|
3- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق
بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-3 [1] ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق
ئىزاھات: بۇ يازمانىڭ باشى "2- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-تۋىتقا سەۋەپچى بولغان ھادىسە" ۋە "1- بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-مەن ئاتقان تۋىت ۋە كەلگەن ئىنكاسلار".
سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىق Jandost4212430 @ Jandost دىن ئىبارەت كىملىكى نامەلۇم بولغان شەخسنىڭ ئىسمىم، جىسمىم ۋە كىملىك سالاھىيەتىم كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، نىسبەتەن تونۇشلۇق بولغان مەندەك بىرىنىڭ تۋىتىگە ئۇدۇللام بۇنداق ئىنكاسنى يازىشىنىڭ سەۋەبلەرى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن كۆزقاراشلارى يوللۇق ۋە سەۋەبلەرىنى ئىنكار قىلىپ بولمايدۇ. ئەلبەتتە، كىملىكى نامەلۇم بىرى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا چوڭقۇرلاما مۇنازىرە قىلىشنى كەمىنە پەقىر ئانچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ... تۆۋەندە مەن بۇ تۋىتلار بىلەن ئالاقەدار بەزى سوتسىئولوگىيەلىك رىئاللىقلار ئۈستىدە توختالىپ ئۆتمەكچىمەن. ئۈرەتىم يەنى ئىشلەپچىقارىش (بىلىم، ماددى ئەشيا، ھۈنەر سەنئەت...) ھاكىم بولماغاندا، كۈچسىزلىك، مەھكۇملۇق ھاكىم بولۇش بىلەن بىرگە تىلەمچى، تەمەخورلۇق يانداشقان بولادۇر. بۇ خىل ھال، مۇئەييەن شەخسلەر ۋەيا جەمىيەتلەر ئۈچۈن ئىناۋەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە بىر مىللەت ۋەيا دەۋلەت ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق جەمىيەتلەردە ئەگەر ھاكىمىيەت سىياسەت بىلەن سايلام ئارقالىق ئەمەلىيلەشەدۇرغان بولسا، سىياسەت ھەقىقەتەن بىر نەيرەڭ، كۆز بويامچىلىق ۋە ئالدامچىلىقنىڭ سەنئەتىگە ئايلانۇر ئىكەن. ئىشلەپچىقارىشقا تايانماغان ئىقتىسادىي سىستىمالار كۆپىنچە تىجارەت، ھايانكەشلىك، قەرز ۋەيا ئىلكىدە بار بولغان مۇقىم مۈلك ياكى پۇلغا يارايدۇرغان ھەممە نەرسەنى ساتىش شەكلىدە بولۇپ قالىشى ھەم مۇقەررەر ئىكەن. بۇنداق جەمىيەتلەردە، سىياسەت قۇرۇملارى تىجارەتنىڭ ۋاسىتەسىگە ئايلانىپ قالۇر ئىكەن. بۇ خىل ۋەزىيەتنى،بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتىش ئىمكانىيەتى تارايغاندا، سىياسەتچىلەرنىڭ پۇلغا يارايدۇرغان قىممەتى بار ھەممە نەرسەنى ساتىشتا تەرەددۈتسىز بولالايدۇرغانلىقىنى تۈركىيەدە ياشاش جەرىيانىدا (كەيىنكى يىللاردا) تەخىمۇ ياقىندىن تونۇپ يەتتۇق. بولۇپمۇ تىجارەت ۋە سودا كۈلتۈرىنى ئالدىغا چىقارادۇرغان مۇسۇلمان مۇھاپىزەكارلاردا، بۇ خىل خاھىش تەخىمۇ كەڭ بولۇر ئىكەن. كۈنىمىز دۇنيا تەرتىبىنىڭ ھاكىم تۈزۈمى بولسا كاپىتالىزمدۇر. بۇ تۈزۈمنىڭ نۇرغۇن يۇمۇشاق دىتاللارى ۋە پروگراممالارى بىزنىڭ تۈرك-ئىسلام دۇنياسى تەرەققىي قىلدۇرغان تۈزۈم ياكى يۇمۇشاق دىتاللار بىلەن ئانچە ئالاقەسى يوقتۇر. بۇ تۈپەيلى مۇسۇلمان دۇنياسى ئۆزگەچە تۈزۈم ۋە سىسىتىما ئىشلەپچىقارالماغاچقا مەۋجۇت سىستىما ئىچىدە ئىزچىل ئۆزگەرتىلمەكتە ۋەيا ئۆزگەرمەكتە ھەتتا ئاينىپ كەتمەكتە. بۇنى شۇ شەكىلدە چۈشەندۈرمەكمۇ مۈمكۈندۇر: دۇنيادا ئەڭ كەڭ ئىشلەتىلىپ تۇرغان ئەقىلفونلاردىن سامسۇڭ ۋە ئايفوندا بىر بىرىدىن پەرىقلىق ۋە بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتەلمەيدۇرغان ئىككى ئىشلەمچى سىستىما/يۇماشاق دىتال باردۇر. بىرى ئاندرويىت يەنە بىرى بولسا ئايسوس. مۇناسىۋەتلىك ئەقىلفونلارنىڭ مودەلى يەڭىلانغاندا، بۇ سىستىمالارمۇ ماس ھالدا يەڭىلانىپ تۇرۇر. باشقا قايتادۇرغان بولساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەتى، دۇنيا ھاكىمىيەتىدىن چەكىنگەندىن ۋەيا چەكىندۈرۈلگەندىن كەيىن ئۆزلەرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنەسىگە ماس بولغان چاغداش بىر سىستىمانى تەخىچە ياراتالمادى. غەرپكە ئائىت ياكى غەرپ تەرەپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن سىستىمالار ئىچىدە تىپىرلاپ تۇرماقتا. غەرپچە مائارىپ ئىچىدە يەتىشكەن سىياسەتچىلەرى بولسا، مەۋجۇت كاپىتالىست سىستىما ئىچىدە تولغاشىپ، ئۆزگەرىپ-ئۆزگەرتىپ كۆپىنچە ھاللاردا كۆز بويامچىلىق بىلەن خەلقىنى ئىدارە قىلىپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پەرزەنتلەرى يا غەرپتە ياشايدۇ ياكى غەرپتە ياشاشنىڭ يوللارىنى قىلىشىپ تۇرغانلىقى بولسا بىلىنىگلىك بولۇش بىلەن بىرگە ئايرىم بىر تەتقىقات تىماسىدۇر... 21- ئەسىردە تۈرك سىياسەت سەھنەسىدە بارغانسىرى كۆزگە چەلىقىپ، روشەنلەشكەن سىياسىي ئاقىم بولسا مۇقەددەس دىنىمىزنى سىياسەت ماتىرىيالى قىلغان ئىسلامچى سىياسەتتۇر. ئىسلامچى سىياسەت ئەسلىدە، غەرپكە ئائىت سىياسىي تۈزۈلمە ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ئىپادە قىلىش ئىستەكى كۆپ بولغان، ئەنئەنەۋىي ياشام تەرزىنى داۋام قىلدۇرىۋاتقان سايلاغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى توپلاشنى مەقسەت قىلغان غەرپنىڭ سىياسەت بىلىملەرىنى ئوقۇغان سىياسەتچىلەر تەرەپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر ئاقىمدۇر. بۇ ئاقىمداكىلەر ئىسلامىي ئۇقۇملارنى، تېرمىنلارنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن بىلەن مەۋجۇت كاپىتالىست سىياسىي تۈزۈلمەنى تامامەن ئاغدۇرۇپ ئورناغا ئۆزگەچە بىر تۈزۈم قۇرغۇدەك سىستىمالىق پلان، پروگراممالارىنىڭ يوقلۇقى ئۇلارنىڭ سىياسىي تەجىرىبەسىدىن كۆرۈلدى. تۈركىيەدە ھاكىمىيەت باشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىر باشقا ئىسمى بىلەن ئاق پارتىيەنىڭ 20 يىلغا ياقىنقى تەجىرىبەلەرى يۇقارىدا قىسقاچە توختالغان مۇھاكىمەمىزنى ئاساسەن توغرالاماقتا. سىياسەتكە كىرىشتىن بۇرۇن ۋەيا ھاكىمىيەت باشىغا چىققاندىن كەيىن بولسۇن، ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئۇيغۇن مائارىپ ۋە كۈلتۈر سىستىماسى ياراتالماغانلىقى ۋەياكى مۇنداق سىستىما تەشكىل قىلغۇدەك يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئىرادەسىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلى كۈنىمىزدە ئىسلامچى سىياسەتچىلەر ھاكىمىيەت باشىغا چىقىشتىن بۇرۇن شىددەت بىلەن تەنقىت قىلغان باشلانغۇچ، ئورتا ۋە ئالىي مائارىپ سىستىماسى ئىچىدە "بۇز-چۇۋۇ-يەنە ئەسلىگە قايت" شەكلىدە ئويۇن ئويناپ مەۋجۇت سىستىما ئىچىدە تۇنجۇقۇپ كەتتى. رەئىسى جۇمھۇر رەجەپ تايياىپ ئەردوغاننىڭ مىللىي، يەرلىكچى ۋە مۇھاپىزەكار ياش نەسىل يەتىشتۈرۈش شۇئارىغا ئۇيغۇن ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستىماسى شەكىللەندۈرەلمەدى. بۇ سەۋەبلىك كۈتكەن نەتىجە چىقمادى... ئىقتىساتتاكى ئاساسلىق ئاقىم بولغان سودا-تىجارەت ئىقتىسادى، ئىشلەپچىقارىش ۋە يەرلىك سانائەتلىشىشكە ماھىيەتى ئىتىبارى بىلەن قىزىقماغاچقا، مۇئەييەن سەۋىيەگە كەلگەندىن كەيىن تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. نەق پۇل ۋە كىرىمدا قىينالغان ھاكىمىيەت، دەۋلەتكە ئائىت مۇقىم مۈلكلەرنى ئارقا ئارقادىن ساتىشقا باشلادى. بۇ جەرىياندا كۆپلەگەن ستراتىگىيەلىك ماكانلار، ئىمكانلار چەتئەللىكلەر تەرەپىدىن ساتىپ ئالىندى ۋەيا كىرالاندى. كەيىنكى كۈنلەردە خىتتايلارنىڭ ھەدەپ يول، كۆۋرۈك، بىنا كەبى مۇقىم مۈلكلەرنى ساتىپ ئالىشقانىدەك ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇرلار بىئارام بولغان بىلەن تۈركىيەلىكلەر، يەرلىكلەر ئانچە بىئارام بولمادى. كونترول قىلىنغان مەديامۇ بۇ خىل ناچار ۋە زىيانلىق ئىشلارنى كۈنتەرتىپكە ئەكەلمەدى. نەتىجەدە تۈركىيە خەلقىنىڭ كۈندەلىك ئىھتىياچلارى بارغانسىرى قىممەتلەشىپ ماڭدى، باج كۆرۈلمەگەن سەۋىيەدە ئۆرلەدى. ئىشنىڭ قىززىق تەرەپى ھاكىمىيەت باشىداكى پارتىيەنىڭ سىياسەتچىلەرى ۋە ياقىنلارى ئىزچىل باي بولدى، باي بولۇش جەرىيانىدا ۋاسىتە تاللامايدۇرغان، ھارام-ھالال پەرقىدە چىڭ تۇرۇلمايدۇرغان ھالەت بىلىنىپ قالدى. بىزنى بۇ يەردە ھەممەدىن بەكرەك ئالاقىدار قىلادۇرغان نەرسە شۇكى؛ سىياسەتچىلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئەمەلىنىڭ بىر بولماسلىقى، تىلىدا دائىما ئىسلامى مۇقەددەساتنى تەكرارلاپ تۇرۇپ كاززاپلىق قىلىشى، دىنغا ۋە مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىزچىل زىيان سالىشىدۇر. نەتىجەدە تۈرك جەمىيەتىدە ۋە مىللەتىدە ئىشەنچ كرىزىسى بىلەن بىرگە ئىتىقاد كرىزىسى ئوتتۇراغا چىققالى تۇردى. كۈنىمىز تۈركىيەسىدەكى ئەڭ موھىم ئىجتىمائىي مەسىلەلەردىن بىرى بولسا كىشىلەر ئاراسىداكى ئىشەنچ كرىزىسى ۋە ئىتىقادتا ئوتتۇراغا چىققان دىندىن سويۇپ كەتىش ۋەيا دىندىن زەرىكىش ھەتتا سەسكىنىش ھادىسەسىدۇر. كۈنىمىزدە مۇھاپىزەكار ھاكىمىيەت ئاستىدا شەكىللەنگەن بۇ خىل سىستىمانىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەرقانداق بىر شەخس مەلۇم مۇددەتتىن كەيىن "ئۆزگەرمەكتە"، ئۇشبۇ سىستىمانى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن يەنە دىندىن بىرمۇنچە ئاساسلارنى تاپماقتا... بۇ خىل سىستىماغا ئۇيغۇن خام ماتەرىيالى بارلار دەرھال سىستىمانىڭ سادىق پارچاسىغا ئايلانماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى، تۈرك سىياسەتىدە ئوڭچى پارتىيەلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ھەرخىل دەرەجەدە بار بولۇپ كەلگەن. پەقەت تۇتاملىق ۋە ئىزچىللىقى بولغان تاشقىي سىياسەتكە ئەسلا ئايلانالماغان. تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسەتچىلەرىنىڭ سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى ھەققىدەكى بەزى ئىزدەنىشلەرىمىز "شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى" (https://ziyali.sutuq.com/read-02f6d531538a9cf4f5b0) سەرلەۋھەلىك ماقالەدە توختالغان ئىدۇق. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە سەۋەپلەر ئۈستىدەكى ئىزدىنىشىمىزنى بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇرغانىمىزدا، ئالدى بىلەن تۈرك زىھنىيەتى ۋە سىياسەت تۈزۈلمەسىدەكى ئەنئەنەلەر موھىم بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىزىنى سۈرۈپ كەلگەن خىتتاينىڭ بۇخىل ئەنئەنەدەكى ئاجىزلىقتىن ناھايەتى ئۇستالىق بىلەن پايدالانىپ كەتەلەگەنلىكى موھىم بولغان. ئەلبەتتە، بۇ دەۋلەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەۋجۇت قىيىنچىلىقلارغا ئۇيغۇن ستراتىگىيە بەلگۈلەپ سىياسەت ئىشلەپچىقارالماغانلىقى، كەيىنكى نەسىللەرنىڭ تەلىم تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرىپ تۈرك سىياسەتى ۋە بيوروكراتىيەسىدە كۆپلەپ ئورۇن تۇتقۇزالماغانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان كىملىكىنىڭ ئۇشبۇ نەسىللەردەكى ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىنالماغانلىقىدەك ئاجىزلىقلارى، شەخسىي نەپسى ۋەيا كىبىرىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن باستۇرالماغانلىقىدەك سەمىمىيەتسىزلىكلەرىنىمۇ دىققەتكە ئالماي بولمايدۇ. بۇ تۈپەيلى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھامىيسى بولۇشى كەرەك بولغان تۈركىيەدە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنىڭ بارغانسىرى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالىشى، موھىم كۆرۈلمەيدۇرغانلىقىدەك ھالەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ بارغانلىقى نورماللاشتۇرۇلۇشقا باشلانغان. كىشىنى ئەڭ چوڭقۇر ئويغا سالادۇرغان مەسىلە بولسا، بىر تەرەپتە، شەرقىي تۈركىستانداكى زۇلۇم ھەددىدىن ئاشقان، شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسى دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كىرگەن كۈنىمىزدە، دىئاسپوراداكى، خۇسۇسەن تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئاشقان چاغدا، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلەسىنى كۆرمەسكە سالادۇرغان، ھەتتا خىتتاي-تۈرك مۇناسىۋەتىدە توسالغۇ دەپ قارايدۇرغان سىياسىي خاھىشنىڭ ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى (رىئاللىقى) قىپيالىڭاچ ئاشكارا بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ياقىنقى يۈز يىلداكى ئەڭ يۇقارى سەۋىيەگە چىققاندا، سەھنەدەكىلەرنىڭ سانى ئىزچىل ئاشقان، پەقەت سۈپەتى بولسا ئۆزگەرمەگەن ھەتتا چەكىنگەن. ھەتتا مۇستەقىل ئىقتىسادىي كىرىمى يوقلارنىڭ دەرنەكلەرنى جاھاندارچىلىق دۇككانىغا ئايلاندۇرغانلىقىدەك رىئاللىقمۇ ئوتتۇراغا چىققان. دىئاسپوراداكى شەخسىي مەنپەئەتىنى ۋەتەن-مىللەت مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا قويغان، ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرمەسلىك ئۈچۈن بىرلەشكەنلەرنىڭ ئىىتتىپاقداشلىقى مەسىلەسى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمىي كىشىلەرنى بىئارام قىلىپ كەلگەن. ۋەتەندە مىللەت قىرغىندا ئىكەن، مىللەت سەرخىللارىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈركىيەدەكى مەۋجۇت سىياسىي مۇھىتقا ماس ستراتىگىيە ۋە سىياسەت ئىشلەپچىقارماقى لازىم بولغان ئاكتىۋىستلەرنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى خىتتايدا ۋە ئەرەپ-ئۇردۇ دەۋلەتلەرىدە يۇقتۇرۇپ ئالغان يات مىللەتلەرنىڭ خۇيى، مىجەزى بىلەن بەزى ئىدىئولوگيەلىك خاھىشلارىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە ۋەيا بويۇنتۇرۇقىدا قالغانلىقى سەۋەپلىك تۈركىيەدەكى سىياسىي مۇھىتتا تەرەپ تۇتقان. ئۇيغۇرلارنى پارچالاغان، ھەتتا تۇيۇق يولغا باشلاغان. بەزىلەرنىڭ مەلۇم پارتىيەلەرنىڭ پىدائىيلارىغا ئايلانغانلىقى رىئاللىقى بولسا، تۈركىيەدەكى تۈركلەرنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق زىيالىيلارنى، خەلق ئامماسىنى بىئارام قىلغان ۋە قىلماقتا. ئەرەپ-ئۇردۇ كۈلتۈرى ۋە پەلسەپەسى بىلەن ئىسلام پەلسەپەسنىڭ چېگراسىنى كەسكىن پەرق ئەتەلمەگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىلەرى، ئوقۇغان، ياشاغان دەۋلەتلەردەكى بەزى سىياسىي ئىدىئولوگىيەلىك ئاقىملارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ۋە داۋاسىنى ئىككىنچى پلانغا ئىتتىرەلەگەن. ئىنىرگىيەسىنى ئۆزى بىلىپ بىلمەي شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ۋە ھەقىقىي ئىسلام بىلەن ئانچە ئالاقەسى بولماغان ھەرەكەتلەر ئىچىدە خوراتقان ياكى خوراتماقتا. سوتسىئولوگىيەلىك نۇقتىنەزەردىن قاراغان چاغىمىزدا، مىللىي كىملىكى ۋە كىشىلىكى شەرقىي تۈركىستان تارىخى، كۈلتۈرى، ئەدەبىياتى، فولكلورى ئىچىدە تولۇق شەكىللەنمەگەن ئەھۋالدا، ئۇردۇ، ئەرەب دەۋلەتلەرىدە ۋەيا ناسارا مەملەكەتلەرىدە ئوقۇش ياشاش ئۈچۈن چىققانلاردا ئۇشبۇ دەۋلەت، مىللەت كۈلتۈرى ئىچىدە كۈلتۈرلەنمەكى، بۇ جەمىيەتلەرگە خاس ۋە ماس كىملىك، كىشىلىك شەكىللەندۈرۈشى، بەزى خۇي-مىجەزلەرىنى بۇ تەرىقىدە يەتىشتۈرمەكىمۇ تەبىئىيدۇر. بۇ ئەھۋال، ۋەتەن ئىچىدەكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمىيەتىدە ئوتتۇراغا چىققان خىتتاي تىللىق زىيالىيلاردا كۆرۈلگەن، كۈلتۈرەل كىملىك ۋە مەنسۇبىيەتتە كۆرۈلگەن خىتتايلىقلىشىش ھادىسەسى بىلەن ماھىيەتتە ئوخشاشتۇر. مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەنسۇبىيەت تولۇق يەتىلمەي تۇرۇپ يات مىللەت كۈلتۈرلەرى بىلەن كۆپرەك تەسىرلەشكەندە، يات كۈلتۈرلەرنىڭ تەسىرىدە قالىپ كۈلتۈرەل جەھەتتىن ياتلاشىشنىڭ ئوتتۇراغا چىقماقى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بۇ نۇقتادىن،بىز، ئادەتتە مەھكۇم ۋە ئەسىر مىللەتلەرنىڭ يولباشچىلارىدا كۈلتۈرەل خاسلىقنى ۋە كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتنى بەكرەك تەكىتلەيمىز. مەنىڭ رەھمەتلىك ئۇستازىم پروف. در. مەھمەت جىھات ئۆزئۆندەرنىڭ مۇنۇ سۆزى دائىما ئەسىمدەدۇر: "بىر قومانداننىڭ خاتاسى بىر ئارمىيەنىڭ يوق بولۇشىغا سەۋەبچى بولسا، بىر سىياسىيون ۋەيا يولباشچىنىڭ خاتاسى بىر مىللەتنىڭ تامامەن يوق بولۇشىغا سەۋەبچى بولادۇر". بۇ سەۋەبلىك كەمىنە پەقىرنىڭ كۆزقاراشى مۇنداقتۇر: كۈنىمىز شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا مۇتلەق سۇرەتتە كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتنى ئالدىنقى پلانغا چىقارماق شەرتتۇر. كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتى شەرقىي تۈركىستان كىملىكى ئىچىدە كۈچلەنگەن، تەرەددۈتسىز كىشىلەرنىڭ بۇ داۋادا سەركە بولماقى شەرتتۇر. بىراۋنىڭ تۇغۇلغان يەرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بولغانلىقى ياكى ئۇيغۇر سىياسىي كىملىكىدە بولغانلىقى، چالا ۋە كەمتۈك ئۇيغۇرچە بىلگەنلىكى ئۇنى ھەقىقىي مەنادا "ئۇيغۇر" ۋەيا "شەرقىي تۈركىستانلىق" قىلالمايدۇ. بۇنداق كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتى چالا ۋە يەتەرسىز بولغانلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي رەۋىشتە ۋەكىل بولالمايدۇ. ئەلبەتتە ئۇشبۇ شەخس ياكى شەخسلەردىن كۈتەدۇرغانىمىز، شەرقىي تۈركىستان تارىخى، تىلى، كۈلتۈرى، فولكلورى، دىنى ئىتىقادى بىلەن تاۋلانغان، پىشقان بولماقىدۇر. بىراۋنىڭ ھەقىقىي ئۇيغۇر ۋەيا شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى شەرقىي تۈركىستان مىللى كىملىكى بىلەن كۈلتۈرەل مەنسۇبىيەتىنى بىرىنچى كىملىك ۋە مەنسۇبىيەت قىلىشتۇر، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تىلىنى خۇسۇسەن ئۇيغۇر تىلىنى خىتتايچەنىڭ، ئەرەبچەنىڭ، ئۇردۇچەنىڭ ياكى رۇس-ناسارا تىللارىنىڭ تەرجىمەسىدە ئەمەس! تامامەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ زاغرا ۋە ئەدەبىي تىلىدا سۆزلەيەلەيدۇرغان، دۇدۇقلاپ، كەكەچلەمەيدۇرغان، راۋان ۋە لاتاپەتلىك سۆزلەش بىلەن بىرگە ھەم ئەدەبىي ھەم ئىلمىي يازالايدۇرغان بولۇشى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنىي ئىتىقادى، مىللىي كۈلتۈرى، فولكلورى، ماددىي كۈلتۈرىنى بىلگەن، ئەمەلىيەتىگە تەدبىقلاغان ۋە بۇنىڭدىن ئىفتىخارلانغان بولۇشى شەرتتۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلەۋى ۋە ئىجتىمائىي كۈلتۈرىدە، ئاشخاناسى ۋە داستۇرخانىدا خىتتايغا ئائىت ھەرقانداق سۆز، جۈملە، يەمەك، خۇرۇچ، كويزا-چوكا، خىتتاي ئاچچىقسۈيى ۋە تەتىتقۇلارى بولماغان بولۇشى شەرت. مانا مۇشۇنداق تىل، كۈلتۈر، پەلسەپە، مەنسۇبىيەت ۋە كىملىك شەكىللەندۈرەلەگەنلەر بۇ مىللەتكە سەركە، يول باشلاغۇچى، لىدەر بولماقى شەرتتۇر. زۇلۇمنى يەتكۈچە تارتماقتا بولغان خەلقىمىزمۇ بۇنى تەلەپ قىلىشنى بىلمەكى لازىم. مەۋجۇت تۈرك ھۈكۈمەتى، خىتتاي بىلەن ئۈستۈن ستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتقاندىن بەرى شەرقىي تۈركىستانداكى خىتتاي زۇلۇمى تارىختا مىسلى كۆرۈلمەگەن دەرەجەدە ئۇچىغا چىقتى. بولۇپمۇ، 2016-يىلىدىن كەيىن تۈرك ھۈكۈمەتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پوزىتسىيەسىدە رادىكال ئۆزگەرىشلەرنىڭ بولغانلىقى ياكى بولۇپ تۇرغانلىقى ھەممەگە ئاشكارا. مۇشۇنداق شارائىتتا، تۈركىيەدەكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئاكتىۋىست ۋە دەرنەكچىلەر بىرلىك بولۇپ، ھۈكۈمەتكە باسىم (بېسىم) پەيدا قىلىشى، لوبىچىلىققا ئەھمىيەت بەرىپ كۈچ توپلاماقى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمىي بولغان تۈرك خەلقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى لازىم ئىكەن، بۇ ئاكتىۋىستلەر ئىچكى نىزانى، ئاداۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايىدا بۇرۇن بىرگە ھەرەكەت قىلغانلار ھالقالىق پەيتتە، بىر بىرىنى يەيىشكە تىرىشتى ۋە ئاقىبەتتە كۈچ پارچالاندى، يىللارچە "ئوپقەت" بولغانلار بىردىنلا بىر بىرىگە دۈشمەن بولۇشتى. ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا ھۈكۈمەتنىڭ ئادۇۋكاتىغا ئايلانغان، ھۈكۈمەتكە ۋاكالەتەن ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىپ بەرەدۇرغان شەخس ياكى گۇرۇپپالار ئوتتۇراغا چىققان ۋەيا چىقارتىلغان. ھۈكۈمەت ئىچىدەكى مەلۇم كۈچلەرنىڭ ئۇلارغا يول ئاچىپ بەرگەنلىكى بىلىنىگلىك. بۇلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دەردىدە دەرتلەنگەنلەرنىڭ نارازىلىق سادالارىغا ۋە ئىنشاچى، قارىنداشلارچە قىلغان تەنقىتلەرىگە قۇلاق سالمادى ۋە سالمايۋاتماقتا. ھەتتا بەزى ئۆكتىچى پارتىيە مەنسۇبى سىياسەتچىلەر ھۈكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدەكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىت قىلىپ ئۇلارنىڭ خىتتايغا ھەمكارلاشقانلىقىنى ياكى ئالغان قەرز،تىجارى ئىمكانىيەتلەر، ئىمتىيازلارغا قارشىلىق خىتتاينى خاپا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خاپا قىلىشتا تەرەددۈتسىزلىكىنى تىلغا ئالىشىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئۇشبۇ ئاكتىۋىست ۋەيا دەرنەكچىلەر پاتقان پاتقاقتىن قۇرتۇلۇش، خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن لاياقەتلىكلەرنى تىڭشاشتىن تەخىچە قاچماقتا. بۇنىڭ تارىخي بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىشنىڭ ئورناغا ھەركۈنى يەگەن، ئىچكەن يەرلەرنىڭ ياكى تەرەپتارلارى بىلەن قىلغان ئەتكەنلەرىنىڭ رەسىملەرنى تاراتقۇلاردا ۋەيا ھەرخىل ۋاتسىئاپ توپلارىدا تارقاتىش بىلەن ئاۋارە بولۇشماقتا. بۇ خىل خاھىشىنى قوللايدۇرغان بەزى ئاتالمىش زىيالىيلار (ھەم پەننىي ھەم دىنىي) بولسا، سىياسەت سەھنەسىدەكى نۇرغۇن بولماغۇر قىلمىشلارنى كۆرمەسكە سالماقتا ياكى ئەتراپىغا توپلاۋالغان بىرقانچە چوپقەتلەرى بىلەن قۇلاقلارىنى يوپۇرۇپ ئۆزى بىلگەن مۇقامدا داۋامىغا داۋام قىلماقتا.
[1] بۇ يازما ئەسلىدە " بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاسنىڭ سوتسىئولوگىيەلىك رىئالىتەسى ۋە قىسقا مۇھاكەمەسى" تىماسىدا يازىلغان ئىدى. ئۇشبۇ يازما تاماملانغاندىن كەيىن پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت، پروف. در. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلاماكانىي، دوتسىنت، در. رائىلە كاشىغەرى، در. ئابدۇلئەزىز كاشىغەرى، نۇرگۈل ساۋۇت ۋە در.ئابدۇلكەرىم ھوشۇر ۋە قاتارلىق زىيالىي ئاكادەمىسيەنلەرگە ئەۋەرتىلىپ ئۇلارنىڭ تەنقىت، تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرىنى ئالغاندىن كەيىن ئاخىرقى شەكلى چىققان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىستىمال قىلغۇچى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇزۇن ماقالە ئوقۇمايدۇرغانلىقى بىلەن ماقالەدە تەھلىل قىلىنغان ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي رىئاللىقىمىزداكى ئالدىغا چىققان ۋەيا چىقىپ ئالغانلارنىڭ ئۇششۇقلۇقى، قارىنداشلارچە تەنقىتنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايدۇرغانلىقىدەك رىئاللىقلار كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۆلۈپ پارچالاپ ئىلان قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تولۇق تېكىستى ئالدىمىزداكى يىللاردا نەشىر قىىنغۇسى كىتابىزدا بەرىلگۈسىدۇر. يۇقارىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان قىممەتلىك پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنى ئاياماغان ئۇستاز پروف تەكلاماكانىي باشتا بارلىق ئاكادەمىسيەن زىيالىيلارغا قەلبى تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. |
|

