|
ئىلھام توختى كۆتۈرگەن مەشئەل
ئىلھام توختى كۆتۈرگەن مەشئەل ئاتاكا
ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈكنى سۆيىدۇ ئوخشاش، دۇنياداكى ھەر مىللەت، ھەر قانداق بىر ئەل. ئاڭلاتتى جاھانغا شۇ ئۇيغۇر ئارزۇسىن، ئىلھام توختى باش بولۇپ كۆتۈرگەن مەشئەل.
ئىلھام توختى مەشئەلى جاسارەت نۇرى، ئىنسانلىق بۇرچى ئاڭا مۇجەسسەمدۇر تەل؛ مۇقەددەس ئارمان ئاشار چوقۇم ئەمەلگە، مىللەتتە ئىناقلىق بولسالا مۇكەممەل.
تىلەمەيمىز ھىچكىمدىن زەررە ئارتۇقلۇق، ئىنسانىي ياشاش ھەققىمىز بىزگە يەتەر. زەمىندىن، ئىيماندىن، كەچمەيمىز ھىچ ھەقتىن، جانۇ مالىمىز قولدىن كەتسەمۇ ئەگەر.
مەشئەلدار ئىلھام توختى تەخى ھەبسەدە، چەكمەكتە زۇلۇم زالىمنىڭ ئىسكەنجەدە. ئۇنىڭ روھى ئۇنىڭ ئارمانىدەك ناسىر، جىسمىدەك ئىسمى بولغاي ئىلھام خەلقىگە!
2020-يىل 18-يانۋار، چانكايا.
|
|
ئۇقتۇرۇش

