كاشغارىيە دۆلەتى ۋە  پرىزدىنت مۇھەممەد يائقۇب بەگ

"تارىخى ھەمىدىي" ھەققىدە تونۇشتۇرمالىق مۇلاھىزەلەر (8)

در.دەريا تۈمەن

8-مەجلىس:

ئالىم مۇسا سايرامىى دۇنيا تارىخىدا، "كاشغارىيە دۆلەتى" دەپ ئاتالغان ياقىنقى زامان ئۇيغۇر –تۈرك دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى يائقۇب بەگ ھەققىدە ئەڭ لىللاھ باھالىق خاتىرە قالدۇرغان مەشھۇر تارىخشۇناستۇر. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىر ۋە قىممەتكە ئىگە ژىرىك ئەسەرى "تارىخى ھەمىدىي" ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ قۇرۇلۇشى، روناق تاپىشى ۋە ئاخىردا، شۇ زامانداكى دۇنيا بويىچە بىرىنجى ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە كۈچلۈك ھەربىي دۆلەتى بولمىش خاقانى چىن مانجۇ ئىمپراتولۇقى تەرەپىدىن ئىستىلا قىلىنىشى ئاساسلىق مەزمۇن يادروسى قىلىنغان تارىخ كىتابىدۇر.

ئەسەرىمىزنىڭ بۇ بۆلەكىدە، تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىينىڭ مەزكۇر كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد يائقۇب بەگنىڭ كىملىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسلارى ھەققىدەكى تەئرىپ ۋە تەۋسىپلەرىدىن تاللاپ، بىرلىكتە مۇتالىئە ۋە مۇلاھىزە قىلىشقا تىرىشىمىز.

يائقۇب بەگكە ئومۇمىيەتلىك تەۋسىپ ۋە باھا

تارىخشۇناس مۇسا سايرامىي پرىزدىنت مۇھەممەد يائقۇب بەگنى شۇ زامانداكى ئۆزى تارىخ ۋە تەرجىمەھالىنى ئوبدان بىلىدىغان باشقا پادشاھلارغا سالىشتۇرغان ئاساستا باھالاپ مۇنداق يازىدۇ:

"جاھان ئاقىللارىنىڭ نۇرانە كۆڭۈللەرىگە، شۇنداقلا دەۋران پازىللارىنىڭ قۇياش مىسال كۆڭۈللەرىگە ئوچۇق مەلۇم بولغايكى، ئاللاھۇ تەئالا ئۆزىنىڭ كامالەتلىك قۇدرەتى بىلەن، ئۇ شەرىئەتنى راۋاجلاندۇرغۇچى، ئالىم – ئولەمالارنى دوست تۇتقۇچى، پۇقرا – رەئىيەلەرنى تەربىيەلەگۈچى، بىدئەتچىلىك ۋە زۇلۇمنى يوقاتقۇچى، خەلقنىڭ شەپقەتچان ۋە مىھرىبان ئاتاسى مۇھەممەد يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىي (ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان جايىنى، قەبرىسىنى نۇرغا پۈركۈگەي) نىڭ ئەسلىي زاتىنى شۇ قەدەر ئەسىل تەبىئەتلىك ۋە ئىززەتلىك قىلىپ ياراتقانىكەن. جانابىي ئاتالىق غازىي پەم – پاراسەت، ئەقىل – زۇكاۋەتتە مىسلىسىز، سىياسەت، كۈچ – قۇۋۋەت ۋە زىھىن مۇھاپىزەتىدە تەڭداشسىز بىر زات ئىدىكى، ئالەم ئۆتۈپ، ھىچقانداق بىر پادىشاھ ۋۇجۇدىدا ئۇنداق ئىقتىدار ۋە خۇسۇسىيەت تەل بولغان ئەمەستۇر. كىشىلەر يائقۇب بەگنىڭ پەم – پاراسەتىنى "ئەۋلىيالار كارامەتلەرىنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتىشى" دەپ ھىسابلايتتى. ئەمەلىيەتتەمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەۋلىيالىق قۇۋۋەتى ئۆزىگە خاس بولغان دەرىجە ۋە مەرتىۋە بىلەن جىلۋە قىلغان ۋە يۈز كۆرسەتكەن بولسامۇ ھىچ ئەجەبلەنەرلىك ئەمەستۇر.

جانابىي ئاتالىق غازىي ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزۈپ سورىغان يۇرتلار شەرقتە گۇمادىدىن غەربتە سارىغقۇلغاچە يۈز كۈنلۈك يول، شىمالىي چىگراسى مۇز دابان ۋە زەۋقىدىن جەنۇب تەرەپى قاراڭغۇ تاغقاچە بولغان سەكسەن كۈنلۈك يول مۇساپەسىلىك دائىرەنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ  ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك دائىرە سوستاۋىداكى يەتتە شەھەر ۋە ئۇلارغا تەۋە ئوتتۇز تۆرت شەھەرچىگە ئون تۆرت يىل مۇستەقىل پادىشاھ، ئۆز ئالدىغا سۇلتان بولدى. بۇ جەرياندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىي يارىتىلىشىداكى تەبىئەتىنى ۋە مىجەزىنى ئۆزگەرتمەدى. تەبىئىي مىجەزىدەكى ناھايىتى ئاغىر باسىقلىقى، تەمكىنلىكى ۋە ھەممە ئادەمنى ئىنسانلىق تارازىسىدا ئوخشاش كۆرىدىغان ئادىللىقى تۈپەيلىدىن، باشتىن ئاخىر ئۆزىنى يا <پادىشاھ>، يا <سۇلتان> ۋە ياكى <خان> دەپ ئاتامادى. مۆھۈرىنىڭ چوڭلۇقى تاۋۇز ئۇرۇقىچەلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت <مۇھەممەد يائقۇب> دەگەن ئىسىملا نەقىش قىلىنغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگەرىكى <قۇشبەگى> دەگەن مەنسەپىگە < بەدەۋلەت غازىي> دەگەن سۆزنى قوشۇپ ئىشلەتتى. ئەمما، ئۇ  <بۇ جاھاندا مەندىن باشقاسى بىكار> دەيدىغان ۋە ئۆزىدىن باشقا پادىشاھلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان بەش نەپەر پادىشاھنى ئۆزىگە بويۇن ئەگدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل يۇرت، ياراق – ئەسلىھە، قوشۇن – لەشكەر ۋە پۇقرالارىغا ساھىب ۋە خوجايىن بولدى." (قاراڭ: "تارىخى ھەمىدىي" <ياڭى تەرجىمە نۇسخا> 503-504-بەتلەر، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تەرجىمەسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى 2019-يىل 8-ئاي، ئىستانبۇل نەشرى)

" تارىخ كىتابلارىدا، ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن سۇلتانلار ۋە مەجازى پادىشاھلار ھەققىدە نۇرغۇن تەرىپ ۋە تەۋسىپلەر بار. ئالايلۇق، ئەمىر تەمۈر كوراگان، مىرزا سۇلتان ھۈسەيىن ئىبنى مىرزا بايقارا ( ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەننىڭ قەبرىلەرىنى نۇرغا پۈركەگەي ) قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ سوراغان يۇرتلارى تەخىمۇ كۆپ، لەشكەرلەرى تەخىمۇ نۇرغۇن بولسا بولغاي، ئەمما دۆلەتمەنلىك ۋە ھەشەمەت جەھەتتە، جانابىي ئاتالىق غازىي ئۇلاردىن ئەسلا تۆۋەن تۇرمايتتى. مەزكۇر قەدىمي سۇلتانلار ھاراق – شاراپ قاتارلىق ئىسلامدا چەكلەنگەن نەرسەلەر ئىستىمالىدىن خالي بولالماغانلىقى مەلۇم. لەكىن، جانابىي ئاتالىق غازىينىڭ كۈچلۈك دۆلەتى تەۋەسىدە، پۇقرا – رەئىيەلەردىن تارتىپ، مەملىكەتنىڭ ئەكابىر – ئەشراپلارىغاچە ھىچبىر ئىنساننىڭ ئۇ خىل چەكلەنگەن ئىچىملىكلەر ئىستىمالىدا بولغانلىقى مۇتلەق كۆرۈلگەن ۋە ئىشتىلگەن ئەمەس. ھەتتا بەرھەق خەلىپەلەردىن بولغان ئابباسىيلار خەلىپەلەرىمۇ بۇ خىل ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىچىملىكلەرنى تولىمۇ جىددىيەت ۋە ئەھمىيەت بىلەن ئىستىمال قىلغانىكەن.  شۇڭلاشقا، بۇ جەھەتتە، جانابىي ئاتالىق غازىينى ئاشۇ قەدىمدە ئۆتكەن داڭقلىق پادىشاھلارنىڭ ھەممەسىدىن ئۈستۈن تۇراتتى دەسە، ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغان بولمايدۇ". (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 508-509-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

 ئادەتتە، بىر پرىزدىنت، دۆلەت رەئىسى ياكى پادشاھقا باھا بەرىشتە، ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھاكىمىيەت قۇرۇپ، ھۆكۈمران بولۇپ ئۆتكەن دۆلەت باشلىقلارىغا سالىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش بىر قەدەر ئومۇمىي ئەھۋال سانىلىدۇ. بۇ يەردە، مۇسا سايرامىينىڭ شۇ ئۇدۇم بويىچە، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ سەردارى مۇھەممەد يائقۇب بەگكە بەرگەن باھاسى ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ مەزكۇر پرىزدىنتنىڭ تارىخىي ئورنى، سالاھىيەتى ۋە قىممەتى ھەققىدەكى چۈشەنچىمىزگە تالىق بولغان بىباھا تۇنجى ماتىرىيال سانالىشقا ھەقلىقتۇر.

يائقۇب بەگنىڭ كىملىكى

ئالىم مۇسا سايرامىي مۇنداق يازىدۇ: " جانابىي بەدەۋلەت يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىينىڭ چىراي – تۇرقى بۇغداي ئۆڭلۈك، گۈل – چەچەك مىسال ئىللىق چىراي، يۇمۇلاق ساقاللىق، ئورتا بويلۇق، سوقا سەندەلدەك (چارسۇ مۇرەببەئ) كىشى ئىدى. دەسلەپكى چاغلاردا، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالىپ، قۇرۇق سۆز – قۇرۇق تۆھمەتتىن ئىھتىيات قىلىپ، يۈرۈش – تۇرۇشلارىنى شەرىئەت ئۆلچەكلەرىگە ئۇيغۇن پىچىم ئىچىدە تۇتتى. خۇي – پەيلى، خۇلق – قىلىقلارى بەجايىكى بىر تەقۋادار ئىشان ياكى ئوبدان تەربىيە كۆرگەن بىر ئولەماغا ئوخشايتتى. تون – سەرپا ۋە كىيىنىشلەرىدىن شاراپەتلىك سودىگەرگە ئوخشاسا، مىنىدىغان ئات ۋە تۇتىدىغان قورال – ياراقلارىدىن كىشىگە بىر ئەللىكباشى (پەنجاھباشى) تەسىراتىنى بەرەتتى. ئولتۇرغاندا، ئۇ ھەمىشە ئاق جايناماز كىگىز ئۈستىدە ۋە يا بورا ئۈستىدە، راۋۇرۇس يۆگەلگەن سەللە بىلەن، خۇددى نامازغا ئولتۇرغاندەك يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بەلىدىن كەمەرنى يەشىپ ئالىۋەتكەنلىكىنى ۋە يا چازا قۇرۇپ (چارزانۇ مۇرەببەئ) ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئادەم يوق ئىدى. ئادەتتە، ئەگىز يەردە ياكى كات، كارۋات ئۈستىدە ئولتۇرمايتتى. تولا چاغلاردا، چادىر – بارگاھى ئالدىدا، بورا ئۈستىدە، ياكى پەس يەردە ئولتۇراتتى. تاھارەتسىز ھالدا، يەرگە ئاياغ باسمايتتى. (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب  505-بەت)

"يەنە بىرسى، جانابىي ئالىي ئاتالىق غازىي ھەر شەھەرگە قەدەم تەشرىپ قىلغان چاغدا، مەزكۇر شەھەرگە بىر مەنزىل قالغان يەردە توختاپ، ئىشەنچلىك مەھرەملەرىدىن بىرسى ئارقىلىق، شۇ شەھەردىكى مەكتەپدار مۇئەللىملەرگە تون – سەرپا، بىرەردىن قىزىل تىللا ھەدىيە – سوۋغات كىرگۈزۈپ، دۇئاسىنى ئالاتتى. بۇ ھالدا، مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئازاد قىلىپ (دەرستىن تەنەپپۇسقا قويۇپ بەرىپ -ت)، شەھەرنىڭ سىرتىغا ئاتالىق غازىينىڭ ئالدىغا قارشى ئالىشقا ئەپچىقاتتى، ھەممەيلەن ئۇنى قارشى ئالىپ، ھەققىگە دۇئا قىلىشاتتى. جانابىي بەدەۋلەت يائقۇب بەگ ئاتالىق غازىيمۇ ئاتىدىن چۈشۈپ، خۇش مۇلايىملىق بىلەن، بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا بەش – ئون تەڭگەدىن، بولماغاندامۇ بىر – ئىككىدىن ئاق تەڭگە ئىنئام قىلاتتى. قۇرئان ئوقۇيدىغان بالىلارغا قۇرئان كەرىم، ھەپتىيەك ئوقۇيدىغان بالىلارغا بولسا، ھەپتىيەك شەرىپ تەقدىم قىلاتتى. ئاندىن، قايتادىن ئاتىغا مىنىپ يۈرۈپ، شەھەر ئىچىگە ياكى ئالىي بارگاھىغا تەنتەنە بىلەن چۈشەتتى.( قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 511-بەت)

مۇلاھىزە:

 ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ يەردە، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى بولغان يائقۇب بەگنىڭ كۈندەلىك ئولتۇرۇپ-قوپۇش، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە خۇسۇسىي قىياپەتلەرىدىن ئىنسانغا بەرىدىغان تەسىرات ۋە تۇيغۇسى، شۇنداقلا دائىملىق ئادەتلەرى مىسال قىلىنغان بايانلار ئارقىلىق، مەزكۇر پرىزدىنتنىڭ باشقا سەييىد-خوجالار ۋە ئاتا مىراس خان-پادشاھلارغا ئوخشاشمايدىغان تەبىئىي خەلقپەرۋەر، مەرىپەت- مائارىپپەرۋەر ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئىپادىلەپ كۆرسەتكەندۇر.

يائقۇب بەگنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسلارى

"جانابىي ئاتالىق غازىي ھەر كۈنى ئىككى قاتىم ئەرز – دات سورايتتى. يىگىت، ياساۋۇللار كوچا – بازارلاردا: < ئەرز – دادلارىڭ بارمۇ؟ > دەپ جار سالىپ، ئۈنلۈك توۋلاپ تۇراتتى. ئەرز – دادى بارلار بولسا، ئاتالىق غازىينىڭ ھوزۇرىغا ئالىپ كىرىپ بەرەتتى. جانابىي بەدەۋلەت غازىي ئەرز قىلغۇچىنىڭ ئەرزىنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ بولۇپ، يىگىت قوشۇپ، شەرىئەت قازىيسىنىڭ ھوزۇرىغا بۇيرۇپ بەرەتتى. ھەرقانچە چىرماش دەۋا، ھەرقانچە چوڭقۇر دۈشمەنلىك دىلوسى بولسامۇ، شاراپەتلىك شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە، بىر سائەت ئىچىدە بىر تەرەپ بولۇپ كەتەتتى. چۈنكى، جانابىي ئالىي ئاتالىق غازىينىڭ سۆلەت ۋە سىياسەتىدىن قورقۇپ ۋە ئەيمەنىپ، ھەرقانداق ئادەم تۆھمەت ۋە خۇسۇمەتلەرىدە چىڭ تۇرىۋالالمايتتى. مەيلى دەۋاگەر بولسۇن ۋە مەيلى شىكايەت قىلىنغۇچى بولسۇن، ئەھۋالنى راست بايان قىلىشتىن باشقا چارە تاپالماس ئىدى. ھازىرقى چاغدا، بىر يىل سەرپ قىلىپمۇ ئاياغىنى ئۈزگەلى بولمايدىغان دەۋالار ئىسلام زامانىلەرىدەكى شەرىئەت ھوزۇرىدا، بىر كۈندىلا پاك – پاكىز بىر تەرەپ بولۇپ كەتەتتى.

جانابىي ئاتالىق غازىي ئۆز سەلتەنەتى جەريانىدا، قەدىمدىن كەلىۋاتقان مۇتەكەببىر بەگلەر، بەگزادەلەر، يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلەرى بىلەن پۇقرا – رەئىيەلەرنى ھەق ھوقۇقتا باپباراۋەر قىلدىكى، ئۇنىڭ زامانىدا، بۆرى بىلەن قوي بىر كۆلچەكتىن سۇ ئىچكەن، كەپتەر بىلەن لاچىن بىر ئۇۋىدا چۆجە چىقارغان، دەيىشكە بولاتتى. (قاراڭ: يۇقىرىقى كىتاب 507-508-بەتلەر)

"يەنە بىرسى، جانابىي ئالىي ئاتالىق غازىي ھەر قاتىم زەپەر ئۈزەڭگەسىگە ئاياغ قويۇپ سەپەرگە چىقسا، ئەڭ ئاز دەگەندىمۇ ئون مىڭ يىگىت – سەربازنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلاتتى. مۇشۇنداق كۆپ ئادەم بىلەن سەپەر قىلسامۇ، رەتلىك، تەرتىپلىك يۈرەتتى، ۋاراڭ – چۇرۇڭ، گۈلدۈر – كالاپ چىقارغۇزمايتتى. قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىش ئىنتىزامى شۇ قەدەر ئىدىكى، يىگىت – مەھرەملەر ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ پاراڭ قىلىشمايتتى، ئاتلارىمۇ كىشنەپ قالمايتتى. ئاتالىق غازىي ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ كەلىۋاتقان يىگىت – مەھرەملەرنىڭ ئەھۋالىدىن ھەرۋاقىت تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئاگاھ ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن يۈرەتتى، ھەرگىزمۇ راھەت ئىچىگە شۇڭغۇپ، مۈگىدەپ قالمايتتى" (قاراڭ: يۇقىرىقى ئەسەر 511-512-بەتلەر)

مۇلاھىزە:

ھەق-ئادالەت بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىر دۆلەتكە نۇسرەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ مىزان ئاساسىدۇر؛ بىر رەئىس-پرىزدىنتنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ئاۋام بىلەن يۈزمۇيۈز بولۇپ ئولتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەرز-داتلارىنى سوراشى بولسا، ئۇنىڭ خەلقچىلىق، پۇقراپەرۋەرلىك ۋە ئادالەتپەرۋەرلىك بويىچە يەتىك سەردارلىقىنى بەشارەتلەيدۇ. ھەربىي ئىشلاردا كامالەتلىك بولۇپ، لەشكەر باشقۇرۇش ۋە ئەسكەرلىك ئىنتىزامىنى ياخشى يولغا قويالىغان پادشاھ-پرىزدىنتنىڭ دۆلەتى روناق تاپىدۇ، خەلقى ئامان ۋە ھۆكۈمرانلىق ئىشلەرى راۋان بولىدۇ.

تارىخشۇناس ئالىم مۇسا سايرامىي بۇ يەردە، كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى مۇھەممەد يائقۇب بەگنىڭ قابىلىيەت ۋە سالاھىيەتلەرىنى ئەڭ مەغىزلىق ئاساس ۋە مىساللار بىلەن روشەن يورۇتۇپ بەرگەنكى، بۇلار ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش بىلىملەرى بويىچە ماقۇل چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىزنى كاپالەتلەندۈرگەندىن باشقا، پرىزدىنت يائقۇب بەگنى توغرا باھالاشىمىزنى كۈچلۈك ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەلۋەتتە.

كاشغارىيە دۆلەتىنىڭ پرىزدىنتى يائقۇب بەگ،

ھەر قانداق خان-شاھلاردىن قابىل سەردار ئىدى تەك.

ئادالەتنى قىلغاچقا ھۆكۈمرانلىق مىزانى،

دۆلەت روناق، ئەل ئامان، زامان بولغان تەبارەك.

2019-يىل 7-دىكابىر، گۆلجۈك.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟