|
" ھەمىدىي"نى يازغاندا سايرامىي پايدالانغان ئەسەرلەر
"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (14) ئون تۆرتىنجى مەجلىس: " ھەمىدىي"نى يازغاندا سايرامىي پايدالانغان ئەسەرلەر
در. دەريا تۈمەن
ئالىم مۇسا سايرامىي يازغان شاھ ئەسەر "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ بۈگۈنكى مۇشۇ قىلدىن قىلتىرىق، تۇخۇمدىن تۈك ئىزدەيدىغان ۋە ئىزدەپ تاپالايدىغان ئىنچىكە تەخنىكالىق دۇنيادا، ئۆزىنىڭ ماتىرىيال قىممەتى بىلەن تويۇنغان بىر تارىخ كىتابى بولۇش سالاھىيەتىنى ساقلاپ، دۇنيا ئىلىم سورۇنىدا پۇت تىرەپ تۇرالاشى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، مول ۋە مۆتىۋەر تارىخ مەنبەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ھەقىقىي قىممەتدار ئەسەر بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. ھازىرقى چاغدا، ئىلىم ئادەملەرى ئەسەر يازسا، بولۇپمۇ تەتقىقاتلىق ئىلمىي ئەسەر ۋە تارىخقا ئائىت كىتاب پۈتسە، ئەسەر ئاخىرىدا مەزكۇر ئەسەرنى يازىش ئالدىدا ئوقۇپ بەھرەلەنگەن ياكى ئەسەرنى پۈتۈش جەريانىدا كۆچۈرۈپ پايدالانغان، ئارىيەت ئالغان ئەسەرلەر تىزىملىكىنى ئەسەر ئاخىرىدا، پايدالانغان ئەسەر ئىسمى، ئاپتور نامى ۋە ئەسەر ئەلان قىلىنغان ۋاقىت-زامانلارى تەرتىپى بويىچە، ئۆلچەملىك يازىپ كۆرسەتىلىشى شەرتتۇركى، بۇ- ئەڭ ئەقەللىي ئىلىم ئەخلاقى جۈملەسىگە كىرىدۇ، ئەلبەتتە. ئالىم بوۋامىز مۇسا سايرامىي گەرچە ھازىرقىلارغا ئوخشاش پايدالانما ئەسەرلەر كاتولۇگىنى ئۆز كىتابى ئاخىرىغا تىركەلمە قىلىپ بەرمەگەن بولسامۇ، ئۆز ئەسەرىنىڭ ھەر باپ، ھەر پاراگراپىنى ئەنىق مەنبەلىك كىتاب-ماتىرىياللار ۋە بەرىملىك پاكىت-مىساللارى بىلەن تويۇندۇرۇپ ماڭغان. بۇ ھال "تارىخى ھەمىدىي" ماۋزۇلۇق بۇ ئەسەرنىڭ بايان قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش بىلەن پاكىت كۆرسەتىش ئورگانىك يۇغۇرۇلغان بىباھا ئەمگەك ۋە كلاسسىك ئۆرنەك ئەسەر بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرگەندۇر. بولۇپمۇ، ئەسەرنىڭ "مۇقەددىمە" قىسمىدا، ساق تۆرت باپلىق مەزمۇن ھالقاسى بىلەن، ئۇيغۇر ۋەتەنىنىڭ ئاشۇ يائقۇب بەگ زامانىغاچە بولغان ئارالىقتاكى كەچۈرمىشلەرىنى، خۇسۇسەن ئاناتولىيەنى مەركەز قىلغان تۈرك رۇم ئىمپراتورلۇقى دەۋرىدە، ئورتا ئاسيا ۋە كاشغارىيە زەمىنىدە قانداق سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھايات ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى مەغىزلىق قىلىپ بايان قىلىش بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانكى، بۇ مەزكۇر "تارىخى ھەمىدىي" ناملىق ئەسەرنىڭ ئەمەلىي ۋە ئىقبالىي قىممەتىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغان. يازمامىزنىڭ بۇ بۆلەكچەسىدە، سايرامىي بوۋامىزنىڭ مۇناسىبەتلىك بايانلارى ئارقالىق، ئەسەر يازىلىشتا ئىشلەتىلگەن پايدالانمالار نۇقتاسىدىن قىسقا مۇلاھىزە يۈرگۈزەپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشىمىز: "شاھرۇخ مىرزا ۋاپاتى (1446-يىل-ت) دىن كەيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا ئۇلۇغ بەگ ئىزىنى باستى. ئۇ داداسى ھايات چاغىدا ئۆزى ھاكىم بولغان سەمەرقەندنى پايتەخت قىلدى. بۇ چاغقاچە ئۆتكەن پادىشاھلار ئىچىدە، مىرزا ئۇلۇغبەگنى باسىپ چۈشىدىغان موللا، پازىل، ئولەما پادىشاھ ئۆتكەن ئەمەس. پادىشاھ مىرزا ئۇلۇغبەگنى < جامىئۇر رەمۇز (جامى الرموز): نامايەندەلەر توپلامى)> ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى مەۋلانا شەمسىددىن مۇھەممەد بىلەن ساۋاقداش بولۇپ دەرس ئالغان، دەيىلىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئىلىم – پەنگە ئەھمىيەت بەرىدىغان، تۈرلۈك ئىلىم پەنلەر ساھەسى بويىچە ئۆزى قول تىقىپ ئىشلەيدىغان ئالىم پادىشاھ ئىدى. ئۇ مۇھەندىسلىك، دانىشمەنلىك ۋە ئاسترونوملۇق جەھەتتە يۈكسەك سەۋىيەگە ئىگە نۇرغۇنلاغان ئالىملارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئاسترونومىيە، پالچىلىق ۋە كالىندارچىلىققا ئائىت بولغان ئىلىملار بويىچە تەتقىقات ئالىپ باردى. چۆرگەلەپ تۇرىدىغان پەلەك ۋە تىنىمسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ تۈرلۈك ھالەتلەرى ۋە ئۆزگەرىشلەرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئىنچىكە مەسىلەلەر ئۈستىدە باش قاتۇردى. ئامەتلىك سائەتلەر ۋە نەس باسىدىغان چاغلار ھەققىدە مۇتالىئە ۋە مۇلاھىزەلەر قىلىپ، ئاشۇ ساھەلەردىكى مۇشكۈلاتلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، زور تىرشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. مەخسۇس كالىندار تۈزدۈرۈپ، رەسەدخانا بەرپا قىلدۇرۇپ: <كوراگان كالىندارى ، كوراگان رەسەدخانەسى (زىيجى كوراگاني)> دەپ ئاتادى. بۇلارنى ئىشلەشكە ئىشتىراك قىلغان ئالىملارغا ھەددى – ھىسابسىز ئىنئام، ئىھسان ۋە بەخشىشلەرنى ئاتا قىلدى. بىر چاغدا، مىرزا ئۇلۇغبەگ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلەرىنى ئۆزى ئورنىدا باشقۇرۇپ تۇرۇشقا ئوغلى ئابدۇللەتىفنى قويۇپ، ئۆزى لەشكەر تارتىپ، ئىراق تەرەپكە ئاتلاندى. بۇ قاتىمقى ئەسكەرىي يۈرۈش ئىككى يىل ۋاقىتنى ئالدى. بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، ئابدۇللەتىف مىرزانىڭ خورەكى ئۆسۈپ، دۆلەتمەنلىك ۋە ھۆكۈمدارلىق غورۇرىنىڭ چىرىتىشىگە ئەسىر بولدى. نەتىجەدە، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىپ، مۇستەقىل پادىشاھ بولۇش نىيەتىدە ئىسيان كۆتۈرۈشكە پاتىندى. ئۇ لەشكەر تارتىپ چىقىپ، پايتەختكە قايتىپ كەلىۋاتقان داداسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇرۇشتى. قاتتىق ۋە قانلىق ئالىشىش نەتىجەسىدە، داداسى ئۈستىدىن غەلبە قىلدى ۋە ئۇنى تۇتۇپ ھەپسەگە ئالدى. ئابدۇللەتىف مىرزا داداسىنىڭ ئەسكەر – لەشكەرلەرى، قورال – ياراق، خەزىنە – دەپىنەلەرىگە ساھىب بولغاندىن كەيىن: <مۇقەددەس شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملەرىگە خىلاپلىق قىلمايمەن ۋە ئۇنىڭدىن قىلچەلىك تايمايمەن. شاراپەتلىك شەرىئەت ھۆكۈملەرىگە خىلاپلىق قىلغان ئادەم ھەرقانچە دادام ۋە بالام بولۇپ كەتسەمۇ، ھەرگىز يۈز خاتىرە قىلمايمەن> دەپ پەرمان چىقارىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلادى. شۇ چاغدا، ئابباس ئىسىملىك بىر ئادەم چىقىپ: < مەنىڭ دادامنى مىرزا ئۇلۇغبەگ ھىچگەپتىن ھىچگەپ يوقلا ئۆلتۈرىۋەتكەن> دەپ ئەرز قىلدى. بۇ ئەرزنى ئاڭلاغان ئابدۇللەتىف مىرزا شەرىئەتكە بۇيرۇپ بەردى. شەرىئەت دائىرەلەرى پەتىۋا ( قارار، ھۆكۈم ) چىقارىپ بەرگەندىن كەيىن، مەزكۇر پەتىۋانىڭ <قىساس ئالسا بولىدىكەن> دەگەن مەزمۇنىنى داداسىغا ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئارقادىن، ھەلىقى ئابباسقا: <داداڭنىڭ قىساسىنى ئالغىن> دەپ ئىجازەت بەردى. نەتىجەدە، مىرزا ئۇلۇغبەگنى بىر كەچەدە، مەخپىي بىر جايغا ئالىپ بارىپ، ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ ۋەقە تارىخچىلارنىڭ كىتابلارىدا: <ئابباس ئۆلتۈردى> دەپ چىقىدۇ. بۇ ۋەقە بولۇپ، تەخى ئالتە ئايمۇ ئۆتمەگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئابدۇللەتىف مىرزامۇ ئۆزىنىڭ قول ئاستىداكى ئادەملەرى تەرەپىدىن قەتلى قىلىندى.( قاراڭ: "تارىخى ھەمىدى" <يەڭى تەرجىمە نۇسخا>، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، 82-84-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل) مۇلاھىزە: "تارىخۇ رەۋزەتىس سەفا" ۋە "تارىخى رەشىدىي"لەرنى مەنبە قىلىپ بەرىلگەن بۇ پايدالانمادا، تارىخشۇناس بوۋامىز مۇسا سايرامىي كاشغارىيە دۆلەتى زامانىدىن ئۇزاق زامانلار بۇرۇن، يەنى مىلادىيە ئون بەشىنجى ئەسىردەكى تۈركىستان جۇغرافىيەسى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئىلىم-مەئرىپەت سەۋىيەسىنى پاكىتلىق شەرھلەگەن. تۈركىستان پادشاھى، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن رەسەدخانە (ئاسمان جىسىملەرىنى ئىلمىي كۈزەتىش پونكىتى) بەرپا قىلغان مەشھۇر ئاسترونۇم ئۇلۇغ بەگنىڭ ئىلىم تەتقىقات پائالىيەتلەرىنى تونۇشتۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدە، ئالەم تەتقىقاتى ئىلمىي بويىچە دۇنيادا باشلامچى قەۋم بولغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن قەيت قىلغان. ئالىم پادشاھ ئۇلۇغ بەگنىڭ ئاخىردا، ناكەس خۇراپاتلىق ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن ئوغلى ئابدۇللەتىف تەرەپىدىن "شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىش قىلغان" دەپ قارالانىپ، ھەربىي ئۆزگەرىش بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقى ۋە ئاچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بولسا، غەزەب بىلەن ئەيىپلەگەن ۋە لەنەتلەگەندۇر.
"كەيىنكى زامانلاردا، يەنى سۇلتان سەئىد خان ئىبنى ئەھمەدخاننىڭ زامانىسىدا، مىرزا ھەيدەر كوراگان يىگىرمە ئىككى يىل ياركەندتە ئەمىرلەر ئەمىرى بولۇپ تۇردى. ئۇ تىبەت، بۇلۇر قاتارلىق جايلارغا لەشكەر تارتىپ بارىپ، نۇرغۇن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، خەلقىنى ئىسلام دىينىغا كىرگۈزۈپ، ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە ئىشىنىدىغان مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن قىلدى. لەكىن زاماننىڭ تەتۈرلىكى تۈپەيلىدىن، ئاقىۋەتتە، كابۇلغا كەتىپ، بابۇر پادىشاھنىڭ خىزمەتىگە كىردى. بابۇر پادىشاھنىڭ ئاناسى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ ئاناسى بىلەن بىر تۇغقان بولۇپ، ھەر ئىككىلەسى يۇنۇس خاننىڭ قىزلارى ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان بابۇر پادىشاھنىڭ تەيىنلەشى بىلەن كەشمىرنى تۆرت يىل سورادى. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىل ئىچىدە، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ھىندۇستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلەرىنى بويسۇندۇردى. ئەڭ ئاخىردا، سەلتەنەتنى تەرك ئەتىپ، ئۆمرىنى ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۇ: «<تارىخى رەشىدىي> (تاريخ رشيدى ) نى كەشمىردە يازىپ بولغانىدىم" دەگەن. خانلارنىڭ قىزلارى ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادلارىغا گوفۇ (贵妇人 ئالىي ئاغاچا) بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار بىلەن توي قىلغانلار خانغا كۈيوغۇل بولۇپ، <كوراگان> مەنسەپى ۋە ئىمتىيازىغا ئەرىشىدىكەن. <كوراگان> دەگەن سۆز موغۇل تىلىدا <خانغا كۈيوغۇل> يەنى <دامادى پادىشاھ > ( پادىشاھنىڭ كۈيوغلى ) ئوقۇمىنى ئاڭلاتىدۇ. يەنە بۇ مىرزالارنىڭ قىزلارىمۇ خانزادىلارغا (شاھزادىلارغا) گوفۇ بولىدىكەن. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر، 101-102-بەتلەر. مۇقەددىمە، ئۈچىنجى باب) مۇلاھىزە: "تارىخى رەشىدىي" (سۇلتان ئابدۇررەشىدخان تارىخى)نى مەنبە قىلىپ بەرىلگەن بۇ پايدالانمادا، مۇسا سايرامىي قاراتمالىقى بولغان ھالدا، مەشھۇر كىتاب "تارىخى رەشىدىي"نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ تەرجىمەھالىنى بايان قىلغان. يەنى ئاتاقلىق تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەركوراگاننىڭ ئەسلىدە، ئۇيغۇر-تۈرك تارىخىداكى گۈللەنگەن دەۋر ھىسابلانىدىغان ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىلارىنىڭ بىرى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان زامانىدا، يىگىرمە تۆرت يىل مەزكۇر خانلىق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەشھۇر "بابۇرنامە"نىڭ ئاپتورى زەھىرۇددىين مۇھەممەد بابۇر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان ئىكەنلىكى، بابۇرنىڭ تەيىنلەشى بىلەن كەشمىرگە ۋالىي بولغانلىقى ۋە نەمە ئۈچۈن "كوراگان" دەپ ئاتالىدىغانلىقى، "كوراگان" ئاتالغۇسىنىڭ ئەتمۇلوگىيەسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي پاكىتلارى بىلەن مەغىزلىق قىلىپ شەرھلەگەنكى، بۇ زۆرۈر بىلىك ۋە شەرھلەر ئۆز نۆۋەتىدە، "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ ئىلمىي ماتىرىيال قىممەتىنى ھەسسەلەپ ئاشۇرغاندۇر.
"ئەھمەد خاندىن بۇ دۇنياغا ئون سەككىز ئوغۇل يادىكار قالدى. چوڭ ئوغلى مەنسۇرخان بولۇپ، قامۇلدىن كورلاغاچە بولغان جايلار ئۇنىڭغا تەئەللۇق ئىدى. كىچىك ئوغلى سۇلتان سەئىد خان بولسا، كابۇلدا بابۇر پادىشاھنىڭ قاشىدا ئىدى. ئۇ بىر مۇنچە ئادەمى بىلەن كەلىپ، ئەندجاننى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ، ئۇ يەرگە ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن كەيىن، <يەتتە شەھەرگە بارساق، ئوبدان بولۇرمىكىن> دەگەن مەسلىھەت بىلەن، دوغلات، دوختۇي، بارلاس ۋە جوراس قاتارلىق توققۇز قەبىلەدىن بولغان تۆرت مىڭ يەتتە يۈز نەپەر مەشھۇر بەھادۇر ۋە مەردانەلەرنى تاللاپ، كاشغەرگە ھۇجۇم قىلىپ چۈشتى. بۇ چاغ، ئەمىر خۇدايدادنىڭ نەۋرەلەرىدىن بولغان مىرزا ئەبۇبەكرنىڭ بۇ يەتتە شەھەرگە پادىشاھ بولغانىغا قىرىق سەككىز يىل بولغان مەزگىل ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇراسىدا، قاتتىق جەڭ ۋە دەھشەتلىك ئالىشىشلار بولدى. نەتىجەدە، مىرزا ئەبۇبەكر تەڭ كەلىپ بولالماي، قاچىپ كەتىپ، بەدەخشان تاغلارىنىڭ ئىچىدە يوقالدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختى سۇلتان سەئىد خانغا قارار تاپتى. مىرزا ئەبۇبەكرنىڭ خەزىنە – دەپىنە، قورال – ياراق، چاھارپاي ۋە باغ – ۋارانلارى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىدى. ئۇنىڭ خەلققە كۆرسەتكەن جەۋر – زۇلۇملارىمۇ چەكىگە يەتكەنىدى. ئۇنىڭ زامانىسىدا، ئەگەر بىر ئادەم سەل – پەل گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ مال – بايلىقلارىنى خەزىنەگە ئالىۋالاتتى. ھەتتا، مەزكۇر ئاتالمىش گۇناھكارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلارىنىمۇ تۇتۇپ كەلىپ: < سەنىڭ تۇغقانىڭ بولمىش بۇ ئادەم مۇنداق، مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلدى ئەمەسمۇ؟> دەگەننى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭمۇ بار – يوق نەرسەلەرىنى قويماي سۈپۈرۈۋالاتتى. ھىچقانداق بىر تارىختا مىرزا ئەبۇبەكردەك يەنە بىر زالىم پادىشاھنىڭ ئۆتكەنلىكى سۆزلەنمەيدۇكى، كىمكى بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىشكە قىزىقسا، مىرزا ئەبۇ بەكرنىڭ زادى نەمەلەرنى قىلغانلىقىنى بىر بىلەي دەسە، «تارىخى رەشىدىي» نى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. خوش، شۇنداق قىلىپ، بۇ يەتتە شەھەر سۇلتان سەئىدخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتتى. ئۇ ئالدى بىلەن، مەيلى ئاقسۇلۇق بولسۇن ياكى بولماسۇن، خاھلاغانلارنى ئىختىيارلىق ئاساسىدا كۆچۈرۈپ كەلىپ، ئاقسۇغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ دىيارنى ئاۋات قىلدى. ئەمما، مانا مۇشۇنداق ھەر يەر – ھەر يەردىن كەلگەن تەرمە ئادەملەردىن تەشكىل تاپقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقى ئاقسۇ ئادەملەرى بىر – بىرى بىلەن ئۆم – ئىناق ئەمەس. سۇلتان سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرنىڭ خەزىنە–دەپىنەلەرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئەسكەرلەرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەرىپ، ھەممەيلەننى مال – دۇنيادىن بىھاجەت قىلدى. «تارىخى رەشىدىي» نىڭ مۇئەللىپى مىرزا ھەيدەر كوراگان ئەنارەللاھۇ مەرقەدەھۇ (اناراللە مرقدە: ئاللاھ ئۇنىڭ قەبرەسىنى نۇرغا پۈركىگەي) بۇ ھەقتە توختالىپ: <ئۇ چاغدا، مەن ئون ئالتە – ئون يەتتە ياشلاردا ئىدىم. پۇل – مال دۇنياغا مۇتلەق ئىھتىياجىم يوق ئىدى. شۇنداقتامۇ، تەقسىماتتا ماڭا نەق پۇل قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئون يەتتە مىڭ قوي تەگدى. ھالبۇكى، ئىھتىياجى بار ئادەملەرنىڭ قانچەلىك ئالغانلىقى ۋە غەنىمەت – ئولجالارنىڭ نەقەدەر كۆپلۈكى بۇنىڭدىن قىياس قىلىنسا بولىدۇ» دەپ يازىدۇ. سۇلتان سەئىدخان مەغفۇر (ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلارىنى مەغپىرەت قىلغاي) مىرزا ئەبۇبەكر زامانىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە زەئىپلەشىپ خاراب بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆز ئەسكەرلەرىنىڭ مال – دۇنياغا بىھاجەت بولغانلىقىنى نەزەرگە ئالىپ: < بۇ يەتتە شەھەر پۇقرالارىدىن ئون يىلغاچە باج – خىراج ئالىنماسۇن، ئالۋاڭ – ياساق قويۇلماسۇن> دەپ يارلىق چۈشۈرۈپ، خەلقىئالەمنىڭ دىل – كۆڭلىنى يورۇتىۋەتتى." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب، 113-115-بەتلەر. مۇقەددىمە تۆرتۈنجى باب) مۇلاھىزە: "تارىخى رەشىدىي"دىن ئالىنغان بۇ بايانلار كاشغارىيەنىڭ ئەزەلدىنلا نەقەدەر باي زەمىن ئىكەنلىكىگە، ئىنسانلارىنىڭ بولسا، نەقەدەر ئىشچان، نەقەدەر يوۋاش، ئىسيانكارلىقتىن مۇتلەق خالىي، پەرغانەدىن كىم كەلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلسا، ماقۇل دەۋەرىدىغان يۇمشاقباش، نە قەدەر شۈكرە-قانائەتچان ۋە نەقەدەر گول ئىكەنلىكىگە مىساللىق پاكىتتۇر. قاراڭ، ياڭى كەلگەن ھۆكۈمران تەبىقەگە تەۋە بولغان ئون ئالتە-ئون يەتتە ياشلىق بىر بالاغا نەق ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن باشقا ئون يەتتە مىڭ تۇياق ئولجا ئالىنغان قوي تەقسىم قىلىپ بەرىلىدۇ؛ پادىشاھ سەئىدخان پۈتۈن دۆلەت پۇقرالارىدىن ئون يىلغاچە باج ئالماسلىققا پەرمان قىلىدۇكى، بۇ- نەمە دەگەن باي-باياشادلىق-ھە؟! بۇ نەقىل باياندىن يەنە، كاشغارىيەگە ئىككى كەم ئەللىك يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىرزا ئەبۇ بەكر دەۋرى بىلەن ئۇنىڭدىن كەيىن، ئوخشاش زەمىندە ئاز كەم ئۈچ يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياركەند سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىنى سالىشتۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشىمىز، تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن پايدالىق ۋە ئەھمىيەتلىك ساۋاق ئالىشىمىز تامامەن مۇمكىندۇر. "مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىمنىڭ نەسەبىمۇ مىرزا ئەبۇ بەكرگە تۈگەللەنىدۇ، دەيىلىدۇ. بۇ زاتنىڭ تەپسىلىي نەسەب شەجەرەسىنى مەن تازا بىلىپ كەتەلمىدىم. ئەمما بۇ گەپنى قىلغۇچىنىڭ ئىزاھلاشىچە، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھىجرىيە بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئالتىنچى يىلى (مىلادىيە 1909 – يىل) يەنى بىزنىڭ مۇشۇ زامانىمىزغاچە داۋاملاشىپ كەلگەن. ئوچۇقلاپ ئەيتقاندا، مىرزا ھۇدا بەيسە بەگىم ياركەندنى سوراپ ئۆتكەن. ئاندىن كەيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا ھەيدەر ئوسمان بەيسە بەگىم كاشغەرنى سوراپ ئۆتتى. مەۋلانا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئەلەيھىررەھمە (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي ) ئۆزىنىڭ «زۇبدەتۇل مەسائىل» (مەسىلىلەر جەۋھىرى، گەپنىڭ پوسكاللىسى ) ناملىق كىتابىنى، مەزكۇر مىرزا ئوسمان بەيسە بەگىمنىڭ نامىغا باغىشلاپ يازغانىكەن. ئاندىن كەيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا ئىسھاق بەگىم ۋاڭلىق مەنسەپىگە ئەرىشىپ كاشغەرنى سوراپ ئۆتۈپتۈ. ئاندىن كەيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىم ئاقسۇغا ھاكىم بولۇپ، يىگىرمە سەككىز يىل سوراپتۇ. ياركەندنى سەككىز يىل سوراپتۇ. بۇخارالىق ئابدۇلكەرىم داموللام « ئەقايىد » (ئەقىدىلەر) ناملىق كىتابنى مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىمنىڭ نامىغا باغىشلاپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابقا بەرگەن تەرجىمە مۇقەددىمەسىدە، مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىمنى كۆپ تەرەپتىن مەدھىيەلەپ تەئرىپلىگەن. دەگەندەك، مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىم دۆلەتمەن، غايىلىك، زىرەك، ھۇشيار، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قائىدە – قانۇنلارىنى ياخشى بىلىدىغان، خەلقپەرۋەرلىك، يولباشچىلىق پرىنسىپلارىدا چىڭ تۇرىدىغان، قىلغان گەپىدىن يانىۋالمايدىغان، مۇستەھكەم ئىرادەلىك كىشى ئىدى. خۇي – مىجەز ۋە ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتلەردە، تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلارنىڭ خانلىق نورما – ئۆلچەكلەرىگە مۇۋاپىق كەلەتتى. كۆرۈنۈشتە، ئۇ خاقانى چىنغا ئىتائەت قىلغاندەك قىلسامۇ، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل ھۆكۈمران ۋە ئۆز ئالدىغا پادىشاھ ئىدى. ئۇ تۈرلۈك دەۋا – دەستۈرلارنى ۋە ھەرقانداق ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، مەسىلەنى مۇقەددەس ئىسلام شەرىئەتىنىڭ تارازاسىغا سالىپ تۇرۇپ، نازۇك شەرىئەت ئىلمىنىڭ ھىدايەتكار ئىماملار تەرەپىدىن شەرھلەنگەن ئىزاھ – چۈشەندۈرۈشلەرى ئاساسىدا، دۇرۇس پەتىۋا چىقارغۇزۇپ، ئاندىن ھۆكۈملەرىنى ئىجراغا تاپشۇراتتى. ئۇ شاراپەتلىك ئىسلام شەرىئەتىنىڭ رىئايە قىلىشقا تەگىشلىك پرىنسىپلارىغا تولۇقى بىلەن ئەمەل قىلىپ، ئاللاھنىڭ شەرىئەت چەگىراسىدىن چىقىپ كەتمەي، ھەممە ئىشنى ئۆز نورماسىدا ۋە دەل جايىدا بەجىرىپ ماڭغاچقا، خاقان مەنسەپدارلارىدىن خان ئامبان باشلىق ھەممەسى ئىھتىيات قىلىپ، ئۇنىڭغا كامالەتلىك ئىززەت – ھۆرمەت ئىچىدە مۇئامىلە قىلاتتى. ھاراق – شاراپ، بەڭ – بوزا ئىچىش قاتارلىق شەرىئەت تەرەپىدىن مەنئى قىلىنغان ناكەس ئىشلاردىن ئۆزى باش بولۇپ يىراق تۇرغاچقا، پۇقرا ۋە رەئىيەلەردىلا ئەمەس، ھەتتا دۆلەت ئەربابلارى بەگ ۋە بەگزادەلەر ئاراسىدامۇ، بۇ خىل مەنئى قىلىنغان ئىچىملىكلەرنى ۋە چەكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش مەيلى ئاشكارا ۋە مەيلى مەخپىي بولسۇن، زادىلا كۆرۈلمەيتتى. ھەر كەچە تۈن نىسپىدىن ئۆتكەندە، كۆزلەرى ئۇيقۇغا بارمايتتى – دە، دەرھال قوپۇپ، تاھارەت ئالىپ، ئىبادەتخاناغا كىرىپ، نامازى تەھەججۇد ( يارىم كەچە نامازى ) نى ئادا قىلغاندىن كەيىن، ئىشان – ھەزرەتلەر تەرەپىدىن تەئلىم قىلىنغان ۋە تەستىقلانغان دائىمىي دۇئالارنى ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۆزىنىڭ خاس ئىبادەت ئۆيىدە، بىر پارچە بورىيادىن باشقا، سالىنچا دىدارى يوق ئىدى. بىر قارا ئارقان تورۇسقا چەگىلگەن بولۇپ، ھەلىقى دائىمىي دۇئالارنى ئوقۇغاندا، ئارقاننىڭ ھالقاسىنى بوينىغا ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ئوقۇيتتى. نامازنىڭ ۋاقتى بولغاندا، مەسجىدكە بالدۇر چىقىپ، ھەر قاتىملىق نامازنى ئەقەللىيسى ئەللىك – ئاتمىش ئادەم بىلەن جامائەت بولۇپ ئادا قىلاتتى. پۈتكۈل ئۆمرى ئىچىدە، نامازنى ۋە جامائەتنى تەرك ئەتكەن ئەمەس. ئاينىڭ باشى ۋە ئون بەشىدە شاڭتاڭ (上堂) ۋە شاڭيامۇن (上閘门) قىلغان چاغىدا، خىتايچە جۇڭيى ۋە ئوتاغاتلىق مەنسەپ ئىگىن – ئاياغلارىنى كىيىپ چىقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا، ھەمىشە سەللە – سەلاھ، پەرەنجى قاتارلىق شاراپەتلىك شەرىئەتكە مۇناسىپ كەلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەتتى. ئولەما، ھەزرەت، ئەفەندىلەرگە ئەقىدە – ئىخلاسلارى زىيادە، كۆڭلى مۇشتاق ئىدى. بۇ ۋەجدىن، كەشمىر، بەدەخشان، ھىندۇستان، بۇخارا ۋە تۈركىستان قاتارلىق يىراق – ياقىن جايلاردىكى ھەزرەت، ئىشانلار بۇ ۋاڭ بەگىمنىڭ پۇر نىئمەتلىك ۋە ئىنئام – ئىھسانلىق شۆھرەتىنى ئاڭلاپ كەلىپ، ھوزۇرىدا كۈنلەرچە تۇرۇپ، تۈرلۈك نىئمەتلەر بويىچە بەھرەلەنىپ، ۋاڭ بەگىمنىڭ دۆلەتىگە ۋە ئۆزىگە دۇئالار قىلغاندىن كەيىن، ئاندىن ئۆزلەرىنىڭ ئەسلىي يۇرتلارىغا قايتىپ كەتىشەتتى. ۋاڭ بەگىم باشلىق بىر مۇنچە پاك ئىخلاسلىق مۇرىت – مۇخلىسلارمۇ ئۆزلەرىنىڭ ئىخلاس – ئەقىدەلەرىگە لايىق مەنپەئەتلىنىپ قالىشاتتى. ۋاڭ بەگىملارمۇ قادىرىيە ۋە نەقشبەندىيە تەرىقەتىگە داخىل بولغانلار بولۇپ، ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلەرى موللا، پازىل، ئالىم ۋە پەرھىزكارلارنى چاقىرىپ، خەتمى ئەھزاب (قۇرئان كەرىمنى پارە – پارەسى بويىچە بۆلۈپ خەتمە قىلىش) ئوسلۇبى بويىچە، ئۇلۇغ قۇرئاننى بىر قاتىم خەتمەدىن ئۆتكۈزۈر ئىدى. خەتمەگە ئىشتىراك قىلغان پازىل، قارىيلارنىڭ ھەممەسىنىڭ پۈتكۈل ياشام خىراجەتلەرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرىنى ۋاڭ بەگىم تەل قىلىپ بەرەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، خەير – سەدىقە قىلىپ سالدۇرۇپ بەرگەن رابات – لەنگەر (مىھمانخانا، مىھمانساراي) لەر، مەدرىسە – مەسجىدلەرمۇ تولا ئىدى. بۇ تۈردىكى نەزرە – سەدىقەلەرگە كەتىدىغان خىراجەتنى ئەبە – ئەجدادلارىدىن مىراس تەگكەن چاھارپاي ۋە زەمىنلارنىڭ ھوسۇل – ھاسىلاتىدىن چىقىراتتى. بۇ زامانە ئاخىرىدا، ئەمىر خۇدايداد ئەلەيھىررەھمە ۋەلغۇفران (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم – شەپقەت قىلىپ، گۇناھلارىنى مەغپىرەت قىلغاي) نىڭ ئەۋلاد – ئەھفادلارى ئىچىدە، مىرزا ئەھمەد ۋاڭ بەگىمدەك پازىل، شەرىئەتپەرۋەر ئولەما ۋە پۇقرالارنى دوست تۇتقۇچى ئۇلۇغ زات ئۆتكەن ئەمەس. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندەلەرىگە قىلغان ياخشىلىقلارى ۋە نەتىجەلىك ئەمگەكلەرىنىڭ تەسىرى تاكى مۇشۇ كۈنلەرگەچە خالايىقلار ئاراسىدا داستان بولۇپ يادلانىپ كەلمەكتە. ئۇ ئەنە شۇنداق ئەقىدە – ئىخلاسنىڭ پاكلىقى شاراپەتىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، شەھىتلىك دەرىجە ۋە مەرتىۋەسىگە ئەرىشتى. شۇ زاماننىڭ مۇسۇلمان ئولەمالارى ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە «شەھىدى ئەئلا» (ئەڭ يۈكسەك دەرىجىلىك شەھىت) دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ناھەق تۆكۈلگەن قانىنى كەپەن قىلىپ، يۇدۇرمايلا نامازىنى چۈشۈرۈپ، دەپنە قىلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كەيىن، ئوغلى مىرزا ھامىد بەگىم ۋاڭلىق مەنسەپىگە ئەرىشتى ۋە ئاقسۇ، خوتەنلەرگە ھاكىم بولۇپ، ئۆمۈر سۈرۈپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كەيىن، ئوغلى مىرزا مەھمۇد بەگىم ئاتا مىراس ۋاڭلىق مەنسەپى بىلەن دۆلەت سۈرۈپ، ئىززەت – ھۆرمەت تاپىپ، <ۋاڭ خوجام> دەگەن نام بىلەن داڭق چىقاردى." (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 103-106-بەتلەر. مۇقەددىمە، ئۈچۈنجى باپ) مۇلاھىزە: مۆتىۋەر كىتاب "تارىخى ھەمىدىي"دە يازىلغان ئەھمەد ۋاڭ بەگ شۇ زاماننىڭ نۇر بەكرىسى. بىراق، ئۇ بۈگۈنكى زامانىمىزدەكى نۇر بەكرىگە ئوخشاش سەككىز-ئون يىل ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، خاقانى چىن مەركەزىي ھۆكۈمەتىنىڭ "ۋاڭ بەگ"لىك خىزمەتىنى قىلغان ئىخلاسمەن غالچا. 1864-يىل كۇچا تۇنگانىيلارى خاقانى چىن ھۆكۈمەتىگە قارشى ئىسيان كۆتەرىپ، كۇچانى ئازاد قىلغان ۋە ئەھمەد ۋاڭ بەگنى غالچالىقتىن ۋاز كەچىپ، مۇستەقىل كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى بولۇپ بەرىشكە تەكلىپ قىلغان. بىراق، ئەھمەد ۋاڭ بەگ: "مەن نەچچە پۇشت، نەچچە ئەجدادتىن بۇيان بۈيۈك خاقانى چىن ھۆكۈمەتى ئىنايەت قىلغان خاس ئىمتىياز بىلەن ياشاپ كەلگەن ۋاڭ بەگمەنكى، سىلەرنىڭ پرىزدىنتىڭلار بولمايمەن!" دەپ كەسكىن رەد قىلغان. نەتىجەدە، ئىسيانچىلار ئۇنى شۇ يەردىلا چوماقداپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈدىغان مەسىلە شۇكى، تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي ئۆز ۋاقتىدا، ئىسيانكار قوزغالاڭچىلارنىڭ خەلقنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى قوللاماغان ئەھمەد ۋاڭ بەگنى چوماقداپ ئۆلتۈرۈۋەتىشىنى مۇتلەق ئەيىبلەمەيدۇ. ۋاھالەنكى، ئەسەرنىڭ بۇ قىسمىدەكى مەزكۇر بايانىدا، ئەھمەد بەگنى "شەھىدلىك شەربەتىنى ئىچكەن بۈيۈك شەھىد، يەنى شەھىدى ئەئلا بولدى" دەپ يازىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە، مۇلاھىزە سوئالى شۇ: ئەجەبا، ئەسەرنىڭ ئىككى يەرىدەكى باياندا، ئاپتورنىڭ تۇيغۇ-ھىسسىيات ۋە كۆز قاراشى ئۆز ئارا زىت كەلەمدۇ قانداق؟ نەمە ئۈچۈن؟ مانا بۇ – ئەمەلىيەتتە، "تارىخى ھەمىدىي"نىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان نادىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان نۇقتالاردۇر، مەنىڭچە.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" گەر بولسا تىل دەستۇرى، "قۇتادغۇ بىلىك" گويا دۆلەت قۇرۇش مىزانى. "تارىخى ھەمىدى"نىڭ ئورنى ھىچ تۆۋەن ئەرمەس، جەملەنگەچ ئۇندا گويا مىللەتنىڭ تۈم ئارمانى.
"ھەمىدىي"نى يازغاندا سايرامىي پايدالانغان ئەسەرلەر كاتالوگى: "قۇرئان كەرىم": "ھەدىيس شەرىيف": "سىيەرى شەرىيف" (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ تەرجىمەھالى) "سەھىھۇل بۇخارىي": "سەھىھۇل مۇسلىم": "شەرھى بەقەۋىي": "شىفائى شەرىيف": "دىۋان مەسنەۋىي": جەلالۇددىين رۇمىي "زۇبدەتۇل مەسائىل" (مەسىلەلەر جەۋھەرىى): مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي "ئەجايىبۇل مەخلۇقات" : ئىمام قەزۋەنىي، ئىمام فەخرىددىن رازىي "تارىخۇ رەۋزەتىس سەفا": مۇھەممەد ئىبنى خاۋەندىشاھ ھىرىي "تەسۋىرۇل بۇلدان" : مىيرىي "تارىخى رەشىيدىي" : مىزا ھەيدەر كوراگان "ئەقائىد" (ئەقىدەلەر): ئابدۇلكەرىم بۇخارىي "سەبباتۇل ئاجىزىين": سوفىي ئاللاھ يار "مۇنتەخىبۇت تەۋارىخ" (تارىخ كىتابلارىدىن تاللانمالار): "مىشكاتى شەرىف" (شاراپەت تەكچەسى): "رىسالە" : قۇربان ئەلىي چۆچەكىي "تارىخى زەفەرنامە": "تارىخى ئىمان گەردىزىي": "تارىخى ئىبنى ئەرەبشاھ": "تارىخى ئەللامە ئىبنى خەلەدۇن": "ھىسنى ھەسىين": ئىمام جەزەرىي "جامىئۇر رەمۇز": شەمسۇددىين مۇھەممەد "مەرقات" (قاتلانما شوتا): "ئاتەشكەدە" (ئاتەشدان، ئوتخانە): 2020-يىل 22-فەۋرال، گۆلجۈك. |
|

