداكى< مەزار باغ > دەگەن يەردە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانىپ ئولتۇراتتۇق. بىر كەچەسى، بىر مۇنچە تۇنگانىي ۋە چەنتو ( 缠头ئۇيغۇر-ت) لاردىن بولغان قىمارۋاز، سوكو – سالتاڭلار قوزغالىپ چىقىپ، شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئامبان، چەرىك ۋە ئالىپ – ساتار، مەيمەيچى خىتايلارنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئاندىن، ئەھمەد ۋاڭ بەگىمنىڭ ھوزۇرىغا بارىپ: < سىلە بىزگە خان بولۇپ بەرسىلە > دەپ تەلەپ قىلىپتۇ. ئەھمەد ۋاڭ بەگىم؛ < مەن ئۇلۇغ خاننىڭ نۇرغۇن ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولغان ئادەممەن؛ شۇڭا ئۇلۇغ خانغا قارشى چىققان ئادەملەرنىڭ پادىشاھى بولمايمەن> دەسە، شۇ زامان چوماقداپ، ئۆلتۈرۈپ تاشلاپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۇچانىڭ ھاكىمى باشلىق سەككىز بەگنى ئۆلتۈرۈۋەتىپ، مال – مۈلۈك، تەئەللۇقاتلارىنى بۇلاپ كەتىپتۇ. شۇ ئىشلار بولۇپ، ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كەيىن، بىر مۇنچە تۇنگانىي قىمارۋازلار بىز ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغان مەزار باغقا چىقىپ، ئۇناماغانىمىزغا ئۇناماي، بىزنى ئۆزلەرىگە باشلىق قىلىۋالغانلىقى راست. بىز جانىمىزنى ساقلاپ قالىش ئۈچۈن، ئۇناماساق بىزنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتمەسۇن دەپ قورقۇپ، باشلىق بولدۇقكى، ئىختىيار بىزنىڭ ئۆزىمىزدە ئەمەس ئىدى. كەيىن، لو پادىشاھ يائقۇب بەگ بۇ يۇرتلارغا ئەگەدارچىلىق قىلدى. بىزنى بولسا، كاشغەرگە سۈرگۈن قىلىپ، توختاتىپ قويدى> دەپ جاۋاب بەردى. " (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 618-619-بەتلەر) ئاشۇنداق ئامالسىزلىق ۋە ناچارەلىك بىلەن مەجبۇرىي پادشاھ بولغان راشىددىن خوجا خاننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەريانى ھەققىدەمۇ مۇسا سايرامى دەبدەبەلىك داۋراڭ ۋە تۈكى يوق قۇرۇق گەپلەرنى ئەمەس بەلكى ئەمەلىي بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ مۇنداق يازىدۇ: "شۇنداق قىلىپ، راشىددىن خان خوجام تولۇق ئۈچ يىل يەنە بىرئاي، يەنى ئوتتۇز يەتتە ئاي پادىشاھلىق قىلىپ، شەرقتە قامۇل، بالەكۆل، شىمالدا قالمۇقىستان، غەربتە ياركەند، مارالباشى، جەنۇبتا لوپ، چەرچەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زېمىندا ھۆكۈمرانلىق سۈردى." " ئۆز ۋاقتىدا، مەزكۇر مەۋلانا ئەرشىددىن مازارلىقىنىڭ ۋەخپە يەرلەرىدىن چىققان مەھسۇلاتلارغا قانائەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە شەرەپشان دىھقانلارنىڭ ئۆشرە – زاكات ۋە خەير – سەدەقاتلارىغا ھاجەتمەن بولۇپ تەلمۈرگەن، تۈزۈكاللا ئۆي – جايى يوق، مازار – قەبرىنى ئىھاتەلەپ قويغان ئۆيلەرنى ماكان قىلىپ، ئاستىغا ئارانلا بىر پارچە بورىيا سالىپ ئولتۇرۇپ، تائەت – ئىبادەت قىلىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھال سوراپ كەلگەنلەر بەرگەن بىر جۈپ قاتتىق نان بىلەن بىر تاۋاق گۈلە – قاققا خوش بولۇپ بىر ھازا دۇئا قىلغان بۇ خوجاملار ئالەمنى ياراتقۇچى ۋە ھەممە ئادەمگە رىزق يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئاللاھۇتەئالانىڭ مەرھەمەتى ۋە ئىنايەتى بىلەن پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ھۆكۈمران بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆمۈر ئىچىدە كۆرۈپ باقماغان، ئۇلارلا ئەمەس ئۇلارنىڭ ئەجدادلارىدىنمۇ ھىچكىم كۆرۈپمۇ باقماغان، ھەتتا موغۇلىستان يۇرتى بويىچە ھىچقانداق بىر ئادەم جىنسىگە نەسىپ بولماغان ئالەمشۇمۇل دۆلەتمەنلىك مەزكۇر خوجاملارغا نەسىپ بولغانىدى." "ۋاھالەنكى، خوجاملارنىڭ ھەر قايسىسى ھەر ئەتىگەنلىكى ناشتالىق ئۈچۈنلا نەچچە تۈرلۈك ھالۋا، قەنت – قەندەلات، نەچچە خىل مۇراببا ۋە روھنى ئۇرغۇتقۇچى شەربەتلەر، پاقلان گۆشىدە قىلىنغان خىلمۇ خىل كاۋاپ، خوشاڭ، تاڭ بوفا، لەززەتلىك ۋە شىرىن بەجىنچە تائاملار، تۈرلۈك – تۈرلۈك نازۇ نىئمەتلەرنى ئىستىمال قىلغاچقا، ھەر زامان ھۇزۇرىدا ھۆر – پەرى سۈپەت خوتۇن – قىزلار تەييار تۇرغاچقا، ئۆزلەرىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ: < بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايانىپ ئىسلام ئاچىپ، پادىشاھ بولدۇق ۋە تۈگىمەس – پۈتمەس دۆلەتكە ئەرىشتۇق> دەيىشتى. ئۆزىنىڭ ئەتراپىداكى بۇرۇندىن پادىشاھلىق بايراقىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلەردىن ئۆگرەنىپ ۋە ئۇلار بىلەن ياردەملەشىپ، ئۆز ئارا چىقىشىپ ئۆتمەدى." "بۇ راشىددىن خان خوجامنىڭ شۇ قەدەر ئۇلۇغ پادىشاھ بولۇپ تۇرۇغلۇق ھىچبىر نەرسە يادىكار نەمۇنە قويماغانلىقىغا نەمە دەپ ئەيىب قويساق ئەرزىيدۇ. مۇسۇلمان مۇسۇلمانغا لەئنەت ئوقۇسا، دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما، راشىددىن خان خوجامنىڭ بۇ قىلمىشىغا لەئنەت ئوقۇمايمۇ بولمايدۇ. بۇ لەئنەت ئۇنىڭ ئىسھاق خوجا ئىبنى سارمىساق خوجا باشلىق خىيش – ئەقرەبا (ئۇرۇق – تۇغقان) لارىغامۇ مەنسۇپ بولسۇنكى، ئۇلارنىڭ ھەممەسى ئوخشاشلا پادىشاھلىق قىلىش ئىلمىنى ۋە ئەمەلىيەتىنى بىلمەدى ۋە قىلالمادى. ئۇلارنىڭ قىلغانلارى قەدىمدىن كەلىۋاتقان پادىشاھلارنىڭ ئەمەل – دەستۇرلارى ياكى شاراپەتلىك شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمەلەرى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆزلەرىنىڭ خاھىشى، خىيالى ۋە ئۆز باشىمچىلىقى بىلەن بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، نەس باستى، ئاشۇنداق نام – نىشانسىز كەتتى. يا ئۆزى راھەت – پاراغەت كۆرەلمەدى، يا پۇقرالارغا ئاسايىشلىق، ئارامخۇدالىق بولمادى. ئۇلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن زامانلارنىڭ ھەممەسىلا پۇقرا – رەئىيەلار ئۈچۈن، تەڭلىك (نەمە قىلىشىنى بىلمەي قالىش-ت)، تەڭقىسلىك ۋە مۈشكۈلچىلىك زامانى بولدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار يوقالىپ كەتكەندىن كەيىن، ھىچبىر ئىنسان ئۇلارنىڭ ياخشى گەپىنى قىلمادى، ئۇلارنى ئەسلەمەدى ۋە مۇتلەق ساغىنمادى. چۈنكى، ئۇلاردىن بارلىق ئۇرۇق – قاياشلارى ، قەۋم – قارىنداشلارى ۋە پۈتكۈل يۇرت ئەھلى رازىي ئەمەس ئىدى!"(قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 308-،309-، 310-، 320-بەتلەر). مۇلاھىزە: ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت قۇرۇش -يۈرگۈزۈش دەگەن ئەمەلىيەتتە، خاس بىر ئىلىم-پەندۇر، مۇنداقچە قىلىپ ئەيتقاندا، پادشاھلىقنى، رەئىسلىكنى ۋە پرىزدىنتلىقنى كۆرگەنلىكى ئادەمنىڭ ھەممەسى قىلالمايدۇ. ئۇنى پەقەت ئەشۇ ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئىلمىنى بىلگەن ئادەملەرلا قىلالايدۇ. ئاتا مىراس پادشاھلارمۇ مەزكۇر پادشاھلىق ئىلمىنى ئۆگرەنمەي تۇرۇپ، دۆلەتنى باشقۇرالمايدۇ. شۇڭا، پادشاھزادەلەر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ، مەخسۇس ئۇستازلارنىڭ يەتەكچىلىكىدە، دۆلەت باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگرەنىدۇ. ھالبۇكى، راشىددىن خوجا ۋە ئۇنىڭ سەپداشلارى ئەسلىدە، "خەقلەرگە كۆپ ئارالاشمايدىغان ۋە كۆپرەك مەۋلانا ئەرشىددىن مازارلىقىدا دۇئا – تەلەپكە مەشغۇل بولغان ھالدا، تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان دەرۋىش" ئادەملەر ئىدى. (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 178-بەت، يۇقىرىدىن 1-3-قۇرلار) شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۇچا شەھىرى سودا بازارىداكى تۇنگانىي سوداگەرلەر ۋە ئۇيغۇر ئالىپ-ساتارلار، ئاندىن ئۇيغۇر دىھقانلارىدىن تەشكىل تاپقان قوزغالاڭچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە بىر دۆلەت ھاكىمىيەتىنى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك باشقۇرالاشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. دەمەك، 19-ئەسىرنىڭ ئاتمىشلىق يىللارىدا، ئۇيغۇر ۋەتەنىدە يۈز بەرگەن كۇچا قوزغالاڭى ۋە راشىددىن خوجا ھەققىدەكى ھەر قانداق چۈشەنىش ۋە چۈشەندۈرۈش مۇسا سايرامىي يازغان شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ يۇقىرىقى بايانى ۋە خۇلاسەسىنى ئاساس قىلغاندىلا، ئاندىن توغرا ۋە دۇرۇس بولىدۇ.
راستچىللىق، سەمىمىيلىك ئۇنىڭ گىر تاشى، تارىخ ئەمەس ئەدەبىيات گەپ توقۇيدىغان. سايرامىينىڭ "ھەمىدىي"سى بىر ئۆرنەك ئەسەر، راستگۇيلۇق شەنىگە مەدھىيە ئوقۇيدىغان.
2019-يىل، 30-نويابىر، گۆلجۈك. |
|

