نەفىسىيدىن بىمىسلى تۆھپە

 

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

 

ئادەمىي ياشامدا كۈيلەر ۋە غەزەللەر،

سۆزلەنۈر ئۇندا كەلەچەك ھەم ئەزەللەر؛

بىر مىللەت، بىر توپلۇمنىڭ كۈلتۈر تارىخى،

كۈيلۈك قوشاق-داستان بىلەن زىننەتلەنەر.

 

مەھمۇد قىزى ئاماننىساخان نەفىسىي،

ئون ئالتىنجى ئەسىر ئۇيغۇر ئالىمەسى؛

بىباھادۇر تۈم دۇردانە ئەمگەكلەرى ،

قايىل ئۇنىڭغا ئىلىم دۇنيا جۈملەسى.

 

توپلاغان ئۇيغۇر مۇقام تەكىستلەرىنى،

تەرگەندەك ئاتىزلاردىن بۈغداي ئۈنچەنى؛

ئاڭا جۆرە كۈي-ئاھاڭنى رەتلەش ئۈچۈن.

ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنكىن تۈندىن قانچەنى.

 

ھىچبىر خۇراپاتلىققا يانداشقان ئەمەس،

زۇلمەت لىباسىنى راۋا كۆرگەن ئەمەس؛

راھەت خانىش ھاياتىغا چۆكۈپ كەتمەي،

مىللەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەت مەڭگۈ ئۆلمەس.

 

قويۇپ "شۇرۇھۇل قۇلۇب"قا* گۈل قولىنى،

مەدھىيەلەگەن مۇزىكا- كۈي رولىنى؛

ئىجاد قىلىپ ئىشرەت ئەنگىز مۇقامىنى*،

قاڭداغاندۇر نەغمەشۇناسلىق ئۇلىنى.

 

"ئەخلاقى جەمىيلە"دۇر* بىر نادىر ئەمگەك،

جاۋابلانغان ئۇندا گۈزەل خۇلق نە دەمەك؛

ئىجاد بىلەن گۈللەنەر ئىنسان ياشامى،

كۈي-مۇزىكالار ھەر قاچان روھقا ئەمەك.

 

ئۇيغۇر مۇقاملارى دۇنياۋى خەزىينە، 

ئاماننىساخان ئۇنىڭغا پىير-ساھىبە؛

شۇڭا دەرمىز: بىتخوۋىندىن ھىچ قالىشماس ،

نەفىسىيمىز قالدۇرغان بىمىسلى تۆھپە!

 2020-يىل 10-ئىيۇل، سان ديەگو.

ئىزاھاتلار:

*"شۇرۇھۇل قۇلۇب" (قەلبلەر شەرھلەرى): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان مۇزىكاشۇناسلىق ھەققىدىكى خاس ئەسەر.

*ئىشرەت ئەنگىز مۇقامى:  "‹ئىشرەت ئەنگىز› ناملىغ بىر مۇقام ھەم بۇ مەلىكە (ئاماننىساخان) نىڭ ئىختىرائاتلارى (ئىجادىيەتى) ئەردى، " (قاراڭ: ئىسمەتۇللاھ مۆئجىزىي: "تەۋارىخى مۇسىيقىييۇن"، قوليازما، 36-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىل نەشرى، بەيجىڭ).

*"ئەخلاقى جەمىيلە" (گۈزەل ئەخلاق): ئاماننىساخان نەفىسىي يازغان ئەخلاقشۇناسلىق توغراسىدىكى خاس ئەسەر.

 

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟