|
ئۇيغۇر تىل ۋە يازىق كۈلتۈرى ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج
ئۇيغۇر تىل ۋە يازىق كۈلتۈرى ھەقىقەتەنمۇ بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج -------- ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ شۇ ناملىق ماقالەسىدەكى كۆز قاراشلارنى بويلاپ پروف. در. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
كۈنىمىزدە ئۇيغۇرچە دەپ ئاتالغان بۇ تىل ئەسلىدە، خىتتاي ئىشغالىيەتىدەكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەسمىي تىلى بولۇپ تۈركچەنىڭ شەرق شۆبەسى، خاقانىيە تىلىنىڭ داۋامى بولغان كاشغەرىيە تۈركچەسىدۇر. بۇ تىل، ئۇشبۇ تىلنى ئىستىمال قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىش جەرىيانىدا، خىتتاينىڭ تىل سىياسەتىنىڭ ئىزچىل بۇزغۇنچىلىقى ۋە رامكالانغان يۆتىلەش، يەتەكلەشى نەتىجەسىدە نۇرغۇنلاغان سۈنئىي ئۆزگەرىشلەرنى باشىدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. مەھكۇم بولغان خەلقنىڭ مەزلۇم تىلىدىن پەقەتلا لۇغەت تەركىبىدەكى مۇستەملىكىچىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت، تىركەشكۈچى ۋە مىللىي روھنى غىدىقلاغۇچى، دەۋلەتىنى تىرىلدۈرۈش ئويىنى پەيدا قىلغۇچى «چەكلەنگەن»،«زىيانلىق»، «فىئودال»، «خۇراپىي» ۋە «ئەكسىيەتچى» سۆز ئىبارەلەرنى چىقارىپ تاشلانىش بىلەن قالماغان، ھەتتا بۇ تىلنىڭ ئۇزۇن مۇددەت خىتتايچە قارشىسىدا تىك تۇرۇپ، قارىنداشلارى بىلەن ياقىن ئالاقە-باغلانىشىنى ساقلاغان ھالدا ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ مەۋجۇدىيەتىنى كاپالەتلەندۈرگۈچى ئالاھىدەلىكلەرىنىمۇ بۇزغان ۋەيا تەتۈرى ھاللارغا ئۆزگەرتكەن. ئەلبەتتە ۋەتەن ئىچىدەكى ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرادە تىلىمىز ۋە يازىقىمىزدا پەيدا قىلىنغان زىيانلارغا قاراتا ھەرخىل سورۇن ۋە ماكانلاردا چاماسىنىڭ يەتىشىچە ئىنكاس قايتتۇرغان ياكى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى بەرىشكەن. ۋەتەن سىرتىداكى ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ ئۇشبۇ زىيانغا قاراتا ئەستايىدىل باش قاتۇرۇپ مۇئەييەن تەتقىقات گۇرۇپپالارىنى تەشكىللەپ نۇقتالىق مۇھاكەمە ۋە مۇلاھىزە قىلىشقانلىقلارى ھەققىدە قولىمىزدا تەخىچە يەتەرلىك ماتەرىيال يوق. خىتتاي پايتەختى بىجىندا مەركەزىي مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىتىدا ئوقۇپ يەنە مۇشۇ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولغان، ئۇشبۇ قۇرلارنى يازىپ تۇرغان كەمىنە پەقىرغا ئوخشاش مىڭغا ياقىن تولۇق كۇرس ۋە ئونلارچە ماگىستىرانت يەتىشتۈرگەن داڭلىق ئەدىپ، تىلشۇناس، چاغداش ئۇيغۇرچە بىلەن چاغاتاي تۈركچەسىنىڭ پىشىۋاسى پروف.در. ئابدۇرەئۇپ پولات، ۋەتەن ئىچىدە تىلىنىڭ دەردىدە دەرتلەنگەن، بۇ يولدا ئەڭ كۆپ ئەسەر بەرگەن ۋە بەدەل تۆلەگەن بىز بىلەدۇرغان ياشاۋاتقان پىداكار ئۇستازلارىمىزنىڭ ئەڭ موھىملارىدىن بىرىدۇر. ئۇستاز تەرەپىدىن 2004.يىلى 4- مارتتا بىجىندە يازىلغان ۋە 2005. يىلى 30. سىنتەبىردە تولۇقلانغان «ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيەتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج» سەرلەۋھەلىك ماقالەسى ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان (ئاپتۇرنىڭ) «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دىن «مەئارىفۇل لۇغەتەين»گىچە ناملىق كىتابىدا ئىلان قىلىنغان. يەنە ئاپتۇر بەرگەن مەلۇماتقا كۆرە، ئۇشبۇ ماقالە ئۈرۈمچىدە چىقادۇرغان «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالىنىڭ 2005-يىللىق 1- سانىدا «قانات-قۇيرۇقلارى كېسىپ-چارتالغاندىن كېيىن "تىلىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە" دېگەن ماۋزۇ قويۇلۇپ ئېلان قىلىنغان» . بۇ يەردىن مەلۇمكى، شىنجاڭ تىل قاسساپلىقى كومىتىتى تەرەپىدىن چىقارىلماقتا بولغان ئۇشبۇ ژۇرنال كەسپىي ۋەزىپەسى ۋە كۆنگەن خۇيىغا بىنائەن ئەسەرنىڭ ئىگەسى بولغان تەتقىقاتچىنىڭ نۇپۇزى ۋە ئىلمىي سەۋىيەسى بىلەن ھىساپلاشماستىنلا «قانات-قۇيرۇقنى چارتاغان». بۇ يەردە بىز ئۈچۈن موھىم بولغانى، ئەسەرنىڭ ۋەتەن سىرتىداكى مەلۇم نەشىرىيات تەرەپىدىن ئەسلى نۇسخاسى بىرلەن نەشىر قىلىنغانلىقىدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ پ.د.ف. نۇسخاسى پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئىجازەتى بىلەن 2019-يىلى 26. سىنتەبىردە كۆكتۇغدا ئىلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇشبۇ ئەسەر تور مۇھىتىدا تەخىمۇ كۆپ ئوقۇرلارغا ئۇلاشىش ئىمكانىيەتىگە ئەرىشتى. خۇسۇسەن «ئا ۋە ئە»نى ئۆزگەرتمەي يازىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە بەل باغلاغان كۆكتۇغلۇقلارنىڭ كۆز قاراشى، مىللەتىمىز ئىچىدىن چىققان بىر ئالىم تەرەپىدىن 15 يىل مۇقەددەم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى بىلەن تەخىمۇ موھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولدى. تىڭىرقاغان، گاڭگىراغان بەزى زىيالىيلارنىڭ تەخىمۇ جەسۇر بولۇشىغا ئىلھام بولدى ۋە بولغۇسىدۇر. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى» خىتتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ تىل سىياسەتىنى ئىجرا قىلادۇرغان بىر ئورگاندۇر. بۇ ئورگاننىڭ ئىچىدە بىر قىسىم پىداكار تىلچىلارنىڭ ئىشلەگەنلىكى، تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقى، كلاسسىك ئەسەرلەرنى رەتلەپ نەشىر قىلغانلىقى بۇ ئورگانننىڭ تىلىمىزغا سالغان زىيانلارىنى ئاقلاشقا ئەسلا يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپەسىدىن مەلۇمكى، بۇ يەرگە كۆندۈرۈلۈش ئىھتىمالى كۈچلۈك، يەتەكلەنىش قابىلىيەتى يۇقارى بولغان كىشىلەر تەيىنلەنۇر ۋەيا ۋەزىپەلەندۈرۈلۈر. مۇشۇنداق بولغاچقا، بۇ ئورگاندا ئىشلەيدۇرغان ئۇيغۇر تىللىق تىلچىلارنىڭ كۆپىنچەسى ۋە باشقۇرغۇچى خىتتايلار تىلشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىقنىڭ ھەرخىل نەزەرىيەلەرى ۋە مىتودولوگىيەسىدىن ئاساسەن بىخەۋەر، تىل پسىخولوگىيەسى، تىل ئانتروپولوگىيەسى، تىل جەمئىيەتشۇناسلىقى، كۈلتۈر تىلشۇناسلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئائىت خىتتايچە مەنبەلەرنىمۇ ئاساسەن ئوقۇپ باقماغان ۋەزىپەدار مەمۇرلاردىن ئىبارەتتۇر. مەلۇماتلىق، لاياقەتلىك، يۇرت ۋە مىللەت قايغۇسى بولغان، مۇستەملەكەچى تىل سىياسەتىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن ۋە كەلەلايدۇرغانلارنىڭ بۇ يەردە ئىشى بولماغان ياكى ياقىن يولاتىلماغان. مۇشۇنداق بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلى ئىزچىل «ھەپىلىشىش» ۋە «ئۆزگەرتىلىش» ئوبيىكتى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ ئورگانداكى تىلچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسەن بۇنىڭغا ماسلاشقان. ئەگەر ئۇنداق بولماغاندا، ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ ئۆز سۆزىدە بايان قىلغانىدەك «ئەللىك يىل ئىچىدە، ئۈچ قېتىم يېزىق ئۆزگەرتىش ۋە بەش قېتىم ئىملا قائىدەسىنى يېڭىلاش قىلغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ نۆۋەتتكى قوللىنىلىشى مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولۇۋاتامدۇ-يوق؟» سۇئالىنى سوراش بىھاجەت بولۇر ئىدى. بۇ ئارقالىق بەلكىم بۇ دۇنيادا قايسى بىر مەدەنىي مىللەت يارىم ئەسىردە ئۈچ قەتىم يازىقىنى ئۆزگەرتكەن؟ يازىق ئۆزگەرتكەننىڭ زىيانىنى بىلىپ يەتكۈدەك ئىقتىدار، سەۋىيە سزى مۇھتەرەم تىلچىلاردا يوقمۇ ئىدى؟ دەگەن سۇئاللارنى سوراشىمىزغا مەجبۇر بولۇرمىز. يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيادا قانداق بىر مىللەت ئون يىلدا بىر چوڭ ۋەيا كىچىك ئىملا ئۆزگەرتەدۇر؟ نەمە ئۈچۈن بۇنداق «ئۆزگەرىشچانلىق» مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارداكى مۆھتەرەملەر تەرەپىدىن توسۇپ قالىنمادى، ئەكسىچە بۇ تۈردەكى ئاكتىپ ۋەيا پاسسىپ تەستىقلاشلار بىر كەيىنكى «ئۆزگەرتىش»كە قايسى دەرەجەدە پايانداز سالىپ بەرگەندۇ؟ سۇئاللارى تىزىق شەكلىدە كاللامىزدا پەيدا بولماقى تەبىئىيدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يات مىللەتلەرنىڭ تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەشكە، يازىشقا ئۇ قەدەر ئىنىرگىيە سەرپ قىلغان ئۇيغۇرنىڭ، ئۆزىنىڭ تىلىدا ئۆلچەملىك، مەنتىقىلىق سۆزلەشكە، يازىشقا تىرىشماسلىقىنى، ئىنتايىن ئەستايىدىلسىزلىقلارىنى ئويلاغانىمىزدا ئاجايىپ بىئارام بولماي تۇرالمايمىز... بۇ يەردە ھازىرچە بىزنىڭ دىققەتىمىزنى تارتقانى مەسئۇلىيەت ساھىبى زىيالىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان ناباپ پۇرسەتنى قانداق قىلىپ مىللەتىمىزنىڭ تىل-يازىق كۈلتۈرىگە پايدالىق ھالغا بۇرايالايمىز قايغۇسدۇر. بۇ قايغۇداكى پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولات مەۋجۇت قىس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش مەقسەتىدە « ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيەتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج» ناملىق ماقالەسىنى ئىلان يازغان. ھازىر قولىمىزدا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنالىنىڭ 2005-يىللىق 1- سانىدا «قانات-قۇيرۇقلارى كېسىپ-چارتالغان»دىن كېيىن «تىلىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە» دېگەن ماۈزۇدا ئېلان قىلىنغان ۋارىيانتى يوق. لاكىن پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئىجازەتى بىلەن كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان ئەسلى ئارگىنالى قولىمىزدا مەۋجۇتتۇر. پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولات، ماقالەسىدە مۇنداق بىر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويادۇر: «زادى قانداق بولغاندا،بىر تىل يېزىقنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىشى مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولغان بولىدۇ؟» بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يەنە ئۆزى شۇ شەكىلدە بەرۇر: «ساق يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئۆز ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنىش ۋە تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا بىر قانچە قېرىنداش مىللەت ۋە چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىم ئاساسىدا ھاسىل قىلغان يەكۈن خاراكتېرلىك چۈشەنچەم شۇكى، بىر تىلدىكى سۆز كەلىمەلەرنى سۆزلىگۈچى ئېنىق ئاڭلىتالايدىغان، ئاڭلىغۇچى بولسا، تولۇق ئاڭلىيالايدىغان دەرىجەدە تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيلىك بولىدۇ، يېزىقنى بولسا، ئىمكان بار مەدەنىي تەلەپپۇزغا ئەڭ يېقىن قىلىپ تەلەپپۇز قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش، نورما چېكىنى مۇقىم قىلىپ توختىتىش ئىلمىيلىق بولىدۇ.» يارىم ئەسىر يەنى 50 يىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا سەرپ قىلغان بىر ئالىم، بۇنىڭدىن 15 يىل مۇقەددەم، نامدا قوش تىل ئەمەلىيەتتە تاق تىللىق مائارىپغا ھەدەپ كۈچەۋاتقان ئەڭ كرىزىسلىق پەيتتە تىل-يازىق ئىستىمالىمىزدا ساقلانىپ تۇرغان موھىم مەسەلەلەرنى شۇ شەكىلدە كۆرسەتىپ ئۆتكەن: 1. ئەدەبىي تىل بىلەن جانلىق تىلنىڭ يەتەكلەش-يەتەكلەنىش مۇناسەۋەتىنىڭ چەكى ئەنىق ئەمەس. «جانلىق تىلنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بىر ھەرپ بىر ھەرپتىن يەپ يالماپ ئەسلىدىكى گۈزەل، يارقىن سۆز كەلىمەلەرنى چولتا، كەمتۈك ۋە يېقىمسىز سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ھالبۇكى، بىز تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە سۆزلەمشۇناسلىق مەدەنىيىتى ئۆلچەكلىرى ئاساسىدا، بۇ خىل بولۇشسىز ئەھۋالغا ئاداققى خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك.» 2. ناباپ تەلەپپۇز ئادەتىنى تىلنىڭ مۇقەددەس قانۇنىيەتى قىلىپ كۆرسەتىش. «①بوغۇم ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ھىچبىر ئاساسسىز ھالدىلا چۈشۈرۈپ قويۇش،②تەلەپپۇز قولايلىقىنى قوغلىشىپ، خېلى بىر بۆلەك ئۈزۈك تاۈۇشلارنى باشقا تاۋۇشلارغا ئۆزگەرتىۋېتىش،③ سۆزلەم بېشىدا مۇستەقىل بوغۇم ھاسىل قىلىپ كەلگەن "ئۇ، ئۈ" سوزۇق تاۋۇشلارىنى "جاراڭسىزلاشتۇردۇق" دەپ، تەلەپپۇزدا يوقىتىۋېتىش، ④"ئى" سوزۇق تاۋۇشىنى سۆزنىڭ ھىچقانداق بىر بوغۇمىدا، ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەمدىكى "ئى" قىلىپ تەلەپپۇز قىلماسلىق.» 3. يازغاننى ئوقۇماسلىق، نەتىجەدە يازغان بىلەن ئايتقان ئوتتۇراسىداكى ھاڭ بارغانسەرى چوڭايىپ كەتىش. «①سوزۇق تاۋۇشلارنى جاراڭسىزلاشتۇرىۋېتىش،يازغان بىلەن تەلەپپۇز بىردەك بولماسلىق، ②تىل تەلەپپۇزىدىكى ھورۇنلۇق-ئۇيغۇر ئىملاسىنى بۇزىۋاتقان ۋە ئۇنى چېكى توختىماس قىلىپ قويۇۋاتقان باش جىنايەتچى» 4. تەلەپپۇزدا تىل تاۋۇشلارىنى چۈشەرىپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىۋەتىشنىڭ نەق زىيانى. ①ئۇقۇم خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاڭلىغۇچىنى تېڭىرقىتىپ قويىۋاتىدۇ، ②ئىملا قائىدىسىنى شەرھىلىگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىۋاتىدۇ③ تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسى ۋە قايىل قىلارلىق شەرھى يوق بولغاچقا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ، ④ تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش مەسىلىسىدىكى قائىدىسىزلىكنىڭ سەۋەبىنى مەزكۇر ئەدەبىي تىل تەلەپپۇز لۇغىتىنى تۈزگەن ئالىم مۇتەخسىسلەرمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ⑤ ئەڭ موھىمى، مەزكۇر لۇغەتنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالىكتى بولۇپ كېلىۋاتقان قەشقەر تىلى (خاقانىيە تىلى) تەلەپپۇزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى ئەڭ يۈز خاتىرىلىك سۆز بىلەن ئېيتقاندىمۇ خىيانەت ۋە چىدىماسلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇستاز تەسبىت قىلغان مەسەلەلەر ھەقىقاتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالۇر. خۇسۇسەن ئۇستازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مادداداكى ئۇھسىنىش ھەتتا شىكايەتى بىزنى تەخىمۇ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا، ئويلاشقا مەجبۇر قىلادۇر. خاقانىيە تىلى ۋەيا كاشغەرىيە تۈركچەسىگە خىيانەت قىلغان بۇ چىدىماسلار زادى كىم ۋەيا كىملەر ئىدى؟ كۈنىمىزدە خىتتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكاسىغا قاراغاندامۇ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يارىمىنى ھەتتا شىمالداكى كاشغەرلىكلەرنى قاتقاندا بەلكىم ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا %60نى تەشكىل قىلادۇرغان، قاراخانىيلاردىن بەرى كۈلتۈر، مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە تىجارەت مەركەزى بولغان كاشغەرنىڭ شىۋەسىنى/تىلىنى «نەزەردىن ساقىت قىلالاغان» بۇ ئىشبىرلىكچىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئايرىم تەتقىقات ۋە ئىزدەنىشنى قانات يايدۇرۇش، ھىچ بولماغاندا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىدىن نان يەۋاتقان ۋەيا بۇ ساھەدە مەلۇماتى بارلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدۇرغان مەسئۇلىيەتى ۋە مەجبۇرىيەتىدۇر. ئەلبەتتە مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ مىللىي مەنسۇبىيەتى شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستانلىق بولادۇرغان بولسا... بىز بۇ يەردە تىلشۇناسلىق نۇقتاسىدىن پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولات تەسبىت قىلغان ۋە كۆرسەتكەن مەسەلەلەر ھەققىدە بىر بىر توختالمايمىز. ئۇشبۇ مەسەلەلەر پەيدا قىلغان تىلداكى چولتالىق، تەپەككۇرداكى گاچالىق ۋە كۈندەلىك جانلىق تىلنىڭ بارغانسەرى قوپال،يىرىك، تىكەنلىك بولۇپ كەتىشىنىڭ كۈندەلىك كىشىلىك مۇناسەۋەتلەرگە،ئۇچۇر-ئالاقەنىڭ راۋان، سىلىق، ئىللىق ۋە مۆتىدىل بولماسلىقىدا بەلگۈلىگۈچى بولىۋاتقانلىقى بىزلەرگە مەلۇملۇق ۋە بۇ بىزنى ناھايەتى بىئارام قىلىغلىق. چۈنكى ئۇستاز قەيىت قىلغانىدەك « جانلىق تىلنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بىر ھەرپ بىر ھەرپتىن يەپ يالماپ ئەسلىدىكى گۈزەل، يارقىن سۆز كەلىمەلەرنى چولتا، كەمتۈك ۋە يېقىمسىز سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.» نەتىجەدە ئەدەبىي تىلمۇ جانلىق تىلغا ئايلانىپ قالماقتا. دۇنيادا قايسى بىر مەدەنىي مىللەتنىڭ جانلىق تىلى بىلەن يازما تىلى، ئەدەبىي تىلى بىرمۇ بىر ئوخشاشتۇر؟ بۇ سۇئالنى ئۆزىگە ۋە ئەتراپىغا سورادۇرغان قانچەلىك ئۇيغۇر زىيالىيسى باردۇر، بۇ ھازىرچە گۇمانلىق. ئەگەر بىز بۇنى سورماغانىمىزدا، بىز ئەڭ ئاز 2000 يىللىق يازىق كۈلتۈرىمىز بولغان، دەۋلەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىمىز گۇمانلىق بولۇپ قالادۇر. ئاخىرەتتە ئەجداتقا، بىز ئىشىمىزغا كەلگەندە غادايىپ تۇرۇپ ئىسمىنى زىكىر قىلادۇرغان ئۇلۇغ ئەجدات بىلگە قاغان، تونيۇقۇق، يۈسۈپ، مەھمۇد، يەسەۋى، نەۋايى، سەككاكى، لۇتفى، تەجەللى، سايرامى، كاشغەرى ئاتالارىمىزغا قانداقمۇ يۈز كەلەلەيمىز؟ بۇ سۇئالنى ئۇيغۇرنىڭ تىلىنى ئىستىمال قىلىپ نامىنى سەخىچە ئىشلەتىۋاتقانلار ئەگەر سورماسا، ئۇنىڭدا ئەقەللىي ئىنسانىيلىق كرىزىسى بار ئىكەن، دەسەك خاتا بولماس، ئەلبەتتە. جەمئىيەتشۇناسلىق بىلىمى ئۆزىگە خاس نەزەرىيە ۋە تەتقىقات مىتودى بىلەن ئىجتىمائىي مەسەلەلەرنى ئەتراپلىق تونۇپ دىئاگنوز قويغاندىن كەيىن داۋاسى ئۈچۈن تاللاما (ئالتەرناتىف) رىتسىپلارنى كەسەدۇر. پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ ئۇشبۇ ماقالەسى بىزگە كۆرە، تىل جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتاسىدىن يازىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە كۈزەتىش ئەمەلىيەتى بىلەن تىل ۋە يازىقىمىزداكى مەسەلەلەرنى جانلىق ھەم ئەمەلىي تىل پاكىتلارى بىلەن بىر بىر ئورتاغا قويغاندىن كەيىن، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىرىكىمى بىرلە ئەڭ توغرا بولغان رىتسىپلارىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ۋە تىل ئىستىمالچىلارىغا سۇنغاندۇر. بۇ نۇقتادىن قاراغاندا، بىلىم ئىنسانىنىڭ ئۇزاقنى كۆرەرلىكى ۋە مىللىي مەنسۇبىيەتى تۈپەيلى مىللىي مەسئۇلىيەتىنىڭ پەرقىدە بولۇپ مەجبۇرىيەتلەرىنى ئادا قىلغانلىقىنى كۆرمەكىمىز مۈمكىندۇر. ئۇستاز «تارىختىن ساۋاق ئېلىش، رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇش ۋە كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇش ئاساسىدا، ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك كەسكىن بېكىتمە تۈزۈش زۆرۈر» دەيدۇ ۋە بۇ كۆزقاراشلارىنى پاكىتلارى بىرلە بىر بىر ئورتاغا قويۇش ئارقالىق شۇ يەكۈننى تەكىتلەيدۇ:«سۆز كەلىمەلەرنى توغرا، تولۇق تەلەپپۇز قىلىش ۋە سۆز ئاتالغۇلارنى ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ سۆز تۈپىنى ۋە ئېتىمولوگىيەسىنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغۇدەك قىلىپ دۇرۇس يېزىش بولسا، شۇ تىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانا مەدەنىيەتتۇر!» يازغۇچى ماقالەسىنىڭ تەۋسىيە ۋە تەكلىپ بۆلۈمىدە مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭچە بۇ قېتىنقى بېكىتمىمىز ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرلىرىدە ئىپادىلىگەن ئەنئەنەسىنىمۇ ھىسابقا ئالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرچاغدا، دەۋرىمىزنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ تەلىپىنىمۇ نەزەرگە ئالغان ھالدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك كەسكىن بېكىتمە بولۇشى لازىم. كونكرىت قىلىپ ئېيتقاندا مۇنداق: ① ئۇيغۇر يېزىقىدا، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى يوقىتىش كېرەك. يەنى "ئا ۋە ئە"نى "ئى ۋە ئې"غا ئۆزگەرتمەسلىك، ② سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ جاراڭسىزلىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لازىم،③ تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى قەتئىي مەنئىي قىلىش كېرەك،④ تەلەپپۇزدا ئۈزۈك تاۋۇش ئۆزگىرىشىگە ئومۇمىيەتتىن يول قويماسلىق لازىم.» تەپسىلاتى ماقالەدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرار توختالمادۇق. ئۇستاز تەرەپىدىن ئورتاغا قويۇلغان بۇ تەكلىپلەر مەدەنىي بىر مىللەتنىڭ تىلىدا دىققەت قىلماسا، دەرھال تۈزەتمەسە بولمايدۇرغان بىر ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتتۇر. ئەسلىدە بۇ تىل، بۇ قەدەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماستىن 1953- يىلىدىن بۇرۇنقى شەكلىنىڭ ئەينەن ساقلاپ قالىنىشى ۋە ئۇ ئاساستا تىلىمىز تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇشى شەرت ئىدى. پەقەت مۇستەملەكە سىياسەت ۋە بۇ سىياسەتنىڭ گۇماشتالارى تىلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت تىلى سەۋىيەسىدىن رايون تىلىغا ئاقىبەتتە مۇئەييەن بىر ئېتنىك گۇرۇپپا تىلىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ھەپىلەشكەن ۋە ئۆزگەرتكەن. پروف. در. ئابدۇرەئۇپ پولات ماقالەنىڭ خاتىمە بۆلۈمىدە بەرگەن ئىككى مىسال بىزلەرنى تەخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالادۇر. شۇنداقلا بىز ئوتتۇراغا قويغان بەزى كۆزقاراشلارنى توغرالايدۇ. ئۇشبۇ مىساللار مۇنداق: «...مۇشۇ "تىل=يېزىق كومىتېتى" دېگەن ئورگان ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقان مۇشۇ ئادەملەرلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدەسىنىڭ چېكى مەڭگۈ توختىمايدۇ، سۆز ئاتالغۇلارىمىز مەڭگۈ قېلىپلاشمايدۇ.» «ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، دەرس سۆزلەۋېتىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ 600 يىلغىچە مۇقىم ئىملادا بولغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن مەدھىيەلەۋاتسام، بىر ئوقۇغۇچى كەسكىن ئاۋاز بىلەن: "مۇئەللىم، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە تىل- يېزىق كومىتېتى بارمىدى؟" دەپ سورىۋېدى، تۇرۇپلا قالدىم، ئەمەلىيەتتە ئوجۇقۇپلا كەتتىم دېسەممۇ توغرا بولىدۇ». تىلىمىز ۋە يازىق كۈلتۈرمىزنىڭ كۈنىمىزدەكى روۋۇك، بىچارە ھالەتىنىڭ يەكۇنى ئەمەلىيەتتە ئاشكارا بىر ھەقىقەتتۇركى، مۇستەملەكەچى تىل سىياسەتى ۋە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلغان، ئازراق بولسامۇ تىركەشىپ، مەۋجۇت بوشلۇقلاردىن، قانۇنىي ئىمكانلاردىن ئىستىفادە قىلىپ تۇرۇپ تىلىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ خاسلىقىنى قوغداش جاسارەتى كۆرسەتمەگەن بەزى يەرلىك ئىشبىرلىكچى ۋەيا ئەقلى ئالدىدا ھاماقەتلەر، خۇشامەتچى ئەمەلدارلار سەۋەبىدىندۇر. خىتتايلارغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇلارنىڭ فاشىست سىياسەتىگە ئەقىل كۆرسەتكەن خىيانەتچى، چىدىماس ھەسەتخورلارنىڭ مەۋجۇدىيەتى تۈپەيلى يۇقارىدا توختالغان بىلىم ئىنسانىنىڭ ئىلمىي ۋە ھەقلىق تەۋسىيە تەكلىپلەرى ئىجرائاتتا «بەكىتمە» ۋەيا «قائىدە-قانۇن»نىڭ ئاساسى بولالماغان. خوش، ئۇشبۇ يوللۇق ۋە ئىلمىي تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى ۋەتەن ئىچىدەكى دىكتاتۇر ۋە زالىم سىياسەت بىلەن گۇماشتالارى يولغا قويمادى، خاتالار خاتالىقىدا ئىزچىل داۋام قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. چەتئەللەردەكى ئۇيغۇر تىلى ۋە يازىق كۈلتۈرىنىڭ ئىستىمالچىلارى يەنە نەمە ئۈچۈن تىل قاسساپلارى بەكىتكەن ئىملا، قائىدە تۈزۈملەرىنى ئىخلاس بىلەن قوللانىپ تۇرادۇر؟ ھەتتا خىتتايلار تەرەپىدىن «ئەكسىيەتچى، بۆلگۈنچى، پانتۈركىست، پانئىسلامچى» دەپ قارالانغانلار، ئەيىپلەنگەنلەرنىڭ تىلى ۋە ئىملاسى ھەتتا مىللەت قاراشى يەنە نەمە ئۈچۈن شىنجاڭچە؟ بۇ قانداق بۆلگۈنچىلىك ۋەيا ئەكسىلئىنقىلاپچىلىق؟؟؟ ئۇستاز ئابدۇرەئۇپ پولاتنىڭ ئۇشبۇ ماقالەسى ئىستانبۇلدا مەلۇم بىر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلانىپ چەتئەللەردە تارقالغانىغا يىللار بولۇپتۇ، ھىچبىر زىيالىي ۋەيا ئۇيغۇر تىل- يازىقىنى ئىستىمال قىلىپ تۇرغان ئورگان، تەشكىلات ۋەيا دەرنەكلەر نەمە ئۈچۈن ئەمەلىيەتىگە تەدبىق قىلمادى؟ نەمە ئۈچۈن ئابدۇرەئۇپ مۇئەللىمگە ئوقۇغۇچى بولغان، ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى ۋەيا تەتقىقاتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلار بۇ ھەقتە ئەمەلىي ۋەيا نەزەرىيەۋى ئىشلارنى قىلماغاندۇ؟ (ئەگەر قىلىنغان بولسا، بىز خەۋەردار بولماغان بولساق، ئەيىپ ئەلبەتتە بىزدەدۇر) مەلۇم دەرنەكلەر توختىماي (ئۆزلەرىمۇ ئانچە چۈشەنىپ كەتمەيدۇرغان) «مۇھاكىمە» ياكى «سىمپوزيۇم» چاقىرىپ رەسىمگە چۈشۈپ سوتسىئال مەديادا تارقاتىپ تۇرادۇر. ئۇلار نەمە ئۈچۈن بىر قەتىم بولسامۇ، مۇشۇنداق ئۆتكۈر مەسىلەلەرنى ساھە مۇتەخەسىسلەرىنى توپلاپ «مۇھاكەمە» قىلىپ ھىچ بولماغاندا ئۆزلەرى باشلامچى بولۇپ ئىجرا قىلغۇدەك قارار ئالماغاندۇ؟.... بۇنىڭ تەكتىدە، ئەجىبا شىنجاڭچە تەپەككۇر بىلەن ماركىسزىملىق مىللەت قاراشىنىڭ قوماندانلىقىداكى ئىددىيە، كۆزقاراش ئاغىر باسىپ كەتكەنمىدۇ؟ ياكى تىلىدا شەرقىي تۈركىستان دەگەن بىلەن دىلىدا يەنىلا «ئىككىدىن ئايرىلالمايمىز» ھاكىممىدۇ؟ ۋەياكى ئاشۇنداق ئىددىيە ۋە كۈلتۈردە يەتىلگەنلەرنىڭ مەسلىھەتچىلىكىدە بولۇپ قالغانلىق ئۈچۈنمۇكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىنالمادى؟؟؟؟؟ سۇئاللارىمىز كۆپەيىپ بارغۇسى مۇقەررەر. چۈنكى، سەمىيەتسىزلىك، خۇسۇسەن تىلى بىلەن دىلى بىر بولماسلىق، ئۆز مىللەتى ئىچىدىن چىققان مىللىي تىل، كۈلتۈر ۋە مەفكۇرە دەردىدە دەرتلەنگەنلەرنى تىڭشاماسلىق سەھنەگە چىقىپ ئالغانلاردا ئومۇمىي ئىكەن. تىلىدا ئىنقىلاب قىلىنالماغاچقا، دىلىدا، تەپەككۇرىدا، بۇ تۈپەيلى ھەرىكەت قىلىقلارىدا ئىنقىلاب چىقماغلىق ئىكەن. ئەمما، كۆكتۇغلۇقلار «بىر نەرسە ئۆزگەرسە، ھەممە ئۆزگەرۇر» دەدى. كۆكتۇغلۇقلار، بىرنەرسەنى ئۆزگەرتىمىز دەدى، ئۆزىدىن ۋە ئەمەلىيەتىدىن باشلادى. بۇ ئۆزگەرىش ھەرقايسى ساھەدە ئۆزلەرىنى يەتىشتۈرگەن، نەزەرىيە ۋە ئىلمىي مىتودلاردىن خەۋەردار، ۋەتەن-مىللەت قايغۇسى كۈچلۈكلەرنىڭ بۇ سەپكە قاتىلماقى بىرلە گويا قار توپى شەكلىدە كۈنسايىن غولداغۇسى، زورايغۇسىدۇر. ئەلبەتتە بۇنى ئىدراك قىلالايدۇرغان ھەقىقىي شەرقىي تۈركىستان سەۋدالىقلار باردۇر. بۇ سەۋدا ئۇلاردا قىمىلداماس ئەقىدە ۋە مىدىرلاماس سەمىمىيەت بىرلەن شەرقىي تۈركىستان مەفكۇرەسىنى شەكىللەندۈرگەي، تەڭرىتاغ قاراغايلارىدەك ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قەلب ۋە كۆڭلىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقاي! 2020-يىلى 25-سىنتەبىر |
|

