|
قالتىس پرىزدىنت يائقۇب بەگ
قالتىس پرىزدىنت يائقۇب بەگ
دەريا تۈمەن
كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى يائقۇب بەگ، ھەر قانداق خان-شاھلاردىن قابىل سەردار ئىدى تەك. ئادالەتنى قىلغاچقا ھۆكۈمرانلىق مىزانى، دۆلەت روناق، ئەل ئامان، زامان بولغان تەبارەك.
كۆتۈرگەن قەد ئون تۆرت يىل كاشغارىيە دۆلەتى، شاراپەتلىكتۇر ئۇنىڭ تارىخ تەئرىپ-تەۋسىپى. توپلانغان ئۇيغۇر-ئۆزبەگ بىر بايراقنىڭ ئاستىغا، شۇئار بولغان مۇقەددەس بۈيۈك تۈرك بىرلىكى!
كاشغارىيە دۆلەتى پرىزدىنتى يائقۇب بەگ، يۈكسەك غايە ئارماننى دىلغا پۈككەن پولاتتەك؛ مۇنچا ياساپ، زاۋۇت قۇرۇپ شان يەتتە شەھەردە، سانائەتنى پارلاتقان ياڭى چىققان قۇياشتەك.
قەشقەر ئىچرە بىر جاي بار ئاتىدۇر "قىزىل دۆۋە"، ناملانىش سەۋەبكارى ھاكىم ۋەلى خانتۆرە؛ زۇلۇم قىلىپ پۇقراغا، قىرغىن قىلىپ ئاۋامنى، مۇسۇلمان كاللاسىدىن قوپارغان تۆرت مۇنارە.
خانتۆرە ۋەلىي خاننى يائقۇب بەگ خوب باپلاغان، تارقاتىپ شۇم تۇماننى دۆلەت ئۈستىن قاپلاغان. جاكارلاغان: ھاكىملىق ئەمەس ئۇ دۇئاخانلىق، سەييىد- خوجا، تۆرەلەر بولالمايدۇ ھۆكۈمران.
ئىنگلىزنى تاللاماي ئۆز ۋاقتىدا يائقۇب بەگ، يا ئورۇسنى قىلماغان جان ساقلاش ئۈچۈن يۆلەك. مۇسۇلمانلىق ئىمانى قىلغان رۇم (1) نى ئىختىيار، دۆلەتنى ساقلاش ئۈچۈن تاكتىك يول يوقمىش بۆلەك.
ئىنسان شۇنى بىلگەيلەر "ھەمىدىي"نى ئوقۇسا، يائقۇب بەگنى "قالتىس" دەپ ماختار سايراملىق مۇسا. كاشغارىيە توپراغى، پۈتكۈل تۈركىستان خەلقى، سانار ئۇ بەدەۋلەتنى مەڭگۈلۈك زەر پادىشاھ!
2020-يىل 2-فەۋرال، گۆلجۈك.
ئىزاھ: (1) رۇم: رۇم ئىمپراتورلۇقى- تۈركىيە.
|
|

