"تارىخى ھەمىدىي"دە ئۇيغۇر ئىنسانلارى ۋە مىللىي خاراكتىرى

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (6)

در. دەريا تۈمەن

ئالتىنجى مەجلىس:

"تارىخى ھەمىدىي"دە ئۇيغۇر ئىنسانلارى ۋە مىللىي خاراكتىرى

 

بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي خاراكتىرى ئۇنىڭ بۇ دۇنياداكى رىقابەتلىك ئىنسانىيەت ياشامى جەريانىدا، ئۇنىڭ ئاكتىپ تۇرمۇش مۇھىتى يارىتالايدىغان ئىستىقباللىق توپلۇم ياكى زەمىنگىمۇ ئەغىر كەلىدىغان ھورۇن جامائەتلىكىدىن بەشارەت بەرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگەلەرنىڭ بىرسىدۇر. شۇڭلاشقا، تۈرلۈك ئوخشاشماغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ بولغان ئىنسانشۇناسلار، كەلەچەكشۇناسلار ئۆز توپلۇمى ئىچىدەكى مىللىي خاراكتىرگە تالىق  ئۆزگەرىشلەرگە تولىمۇ دىققەت قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتەكى ئۆگرەنىش، يەتىشتۈرۈش مائارىپىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بەرىدۇ.

بىز "تارىخى ھەمىدىي" ماۋزۇلۇق بۇ شاھ ئەسەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇتالىئە قىلىدىغان بولساق، ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ ئۆزى سۆيگەن ئۇيغۇر مىللەتىنىڭ تەبىئىي ياراتىلىشىدىن كەلىۋاتقان خاس مىللىي خاراكتىرىنى بايان قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئالىمنىڭ ئۆز كىتابىنىڭ تۈگەللەمە بۆلەكى بولغان "خاتىمە" قىسمىدا، ئۇيغۇر شەھەرلەرىنى جۇغراپىيەلىك ئورنى، زەمىن دائىرەسى، تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئۆزگەچىلىكىدىن باشقا، ئۇ شەھەر-يۇرتلاردا ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كەلىۋاتقان خەلقلەرىنىڭ خاراكتىر-خۇسۇسىيەتلەرىنى جىددىيەت بىلەن تەسۋىرلەشى بۇ نۇقتانى ئىسپاتلايدۇ. (كونكرىت مىسال ئۈچۈن، مەزكۇر يازمامىزنىڭ ئالدىنقى پارچەسى، يەئنى "بەشىنجى مەجلىس: <تارىخى ھەمىدىي>دە ئۇيغۇر شەھەرلەرى ۋە ئەۋزەللىكى" گە مۇراجىئەت قىلىڭ).

ئەمدى، مۇلاھىزە كۆزىمىز بىلەن قارايدىغان بولساق، مەزكۇر بايانلاردا، خەلقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدادىكى مىللىي خاراكتىرگە ئائىت بولغان ئومۇمىيەتلىك ئالاھىدىلىكلەر مۇنداق كۆرۈلىدۇ:

  (1) ئۇ بايانلاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئىلىمنى، پەن - مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ساھىبى بولمىش ئالىملارنى قەدىرلەيدىغان ئىلىمپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن. ئالايلۇق: ئاپتور يەتتە شەھەر ئىچىدىكى كاشغەر ھەققىدە توختالغانىدا: "بۇ شەھەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلارى بويىچە راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دىھقانلارنىڭ ئۆشرە-زاكاتلىق، خەير-سەدىقەلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئىشچان ۋە تىرىشچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا شەھەرلەرنى باسىپ چۈشىدۇ"  دەگەن بولسا، ياركەند توغراسىدا توختالغانىدا: " <ئىشان>، <ھەزرەت>، <ئەفەندى> ۋە  <ساھىب> ئاتالغانلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەقىدە-ئىخلاسلارى كۈچلۈك" دەپ يازىدۇ.

    مۇلاھىزە: ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيۈش، "ئىلىم-پەن ئۇزاق چىندا بولسامۇ، تالىب بول، بارىپ ئۆگرەن!" (ئوتلۇبۇل ئىلم ۋەلەۋ بىس سىين) دەگەن شاراپاتلىك ھەدىسنىڭ ھىدايەتكار روھىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قەيەردە بولماسۇن ئىلىم-پەن ئۆگرەنىش، خۇراپاتلىقتىن قەتئىي قول ئۈزۈش لازىم. كۈنلەرىنى ئەمەلدارنىڭ قۇيرۇقىدا پىرقىراپ يۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزىۋەتمەي، ئۆمرىنى ئەمەلدار، باشلىق بولۇشنىڭ شىرىن چۈشى بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتمەي، ئىلىمدارنىڭ پەشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلىم –پەن ئۆگرەنىشنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتى، ئىلىملىك، پەن-تەخنىكالىق ياشاشنى ئۆز ھاياتىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى قىلغان شەخس غالىب، توپلۇم بولسا، مۇزەپپەردۇر!

  (2) شەھەرلەرىمىز ھەققىدەكى ئۇ بايانلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپنى سۆيىدىغان، پەن-تەخنىكاغا چىن كۆڭلى بىلەن بەرىلىدىغان، ئۆگرەنىشچانلىق، ئەمگەكچانلىق ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە خەلق ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئالايلۇق، مەزكۇر مەزمۇن ھالقاسى ئىچىدىكى خوتەن بابىدا: "ئادەملەرىنىڭ ھەممەسى كاسىپ-ھۈنەرۋەن؛ ئەقىل-ئىدراكلىق ۋە ئۆتكۈر زەھىنلىك جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ، خەرىدارغا ياراتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلىنى ئالىشقا ماھىر ۋە قابىل" دەيىلگەنكى، مانا بۇ يەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشچان، ھۈنەر-كەسىپنى، ئىش-ئەمگەكنى سۆيىدىغان مىللىي خاراكتىرى ئۆز ئىپادەسىنى تاپقانلىقى ئەنىقتۇر.

   مۇلاھىزە: بىر مىللەتنىڭ پۈتكۈل توپلۇم بويىچە، مەئىشەتلىك ياشام ۋە باياشات تۇرمۇش مۇھىتى ياراتقان ھالدا ھايات كەچۈرەلەيدىغان بولۇشى ئۇنىڭ دۇنيا مىللەتلەرى قاتارىداكى ئورنىنى ۋە ئىناۋەتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نىشانەلەرنىڭ بىرىدۇر. ھالبۇكى، "سەمىمىي، ياۋاش، ساددا خەلق" دەگەن ئەمەلىيەتتە، كەمچىلىك، يەتىشسىزلىكنىڭ ئالامەتىمۇ ھىسابلانىدىغان بولۇمسىز خاراكتىرنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، تۇر مۇشنى ھەممەگە ھەيرانلىق ئىچىگە غەرق قىلۋەتمەي، ياشامنى ھەۋەسكارلىق، قىزىقىش، ئىنتىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ئەمەلىيەتى بىلەن بايىتىش لازىم. ھەر قانداق ئىشنى ئۆزى قول تەۋرىتىپ قىلىپ باقىدىغان، ئەقىل-ئىدراكنى ئىلىم-پەن ئىگەلەش، ھۈنەر-كەسىب ساھىبى بولۇشقا سەرپ قىلىدىغان توپلۇمغا ئىستىقبال ھەمىشە داغدام يولى بىلەن ئاچىلىپ تۇرىدۇ.

   (3) ئۇ بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەتكە ئەھمىيەت بەرىدىغان، تىجارەت بىلەن ئەل ۋە جەمئىيەتنى گۈللەندۈرىدىغان خەلق ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە كۇچا بابىدا: " بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا ھەر تەرەپتىن مۇساپىرلار كەلىپ جەم بولۇپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلانىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا؛ ھۆل-قۇرۇق مىۋىلەرىنى سوداگەرلەر شەھەر-شەھەرگە ئالىپ كەتىدۇ" دەسە، كاشغەر بابىدا: "خۇسۇسەن، ئىلىم-ئىرپانداكى راۋاجلانىش ۋە سودا-تىجارەتتەكى گۈللەنىش بابىدا، گويا " ئىككىنچى بۇخارا" دەسىمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ." دەپ يازىدۇ. ئاندىن، خوتەن بابىدا: "< خوتەندە> مول مەشۇت-يىپەك ئىشلەپچىقارىلىدۇ؛ ئالتۇن كانى بار، قاشتاشىمۇ ھەم تەييار؛ شەرەپشان سوداگەرلەر تۆرت ئەتراپتىن ھەرقانچە كۆپ پۇل بىلەن كەلىپ سودا قىلسامۇ، پۇللارى تۈگەپ كەتىدۇكى، قىلىدىغان سوداسى تۈگەمەيدۇ؛ باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال-تاۋار چىقىپ كەتسە كەتىدۇكى، ئالتۇننى ھىسابقا ئالمىغاندا نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ." دەپ يازىدۇ.

مۇلاھىزە: بىز بۇ بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇندىنلا ئىقتىسادىي پائالىيەت ئاڭى يەتىك، سودا-تىجارەتكە ماھىر، ئىجتىمائىي ھاياتقا لازىملىق سەرمايە توپلاشقا ئەپى بار، ئۈنۈملۈك تىجارىي پائالىيەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، ئەل-يۇرتنى گۈللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

 (4) سەمىمىي راست سۆزلۈك بولۇش، قاراپ تۇرۇپلا ئادەم ئالدايدىغان كاززاپ-ئالدامچى ۋە خىيانەتكار بولماسلىق بىر مىللەتنىڭ ئىچكى ئۇيۇم، ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم خاراكتىردۇر. ھالبۇكى، مۇسا سايرامىي ئۆز ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي"دە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشۇنداق گۈزەل مىللىي خاراكتىرگە ساھىب خەلق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنكى، بۇ يەكۇن  "تۇرپان" بابىدا:  " تۇرپان ئادەملەرى مىجەز-خاراكتىرى سەمىمىي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا، ھىلە-مىكىر ۋە خائىنلىق-يۇزسىزلىكتىن خالىي، ئەقىدە-ئىخلاسلىرى تازا خەلقتۇر" دەگەن بايانلار بىلەن ئىپادەلەنگەن بولسا، "ئاقسۇ" بابىدا: "ئاقسۇ خەلقى توغرا-دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك" دەگەن سەمىمىي ئوبزۇرلار بىلەن ئىپادىلەنگەن.

(5) ئىتتىپاقلىق ھەرقانداق غەلىبە-زەپەرنىڭ تۈپكى كاپالەتىدۇر. بۇ زاكۇنغا قايىللىق بىلەن قول قويىدىغان ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆز ئەسەرىدە، بۇ ھەقتەكى بايانغا ئەتىۋارلىق ئورۇن بەرگەن. ئالايلۇق، كىتابنىڭ "كۇچا" بابىدا: "كۇچالىقلار  مىجەز-خاراكتىر جەھەتتىن ئۆم-ئىتتىپاق، دوست-ئۈلپەتچىلىكتە يۈكسەك كەلىدۇ؛ ئادەملەرىنىڭ ھەممىسى ئەدەپ-قائىدىلىك، ياقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك؛" دەيىلگەن بولسا،  "خوتەن" بابىدا، "خوتەن ئادەملەرى خۇي-مىجەزى بىر تىل، بىر دىل، مىسلىسىز ئۆم-ئىتتىپاق " دەپ تەئرىپلەنگەندۇر.

مۇلاھىزە: مۇسا سايرامىي خوتەن ئىنسانلارىغا " خۇي-مىجەزى بىر تىل، بىر دىل، مىسلىسىز ئۆم-ئىتتىپاق" دەگەن ئەڭ كەسكىن ۋە يۈكسەك باھانى بەرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندەمۇ ئاشۇ بىباھا پەزىلەت ۋە ئەلىيۇلئەلا مىللىي خاراكتىرنىڭ بايراقدارى بولۇپ ياشاۋاتقان خوتەن خەلقىنىڭ ئىچكى ئۆملۈك، ئۇيۇشچانلىق ۋە ئىتتىپاقلىق جەھەتتە، ئەزەلدىن ئۈلگە ۋە ئۆرنەك دەرىجەسىگە ساھىب توپلۇم ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئەتىۋارلىق ھۆججەتتۇر.

(6) بىر كىتابنىڭ، بولۇپمۇ تارىخ ئەسەرىنىڭ ئەمەلىي قىممەتى ئۇنىڭداكى بايانلارىنىڭ راستلىقىدا بولسا، بىر ئالىمنىڭ ئەتىۋارى ۋە ھىممەتى ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىدە ۋە يەكدىل خالىسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئالىم مۇسا سايرامىي ئۆز كىتابى "تارىخى ھەمىدىي"دەكى بايانلاردا،  ئۆز خەلقىنىڭ خاراكتىرىداكى بەزەن ئىۋەن، نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەرنىمۇ ھىچ چاپان ياپماغان ئاساستا كۆرسەتىپ بەرگەنلىكى بىلەنمۇ بەك مۆئتىۋەر ئەجدادتۇر. ئالايلۇق، ماۋزۇيىمىزداكى بۆلەكنىڭ "ئاقسۇ" بابىدا: " ئاقسۇ خەلقى توغرا – دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك، غەم – ئەندىشەلىك؛ ئۈلپەت – ئىتتىپاقى يوق پاراكەندە، مۇھەببەت ۋە مەسلىھەتى يوق چاچىلاڭغۇ – تەپرىقە؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلامايدۇ، تەۋەككۈلچىلىقى زىيادە؛ شەھەر ئادەملەرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۈنلۈك نانلارىنى كۈنلۈك شەھەر بازارىدىن ساتىۋالىدۇ." دەپ يازسا، "كاشغەر" بابىدا: "ئۈلپەتچىلىك قىلىشقا چىۋەر، مۇھەببەتلەشىش، دىلكەشلىك قىلىشقا ماھىر ۋە ئۇستا. لەكىن، دوستانەلىق، بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ" دەپ بايان قىلىدۇ. (قاراڭ: مۇسا سايرامىي: "تارىخى ھەمىدىي"<ياڭى تەرجىمە نۇسخا>، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، 652-662-بەتلەر. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل نەشرى).

روشەنكى، يۇقىرىقى بايانلارداكى " ئۈلپەت – ئىتتىپاقى يوق پاراكەندە، مۇھەببەت ۋە مەسلىھەتى يوق چاچىلاڭغۇ – تەپرىقە؛" شۇنداقلا، " لەكىن، دوستانەلىق، بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ " دەگەن جۈملەلەر ھىچبىر مەدھىيە سۆزلەرى ئەمەس، بەلكى سەمىمىي تەنقىد ۋە جىددىي ئەيىپلەشتۇر، خالاس.

مۇلاھىزە: ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغى بارغۇ. بۇ جاھاندا، كەمچىلىكى يوق كىمسە يوقتۇر، نۇقسانى يوق توپلۇممۇ ئازدۇر. ئەمما، زامان تەرەققىي قىلىپ بۇ ھالغا كەلگەن كۈنۈمىزدە، "بىزمۇ باشقالاردەك باشى تىك ياشايلى" دەيدىغان مىللەت ئۈچۈن ئالىپ ئەيتقاندا، خاراكتىردەكى ئىللەتنى تۈگەتىش، توپلۇم گەۋدەسىدەكى نۇقسانلارنى يوقاتىش بولسا، ھەقىقەتەنمۇ مۇھىمدىن مۇھىم ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ۋە زۆرۈردىن زۆرۈر مىللىي مەسئۇلىيەتتۇر، ئەلبەتتە!

مىللىي خاراكتىر دەگەن ئىنساننىڭ مۇھىم بەلگەسى،

ئۇنىڭدىن بىلىنەر مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ھەم كەلگۈسى.

ئۆم-ئىناقلىق، ئەمگەكچانلىق روناق ئۈچۈن قاناتتۇر ،

ئىلىم-ئىرپانلىق توپلۇمنىڭ يوق يەتەلمەس پەللەسى

 

2019-يىل، 23-نويابىر، گۆلجۈك.

 

 

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟