ئىلھام يولى

 

ئاتاكا

كاشغارىيەدە ئارتۇجلۇق ئىلھام توختى،

ئۇيغۇر ھەقلەرى دەۋاسى مەشئەلدارى.

تەڭسىزلىككە قارشى دادىل پىكىر قىلىش،

ھەققە تالىب زاكۇن سۆزلەش تۇتقان يولى.

 

پروفەسسور ئىدى ئۇ ئالىي ئىلىمگاھتا،

يەتىك بىلگىندۇر ئىقتىسادشۇناسلىقتا؛

خاس نەزەرىيە ۋە ئەسەرلەر ياراتقان،

ئادەمىي ھەق-ھوقۇق ئىنسانشۇناسلىقتا.

 

ئۇ دەگەن: "مىللەتىم ئۇيغۇر بۇ جاھاندا،

ئەمگەك بىلەن ياشاپ كەلگەن ئەل قاتاردا؛

 مۇبارەك نامى تىلغا ئالىنۇر ھەتتا،

دۇنياۋى تۆھپە ياراتقان قەۋملەر بابىدا.

 

بار ئۇنىڭكى خاس تىلى، دىنى- ئادەتى،

باشقا ھەممە توپلۇمغا ئوخشاش رىغبەتى:

مەدەنىي ۋە ئىلمىي ياشام ئارمان قىلۇر،

تەڭ- باراۋەرلىككە مۇھتاج سائادەتى".

 

ئىلھام يولى ئۆزلۈكسىز ئۆگرەنىش يولى،

دەيدۇر ئۇ: "قانۇن دەگەن نۇر ئىرپان گۈلى؛

ياشامىڭدا قايسى ھەقلەر ساڭا تالىق،

ئۆگرەنىپ بول ئەۋۋەلەن قانۇن ئوغۇلى".

 

بۇنىسى راست ئانا يۇرت سەنىڭ ۋەتەنىڭ،

ئۇندىكى تاغۇ دەريا بارلىقىڭ ۋەسلىڭ؛

ھەر تۈپ گىيا، ھەر چىمدىم توپا-قۇم بىلەن،

بىر گەۋدەدە جىلۋەلەنەر سەنىڭ ئەسلىڭ.

 

ۋەتەنىڭدە خوجايىندەك ياشاش ھەققىڭ ،

مائارىپتىن بەھىر ئالغاي تۇرۇق-تەققىڭ؛

داۋالانىش، تۇرالغۇلۇق، ئىشلىق بولۇش،

بولماغاي ھىچ باشقالاردىن ئۆكسۈك پەرقىڭ.

 

ئەگەر بولسا ھەر قانداقچە بىرى تەڭسىز،

شىكايەت قىل ھۆكۈمەتكە سەن تەخىرسىز؛

زاكون سۆزلە، پاكىت كۆرسەتكىن ئەرزىڭگە،

ھىچقانداق بەخىت كەلمەس ئۆزى ئەجىرسىز.

 

ئىلھام يولىدۇر ئەقىل- ئىدراك ھۇش يولى،

خۇراپاتلىقنى چەكلەر، ئەمەس مۇشت يولى،

ئۆتمۈش بىلەن  دەۋرىمىزنىڭ پەرقى بەك چوڭ،

چوماققا تالىق ھەرىكەتتىن بول نەرى.

 

ئىلھام يولى ئىلىم-پەن-تەخنىكا يولى،

دەيدۇر ئۇ: "ئۇيغۇرنىڭمۇ بار بەش پەنج قولى؛

زۇكاۋەتتە قالىشمايدۇر ھىچ كىمسەدىن،

ئىسپاتلاغان بۇنى مەھمۇد- يۈسۈف كەبى"*.

 

قۇرئان كەرىم مۇقەددەس، ھەدىس مۇقەددەس،

بۇ ئىككىنى ئوقۇشلا كۇپايە ئەمەس؛

ئىلىم-پەنمۇ ئۆگرەتەر ئاللاھ ھىكمەتىن،

پەن بىلمەگەن ئاداققى مۇسۇلمان ئەمەس!

 

"ئوتلوبۇل ئىلم ۋەلەۋ بىسسىين" دەگەنىكەن،

پەيغەمبەرىمىز مۇبارەك خىتاب بىلەن؛

بۈيۈكتىن بۈيۈك تەئلىم بۇ بىزچە دەسەك:

"گەر چىندە بولسامۇ ئىلىم بارىپ ئۆگرەن!"

 

جاننى تىكىپ قويۇپ ئۆگرەن قىزىم-ئوغلۇم،

يۈكسەك پەن بىلەن شەكسىز ئىقباللىق يولۇڭ؛

داڭقلاما بۆشۈك-شۈمەك ياساشنى ئەمدى،

ئىرپان بىلەن ئاي-مارسقامۇ يەتسۇن قولۇڭ!

 

2020-يىل، 7-ئاۋغوست، جۈمە.

ئىزاھات:

* ئىسپاتلاغان بۇنى مەھمۇد- يۈسۈپ كەبى: بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈف خاس ھاجىب قاتارلىقلار ئىسپاتلاغاندۇر.

 

 

يازارنىڭ ئەلخەت ئادرىسى : fulati920@gmail.com   

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: كۆكتۇغدا ئىلان قىلىنغان يازمالاردا ئوتتۇراغا قويۇلغان كۆزقاراش ۋە نۇقتايىنەزەرلەر تامامەن يازارىغا ئائىتتۇر. ئۇشبۇ يازمالارنىڭ كۆكتۇغ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن ئاساستا كۆچۈرۈپ تارقاتىلسا بولادۇر.

زىيالىيلار
تەۋسىيە تېمىلار
كۆكتۇغ نىمە ئۈچۈن توختاغان؟ ئەمدىچۇ؟
 دىئاسپورا زىيالىيلارى ۋە ئانا تىلنى قوغداش 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
4-بىر تۋىتكە چۈشكەن ئىنكاس ۋە ئويلاندۇرغانلارى-خۇلاسە ۋە تەكلىپ
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
كىم كىمگە ياقىنلاشقۇلۇق؟ زىيالىي خەلققەمۇ ياكى خەلق زىيالىيغامۇ؟
ئەقائىدى زۆرۈرىيە- ئابدۇقادىر ئابدۇۋارىس كاشغەرى
ئۇيغۇر تىلى ئىنقىلابى توغرىسىدا
ئۇقتۇرۇش
تۈركىيەدىكى پاي چەكلەرنى ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار كىمدۇر ۋە شەرقى تۈركىستان قەيەردۇر؟
ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئوتتۇراغا چىقارغان تۈركىستان سوتسىئولوگىيەسىنىڭ ئويلاندۇرغانلارى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازىقىنىڭ تەكلىماكان ئىملا قائىدەسى
مىللىي كۈرەشىمىزدە لاگىر شاھىتلەرى ۋە لاگىر دەرتمەنلەرى
 كۆكتۇغ ھەققىدە
ھۆرلۈكتىن ئىستىلاغاچە تارىخقا بىر نەزەر
شەرقي تۈركىستان رىئاللىقىدا ئەھمىيەتسىزلەشكەن تۈركىيە مۇھاپىزىكار سىياسىي نۇقتىنەزەرلەرى
ئەقائىدى جەۋھەرىييە( جەۋھەر ئەقىدەلەر)- سابىت ئابدۇلباقىي كاشغەرى
جەمئىيەتىمىزنى كىملەر شەكىللەندۈرگەن؟