"تارىخى ھەمىدىي"دە ئۇيغۇر شەھەرلەرى ۋە ئەۋزەللىكى

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (5)

در. دەريا تۈمەن

بەشىنجى مەجلىس:

"تارىخى ھەمىدىي"دە ئۇيغۇر شەھەرلەرى ۋە ئەۋزەللىكى

 

ئالىم مۇسا سايرامىي "تارىخى ھەمىدىي" نىڭ تۈگەللەمە بۆلۈمىدە، ئۆز زامانىسىدا "موغۇلىستان" ۋە "يەتتە شەھەر" دەپمۇ ئاتالغان ئۇيغۇر ۋەتەنىدەكى قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلارىنىڭ ئومۇمىي جۇغراپىيەسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە مەخسۇس توختالىپ مۇنداق يازىدۇ:

" بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھۆكۈما، مۇنەججىملەر، گىئومىتىرىيە ۋە ماتىماتىكا ئالىملارى يەرشارىنىڭ ئومۇمىي يۈز كۆلەمى، ئۇنىڭداكى چۆل – جەزىرە، باياۋانلار ۋە ئادەم ياشايدىغان مەمۇر – ئاۋات جايلارنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئاسترونومىيەلىك ھىسابلاش ئۇسۇلى ئاساسىدا سىزىپ كۆرسەتىش ئۈچۈن، يۈكسەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنىكەن. ئۇلار زەمىننىڭ ئادەم ياشاغالى بولىدىغان (رۇبئى مەسكۇن) قىسمىنىڭ مەشرىق تەرەپتەكى باشلانىش ئۇچىدىن، مەغرىب تەرەپتەكى ئاخىرلاشىش نۇقتاسىغىچە بولغان ئارالىقنى يەتتە بۆلەككە بۆلۈپ، ھەربىر بۆلەكنى بىر «ئىقلىم» دەپ ئاتاغان. ئاندىن، بۇ يەتتە ئىقلىم زەمىننى ئاسمانداكى يەتتە سەييارە يۇلتۇزغا نىسبەتلەشتۈرۈپ (باغلاپ)، ھەربىر ئىقلىمغا بىر يۇلتۇزنى مەنسۇپ قىلغان. يەنى بىرىنچى ئىقلىمغا زۇھەل (ساتورىن) يۇلتۇزىنى، ئىككىنچى ئىقلىمغا مۇشتەرى (يۇپىتىر) يۇلتۇزىنى، ئۈچىنچى ئىقلىمغا مىررىخ (مارس) يۇلتۇزىنى ۋە مۇشۇ قىياس بويىچە، يەتتە يۇلتۇزنى يەتتە ئىقلىمغا باغلاغان. ئاندىن، ئۇلار ھەربىر ئىقلىمدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ مىجەز – خۇلقى، رەڭگى – رويى ۋە خۇي – پەيلى  قاتارلىقلارنى بايان قىلغاندىن باشقا، شۇ ئىقلىمغا تەۋە زەمىندىكى شەھەرلەر، دەريالار، چۆل – جەزىرىلەر ۋە مەمۇر – ئاۋات جايلارنى بىرمۇبىر تەسۋىرلەپ جەملەپ، بۇلارنى ئۆزلەرى يازغان تارىخ كىتابلارىنىڭ ئاخىرىغا «خاتىمە» ئورنىدا بەرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇ دانا ئاپتورلارنىڭ كىتابلارىغا زىننەت باغىشلاغان.

ئەمما، مەن كەمىنە نادان، باشىدىن تا ئاياغىغاچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورساقىدا ئانچە ئۇماچى بولماغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالماساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللارىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم"

( قاراڭ: مۇسا سايرامىي: " تارىخى ھەمىدىي " < يەڭى تەرجىمە نۇسخا >،  651- بەت. ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل نەشرى)

مۇلاھىزە قىلىپ قاراساق، يۇقىرىقى بايانلار بىزگە مۇنداق ئىككى نەرسەنى ئۇقتۇرىدۇ. بىرسى، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىينىڭ كىتاپ يازىشتا، كونا ئەندىزە بويىچە ماڭماي، يەڭىلىق ياراتىش. ئۆز ئەمگەكى ئارقالىق، ئىلىم يولىدا، يەڭى ئىز قالدۇرۇشقا تىرىشىش روھى ئەكس ئەتكەن.

بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ئەلىشىير نەۋائىي: " ئىلىم - كۆمۈكلۈك خەزىنە ئەرمەس، بەلكى ئۇ گويا كۆكلەپ تۇرىدىغان دەرەختۇر" دەگەن. ھالبۇكى، ئىلىم ساھىبى بولغان ئالىم ئۆزى شۇغۇللانىۋاتقان ئىلىمگە نىسبەتەن ئەنە شۇنداق تەرەققىيات كۆز قاراشى بىلەن قارىغاندالا، ئاندىن يەڭىدىن يەڭى ئىلىم پەللەسىنى ياراتالايدۇ ۋە ئاشۇ ئۆزى ياراتقان يەڭى ئىلىم پەللەسى ئارقالىق، ئۆز خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. ئەمدى، يەڭى ئىلىم پەللەسىنى ياراتىش ئالىمدىن ئالدىنقىلار ماڭغان ئىلىم يولىدا  مەزمۇت ماڭىپ، پىشقەدەملەرنىڭ ئىلمىي پائالىيەتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۆزى شۇغۇللانىۋاتقان ئىلىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن، مۇئەييەن يەڭىلىق ياراتىش روھىغا ۋە ئىقتىدارىغا ساھىب بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇشۇ مەئنەدىن ئالىپ ئەيتقاندا، ئالىم بوۋىمىز مۇسا سايرامىي تارىخشۇناسلىق ئىلمى يولىدا يەڭىلىق ياراتىش روھىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزىنىڭ بۇ " تارىخى ھەمىدىي" ئاتلىق تارىخ كىتابىنى يازىشتا، باشقالارنىڭ يازغانىنى ۋە يازىش – تۈگەللەش ئۇسلۇبىنى ئاددىي ھالدىلا تەكرارلاپ قويماستىن، يەڭىچە يول تۇتۇپ، يەتتە سەييارەنىڭ ئورنىغا ئۆز خەلقى ياشاۋاتقان يەتتە شەھەرنى بايان قىلغاندۇر.

ئىككىنچىسى، ئالىم بوۋىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكىدىن ئۆزىنىڭ يەتتە شەھرىنى ئەمەلىيەتتە، ئاسماندىكى يەتتە يۇلتۇزدەك يۈكسەك ۋە ئەزىز بىلگەنلىكى ئەنىق ئىپادىلەنگەن.

ئالىم مۇسا سايرامى ئۆز بايانىدا: " مەن كەمىنە نادان، باشىدىن تا ئاياغىغاچە نۇقسان ۋە كەمچىلىك بىلەن تولغان، قورساقىدا ئانچە ئۇماچى بولماغان بىر ئادەم مەزكۇر قەدىمكى ئاپتورلاردەك چوڭ ئىشنى قىلالماساممۇ، يەتتە ئىقلىمنى بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ يەتتە شەھەرنى ۋە بۇ شەھەرلەردە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بەزەن ئەھۋاللارىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. " دەيىشى ئالىملارغا خاس كەمتەرلىك بولۇپ، يەتتە شەھەر ھەققىدەكى يازغان – پۈتكەنلەرىدىن ئۇنىڭ ئۆز ۋەتەنىنى ئەزىزلەپ سۆيۈش، ئۆز مىللەتداشلارىغا ئىچ – ئىچىدىن كۆيۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقبال دەڭىزىغا چوڭقۇر چۆكۈش تۇيغۇسى تولىمۇ كۈچلۈك ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق:

 

كاشغەر

مەزكۇر يەتتە شەھەرنىڭ ئەلاسى ۋە بىرىنجىسى كاشغەردۇر. كاشغەر قەدىمىي، ئۇزاق تارىخغا ئىگە مەشھۇر ۋە داڭقلىق شەھەر. ئادەملەرىنىڭ مىجەز – خاراكتىرى   ئالىملارغا ۋە سالىھ ( پاك – دىيانەتلىك ) لارغا تولامۇ ئامراق، سەپەر قىلىپ، مۇساپىرچىلىق ۋە غۇربەتچىلىكتە ياشاشقا ھىرىسمەن، ئۈلپەتچىلىك قىلىشقا چىۋەر، مۇھەببەتلەشىش، دىلكەشلىك قىلىشقا ماھىر ۋە ئۇستا. لەكىن، دوستانەلىق، بۇرادەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزەلمەيدۇ.

كاشغەر ئالىملار ۋە ئىلىم تەلەپكارلارى بويىچە راۋاجلانغان، ساھىب دۇئا پازىللار بويىچە روناق تاپقان بولۇش جەھەتتە، شۇنداقلا تىجارەتچىلەر ۋە شەرەپشان دىھقانلارىنىڭ ئۆشرە – زاكاتلىق، خەير – سەدىقەلىق بولۇشى، كاسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرىنىڭ ئىشچان، تىرىشچان بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە، باشقا شەھەرلەرنى باسىپ چۈشىدۇ. بولۇپمۇ، ئىلىم – ئىرپانداكى راۋاجلانىش ۋە سودا – تىجارەتتەكى  گۈللەنىش ۋە روناقلىق بابىدا، ئۇنى «ئىككىنچى بۇخارا» دەسەمۇ، ھەرگىز مۇبالىغە بولمايدۇ. كاشغەرنىڭ نوپۇسىغا قاراغاندا، زەمىنى ئاز، يەمەكلىك ئاشلىقى ئۆزىگە يەتىشمەيدۇ. شۇڭا، ھەر ھەپتەدە، ئىككى مىڭ ئەشەك ئاشلىق ياركەندتىن كاشغەرگە ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدۇ. يايلاق ئوتلاقلارى ئاز، ئۇلاغ – چارۋالارى كەمچىلدۇر. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر651-652-بەتلەر )

ياركەند

ياركەند قەدىمىي، ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. ئادەملەرىنىڭ خۇي – مىجەزى  بىچارە سۈپەت، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق. «ئىشان»، «ھەزرەت»، «ئەفەندى» ۋە «ساھىب » ئاتى بارلارغا چوڭقۇر ئەقىدە – ئىخلاس  بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ. ياركەندتە ھىندىستانلىق، كەشمىرلىك، ئافغانىستانلىق ۋە بەدەخشانلىق مۇساپىرلار تولا. ياركەندلىكنىڭ ئۆزلەرى سەپەرگە ئاز چىقىدۇ. ئادەملەرىنىڭ ھەممەسى شەرەپشان دىھقان (دىھقانى ئەشرەف). يەر – زەمىنلەرى  كەڭرى ۋە ئۈنۈملۈك. ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يەتىدۇ، ھەتتا ئاشىپ قالىدۇ. يايلاق ۋە قىشلاقلارى بىپايان، تۈرلۈك چارۋا ۋە قوتازلارى بىھىساب، يەل يەمىشلەرى مول، يەمەك – ئىچمەكلەرى كەڭرى ھەم ئەرزانچىلىق. يۇرت دائىرەسى پايانسىزدۇر.

( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 653-بەت)

خوتەن

خوتەن ناھايەتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ، قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەر. ئادەملەرىنىڭ خۇي – مىجەزى  بىر تىل، بىردىل، مىسىلىسىز ئۆم – ئىتتىپاق؛ پىششىقلىقتا تەڭداشسىز، مومسىقلىقتا تەمسىلسىز؛ تەقۋا پەرھىزكارلارى تولا. بەڭباش، يامانلارى ئاندىن تولا؛ ئادەملەرىنىڭ ھەممەسى كاسىپ – ھۈنەرۋەن؛ ئۇلار ئەقىل – ئىدراكلىق  ۋە ئۆتكۈر زەھىنلىك بولۇش جەھەتتە تەڭداشسىز؛ ھەرقانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالەتىگە يەتكۈزۈپ قىلىپ، خەرىدارلارغا ياراتىپ قولدىن ئۆتكۈزۈپ، پۇلىنى ئالىشقا قادىر ھەم ماھىر. خوتەندە، مول مەشۇت – يىپەك ئىشلەپچىقارىلىدۇ. ئالتۇن كانى بار، قاشتاشىمۇ ھەم تەييار؛ تۆرت ئەتراپتىن كەلىدىغان شەرەپشان سوداگەرلەر ھەرقانچە كۆپ پۇل ئالىپ كەلگەن بولسامۇ، پۇللارى تۈگەپ كەتسە كەتىدۇكى، قىلىدىغان سوداسى (ئالادىغانى) تۈگەمەيدۇ. باشقا يۇرتلارغا خوتەندىن مال–تاۋار چىقىپ كەتسە كەتىدۇكى، ئالتۇننى ھىسابقا ئالماغاندا، نەق پۇل ھەرگىز چىقىپ كەتمەيدۇ. خوتەننىڭ ئادەملەرىگە قاراغاندا، يەر – زەمىنى ئاجىز. تولاسى قۇملۇق. ئاشلىق مەھسۇلاتى تۆۋەن. ئەمما مىۋە – چىۋەلەرى ئاشىپ – تاشىپ تۇرىدۇ. يايلاق، باياۋانلارى كۆز يەتكۈسىز. ئۇلاغ – چارۋالارىمۇ تولا ۋە جىقتۇر. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 654-655-بەتلەر)

ئاقسۇ

ئاقسۇ خەلقى توغرا – دۇرۇس، ياۋاش، ساددا، مۇلايىم ۋە كەمتەر خۇسۇسىيەتلىك، غەم – ئەندىشەلىك؛ ئۈلپەت – ئىتتىپاقى يوق پاراكەندە، مۇھەببەت ۋە مەسلىھەتى يوق چاچىلاڭغۇ – تەپرىقە؛ ئۆيىدە ئاشلىق ساقلامايدۇ، تەۋەككۈلچىلىقى زىيادە؛ شەھەر ئادەملەرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى كۈنلۈك نانلارىنى كۈنلۈك شەھەر بازارىدىن ساتىۋالىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، ئاشپەز – نانۋايلارى كۆپ، ئاشپەزلىك ۋە نانۋايلىق ھۈنەر – سەنئەتى راۋاجلانغان. بىراق، ئومۇمىيەتتىن ئالىپ ئەيتقاندا، ھۈنەرۋەنلەرى ئاز، دىھقانلارى كۆپ. يەل – يەمىشلەرى ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆز شەھرىگە يەتىدۇ. گۈرۈچى ئەسىل بولۇپ، شەھەر – شەھەرلەرگە ئالىپ كەتىلىدۇ. يايلاق – قىشلاقلارى كەڭرى، ئۇلاغ – چارۋالارى مول، ئۆزىگە يەتىدۇ، بەلكى ئاشىپمۇ قالىدۇ. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 662-بەت)

ئۇشتۇرفان

ئۇشتۇرفان قەدىمىي، ئۇزاق تارىخغا ئىگە شەھەر. بۇرۇنقى نامى «ئۇچ» ئىكەن. بەلكى «شەھرى بەربەر» دەپمۇ ئاتالغانىكەن. مەنسۇرخاننىڭ زامانەسىدا، ئادەملەرى بىئەدەپلىك قىلىپ، ئەمرىئىتائەتتىن چىققانلىقتىن، خان كايىپ، باش قوماندان، زالىم سەركەردە بەردى بەگ دوختۇينى قوشۇنى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇچ خەلقىنى ئومۇمىي قىرغىن (قەتلىئام) قىلىپ، قىلىچتىن ساقلانىپ ھايات قالغانلارىنى يۇرت – يۇرتقا تارقاتىۋەتكەندىن كەيىن، تۇرفاندىن ئادەم كۆچۈرۈپ كەلىپ، قايتادىن ئاۋات قىلغانىكەن. بۇ ۋەجدىن، شەھەر ئىسمى تۇرفاننىڭ نامى بىلەن بىللە قوشۇپ ئاتالىدىغان بولغان. يەنى «ئۇچ» سۆزىگە «تۇرفان» كەلىمەسىنى قوشۇپ، «ئۇچتۇرفان» دەپ ئاتايدىغان بولغانىكەن. ھەرھالدا، كەيىنچە ئاۋام خەلقنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى نەتىجەسىدە، «ئۇشتۇرفان» بولۇپ قالغاندۇر. كەيىن، يەنى بۇ زەمىن يەنە خاقانى چىنغا قارايدىغان بولغاندىن كەيىنكى ئون يەتتىنجى يىلى، ئۇشتۇرفان خەلقى خاقانى چىننىڭ ئەمرىئىتائەتىدىن چىقىپ، ئىسيان كۆتۈرگەن ئىكەن، سان – ساناقسىز چەرىكلەر كەلىپ، شەھەرنى ئىككىنچى قەتىم ئىشغال قىلىپ، ئادەملەرىنىڭ ھەممەسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ قەتلىئام قىلغاندىن كەيىن، ئالتە شەھەردىن ئادەم كۆچۈرۈپ كەلىپ يەرلەشتۈرۈپ، قايتا ئاۋات قىلغانىكەن. ئۇشتۇرفانلىقلارنىڭ ھازىرقى ئاتى «كۆچمەن» دۇر.  بۇ ھەقتە كىتابىمىزنىڭ بىرىنجى داستان قىسمىدا بايان بەرگەن بولدۇق. شۇ سەۋەبتىن، ھازىرقى ئۇشتۇرفانلىقلار گۇرۇھ – گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، چۇۋالچاق، ئۆم – ئىناق ئەمەس. ئۇشتۇرفانلىقلارنىڭ كاسىپ – ھۈنەرۋەنلىرى ئاز، ئادەملەرى دىھقان، يەر – زەمىنى ئوبدان، ئاشلىق ۋە يەمەك – ئىچمەكلەرى كەڭرى ۋە ئەرزانچىلىق.

 (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 670-بەت)

كۇچا

كۇچانىڭ قەدىمىي ئىسمى «كۇسەن» ئىكەن. كۇچالىقلار مىجەز – خاراكتىر جەھەتتە، ئۆم – ئىتتىپاق، دوست – ئۈلپەتچىلىكتە پەيزى بار كەلىدۇ. ئادەملەرىنىڭ ھەممەسى ئەدەپ – قائىدەلىك، ياقىشلىق، گۈزەل سۆزلۈك. ئاياللارىنىڭ ھىممەت – جۈرئەتى ئەرلەرىدىن ئۈستۈن؛ ئىلىم – ئەمەل، كەسىپ – ھۈنەردەمۇ قالىشمايدۇ. ئەمما مۇساپىر بىلەن خوشى يوق كەلىدۇ. بۇ كۈنلەردە، كۇچاغا تەرەپ – تەرەپتىن مۇساپىرلار كەلىپ جەم بولۇپ، جەمئىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇنى كۈنسايىن راۋاجلانىۋاتقان بىر تىجارەتگاھقا ئايلاندۇرماقتا . كۇچانىڭ نوپۇسىغا قاراغاندا، زەمىنى كۆپ ۋە مۇنبەت. ھەر ھەپتەدە، باي – سايرامدىن ئەقەللىسى بەش يۈز ئەشەك – ئۇلاغدا ئاشلىق ۋە ياغ كەلىپ تۇرىدۇ. ھەر تۈرلۈك يەل – يەمىش ۋە يەمەك – ئىچمەكلەرى  باشقا شەھەرلەرگە سالىشتۇرغاندا، مول ۋە مەمۇرچىلىق. ھۆل – قۇرۇق مىۋەلەرىنى سوداگەرلەر شەھەر – شەھەرلەرگە ئالىپ كەتىدۇ. كۇچانىڭ ئۇلاغ – چارۋالارى تولا، گۆش تەمىناتى ئۈچۈن ئۆزلەرىگە يەتىدۇ، ھەتتا ئاشىپمۇ قالىدۇ. ( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 673-بەت)

كوھنا تۇرفان

كوھنا تۇرفان  قەدىمي ۋە ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەر. ئادەملەرىنىڭ مىجەز – خاراكتىرى سەمىمي، راست سۆزلۈك، ئۆز ئىشىغا پۇختا ۋە پىششىق؛ ھىيلە – مىكىر ۋە خائىنلىق – يۈزسىزلىكتىن خالىي؛ ئەقىدە – ئىخلاسلارى تازا كەلىدۇ. ھاۋاسى ئىسسىق، ئاقىن سۈيى ئاز. مۇتلەق كۆپچىلىك ئەھۋالدا، كارىز سۈيىگە تايانىپ تارىقچىلىق قىلىدۇ. زەمىنى ئوبدان ، ئاشلىق مەھسۇلاتى ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. غوزا – كەۋەزلەرى ئوخشايدۇ. تەرەنجىبىن (يانتاق شەكىرى) مۇ تۇرفاننىڭ خاس مەھسۇلاتىدۇر. كىشمىش ئۈزۈملەرى ئاجايىپ تولا. سوداگەرلەر شەھەر – شەھەرلەرگە ئالىپ كەتىشىدۇ. تۇرفاننىڭ زەمىن دائىرەسى ناھايەتىمۇ كەڭرى. (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 675-بەت)

ئەمدى، شەھەرلەرىمىز ھەققىدە،  شۇ قەدەر پاساھەتلىك تىل ۋە سەمىمىي كۆڭۈل بىلەن ئىپادىلەنگەن  يۇقىرىقى بايانلاردىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئاساسلىق چەشەنچەگە كەلىشىمىز مۇمكىن:

بىرسى، ئۇيغۇر شەھەرلەرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ھەممەسىنىڭ تارىخى نۇرغۇن غەرب دۆلەتلەرى شەھەرلەرىنىڭ تارىخىدىن، مەسىلەن، موسكۋا، ۋاشىڭتون، نيويوركلارنىڭ تارىخىدىن كۆپتىن كۆپ ئۇزۇندۇر.

ئىككىنجىسى، جۇغرافىيەلىك دائىرەسى، يۈز ئۆلچەمى ناھايىتىمۇ كەڭرى. گەرچە باياۋان چۆللەر ۋە سۇسىز كەنت-كۆيلەر خەلى سالماقنى ئىگەلەگەن ھالدا بولسامۇ، خەلق ئىجادچان ۋە ئەمگەكچان بولغاچ، چۆللەرنى بوستان ۋە كەنت-كۆيلەرنى گۈلىستان قىلىپ، مىھنەت بىلەن مەمۇرچىلىق يارىتىپ، راھەتلىك مۇھىت ئىچىدە، بەخىرامان ياشاپ كەلگەن.

ئۈچۈنجىسى، ھەر شەھەر، ھەر يۇرتنىڭ ئۆزلەرىگە خاس ئەۋزەللىكى بار: تۇرپاننىڭ ئۈزۈم كىشمىشلەرى، ئاقسۇنىڭ شال-گۈرۈجلەرى، خوتەننىڭ قاش تاشى ۋە مەشۇت-يىپەكلەرى، ياركەندنىڭ يۇقىرى مەھسۇلاتلىق تۈرلۈك ئاشلىقلارى ئۆزلەرىدىن باشقا، ياقىنلارنى تويدۇرۇپ، ئۇزاقلارنى تەلپۈندۈرۈپ كەلگەندۇر.

 

كاشغەر، ياركەند، خوتەن ۋە ئاقسۇ، كۇچا،

كوھنا تۇرفان، ئۇشتۇرفان، چۆچەك، غۇلجا؛

"تارىخى ھەمىدىي" دە شۇنداق يازار،

"نەنلۇ باچەڭ" دەگەندە يەنە كورلا.

ھەر شەھەرنىڭ ئەۋزەللىكى ئۆزگەچە،

ئوقۇ كىتابنى، بىلىك ئاندىن تولا.

2019-يىل 16-نويابىر، گۆلجۈك.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟