|
تىرىلىش ئۈچۈن ئىھيا ۋە ئىنشا
كۈنتوغدى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارىخىدا، ھىچبىر ۋاقىت كۈنىمىزدەكىدەك خەتەرلىك ھالاكەت گىردابىغا كەلمەگەن بولۇشى يۈكسەك ئىھتىمال. ھىچ بولماغاندا بىز بىلگەن تارىخىي مەلۇماتلارغا قاراغاندا ئەڭ چوڭ بۇھرانلىق چاغلارى كۈنىمىزدە داۋام قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇگۈنكى قىسمەتلەرى ئەلبەتتە ئەجداتنىڭ خاتالارى، قارىنداش ئۇرۇغ تۇغقانلار ۋە دىنداشلارنىڭ بىرلىك- بەراباەرلىك ئىچىدە بولماسلىقى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان جۇغراپىيەنىڭ قىيىنچىلىقلارى تۈپەيلىدىندۇر. ھەقىقەتەن، جۇغراپىيە تەقدىرىمىزنى بەلگۈلەگەن ۋە بەلگۈلەمەكتە. 21. ئەسىردە ئىنسانىيەت مەدەنىيەتتە ئىزچىل ئىلگىرىلەۋاتقاندا، شەرقىي ئاسىيانىڭ ياۋۇزى يەنىلا مىڭ يىل بۇرۇنقى ۋەھشىلىكىنى زامانىمىزنىڭ ئىلغار تەخنىكالارى بىلەن داۋام قىلدۇرماقتا، داپشاقلىقىنى بولسا يەنە تەرەققىي دەۋرنىڭ ئىمكانلارى بىلەن پەردازلاپ خۇسۇسەن ئاز تەرەققىي قىلغان بىزلەرگە قانداش ۋە دىنداش بولغان ئەللەرنىڭ دىكتاتور، مۇستەبىت، ساتقۇن سىياسەتچىلەرنى گوللاپ، يارىم يامالاق دىپلومالىقلارىنى باپلاپ كەڭ خەلقى ئامماسىدىن رەزىللىكلەرىنى يوشۇرماقتا ۋەيا بىزلەرگە چاپلاغان بەتناملارىنى يوللۇق كۆرسەتمەكتە، ئۆزىگە ئۆزىمىزنىڭ قانداش ۋە دىنداشلارى ئاراسىدىن تەرەپتار توپلاماقتا... تارىم ۋە پەرغانە بوستانلىقلارىدا يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ئەجداتنىڭ ئەۋلادلارى ياۋۇزنىڭ ھەرخىل زۇلۇم ۋە ئىشكەنجەلەرىگە قارشى تىركەشتى ۋە تىركەشمەكتە. پەقەت 1955.يىلىدىن سوڭرە باشلاغان خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئىچىدىن يىمىرىش، ئىچىگە خىتتاي ۋە خىتتايلىقنى يەرلەشتۈرۈش ۋەيا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاراسىدىن بىئولوگىيەسى تۈرك(ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبەك، سارى ئۇيغۇر ۋە سالۇر) پەقەت يۇمۇشاق دىتالى/كۈلتۈرى/زىھنىيەتى تامامەن خىتتاي بولغان نەسىل يەتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىستىمالىق بىر شەكىلدە باشتا مائارىپ، كۈلتۈر ساھەلەرىدە ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇپ كەلدى. خىتتاينىڭ بۇ سىستىمالىق سىياسەتىنىڭ نەتىجەسىدە كىملىكىدە ئۇيغۇر/قازاق/ قىرغىز/ تاتار/ ئۆزبەك/ سارى ئۇيغۇر/ سالۇر يازىلغان ئەمەلىيەتتە ئەسلى كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتىگە يات پسىخولوگىيەلىك ۋە كۈلتۈرەل تەۋەلىكى بولغان، پارچالانغان بىر سوتسىئال ۋە كۈلتۈرەل قۇرۇلما ئوتتۇرىغا چىقتى. سوتسىئال ۋە كۈلتۈرەل قۇرۇلماداكى بۇ پارچىلانغان ۋەزىيەت، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئارىغا كەلەلمەسلىك، بىرلىك ئىچىدە كۈچلەرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا باسالماسلىقتەك سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىقىنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ كۈنىمىزدە مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك خەلقى، خىتتاينىڭ ۋەھشى لاگىرلارىدا قىرغىنچىلىقتا يوق بولىۋاتقانىدا، تەخىچە كۈچ بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقى، قىساس ئوتى بىلەن يالقۇنجاپ تاۋلانغان يىگىت قىزلار گۇرۇھىنىڭ بەرپا بولالماسلىقى، چەتئەللەردە قۇرۇلغان كۆپىنچە ۋەقپە، دەرنەك ۋەيا تەشكىلاتلارنىڭ بىر تۈركۈم شايكالارنىڭ جان باقادۇرغان ماكانلارىغا ئايلانىپ كەتىشىدەك رىئاللىققا قاراتا داۋاسىنى قىلغۇچى ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ بۇ ئىشلارغا تۇتۇش قىلماسلىقى ۋەيا قۇلاقىنى يوپۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ يۈرۈشلەرىنىڭ تەكتىدە، ۋەلھاسىل بۇ گۇرۇھنىڭ زىھنىيەتىدە، پەرىقلىق دەرەجەدە يەرلەشكەن خىتتايلىقلىق ۋەيا خىتتاي ۋەھىمەسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىقلارىدا بەلگىلىگۈچى ۋەيا تەسىرچان بولىۋاتقانلىقى ئازراق خىتتاي ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا مەلۇمات ساھىبى كىشىلەرگە ئاشكارا بولغان بىر ھەقىقەتتۇر. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ سەۋەبلەرى ئۈستىدە باش قاتۇرغۇسى، ھەل چارەلەرىنى تاپقۇسى زىيالىيلارنىڭ روللارىنى قانچەلىك جارى قىلدۇرىۋاتقانلىقى بولسا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالادۇر. ۋەتەنىمىز مۇنقەرز بولۇپ مىللەتىمىز سەكراتتا تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە، بىر گۇرۇپ شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلار كۆكتۇغ ئەتراپىدا جەم بولۇپ شەرقىي تۈركىستان دەردىدە دەرتلەنمەكچى ۋە چاماسى، زىھنى يەتكەنچە دەردىمىزگە داۋا ئىزدەمەكچى. بۇ يولدا يېڭىچە مېتود ۋە يول تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىدراك قىلغان بىزلەر، مەدەنىيەتتە ئىزچىللىق، كۈلتۈرەل ھاياتتا خاسلىق ۋە ھاياتى كۈچنى ئاشۇرۇش، يەڭىلىق ياراتىش مۇددىئاسىدا، ئىشىمىزنى تىلىمىزنىڭ قەددىنى رۇسلاش، كىرلەتىلگەن يەرلەرنى پاكلاش، بۇزۇۋەتىلگەن پاسىللارىنى تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇ روتادا تىل-تەپەككۇر ۋە كۈلتۈر خاسلىقىنى تەكىتلەش ئارقالىق پىكرىي تەرەققىياتىمىزنى ئىلگەرى سۈرۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە مىللەتىمىز ئىچىدىن چىققان، ئەجدات-ئەۋلادئىزچىللىقىدا تەر تۆككەن مەشھۇر تىلشۇناس پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ "تىل-يازىق كۈلتۈرۈمىز بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج" سەرلەۋھەلىك ماقالەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلارنىڭ ئەمەلىيەتكە تەدبىق قىلىنىشىنى تەكىتلەيدۇ. ھەممەگە مەلۇمكى، دىلىمىز ۋە قەلبىمىز تىلىمىز ئارقالىق ئىپادە قىلىنادۇ. يەنە تىلىمىز ئارقالىق دىلىمىز ۋە قەلبىمىز مۇئەييەن دەرەجەدە تەسىرگە ئۇچراپ ماڭادۇر. پىكرىياتىمىزمۇ تىلىمىز ئارقالىق باي ۋە ئەۋرىشىم، چوڭقۇر ھەم پەلسەپەۋى بولالايدۇ. ئەلبەتتە پىكرىياتىمىزنىڭ قانداقلىقى تىلىمىزنىڭ قانداق شەكىلگە كىرىشىنى ۋە تەرەققىياتىنى ھەم بەلگۈلەيەلەيدۇ... ئومۇمىي تۈركىستاندا دەۋلەت تىلى ۋە ئەدەبىي تىل سەۋىيەسىگە يۈكسەلگەن خاقانىيە تۈركچەسىنىڭ داۋامى بولغان كاشغەر تۈركچەسى ۋەيا چاغاتاي تۈركچەسى رۇسلارنىڭ تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى بىلەن بىرلىكتە مەھەللەۋى شىۋەلەرگە پارچالانىشقا باشلاغان بولسا، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تولۇق ھاكىمىيەت قۇرۇشى (1955) بىلەن رەزىل ۋە ۋەھشى ئۇسۇللار ئارقالىق رايون خاراكتىرلىق بىر تىلغا ئايلاندۇرۇلۇشقا باشلانغان. دۆلەت تىلى كىملىكىدىن رايون تىلىغا ئايلاندۇرۇلۇش ۋە ئاقىبەتتە مۇئەييەن بىر ئېتنىك گۇرۇپپانىڭ تىلىغا ئۆزگەرتىلىشى ئۈچۈن يەرلىك ئىشبىرلىكچىلەر بىرلىكتە تىل پلانلاش ۋە ئىملا ئۆزگەرتىش نامىدا تىلىمىزدا ئىزچىل ئۆزگەرتىشلەرنى، بۇزۇشلارنى ئالىپ بارغان. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قاراغاندا، تىلىمىز 16 قېتىملىق قوپال ئۆزگەرتىلىشكە، توغراسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراغان. بۇ جەرىيانداكى ئەڭ زور بۇزغۇنچىلىق، تىل قۇرۇلماسى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيەتىگە زىت ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز فونىتىكالىق ھادىسە بولغان"ئا" ۋە "ئە"نىڭ "ئى" ۋە "ئې" غا ئۆزگەرتىلىشىدۇر. بۇ ئەھۋالنى نورماللاشتۇرۇش مەقسەتىدە "ئۇيغۇر تىلىداكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى" دەيىلگەن گوياكى بۇ بىر تىل قانۇنىيەتىيمىش كەبى ئومۇملاشتۇرغان. بۇ ئۆزگەرتىش، يالغۇز بىر فونىتىكالىق ھادىسە ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ مىللىي مەفكۇرەسىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلۇشى ھەتتا ئۆزگەرتىلىشى، تىلنىڭ ئەۋرىشىملىكىنىڭ يوق قىلىنىشى، باشقا زىنجىرسىمان فونەتىكالىق ھادىسەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارىلىشى، تىلنىڭ ئىجادكارلىقى بىلەن ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈنسايىن زەئىپلەشتۈرۈلىشى ۋە يات تىللار خۇسۇسەن خىتتايچە ئالدىدا تىلەمچى ۋە گاداي ھالغا چۈشۈرۈلۈشى ئىدى. بۇنى قوبۇل قىلغانلىق، مىڭلارچە يىللىق ئەنئەنەسى بولغان ئەدەبىي تىلىدىن ۋە ئۆز قارىنداشلارىنىڭ تىلىدىن ئۇزاقلاشقانلىق، ئايرىلغانلىق ئىدىكى، تىلىمىزدا ئايرىلغاننى ئايىق/ئېيىق يەر ماقالى بار ئىدى...نەتىجەدە مەۋجۇت ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بارغانسىرى خىتتايچەنىڭ تەرجىمەسىگە ئايلانىپ قالىپ تۇرغانلىقى تىل-كۈلتۈر قايغۇسى بار ئوقۇمۇشلۇقلارغا مەلۇمدۇر. خىتتاي فاشىستلەرى بىلەن ئۇلارغا ماسلاشقان مىللىي گۇماشتىلار مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرىمىزنىڭ مەركەزى، تۈركىستان مەكتەپ مائارىپى ۋە ئىسلامىي مەدرەسەلەرىمىزنىڭ قەلبگاھى، دەۋلەتچىلىك ھەم سىياسەتچىلىكىمىزنىڭ قارارگاھى بولغان كاشغەرنىڭ تارىخى ۋە ئەنئەنەۋى پايىتەختلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۈرۈمچىنى مەركەز ۋە باش شەھەر قىلغان بولسا، كۆندۈرۈلگەن ئاتالمىش ئىشبىرلىكچى تىلچىلار كاشغەر شىۋەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىيەت، كۈلتۈر، سىياسەت، تىجارەت ۋە ئەدەبىيات تىلى بولغانلىقىدىن ئىبارەت رىئاللىقىنى يەڭى خوجايىنلارىغا ياقىن تۇرۇش ۋەيا ئۇلارغا ماسلاشىش مەقسەتىدە ئۆزگەرتىپ خىتتاي ئىشغال دەۋرىدە قۇرۇلغان مۇستەملىكە شەھەرى ئۈرۈمچىنىڭ شىۋەسىنى ئەدەبىي تىلنىڭ يەتەكچى تەلەپپۇززى قىلىشقا ئۈلگۈرۈشكەن ئىدى. "ئا" ۋە "ئە"نىڭ "ئى" ۋە "ئې" غا ئۆزگەرتىلىشىنىڭ تىلىمىزغا، دىلىمىزغا ھەتتا ئۆزئارا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرىمىز بىلەن ئۇرۇق تۇغقانلار ئارا ئالاقەگە ئالىپ كەلگەن زىيانلارى ئايرىم بىر ماقالە ۋەيا يازمالار تىزىقىدا توختالىشنى تەلەپ قىلادۇرغان چوڭ بىر تىمادۇر. كۈنىمىزدە ھەقىقەتەن بىز ھايات ۋە ماماتلىق پەيتىدە تۇرماقتىمىز. بىز يا تىرىلىپ دۆلەتلىك بىر ئۇلۇس بولىمىز ياكى ئەدەبىيەتكە تارىخقا ئايلانامىز. بۇنىڭ ئورتاسىنى ھەرھالدا خىتتايلارمۇ خاھلاماغاندەك ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق چاغلاغان ھەرقانداق بىراۋمۇ لايىق ۋە مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ. كۆكتۇغلۇقلار تىرىلىش يولىنى تۇتقانلاردۇر. بۇ سەۋەبلىك يەنىلا كونا يولدا ئەمەس، بەلكى تارىختىن دەرس چىقارىپ، دۈشمەن قەيەرگە زەھەرلىك نەشتەرىنى تىققان بولسا ئاشۇ يەردەكى زەھەرنى تازالاش ئارقالىق ئورگاننىڭ ۋەيا قۇرۇلمانىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆزلەرىنىڭ كەسپىي مەلۇماتى ۋە تەجىرىبەسى دائىرەسىدە ئادا قىلىشقا تىرىشادۇ. بۇ تۈپەيلى بىزلەر زۆرۈر تاپىلغاندا رەت ۋە ئىنكار قىلىشنىمۇ بىلىش بىلەن بىرگەمىللىي كىملىكىمىزنىڭ، مەنسۇبىيەتىمىزنىڭ ئەسلىگە ئۇيغۇن ئىھيا ۋە ئىنشاسى يولىدا ھەم تەر تۆكەمىز. بۇ تۈپەيلى تىرىلىشنى غايە قىلغانلارنى چوقۇم ئىھيا ۋە ئىنشاچىلىقنى ئوبدان بىلىشى شەرتتۇر. كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ؟ سۇئالىنىڭ جاۋابى بولغان "كۆنگەن"لىكلەرىمىزنى ئۆزگەرتىمىز. "كۆيگەن"لىكلەرىمىزنى قانداق كۆپەيتىشنىڭ مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرەسىنى قىلىمىز. ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولۇشقا كۆنۈشنىڭ يوللارىنى ئىزدەيمىز.بىز بىلەمىزكى، بۇ يولدا ئۆزگەرتىش ھەم ئۆزگەرىش مۇقەررەركى مەجبۇرىدۇر. بىزگە كۆرە، بىر نەرسە ئۆزگەرسە، ھەممە ئۆزگەرىدۇ. مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ئاغىز / جانلىق تىلى بىلەن ئەدەبىي / يازما تىلىنىڭ بىر ئەمەسلىكى ئوقۇمۇشلۇقلارىمىزغا ئاياندۇر. تىلنى خەلقنىڭ ئاغىز تىلىغا ياقىنلاشتۇرۇش، ئاممىباپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇش كومۇنىست خىتتاي تىلچىلارى ۋە ياماق چاپان ساۋادلىقلارنىڭ شۇئارى ئىدى. بىز بۇ شۇئارنى رەت قىلىمىز، بىزنىڭ تىلىمىزمۇ خۇددى خىتتاينىڭ تىلىدەك كۈچلۈك ئەدەبىي، پەلسەپىۋىي تىل بولالايدۇكى تارىخ بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پاكىتىدۇر. تىلىمىزنىڭ بىلىم تىلى بولۇشى ئۈچۈن بىز تەخىمۇ كۆپ ئىشلەيمىز ۋە تىلىمىزنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرامىز. بۇنىڭغا ئىشەنگەن ئوقۇمۇشلۇقلار، ھەر ساھە زىيالىيلارى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىشنى قانات يايدۇرۇشى كەرەك. بۇ تىلدا چاغداش ئىجتىمائىي پەننىڭ پۈتۈن تارماقلارىدا ئىلمىي ئىشلەپچىقارىش ئالىپ بارىلغاندەكلا تەبىئىي پەن، مىدىتسىنا، كومپيوتېر، ئىنژىنىرلىق ساھەلەرىدە تەر تۆكۈۋاتقان زىيالىيلارنىڭمۇ ئىلمىي تەتقىقاتلارىنى ئانا تىلىدا قانات يايدۇرۇش مىللىي ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيەتىدۇر. ئاشۇنداق بولغاندا بۇ تىل مەھەللەۋى، مۇئەييەن ئېتنىك سەۋىيەدەكى خەلق تىلى بولۇپ قالىشتىن ياكى پەقەتلا ئەدەبىي ئەسەرلەر يازىلىدىغان تار دائىرەلىك تىل بولۇپ قالىشتىن قۇرتۇلۇپ مودەرن بىر مىللەتنىڭ ۋەيا ئۇلۇسنىڭ تىلى بولۇشقا يۈزلىنەلەيدۇ. بىر نەرسەنى ئۆزگەرتىمىز بەلكى ھەممە ئۆزگەرۇر. باشلانغۇچتا "ئا" ۋە "ئە"نى "ئى" ۋە "ئې" غا ئۆزگەرتىلگەن (شىنجاڭچە:ئاجىزلاشتۇرۇلغان) تىل مۇھىتى بىلەن ماركىسزىملىق مىللەت قاراشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىداكى مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىستىماسىدا يەتىشكەنلەر/چوڭ بولغانلار، كۆكتۇغلۇقلار باشلاتقان ئەدەبىي تىلدا "ئا" ۋە "ئە"نى ئۆزگەرتمەسلىك پىرىنسىپىنى توغرا چۈشەنەلمەسلىكى تەبىئىي. ھەتتا بەزىلەر بىلىپ ۋەيا بىلمەي تۇرۇپ قارشى چىقاشى ھەم مۈمكىن. بۇنى تامامەن توغرا چۈشىنەشكە بولادۇر. ئەلبەتتە ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر قىلىقىداكى بوينىغا تاسما تاقالغان تور قەھرىمانلارى، ئىسمى بار جىسمى يوق ئاشكارا ۋە مەخپىي تروللار شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ھەم مۈمكىن. خىتتايچە پىنيىننى لاتىن يازىقى دەپ خەت يازادۇرغان، تىلىغا خىتتايچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇرغان، ياكى تەپەككۇرى خىتتاي، تۇڭگانسىمان "ئۇيغۇر"لاردىن راھەتسىز بولماغانلار، ئىچىگە، پىكرىياتىغا خىتتاي ۋىرۇسى يۇقۇپ قالغان بىچارەلەر پەقەتلا "ئا" ۋە "ئە"نى "ئى" ۋە "ئې" غا ئۆزگەرتمەي يازغانلىق ئۈچۈن كۆكتۇغلۇقلارغا ھاقارەت قىلىشلارى ھەم مۈمكىن. ھەتتا پىكرىياتى ئاللىبۇرۇن گەنسۇ-چىڭخەيلىك بولۇپ بولغان بەزى ئۇيغۇر تىللىق تۈرك دۈشمەنلەرى ھىچ نومۇس قىلماستىن بىزنى "ئەنجانلىق" دەپ ئۆزىچە مەسخىرە قىلىشى ھەم تەبىئىي. شۇنداق بىز تارىملىق ھەم پەرغانەلىق، كاشغەرلىك ھەم ئەندجانلىق، ئاقسۇلۇق ھەم سەمەرقەنتلىك، تۇرپان-قۇمۇللۇق ھەم بۇخارا-تاشكەنتلىك، ھەم ئىلى غۇلجالىق ھەم ياركەنت، چىمكەنتلىك ۋە ئالمائاتا، نۇرسۇلتانلىق... تەڭرىتائالاغا مىڭ شۈكۈركى ئەنخۇي ياكى خېنەن-جىياڭسۇلۇق ئەمەس، بەلكى شەرەپىمىز بىرلە تۈركىستانلىقمىز. بىزگە، "ھازىر بۇنداق تەشەببۇسنىڭ ۋاقتىمۇ" دەپ سۇئال تاشلانىشىمۇ مۈمكىن. شۇنداق دەل ۋاقتىدۇر. بىز قىرىلىۋاتقان، يوق قىلىنىۋاتقان مىللەتىمىزنىڭ پەقەتلا بىئولوگىيەسىنى ئەمەس روھىنىمۇ قۇتقۇزىمىز، مەفكۇرەسىنى ۋەلھاسىل يۇمۇشاق دىتالىنى خەتەرلىك ۋىرۇسلاردىن تازالايمىز. ئىھيا ۋە ئىنشانى بىز بىلگەن ھەل قىلغۇچ دەپ قارالغان مۇشۇنداق يەرلەردىن باشلايمىز ۋە باشلادۇق. شۇنداق، بىز ئۆزگەرتىمىز! تىلىمىزدىن، دىلىمىزدىن، ئىددىيەمىز ۋە زىھنىمىزدىن تاجاۋۇزچىنىڭ ۋىرۇسلارىنى تازالاشقا نىيەت قىلدۇق. ئۆيىمىزدىن، ئاشخانىمىزدىن، ئۈست باشىمىزدىن بىزنىڭ ھىچبىر نەرسەمىزگە ياشاش ھەققى بەرمەگەن، ھەتتاكى يۇرتىمىزنىڭ سۆگەت ۋە تەرەكلەرىنىمۇ قومۇرۇپ تاشلاغان، ساقال بۇرۇتلارىمىزغا قەدەر ھەممە نەرسەمىزگە قوپاللىق بىلەن ئارالاشىپ بىز ۋە بىزگە ئائىت ھەممەنى يوق قىلىۋاتقان خىتتايغا ئائىت ھەممە نەرسەنى رەت قىلىمىز. ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەيەلەگەن ھەرقانداق بىر بىراۋنىڭ مەيلى ئۇ قايسى مىللەت ۋەيا خەلق مەنسۇبى بولسا بولسۇن ئۆزىدەكى، ئائىلەسىدەكى، جەمئىيەتىدەكى خىتتاينىڭ كۈلتۈرىنى، خىتتايلىقنى يوق قىلىشقا بەل باغلاشىنى ۋە يوق قىلىشىنى تەشۋىق ۋە تەرغىپ قىلامىز. 2019-يىلى 7- سىنتەبىر
|
|

