|
ئىلھام ئالغان مۇكاپات
ئىلھام ئالغان مۇكاپات ئاتاكا
ئىككى مىڭ ئون توققۇز يىل ساخاروۋ مۇكاپاتى، شەرەپلەر بولسۇن ئالدى، كى ئۇيغۇر ئىلھام توختى. ياۋروپا پارلامەنتى خاس قارارىدۇر شاھىد، يىگىرمە يەتتە ئەلدە يۈرەك ئۇيغۇر چۈن سوقتى!
"ئەل قانۇندىن چىقماسلىق پادىشاھتىن قورقماسلىق، ئىنسانلىق بولسا پايمال، شىكايەتتىن يانماسلىق"؛ ئادەملىك ھەق مىزان بۇ دۇنيا ئەتىراپ قىلغان، ئىلھامنىڭ تۇتقان يولى كەلدى ئاڭا دەل چاغلىق.
بىراق خىتاي ئىلھامنى تۇتتى كەستى مۇددەتسىز، خەلقارالىق ئۆلچەكنى كۆرگەچكە ئۇ قىممەتسىز؛ ھۆر دۇنيانىڭ غەزەبى تولدى قىنىدىن تاشتى، ھەقدارنى تارتۇقلادى، زالىم بولدى شەرەپسىز.
ئىلھام ئالدى مۇكاپات، ئۇيغۇرنى بىلدى جاھان، كوممۇنىزم ئاسارەتى سازايى بولدى ئايان؛ ئادەمىي ھەق مۇقەددەس، ئادالەت ھىچ يەڭىلمەس، كوممۇنىستىك تۈزۈم بولغاي پات يەر بىلەن يەكسان!
ئىلھام ئالغان مۇكاپات ئۇيغۇرغا خۇراملىق-شاد، كوممۇنىست خىتاي يۈزىگە ئۇرۇلغان مۇشت- كاچات؛ ئىلھام روھى جانلانىپ ئاچىلغاي ئەلدە چىچەك، كوممۇنىزمنىڭ زۇلمەتى بولغاي پاتراق بەربات!
2020-يىل 29-فەۋرال، كوجاتەپە.
|
|

