مۇسا سايرامىي مەدھىيەلەگەن زىيالىيلار

 

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (12)

در.دەريا تۈمەن

ئۇن ئىككىنجى مەجلىس:

مۇسا سايرامىي مەدھىيەلەگەن زىيالىيلار

 

ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆزىنىڭ "تارىخى ھەمىدىي" ناملىق ژىرىك ئەسەرىدە، مىلادىيە 1864-يىلدىن 1878-يىلغاچە ھۆكۈم سۈرگەن كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ قۇرۇلۇشتىن تارتىپ، يىقىلىشقاچە بولغان پۈتكۈل جەريانىنى نۇقتالىق بايان قىلىش بىلەن بىر چاغدا، مەزكۇر دۆلەتتە ئۆزلەرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلەرى بىلەن ياشاپ، ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئۇيغۇر زىيالىلارنى ئالاھىدە تەئرىپلەپ ئۆتكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى، مۇسا سايرامىي مەدھىيەلىگەن بۇ زىيالىيلار ئەينى زامان ئۇيغۇر-تۈرك دۆلەتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە روناق تاپىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بەستەكارلار بولغانىدىن باشقا، بۈگۈنكى زامانداكى ئەۋلادلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگرەنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىپتىخارلىق ئەجدادلارى بولغانلىقى بىلەنمۇ شەرەپلەنىشكە ھەقلىقتۇر. شۇڭا، بىز مەزكۇر شاھ ئەسەرنى ئوقۇغان ۋە مۇتالىئە قىلغان ۋاقتىمىزدا، بۇ نۇقتاغا ئەتىۋار بىلەن قاراشىمىز لازىم، ئەلبەتتە.

يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكىدە، مۇسا سايرامىي مەدھىيەلەگەن كاشغارىيە دۆلەتى زىيالىيلارىدىن بىر نەچچەنى تاللاپ، مۇلاھىزەلىك تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈمىز:

 

تارىخشۇناس ۋە تەرجىمەشۇناس قۇربان ئەلىي چۆچەكىي

 

"تەرجىمان موللا قۇربان ئەلىي ھاجى ئەفەندى چۆچەكىي خىتايلارنىڭ <كاڭجاڭ> ناملىق خانلار تارىخى كىتابىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: <يىگىرمە بەشىنچى سۇلالەنى تەشكىل قىلغان داچىڭ ئەۋلادىدىن شۇڭجى خاندىن باشلاپ، بۇ زامانىمىزدەكى كاڭشۈي خانغاچە توققۇز نەپەر خان تەختكە چىقىپ، جەمئي ئىككى يۈز ئاتمىش يىل خانلىق قىلدى> دەپ يازىدۇ. مەزكۇر چۆچەكلىك موللا قۇربان ئەلىي ھاجى ئەفەندى خىتايلارنىڭ بىر دانىشمەن موللاسىدىن خىتاي خانلارىنىڭ تارىخىنى ئۇلارنىڭ مىللەت، دىين ۋە مەزھەپلەرىگىچە تەپسىلىي سوراپ ۋە ئۇلارنىڭ تارىخ كىتابىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىپ بىر كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، لوۋاڭ (老王)، يەنى ھەزرەتى نوھ نەبىيۇللاھتىن باشلاپ، تا بۇ زامانغاچە ئۆتكەن خانلارنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ بىر ئاتاپ ئۆتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەۋر يىللارىنى بايان قىلغان؛ ھەتتا يىگىرمە بەش سۇلالەنىڭ ھەر بىرسىدە قانچە نەپەر خان ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ۋە ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرى نەچچە يىل داۋام قىلغانلىقىنى؛ مەزكۇر خان دەۋر سۈرگەن ۋاقىت ئادەم ئەلەيھىسسالام زامانىدىن قانچە مىڭ يىل كەيىن، مۇھەممەد مۇستافا سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمەنىڭ ھىجرەت قىلغان زامانىدىن بولسا، نەچچە مىڭ يىل ئىلگەرى ياكى كەيىن ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا، تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن قايسى بىرەيلەننىڭ مەزكۇر خانلار ئىچىدەكى قايسى ئىسىملىك خان بىلەن زامانداش ئىكەنلىكى؛ زامانە پادىشاھلارىدىن قايسى بىرىنىڭ دەۋرى قايسى خاننىڭ ھۆكۈم سۈرگەن زامانلارىغا توغرا كەلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي يازغان. دەمەك، ئۇنىڭ يازغانلارى ئەمەلىيەتتە، بەجىن تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخى ئۆزئارا سالىشتۇرۇلۇپ، تولامۇ ئىنچىكەلىك بىلەن تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن بىر رىسالە (خاس ئەسەر) بولغانىكەن. مەن بۇ قۇرلارنى يازىۋاتقان كەمىنە ئاپتور مۇسا سايرامىي يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى مەزكۇر رىسالە كىتابتىن ئالدىم." (قاراڭ: مۇسا سايرامىي: "تارىخى ھەمىدىي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا>، 69-70-بەتلەر. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي نەشرى)

مۇلاھىزە:

مۇسا سايرامىينىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچە ئەيتقاندا، قۇربان ئەلىي چۆچەكىي خاقانى چىن تارىخى بىلەن ئىسلام تارىخىنى سالىشتۇرۇپ خاس ئەسەر يازغان تۇنجى ئۇيغۇر ئالىمى، خىتاي تىلىنى پىششىق بىلىدىغان تەرجىمان ۋە ئىقتىدارلىق زىيالىيدۇر. قارىغاندا، ئۇنىڭ شۇ قەدەر كەڭ ۋە ئەتراپلىق مەزمۇنغا ساھىب بولغان خاس ئەسەرى بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگە يەتىپ كەلەلمەگەن ياكى تەخىچە تاپىلماغان ئوخشايدۇر. بىراق، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىنىڭ ژىرىك ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي"گە مەنبە ۋە پايدالانىش ماتىرىيالى بولۇشقا ئەرزىگەن مەزكۇر خاس ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ژىرىك ئەسەر بولغانلىقىدا ھىچ شەك ۋە شۈبھە يوقتۇر.

ئەھمىيەتلىك يەرى شۇكى، بىز بۇ يەردە، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي بوۋامىزنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقالىق، سايرامىيدىن بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن، يەنە بىر ئىقتىدارلىق تارىخشۇناس ۋە تەرجىمەشۇناس ئالىم بوۋامىزنى تونۇغان بولدۇقكى، بۇ شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي" ۋە ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ يەنە بىر تۆھپەسىدۇر.

 

شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى زەينىلئابدىين مەخزۇم

 

"جانابىي يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىي زەينىلئابىدىين مەخزۇم مىرزا باشىغا تولىمۇ مىھرىبانلىق بىلەن: <ئۇلۇغ ئاللاھۇتەئالا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ھىكمەتى بىلەن، سىلە مىرزا باشىنى مۇشۇنداق بىر باھانە – سەۋەبنى ياراتىش ئارقالىق ساقلاپ قالىپ، مەنىڭ ھوزۇرۇمغا ئامان – ئىسەن يەتكۈزۈپتۇ – جۇمۇ!> دەپ، شۈكرە – سەنالار ۋە تەھسىن – ئاپىرىنلەر ئەيتىپ كەتتى. جانابىي ئاتالىق غازىينىڭ مۇنداق دەيىشىدەكى سەۋەب شۇكى، زەينىلئابىدىين مەخزۇم مىرزا باشى ھەممە جەھەتتىن يەتىشكەن ئالىم، پازىل، شائىر ۋە شۇ ۋەجدىن، بىر قانچە پادىشاھنىڭ ھوزۇرىدا مىرزا باشى مەنسەپىدە بولغان تولامۇ مۆھتەرەم، قىممەتلىك ۋە يۈكسەك ئابرويلۇق بىر ئەرباب ئىدى. جانابىي ئالىي ئاتالىق غازىينىڭ خىزمەتىدە بولغاندىن بۇيانمۇ، كاتىباتلىق ئىشلەرىنى بەجىرىشتە، تەڭدىشى يوق، تەدبىر كۆرسەتىش ۋە ئىش باشقۇرۇشتا ئوخشاشى يوق بولۇپ كەلىۋاتقان تولامۇ قىممەتلىك بىر زات ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئەقىل – ئىدراكى ۋە ئۆتكۈر زەھىن – پاراسەتى بىلەن <فۇزۇلىي دىۋانى> ئۇسلۇبىدا بىر جىلىدلىك غەزەللەر دىۋانى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىگە <مەھجۇرىي> (تەرك ئەتىلگەن) دەپ تەخەللۇس قوللانغانىدى. مەزكۇر دىۋاندا، شائىر زەينىلئابىدىين شىرىن تىل، گۈزەل ئۇسلۇب ۋە ئىما – ئىشارەتلەر بىلەن، تەلىم – تەربىيە، مائارىپنىڭ زۆرۈرلۈكى، ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ مۇقەددەسلىكى توغراسىدا پەندى – نەسىھەتلەر بايان قىلغان بولۇپ، پۈتكۈل زىيالىيلار، پازىللار تۈرلۈك سورۇن – مەرىكەلەردە ئوقۇپ، مۇتالىئە قىلىپ، ھەيرانلىق بارماقلارىنى تەپەككۇر چىشلارىدا چىشلەپ، تەھسىن – ئاپىرىنلار ئوقۇيتتى. ھەر قانداق ئىنسان ئۇنىڭ يازغان شىئىر  مىسرالارىنى ئادالەت كۆزى بىلەن باقىپ بىر كۆرسەلا، شائىرنىڭ نەقەدەر پەزىلەتلىك بىر زات ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ. ئالايلۇق، مۇنۇ ئىككى مىسرا شىئىر شائىر زەينىلئابىدىيننىڭ ئاشۇ دىۋانىدىن ئالىنغاندۇر:

نەزم

گەر نەسىب ئولسا بۇ مەھجۇرە  تەۋافى كەئبە،

باش ئۇرۇپ ئۆتكەن ئىشە تەۋبە تەزەررۇئ ئىدەلەم.

يەشىمى: ئەگەر ئاللاھ مەن مەھجۇرىيغا كەئبەتۇللاھ زىيارەتىنى نەسىپ قىلسا، كەئبەگە باشىمنى ئۇرۇپ تۇرۇپ، ئۆمرۈمدە ئۆتكۈزگەن گۇناھلارىمغا توۋا قىلغان بولاتتىم.

ھاسىلكەلام، زەينىلئابىدىين مەخزۇم مىرزا باشى ئاشۇنداق مۆھتەرەم ۋە يۈكسەك ئابرويلۇق زات بولغاچقا، جانابىي ئاتالىق غازىي ئۆزىنىڭ مۇبارەك ئاغىزىدىن سۆز گۆھەرلەرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ: < ئۈرۈمچى ئەمرىئىتائەتىمىزدىن چىقسا، لەشكەر ئەۋەتىپ، قايتادىن بويسۇندۇرۇپ، ھۆكۈمرانلىقىمىز ئاستىغا ئالغالى بولىدۇ. دا يەنشەينى ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسا، باشقا بىر تۇنگانىينى دا يەنشەي قىلىپ، پەرمان چۈشۈرسەك كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما، سىز زەينىلئابىدىين مىرزا باشىنى زىيان تارتقان بولساق، ئىككىنجى بىرسىنى تاپىپ، سىزنىڭ ئورنىڭىزنى تولدۇرغالى بولمايتتى ئەمەسمۇ؟!> دەپ، تولامۇ مىھرىبانلىق ئىپادەلەدى ۋە مول ئىنئاملار بىلەن شاھانە ئىلتىپات كۆرسەتتى." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب: 462-464-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

بىر دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈپ، روناق تاپىشىدا، دۆلەت باشلىقىدىن قالسالا، دۆلەت ئەركانلارى، مەملىكەت ئەربابلارى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەت ئەركانلارىنىڭ دۆلەت باشلىقىغا ماسلاشىپ، تاماسىز رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتىشى، دۆلەت ۋە ئاۋام-پۇقرا ئۈچۈن ئاڭلىق، بىجانىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىشى مۇھىملاردىن مۇھىمدۇر. بۇ يەردە، مۇسا سايرامىي ئۆز زامانىسىدا دۆلەت باش كاتىپى بولمىش زەينىلئابىدىين مەخزۇمنىڭ بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق بىر دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىر چاغدا، پرىزدىنت يائقۇب بەگنىڭ زىيالىيلارنى ئاسراش ۋە ئۇلارنى تاللاپ ئىشلەتىشكە ماھىر بىر پرىزدىنت بولغانلىقىنىمۇ ئەمەلىي مىساللىق قىلىپ ئىپادەلەگەندۇر.

 

مەشھۇر "تارىخى رەشىدىي"نى ئۇيغۇرچىغا تۇنجى تەرجىمە قىلغان تەرجىمەشۇناس مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم

 

" ئەيتىلىشىچە، ئابدۇررەھمان بەگ ياركەندكە ھاكىم بولۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر كاتتا سوراق – سوت ئاچىلىپتۇ. خان ئامباننىڭ پەرمانى بىلەن، مەنسەپدار خىتايلار، بەگلەر ۋە موللا - ئاخۇنلارنىڭ ھەممەسى يامۇلغا يىغىلىپتۇ. ئۇ كۈنلەر ھاۋانىڭ سوغۇقلۇقى چەكىگە يەتكەن، قۇياشنىڭ ئوربىتاداكى ئورنى دەلۋە بۇرجىدا تۇرىۋاتقان، قىشنىڭ شىددەتلىك شىۋىرغانلارى ھەدەپ، بەھمەن (شەمسىيە 11- ئاي) بورانى ھۆكۈرەۋاتقان بىر مەزگىل ئىكەن. خان ئامبان سوراق يەرىگە ۋاقتىدا چىقماي، سوراق ئىشى تەخىر بولۇپ تۇرغان بىر ئەھۋالدا، توساتتىن ھەلىقى مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم دەگەن كىشى كىرىپ كەپتۇ.

بۇ كىشى شۇ كۈنلەردە، مەدرىسەدە ئىلىم – تەھسىل قىلىش بىلەن شۇغۇللانىپ، شىئىرىيەت پەنى بابىدا،  ئۆزىنىڭ زەھىن – ئىدىراكىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ يۈرگەنىكەن. <چوڭ سوت -سوراق ئاچىلىپتۇ> دەپ ئاڭلاپ، تاماشا كۆرۈش ئۈچۈن، بۇ سوراق مەيدانىغا كىرىپ كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ يىغىن مەيدانىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇررەھمان ۋاڭ بەگىم ئۇنى يانىغا چاقىرتىپتۇ ۋە سىياسەت قىلغان تەرزدە: <مەدرىسەدە ئۇگىلاپ ياتىدىغان تالىپ تۇرۇپ، مۇنداق يەرگە نەمە ۋەجدىن چىقتىڭىز ؟> دەپتۇ. يەنە ئارقادىنلا، خۇددى ھەزىل – چاقچاق قىلغان ئاھاڭدا: <سىزنى شىئىرنى پەيز يازىدۇ دەپ ئاڭلادىم، قەنى، مۇشۇ ھالەت ۋە مۇشۇ سورۇن ھەققىدە بىر نەرسە دەپ باقساڭىز قانداق؟>  دەگەنىكەن، مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم ھازىر جاۋابلىق بىلەن مۇنۇ بەدىيھە (ئورنىدا تۇرۇپلا توقۇلغان شىئر) نى كەلتۈرۈپتۇ:

نەزم

مۇزلادى كەشمىر قولىدا كەڭگىرى كاڭدا خىتاي،

بەگكە تىترەك تۈشتى ئاخۇند توڭلادى گاھ ۋاي ۋاي.

يەشىمى: قولىدا كەشمىر ياغلىقى، كەڭ-كۇشادە كاڭدا ياتقان خىتايغا سوغۇق تەگىپ قالغۇدەك بولسا، تۆۋەندەكى بەگ ۋە ئاخۇنۇم دەگەنلەر توڭلاپ، تىترەشىپ كەتىدۇ.

مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم مانا شۇ تەقلىتتە، ئارقا – ئارقادىن ئون نەچچە بەيىتنى بىراقلا كەلتۈرگەنىكەن، ئابدۇررەھمان ۋاڭ بەگىم ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتىپ، ئاپىرىن – تەھسىنلەر ئەيتقاندىن باشقا، خاس خىزمەتچىسىگە: < بارغىن – دە، مەنىڭ ئاتىمنى مىندۈرۈپ قويغىن!> دەپ ئەمىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاڭلىق جەرەكە – مەرتىۋەسىگە مۇناسىپ قىلىپ جابدۇلغان ئاشۇ ئىگەر – جابدۇق، نۇقتا – يۈگەنلەرى مۇكەممەل ئالىپتە ئاتىنى مەزكۇر شائىر مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇمغا ئىنئام قىلىۋەتىپتۇ. شائىر مۇھەممەد نىياز ئاخۇنۇم بولسا، مەزكۇر ئاتنى مىنگەنىچە، مەدرىسەگە كىرىپ كەتىپتۇ. كەيىن، ئات ۋە ئىگەر – جابدۇقلارىنى قىممەتىگە يەتكۈزۈپ ساتىۋەتىپ، يەنە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغانىكەن...

 ئالىم مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم ئەلەيھىررەھمە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي) <تارىخى رەشىدىي> ناملىق پارسچە يازىلغان كىتابنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 127-128-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

"تارىخى رەشىدىي" مىلادىيە 1550-يىلى، مىرزا ھەيدەر كوراگان كاشغەرىي تەرەپىدىن ياركەند خانلىقىنىڭ ئىككىنجى پادشاھى سۇلتان ئابدۇررەشىد خان نامىغا باغىشلاپ يازىلغان دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە مۇھىم تارىخ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب پۈتكۈل ئورتا ئاسيادا، بىر مەزگىل زىيالىيلار يازىقى ھىسابلانغان پارس يازىقىدا يازىلغان. مەزكۇر ئەسەرنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخاسى بار. ھازىرقى چاغدا، بۇ كىتابنىڭ ئەڭ دەسلەپ كىم تەرەپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ۋە تەرجىمە سەۋىيەسىنىڭ قانداقراق بولغانلىقىمۇ بىر تەتقىقات ئوبيەكتى بولۇپ كەلمەكتە. 

تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي بۇ يەردە، مەزكۇر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدەكى مۇھىم كلاسسىك كىتاب "تارىخى رەشىدىي" (سۇلتان ئابدۇررەشىدخان تارىخى)نى ئەڭ دەسلەپتە، شائىر مۇھەممەدنىياز ئاخۇنۇم تەرجىمە قىلغانلىقىنى ۋە تەرجىماننىڭ يۈكسەك ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر تىلچىسى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللىق تەئرىپلەپ، ئەۋلادلارغا تونۇشتۇرغاندۇركى، بۇ ماتىرىيال قىممەتى جەھەتتىن تولامۇ مۇھىم ئۇچۇر ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگەكتۇر.

 

مائارىپشۇناس مۇھەممەد شەرىف خەلپەتىم

 

"ئاندىن، كاشغەرلىك پازىللار ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئۇستازى (ئۇستادۇل ئولەما ۋەل فۇزەلا) موللا مۇھەممەد شەرىف خەلپەتىم بار ئىدى. بۇ زات پۈتكۈل ئۆمرىدە، ئەللىك يىل، بەلكى ئاتمىش يىل مىقدارى مۇدەررىسلىك قىلىپ، نۇرغۇن تالىبۇل ئىلىملەرنى تۈرلۈك ئىلىملەر بويىچە تەربىيەلەپ، ئىلىم ئىگەسى قىلىپ يەتىشتۈرگەن بولۇپ، <مەنپەئەتلىك ئالىم، ئىنسانغا بەھرە بەرىدىغان ئولەما> دەپ نام ئالغان. ئۇ ئۈچ يۈزگە ياقىن ئىلىم تەلەپكارىنى خەتمەكەردەلىككە (مۇرەتتەب قارىيلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش شەرەپىگە) ئەرىشتۈرۈپ، قولىغا شاھادەتنامە بەرىپ، مۇئەللىم بولۇش –مۇدەررىسلىك قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن. سەكسەن بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھىجرىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئونىنچى يىلى ماھى شەرىفى رەمەزان ئايىنىڭ ئون يەتتەسىدە (مىلادىيە  1894- يىل 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى) ئالەمدىن كەتتى.(قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 578-بەت، يۇقىرىدىن 4-قۇردىن باشلاپ)

مۇلاھىزە:

بىر دۆلەتنى باتۇرلۇق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، مائارىپ روناق تاپقۇزىدۇ، خۇراپاتلىق- قاششاقلىق ۋەيران قىلىدۇ.

كاشغارىيە دۆلەتىنى باتۇر پرىزدىنت مۇھەممەد يائقۇب بەگ قۇرغان ۋە ئاشۇ خاقانى چىن، چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىز ئىمپراتورلۇقى بولۇپ ئۈچ چوڭ جاھانگىر تالاپەت بىلەن ھۆكۈم سۈرىۋاتقان دۇنيادا،  ئۇنى ئورتا ئاسيانىڭ ھىچبىرسىگە باقىنمايدىغان مۇستەقىل دۆلەتى قىلىپ،  ئون تۆرت يىل گۈل-گۈل ياشناتقان.

كاشغارىيە دۆلەتى گەرچە ئاخىردا، شۇ زامانداكى ئوسمانلى تۈرك ئىمپراتورلۇقىنىڭ زەئىپ ۋە بەجىرىكسىزلىكى تۈپەيلىدىن ياردەمسىز ۋە يۆلەكچىسىز قالىپ، مەغلۇب بولغان بولسامۇ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ياقىنقى زامان تارىخىدا، ھەتتا پۈتكۈل تۈرك تارىخىدا ياراتقان ئۆلۈمسىز نەتىجەسى ۋە قوشقان تۆھپەسى مەڭگۈلۈكتۇر!

بۇ يەردە، ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ سەكسەن بەش يىللىق ئۆمۈرنىڭ ئەللىك بەلكى ئاتمىش يىلىنى ئەۋلادلارغا ئىلىم-مەرىپەت بەرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇدەررىس (پروفەسسور) مۇھەممەد شەرىف خەلپەتىمنى ئالاھىدە تەئرىپلەپ كۆرسەتىشى ئەمەلىيەتتە، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ ئاممىۋى مائارىپ قۇرۇلۇشى جەھەتتىنمۇ ناھايەتى مۇكەممەل ھالەتتە بولغانلىقىنى نامايەن قىلغاندۇر.

 

يەتتە خىل تىل بىلىدىغان تىلشۇناس مۇھيىددىين مەخزۇم

 

"يائقۇب بەگە ئاتالىق غازىي ئاخىردا، كاشغەرلىك ھاجى ئەئلەم ئاخۇندنىڭ ئوغلى مۇھيىددىين مەخزۇمنى  مىرزا باشى قىلدى. مۇھيىددىين مەخزۇم مىرزا باشى تولامۇ زىرەك، ھايات تەجرىبەسى مول، مىڭەسى ئۆتكۈر، قەلەمى ئىتتىك، كاتىباتلىق ئىشلارىدا كامىل، ھەممە ئىلىم – پەن بويىچە ئالىم، ھەممە ئادەم قول قويىدىغان بىر زات ئىدى. ئۇ كاشغەردىن تارتىپ تۇرفانغاچە بولغان يولنى فەرسەخلەپ (مۇساپەلەپ)، ھەر فەرسەخ پاسىلىغا تاش ئورناتىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، <مىرزا فەرسەخ> دەپ داڭقى چىقىپ كەتكەنىدى.

مىرزا فەرسەخ مۇھيىددىين مەخزۇم يەتتە خىل تىلدا راۋان سۆزلەشەلەيتتى، ئالتە مىللەتنىڭ يازىقىدا پۈتۈك پۈتەلەيتتى، ئوقۇيالايتتى. بۇخارالىق موللا كەمال مىرزا، تۇسلۇق كەمالىددىين مىرزا، شۇنىڭدەك، موللا بەرات مىرزا، ئەۋلىيا مىرزا، كاتتا خوجا مىرزا، شادىي مىرزا، كاشف خان تۆرە مىرزا قاتارلىق مەشھۇر مىرزالارنىڭ ھەممەسى مۇشۇ مۇھيىددىين مەخزۇم مىرزانىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى". (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 587-بەت، يۇقىرىدىن 11-قۇردىن باشلاپ)

مۇلاھىزە:

يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرجىمانلار ۋە تىل ئۇستالارى بىر دۆلەتنىڭ تاشقى دىپلوماتىيە ئىشلەرىنىڭ تۈۋرۈكلەرى سانالىدۇ. ھالبۇكى، ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ بۇ يەردە، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ ھاكىمىيەت باش ئورگانىدا، يەتتە خىل تىلنى پىششىق بىلىدىغان ۋە ئالتە خىل يازىق بىلەن دۆلەتنىڭ خارجىى خىزمەتلەرىنى بەجىرگەن مۇھيىددىين مەخزۇم مىزاباشى (باش كاتىپ)دەك قابىل كادىرلارنىڭ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىشى قاتارلىقلارنى ئايرىم دىتاللارى بىلەن بايان قىلىشى ئەمەلىيەتتە، بىز ئەۋلادلارنى ئۆز زامانىسىداكى ئۇ قابىل ئەجدادلاردىن ئەستايىدىللىق ۋە نەتىجەلىك ئىپادەمىز بىلەن ئۆگرەنىشىمىزگە دالالەت قىلىدۇ، مەنىڭچە.

 

دۆلەت مەزمۇت بولالماس رەئىس مەردان بولماسا،

خەلقچىل دەۋلەت سۆيەر لەشكەر ئارسلان بولماسا؛

ئەل ئىشى جىق يۇلتۇزدىن، ئۆكسۈپ قالۇر يىلتىزدىن،

ھەر ساھەگە مۇنەججىم بەستەكاران بولماسا.

 

2020-يىل 10-يانۋار، گۆلجۈك.

 

 

 

 

 

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟