خىتتاي ۋىرۇسى (covid-19) ۋە ئۇنىڭ ئىنسان سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى
در. لوقمان بەگ
تۇنجى بولۇپ خىتتاينىڭ خۇبېىي ئۆلكەسىنىڭ ۋۇخەن شەھەرىدە پەيدا بولغان بۇ ۋىرۇس ئاخىرقى يۈز يىلدا خەلقئاراغا تارقالغان ئەڭ خەتەرلىك ۋىرۇس بولۇپ ھىساپلانادۇر. بۇ خىتتاي ۋىرۇسى (covid-19) دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرەپىدىن (Pandemi) يەرشارى خاراكتىرلىق يۇقۇملۇق ۋىرۇس دەپ جاكارلاندى.
پاندەمى(Pandemi) پۈتۈن يەرشارىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىد سالادۇرغان بىر يۇقۇملۇق كىسەلگە بەرىلەدۇرغان ئىسىمدۇر. بۇ ۋىرۇس ھازىرغەچە 200 دىن ئارتۇق دەۋلەتكە تارقالغان بولۇپ پۈتۈن يەرشارىدا بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئومۇمى سانى 800 مىڭغا ۋە بۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتتى. بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىسەل كىشىلەردە كۆرۈلەدۇرغان كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر بولسا : يۇقۇرى قىززىتما، قۇرۇق يۆتەل ۋە نەپەس قىيىنلىقى بىلەن بىرلىكتە بەزى كىشىلەردە ئاغىر زۇكام ئالامەتلەرى كۆرۈلمەكتە. يەنى گال ئاغرىقى، كاناي ئاچىشىش، چارچاش دەگەنلەرگە ئوخشاش .
كىسەللىك ئەھۋالى ئاغىر بولغان كىشىلەردە بەك قاتتىق قىززىش، يۆتەل بىلەن بىرلىكتە قان تۈكۈرۈش، ئاق قان ھۈجەيرىلەرىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتىشى ۋە بۆرەك فونكىتسىيەسىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشى دەگەندەك ئاغىر ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە. كىسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل بولغان كىشىلەردە باش ئاغرىقى ، توڭۇپ تىترەش، كۆڭۈل ئالىشىش، ئىچى سۈرۈش ۋە بەلغەم بىلەن بىرلىكتە يۆتەل كۆرۈلمەكتە.
بۇ ۋىرۇس ئادەمدىن ئادەمگە تىز يۇقادۇرغان جىددىي خاراكتىرلىك بىر ۋىرۇس بولۇپ ، ۋىروس تامچەلەرىنىڭ ئاغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقى ئارقالىق يۇقارى نەپەس يوللارى يەنى كاناي شاخچەلەرى ۋە ئۆپكەگە كىرىشى بىلەن بۇ يەردىن پۈتۈن بەدەنگە تارقالادۇ. بۇ ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاتقان ھىكايەلەرىگە قارايدۇرغان بولساق، بۇ ۋىرۇسنى ئۇلارغا يۇقتۇرۇپ قويغان دەپ پەرەز قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلەرىنىڭ كىسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەي باشقىلارنىڭ يۇقۇملانىپ قالىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى ئىسپاتلانماقتا. بۇ ۋىروسنىڭ ئىنسان ساغلاملىقىغا بولغان خەتەرى ئاغىر بولۇپ ئاغىر دەرەجەدە ئۆپكە ياللۇغى (Pneumonia) ، جىددىي خاراكتىرلىك نەپەس قىيىنلاشىش كىسەللىكى(Respiratory Distress Syndrome) ۋە بىر قانچە ئەزالارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىكەرەك/مەغلۇپ بولۇپ فونكىتسىيەسىنى يوقۇتۇشقا شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كەتىشىگە سەۋەپچى بولماقتا.
خەلقئارادىكى پۈتۈن تىببىي خادىملار ۋە تىببىي تەتقىقاتچىلار بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاش ئۈچۈن خىلمۇ-خىل چارەلەرنى ئىزدەمەكتە. ئەمما ھازىرغەچە بۇ ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي يوق قىلادۇرغان بىرەر دورا ياكى ۋاكسىنا ئىشلەپ چىقارغان بىرەر دەۋلەت ۋە يا بىرەر ئورگان يوق. بۇ ۋىرۇس مىدىتسىنا تارىخىدا ياڭىدىن پەيدا بولغان بىر ۋىرۇس بولغاچقا ھازىرغا قەدەر خەلقئارادىكى دوختۇرخانا ۋە كىلىنىكلەردە تەجىرىبە قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر رىتسىپمۇ يوق . ھازىر خەلقئارادىكى دوختۇرخانالاردا دوختۇرلار بىمارلارنى 2011-يىلدا پەيدا بولغان چوشقا زۇكامىنىڭ دوراسى بىلەن ۋە ئافرىقادا كۆرۈلگەن ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ دوراسى بىلەن داۋالاماقتا. يەنە بەزى دەۋلەتلەردە تۈبۈركىلىيوز ۋە ئەيدىز كىسەللىرىگە ئىشلەتەدۇرغان دورالار بىلەن بۇ بىمارلارنى داۋالاماقتا.
خەۋپ ئاستىداكى كىشىلەر:
بۇ ۋىرۇس ياشانغان كىشىلەرگە ، سوزۇلما خاراكتىرلىك كىسەللىكى بولغان كىشىلەرگە مەسىلەن: دىئابىت ، يۇقۇرى قان باسىم، تاجىسىمان خاراكتىرلىك يۈرەك كىسەللىكى، بۆرەك زەئىپلەشىىش كىسەللىكى بار بولغان كىشىلەرگە ۋە ئىمونىت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن ئاجىز كىشىلەرگە بەكراق تەھدىت سالماقتا.شۇڭا بۇ تۈر كىسەللىكلەرى بار كىشىلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىمدۇر. بۇ شارائىتتا مەن پۈتۈن دۇنياداكى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئەزىز شەرقىي تۈركىستانلىق قارىنداشلارىمغا ھەممىڭلارنىڭ ياشاۋاتقان دەۋلەتتەكى سەھىيە-ساقلىق ئورگانلارى چىقارغان قانۇن نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا ئىجتىمائى سورۇنلاردىن، كىسەل كىشىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆيدە بالا-چاقاڭلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ۋىرۇس ئاپىتىدىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى پاكىزلىق ۋە تەنھالىقتۇر. يەمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچەكلەرنىڭ پاكىز بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كەرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كارانتىنا شەرتتۇر. بۇ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بەدىنىمىزنىڭ ئىممونىت كۈچۈنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ئۇزۇقلانىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كۈندە ئۆيدە بولسىمۇ بەدەن چانىقتۇرۇپ تۇرۇشىمىز، مىۋە-كۆكتاتلارنى ئىمكان قەدەر كۆپ يەيىشىمىز، ھەر كۈنى ئەڭ ئاز دىگەندە بىر يارىم لىتىر سۇ ئىچىشىمىز، بىر كۈندە كەم دىگەندە 7-8 سائەت ئۇخلاشىمىز مۇھىمدۇر.
بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى بىلەن تەڭ مېديالاردا خىلمۇ-خىل يالغان مەلۇماتلار ۋە رىۋايەتلەر تارقالىشقا باشلادى. بۇ خىل پاسسىپ ئۇچۇرلار كىشىلەردە قاتتىق غەم ئەندىشە قوزغاپ ئاغىر دەرەجەدە پسىخىك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارىشىنىڭ ئىھتىماللىقى بەك يۇقارى. بۇنىڭ ئالدىنى ئالىش ئۈچۈن كارانتىنا مەزگىلىنى بىر پۇرسەت دەپ قاراپ بۇ مەزگىلدە ئائىلە تاۋاباتىڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتىڭلارنى كۈچەيتىپ ئۇلار بىلەن كۆڭۈللۈك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا بۇ ۋاقىت، دىننىي ئىبادەتلەرىمىزنى كۈچەيتىپ ياراتقۇچىمىز بولغان ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا بىلەن بەندەچىلىك مۇناسىۋەتىمىزنى قۇيۇقلاشتۇرۇش ۋە قىلغان ئىبادەتلەرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تاپىلماس بىر پۇرسەتتۇر. مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشغال ۋە ئاسارەتتە ئىڭراۋاتقان ھەتتا ئىڭراشقامۇ مادارى قالماغان يۇرتداشلارىمىزنى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-يار بۇرادەرلەرىمىزنى ياد ئەتمەكىمىز، "ئۇلار ئۈچۈن نەمە قىلدۇق ۋە قىلىۋاتىمىز" دەگەنلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بۇنىڭدىن كەيىن نەمە قىلالايمەن ۋەيا قىلىشىم كەرەك دەگەن خۇسۇسلاردا تەپەككۇر قىلماق شەرتتۇر. شۇنداق قىلغاندا بۇ روھى باسىملاردىن ۋە روھى كىسەللىكلەردىن ساقلانىپ قالالايمىز.ئەگەر بۇ تەۋسىيەگە قۇلاق سالمىساق،خىتتاي ۋىرۇسى تۈگەگەندىن كەيىنمۇ بۇ ۋىرۇس مىراس قۇيۇپ كەتكەن روھى ئاسارەتلەرنى داۋالاشقا مەجبۇر بولۇپ قالۇرمىز.
ئەڭ ئاخىرىدا، روھى ساغلاملىقنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلغۇچى بىردىنبىر ئامىل ئىكەنلىكىنى ھەم سەمىڭلارغا سالىمەن.