شەرقىي تۈركىستان داۋاسى قىلىۋاتقان ئەربابلار بۇ داۋادا قانچەلىك سەمىمىيدۇر؟

شەرقىي تۈركىستان داۋاسى قىلىۋاتقان ئەربابلار بۇ داۋادا قانچەلىك سەمىمىيدۇر؟

 

در. لوقمان بەگ

 

ئەزىز ئەجدادلارىمىزنىڭ تۈركىستان تارىخىغا ئالتۇن قەلەم بىلەن يازغان ئىككى جۇمھۇرىيەتىنىڭ 86- ۋە 76- يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرماقتامىز. ئارقامىزغا شۇنداق بىر قارايدىغان  بولساق، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ مىراسى بولغان ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ قۇچاقىداكى شەرەپلىك مىللەتىمىز قانخور، ياۋۇز خىتتاي ئالۋاستىلارىنىڭ قول ئاستىدا تامامەن يوق بولۇش گىردابىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتىمىز ۋە تەنلەرىمىز شۈركەنۇر.

مانا مۇشۇ مۈشكۈل پەيتتە تۇرۇۋاتقان مەزلۇم خەلقىمىز ئەركىن دۇنياداكى ئۆز ئەۋلادلارىدىن زور ئۈمىت ۋە ئارزۇلارنى كۈتمەكتە. مۇھاجىرەتتە  ياشاۋاتقان بىزلەر، بۇ مىللەت ۋە ۋەتەن داۋاسىنى قىلىمىز  دەپ مەيدانغا چۈشۈپ ئۆزلەرىنى ئەزىز مىللەتىمىزنىڭ ۋەكىللەرى دەپ شۇئار توۋلاپ يۈرگەن پىشقەدەم  ئاقساقاللار ،سىياسىيونلار، ئۆلىمالار، زىيالىيلار  ۋە ياشلاردا ئاشۇ ئۈمىد ۋە كۈتۈشلەرگە لايىقىدا جاۋاپ بەرگۈدەك چىن سەمىمىيەت ۋە ساپ ساداقەت ھەقىقەتەن بارمىدۇر؟

خەلقئارادىكى سىياسى ۋە گئوپولىتىك ئۆزگەرىشلەر، ئەرەپ باھارى بىلەن باشلاغان ۋە كۈنىمىزدە خەلقئارادىكى ئىمپەريالىستلارنىڭ كۈچ تالاشىش سەيناسىغا ئايلانغان سۇرىيە ۋە يەمەن ئۇرۇشلارى خەلقئارانىڭ دىققەتىنى تامامەن ئوتتۇرا شەرىققا مەركەزلەشتۈردى. قانخور خىتتاي كومىنىستلەرى بۇ پۇرسەتتىن پايدالانىپ بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدە مىسلى كۆرۈلمەگەن ئىرقىي، كۈلتۈرەل ۋە ئىكولوگىيەلىك قىرغىنچىلىقلارنى ئەڭ يۇقارى سەۋىيەگە چىقارتتى .

ئەبەدى دۈشمەنىمىز خىتتاي، خەلقئارا جەمىيەتلەرنىڭ خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانداكى ۋەھشىي قىلمىشىغا قارشى چىقىشىنى تارىختا كۆرۈلۈپ باقماغان ھىيلە - مىكىرلەرى بىلەن توساپ قالالىدى ۋەيا توساپ تۇرماقتا. دۇنياداكى ئىسلامسىز مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار  تەرەپىدىن باشقۇرۇلغان مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ غاپىل خەلقلەرى دىنداشى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارتىۋاتقان چىدىغۇسىز ئازاپ ئوقۇبەتلەرگە قاراتا زەررەچىلىك ماددىي ۋەيا مەنەۋىي ياردەم قىلىشنى خالامادى. شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىداكى داۋاگەرلەرمۇ خەلقئارادا ئىلىككە ئالغۇدەك ئىناۋەتكە ئىگە نوپۇزلۇق، بىرلەشكەن كۈچلۈك بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقالمادى. ئەلبەتتە بۇنىڭ نۇرغۇنلاغان سەۋەپلەرى بار. بۇ سەۋەپلەر ئۈستىدە ئايرىم بىر ماقالەدە ئەتراپلىق توختالماقچىمەن.

پىشقەدەم ئاقساقاللار بولسا ئۆز ۋاقتىدا ئىزباسار يەتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرىشمەگەنلىكلەرى تۈپەيلى كەيىنكى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزلەرىنى ئىلىك ئالادۇرغان ئىزباسارلار بولماي قالدى ۋە ئۆزلەرىنىڭ چەتكە قاقىلىشىغا ئەمەلىيەتتە ئۆزلەرى سەۋەبچى بولۇشتى. سىياسىيونلار (ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئىچكى ۋە تاشقىي سىياسەتنى بىلەدۇرغان يىتۈك سىياسەتچىنىڭ بارلىقى مۇئاممادۇر) بولسا، ئۆزلەرى ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان مىللى سىياسەت ئىجات قىلىشتا ئاجىز قالىپ چەتئەللىك سىياسيونلارنىڭ چۆلتەكلەرىگە چۈشۇپ كەتىشىتى ۋە بىلىپ بىلمەي ئۆزلەرى ياشاۋاتقان دەۋلەتلەردەكى يەرلىك سىياسەت ياكى دەۋلەت ئەربابلارىنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ قالىشتى. زىيالىي ياشلار بولسا، ئۆزلەرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلەرىنى تولۇق تۇنۇپ چىقىشتا ۋەيا يەتىلدۈرۈشتە مەسئۇلىيەتچان بولۇشمادى. دىنىي ئۆلىمالار بولسا، ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلامنىڭ قانۇن ۋە بۇيرۇقلارىدىن چەتنەپ دىننى خەلققە توغرا ۋە تۇلۇق يەتكۈزەلمەدى.  قىسقاسى، ۋەتەن داۋامىزدا ئۆزلەرىنى  پارتىزان ۋەيا جەڭچى دەۋاتقان چوڭ كىچىك داۋاچى زاتلارنىڭ ۋەتەن داۋاسىغا بولغان سەمىمىيەتى قانچەلىك چوڭقۇر ۋە قانچەلىك راستچىل ئىكەنلىكى تىماسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلماقىمىز زۆرۈر بولۇپ قالدى.

2016-يىلىدىن باشلاپ بۇگۈنگەچە بولغان جەرىياننى كۆزدىن كەچۈرەدۇرغان بولساق، ئەزىز ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا زالىم خىتتاي بىزنى پۈتۈنلەي يۇقاتىش ئۈچۈن ئۆز پىلانلارىنى ئاللىقاچان ئىجرا قىلىشقا باشلاغانلىقىنى كۆرمەكىمىز تەس ئەمەس.  مۇشۇنداق بىر پەيتتە ۋەيا جەرىياندا ۋەتەن سىرتىداكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىر لىدەر ئەتراپىدا ئۇيۇلتاش بولۇپ بىرلەشمەكى شەرت ئىكەن، باشتا نامى ئۇلۇغ كاتتا قالپاقلىق تەشكىلاتلارداكى نوچىلار تاۋاق تالاشىش كۈرەشى قانات يايدۇرۇلدى. 2018- يىلىغىچە ئىچكى جىدەلدىن باشقا بىر ئىش قىلىشمادى، ئەكسىچە كۈچنى تەخىمۇ پارچالاشتى. ئاتالمىز ھوقۇق كۈرەشىدە غالىپ چىققان يەڭى«دۇق»چىلار، بورۇنقىلاردىن كاتتا بىر ئىش قىلدىمۇ؟ داۋايىمىزدا ئەڭ موھىم دەۋلەت بولغان تۈركىيەدە قولغا چىققۇدەك نەمە ئىشلارنى قىلىشتى؟  سۇئاللارىنى سوراغانلار بولمادى. مەسىلىگە تەخىمۇ تەنقىدىي نۇقتىنەزەردىن قارايدۇرغان بولساق، چەتئەللەردە ۋەتەن داۋاسى قىلىپ يۈرۈۋاتقان قۇرۇلتاي، ۋەقپە ۋە دەرنەك مەسئۇللارىنىڭ كۆپىنچەسىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتىنى  ئۇنۇتۇپ تەشكىلات، ۋەقپە ۋە دەرنەكلەرنى ئۆزلەرىنىڭ جان باقىش ئورنى ۋەيا دۇككانى قىلىۋالغانلىقلارىنى كۆرمەك تەس ئەمەستۇر. ئەگەر ئۇنداق بولماغاندا بۇ قۇرۇلۇشلاردا كەسپىيلەشىش، راۋاجلىنىش بولغان، ۋە بۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردە، خۇسۇسەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيە دۆلەتلەرىدە ۋە تۈركىيەدە سەرسان سەرگەردان بولۇۋاتقان چارەسىز خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقان؛ چەتئەللەردە خىتتايغا قارشى كۈچلۈك مىللىي بىرلىكسەپ ياراتقان، ۋەتەندەكى زۇلۇمنى يەڭگىللەتكەن... بولۇر ئىدى.

 خەلقىمىز خىتتاي جاللاتلارىنىڭ قوللارىدا جان تالىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋالدا،  توغرا ۋە مەنتىقەلىك بولغانى بىزچە مۇنداقتۇر: «مەن»، «سەن»نى ئۇنۇتۇپ «بىزلىك» ئاڭى بىرلەن بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە مىللىي بىرلىك سەپنى شەكىللەندۈرۈش ئارقالىق ئەركىن دۇنيادا خىتتايغا قارشى بىردەك نەپرەتلىك ئاۋازنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى چىقارىلماقى؛ ۋەتەن ۋە مىللەتىمىزنى خىتتاي ئالۋاستىلارىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنىڭ تاپىلماقى ۋە ئۇيغۇن كۆرۈلگەن تەدبىرلەرنىڭ كەچىكتۈرۈلمەستىن ئىجرا قىلىنماقى شەرتتۇر. مىڭ ئەپسۇس، مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ پەيتتە، بۇنىڭ ئورنىغا،تەشكىلات سەپلەرىگە يەرلەشىپ قالغان تۇڭگانسىمان مەلئۇنلار ۋە مەنپەئەتپەرەست قاراقچىلارنىڭ پەسكەش ئويۇنلارى بىرلەن بىر بىرىنىڭ ئۇۋاسىنى كولاپ بىرلىكنى بۇزۇپ داۋا سەپىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ دۈشمەننى خوش قىلىشتىن باشقا كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە ياراتىلغانى يوقتۇر. بۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىزكى، چەتئەللەردەكى ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان زاتلارنىڭ كۆپىنچەسى بىلىپ ۋەيا بىلمەي تۇرۇپ ئەبەدى دۈشمەن بولغان زالىم خىتتاينى خۇرسەن قىلىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئالۋاستى خىتتاينىڭ خالاغانىمۇ دەل ئەنە شۇنداق چاچىلاڭغۇ، كۈچسىز، بىرلىكسىز مەنزىرە ئىدى. تەخىچە سىياسەتنىڭ ۋە سىياسەتنىڭ نەمە ئىكەنلىكىنى بىلمەگەنلەر «سىناپ باقتۇق، بولمادى» شەكلىدە ئىنتايىن سەۋىيەسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز جۈملەلەرنى قۇرۇشۇپ يۈرۈشمەكتە.

ئەگەر ئەزىز ۋەتەنىمىز شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمى بولساق، بىر ياقادىن باش چىقارىپ بۇ چۇۋۇلۇپ كەتكەن داۋا ئائىلەمىزنى قايتادىن ئوڭشاپ، سەپنى بىرلەشتۈرۈپ، يەتىشىپ چىققان قابىلىيەتلىكلەرنى، ئىختىساسلىقلارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ قىممەتىنى بەرىش ئارقالىق مىللىي مەسئۇلىيەتلەرىنى ئۆزلەرىگە تونۇتۇپ ،مىللىي بىرلىك سەپ  قوشۇنىنى زورايتىش، داۋاگەرلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش بولسا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز جىددىي مەسەلەسىدۇر.

 

2019-يىلى 3- نويابىر، غەربىي ياۋرۇپا

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟