|
تاپمادىم
تاپمادىم
نۇرمۇھەممەد ئابدۇلمەجىد تۈركىستانى
ئەي چەرخ، دەردىم تولايۇ يىغلابان، كۆز ياشقا مەلھەم تاپمادىم، قايسىبىر غەمنى ئايۇرمەن، قەلبىم پىغاندا، باغۇ گۈلشەن تاپمادىم. قىسمەتىڭدە قان بولدى كۆزلەر ، رەنجىم بىلەن ئاسمان قارا ، بۇ زەمىن بۇرجەكلەرىن كەزدىم ئەلەمدە، ئەرزىمگە قازى تاپمادىم.
بىغۇبار ئاتەش قەلبلەر ھىجراندا مەھزۇن، تاھىرغا فەرھاد تاپمادىم، مىسكىن چىراي مەسۈملەر كۈر مىڭ، يەتىمگە ھالۋا تاپمادىم. تاغ كەبى ئەركەكلەر باشسىز، باشى بارلار قۇل كەبى ، مەختۇمسۇلا ئاھى ئۈچۈن باتۇر ئىلە مىسران قىلىچى تاپمادىم.
نە ئوقۇل، نەردە ئۆگۈت، كۆيگەن كىتاب، قايدا تەۋفىق تاپمادىم. ئىززەتى-ئىسلام بوغۇقتا، مەسجىد غۇلاندى، مېھراپقا ئىمام تاپمادىم. دەۋە -دەججال، ئىبلىس چايان، مەلئۇن بۈگۈن بەزمە قىلۇر، ناتىۋانلار زارلاشۇر. ئوتنى كۆردۈم، قۇشقاچ كەبى سۇ تاپمادىم.
ئوردا ساراي، مالۇ -مۈلك، تاغۇ-باغقا ھىچ مىراسكار تاپمادىم، مىڭلاپ بىمار، تۈرلى كەسەلگە ئىمكان شەفاسى تاپمادىم. مىنارلار يىقىلغان، ساباھلار ئەزانسىز، ھۇقۇش ھۇۋلىغان ، تۇغۇلغان ئىسىمسىز، ئىسىمسىز شەھىدكە قەبرە تاپمادىم.
مىللەتىم دەردى ھەسابسىز، ئەلقىساسقا يا مىنەلھەق تاپمادىم، ئۇيقۇدا جاھىل نادانلار، بۇ نادانلىق زەنجىرىن كەسمەككە كەسكۈ تاپمادىم. ئاھ نىتەي؟ قىچقاران تاڭ توخۇسى بولدى خائىن ناشتاسى، «ئويغان» دەبان كەتتى كىملەر، بۇ زۇلمەتكە خاتىم تاپمادىم.
كىم ئىدۇق، نەردەن كەلىپ نەرگە بارۇرمىز، يا يەكۈنى تاپمادىم، «لايۇغەييىرۇ بىقەۋمىن» گە يانداش «نەفسىمگە» تەبىر تاپمادىم. نە ئۈچۈن ياۋغا ئەسىر ئەردەم-تۈزۈك، ئەدلۇ -فەزلنىڭ زۆھەلى؟ قورتۇلۇش سىراسىدا جان بىرەر مەھمەت ئەرەنلەر تاپمادىم.
مىلادىيە 2019-يىلى 28-ئۆكتەبىر، ئادېلەيد، ئاۋسترالىيە |
|

