پروف.در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
كۆكتۇغلۇقلارنىڭ «بىر نەرسە ئۆزگەرسە، ھەممە ئۆزگەرىدۇ» شۇئارى ھەقىقەتەنمۇ مەنالىق.
ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىقلاردا مۇنداق بىر سۆز بار: «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ» جاۋابى ئاساسەن كۆنگەن. شۇنداقتىمۇ بىز كۆنگەن ناچارلىقلارىمىزنى خۇسۇسەن مىللىي مەۋجۇدىيەتىمىزگە زىيانلىق، تەھدىتكار ھەتتا چۆكۈشىمىزنى تىزلەتىپ تۇرغان بەزى خۇيلارىمىزنى چوقۇم ئۆزگەرتىشىمىز كەرەكلىكىنى ئىزچىل ۋە سىجىل تەكىتلەپ كەلدۇق. بۇگۈن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغان بىر قارىنداشىم، مۇئەللىم ئۇيغۇردا «تاغ يۆتكەلسە يۆتكەلۇر، كۆنگەن خۇي ئۆزگەرمەس» سۆزى بار دەدى. مەنمۇ: «بەرھەق ۋە بۇنى ياخشى بىلۇرمىز، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن سەمىمىي خىزمەت قىلادۇرغان بىزلەردە كەچەلمەيدۇرغان خۇي، ئۆزگەرتمەيدۇرغان مىجەز يوقتۇر. چۈنكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك "مەنلىك"نى ئۆلتۈرۈر ۋە "بىزلىك"نى كۈچلەندۈرۈپ ياشارتۇر» دەدىم.
دەرھەقىقەت، مىللەت سەكراتتا تۇرغان ۋەتەن مۇنقەرز بولىۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا بىراۋ تەخىچە كۆنۈپ قالغان خۇي- مىجەزلەرى تۈپەيلى ئۇشبۇ جىددىي ئەھۋالغا ئەستايىدىل مۇئامەلە قىلالماسا، چوقۇم بۇ شەخسنىڭ مەنسۇبىيەتىدە خۇسۇسەن ۋىجدان، ئىمانىدا چاتاق بار دەسەك خاتا بولماس. چۈنكى، نورمال بىر ئىنسان ئۈچۈن ئىززەت ئابرويىنى قوغداپ، كىشىلىك ۋە كىملىكىنى قەدىرلەپ مىللەتلەر دۇنياسىدا بوينىنى تىك، قەددى رۇس تۇتۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلۇر. بىزگە كۆرە، بۇنداق بىر شەخسنىڭ شۇنى ئىدراك قىلماقى بولسا نورمال پسىخولوگىيەلىك ھادىسە بولۇش بىلەن بىرگە ئىنسانىيلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكى بولغۇسىدۇر: مەن ئۆزەمنىڭ شان ۋە شەرەپىنى، نامۇس ۋە ئىپپەتىمنى، ئۆزەمگە ھەم ئۆزىمىزگە ئائىت بوشلۇقنى، ماكاننى ياتلاردىن قوغداشىم لازىم. بۇ مۇقەددەساتلارنى خوشنالارىم ۋە جەددىم جەمەتىم بىرلەن كۈچلۈك بىرلىك تەشكىل قىلىپ قوغداماقىم ئەلادۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خوشنام ياكى ئەتراپتاكى مۇئەييەن بىرى بىلەن بولغان شەخسىي ئاداۋەتلەرىمنى ئۆتكۈنچە بولسامۇ ئۇنۇتۇشۇم ۋەيا كەچىكتۈرۈشۈم شەرتتۇر. ھەتتا، ماكانىمغا، زىمىنىمگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىۋاتقان دۈشمەنگە ئائىت ھەممە نەرسەنى بايقۇت قىلماقىم ئەۋزەلدۇر. مەسىلەن، ئۇلار تەرەپىدىن ئىشلەپچىقارىلغان ئىستىمال بۇيۇملارى، تىلىمىزغا يەرلەشكەن سۆز ئىبارەلەرى.... ۋەلھاسىل، دۈشمەنگە قارشى تىلىمنى، دىلىمنى، كۈلتۈرۈمنى ھەم قوغداشىم، ئۇنىڭ پاكلىقى ۋە ساپلىقىغا دىققەت قىلاشىم لازىمدۇركى دۈشمەن بىرلەن بولغان چەك ۋە چىگرام، ھۇدۇت ۋە پاسىللارىم روشەن ۋە كەسكىن بولغاي.
ئەمەلىيەتتە، چاغداش دۇنيادا مىللەت بولۇپ ئۇلۇسلاشالاغان قەۋىملەر بۇ جەرىياندا نۇرغۇن خۇيلارىنى، مىجەزلەرىنى ھەتتا نەچچە يۈز يىللىق كۈلتۈرلەرىنى مەجبۇرىي ۋەيا ئىختىيارىي بىر شەكىلدە ئۆزگەرتكەندۇر. ئۆزگەرىش ۋەيا ئۆزگەرتىش بەدەلىگە كۈنىمىزدەكى باياشات ۋە بىخارامان ھايات مۇھىتىغا ئەرىشكەندۇر. بۇگۈن بىز بۇلارغا ھىرىس قىلىپ مەھلىيا بولغاندىن كۆرە «بىز نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق بولالمادۇق؟»، «نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن سۈپەتلىك بىر مىللەتنىڭ مۇستەملەكەسى بولۇپ قالدۇق؟»، «نىمە ئۈچۈن بىز ھىچ ياخشى كۆرمەگەن بىر مىللەتنىڭ خۇي-مىجەزلەرىنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۇپ قالدۇق؟»...دەگەندەك سۇئاللارنى سورۇپ ئۆزىمىزنى سوراققا تارتماقىمىز لازىم. ئەگەر بىزلەر مەۋجۇت كرىزىستىن ئاز زىيان بىرلەن چىقامىز ياكى مەدەنىي دۇنيادا ھۆر ۋە ئەركىن مىللەت بولۇپ ياشايمىز دەيدۇركەنمىز، ئىككى ئەسىرگە ياقىن بولغان مۇستەملەكە ھاياتىمىزدا كۆندۈرۈلگەن ۋەيا كۆنۈپ قالغان خۇيلارىمىزنى بىر بىر تاپىپ چىقىش ئارقالىق بۇلاردىن چوقۇم ۋاز كەچمەكىمىز، ۋەتەن ۋە مىللەت مەركەزلىك «كۆيەدۇرغان» يەڭى خۇي ۋە مىجەزلەرنى يەتىشتۈرمەكىمىز شەرتتۇر. بۇلارنى قىلالماغانىمىزدا، ئۇ چاغدا يوق بولۇش، ۋەتەن ئىچىدە خىتتايلاشىش، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئەللەردەكى ھاكىم كۈلتۈر ئىچىدە ئەرىپ يوق بولۇشىمىز مۇقەررەردۇر.
2019-9-28