1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار

بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى- 1 [1]

 

ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق

 

بۇگۈن مۇبارەك جۈمە كۈنى، ئادەت بولۇپ كەتكەن تۈگەمەس ۋە ئاياغى چىقماس، ئەمما مەنىڭ روھ ۋە بەدەنىمنى ئازاپلايدۇرغان، ۋەتەنىمدەكى ئوقۇبەتلەرگە ئالاقەدار چۈشلەر: لاگىرلارداكى تۇغقانلارىم، ئىشكەنجە بىلەن پالەچ قىلىنغان جان قارىنداشىم ئابدۇجاپپار قارىم، 11 ۋە 15 يىللىق تۈرمەلەرگە تاشلانغان ئىنىلەرىم، يۈزلەرچە دوست يارەنلەرىم ۋە قىرىلىۋاتقان خەلقىم....بامدات ئەزانى بىلەن ئويغاندىم... ئادەتىمدۇر: ئەتىگەندە تېلېفونۇمنى تەكشۈرۈش، قانداق ئۇچۇرلار بار...

تۋىتتىر ھىسابىمنى تەكشۈرگەنىمدە، ئالدىنقى كۈنى ئاتقان بىر تۋىتىمگە ئىنكاس يازغان Jandost42124300@ نامىداكى بىر ھىساپتىن ناھايەتى كۆپ، ئەمما ئاساسى بار ئىنكاسلار زىنجىرى كەپتۇ. ئويلاندىم: مەن ئاشكارا ۋە ھەقىقىي كىملىكىم بىلەن تۋىتتىر مەيدانىدا فاشىست خىتتاي بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان، ھەتتا مۇقەددەس دىنىمىزنى سىياسەتىگە ۋاسىتە قىلغان بىز قىسىم رىياكار دىنچىلار، سەمىمىيەتسىز مىللەتچىلەر، ساداقەتسىز تۈركچىلەر، يالغانچى سوتسىئال دىموكراتلار ۋە تەرەپباز كىشىلىك ھوقۇقچىلارغامۇ كەزى كەلگەندە تەرەددۈتسىز بىر شەكىلدە دەككەسىنى بەرىپ تۇرادۇرغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تۈرك پۇقراسى  ۋە ئاكادەمىسيەنمەن. ئەمما بۇ  Jandost42124300@ ھىساپ ئاشكارا ئەمەس، كىملىكى نامەلۇم. پەقەت يازغان ئىنكاسلارى ئورۇنلۇق ۋە ئىنكار قىلىنىشى تەس ۋەيا مەن ئىنكار قىلالمايمەن، چۈنكى مەنمۇ كۆرۈپ تۇرغان، رىئاللىقلارىمىز ھەققىدە يازىپتۇ... ئويلاندۇرغۇچى ۋە بىئارام قىلغۇچى ئىدى. چۈنكى بۇ ئىنكاسلارنى مەنى تەقىپ قىلىپ تۇرغان مىڭلارچە كىشى ئوقۇيتتى. شۇنداقلا بۇ تىلغا ئالىنغان مەسەلەلەر بولسا نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ بىئارام بولۇپ تۇرغان مەسىلەلەر جۈملەسىدىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەھۋالنى خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى، ئۇشبۇ رىئاللىققا قاراتا سوتسىئولوگىيەلىك تەھلىلىمنى بەھرىڭلەرگە سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ يەردە شۇنىمۇ قەيىت قىلاي: ئادەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مۇنداق باھا ۋەيا ئىنكاستا بولغانلار ئاشكارا كىملىكتە بولسا ۋەياكى يۈزتۇرانە دەيىشكەندە،  زۆرۈر بولغان ئىزاھات، چۈشەندۈرۈش بەرۇرمەن، سەۋىيەلىك تەسىرلەشىشنى ياقلايمەن. ھەددىندىن ئاشقانغا ياكى ئالدىن ھۆكۈملۈك، شەرتلەنگەنلەرنىڭ ھەددىنى بىلدۈرىمەن ياكى بىلدۈردۈم.

مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار

 12-فىۋرال ئاخشامى ھارغىن ۋەزىيەتتە ئىشلەۋاتقاندا، كەلگەن ئۇچۇرلارغا قاراسام، خىتتاينىڭ ۋىرۇس بىلەن ئىمتىھانى كونفېرانسىنىڭ خەۋەرلەرىنى ھەم خىتتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىلىكى تۋىتتىر ھىسابى بىلەن س.د.ئى ھىسابىدا بەرگەنمىش. ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىم، مىركامىل كاشغەرىنىڭ خەۋەرىنى بەرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىئارامچىلىقتا مۇنداق بىر تۋىت ئاتتىم ۋە نىدا خەۋەردەكى مىركامىل بەگنىڭ ئاغزىدىن چىققان خەۋەرنى باغلاپ قويدۇم:

https://twitter.com/c_karluk/status/1227698260686594049?s=20

c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 12-فېۋرال 23:57   خىتتاي بىلەن ئالاقەدار لىكسىيە بەرگەن/سۇنۇم سۇنغان خىتتاي ئەلچىسىگە (@ChinaEmbTurkey شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئالاقەدار سۇئال سوراغان  (@DoguTurkistanli) شەرقىي تۈركىستانلىققا "ھۈرمەتسىزلىك" دەپ خىتتاي ئەلچىسىنىڭ جاۋاپ بەرىشى توساپ قالىنغان (@sdeorg) ھەمدە (@UyghurCongress)ئىككىنچى باشلىقى خىزمەت قىلغان ئورگاندا. ستراتىگىيەلىك تەپەككۇر ئىنستىتوتى (@sdeorg) بۇ ھەقتە بايانات بەرىشى كەرەكمۇ؟

مەنىڭ بۇ تۋىتىم خەلى كۆپ ساندا ھەم بەھرلەنگەنىدە جاندوست ئىسىملىك (https://twitter.com/Jandost42124300) بىرى مۇنداق ئىنكاس يازدى.

  • Jandost4212430 @ جاندوست 13 -فېۋرال سائەت 00:12   ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قىلىشماقچى بولۇشسا، تارىخ، ئەدەبىيات، تىل، فولكلور، جەمىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردە بىلىم ئىشلەپچىقارماقى لازىمدۇر. ئۇيغۇرلار يۈزلەرچە. مىڭلارچە ئاكادەمىك ئەمگەكلەر بىلەن قارشى چىقىلالمايدۇرغان توغرالىقتا ئەسەر نەشىر قىلىشى كەرەك.

 

    •    @hsmkr_04 ھاشىم قارا 13-فېۋرال 09:34    ئاكادەمىك خىزمەت دەسەڭ ئەلاسى بار. ئەمما مۇئەللىمىمنىڭ ئاشكارا ۋە جەسۇرچە يازغانلارىغا، ساختا ھىساپتىن جاۋاپ يازادۇرغان بىر قورقۇنچاق نىمە ئىكەنسەن.
      •         14Jandost4212430 @ Jandost-فېۋرال سائەت 00:02   بۇ ساختا ھىساپ سۆزى نە قەدەر مەنتىقەسىز ھەي! ئەقلى بولغان مۇشۇنداق گەپ قىلامدۇ؟ بۇ يەردە ھاقارەتمۇ قىلدۇق؟ موھىم بولغان پىكىردۇر. پىكىرگە جاۋاپ بەرەلمەگەنلەرنىڭ ساختا ھىساپ باھانەسىنى قىلىشى بىر ئاجايىپ. ئوقۇغانلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بولغانلار بولسا دەگەنلەرىمنى چۈشەنگەندۇر. بۇ شەخسىي مەسەلە ئەمەس ئومۇمىي ئەھۋالدۇر.
    •  
  • Jandost4212430 @ Jandost  ا  13-فېۋرال سائەت 00:13    كەيىنكى 20 يىلدا تۈركىيەدەكى ئۇيغۇرلار سىياسى دىنچىلىققا قايىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە كۆردىلەركى، ئىشەنگەن تاغلارىدا كىيىك ياتمادى. مەقەم مەۋقە ئىگەسى بولغان ئۇيغۇرلار، ئاق پارتىيەگە يالاقچىلىق قىلىشنى بىر ماھارەت دەپ بىلىشتى. كۈندەلىك مۇنازىرەلەر، مەقەم مەۋقەلەر ئۆتكۈنچىدۇر. قىممەت ئىشلەپچىقارالماسىڭىزلەر يوق بولۇرسىزلەر.
    •  c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 13-فېۋرال 09:34   Jandost4212430 @   ئىنكاسىڭىزنىڭ تىما بىلەن نەمە ئالاقاسى بار؟ ئۇيغۇرلارنى تونۇيدۇرغان بولساڭىز، (شەرقىي تۈركىستاننىڭ) ئىچىدە ۋە سىرتىداكى ئەھۋالىنى، دۇچ كەلگەن قىسىنچىلىق ۋە سىقىنتىلارىنى بىلسەڭىز خالىغانچە تەنقىت قىلىڭ! ئەمما ئۇنۇتماڭكى بويتاققا خوتۇن تالاق قىلماق ئاساندۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandostق 13-فېۋرال سائەت 23:46   1) ئىنكاسىمنىڭ (تىما بىلەن) ئالاقەسى شۇ: ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەھۋالدا بولۇشى ئەلبەتتە خىتتاينىڭ زوراۋان كۈچى تۈپەيلىدىندۇر. ئەمما بۇنى ئاسانلاشتۇرغان ئىچكى ئامىللار مۇ بار. ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا پارام پارچا. بۇنى خىتتاي قىلىۋاتىدۇ ئەمما ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئويۇنغا كەلمەكتە.
      •     Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:47   2) خىتتاي خۇسۇسەن كەيىنكى 20 يىلدا ئۇيغۇرلارنى راىكال دىنچى سىياسەتكە ئىتتىرىپ كەيىن يەنە مۇشۇنىڭ بىلەن جىنايەتچى قىلىشقا تىرىشتى. نۇرغۇن ئۇيغۇر بۇ تۇزاققا چۈشتى. مەيلى بوپتۇ  شەرقىي تۈركىستانداكى جاھىل، بىچارە خەلققە بىر نەرسە دەيەلمەيلى. يا بۇ تۈركىيەدەكى ئۇيغۇرلار!
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:48    3) بۇرۇن تۈرك مىللەتچىسى بولغان كۆپ سانلىق ئۇيغۇر كەيىنكى 10-15 يىلدا سىياسى ئىسلامچىلىققا كىرىشتى. بۇرۇن ئەلبەتتە مىللەتچى ئىدى، چۈنكى ۋەتەن ھەسرەتى چەكىۋاتقان ئىدى. پەقەت سىياسى ئىسلامچىلىققا قايىشىدا شەخسى مەنپەئەتلەر سەۋەپ بولدى.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:49    4) ئاق پارتىيەگە يانداشقانلارنىڭ كۆپىنچەسى شەخسىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈردى. بۇ سەۋەپتىن ئاق پارتىيەنىڭ نۇرغۇن خاتا سىياسەتلەرگە ئىتىراز قىلىشالمادى. بەسىرەتلەرى باغلانىپ بولغان ئىدى. سۈرگۈندە 4 دانە ھۈكۈمەت بار، كۈلكۈلىك بىر ئەھۋال. ھەممەسى بىر بىرىنى خائىنلىك بىرلەن قارالاشماقتا.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:50    5) ئەگەر ئۇيغۇر داۋاسىنى تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا تونۇتماق، ئاڭلاتماق ئىستەرسە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن دەرەجەلىك بىرلىكنى ھاسىل قىلىشلارى لازىمدۇر. تەخىچە كىمىلەرى ئۇيغۇر، كىمىلەرى شەرقىي تۈركىستان، كىمىلەرى تۈرك دەيىشىدۇ...سىياسى دىنچىلىق بار يەردە مىللەت داۋاسى بولماس.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:52    لاگىرلار بولماغان بولسا، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئاۋازى چىقمايتتى. بىر بۇلۇڭدا كۈنىنى كۈن قىلىشاتتى. ھەركىم گاس ۋە كۆر ئەمەستۇر. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆز ئائىلەسىنىڭ ئەزالارى لاگىرلارغا قويۇلغاندىن كەيىن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كىردى ۋە كۈرەشكە ئاتلاندى.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:53   ئۇيغۇر خەلقى ئازاپ چەكىۋاتقاندا ئاۋازىنى چىقارماغانلار ئاتەش ئۆزلەرىنىڭ ئائىلەسىگە چۈشكەندە "ياندىم/كۆيدۈم ئانام" دەيىشتى. پائالىيەتلەر قىلىشقا باشلادى. بۇ نورمال ۋە تەبىىي ئەمما بۇنىڭغا ئىنسان ھەقلەرى تەرەپدارلىقى، مىللەتچىلىك، ئۈممەت داۋاسى ۋە باشقالار دەيىلمەس. ئىسمىنى توغرا قويماق لازىم.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:55   لاگىرلار تاقالسامۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلەسى تۈگەمەس. پەرىنچەكچىلەر بىلەن كۈرەش ۋە كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت باشىغا چىققادۇرغان ۋە خىتتاي بىلەن كەلەشەدۇرغان ۋەيا كەلەشىشكە مەجبۇر قالادۇرغان بارلىق ھۈكۈمەتلەرگە بۇ ئىشنى چۈشەندۈرەلەيدۇرغان بىر بىلگۈ بىرىكىمى، تەشكىلاتلانىش شەرتتۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:57    شۇنداق بويتاققا خوتۇن تالاق قىلماق ئاسان. تۈركىيەدە ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تۋىتتىردا ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلماق ئاسان.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ13-فېۋرال سائەت 23:58   ئۇيغۇرلارنىڭ ئاراسىداكى مەسىلەلەرنى ھەل قىلماق لازىم، بىرلىك بولۇشى لازىم. قىممەت ئىشلەپچىقارماقى لازىم. شەخسىي مەنپەئەتلەرنىڭ كويىدا ئاۋارە بولۇشنى، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈستىدىن مال دۇنيا قازانىشنى، جانباقتىلىق قىلىشنى، سەھنەدە ئويناشنى تاشلاش لازىم.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:00    نۇرغۇن ئۇيغۇر دەرنەك، پارتىيە قۇرۇپ شەخسى ۋەيا مۇئەييەن گۇرۇپ مەنپەئەت كويىدا، بۇ ئوچۇقلا كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. ئەلبەتتە ئىخلاس بىلەن ئىشلەۋاتقانلارغا سۆزىمىز يوق. بۇرغۇن كىشى شەخسىي ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلارىدا ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن پىداكارانە ئىشلەۋاتىدۇ.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:00    ئىنكاسلارىم ئەلبەتتە مەلۇم بىر تۋىت قاراتىلغان ئەمەستۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بىلەن ئالاقاداردۇر.
      • Jandost4212430 @ Jandost ھ14-فېۋرال سائەت 00:07    تۈركىسيان ئاشئۆيى ۋاسىتەسى بىلەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تونۇغان، بۇرۇندىن تارتىپ ۋەقپە ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىۋاتقان بىرىسى بولۇش سۈپەتىم بىلەن بۇلارنى دەۋاتىمەن. يەنى ئۇيغۇر بولماساممۇ ماۋزۇغا يات ئەمەسمەن.
  • c_karluk@ ئابدۇررەشىد ج. قارلۇق 13-فېۋرال 09:34   Jandost4212430 @   يەنە بىر ئەسكەرتىش: شەرقىي تۈركىستان داۋاسى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسى ئەمەستۇر. باشقالارى سەپ تارتقۇدەك جەسۇر، مۇداپىئە قىلغۇدەك سەمىمىي ۋە سادىق بولماغانلىقلارى تۈپەيلى ئۇيغۇرلار ئالدىغا چىقتى ۋە ئەڭ ئاغىر بەدەللەرنى تۆلەمەكتە.
    • 944Lar@ freedomseeker 13-فېۋرال سائەت 19:11 بۇلار نەمە ئۈچۈن دۇنيانىڭ تەتۈرىگە ماڭادۇرغاندۇر ئەجىبا؟ بەلكىم نورمال بىر دۇنيادا ئورنى بولماغاچقا بىر بىرلەرىنى تاپىشقان بولسا كەرەك. ئەمما شۇنداقتىمۇ بىر بىرىگە ئىچىدىن ئىچىگە ئىشەنمەيدىكەن.
    • Afsar_Turk@ Beynimde betikler var (book head) 13-فېۋرال سائەت 12:18 م س ك (مۇھاممەت ساۋاش كافكاسيالى) ئىسىملىك كىشىنىڭ تۈرك دۈشمەنى ئىكەنلىكى ئانىق/ئېنىق.


[1] بۇ يازما ئەسلىدە " بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى" تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە  در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن  ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟